جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر يېزىنىڭ سىياسىي قانۇن ئىشلىرىغا مەسئۇل شۇجىسى يېقىندا بىر دېھقاننى ”قانۇنسىز بالا ئوقۇتۇپسەن“ دەپ گۇمانلىنىپ يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا 26 كۈن سولاپ قويۇپ، 16 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇپتۇ. دېھقان بۇ پۇلنى تۆلەشنى رەت قىلسا ئۇنى ئۇرۇپ بۇرنىنى يالاق، قۇلىقىنى پاڭ قىلىۋېتىپتۇ. ئىلىپتەك بۇرنى سۇنغان، قۇلىقى شاپىلاقتىن گاس بولۇپ قالغان دېھقان 5000 يۈەنلىكتىن ئارتۇق داۋالىنىپمۇ ساقىيالماي يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇپتۇ. ناھىيە، ۋىلايەتلەرگە بېرىپتۇ، ھەل بولماپتۇ؛  شۇنداقتىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئادىللىقىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەي، چوڭ يەرگىچە بېرىپ بېقىشنى ئويلاپتۇ.  قانۇندىن قىلچە خەۋىرى يوق ئۇ قوڭالتاق شۇجى ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىگە يامان تەسىر پەيدا قىلغان ئۇ دېھقاننىڭ ئاغزىنى توۋاقلاش، ئەرز يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ھە دەپ يۇقىرى-تۆۋەن قاتراپ ھەرىكەتلىنىۋېتىپتۇ. نەتىجىدە بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ،  ھازىرمۇ  ئۆز ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ، بازار ئىچى ۋە چەت مەھەللىلەردە ”سىياسەت، دىكتاتۇرا“ كالتىكىنى ئوينىتىپ يۈرۈۋېتىپتۇ.
ئاساسىي قاتلامدا ھۆكۈمەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلمايدىغان، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ رەزىللىك قىلىدىغان مۇشۇنداق  بىر ئوچۇم پارازىتلار بار، ئۇلار بەئەينى  ھۆكۈمەت ئۇۋىسىغا  كىرىۋالغان يىلان-چايان، ئۇلار قەدىمى يېتىدىغان، كۈچ-ھەيۋىسىنى كۆرسىتەلەيدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاچكۆزلۈك، زەھەرخەندىلىك بىلەن تىمىسقىلاپ يۈرىدۇ، قەيەردە نەپ بولسا شۇ يەرگە ئۈنىدۇ؛ قەيەردە گەپ بولسا شۇ يەرنى تىڭ-تىڭلايدۇ.  ئۇلار جىق ئادەمنىڭ سايىسىنى كۆرسە  يايراپ كېتىدۇ، چۈنكى سۈر-ھەيۋىسىنى شۇ يەردە بەكرەك كۆرسىتەلەيدۇ. ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرغان ئادەمدىنمۇ كۈن نۇرىنى قىزغىنىدۇ،  تىنچ كۈن ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ، بۇرۇتلۇقنىڭ بۇرۇتىغا، ساقىلى بارنىڭ ساقىلىغا، ياغلىقى بارنىڭ ياغلىقىغا يامىشىدۇ؛  كۆزىدىن، تىلىدىن زەھەر ياغدۇرۇپ ئازار بېرىدۇ. ھەتتا ئۇۋىسىغا تارتىپ ئەكىرىپ زەھىرىنى سانچىيدۇ، ئۆلتۈرۈپ قويسا بالاغا قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى يارىدار قىلىپ تاشلاپ قويىدۇ.  ئادەملەر ئۇلاردىن قورقىدۇ، چۆچۈيدۇ. بىچارىلەر قانچە قورقسا، چۆچۈپ رەڭگىنى يوقاتسا ئۇلار شۇنچە خوش بولىدۇ، قالتىس ئىش قىلىۋەتكەندەك مەغرۇرلىنىپ، داۋاملىق دۆڭگە يامىشىدۇ…
شۇنچە زور خەق ئۇلاردىن نېمىشقا قورقىدۇ ؟  چۈنكى ئۇ يىلان-چايانلارنىڭ ”ھۆكۈمەت“ دەيدىغان مۈڭگۈزى بار.  بۇ ئۇلارنىڭ تەلىيى، ئەمما پۇقراغا نىسبەتەن ئاپەت. ھۆكۈمەت يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە تەرتىپ ئورنىتىپ،  ئىسلاھات ئارقىلىق خەلقنىڭ قورسىقىنى توق، كىيىمىنى پۈتۈن قىلغاچقا پۇقرالار ھۆكۈمەتتىن رازى بولۇپ، كادىرلىرىنى ھىمايە قىلىپ كەلگەنىدى. ئەمما ھۆكۈمەت نامىنى سېتىپ يەۋاتقان بۇنداق زەھەرلىك كۈشەندىلەرگە نېمە دېگۈلۈك؟   ئۇلار  زەھەر كەبى زوراۋانلىقنى سىياسىي دىكتاتورا قىلىۋالغان بولۇپ، ھەقىقىي ھۆرمەت، ئىناۋەت تىكلەپ خەلقنى قايىل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى قورقىتىپ بويسۇندۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ، ئاقىۋەتتە  ھۆكۈمەت بەرگەن ھوقۇق ئۇلارنىڭ قولىدا قار جەمئىيەت شايكىلىرىنىڭ قولىدىكى چوماققا ئايلىنىدۇ.
يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىنى قاماقخانىغا ئايلاندۇرۇۋالغان ئۇ  كاتىۋاشنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىغا  يېزىلىق ساقچىخانا ۋە شۇ يېزىنىڭ باشقا رەھبەر-كادىرلىرى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ.   ناھىيە، ۋىلايەتتىن ئادەم كېلىپ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلماپتۇ. رەزىللىككە، جىنايەتكە سۈكۈت قىلىش ماھىيەئۇنى قوللاش دېمەكتۇر.
10 نەچچە يىل ئىلگىرى بىزنىڭ يېزىدا بىر دېھقاننىڭ قىزى باج سېلىق يىغىلى كەلگەن كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆكتەملىكىگە چىدىماي، ئۇلار باجغا ھېسابلاپ ئېلىپ ماڭغان ئۇرۇقلۇق ۋە ئوزۇقلۇق بۇغدايغا چىڭ ئېسىلىۋالىدۇ،  ئادىمىيلىكتىن ئەسەر قالمىغان ئۇ غالچا ھايۋانلار  قىزنى ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ تېپىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ،  يېزا ۋە ناھىيە  بويىچە ئەمەلدارلار قاتلىمىدا پاتپاراقچىلىق بولۇپ،  بۇ ئىشنى تېزدىن يىغىشتۇرماقچى بولىدۇ. ئىندەككە كەلتۈرۈلگەن قانۇن دوختۇرى ئارقىلىق ” قىز زەھەرلىك دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالغان“ دېگەن ئىسپاتنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، كادىرلارنىڭ جىنايىتىنى ياپماقچى بولىدۇ، يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش كېلىپ بولغىچە قىزنى ئاللىبۇرۇن كۆمۈپ قەبرىسىنى باققىلى نەچچە كۈنگىچە ئادەم قويىدۇ. ئاتىسى بېيجىڭغىچە ئەرز قىلىپ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ قىزنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغانىدى. ئاڭلىسام ئۇ كىشى خۇن دەۋاسىنى ئاقتۇرالمىغاننىڭ ئۈستىگە يۇرتىدا ئېغىر بېسىم ۋە چەكلىمىگە ئۇچراپ ئاخىر ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشلار ئېسىمدە بولغاچقا، بۇ قېتىم ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان دېھقان توغرىلىق ماڭا تېلېفون ئۇرۇپ خەۋەر يەتكۈزگەن ۋە مەسلىھەت سورىغان كىشىگە :”ئۈرۈمچىگە بارسا بارسۇن، بېيجىڭغا كەلسە قىينىلىپ قالىدۇ،  ئۇنىڭدەك ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەر كۈرمىڭ، ئەرزنامىسىنى سۇنۇشقىمۇ نۆۋەت تەگمەي نەچچە ئاي يېتىپ كېتىدۇ“ دېدىم.
بېيجىڭ جەنۇبى پويىز ۋوگزالىغا يېقىن يەردە ”ئەرزدارلار مەھەللىسى“ دەيدىغان بىر جاي بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مەركەزگە ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەر ئاساسەن مۇشۇ جايغا يىغىلىدۇ.  چۈنكى بۇ يەر گوۋۇيۈەن ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا يېقىن، تامىقى، ياتىقى ئادەتتىن تاشقىرى ئەرزان، ئەمما بەك ناچار.  بىر مۇخبىر ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ «东庄» ناملىق 20 نەچچە مىنۇتلۇق فىلم ئىشلىگەن. بۇ فىلمنى كۆرگەن ئادەم ئۇ بىچارىلەرنىڭ ھالىغا، كۆز ياشلىرىغا ئېچىنماي تۇرالمايدۇ.  بۇنىڭ ئىچىدە 20-30 يىل ئەرز قىلىپ ئەرزىنى ئاقتۇرالمىغانلار، پۇلى تۈگەپ كېتىپ ياتاقتىمۇ ياتالماي كوچىدا تىلەمچىلىك قىلغان، قىشتا يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدا يېتىپ توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەر بار. ئۇلار ئۆي-مۈلۈك، زوراۋانلىق، قىسقىسى ئۆزىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، غۇرۇرى، ھەققىنى تارتقۇزۇپ قويۇش…  ناھەقچىلىقلىرىغا ئۇچرىغان بولۇپ،  يەرلىكتىكى زوراۋان ئەمەلدارلار ئۈستىدىن قاتتىق شىكايەت قىلىپ، مەركەزدىن بۇنى ئادىللىق بىلەن سوراپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەرزلەرنىڭ قانچىسى جاۋابقا ئېرىشىپ، ئەرزدارلارنىڭ قولدىن كەتكەن ھەق-ھوقۇقى قايتۇرۇۋېلىندى، بۇنى ھۆكۈمەت ئۆزى بىلىدۇ. ئەمما ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كۆپىنچىسى ئەرزىنى ئاقتۇرالمايدۇ، ئۇنىڭغىمۇ مۇناسىۋەت كېرەك، يول كېرەك، پۇل كېرەك. بەزىلىرى ئەرزىنى سۇنۇپ بولغىچە كەينىدىن ئادەم كېلىپ يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ.
ماڭا بۇنداق ناھەق ئىشلار، ئەرزدارلار خېلى يولۇقتى، ناھەقچىلىق، خورلۇق دەستىدىن ئاققان كۆز ياشلارغا ئىچ ئاغرىتتىم، يۈرىكىم مۇجۇلدى. كېيىن ئۆز ھالىم بىلەن قېلىپ ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەتتىم؛  نەدىلا بولسام ئۇنداق پاجىئەلەرنى ئاڭلاۋېرىپ يۈرىكىممۇ قېتىپ كېتىپتۇ. شۇنداق خورلۇق ۋە دەرت-ئەلەملەرنى بىۋاسىتە تارتماي تۇرۇپ سوغۇققان، تەمكىن بولۇپ كەتكىنىم قىززىق. مەن بىلەتتىم، ئۇ بىچارىلەرمۇ بىلەتتىكى،  ئەرزىنى ئاقتۇرغان تەقدىردىمۇ يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن قىزىل باش ھۆججەتنى ئىجرا قىلىدىغانلار يەنىلا شۇ يەرلىك خاقانلار. مەركەزدىن ھېچكىم كاڭشى خاندەك تۆۋەنگە چۈشۈپ، ھەق-دەۋانىڭ سورالغان-سورالمىغانلىقىنى، ئىجرا قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرالمايدۇ؛ چوڭ ھوقۇقدار كىچىكىگە بۇيرۇسا  ئۇمۇ ئەمەلدار-دە، تۆۋەنگە چۈشسە ئاۋۋال ئەمەلدارنى تاپىدۇ، ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولىدۇ.  بۇ ئەھۋالنى ئاۋام ” قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى  چوقىمايدۇ“ دېگەن ئوبرازلىق سۆزى ئارقىلىق يىغىنچاقلايدۇ.
ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر ئاساسىي قاتلام رەھبىرى: ” باشلىق بولغان ئادەم پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلىسا بەكمۇ چۈپەيلىك، نامەرتلىك قىلغان بولىدۇ؛  باشلىق بولۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى باشقىلارنى ئازادىلىككە،  خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش“ دەپتۇ.  بۇ رەھبەر ”خەلقنى شاد-خورام تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش“ دەپ يوغان، قۇرۇق گەپ قىلماي، ”باشقىلارنى ئازادىلىككە، خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش“ دەپ نەق گەپنىلا دەپتۇ. ئەمما بىزنىڭ بەزى كاتىۋاشلارچۇ؟ باشقىلارنى ئازادىلىككە، خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، قورقىتىپ بېسىم سېلىشتىن، ھەتتا ئاشۇنداق زوراۋانلىق قىلىشتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇلار پەقەت ئىتتەك كۈچۈكلىنىپ ئۆزىدىن چوڭ باشلىقلارنىلا خۇشال قىلالىشى مۇمكىن. يۇقىرىغا ئېگىلىپ، تۆۋەنگە غادىيىدىغان بۇنداق نامەرتلەرنى بۇ ئەھۋالغا ماسلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتتە رەھبەر دېگىلى بولسىمۇ، غۇرۇرى بار ئەركەك، ئىنساۋى بار نورمال ئادەم دېگىلى بولمايدۇ.
ئىچكىرى ئۆلكىلەر نىسبەتەن باي،  ھۇقۇقدارلارنىڭ يانچۇقى توم، پارا يېسىمۇ مىليونلاپ يەيدۇ.  ئەمما  يېزىمىزدا خەلق بىر قەدەر نامرات بولغاچقا، يەرلىك كاتىۋاشلارنىڭ بالايى نەپسىنى تويغۇزۇپ بولالماي ئۇلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈۋاتامدۇ، ئۇققىلى بولمايدۇ.  يا دېھقىنىدىن، يا موللىسىدىن، يا ئەپەندىلىرىدىن تۈزۈك نەپ كۆرمىگەن بۇ كاتىۋاشلار  ئۇلارغا شۇنچىلىك ئوسال مۇئامىلە قىلىدۇكى،  نەپسى تويمىغانچە ئۇ بىچارىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، قانۇنسىز جەرىمانە قويۇپ، ئېغىر بېسىم سالىدۇ . بۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، زوراۋانلىقى ئۆتمۈشتىكى  زالىم بەگلەرنى ئەسلىتىدۇ.  دەۋر ئۆزگەرسىمۇ بەزى ناكەسلەرنىڭ قېنى، تەبىئىتى ئۆزگەرمەيدىغان ئوخشايدۇ. بۇنى سورايدىغان ھۆكۈمەت قېنى؟  قېنى ئۇ نازارەت ئورۇنلىرى؟   دېھقاننى ئۇرۇپ مېيىپ قىلغان ئۇ كاتىۋاش تېخى بىر يېزىنىڭ سىياسىي قانۇن شۇجىسى، ئۇ ئۆزى ھۆكۈمەت، ئۆزى قانۇن، ئۆزى ئىجراچى. يېزىلىق ساقچىخانىمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ. بۇنداق چاغدا  ئۇ دېھقانغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئادىل ئىگە بولىدىغان بىرەرسى چىقمايدۇ. چۈنكى بارلىق ھوقۇق پارتىيىگە. شۇجىغا مەنسۇپ. سوتچىمۇ، ساقچىمۇ شۇجىغا غىدىڭ-پىدىڭ قىلالمايدۇ.
خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىدىغان كاتىۋاشلار ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە بولسا تاڭ، ھازىرقى  باشلىقلار  ھېچقاچان ئۆزىنى خەلقنىڭ چاكىرى دەپ ئويلىمايدۇ، ئويلايدىغانلىرىمۇ بار؛ لېكىن ئۇلار زاماننىڭ كەينىدە قالغاندەك، ھوقۇقىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان ئەخمەقلەردەك كۆرۈنىدۇ.  دېمەك، ئاچكۆزلۈك ۋە چىرىكلىك  يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كىشىلەر ئېڭىغا سىڭىپ كەتتى.  بىر ئادەمنى چوشقا قوتىنىغا بىر ئاي ئەمەس، بىر ھەپتە سولاپ قويسىمۇ سېسىق پۇراقتىن كۆڭلى ئاينىمايدىغان بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك،  چىرىكلىك ۋە قۇلچىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلىمىغا ۋابادەك يامراپ كەتسە، خەق بۇنىمۇ تەبىئىي ئىشتەك قوبۇل قىلىدۇ. ئادەمنى يامان ئادەت ناھايىتى ئاسان قۇل قىلىۋالىدۇ. رىئاللىقتا كۆرۈلۈۋاتقان  بارلىق پاجىئە ۋە دات-پەريادلار  ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىدىن،  بۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىشىدىن، ھەتتا زەھەرگە خۇمار بولغاندەك ئۆگىنىپ قېلىشىدىن باشقا ھادىسە ئەمەس.  تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئامال يوق، ئەمما ئىجتىمائىي ئاپەتلەرگە ئېچىنماي بولمايدۇ. بۇ تۇيغۇنىمۇ يوقاتقان ئادەم ماڭقۇرتتۇر.
ئەرز قىلىمەن دەۋاتقان دېھقاننىڭ ھەر ھالدا غۇرۇرى بار ئىكەن، قۇرۇق تۆھمەت ۋە جەرىمانىنى رەت قىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن نەپ ئۈندۈرەلمىگەن ھېلىقى زومىگەر ”ماڭا قارشى چىققىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى چىققىنىڭ“ دەپ ئۇنى ئۇرۇپ ئەيىپناق قىلىۋېتىپتۇ. دېھقاننىڭ ئۇنىڭغا قول ياندۇرغان-ياندۇرمىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەگەر ئۇمۇ ئادەم بولغاندىكىن ناھەقچىلىققا چىدىماي قول ياندۇرغان بولسا چوقۇم ” ھۆكۈمەتكە مۇشت كۆتۈرگەن ئەكسىيەتچى “ دېگەن بەتنامغا قېلىپ، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا بۇنى ئويلاپ قول ياندۇرمىغان بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا بۇرنى ماكچىيىپ، قۇلىقى پاڭ بولۇپ كەتكىچە تاياق يەپ يۈرمەستى. ئەگەر ئۇ دېھقان ئۆزىنى 26 كۈن ئېشەكتەك سولاپ قويغان، ئۇرۇپ ھاقارەتلىگەن كاتىۋاشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز ھوقۇقىدىن ھالقىغان ھالدا جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى ”ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى“ سۈپىتىدە ئەمەس،  بىر قارا گورۇھنىڭ ئۇچىغا چىققان لۈكچىكى سۈپىتىدە كۆرەلىگەن بولسا، ئۇنىڭمۇ تېگىشلىك ئەدىۋىنى بېرىپ، ئۆز ھوقۇقىنى، بۇرنىنى، قۇلىقىنى قوغداپ قالالىغان بولاتتى.
قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ  پارتىيىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىدىغان بۇنداق مېتە قۇرتلار  نەدىلا ھوقۇق تۇتسا شۇ يەرگە ئاپەت. خەلق ئۇنداق ئەمەلدارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ، بۇنداق قارغىش-تىلەكلەر ماھىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ساغلام داۋاملىشىشىغا پايدىلىق.  ھۆكۈمەت نامىدا پۇقراغا  زوراۋانلىق قىلىدىغان كاتىۋاشلارنى ھۆكۈمەت ئۆزى بىر تەرەپ قىلمىسا خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچى سۇسلاپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ كاتىۋاش داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇپ كۆرەڭلەپ كېتىۋەرسە، ناھەقچىلىققا چىدىمايدىغان بىرەرسى ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىشى مۇمكىن.   قىلىدىغان ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ بولۇپ ئاخشىمى خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان زومىگەر كاتىۋاشلار بەئەينى قورقۇنچاق يىلان، ئۇلار بىرسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىپ بېشىغا دەسسىۋېتىشىدىن چوقۇم ئەنسىرەيدۇ.
بىزدىمۇ سىياسىي ئاڭ بولسۇن، كۈندە تېلېۋىزور كۆرۈپ، گېزىت ئوقۇيالمىساقمۇ ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇچۇر تىڭشاپ،  ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولۇپ تۇرايلى. بىزدە «يولدىن چىقما، خاندىن قورقما» دەيدىغان گەپ بار. بۇ يەردىكى يول  ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن-سىياسىتى دېمەكتۇر. بۇنى بىلمىسەك بولمايدۇ، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرمەي تۇرۇپ مەزمۇت ياشىغىلى بولمايدۇ.  مەركەزنىڭ ” ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش“ دېگەن سىياسىتى ئاۋامنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىردەك، سىياسەتنى قانۇندىن ئۈستۈن قويۇۋالىدىغان يەرلىك خاقانلارنىڭ  زورلۇق-زۇمبۇلۇقلىرىغا خاتىمە بېرىلىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ. ئەمما ئوتتۇرىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەزى كۈشەندىلىرى بۇنىڭغا جاھىللىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.  بۇ ئەھۋالدا خەلق مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالىق ھۇقۇقىنى ياخشى تونۇپ ھەم قوغداپ، ئوتتۇرىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىۋاتقان نائەھلىلەرگە ھەرگىز پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك. بولمىسا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ئۇ لاياقەتسىز  ئوغرىلار مەركەزنىڭ ئىناۋىتىنى داۋاملىق پوقلايدۇ، ئۆز نەپسى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى ئالدايدۇ، ناھەقچىلىق تۈگىمەيدۇ، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئېغىر  زىيانغا ئۇچرايدۇ.
يېقىندا زۇڭلى ۋېن جياباۋ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: ”مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش ھازىرقى زاماندىكى سياسەت، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش پارتىيىمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئىدىيەدىن شەكىلگە ئۆتۈشتىكى ئېنقىلاب خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى قۇيغان مۇھىم بىر قەدىمى شۇنداقلا دەۋر بۆلگۈچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە بارلىق خىزمەتچى خادىملار قانۇن ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش بىجىرىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يېڭى ئۈنۈم يارىتىشى لازىم“. (ئۇيغۇرچە «خەلق تورى»نىڭ 2010-يىل 30-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرى)
مەركەزدە سىياسەت بەلگىلىگۈچى رەھبەرلەر ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىدىغان نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر بولىدۇ. بىراق ئۇنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجرا قىلىدىغانلاردا سۈپەت-ساپا بولمىسا ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازى خۇنۇكلىشىپ، ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. دېڭ شياۋپىڭ ھايات چېغىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ” جۇڭگودا مەسىلە چىقسا كومپارتىيىنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ“
(中国要出问题，还是出在共产党内部。( 在武昌、深圳、珠海、上海等地的谈话要点，1992p370-383
دېگەنىكەن.  جۇڭگودا كومپارتىيە بارلىق ھوقۇقنىڭ يادروسى، بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلدارلار قاتلىمىدىكى پۇل-ھوقۇق كۈرىشى، چىرىكلىكنىڭ ئەدەب كېتىشى دۆلەتكە ئەڭ زور خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە.  مەركەزدىن چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق، سىياسەت، قانۇن ۋە تەدبىرلەرنى قوڭىنىڭ قىرىغا ئالمايدىغان، ئۆزى بىلگەنچە يەرلىك سىياسەت چىقىرىپ پۇقرالارغا زۇلۇم سالىدىغان، ”ھۆكۈمەت تاش سانىغىچە مەن قۇم سانايمەن، ھۆكۈمەت جايلاپ بولغىچە مەن ئەپلەپ بولىمەن“ دەيدىغان،   ھوقۇقىنى قانغۇدەك  يەپ ئىچىشكە، ئاشنا ئويناشقا، مۇناسىۋەت باغلاپ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەشكە ئىشلىتىدىغان پارازىتلار ھۆكۈمەتنىڭ كۇشەندىلىرى، ئۇلارنى يوقىتىپ تۇرمىسا ھاكىمىيەتكە خەۋپ يېتىدۇ. ھۆكۈمەتمۇ بۇنى تونۇپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقتا. ئىستىلدا چىرىكلىشىپ ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ پەيمانى ھامان توشىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار تېخى نومۇس قىلماي ”مېنىلا نەس باستى“ دېيىشىدۇ.  ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ئۇ   مەخلۇقلارنى بايقاشتىن ۋە جايلاشتىن ئاۋۋال ئۇلار  ئاۋامنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە كۆمۈلگەن بولىدۇ.
تەپەككۇر باغلانمىسا ئىبادەتكە،
يەتمەك تەس ئىلاھىي ھەقىقەتكە.
ئىماندىن ھۆرلۈككە چىقمىغىچە،
قۇل بولۇپ ئۆتىمەن جاھالەتكە.
مۇھتاجمەن ئىلىم ۋە پاراسەتكە،
مۇھتاجمەن ئۈمىد ۋە جاسارەتكە،
غەپلەتتىن ئويغانسام ئىدىيەم ئازاد،
ھەيرانمەن، خۇشالمەن بۇ سائادەتكە.
ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددىسىدا”ئاللاھ مۇنداق دېگەن“ دېدى: ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزەمگە زۇلۇمنى ھارام قىلدىم. سىلەرگىمۇ ئۆز ئارا زۇلۇم قىلىشىڭلارنى ھارام قىلدىم. زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم، مەن ھىدايەت قىلغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىدۇر. مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن تائام بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن تائام تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە تائام بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە كىيىم بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە-كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن پۈتۈن گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمەن. مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ماڭا ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پايدا يەتكۈزمەكچى بولساڭلارمۇ ھەرگىز پايدا يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر ئىلگىرى-ئاخىر ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ قەلبى بىر تەقۋا ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولۇپ،  قەلبىڭلار شۇ ئادەمنىڭ قەلبىگە ئايلانغان بولسىمۇ مېنىڭ ئىلكىمدىكى كىچىككىنە نەرسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر . ئەگەر ئىلگىرى-ئاخىر ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ قەلبى بىر بۇزۇق ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولۇپ، قەلبىڭلار شۇ ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ مېنىڭ ئىلكىمدىكى ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئىلگىرى-ئاخىر ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى بىر مەيدانغا يىغىلىپ مەندىن تىلىكىنى سورىسا، ھەر ئىنسانغا ئۇنىڭ سورىغىنىنى بەرسەم، دېڭىزغا چىلانغان يىڭنىگە يۇققان سۇ دېڭىز سۈيىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمىگەندەك مەندىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! مەن ئەمەللىرىڭلارنى  سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويۇپ ئاندىن سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇپ بېرىمەن. كىمكى ياخشىلىققا ئېرىشسە ئاللاھقا شۈكرى قىلسۇن، كىمكى ئۇنىڭدىن باشقىغا ئېرىشىپ قالسا پەقەت ئۆزىدىن كۆرسۇن. (مۇسلىمدىن)
ئاددىي مۇلاھىزە
پەلسەپە كىتابلىرىنى ئوقۇپ كاللىنى ساراڭ قىلغىچە قۇرئان، ھەدىس ئوقۇپ كۆڭۈلنى يورۇق قىلغان ياخشى. ئەمما پەلسەپەدىن خەۋەردار بولمىسا قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ھېكمەتلەرنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى، ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەن ئۇچۇر بىلەن ئىنسانلارنىڭ مەپكۇرىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇپ بىلگىلى بولمايدۇ. دىنىي ئىلىملەرنى ئوقۇش بىلەنلا دىننىڭ ئىشى ھەل بولمايدۇ، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش كېرەك، قۇرئاندا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئايەتلەر بار.  تەپەككۇر قىلىپ كۆڭۈلدە قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى بەجا كەلتۈرۈشكە قىزىقىش كېرەك، قىزىقىش بولمىسا ئىرادە نەدىن كېلىدۇ؟  ئىرادە بولغاندىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان، تەۋرىمەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك.  بۇنداق ئىرادىنى قانداق تىكلىگىلى بولىدۇ؟ ئۈمىد ۋە قورقۇنچ بىلەن،  جەننەتكە قىزىقىش، دوزاختىن قورقۇش بىلەن تىكلىگىلى بولىدۇ.  بۇلارنىڭ ئاساسى ئىمان. ئاللاھقا، ئۇنىڭ رەسۇلىغا، نازىل قىلغان كىتابىغا، پەرىشتىلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، تەقدىرگە ئىشەنمەي تۇرۇپ ھېچنېمىگە قىزىققىلى، ئۈمىد باغلىغىلى ۋە ئىرادە تىكلىگىلى بولمايدۇ؛  تىلدا ئىمان ئېيتقان بىلەن دىلدا تەستىق قىلمايدىغان، دىلدا تەستىق قىلغان بىلەن ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقمايدىغانلارغا، شۇنداقلا ئۆز قەلبىمىزدىكى كېسەللىكلەرگە قاراپ شۇنداق دەيمىزكى،  ھىدايەتنى، تەقۋالىقنى پەقەت ئاللاھ بېرىدۇ، ئۇنى پەقەت ئاللاھتىنلا تىلەيمىز.
ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزەمگە زۇلۇمنى ھارام قىلدىم. سىلەرگىمۇ ئۆز ئارا زۇلۇم قىلىشىڭلارنى ھارام قىلدىم. زۇلۇم قىلىشماڭلار.
زۇلۇم كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇم. زۇلۇم ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى باشقىلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا تاجاۋۇز قىلىش، يەنە بىرى ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىش.
ئىنسانلار يەر يۈزىدە قان تۆككۈچى، ۋەھشىيلىكتە ھايۋاندىن بەتتەر مەخلۇق.  ئاللاھ بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ياراتقان ۋە بۇ يارىتىشىدا ھېكمەت بار. ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىل، ئۆز تەبىئىتىگە يارىشا ئەركىنلىىك، ئىرادە، ئىستەك ۋە نەپسانىيەت بەرگەن، ئىنسان بۇنىڭغا كۆرە ھەرىكەت قىلىدۇ.   ئىنساننىڭ زۇلۇم قىلىش ياكى  زۇلۇم قىلماسلىقنى تاللاش ئەركىنلىكى بار.  ئاللاھ  ئۆزىگە زۇلۇمنى ھارام قىلدى،  شۇنداقلا ئىنسانلارنى ئۆزئارا زۇلۇم قىلماسلىققا، ئادالەت بىلەن ئىش قىلىشقا بۇيرىدى، ئاللاھ پەقەت زۇلۇم قىلماسلىققا رازى بولىدۇكى، زۇلۇمغا ھەرگىز رازى بولمايدۇ،  زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە تولغان بۇ دۇنيانىڭ ھامان سورىقى بولىدۇ. شۇنداق بولۇشى ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە ۋە مۇكەممەللىك سۈپىتىگە ئۇيغۇن.
(قىيامەت كۈنىدە) زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى (ئاللاھ تەرىپىدىن) قوبۇل قىلىنىدىغان  شاپائەتچى بولمايدۇ. (سۈرە غافىر، 18-ئايەت)
قىيامەت كۈنى ھەق ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ، ھەتتاكى مۈڭگۈزسىز قويغىمۇ مۈڭگۈزلۈك قويدىن قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىشى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ شەيتاننىڭ سۆزىگە كىرىپ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كەتكەن، شەيتان بىلەن دۈشمەن ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرىۋېتىلگەن.  نۇرغۇن دەۋرلەر ئۆتتى،  غاپىللار، ئازغۇنلار، ئىسيانكارلار ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلار تارىختىن بايان ئۈزۈلۈپ قالمىدى، كۆپەيسە كۆپەيدىكى ئازلىمىدى. ھازىرمۇ شۇنداق ئىنسانلار يەر يۈزىدە تولۇپ تۇرۇپتۇ.  ئەينى چاغدا ئادەم ئەلەيھىسسالام ” ئى رەببىم، مەن ئۆزەمگە ئۆزەم زۇلۇم قىلدىم، ئەگەر مېنى مەغپىرەت قىلمىساڭ مەن ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن“ دەپ قاتتىق تەۋبە قىلغان، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرگەن. ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلدى ھەم  بۇ تەۋبىگە چاقىردى، ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ زات، ئۇنى مەدھىيلىسەك سۆز تاپالمايمىز، رەھمەت ئېيتىمىز دېسەك رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ بولالمايمىز، تېخى ئىبادەتلىرىمىزدە سۇسلۇق قىلىمىز، گۇناھ ئۆتكۈزىمىز.
ئى بەندىلىرىم، مەن ھىدايەت قىلغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىدۇر. مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن.
دەرۋەقە، ئاللاھ ھىدايەت قىلغاننى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، (قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) ئازغۇچىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە كىم قارشى چىقالايدۇ؟
راستچىللارنىڭ راستچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
”ئىنسان ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قىرىق كۈن سىپىرما ھالىتىدە توپلىنىدۇ. ئاندىن 40 كۈن لەختە قان ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئاندىن 40 كۈن بىر چىشلەم گۆش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئاندىن ئاللاھ  بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزىدۇ ۋە رىزقىنى، ئەجەلىنى، ئەمەلىنى ۋە بەختلىك ياكى بەختىسىز بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تۆت سۆزنى يېزىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىرىڭلار ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن جەننەتنىڭ ئارىلىقى بىر گەز قالغاندا ئۇنىڭغا پۈتۈلگىنى ئىلگىرى كېلىپ ئەھلى دوزاخنىڭ ئەمەلىنى قىلىدۇ-دە،دوزاخقا كىرىدۇ؛ بىرىڭلار ئەھلى دوزاخنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ ھەتتا ئۇنىڭغا بىر گەز قالغاندا ئۇنىڭغا پۈتۈلگىنى ئىلگىرى كېلىپ ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمەلىنى قىلىدۇ-دە، جەننەتكە كىرىدۇ“. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)
بەزىلەر، خۇدا ياخشى-يامانلىقنىڭ ھەممىسىنى بەندىلىرىگە  تەقدىر قىلىپ تۇرۇپ يەنە بەندىلىرىدىن ھېساب ئالسا بۇ ئادىللىق بولامدۇ؟ دەپ سورىشىدۇ.   سەن ئۆز كاللاڭدىكى ئادىللىق ئۆلچىمىنى ئاللاھقا قويماقچىمۇ؟ ئاللاھ نەدە، سەن نەدە؟  ئۆزىنى تونۇغان رەببىنى تونۇيدۇ دەيدۇ، سەن ئاۋۋال ئۆزەڭنى تونۇشۇڭ كېرەك.  بۇ سەۋەب-نەتىجە دۇنياسىنى تەپەككۇرۇڭنىڭ يېتىشىچە ئاڭقىرىپ باق. ئوي- تەپەككۇرۇڭ ھەر قانچە چەكسىز  بولسىمۇ مەلۇم نۇقتىغا بارغاندا تاقىلىپ تۇرۇپ قالىدۇ؛ ئەقلىڭ ھەر قانچە ئۆتكۈر بولسىمۇ سىر دۇنياسىدىن بىر سىرنى يېشىپ بولغىچە ئۆمرۈڭ تۈگەپ قالىدۇ. ساڭا بېرىلگەن ئەقىل، ئىلىم، مۇددەت شۇنچىلىك. ئىزتىراپ ئىچىدە تىپىرلاۋاتقان سان-ساناقسىز ئىنسانلار توپىغا قوشۇلۇپ ياشىماقتىن، بىر كۈنلەردە ئۆلۈپ ھېساب بەرمەكتىن باشقا ئىلاجىڭ يوق.
ئىنساننى يوقتىن بار قىلغۇچى، ئۇنى ئەرزىمەس بىر مەنىيدىن مۆجىزىدار جانلىق قىلغۇچى ئاللاھ تائالا بۈيۈكتۇر، ئۇنىڭ بۈيۈكلىكىنى مەخلۇق (جۈملىدىن شۇنچە ئەقىللىق يارىتىلغان ئىنسانمۇ) چۈشىنىپ بولالمايدۇ.  ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، خالىمىغىنى بولمايدۇ.  بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىز (روھىمىز بىلەن تېنىمىزنىڭ يۇغۇرۇلمىسى) ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلدى ۋە ئاللاھ تەقدىر قىلغان زاماندا بۇ دۇنياغا كەلدى، بىز شۇنچە چوڭ، گۈزەل دەپ تەرىپلەۋاتقان دۇنيانى، تۈمەن تۈرلۈك ھايۋان، قۇش، ھاشارەتلەرنى، تاق ھۈجەيرىلىك جانلىقلارنى ياراتقان ئاللاھ  بىزنى يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەس. جېنىمىز، ھەرىكىتىمىز، ئىدىيىمىز، كۆڭلىمىز، ھېسسىياتىمىز،  ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز  ئۇنىڭ ئىلكىدە. ئاللاھ خالىغان چاغدا ئاندىن بىزنىڭ خالىغىنىمىز ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە شاخ تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن، لېكىن بىز ئادەتتە، ھەتتا ناماز ئوقۇۋېتىپمۇ ئۇنى ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز، ئاللاھنى دائىم يىراقتا دەپ ئويلايمىز.   چۈنكى بىزنىڭ كۆزىمىز، تەپەككۇرىمىز پەقەت نەق نەرسىلەرگىلا  تاقىلىپ تۇرۇپ قالىدۇ، بۇ بىزنىڭ چەكلىنىدىغان يېرىمىز،  ئاجىزلىقىمىز.  بۇ ئاجىزلىقنى يېڭەلمەيمىز، يېڭەلىسەك ئىمانى كۈچلۈك، ئاللاھتىن دائىم قورقۇپ تۇرىدىغان تەقۋا بەندىلەرگە ئايلىنالايتتۇق.  دەسلەپتە مەيدانغا كەلگەن سوپىلار،  ئىمانى كۈچلۈك تەقۋا ساھىبلىرى شۇنداق قىلالىغان، ئولتۇرغان، ماڭغان، ياتقان يېرىدە ئالللاھنى ياد ئېتىپ تۇرغان.  بۇ تەقۋادارلىقنى كىم نېسىپ قىلدى؟  ياراتقۇچىغا ئىشىنىدىغان شۇ ئاڭ، ئۇنىڭدىن قورقىدىغان شۇ كۆڭۈلنى كىم بەخش ئەتتى؟  يەنىلا ئاللاھ.
”ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ)، پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن“ (سۈرە ئال ئىمران، 190-191-ئايەت)
روھنىڭ زادى نېمىلىكىنى ۋە شۇنچە نازۇك كۆڭۈل سىرلىرىنى بىلگۈچى ئاللاھ  ئىنساننىڭ قەلبىنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمەمدۇ؟ بۇ جاھاندا ئاللاھ بىلمەيدىغان، ئاللاھ ئارىلاشمايدىغان ئىشمۇ بارمۇ؟ (يازمام چۈشىنىشلىك بولسۇن دەپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ياراشمايدىغان ئىبارىلەرنى قوللىنىپ قالغان بولسام ئاللاھ كەچۈرگەي.)  مەرھەمەتلىك ئاللاھ،  ھازىر مېنىڭ روھىيىتىمدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى مەندىن ئېنىق بىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنىمۇ ئەمەس، قىلماقچى بولغانلىرىمنىمۇ بىلىدۇ.  بىز ئاجىز، ئۇ بولسا ھەممىگە قادىر.
”ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ“(سۈرە غافىر، 19-ئايەت)
كونىلار «ئىشنىڭ بېشى بىسمىللاھ» دەيدۇ. بۇ سۆزدە بۈيۈك ھېكمەت ۋە تەربىيە بار.  سىرلارنىڭ خەزىنىسى بىسمىللاھتۇر.  ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ ۋە ھەر ئىشنىڭ بېشىدا ئاللاھ بار.  بىزنىڭ ھىدايەت تېپىشىمىز، ھىدايەتكە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئېزىپ كېتىشىمىز، ياكى قايتىدىن توغرا يولدا مېڭىشىمىز، ئۆلۈمىمىزگە ئاز قالغاندا دوزاخقا لايىق يامان ئەمەلدىن بىرنى قىلىپ ھالاك بولۇشىمىز، ياكى تاكى ئۆلگىچە پاكىز ياشاپ سەكراتقا چۈشكەندە جەننەتتىن خۇش بېشارەت ئېلىشىمىز تامامەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدە،  ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىرلىقى ھەممە ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ؛ ئۆمرىمىز ئاجايىپ ئىشلار، ئۆزگىرىشلەر ۋە ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا تولىدۇ؛ مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جەننەت ئۈمىدى، دوزاخ قورقۇنچى بىلەن ياشايمىز، ۋاھالەنكى ھېچكىم بۇ دۇنيادا ئۆزىنى جەننەت ئەھلى ياكى دوزاخ ئەھلى دەپ ئېيتالمايدۇ، ھېچكىم ئۆز ئەمەلى بىلەن جەننەت بوسۇغىسىدىن ئاتلىيالمايدۇ، ئاللاھ رەھمەت قىلمىسا بىكار.  ئاللاھ شۇنچىلىك مېھرىبان زاتكى، ئىنسانلارنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، كىتابلارنى نازىل قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا رەھىم-شەپقىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى، قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى؛ مانا بۇلار بىزگە يېتەرلىك مەرھەمەت، كاتتا ئىلتىپات، ئۇلۇغ بەخت.  ئەمما  بۇ مەرھەمەتنى تونۇپ بولالمىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلالمىدۇق، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى تاشلاپ قويدۇق.  قۇرئان كەرىمنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويدۇق ياكى نەزىر-چىراغدا پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسىغا ئايلاندۇردۇق. شۇنداق قىلىۋەرسەك ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىزدىن يىراقلاپ كەتمەسمۇ؟ قىلمىشلىرىمىز تۈپەيلىدىن بۇ ھالىمىز بارغانچە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ ھالىغا ئوخشاپ قالماسمۇ؟ بۇ ھالدىن قاقشىغۇم يوق، قاقشىغاننىڭ ھەم پايدىسى يوق. قورقۇش كېرەك، ئاللاھتىن قورقۇش كېرەك، تەقۋالىقنىڭ ئۆزى قورقۇش، ئەمما ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلار ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ، ئۆلۈمدىن قورقىدۇ.  ئەجىبا تىرىكلىك ۋە ئۆلۈمنى كىم ياراتتى؟
ئاللاھ خالىغان ئادەمنى مۇسۇلمان، خالىغان ئادەمنى كاپىر قىلىدۇ؛ خالىغان ئادەمنى بەختلىك، خالىغان ئادەمنى بەدبەخت قىلىدۇ؛ خالىغان ئادەمنى جەننەتكە، خالىغان ئادەمنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ.  ئەجىبا ئاللاھ كاپىر ئادەمنىمۇ ئۆز رەھمىتىگە ئېلىپ جەننەتكە كىرگۈزەمدۇ؟  ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى سۆزىگە باققىنىمىزدا، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق.  جەننەتكە كىرىشنىڭ ئاچقۇچى ئىمان، ئىسلام، ھىدايەت؛ يىغىپ ئېيتقاندا ئاللاھتىن كېلىدىغان رەھمەت. ئاللاھ  ئەگەر خالىسا كاپىرنى دوزاخقا سالماسلىقىمۇ، ئەشەددىي كاپىر ۋە مۇناپىقلارنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قويماسلىقىمۇ مۇمكىن.  ئەگەر ئاللاھ شۇنداق قىلسىمۇ بەندىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپۇش ھەققى يوق.  شۇنداقتىمۇ بىز ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى سۆزى ۋە ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئىمان ئېيتقۇچىلار، ھىدايەت تاپقۇچىلار چوقۇم نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. كاپىرلار، مۇناپىقلار چوقۇم جازاغا تارتىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتكە ئىشىنىش ئىماننىڭ بىر جۈملىسى.
”ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر“ (سۈرە«ئەنفال»، 29-ئايەت.
تەقۋالىق يولىغا ماڭغانلارنىڭ دائىم ” ئاللاھ كۆڭلۈمگە ئىنساپ بەردى، دىلىمغا ئىمان سالدى، ئىچىمنى يورۇق قىلدى، قەلبىمنى ئىسلامغا كەڭ ئېچىۋەتتى…“ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.  بۇ توغرا تەبىر، ھىدايەتكە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئېرىىشىمىز.  ئىمان-ئېتىقادلىق بىر مۇسۇلمان ئائىلىدە  تۇغۇلۇش، تەسىرچان قەلب ۋە ياخشى خاراكتېرگە ئىگە بولۇش قاتارلىقلارمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولۇپ، ئاللاھ دىلىمىزغا ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى(بىرلىك ۋە بارلىقىنى)، قۇدرەت-كامالىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ،  ئاندىن بىزگە ئاللاھتىن قورقىدىغان قەلب ئاتا قىلىدۇ،  مۇشۇنداق قەلب بولغاندا تەكەببۇرلۇق ۋە غاپىللىقتىن قۇتۇلۇپ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا، بۇيرۇغانلىرىغا ئەمەل قىلىپ، چەكلىگەنلىرىدىن يېنىشقا باشلايمىز. گەرچە ھازىر  ئۆلۈمدىن كېيىنكى تەقدىر-ئىقبالىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتلىك ئۈمىدىمىز بىلەن قورقۇنچىمىزنىڭ قايسىسىسنىڭ راستقا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى:  ئاللاھتىن قانچە قورقساق جەننەتكە شۇنچە يېقىنلىشىمىز، قانچىكى تەكەببۇرلۇق، ئاسىيلىق قىلساق دوزاخقا شۇنچىلىك يېقىنلىشىمىز. جەننەتكە قىزىقمايدىغانلار ئۇنى پەقەت گۈزەل خىيال-تەسەۋۋۇر دەپ ئويلايدۇ، ئەدەبىي ئەسەر ۋە ئادەتتىكى سۆزلىرىدىمۇ ئۇنى خالىغانچە ئىشلىتىدۇ. جەننەتكە ھەقىقىي قىزىققۇچى تەقۋادارلار  بولسا جەننەتنىڭ ھۆر-پەرىلىرىگە، نازۇ-نېمەتلىرىگە ئەمەس، ئاۋۋال دوزاختىن قۇتۇلۇپ، جەننەت ئىشىكىنىڭ بوسۇغۇسىغا بولسىمۇ كېلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەگەر جەننەتكە ئېرىشىپ قالسا ئۇنى ئاللاھنىڭ كاتتا مەرھەمىتى، چەكسىز غەمخورلۇقى دەپ بىلىدۇ.  دوزاختىن قورقمايدىغانلار پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئوتقىلا ئىشىنىدۇ. دوزاختىن قورققۇچى تەقۋادارلار بولسا  ئوتنى كۆرگەندە دوزاخ ئوتىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئاللاھ تائالا نېسىپ ئەيلىگەن ھىدايەتلىك، تەقۋا قەلب بىلەن پاسىقلارنىڭ قەلبى مانا مۇشۇنداق ئاسمان-زېمىندەك پەرقلىنىدۇ.
ھىدايەت بىر بەخت بولۇپ، ئاللاھقا زىيادە گۇمان بىلەن قارايدىغانلار، ئۆزىنى كاتتا چاغلاپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا باش ئەگمەيدىغانلار، ئۇ دۇنيا ۋە جەننەتنى بەلكىم خىيال-تەسەۋۋۇر دەپ ئويلايدىغانلار، ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا دەپ  نەق ھاياتقا ئالدانغانلار ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيدۇ.
ئى بەندىلىرىم! مەن تائام بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن تائام تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە تائام بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە كىيىم بېرىمەن.
ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى رىزىق بەرگۈچىدۇر، بۇ رىزىق ئۆمۈر، ساغلاملىق، مال-دۇنيا، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك… ئومۇمەن جان كەچۈرۈشكە ۋە ماددىي مەئىشەتتىن ھۇزۇرلىنىشقا كېرەكلىك جىمى نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسان ۋە باشقا مەخلۇقلارنى يارىتىش بىلەنلا توختاپ قالماي يەنە ئۇلارنىڭ رىزقىنى بۇ كەڭ دۇنياغا چاچقان.
”ئەگەر ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە خۇددى قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك رىزىق بېرىدۇ. قۇشلار ئەتىگەنلىرى ئاچ ھالەتتە چىقىپ، كەچلىرى قورساقلىرى توق ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ“ (تىرمىزى)
قۇرئاندا ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئىنسانلارنى تەپەككۇر قىلىشقا، ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ.   كۈن،ئاي، ئاسمان، زېمىن، كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ نۆۋەتلىشىشى،  ئىكولوگىيىلىك مۇھىتتىكى جانلىق ۋە جانسىز ماددىلارنىڭ  ئاجايىپ ماسلىشىشى، تەبىئەت، ئۆسۈملۈك ۋە جانلىقلار ئارىسىدىكى ”تىرىكچىلىك مۇناسىۋەتلىرى“ (ھاياتلىق زەنجىرى)نىڭ ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كېلىشى  بۇلارنى ياراتقان ۋە رىزىق بېرىۋاتقان زاتنىڭ  تەڭداشسىز ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ .
ماددىزىمچىلار ماددىغا تاقىشىپلا تۇرۇپ قالىدۇكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئەقلىي، نەقلىي دەلىللەرگە قاراپ باقمايدۇ، قاراپ باقسىمۇ تەتۈرلۈك قىلىدۇ، ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەپچىسى، ھەر نەرسىنىڭ بىر  بەرپاچىسى، بويسۇندۇرغۇچىسى بار دېگەنگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار خۇدادىن كۆرە شەيتانغا بەكرەك ئىشىنىدۇ، بۇ دۇنياغا خۇدا ئەمەس، شەيتان ھۆكۈمدار دەيدۇ.  ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ھەقتىن بۇرىۋەتكەن شەيتان ئەلۋەتتە ئۇلارغا ھۆكۈمدار-دە. ئاللاھ ئۇلارغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلغان بولسا (يەنى ئۇلارنى شەيتاننىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسا) بۇمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، بۇنىڭغا ھېچ ئىنسان ئۆكتە قوپالمايدۇ. چۈنكى مۇتلەق ئىرادە ئاللاھنىڭ قولىدا.  ئاللاھ ئۇلارغا ھىدايەتنى نېسىپ قىلمىغانىكەن، ئۇلارنىڭ شۇنداق تەتۈرلۈك، جاھىللىق قىلىشى مۇقەررەر.
ھالبۇكى  بىز خەيرۇل رازىقىن (رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى) بولغان ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئۆزىمىزنىڭ جېنىغا ھەيران قالغاندەك ھەيران قالىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئۆز ۋۇجۇدىمىزغا،  مەۋجۇتلۇقىمىزغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىمىز.
ئالەم بوشلۇقىدا يەر  شارىدەك بۇنداق گۈزەل، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان پىلانېت تېخى بايقالمىدى.  ئاللاھنىڭ ئىلمى، قۇدرىتى بىلەن يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەتلىنىدۇ، بۇ ھەرىكەت بىر جەھەتتىن ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىگە ئوخشايدۇ. غايەت چوڭ ماددىلارمۇ  ئاتومدىن تۈزۈلىدۇ، دېمەكچىمىزكى، چوڭدىن كىچىككىچە بولغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ سىر-ھېكمىتىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ماكان، زاماننىڭ سىرىنىمۇ ئاللاھ بىلىدۇ.  دەۋرلەر ئالمىشىدۇ، ۋاقىت، ماكان ئۆزگىرىدۇ، رىزىقمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئاللاھ ھەر كۈنى يارىتىپ، ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.
رىزىق مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ياشاش مۇددىتى دېمەكتۇر.  بىزنىڭ رىزقىمىز تۇغۇلغاندىن ئۆلگىچە، بۇ دۇنيانىڭ رىزقى يارىتىلغاندىن  تارتىپ تاكى قىيامەتكىچە.  قۇياش، ئاي ۋە باشقا سەييارىلەرنىڭ ئۆمرىمۇ چەكلىك. شۇنچە چوڭ ئالەمنى، ساما يولى سىستېمىسىنى، بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كەتمەيدىغان پىلانېتلارنى، غايەت زور ئوت شارى بولغان قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرىنى قايتۇرۇپ كېچىمىزنى يورۇق قىلىدىغان ئاينى، ئوربېتاسىدا مۇقىم ئايلىنىدىغان يەر شارىنى، ئايلىنىپ تۇرسىمۇ  پارچىلىنىپ توزۇپ كەتمەيدىغان زېمىننى، چاچراپ كەتمەيدىغان دېڭىز-ئوكياننى، يەرگە قوزۇقتەك قېقىلغان تاغنى، تاتلىق سۇلۇق دەريا، كۆل، قۇدۇقلارنى، ياپيېشىل ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەرنى، زىرائەتلەرنى، مىنسە قاتناش قورالى، يېسە گۆش بولىدىغان چاھارپايلارنى، ھايۋانلاردىن ئۈستۈن ئەقىل-پاراسەتنى، ھەق دىن ۋە ئىلىمنى، تارىخىي گۈللىنىشلەرنى، تېخنىكىلىق تەرققىياتلارنى ۋە باشقا ھەددى-ھېسابسىز نېمەتلەرنى ئىنسانلارغا بەخش ئەتكەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ قۇدرەت، كاتتا مەرھەمەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ ئىنكار قىلالايمىز؟
ئاللاھ تائالا ھېچ نەرسىنى بىكار ياراتمىدى، گۈزەل كائىنات ۋە باشقا ھەممىنى دېگۈدەك ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئىنساننى باشقا مەخلۇقلاردىن ئارتۇق قىلدى،  ئىنسانغا ئەڭ بۈيۈك نېمەت بولغان ئەقىل ۋە ئىلىمنى   بەردى، ئاندىن ئۆزىنى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى بىلدۈردى، بۇ جاھان ئەسلىدە مۇنداق جاھان، تېڭىرقىماستىن كېلىڭلار، توغرا يولدا مېڭىڭلار، بەخت تاپىسىلەر دېدى.   بۇ چەكسىز نېمەتلەر ئىنسان ئۈچۈن رىزىق ھېسابلىنىدۇ. جان، ئۆمۈر قانچىلىك بولسا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن رىزىقمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ ۋە ئىنسان شۇنچىلىك رىزىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.  ئىنسان شۇنچىلىك ئىززەت-ھۆرمەت، ئەقىل-پاراسەت ۋە ماددىي مەئىشەتتىن بەھرىمەن بولغانىكەن، ئەلۋەتتە بۇنىڭ سوئال-سورىقى بولىدۇ. ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بېرىلگەن چاھارپايلار ئاخىرەتتە سوئال-سوراققا تارتىلمايلا  توپىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن بىلەن، ئەقىل، دىن، ئىمان،  ئىرادە ئەركىنلىكى بېرىلگەن، شۇنچە رىزىقلاردىن بەھرىمەن بولغان ئىنسان چوقۇم  ئاللاھ ئالدىدا ھېساب بېرىدۇ. بۇنى  ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئېنىق بىلدۈرگەن.
ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزەڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك بىز ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى)، ئۆزەڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟
(سۈرە«مۇئمىنۇن»، 115-ئايەت
قىيامەت كۈنى ھېساب مەيدانىدا ھەر بىر بەندە ئۆز ھاياتىنى قانداق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى، ئۆگەنگەن ئىلمى بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى،  مالنى قەيەردىن تېپىپ قەيەرگە ئىشلەتكەنلىكى ۋە  ئۆز جىسمىنى قانداق ئىشلاردا خورىتىپ تۈگەتكەنلىكىدىن ئىبارەت تۆت ئىشتىن سوئال-سوراق قىلىنماي تۇرۇپ بىر قەدەممۇ مىدىرلىيالمايدۇ (تىرمىزى).
ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە-كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن پۈتۈن گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمەن. مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن.
ئۆزى ياراتقان ئىنساننىڭ پۈتۈن سىرلىرىنى بىلىدىغان ئاللاھ تائالا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئارقىدىن تەۋبە قىلىدىغان بەندىلەرنى ياخشى بەندىلىرىم دېدى. ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىغان بولساڭلار، ئورنۇڭلارغا گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان، ئاندىن تەۋبە قىلىدىغان قەۋمنى كەلتۈرگەن بولاتتىم  دېدى. بۇ ئايەتنى ئويلىساملا  ھەيرەتتە قالىمەن.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:” جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزمىسەڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنى ئاللاھ ئېلىپ كېتىپ، گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرنى ئېلىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغان، ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغان بولاتتى“ (مۇسلىم)
دېمەككى، گۇناھ ئۆتكۈزۈش ئىنساننىڭ تەبىئىتى، ئەگەر گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىغان بولسا ئۇ  ئىنسانغا ئەمەس، پەرىشتىگە ئوخشىشىپ قالغان بولىدۇ،  پەرىشتىلەر ئاللاھقا ھەرگىز ئاسىيىلىق قىلمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى قىلىدۇ.  ئەمما ئىنسان ئازىدۇ ھەم توغرا يول تاپالايدۇ؛ ئىسيان كۆتۈرىدۇ ھەم ئىتائەت قىلالايدۇ،  گۇناھ  ئۆتكۈزەلەيدۇ ھەم  تەۋبە قىلالايدۇ؛ ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئەقىل ۋە ئىلىمدە  كامالەتكە يېتىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئوڭ قولىدا ياسىغان نەرسىنى سول قولىدا بۇزالايدۇ. ئىنسان شەيتان بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ ياكى دوست بولىدۇ. پاكلىقتا  كۆكتىكى پەرىشتىلەرگە يېقىنلىشىدۇ ياكى تىرناق ئاستىدا ياشايدىغان شەيتانغا ئەگىشىپ پاسىقلىشىدۇ… ئىنساننى ھەر خىل ئېھتىماللىقلار ئوراپ تۇرىدۇ. دېمەك، ئاللاھنىڭ ئىنساننى يارىتىش ھېكمىتى باشقا،  بۇ ھېكمەتنى پەقەت ئاللاھ بىزگە بىلدۈرگەن دائىرىدە بىلىمىز.
ئىنسان گۇناھ ئۆتكۈزەلەيدىغان،  ھاكاۋۇرلۇقتا ھەددىدىن ئاشالايدىغان، ھەتتا ياراتقۇچىسىنى ئىنكار قىلالايدىغان مەخلۇق، غاپىل مەخلۇق، ئەقىل، تەپەككۇردا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ جاھاننى ئالىتوپىلاڭ قىلىپ، دەۋر چاقىنى بۈگۈنگىچە ھەيۋەت بىلەن ھەيدەت كەلگەن ئاجايىپ مەخلۇق.
يۈز بەرگەننىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن يۈز بەردى؛ لەۋھۇلمەھفۇزغا پۈتۈلگەن زامان، ماكان، ئادەم، ۋەقە، تەپسىلات…ھەممىسى مۇقەررەر يۈز  بەردى. ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسى ئاساسەن قارا رەڭگە، مەزلۇملارنىڭ قېنى ۋە كۆز ياشلىرىغا تولۇپتۇ، گۇناھ ۋە جىنايەتلەر كەچمىش سىمفونىيىسىنىڭ ئاساسىي مىلودىيىسىگە ئايلىنىپتۇ…
ئاللاھتىن پەيغەمبەرلىك ئىلمى ۋە مۆجىزىسىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان كاتتا زات رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)  مۇنداق دېگەن: ” مەن ھەقىقەتەن سىلەر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرىمەن، سىلەر ئاڭلىيالمايدىغان نەرسىلەرنى ئاڭلايمەن. ئاسمان توۋلايدۇ، توۋلاش ئۇنىڭغا ھەق بولدى. چۈنكى ئۇنىڭدا ھەر تۆت بارماقچىلىك ئورۇندا بىر پەرىشتە پىشانىسى بىلەن ئاللاھقا سەجدە قىلغان ھالدا تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلايتتىڭلار ھەم تۆشەكلىرىڭلاردا ئاياللىرىڭلار بىلەن ھوزۇرلىنالمايتتىڭلار،  بەلكى كوچىغا چىقىپ ئاللاھقا پەرياد قىلغان بولاتتىڭلار“ (تىرمىزى).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئاخىرەتتىكى ھالىنى كۆرۈپ يېتەلىگەن بولغاچقا ” ئەگەر مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلايتتىڭلار“ دېگەن.  بۇ ھەدىس ئىنسانلارنى، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنى غەپلەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشقا يېتەرلىك.  ئەھۋال بىز ئويلىغاندىنمۇ  ئېغىر ۋە خەتەرلىك.  مۇسۇلمانلىق شەرىپىدىن پەخىرلىنىپ، مەغرۇرلىنىپ، خاتىرجەم يۈرۈشمۇ مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا غەپلەت،  گۇناھتىن خالىي بولالمايدىغان ئىنسان ئۆمۈر بويى ياخشى ئەمەل قىلدىم دېسىمۇ، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆزىنى  تەقۋا  دەپ قارىغۇچىلارنىڭ نامۇ ئەمەل دەپتىرى بەلكىم ئۆزى بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھلىرى بىلەن  توشقان بولۇشى مۇمكىن. ياخشى دەپ قىلغان ئەمەللىرى، ئوقۇغان نامازلىرى، تۇتقان روزىسى، قىلغاچ ھەجى پەقەت ئاللاھقىلا مەلۇم بولغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەقبۇل بولماسلىقى مۇمكىن.
راستچىللارنىڭ ئۈلگىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلغان: ” ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى، بىلىمسىزلىكىمنى، ئىشلىرىمدىكى ئىسراپخورلۇقنى ۋە مەندىكى پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ راستتىن ۋە چاقچاقتىن خاتالىشىپ، قەستەن قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە بار. ئى ئاللاھ! مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، مەخپىي ۋە ئاشكارا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى، پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن. سەن خالىغان كىشىنى جەننەتكە ئىلگىرى ئەۋەتكۈچى ۋە خالىغان كىشىنى دوزاخقا قالدۇرۇپ قويغۇچى زاتتۇرسەن“ (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلگىرى-كېيىنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان زات تۇرۇقلۇق  ھەر كۈنى 70 قېتىمدىن ئارتۇق تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان.
ئېيتىلىشىچە، ھەر بىر ئىنساننىڭ دوزاختىمۇ  ۋە جەننەتىمۇ بىردىن ئورنى بولىدىكەن. ئۇ ئىنسان مۇسۇلمان بولۇپ جەننەتكە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دوزاختىكى ئورنىغا كاپىر  كىرىدىكەن. جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىلگەن 10 ساھابىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ دۇنيادا ئۆزىنى مۇسۇلمان، تەقۋا دېگەن ئادەملەرمۇ ئۆزىنى چوقۇم جەننەتكە كىرىمەن دېيەلمەيدۇ. كىمنىڭ مۇسۇلمان، كىمنىڭ كاپىر، كىمنىڭ مۇناپىق ئىكەنلىكى ئۆلگەندىن كېيىن مەلۇم بولىدۇ، بۇ دۇنيادىكى سالاھىيەت، ئۇنۋان ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئىشلىمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىش كېرەككى، شەكلەن مۇسۇلمانلىق بىلەن مەغرۇرلىنىشقا بولمايدۇ.
ئىمان مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا دوزاختىن قورقۇش، جەننەتكە قىزىقىشتۇر.  ھەر ئىنسانغا نىسبەتەن دوزاخ بىلەن جەننەتنىڭ مەنزىلى ئېنىق بولمىغانىكەن بۇ دۇنيادا  قورقۇنچ ۋە ئۈمىد بىلەن ياشىشى، ئۆزىگە ياخشى ئاقىۋەت تىلىشى كېرەك. نىيەت-ئىقبالىمىز، تەقدىرىمىز، مەڭگۈلۈك ئاقىۋىتىمىز بەلگىلىنىدىغان بۇ  غايەت زور ئىشتا ئاللاھتىن رەھمەت، نىجاتلىق كۈتىمىز.  ھېچ ئىنسان ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولماي تۇرۇپ ئۆز ئەمەلى بىلەن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ.   ئۈمىدىمىز، خۇشاللىقىمىز شۇكى، رەھمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى كۆيۈمچان بولۇپ، ئۇنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭ غەزىپىدىن غالىپ كېلىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”ئاللاھ مەخلۇقلارنى ياراتقان چاغدا، ئەرشنىڭ ئۈستىدە ئۆز ئالدىدا تۇرىدىغان كىتابقا: ’ھەقىقەتەن مېنىڭ رەھمىتىم غەزىپىمدىن ئۈستۈندۇر‘ دەپ يازغان. يەنە بىر رىۋايەتتە ”غەزىپىمدىن غالىپ كەلدى“ ۋە يەنە بىر رىۋايەتتە ”غەزىپىمدىن ئۆتۈپ كەتتى“ دەپ يازغان. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس قۇددىسىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ” ئاللاھ ئېيتىدۇكى، ’ئى ئادەم بالىسى! سەن قاچانكى ماڭا دۇئا قىلساڭ ۋە مەندىن ئۈمىد كۈتسەڭ، سېنىڭ قانداق گۇناھ قىلغان بولۇشۇڭغا قارىماي، سېنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى ئادەم بالىسى! سېنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ئاسمانغا تاقاشقىدەك بولسىمۇ مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭ سېنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر سەن زېمىن توشقىچە خاتالىق بىلەن مېنىڭ دەرگاھىمدا ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۇچراشساڭ، مەن ساڭا زېمىن توشقىچە مەغپىرەت بىلەن كېلىمەن“ (تىرمىزى)
پەلەك شاھىنىڭ قەھرىمانلىقى
دارۋازلىق ماھارىتىنى كىچىكىمدە يېزا بازىرىدىكى كىنوخانىدا كۆرۈپ تاڭ قالغانىدىم. ئۇ قايسى دارۋازچى بولغىيدى ئېسىمدە يوق. يىللار ئۆتۈپ، 1997-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادىل ھوشۇر چاڭجياڭ دەرياسى سەنشىيا بوغۇزىدىن 13مىنۇت 48 سىكونتتا ئۆتۈپ، كانادالىق كوكران 95-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ياراتقان 53مىنۇت 10 سىكونتلۇق رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغاندا، ئادىل ھوشۇرنى جۇڭگولۇقلار تونۇغاندا، ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتقاندا جامائەت ئۇنى قەھرىمان سۈپىتىدە قارشى ئېلىپ، دەستە-دەستە گۈللەرگە كۆمۈپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەندە، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغاندا بىزمۇ تەڭ ھاياجانلانغان،  دارۋازلىقنىڭ بىزنىڭ قەددىمىزنى، غۇرۇرىمىزنى كۆتۈرىدىغان، ئوبرازىمىزنى باشقىلارغا تونۇتىدىغان قالتىس تەنتەربىيە ھەم سەنئەت ئىكەنلىكىنى تونۇغانىدۇق،  دارۋازلىق بىلەن قەلبىمىزنىڭ رىشتىمۇ باغلىنىپ كەتكەنىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن قەھرىمانىمىز پۇرسەت ۋە شارائىتنى غەنىمەت بىلىپ، غەيرەت-شىجائەت بىلەن يېڭى-يېڭى جېنس دۇنيا رېكورتلىرىنى يارىتىشقا باشلىدى، 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭشەن تېغىدىكى جۇرۇڭ چوققىسى بىلەن فۇرۇڭ چوققىسىغا تارتىلغان، ئۇزۇنلۇقى 1399.6 مېتىر، ئىگىزلىكى 436 مېتىر كېلىدىغان پولات سىمدىن 52مىنۇت 10 سىكونتتا مېڭىپ يەنە بىر قېتىم  رېكورت ياراتتى،  شۇ كۈنى نەق مەيداندىن بېرىلىۋاتقان تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرىدىكى كەيپىيات ناھايىتى جىددىي، ئەنسىز بولۇپ، قۇيۇق تۇمان ۋە سىم-سىم يامغۇر ئىچىدە ”پەلەك شاھى“نى پەقەت كۆرگىلى بولمايتتى، ئاندا-ساندا ئۇنىڭ ئاللاھنى ئەسلەپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ مېڭىۋاتقان ئاۋازىنىلا ئاڭلغىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىنى تۇمان قاپلىۋالغان، پولات ئارغامچا  يانتۇ، ھۆل، تېيىلغاق بولۇپ، مېڭىش ئىنتايىن قىيىن، خەتەرلىك ئىدى.  بۇ پەيتتە ئۇ ھەقىقەتەن جېنى بىلەن ئوينىشىۋاتاتتى،  ھەر بىر قەدىمى شۇنچە ئېغىر، شۇنچە ئېھتىياتچان ئىدى، پاچاقلىرى تىترەيتتى، پۈتۈن ۋۇجۇدى گويا ئۆلۈمدىن قېچىپ ھاياتلىققا سىلجىيتتى. نىھايەت، ئاللاھ ئۇنى ئەجىلىدىن بۇرۇن ئېلىپ كەتمىدى، ئۇ  ھاڭغا چۈشۈپ كەتمەي، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قارشى قىرغاققا يېتىپ كەلدى. گۈلچەمبىرەكلەر بوينىغا ئېسىلدى، ئايالى ھاياجاندىن يىغلاپ كەتتى.  مۇخبىرلار ئۇنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ ئاۋۋال ئۇ پارتىيەگە، خەلققە رەھمەت ئېيتتى.
2002-يىلى ئۇ 16-ئاپرېلدىن 11-مايغىچە جىنخەي كۆلى ئۈستىدە 25 كۈن تۇرۇپ جېنس  رېكورتى ياراتتى، بىزمۇ  ئۇ يەرگە كۆرگىلى باردۇق، ساياھەتچىلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى، ”پەلەك شاھى“نىڭ بۇ يەردىكى ماھارەتلىرى ئۆتكەنكى خەتەرلىك كەچمىشلىرىدىن كېيىنكى تەنتەنە ئىدى، كۆل ئۈستىدە تارتىلغان پولات سىمدا يۈگۈرۈپ يۈرەتتى، كەينىچىلەپ ماڭاتتى، ئۆزىنى قويۇۋېتەتتى، ئوڭدا ياتاتتى، گاھىدا ئۇسسۇلمۇ ئويناپ قوياتتى.
ۋاقتى ئۆتكەن نام-شۆھرەت
ئۇنىڭدىن كېيىن ”پەلەك شاھى“نىڭ ئۇ تاغدا، بۇ جىلغىدا ماھارەت كۆرسىتىپ يەنە يېڭى تۈرلەر بويىچە  جېنس رېكورتى ياراتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇق، ئوتتۇرا ئاسىيادا ماھارەت كۆرسىتىپ ئۇ يەردىكى قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئالىم خالىدىننىڭ ئەدەبىي ئاخباراتىدىن بىلدۇق، خۇشال بولدۇق، پەخىرلەندۇق. ئەمما بۇ پەخىرلىنىش 1997-يىلدىكى پەخىرلىنىشلەرگە ئوخشىمايتتى، قىزغىنلىقىمىز سۇسلاپ كەتكەنىدى. ھەممە نەرسىنىڭ تۇنجى تەسىراتى مۇھىم بولىدىكەن،  بارلىق ھەيرانلىق، قايىللىق، تەنتەنە، ماختاش، مەدھىيە سادالىرى شۇ قېتىمغا مۇجەسسەم بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش ئىشلار تەكرارلىنىۋەرسە پەيزى قالمايدىكەن.
2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇ قاناس كۆلىنىڭ ئۈستىگە تارتىلغان، 1670 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، 436 مېتىر ئىگىزلىكتىكى پولات سىمنىڭ ئۈستىدىن مېڭىپ ئىككى تۈردە جېنس رېكورتىنى ياراتتى، بىراق بۇنىڭ داغدۇغىسى بولمىدى.
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۇ بېيجىڭ ”قۇش چاڭگىسى دۆلەت تەنتەربىيە سارىيى“نىڭ ئۈستىدە 2 ئاي تۇرۇشتەك جېنس رېكورتىنى ياراتتى، بۇمۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىسقىچە خەۋەر قىلىنغاندىن باشقا ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنمىدى، «پالانى ناخشىچى بېيجىڭدا ئويۇن قويغۇدەك» دېگەنچىلىك تەسىر قوزغىيالمىدى.  خەۋەر قىلىنىشىچە، بېيجىڭ خەييى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتى  پۇلدار خوجايىنلارغا  بۇ پائالىيەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىش، ئېلان بېرىش ھوقۇقىنى تالاشتۇرۇپ سېتىپتۇ. نەتىجىدە خۇبېيىلىق بىر ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى 3مىليون 680مىڭ يۈەن خەجلەپ ئۇنىڭغا ئېرىشىپتۇ، ”پەلەك شاھى“ مۇئەللەقتە تۇرىدىغان كىچىك ئۆيگە ئۆزىنىڭ ئېلانىنى چاپلاپتۇ،  پائالىيەت ئاياغلاشقاندا ”پەلەك شاھى“ پەسكە چۈشكەندە ئۇنى تۇنجى قېتىم قۇچاقلاش ھوقۇقىنىمۇ 15مىڭ يۈەنگە سېتىۋاپتۇ، ئاندىن بۇ ھوقۇقنى ئۇنىڭ ئايالى ئىباگۈلگە ئۆتۈنۈپ بېرىپتۇ.
كۆرگەنلەرنىڭ دېيىشىچە،  بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا ”قۇش چاڭگىسى“ غا كىرگەن ساياھەتچىلەر ناھايىتى ئاز بولۇپ، كىرگەنلەرمۇ جان پىدالىق بىلەن ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان ”پەلەك شاھى“غا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ باشقا يەرلەرنى زىيارەت قىلغان. ھەر كۈنى تۆت مەيدان ئويۇن قويىدىغان ئۇسسۇلچىلىرىمىز ئاپتاپتا قالغان.  ئىگىزلىكتە تۇرىۋېرىش، تەنتەربىيە سارىيىدىكى كەڭ ئېكرانغا قاراۋېرىش تۈپەيلىدىن ”پەلەك شاھى“نىڭ كۆزىدىن چاتاق چىققان، ئارىلىقتا نەچچە قېتىم بېشى ئاغرىپ، پۇتى قاپىرىپ بەك قىينالغان.   «كاللا ئىشلىمىسە پۇت-قولغا ئارام يوق» دېگەننى ھەممە ئادەم  بىلىدۇ، جۈملىدىن بۇ قەھرىمانىمىزمۇ  پۇل بەرسىلا جاننى سېلىپ بېرىدىغان ئەخمەق ئەمەس، ئۇ   بۇ سودا خاراكتېرلىك تەشۋىقاتنىڭ زور بەدىلىنى تۆلەپ سالامەتلىكتىن زىيان تارتقاندىن كېيىن، ئەمدى ئىككىنچى بۇنداق پائالىيەت قىلمايدىغانلىقىنى مۇخبىرغا ئاشكارە دەپتۇ،  بارىكاللا دېدۇق.
«ئادىل ھوشۇر قىزغىنلىقى» ھەقىقەتەن ئۆتمۈش بولۇپ قالدى،  بۇنى ئۇ ئۆزى ھەممىدىن بەك ھېس قىلسا كېرەك.  ئۇ ماھارەتتە، چىدام-غەيرەتتە بارغانچە پىشىپ يېتىلدى، بىراق بۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ تونۇلۇش، تېخىمۇ كاتتا شەرەپ قازىنىشىغا تۈرتكە بولالمىدى.  «پەلەك شاھى» دېگەن نامنى ئالغان بىلەن، جېنس دۇنيا رېكورتى دېگەنلەرگەكۆمۈلۈپ كەتكەن بىلەن داڭقى كونىراپ قالدى، تەسىرى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلىدى، خەلقئاراغا تونۇلۇشتىن يىراقلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا نېمە ئامال، مەسىلە ئۇنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، جەمئىيەتتە. ئادەملەرنى باشقا يېڭى-يېڭى ئىشلار، دۇنياۋى ماسابىقىلەر قىزىقتۇرۇپ تۇرىدۇ، تەشۋىقاتنىڭ كانىيىمۇ شۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ.
40 ياشقا يېقىنلاپ قالغان قەھرىمانىمىز بۇرۇنقىدەكلا  باتۇر، چىدامچان بولسىمۇ، كىشىگە كۈچى، ماھارىتى زايە كېتىۋاتقاندەك، جەلبكارلىقى قالمايۋاتقاندەك، قىممىتى چۈشۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان، «ئەمدى بولدى قىلسىمۇ بوپتىكەن» دېگۈزىدىغان بولۇپ قالدى.  ئەمما ئۇ دارۋازلىق قىلمىسا نېمە ئىش قىلىدۇ؟  نېمە ئىشلارنى قىلالايدۇ؟ بۇنىمۇ ئويلاش كېرەك.  يېڭى ئەۋلاد دارۋازچىلارنى تەربىيىلەش، ئەجداد ئۇدۇمىنى داۋاملاشتۇرۇش يەنىلا ئۇنىڭ ۋەزىپىسى. كىم ئۇنىڭ ئارزۇسى تۈگىدى، ئارمانى قالمىدى دېيەلەيدۇ؟ سەددىچىن سېپىلى، چومۇلاڭما چوققىسى، نىكاراگۇا شاقىراتمىسى… ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
پەرەڭلەردىن چىققان ئەسەبىي دارۋاز
2008-يىلى «دارۋاز»(man on  wire )ناملىق  فىلىم ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ باھالىنىپ، 81-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. فىلمنىڭ باش قەھرىمانى فىلىپ پېتىت فرانسىيىلىك مەشھۇر سېرىكچى، دارۋازلىقتا داڭقى چىققان ”خەتەرلىك سەنئەتكار“ بولۇپ كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ بېغىغا پولات سىم تارتىپ داردا مېڭىشنى مەشىق قىلىدۇ. 1971-يىلى (يەنى ئادىل ھوشۇر تۇغۇلغان يىلى)  پارىژ دىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋىنىڭ ئۈستىگە سىم تارتىپ، قولىغا خادا تۇتۇپ مېڭىپ كوچىدىكى كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ، 1973-يىلى  سىدنېي تىياتىرخانىسىنىڭ ئۈستىگە پولات سىم باغلاپ دارۋازلىق ماھارىتى كۆرسىتىۋاتقاندا خەقلەر ھاڭۋېقىپ،  كوچىدىكى ماشىنىلار ۋە پىيادىلەر توختاپ كېتىپ، قاتناش توسۇلۇپ قالىدۇ، فىلىپ يەرگە چۈشكەندە ئەرۋاھى ئۇچقان ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ سولاپ قويىدۇ. فىلىپ خېلى بۇرۇنلا ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قوشماق بىنا سېلىنىدىغانلىقىنى گېزىتتىن كۆرۈپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ بىنا  ئارىلىقىدا مېڭىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.   فىلىپ ئامېرىكىغا بېرىپ ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىشىنى ھۆكۈمەتمۇ، ئاممىۋى تەشكىلاتمۇ قوللىمايتتى، كىمكى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئاڭلىسا ئۇنى ساراڭغا چىقىرىۋېتەتتى،  ئۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنى  بىنانىڭ ئىچىگە كىرگىلىمۇ قويمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىگە ھەمكارلىشىدىغان بىر قانچە دوست تېپىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ دۇنيا سودا بىناسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىككى بىنانىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى، ئارىلىقى، پولات سىم باغلىغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى…نى كۆزىتىدۇ،  خەرىتە سىزىدۇ، قاراۋۇللار كىرىپ قالسا مۆكۈۋېلىپ، نەچچە سائەت ساقلاپ يېتىپ ئاران قۇتۇلىدۇ. بىناغا ھەر قېتىم كىرگەندە مۇشۇنداق قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىدۇ، دوستلىرى ” بۇنداق ئىگىزلىكتە مېڭىش زادىلا مۇمكىن ئەمەس، فىلىپ، سەن جېنىڭنى سېلىپ بېرىسەن“ دەپ ئۇنى بۇ ئىشتىن ۋاز كەچتۈرمەكچى بولىدۇ، ئەمما فىلىپ ئىرادىسىدىن زادىلا يانماي، ”بۇ ئارزۇيۇم ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسەم مەيلى“ دەيدۇ.  بۇ سەۋدالىق، بۇ ئەسەبىيلىككە ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە  ئامراق خوتۇنىمۇ چارىسىز قالىدۇ، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى ئىرادىسىدىن ياندۇرالمايدۇ.  1970-يىلى دۇنيا سودا بىناسى پۈتىدۇ. قوشماق بىنا ئارىسىغا پولات سىم باغلاشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈنلا ئۇلار  بىنا پۈتۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە بولۇپ 6 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ، فىلىپ ئامېرىكىغا كۆپ قېتىم كېلىپ كېتىدۇ، سەۋرچانلىق بىلەن پۇرسەت كۈتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار 1974-يىلى 8-ئايدا دۇنيا سودا بىناسىغا كېچىدە سوقۇنۇپ كىرىپ، ئىككى بىنا ئارىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىم باغلايدۇ. 1974-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى فىلىپ، بۇ پولات سىم ئۈستىدە مېڭىپ ماھارەت كۆرسىتىدۇ، پەستىكى كىشىلەر بىردىن-ئىككىدىن بولۇپ ئاسمانغا قاراپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ ئاجايىپ كارامەتكە تاڭ قالىدۇ، ساقچىلار ئىككى بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ فىلىپنى تۇتماقچى بولۇپ تەييار تۇرىدۇ. ئۇ ساقچىلارغا تۇتۇق بەرمەي، ئىككى بىنا ئارىلىقىدا قاترايدۇ. ساقچىلارمۇ بۇ ماھارەتكە ھەيران قېلىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالىدۇ، فىلىپ ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ، ئۇ پولات سىمدا ئۇ ياقتىن بۇياققا 8 قېتىم، جەمئىي  45 مىنۇت ماڭىدۇ، ھېرىپ قالسا پولات سىم ئۈستىدە ئوڭدا يېتىپ ماھارەت كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي تۇرۇپ،   450 مېتىر ئىگىزلىكتىكى  پولات سىم ئۈستىدە خادىنى توغرا تۇتۇپ ئوڭدا يېتىشى شۇ قەدەر گۈزەل، مۇكەممەل كۆرۈنۈش بولۇپ،  كۆرگەنلا كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە ھاياجانغا سالىدۇ. ساقچىلار تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ تۇرىدۇ،  فىلىپ داردىن چۈشكەندە ئۇنى تۇتۇپ سولاپ قويىدۇ، بۇ ئىش ئامېرىكىنى زىل-زىلىگە سېلىۋېتىدۇ. فىلىپ ئۆزىنى ئاقلاپ، ئەيبلەشلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ،  ئۆزىنى ”مەن ئىگىزلىكنى بويسۇندۇرغۇچى شائىر “ دەپ ئاتايدۇ.  بۇ ئىش ”ئەسىر خاراكتېرلىق سەنئەتكارلىق جىنايىتى“ دەپ ئاتىلىدۇ.
بىر مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىشىچە، ئادىل ھوشۇر ” ئەگەر 11-سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسا،   دۇنيا سودا بىناسىنىڭ ئۈستىدىن مېڭىپ باققان بولاتتىم “ دەپ ئەپسۇسلانغان.  تېررورچىلار  بۇ قوشماق بىنانى ۋەيران قىلىۋەتكەچكە، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي قالغان.
«پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»
يىللار ئاۋۋال مەرھۇم باتۇر روزى ئادىل ھوشۇرغا بېغىشلاپ «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» دەپ بىر رومان يازغانىدى، روماندا ئادىل ھوشۇرنىڭ 36-ئەۋلاد دارۋازچى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ ھەم ئۇنىڭ جەددى جەمەتىنىڭ دارۋازلىق ماھارىتى چۆچەكسىمان شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ، دارۋازلىقنىڭ يۈكسەك قاراملىق، جانبازلىق بولۇپلا قالماي، تەن بىلەن روھنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ھاياتلىق ۋە ئاخىرەتتىكى ئېغىر سىناقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن ئىزاھلىنىدۇ. بىزنىڭ يازغۇچى شائىرلىرىمىز مۇبالىغە قىلىشقا، ئاشۇرۇۋېتىشكە ئاجايىپ ھېرىسمەن، جۈملىدىن باتۇر روزىمۇ داردا مېڭىشنى پىلسىراتتىن مېڭىشقا ئوخشىتىپ زىيادە مۇبالىغە قىلىۋەتكەن. ھەدىستە تىلغا ئېلىنىدىغان پىلسىرات «قىلدىن ئىنچكە، قىلىچتىن ئۆتكۈر» يول بولۇپ، ئىككى ئېگىزلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا تارتىلغان پولات سىمغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەشھۇر ئۇلىما ئائىز ئەلقەرنى يېقىندا مەشھۇر بولغان  «غەم قىلما» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: ”يول ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى مەنىۋى يول، يەنە بىر ماددىي يول. مەنىۋى يول ھىدايەت ۋە ئىمان يولىدۇر. ماددىي يول بولسا قىيامەت كۈنىدىكى پىلسىرات يولىدۇر.  ئىمان يولى شەھۋەت ئېزىتقۇلىرى بىلەن تولغان بۇ دۇنيا ئۈستىگە سېلىنغان، ئاخىرەتتىكى پىلسىرات يولى يانتاق تىكەنلىرىدەك نەشتەرلىك بولۇپ، ئۇ جەھەننەم ئۈستىگە سېلىنغان. بۇ دۇنيادىكى يولدىن ئىمانى بىلەن ئۆتۈپ كېتەلىگەن ئادەم ئۇ دۇنيادىكى يولدىنمۇ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. ئىنسان توغرا يولغا كىرسە ئۇنىڭ غەم-قايغۇلىرى ۋە ئەندىشىلىرى يوقايدۇ“.
دېمەكچىمىزكى، بۇ دۇنيادا پولات سىمدىن بىمالال مېڭىپ ئۆتەلىگەن دارۋازلارنىڭ ئاخىرەتتە پىلسىراتتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىشى ناتايىن.  بۇ پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە، ئاندىن قالسا شۇ ئىنساننىڭ ئىمانى ۋە ئەمەلىگە باغلىق.
”پەلەك شاھى“ ۋە ئۇنىڭ ھەقەمسايىلىرى ھەر قېتىم داردا ماڭغاندا بەلكىم خەتەرنى، ئۆلۈمنى ئويلاپ ماڭىدۇ، ئاللاھتىن ئاسانلىق تىلەيدۇ، چۈنكى ئۆلۈم ئۇلارغا شۇ قەدەر يېقىن، سەللا بىخۇتلۇق قىلسا جېنىدىن ئايرىلىدۇ ياكى ئۆمۈرلۈك پالەچ بولىدۇ. 1990-يىلى  ئادىل ھوشۇر شاڭخەيدە ماھارەت كۆرسىتىۋاتقاندا ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كېتىپ 21 مېتىر ئىگىزلىكتىن يىقىلىپ چۈشۈپ 17 يېرىدىن سۇنىدۇ ۋە شاڭخەيدە داۋالىنىپ ساقىيىدۇ. بۇ ئايرىم ئەھۋال.  10يىللار ئاۋۋالغۇ دەيمەن، كورلىنىڭ باشئەگىم ۋادىسىدا رەيھانگۇل داردىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، بۇ ھەقتە باتۇر روزى «شۇڭقار بولغان خانىكە» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات يازغان.  «داردىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەنلەر» نى توردىن ئىزدەپ باقسام بىر قېرى چەتئەللىك چىقتى، رەيھانگۇل ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.
دار ئۈستىدە خادا تۇتۇپ مېڭىۋاتقان دارۋازلالا خەتەر ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالمايلى، كەڭ يولدا كېتىۋاتقان، ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقان، ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان  ھەر ئادەم ئۆلۈمگە، مۇسىبەتكە شۇنچە يېقىن، پەقەت غەپلەتلا بىزنى ئەللەي ئېتىپ تۇرىدۇ.
ھەر جان ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، فەزلى-كەرەمى بىلەن ئۇچىدۇ، ئۇنى ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ.
ھايات قالغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەن دارۋازلار بىزگە ئاخىرەتتىكى پىلسىراتتىن بېشارەت بېرەلمەيدۇ، پەقەت بۇ دۇنيادا ھوش-كاللىمىزنى يىغىپ، تەن بىلەن روھىمىزنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، غەپلەتتىن يىراق ھالدا تۈز، توغرا مېڭىشىمىزنىڭ  زۆرۈرلىكىنى، شۇنداقلا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ پەيزىنى، باتۇرلۇق، قاراملىقنىڭ ئۆزگىچە كارامىتىنى سمۋوللۇق ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
PengiYar:
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
Erturk:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
PengiYar:
ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ سىز مەن قالدۇرغان ئادرېس بويىچە "داڭلىق" تور بېكىتى مۇنازىرىسىدىكى "ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟" دېگەن تېمىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەمدى بىر پىكىرلىشىپ باقايلىچۇ.سىز ئاۋۇ مۇنازىرىگە چۈشكەن تېمىلارغا نىسبەتەن قانداق قاراشتا؟ مېنىڭ بۇرۇندىنلا سىز بىلەن شۇنداق بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى.
Erturk:
مەن ئۇ تېمىنى باشتىن ئاياغ كۆرۈۋاتىمەن، ئەمما مۇنازىرە نورمال داۋاملاشسىكەن دەپ ئوتتۇرىغا قىستۇرۇلۇپ كىرمىدىم، ئەدەبىيات ھەققىدىكى پاراڭلارنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ، كىمنىڭ پىكرىگە قايىل بولسام شۇنى قوبۇل قىلىمەن. سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىز ئادەتتىكى پىكىرلەر، مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ نەق گېپىڭىزنى دېمەيسىز، ناتونۇش بولغان بولساق راست گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقاتتى.
PengiYar:
بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئەمدى، قاقباشدەك گەپ قىلىسىزغۇ، ھاھا... مەن بۇنداق مۇنازىرىلەرنىڭ  ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە كاشىلا بولۇشىنى خالىمايمەن، مەن ئادەتتە سىزنى ھۆرمەت قىلىدىغىنىم راست، لېكىن بۇنداق مۇنازىرىدە بۇ مۇناسىۋەت كاشىلا بولسا توغرا بۇلارمۇ؟ سىزنىڭچە قانداق قارايسىز؟
Erturk:
ئاشۇ ھۆرمەت سىزنىڭ ھەقىقىي گېپىڭىزنى توسۇپ قويىدۇ.
PengiYar:
ئاۋۇ چاقچاق گېپىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ يەنە، سىزدەك ھاجىملارغا بۇنداق تۇزكورلۇق قىلىپ تىل تەگكۈزۈشكە ھەددىمىز ئەمەس، لېكىن مۇنبەردە مەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاياش دېگەننى ئويلاپ باقمىدىم، مەن كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنىنى تېخى ئوقۇپ باقمىدىم، لېكىن مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىمنى ئاۋۇ دىيارىمنىڭ باشقۇرغۇچىسى ناھايىتى مېغىزلىق قىلىپ يىغىنچاقلاپتۇ، شۇڭا مەن ئاشۇ ئىنكاسنى قايتا يوللاپ قويدۇم.
Erturk:
سىز تىرىشچان بالا، ئەدەبىياتتىن مەخسۇس تەلىم ئالماي تۇرۇپ ئەدەبىياتنى خېلى چۈشىنىسىز. ئەمما بەزىلەر ئەرزىمەس ئىشلارنىمۇ مىللەتپەرۋەرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئۆزىنى قىيناۋاتىدۇ.
PengiYar:
مەن پەقەتلا بىر مەسىلىگە يولۇقسام ئىزچىل ئىزدىنىمەن، تاكى شۇ مەسىلىنى ئاچقۇچىنى تاپقانغا قەدەر.
شۇڭا دەيمەن سىزمۇ دادىل پىكىر قىلىپ ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىشىڭىز كېرەك. توغرا دەيسىز ، مەن ئەدەبىياتچى ئەمەس، شۇڭا بەزىدە گەپ سۆزلىرىم بەك گۆدەكلەرچە، كۈلكىلىك چىقىشى مۇمكىن. نېمە بولدى؟ گەپ قىلمايسىزغۇ؟
Erturk:
مەن بۇ مۇنازىرىگە ئارىلىشىپ قالسام ئۆزۈمنى ئاقلىسام بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇنچە ئىجادىيەت نەزەرىيىلىرىنى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇلارغا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى چۈشەندۈرۈپ «مېنى توغرا چۈشىنىڭلار» دەپ يېلىنسام بولىدۇ، مەن بۇنداق قىلىشنى خالىمايمەن. ياكى ئۆزۈمنى دادىل تەنقىدلەپ كەمچىلىكىمنى بوينۇمغا ئالسام بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ئاسان، ئەمما بۇمۇ بىر ياسالمىلىق.
PengiYar:
بىزدەك بىلىمى يوقلار ئۈچۈن بىلىم سورۇنى تەييارلاپ بەرمەمسىز
شۇ باھانىدە بىزمۇ ئاز تولا نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالساق زىيىنى بولماس؟
Erturk:
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتەي، مۇشۇ پاراڭلىرىمىزنى كۆچۈرۈپ داڭلىقتا ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ، ئەمما مەن مۇنازىرىگە كىرمەيمەن.
PengiYar:
شۇنداقمۇ؟ مەن شۇنداق قىلايمىكىن دەپ ئويلىغان، لېكىن سىزنىڭ قارشى تۇرۇشىڭىزدىن ئەنسىرەپ سىزگە ئېغىز ئاچمىغان ئىدىم. بەك ئاتىكارچى ئىكەن دەپ قالمىسۇن دەپ، راستىنى دېسەم، سىزگە چ چ دا پاراڭلاشماي م س ن دەپ پاراڭلىشايلى دېيىشىممۇ شۇ سەۋەبتىن ئىدى، قارىغاندا مەقسىتىمنى چۈشىنىۋاپسىزدە!
Erturk:
مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى سېرىق دەپ كەلگەنلەر بۈگۈنلا پەيدا بولغان ئەمەس، بۇرۇنمۇ «ئىزدىنىش»، «ئىجادىيەت»، «سۇمۇرغ» دېگەن تور بېكەتلىرىدە شۇ ھەقتە گەپلەر بولغان.
PengiYar:
ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ قالغان ئىدىم: «ئەنۋەركام نېمە ئۈچۈن دائىم مۇشۇ جىنسىيەت تېمىسىنى چۆرىدەپ ئەسەر يازىدىغاندۇ» دەپ.
Erturk:
ھەممە ئەسەردە ئاز-تولا جىنسىيەت تېمىلىرى بولىدۇ، مۇھەببەتمۇ ماھىيەتتە جىنسىيەت تېمىلىرىغا كىرىدۇ. «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ؟» دېگەن ماقالەمدە بۇ ھەقتىكى  كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم، ئەسەرلىرىمنى سېرىق دېگۈچىلەرگە كۆز قاراشلىرىمنى بايان قىلغانىدىم، بىراق كۆپىنچىلەر ئۇ ماقالىنى كۆرمىگەندەك، كۆرگەنلەرمۇ تازا چۈشىنەلمىگەندەك قىلىدۇ.
PengiYar:
مەن بۇ ماقالىنى كۆرمەپتىكەنمەن.
Erturk:
بلوگىمدا تۇرمامدۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بىلوگىمنى تېخنىكىلىق باشقۇرۇش بىلەن بولۇپ، ئەسەرلىرىمگە دىققەت قىلماپسىز دەڭا.
PengiYar:
ۋاي بۇنىڭغا نەدىكى ۋاقىت دەيسىز، مەن شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىۋاتسام، شۇ ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن شۇنداق بولۇۋاتمامدۇ، نېمە بولدى؟ يەنە توختاپ قالدىڭىزغۇ؟ ياخشى سۆزلەۋاتقان ئىدىڭىز.
Erturk:
«زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دېگەن ئەسەر تالىپلار، ئىچكىرىدە ئىشلەۋاتقان قىزلار، تاشچىلار، ئازغۇنلار، ھىدايەت تاپقۇچىلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر، ئەگەر ئۇنىڭدىن سېرىق مەزمۇن ئىزدىگۈچىلەر بولسا ئۆزىگە چۇشلۇق نېسىۋە ئالالايدۇ. بەزى تەسۋىرلەر ئۇلارغا ياقىدۇ، ئۇ ئەسەردىن كىچىككىنە شۇنداق مەزمۇن بايقاپ قالسا ئولتۇرالماي كېتىدۇ.
PengiYar:
شۇنداق، مەنچىمۇ بۇ ئەسەرنى «سېرىق» نۇقتىسىغا تارتىپ چىقىرىش تۈپتىن خاتا.
Erturk:
مەن نۇرغۇن تەسۋىرلەردىن ئاتلاپ كەتتىم، «جىنسىيەتنى يازىدۇ» دەيدىغان ياغلىق قاپاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى باشتىن ئاياغ سەگەك تۇتتۇم، ئەمما بەزىدە ئۆزۈمنى چۈشەپ قويغۇم كەلمىدى، ئەسەر ۋەقەلىكىنى، پېرسوناژ خاراكتېرىنى چىقىش قىلدىم، پېرسوناژ دېگەن تىرىك ئادەم-دە، گۇناھ ئۆتكۈزەلەيدىغان ئادەمنى پەرىشتىدەك يېزىپ قويسىڭىز بولامدۇ؟
PengiYar:
مەن ئىزچىل ھالدا «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» نى مەن تونۇيدىغانلا ئادەمگە تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
مەنمۇ «ھايات چاقچىقى» نى يېزىپ ئازراق قىسمىغا كەلگەندە «بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، مۇئەللىملەرگە قارا چاپلاپسەن» دېگەندەك پىكىردە بولغانلارمۇ بار. ئەمما مەن ئۇ ئەسىرىمدە ئىنسان دىلىنىڭ ئىنژېنېرى بولغان مۇئەللىملەرنىڭ كۆپ گەپلىرىنى دەل باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بەرمىسۇن دەپ قەستەن يازمىغان. مەن پەقەت ئاز تولا يېزىپ قويسام بېزىلەر بۇنىڭغا قارىشى پىكىردە بولغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ سۆزلەر مەن ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاندىن قەلەم تەۋرەتكەن .
Erturk:
بۇ ئەسەر جەمئىيەتتە ئاز-تولا غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن زىيالىيلاردىن ئەمەس، تالىپلاردىن ياخشى ئىنكاس كەلدى، ئەگەر ئۇلار بۇ ئەسەرنى شەھۋانىي ئەسەر دەپ قارىغان بولسا تۈكۈرۈپ تاشلىغان بولاتتى. بەزى تالىپ بالىلار ھەتتا ماڭا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئاجايىپ بەلەن كەچمىشلىرى بارلىقىنى، يېزىپ چىقىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
PengiYar:
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق، تۇرمۇشنىڭ ھەممە كارتىنىسىنى يېزىش كېرەك، ھازىرغىچە تالىپلار ھەققىدە بىرەر ئەسەر يېزىلمىغان، سىز بۇ بوشلۇقنى تولدۇردىڭىز.
Erturk:
مېنىڭ بەزى ئەسەرلىرىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ئەسەرلىرىمدىكى جىنسىيەت تېمىسى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك دېيىلسە ئادىللىق بولمايدۇ. بىر ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشى جىنسىيەتتىن باشقا بەزى ئامىللارغىمۇ باغلىق، مەسىلەن: بۇ ئەسەر جەمئىيەتتىكى چوڭقۇر، سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرەلىدىمۇ يوق؟ ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى چىنلىققا قانچىلىك ئۇيغۇن؟ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى قانچىلىك پۇختا، بايانلىرى، تىلى
قانچىلىك راۋان، كىشىگە بەخش ئېتەلىگەن ئېستېتىك زوقى قانچىلىك؟... دېگەندەك.
PengiYar:
شۇنداق، مەن ئەدەبىياتنى ئىلگىرى چۈشەنمەيتتىم، لېكىن ھازىر بۇنىڭغا بولغان چۈشەنچەم بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەدەبىيات ھەقىقەتەن بىر چوڭ تېما. بۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچى، تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش كۈچى ھەرقانداق بىر ۋاسىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، مەن شۇ ۋەجىدىن بۇ ئەدەبىيات ساھەسىگە ئاستا ئاستا بىلىپ بىلمەي باغلىنىپ قېلىشقا باشلىدىم. بەلكىم بۇ دەل سىزدەك، جالالىدىن بەھرامدەك، روزى سايىتتەك ئۆتكۈر پىكىرلىك ئۇستازلارنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك. مەن جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، ئۇنىڭمۇ بەزى ئەسەرلىرىدە ئوچۇق سۆزلەر بەك كۆپقۇ. ئەقەللىيسى «ئامەت ۋە ئاپەت»نى تىلغا ئالساقمۇ بۇنىڭدا جىنسىيەت ھەققىدىكى تەسۋىرلەر بەك ئىنچىكە بەك تەپسىلىي يېزىلغان، مەن ھەر قېتىم كىتابخانىغا بارسام بۇ كىتابنىڭ تىراژىغا دىققەت قىلىمەن، ئالدىنقى قېتىم قارىسام بۇ كىتابنىڭ تىراژى 15000 دىن ئېشىپتىكەن.
Erturk:
سىز داڭلىقتا پىكىر بەرگەندەك، ئەسەرلىرىم ۋە بۇ ھەقتە بولۇۋاتقان گەپلەرنى چىقىش قىلىپ سوئال سورىمامسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كەتسىڭىز بىزنىڭ پارىڭىمىز ئوڭ-تەتۈر بىر نېمە بولۇپ چىقىدۇ، ئىزچىللىق بولمايدۇ.
PengiYar:
نېمە ئۈچۈن جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىمۇ شۇنچە تەسىر قوزغايدۇ؟ بۇ دەل جالالىدىن بەھرام تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغىچە ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ،  شۇڭا دېمەكچى، سىزنىڭ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دېگەن ئەسىرىڭىزمۇ دەل مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
Erturk:
ئەگەر بۇ سۆھبەتنى داڭلىقتا رەتلەپ ئېلان قىلدۇرىمەن دېسىڭىز سۆھبىتىمىز تەرتىپلىك، قىزىقارلىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
PengiYar:
شۇڭا ئۇ مۇشۇنداق يۇقىرى تەسىر قوزغىيالىغان دېمەكچى، ماقۇل مەن دىققەت قىلاي.
ئەمىسە مەن ھەقىقى تېمىغا ئۆتەي:
1. سىزنىڭ مۇشۇ ز«ىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» ناملىق ئەسىرىڭىز توردا شۇنچە تەسىر قوزغىغاندىن كىيىن سىز نېمە ئۈچۈن يەنە شۇ جىنسىيەت تېمىسى بولغان «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دېگەن ئەسەرنى يازىسىز؟ يەنە كېلىپ بۇ ئەسەرمۇ ھەجىم جەھەتتىن بەك زور بولغان بىر ئەسەر، مېنىڭچە ھازىرغىچە توردا بارلىققا كەلگەن ئەڭ چوڭ ھەجىملىك ئەسەر دەل سىزنىڭ بۇ ئىككى ئەسىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن. چۈشەنچە بەرسىڭىز؟ سىزنىڭ بۇنداق تېمىدا ئەسەر يېزىشىڭىز قانداقتۇر بىر توردا ئابرۇي قوغلىشىش، ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىڭىزگە جەلپ قىلىش ئەمەستۇر؟ ئەگەر بۇنداق دەپ قارالسا مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ئەگەر ئوقۇرمەن قوغلاشتى دېيىشكە توغرا كەلسە، مېنىڭچە سىز «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» ناملىق ئەسىرىڭىز ئارقىلىق  تور ساھەسىدىكى ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ بولغان، بۇنىڭغا يەنە ئوقۇرمەن قوغلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.
Errurk:
ھەر قانداق ئادەمدە شۆھرەت تەمەسى بولىدۇ. مەندىمۇ شۆھرەت تەمەسى بار، بەلكى ھېچكىمنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، بولۇپمۇ مەندە توردىن پايدىلىنىپ نام چىقىرىش سەۋداسى خېلىلا كۈچلۈك، شۇنداقلا تور دېگەن بۇ نىسبىي ئەركىن مەيداندا ئۆز خاسلىقىمنى كۆرسىتىۋېلىش، مەتبۇئاتتا دېيەلمەيدىغان گەپنى دەۋېلىش، مەتبۇئاتقا ئۆتمەيدىغان سەزگۈر تېمىلارنى يېزىش غايەم ئاجايىپ يۈكسەك. شۇنداقتىمۇ مەن ئاخىرەت يۇرتىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ھاجى بولغاچقا ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە ئالدىنىپ قېلىشنى خالىمايمەن. ئەسلى گەپكە كەلسەك، رومانلىرىمنىڭ بىرىدە «زىنا، قىز»، بىرىدە «چىرايلىق خوتۇن» دېگەندەك جىنسىي ئىبارىلەر بولسىمۇ، ئەسەر مەزمۇنىدا جىنسىيەت تېمىسى ھەل قىلغۇچ ئورۇندا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساسىي نىشان قىلىنغان. بىر ئەسەرنى 100 ئادەم ئوقۇسا يۈز خىل تەسىرات ئالىدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ خىلمۇ خىل قاراشلىرىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مەن ئەدەبىياتنى يۈزەكى چۈشىنىدىغانلارنىڭ پىكرىنى ئەمەس، ئەدەبىياتنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغانلارنىڭ باھاسىغا دىققەت قىلىمەن، ئەگەر ئۇ ئەسەرلەر نوقۇل ھالدا باشقىلارنى جىنسىيەتكە قىزىقتۇرۇش، ئۇلارنى ھاياجانلاندۇرۇش ئۈچۈن يېزىلغان دېيىلسە توقۇناق تۆھمەت بولىدۇ، ئەدەبىي ئەسەردىن پەقەت سېرىق مەزمۇن ئىزدەيدىغان، ئېستېتىك زوقلىنىش سەۋىيىسى تۆۋەن ئادەملەرلا مۇشۇنداق پىكىر قىلىشى مۇمكىن..
PengiYar:
تۈگىدى؟
Erturk:
مەن ئەسەر يېزىپ ئۇلارنى ھاياجانلاندۇرمىساممۇ ئۇلار خالىسا توردىن سېرىق فىلىملەرنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىۋېرىدۇ. مەن ئۇنچىلىك دۆت ئەمەس، ئىجادىيەت مۇددىئايىم ئايدىڭ، ئوقۇرمەنلەرگە نېمىلەرنى تەقدىم قىلىشنى، ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نېمىلىكىنى ھەر ھالدا بىلىمەن..
مەن ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىنى ھەر قانچە ئىنچىكە تەسۋىرلەپ ئەسەردىن سېرىق مەزمۇن ئىزدەيدىغانلارنى ھاياجانغا سېلىۋەتسەممۇ ئۇنىڭ ئۈنۈمى بەرىبىر سېرىق فىلىم كۆرگەنگە يەتمەيدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى باشقا. يەنە كېلىپ، ئەسەرلىرىمدە ئۇنداق يالىڭاچ تەسۋىرلەر يوق دېيەرلىك، نېمىنىڭ يالىڭاچ تەسۋىر بولىدىغانلىقىنى كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەر تېخى بىلمەيدۇ، ئۇنداق ئەسەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
PengiYar:
بۇ يەردە ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى توغرىلىق گەپ چىقىپ قالدى، سىز مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بېرەمسىز؟ بىزدەك بىلىمسىزلەرنىڭ تەشنا قەلبىگە ئازراق ئوزۇقلۇق بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
Erturk:
ئەدەبىياتنىڭ مەقسىتى سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرىگە ئوخشاش كىشىگە ئېستېتىك زوق بېغىشلاش، قوشۇمچە ھالدا ئادەملەرنىڭ دۇنيا قارىشىغا، گۈزەللىك ساپاسىغا، ئەخلاق ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىش.
PengiYar:
رەھمەت، مەن سىزنىڭ يېتەكلىشىڭىزدە قارىغاندا راستىنىلا بىر ئەدەبىياتچى بولۇپ قالىدىغاندەك قىلامدىمەن نېمە؟ مۇنبەرگە ھايات چاقچىقىنى يوللىسام تورداشلار مېنى سىز ئەنۋەر ھاجىنىڭ ئىنىسىمۇ؟ دەپ ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ. ئەگەر ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولغان بولسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.نېمە بولدى؟ يەنە توختاپ قالدىڭىزغۇ؟ تۈگىدىمۇ؟مەن داۋاملىق سوئال قويسام بولامدۇ؟
Erturk:
مەنچە، ئەدەبىيات ئادەمشۇناسلىق بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي ھالىنى يېزىش كېرەك. ئەدەبىي ئەسەر يېزىقچىلىقى ئوبراز يارىتىش سەنئىتى بولۇپ، ئەسەردىكى ئوبراز ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، ئوقۇرمەنلەرمۇ شۇنىڭغا قىزىقىدۇ. مەن «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دا سېيىت قارى، زۆھرە، تاھىر قارىنى، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دا ياسىن، رەيھان ۋە ھاشىم دوغىلاقنى ئوقۇرمەنلەرگە خېلى ياخشى تونۇتالىدىم دەپ ئويلايمەن، ئەگەر ئوقۇرمەنلەر ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپلا ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەتسە مەن بۇ يېزىقچىلىقتا مەغلۇپ بولغان بولىمەن..
PengiYar:
قارىغاندا مەن ۋاقىت ئاجرىتىپ «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى»نى تۇلۇق ئوقۇپ چىقسام بولغۇدەك.
Erturk:
«كاۋاپچىنىڭ خوتۇنى» نى نېمىشقا يېزىپ قالدىڭىز؟ دەمسىز، بۇرۇندىن شۇنداق بىر كاۋاپچىنى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى يېزىشنى ئويلىغاچقا يازدىم. ئىچكىرىدىكى تالاي كاۋاپچىنىڭ تۇرمۇشىدىن، دەرت-ئەلەملىرىدىن، خۇسۇسىي كۈرەشلىرىدىن بىر كارتىنا سىزاي دەپ يازدىم.
ئۇ ئەسەرلەردىكى جىنسىيەتكە سەزگۈر بولۇپ كەتكەنلەر ئۇ ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار، ئۇلار ئۇچرىغان ئىشلار، ۋەقەلىكلەر ھەققىدە نېمىشقا يېتەرلىك ئويلانمايدۇ، نېمىشقا ھە دېسىلا ئەسەرنىڭ يۈزدە 20 پىرسەنتىگە يەتمەيدىغان جىنسىيەت مەزمۇنلىرىغا تاقىشىپ تۇرۇپ قالىدۇ؟ مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى كۆرۈپ كوچىغا چىقىپ كەتكەن قىزلار بارمىكەن؟ كوچىدىكى بۇزۇق قىزلار ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇمدىكەن؟
ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى جىنسىيەت ئەسەرلىرىنى ئوقۇپلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، مىللەتكە خەۋپ يېتىدۇ دېسە باشقىلار كۈلمەمدۇ؟ بۇنداق بىمەنە چۈشەنچە ئەمەلىيەتتە مىللەتكە قىلىنغان ھاقارەت ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ ئەسەرلىرىم جىنسىيەت تېمىلىرى بىلەنلا بازار تېپىپ كەتكەن بولسا بۇمۇ بوپتۇ، ئەگەر زۆرۈر تاپسام مەن يەنە داۋاملىق مۇشۇ تېمىنى يازىمەن، ئۇيغۇرنىڭ جىنسىي ئېڭىنى قازىمەن، دەردمەن قىز-جۇۋان، مەزلۇم مىجەز ئەركەكلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاختۇرىمەن..
PengiYar:
پىكرىڭىزنى قۇۋۋەتلەيمەن، مەن ھېلىھەم ئاۋۇ تېمىغا دىققەت قىلىۋاتىمەن، داۋاملىق تەلىم بەرگەيسىز
Erturk:
جىنسىيەت شۇنچە مەينەت تېمىمۇ؟ بىر تورداش توغرا دەپتۇ، جىنسىيەت دېگەنلىك شەھۋانىيەت دېگەنلىك ئەمەس. «ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟» دەپ تېما يازغان تورداش يازغۇچىلاردىن ئاغرىنىپ «نېمىشقا چوڭ كىچىك تەرەت قىلغاننىمۇ تەپسىلىي يازمايسىلەر، ئۇنىڭ جىنسىيەت بىلەن نېمە پەرقى؟» دەپتۇ، بۇنىڭ پەرقىنى بىلەلمىسىڭىز بۇ ھەقتە بىلجىرلىماڭ. جىنسىيەت روھىيەت ئىلمىگە چېتىلىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرەت پەقەت ئاشقازىنىڭىزغا چېتىلىدۇ.
PengiYar:
بۇ تېمىغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلار ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ، بىز چوقۇم كۆپرەك ئويلىنىشىمىز،  كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك. ھازىر قارىسام بۆ تېما ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلىشقا قاراپ راۋاجلىنىۋېتىپتۇ. مەن بۇ تېمىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
Erturk:
جىنسىيەت تېمىسى پەقەت بىر تېما، شەھۋانىيلىق، سېرىق مەزمۇن دېگەنلەر ئەسەر ئىچىدىكى بايان، تەسۋىر. بەزىلەر بۇنىڭ پەرقىنى بىلەلمەي قارىسىغا سۆزلەۋېرىپتۇ. ئۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ بۇ تېمىنى چىقارغان تورداش دەسلەپتە «ئەرلەر ھوقۇققا، پۇلغا، شەھۋەتكە ئىنتىلىدۇ» دېگەندەك قالتىس پاراڭلارنى سالغان بولسىمۇ ئاخىرىدا جىنسىيەت بىلەن چوڭ-كىچىك تەرەتنى بىر-بىرىگە باغلاپ،  ئەسلى گېپىدىن قېيىپ كېتىپتۇ، ئىلمىيلىكىنى ساقلىيالماپتۇ.
PengiYar:
شۇنداق، بەزىلەرنىڭ باشتىكى ئىنكاسى بىلەن ئاخىرىدىكى ئىنكاسى ئۆز ئارا زىت بولۇپ قالغان.
Erturk:
كوچىدىن بىر سەتەڭ ئۆتسە يول بويىدا تۇرغان ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ ئۇ سەتەڭ ھەققىدە قىلىدىغان خىيالى ئوخشامدۇ؟ ئۇيغۇرنىڭ جىنسىي ئېڭى باشقا مىللەتنىڭكىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن خۇيزۇ قىزنىڭ پاكلىق ئېڭىنى سېلىشتۇرسا، قايسىسى كۈچلۈك؟ ماڭا بىرى «خۇيزۇ قىزلاردىن ئاسانلىقچە پاھىشە چىقمايدۇ» دېدى. ئەگەر مەن مۇشۇ تېمىنى يورۇتۇپ، سېلىشتۇرما جىنسىي ئاڭنى چۆرىدەپ ئەسەر يازسام سېرىق بولامدۇ؟
Pengiyar:
ياق، مېنىڭچە بۇ سېرىق بولمايدۇ، ئەكسىچە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئەسەر بولىدۇ، بولسا ئەمدى يازماقچى بولغان ئەسىرىڭىز مۇشۇ ھەقتە بولسا دەيمەن. خۇددى يالقۇن روزى بىز قاچانلاردىن بىرى ناخشىچى بولۇپ ئاتالدۇق؟ دەپ ئەسەر يازسا باشقىلار ھازىر مۇشۇ سەنئەتكە باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا سىزنىڭمۇ بۇنداق پىكىرلەردىن ئۆزىڭىزنى تارتماي بولسا مۇشۇ خىل تۇرمۇشتىكى يامراپ كېتىۋاتقان چوقۇم ئالدىنى ئىلىش كېرەك بولغان تېمىلار ھەققىدە كۆپرەك قەلەم تەۋرىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
Erturk:
ئۇيغۇردا نېمىشقا سەت، سېقىمە گەپلەر تولا؟ جىنسىي ئوخشىتىشلار نېمانچە كۆپ، سېرىق پاراڭلار بولمىسا نېمىشقا سورۇن قىزىمايدۇ؟ نېمىشقا تېۋىپلار ھە دېسە باھنى قۇۋۋەتلەشنى دەسمايە قىلىۋالىدۇ؟ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان تۇرۇپ نېمىشقا زىنادىن قورقمايدۇ؟ ئەر-خوتۇنلار نېمىشقا ئاسان ئاجرىشىدۇ، بۇزۇقچىلىق نېمىشقا ئەدەپ كېتىدۇ؟ ئەرلەر نېمىشقا لاتىلىشىپ كەتتى؟ كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسى نېمىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى؟...
بۇلار ئادەمنى نېمىشقا ئويلاندۇرمايدۇ؟ ياكى شاللاق يازغۇچىلار بۇنى نورمال ئەھۋال دەپ چۈشىنەمدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر چوقۇم يېزىلىشى كېرەك، ئۇيغۇرنىڭ ئاينىپ كەتكەن، بۇزۇلغان، چىرىگەن، توغرا ئىزغا سېلىنمىغان جىنسىي ئېڭى چوڭقۇر يورۇتۇلۇشى كېرەك، مەن تېخى بۇ تېمىلارنىڭ بىرەرىگىمۇ راۋۇرۇس تېگىپ باقمىدىم، يازغانلىرىم ئەسلى رېئاللىقتىن كۆپ گۈزەل، كۆپ ياسالما.
شۇنداق تۇرۇپ سېرىق مەزمۇن ئارقىلىق بازار تاپقان ئاپتور بولدۇم، شۇنداق بولدۇممۇ؟ قانچىلىك ئادەم شۇنداق قارايدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسى ھەر خىل، ئەگەر بۇ باھالار ئىچىدىن لىللا، ئەھمىيەتلىك پىكىر، تەۋسىيىلەرنى بايقىسام چوقۇم قوبۇل قىلىمەن. ئەمما ئادالەتسىز باھا، بىر تەرەپلىمە قاراش، ساپاسىز پاراڭلارنى ئۆتكۈنچى غەيۋەت دەپ بىلىمەن. سۆزۈم تۈگىدى.
PengiYar:
رەھمەت سىزگە، كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم. مەن بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى رەتلەپ چىقىپ (ئەلۋەتتە ئەسلى ۋارىيانتىنى ساقلاپ قالىمەن) تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سوناي
Erturk:
ئەدەبىيات ھەققىدە تۈزۈك مۇنازىرىلەر بولمايۋاتىدۇ، «ئىزدىنىش» تىكىلەرنى ئەسلەپ قالدىم
PengiYar:
مەن ئۇزۇندىن بىرى سىز بىلەن مۇشۇنداق بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ زادى پۇرسەت بولمىغان (بەلكىم ئىسىڭىزدىدۇر، ئۆيىڭىزگە بارغاندا بۇ ھەقتە سۆز ئاچقانغۇ دەيمەن) بۇ قېتىم ھەقىقەتەن بىر ياخشى  سۆھبەت بولدى.  مەن بۇنىڭ ئەسلى ۋارىيانتىنى ساقلاپ قالدىم.
Erturk:
دەيدىغان گەپ جىق، ئەمما ئۆزۈمنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئالغۇم يوق.
PengiYar:
بولىدۇ، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولغاچ تۇرسۇن، قالدى گەپنى بىز ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرەرمىز، سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ سۆھبەتكە ماسلىشىپ بەرگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
تۈنۈگۈن بىر خەۋەر كۆرۈپ قالدىم، نەنجىڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دوتسېنت ما شاۋخەي قاتارلىق 22 ئادەمنى «توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن سوتلاپ، 3 يىل ئەتراپىدا قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىپتۇ. 53 كە كىرىپ قالغان ما شاۋخەي نەنجىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، باشقىلىرى شۇ شەھەردىكى «خوتۇن ئالماشتۇرۇش كۇلۇبى»نىڭ ئەزالىرى ئىكەن.  ئۇلار 2007-يىلى 7-ئايدىن  2009-يىلى 8-ئايغىچە توردا ئالاقىلىشىپ، 35 قېتىم يىغىلىپ، «خوتۇن ئالماشتۇرۇش ئويۇنى» ئوينىغان، 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بىر مېھمانخانىدا قولغا چۈشۈپ، 2010 يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە مەخپىي سوتلانغان.  سوتلاش جەريانىدا ما شاۋخەيدىن باشقا 21 ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئالغان، بىراق ما شاۋخەي گۇناھىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلماي: ” قانۇنلۇق نىكاھ قايناق سۇغا ئوخشايدۇ، ئىچمەي بولمايدۇ؛  ئەمما خوتۇن ئالماشتۇرۇش ياخشى ھاراققا ئوخشايدۇ، خالىغانلار ئىچىدۇ، خالىمىغانلار ئىچمەيدۇ“ دەپ تۇرۇۋالغان.  بۇ قىلمىشقا قارىتا سوت مەھكىمىسىدىكلەرمۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ خېلى تالاش-تارتىش قىلىشقان. ئاخىرىدا ئەنئەنىۋى تەرەپدارلار غالىپ كېلىپ جىنايەتچىلەرنى قانۇنىي جازاغا تارتقان، ما شاۋخەي گۇناھىنى تونۇماي جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا باشقىلاردىن ئېغىرراق كېسىلگەن. بۇلار «توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى» ماددىسى تۈزۈلگەن 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئادەملەر ئىكەن.  ما شاۋخەي ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قېرى، ئەڭ ئابرۇيلۇقى بولۇپ، بۇ ئىشقا باش بولۇپ چېتىلىپ قالغاچقا جەمئىيەتتە كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.  بەزىلەر ” ما شاۋخەي بىر لۈكچەك، جازاسى يېنىك بولۇپ قاپتۇ، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىغىلا ئەمەس، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان  قانۇنغىمۇ خىلاپلىق قىلدى“ دېيىشسە،  بەزىلەر ” ما شاۋخەي 20 يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن قانۇن ماددىسىغا ئاساسەن جازاغا ھۆكۈم قىلىندى، ئەمما ھازىرقى جۇڭگولۇقلارنىڭ جىنسىيەت قارىشى 20 يىل بۇرۇنقىسىغا ئوخشىمايدۇ “ دېيىشكەن.  مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس لى يىنخې (ئايال) 20 يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن شۇ ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: ” قانۇنلۇق جىنسىي قىلمىش مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك پرىنسىپقا تايىنىشى كېرەك: بىرىنچىدىن، قورامىغا يەتكەنلەر ئۆز رازىلىقى بىلەن قىلغان بولۇش؛ ئىككىنچىدىن، شەخسىي سورۇنلاردا قىلغان بولۇش؛ ئۈچىنچىدىن، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتمىغان بولۇش “.
بۇ ئىشلاردىن مەلۇمكى، جۇڭگو جەمئىيىتىدە ھەممە نېمە ئىسلاھ قىلىنىۋاتىدۇ، ھەممە نېمە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. «ئىدىيىنى ئازات قىلايلى» دېگەن شوئار 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەمنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ما شاۋخەي دېگەن پروفېسسورنىڭ جاھىللىقىدىن ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ نەقەدەر «ئىلغار»، كاللىسىنىڭ نەقەدەر «ئوچۇق»لۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  ئۇ  يۈز-ئابرۇيىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقماي، مەخپىي ئېچىلغان سوتتىمۇ داۋراڭ سېلىپ جىنسىي ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغان، ھەتتا ئۇنى گۇناھسىز دەپ ھېسابلىغان. بۇلارنىڭ قارىشىچە، ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئۆزگەردى،  يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ھەممە ئىش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى، خەققە زىيان يەتكۈزمەي نېمە ئىش قىلسا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. مانا بۇ  ئوڭنىمۇ تەتۈرنىمۇ توغرا چۈشىنىدىغان ماڭقۇرتلۇق.
ئېھتىمال باشقا يەردىمۇ نەنجىڭدىكىگە ئوخشاش «خوتۇن ئالماشتۇرۇش كۇلۇبى»  ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن باشقا ناشايان ئىشلار تولا،  پەقەت ئۇنىڭ قانۇن تورىغا ئىلىنىپ قالمىغان يېرىلا بار.  بۇ  خۇددى جۇڭگودا  لەكمىڭ-لەكمىڭ پارىخورلار پارازىتلاردەك لۆمۈلدىشىپ يۈرسىمۇ، شۇنىڭ ئىچىدە دومىلە باسقان بىر-ئىككىسىنىڭ قارماققا ئىلىنىپ قالغىنىدەكلا ئىش.
ھەممە يېڭىلىق غەربتىن، بولۇپمۇ ئامېرىكا دېگەن جاھانگىردىن كىرىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، خوتۇن ئالماشتۇرۇشمۇ  شۇ يەردە بارلىققا كەلگەن، تور ئالاقىسى بۇنىڭغا تېخىمۇ ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن، «خوتۇن ئالماشتۇرۇش كۇلۇبى غەرب ئەللىرىدە مودىغا ئايلىنىپ، شىركەتلەرگىچە تەرەققىي قىلىپ، چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان، تاپقان پايدىسى ئاكسىيە بازىرىغا كىرگەن.  بۇ قىلمىشنى ياۋروپا،  ياپونىيە بىلەن كورىيە، ئاندىن جۇڭگو رەسمى قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن.  ياۋروپادا جىنسىي ئىشلار ئوچۇق، قانۇنلۇق دەيدىكەن، ياپونىيە بىلەن كورىيەمۇ قارىماققا ئۇلاردىن قېلىشمايدۇ، چۈنكى قانۇن شۇلارنىڭ قانۇنىغا تەقلىد قىلىنغان. ياۋروپالىقلار تانسا، شامپان ھارىقى، شىرىن ئاي ساياھىتى دېگەندەك رومانتىكىلىقلارنى باشلاپ بېرىۋىدى، ئۆزىنى قالاق ھېس قىلغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ ياۋروپالىقلار ئەرمەك ئىت بېقىۋىدى، ياپون، كورىيان، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى دورىدى، ھەتتا جۇڭگولۇقلار ئۇلاردىن ئاشۇرۇۋەتتى. خوتۇن ئالماشتۇرۇشمۇ شۇ ئاساستا، شۇ تەقلىدتە ئەيدىز كېسىلىدەك ياكى چوشقا زۇكىمىدەك  يامراپ كەتسە نېمە دېگۈلۈك؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تور دېگەن بۇ نەرسە شەھۋانىيلىقنىڭ، جىنسىي ۋابانىڭ تاراپ كېتىشىگە كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بەردى. ھەددى-ھېسابسىز  سېرىق تور بېكەتلىرى ئادەملەرنى گەندىدە ئۆسكەن كەندىرنىڭ پۇرىقىدەك غىدىقلايدۇ، خۇمار قىلىدۇ، ھەتتا پاھىشىۋازلىققا دۈم چۈشىدىغان قىلىۋېتىدۇ. فوتو سۈرەتلىك، ۋىدىيولۇق شەھۋانىي ئالاقە ناتونۇش ئەر-ئاياللارنى بىر-بىرىگە ئۆمۈچۈك تورىدەك باغلايدۇ. بۇلار ئەركىنلىك بايرىقى ئاستىدىكى غەيرى مەدەنىيەتنىڭ، جۈملىدىن ئاتالمىش"تور مەدەنىيىتى"نىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ھۆكۈمەت ئۆتكەن يىلدىن بۇيان تور شەھۋانىيلىقىغا زەربە بېرىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، سېرىق تور بېكەتلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتالمىدى، قارىغاندا بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئىدىيۋى چاتاقنى ئوڭشىمىغىچە ئەخلاق ئوڭشالمايدۇ. يۇمشاق دېتالنى ياخشىلىمىغىچە قاتتىق دېتال بۇزۇلۇپ تۇرىۋېرىدۇ.
تورنى شەھۋانىيلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان پروفېسسورنىڭ جىنسىي ئەركىنلىك شوئارىغا ئاۋاز قوشىدىغانلار  كۆپ  بولسا ئۇنىڭغا يېڭى قانۇن تۈزۈش كېرەكمۇ؟ بۇ ئەمدى جەمئىيەتشۇناسلار، قانۇنشۇناسلار، سىياسىئونلار ئويلىشىدىغان مەسىلە. جۇڭگودىكى قانۇن-تۈزۈم سىياسەتنىڭ، ئەنئەنىۋى كۆز قاراشنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر،  يېڭى ئىدىيە ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئانچە ئېتىبار  قىلىپ كەتمەيدۇ؛  مەسىلەن، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى «پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى يولغا قويۇلغىلى 30 يىل بولدى، دەۋر ئۆزگەردى، ئۇنىڭغا ئەمدى  قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك » دەپ پىكىر بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق قانۇن لايىھىسى تۈزۈلمىدى. قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قانۇن دۆلەتكە، خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە شۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ (مەن ئەجەپ «قانۇن ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دەپ ئاڭلاپتىكەنمەن)   ئاۋامنىڭ ئىدىيىسى، ئەقىل-پاراسىتى، ئىرادىسى قانۇندا ئىپادىلىنىدۇ ۋە قانۇن ئارقىلىق  بىرلىككە كېلىدۇ؛  كىشىلەر بۇنىڭغا بويسۇنۇپ ياشايدۇ.  ھالبۇكى، ناچار ئىدىيە ھەر ئادەمنىڭ شەخسىيىتىدە يوشۇرۇن قالىۋېرىدۇ،  ئالۋاستىدەك مۆكۈنۈپ ياتىدۇ، پەيتى كەلگەندە ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ. كىمكى ما شاۋخەيدەك ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئالۋاستىنى قويۇپ بېرىدىكەن، كۆپچىلىك ھېمايە قىلىۋاتقان قانۇنغا  قارشى چىققان بولىدۇ-دە، جازاغا تارتىلىدۇ.  بۇ يەردىكى قانۇن ئەمەلىيەتتە ئەنئەنىۋى قاراشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەم ئۇنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.  ما شاۋخەينى قوللىغۇچىلار ۋە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار ئاساسەن يېڭى دەۋرنىڭ ئىسيانكار ياشلىرى، ئىدىيىسى غەربكە مايىل زىيالىيلار بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇلار ما شاۋخەينى ئاقلايمىز دەپمۇ ئاقلاپ بولالمايدۇ، كۆز قاراشلىرى شەخسىي كۆز قاراشلار سۈپىتىدە قالىدۇ، قانۇنغا ئايلىنالمايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە بىر دەۋرلىك ئىدىيىۋى ئىسلاھات كېرەك.
شەك-شۈبھىسىزكى، ما شاۋخەينىڭ جاھىللىقى، ئىسيانكارلىقى ئۇنىڭ ھاياتى،  كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسى، قىممەت قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ  ئىككى خوتۇندىن ئاجراشقانىكەن . قانۇن ئۇنىڭ ئۆتمۈشى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى تەكشۈرۈپ ئولتۇراتتىمۇ؟  قانۇن بىر ئادەمنىڭ يامان ئىدىيىسىنى، خىيالىنى باشقۇرالمايدۇ،  پەقەت شۇ ئىدىيىسى ھەرىكەتكە ئايلانغاندا ئاندىن تاناۋىنى تارتىدۇ.  ئۇنىڭ«ماڭا ئۇۋال بولدى، مەن گۇناھ قىلمىدىم» دەپ ئۆكتە قوپۇشى  بىزگە شۇ نەرسىنى چۈشەندۈرىدۇ: ئىدىيە ئىش-ھەرىكەتنىڭ قوماندانى، ئىدىيىدىن چاتاق چىقسا ھەممىدىن چاتاق چىقىدۇ.
90 -يىللاردا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا بىزدىمۇ شۇنداق ئىسيانكارلىق، كەيپ-ساپاغا ھەۋەسلىنىش، يېڭىلىقلارغا زوقلىنىش، تانسىغا كىرىش، «ئويناپ بېقىش، كۆرۈپ بېقىش، تېتىپ بېقىش، پۇراپ بېقىش، سىلاپ بېقىش…“ ھەۋەسلىرى جۇش ئۇرۇپ قاينايتتى. بىر ياتاقتىكى 8 تازنىڭ ئىدىيىسى ئاساسەن بىر ، توۋلايدىغان مۇقامىمىز ئوخشاش ئىدى. شۇ يىللاردا زور بېسىم بىلەن خەنزۇچە ئۆگىنىۋاتقاچقا خەنزۇچە گېزىت-ژۇرناللارنى كۆرۈپ قوياتتۇق، بىر چاغدا ھازىرقى «ئامانلىق»ژۇرنىلىغا ئوخشايدىغان بىر ژۇرنال ياتاقتا پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر دېلو بايان قىلىناتتى: بىر ھايۋان ئۆز قىزىغا كۆپ نۆۋەت باسقۇنچىلىق قىلىدۇ، ئانا-بالا بۇ ئىشقا چىداپ تۇرالماي سوتقا ئەرز سۇنىدۇ، ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ سوراق قىلسا «بۇ قىز مېنىڭ قىزىم ئەمەس، خوتۇنۇم مەن بىلەن توي قىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىنلا بويىدا قالغان، مەن بۇ خوتۇندىن ۋە ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئاشنىسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دەيدۇ.  مەن بۇنى كۆرۈپ « ئادەمنىڭ ھايۋان بولمىقى ئۆيدىن تالاغا چىققاندەكلا شۇنداق ئاسانكەن» دېسەم، بىر ساۋاقدىشىم قوپۇپ « ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم، پاسكىنا خوتۇندىن ئۆچۈمنى ئالاتتىم» دېدى. ئۇنىڭ بۇ ئەشەددىي، زەھەرلىك ئىدىيىسى نەدىن كەلدى؟ ئۇققىلى بولمايتتى، ئىشقىلىپ بۇ ئىدىيە ئۇنىڭ  كاللىسىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ يېرىدىن ئورۇن ئالغانىدى.
جەمئىيەتكە چىققاندا «كىشىگە يامانلىق قىلماي نېمە ئىش قىلساڭ قىل“ دەيدىغان ئىدىيە ھۆكۈم سۈردى.  ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدىن باشلاپ بىزنى مەلۇم بىر ئىدىيە باشلاپ ماڭاتتى، كېيىن خىزمەتكە چىقىپ، ئائىلە قۇرۇپ بالىلىق بولغاندا ئىدىيىمىز ئۆزگەردى، خۇسۇسەن مەن ئېتىقادىمنى توغرىلاپ، ئەخلاقىمنى قەدىر ئەھۋال قوغداپ ماڭدىم، ئېزىپ كەتسەممۇ گۇناھىمدىن تۆۋە قىلغۇدەك ئاڭغا ئىگە بولدۇم. بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان، ئىچى كۈچلۈك بالا ئىدى، خىزمەتكە چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئىزدەپ بارغىنىمدا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇۋېلىپ ماڭا " مەن ھامان بىر كۈنى ئۆلۈۋالىمەن" دېگەنىدى، مەن ئېرەنشىمىگەنىدىم، ئاقىۋەت راست ئۆلۈۋالدى، بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، ھەسرەتلەندىم، ئېچىندىم، ئويلاندىم: «ئۇ بۇنداق ياشىغىچە ئۆلۈپلا قۇتۇلاي دەپ ئۆلۈۋالدى، ئىدىيسىدىن ئېغىر دەرىجىدە چاتاق چىقىپ ئۆلۈۋالدى، ئۆلىۋېلىش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى زادى قويۇۋەتمىگەچكە ئۆلۈۋالدى، زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالسا قىيامەتتىمۇ زەھەر يۇتۇپ ئازابلىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، ياكى بىلسىمۇ چىن دىلىدىن ئىشەنمىگەچكە ئۆلۈۋالدى؛ مۇھەببەتتىن، خوتۇندىن، باشلىقتىن، دوستلىرىدىن ۋاپا كەلمىگەچكە ئۆلۈۋالدى... شۇنچە يىل ئوقۇپ ئېرىشكىنى زەھەر يۇتۇپ ئۆلۈۋېلىش بولدى... ».  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان شائىرلارنىڭ «ئۆلىۋېلىش بىر سەنئەت، ئۆلىۋېلىش ئىنساننىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى ئاخىرقى قېتىم جاكارلىشى، ئۆلىۋېلىش ئۆزىدىن ھالقىغان ئىنساننىڭ بۈيۈك غالىبىيىتى…›› دېگەندەك  جۆيلىمىلىرىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، بۇ ساۋاقدىشىممۇ شۇنداق «زەھەر»نى كاللىسىغا سىڭدۈرۈۋالغان بولغىيمىدى؟   ئۇ زەھەردىن مۇجۇپ ئاغرىۋاتقان قورسىقىنى تۇتۇپ كوچىدا ئۈچ سائەت مېڭىپ يىقىلىپ قاپتۇ، كىشىلەر ئۇنى ئاق چېكىدىغان بىرىكەن، ياكى مەست ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ،  باشقىلار ئەتە نېمە يەپ، نېمە ئىشلارنى قىلارمەن دەپ پىلان سوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۇ  ئۆز ئىدىيىسى، نىشانىنى بويلاپ بارىدىغان يېرىگە بېرىپ بولغانىدى. ئۇ  بارچە ئىچكى سىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى، بىزگە قالغىنى شۇ: ئىدىيە ئىنسانغا قوماندان، بىر ئەشەددىي ئىدىيە بىر ئادەمنى، بىر مىللەتنى ھالاك قىلالايدۇ.
ئادەم ئىدىيىۋى مەخلۇق، ئوغرىنىڭمۇ، توغرىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىدىيىسى، تايىنىدىغان ئاساسى، دەيدىغان گېپى، چالىدىغان دېپى بار.    چوڭ-چوڭ ئىدىيىۋى ئېقىملاردىن تارتىپ  ئادەتتىكى كۆز قاراشلارغىچە بارلىق ئىدىيە مەقسەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىمىز، بىراق بۇ ئىدىيىلەرنىڭ  بىزنى نەگە باشلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا  ئانچە دىققەت قىلمايمىز. ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇ ھامان بىز بىلەن بىللە،  ئىدىيە ھاياتلىق سەپىرىمىزدىكى يول باشلىغۇچى، ئىدىيە بەزىدە سەپەر نېنى، بەزىدە ھەر خىل ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرىدىغان قورالىمىز.   ئىدىيە بىلەن ئىرادە، ھەرىكەت دائىم بىللە كېلىدۇ، ئىدىيىگە ياخشى-يامان نەرسىلەر ئاسان ئارىلىشىپ قالىدۇ.  ناچار ئىدىيە گويا بەدەندىكى باكتېرىيىگە، كومپيۇتېرغا كىرىۋالغان جاھىل ۋىرۇسقا ئوخشايدۇ؛ ئۆز-ئۆزىنى توختىماي يېڭىلاپ، يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ، يوچۇق تاپسىلا كىرىۋېلىپ ئۆز-ئۆزىنى كۆپەيتىپ، توختىماي بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ؛ بۇنىڭغا سەل قاراپ قالساق ئېغىر زىيانغا ئۇچرايمىز، بۇ زىياننى مۆلچەرلىيەلمەيمىز.  شۇڭا ياخشى ئىدىيىنى ئەقىل بىلەن تاللاپ، بۇزۇق ئىدىيىدىن تېزراق ۋاز كېچىشىمىز كېرەك.
دۇنيا شۇنداق نەرسىكى، كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەرگە ئالدىنىدىغان، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ئىنساننىڭ ئىدىيىسىنى ماددا بىلەن توشقۇزىۋېتىدۇ. نەپسانىيەت شۇنداق يامان نەرسىكى ئىدىيىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، مېڭىنى يۇيىدۇ.  «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى يېقىندا مەيدانغا كەلگەن ئىش ئەمەس، بەلكى ئىدىيىلەر توقۇنۇشى يۈز بېرىشكە باشلىغاندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەرىكەت.  يىراقنى قويۇپ يېقىندىكى ئىشلارنى ئويلىساق،  بىزدىن ئىلگىرىكىلەر قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئورنىغا «تاللانما ئەسەرلەر» نى ئوقۇغان، ھەدىس يادلاشنىڭ ئورنىغا داھىيلارنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى يادلىغان؛ ئىدىيىۋى كۈرەش ئەۋجىگە چىققاندا قانلار تۆكۈلگەن. ئېغىزىدىن كېتىپ قالغان، شۇ سەۋەبتىن ئىدىيسىدە مەسىلە بار دەپ قارالغان ئەكسىيەتچىلەر ئېغىر جازالانغان. ھازىرمۇ «ئىدىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك» دېگەن ئۇقۇم  مەۋجۇت. دېمەك، ئىدىيىدىن چاتاق چىقسا بولمايدۇ.
«قانغۇدەك ياشاپ ئۆلۈش» ئىدىيىسىدە ياشىساقمۇ ياشايمىز، ھەقىقەت ئىزدەپ ياشىساقمۇ ياشايمىز، گەپ بىزنىڭ تاللىشىمىزدا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە پۈتۈن ۋۇجۇد تۈزۈلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن ۋۇجۇد بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر“.   بۇ يەردىكى قەلب ئىمان-ئېتىقاد،  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىدىيە دېمەكتۇر؛  ئەگەر ئىدىيە توغرا بولمىسا ئىماندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ،  گۇناھكار بولىمىز.  ئەگەر ئېتىقادىمىز توغرا بولسا ئىش-ھەرىكىتىمىزمۇ توغرا بولىدۇ، ساغلام ياشايمىز، ساۋاب تاپىمىز، ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈنمۇ تەييارلىق قىلىۋالغان بولىمىز.  ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەمدە ئىمان كەم بولىدۇ، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ساۋابتىن ئوزۇق ئېلىۋېلىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،  تەييارلىقسىز سەپەرگە چىقىدۇ، يېرىم يولدا تېڭىرقايدۇ، ئازاب دەشتلىرىدە قىينىلىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىدىيە بىزگە قوماندان، ئاللاھ ھىدايەت قىلغاننى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ھېدايەت تاپقۇچىلار ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشى، ئىمان-ئېتىقادىنى ۋە توغرا ئىدىيىسىنى قەدىرلىشى،« بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن بىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن» دەپ ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.
ھەقىقىي موللا ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەسلىدە باراڭدىن ئۈزگەن ئاپئاق، چىرايلىق قاپىقى ھازىر ياغلىشىپ ئەسلىنى تونۇغىلى بولماس بولۇپ كەتتى، بىزنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز ئۆمۈچۈك تورى بېسىپ كەتكەن ياغلىق قاپاق. ھازىرقى بالىلار، ياش زىيالىيلار بۇنى بەكمۇ كونا، كۆرۈمسىز تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. دىن دېگەن موللىنىڭ ئىشى دەيدۇ، ئەيھات،  دىنىمىزنى موللا-ئاخۇنغىلا ھۆددىگە بېرىۋەتتۇقمۇ؟  ئەجىبا سىزنىڭ دىن بىلەن، ئۆز دىنىڭىز بىلەن ئالاقىڭىز يوقمۇ؟ دىن دېگەن ھاياتىڭىز، جېنىڭىز، بەختىڭىز بىلەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ئەمەسمۇ؟ دىن دېگەن ھايات-مامات كۈرىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئەمەسمۇ؟ دىن دېگەن پەلسەپەدىن يۈكسەك تۇرىدىغان ھېكمەت خەزىنىسى ئەمەسمۇ؟ دىن دېگەن چەت ئەللىك دوكتورلار تىترەپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان چوڭقۇر ئىلىم، ئاسان يەتكىلى بولمايدىغان روھىي مەنزىل، ھەقىقىي سۈپەت-ساپا ئەمەسمۇ؟  ئەقىللىق خەلقىمىز بۇنى تونۇغان، دىندا ئوقۇغانلارنى، دىندا ئالىم بولغانلارنى ھۆرمەتلەپ كەلگەن؛ مەھمۇد كاشىغەرىدىن نەۋائىغىچە، ئابدۇرېھىم نىزارىدىن موللا بىلال نازىمغىچە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇردىن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرگىچە نۇرغۇنلىغان ئالىم-ئۇلىما، ئەدىبلەرنىڭ قايسى بىرى مەدرىس مائارىپىدىن تەلىم ئالمىغان؟
باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ماركىسىزم تەربىيىسى ئالدىم. ماركىسىزم تەربىيىسى ماھىيەتتە ئاتېزىم تەربىيىسى، ئەمما ماڭا دەرس بەرگەن بىرەر ئوقۇتقۇچىنىڭ"خۇدا يوق" دېگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، ئاڭلىغان بولساممۇ ئېسىمدە يوق. ماركىسىزمدىن ماڭا نېمە يۇقتى، ھېچنېمە. ئىمتىھاندىن يادلاپ بېرىپلا ئۆتۈپ كەتتىم.  ماركىسنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى پەيلاسوپ ئەمەس، ھەممىنى ماددىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان ئادەتتىكى مۇتەپەككۇر،  ئىقتىسادشۇناس، جەمئىيەتشۇناس ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلدىم. ئەگەر ئىسلام ھەققىدە چۈشەنچەم بولمىغان بولسا بۇنىمۇ بىلمەي ئۆتۈپ كېتەتتىم.
دىنىمنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئەركىنلىكىمگە قايتا ئېنىقلىما بېرىشكە توغرا كەلدى، ئەركىنلىك دېگەن نېمە؟ بەش ۋاق نامازدا، روزا رامىزاندا ئەركىنلىىك بولامدۇ؟ مەنمۇ بىر ياش يىگىت بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىزلارغا قارىمامدىمەن، دوستلار بىلەن چاقچاقلىشىپ ئىچىپ-چېكىپ ئولتۇرمامدىمەن؟ تانسا-پانسا ئوينىمامدىمەن؟... سىقىلدىم، ئويلاندىم، ئىككىلەندىم، ئازابلاندىم، ئەگەر نەپسىمنى يېڭەلىسەم تەقۋا بەندىلىككە تاللىنىمەن،  ئاندىن دىننى كونىلىق دەپ قارايدىغانلار ئارىسىدىن شاللىنىمەن، چەتكە قېقىلىمەن. ھەتتا دىننى كەسىپ قىلىۋالغان ئاتالمىش موللىلارنىڭ سوغۇق نەزەرلىرىگە دۇچ كېلىمەن. چۈنكى مەن دىندىن بىر كەلىمە سۆزلەپ قويسام  ئۇ بىچارىلەرگە ئۇلارنىڭ نېنىنى تارتىۋالغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىمەن.
نىھايەت، ئەركىنلىكنى چۈشەندىم؛ ئەركىنلىك بەندىلەر ئارىسىدا ئەمەس، قەلبتە بولىدىكەن. "نەپسىڭنى قوينى بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلاپ ھەقىقەتكە يەت" دېگەنىگەن جالالىدىن رۇمى،  ھەق ئاشىقى سوپىلارنىڭ ئىدىيىسىدىن ئىلھام ئالدىم. تەن بىر ئات بولسا روھ ئۇنىڭ چەۋەندازى،  نەپسانىيەت گويا دوزاخقا تۇتىشىدىغان ئوت بولسا،  ئىمان ئۇنى ئۆچۈرىدىغان سۇ ئىكەن؛  نەپسىمنى سوپىلاردەك پاكلاش نىيىتىگە يېتەلمىگەن بولساممۇ، دىنىمنى ئاز-تولا چۈشىنىپ ئۆزەمنى توغرىلاش مەقسىتىگە يەتتىم.
كېيىنكى سوپىلار ئاينىپ كەتتى، بىزنىڭ كېيىنكى موللىلارمۇ (ھەممىسى ئەمەس) ئۆز دىنىدىن ھەقىقىي نېسىۋىسىنى ئالالمىدى، بەلكى دۇنيالىق نەپ ئالدى. بۇ دۇنيانى ئاخىرەتكە سېتىۋەتكەن موللىلار بۇ دىننى خۇنۇك، بىچارە كۆرسىتىۋەتتىكى، كېيىنكى ئەۋلادلار بۇنىڭ زىيىنىنى تا ھازىرغىچە تارتىپ كەلمەكتە.
جەمئىيەتكە چىقتىم، جەمئىيەت داشقايناق، سورۇنلار  قايناق، بىر چەتتە ئولتۇرىمەن، ئىچىپ-چېكىشىدۇ؛ ھاياسىز چاقچاقلارنى قىلىشىدۇ، مەنىسىز ئولتۇرۇشلار ئۇلارنىڭ ھاياتىغا مەنە بېغىشلايدۇ، كەيپ-ساپا ئۇلارنىڭ بارلىق غەم-قايغۇلىرىنى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەمما شۇنىسى قىزىقى، مەستلىكتىن كۆزلىرى غىلىيىپ، ئەقلى ھوشىنى يوقاتسىمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، تېخى دىن ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئاچچىقى كەلگەن بىرى توۋلايدۇ: بۇنداق سورۇندا دىننىڭ گېپىنى قىلىشمايلى ئاغىنىلەر...  شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى جىمىپ قالىدۇ. ئەمما كىملەرنىڭدۇر دىن ھەققىدە يەنە داۋاملىق تالاش-تارتىش قىلىشقۇسى، ئەرەبلەرنى ئېشەك دەپ تىللىغۇسى، دىن بىزگە كەينىچىلەپ كىرگەن...دەپ قاقشىغۇسى بار.  ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئىسلام تارىخى ھەققىدە، ئەرەبلەر ھەققىدە تۈزۈك بىلىمى يوق، ھەممىسى بىر يەردىن ئاڭلىۋالغان تۈكى يوق گەپلەر.
ھاراق  سورۇنىغا بېرىشىمنىڭ ئۆزى خاتا، ئەمما ئەدەبنى ئەدەبسىزدىن  ئۆگىنەي، بۇنداق سورۇندىن تېخىمۇ يىرگىنەي  دېدىم. شۇنداقتىمۇ تەقۋالىقىمدىن كېرىلىپ ئۇلارنى كەمسىتىپ كەتمىدىم،  ئۇلارنى بۇرۇندىن ھۆرمەتلەيتتىم، ئىچىش ئەركىنلىك، ئىچمەسلىكمۇ ئەركىنلىك. مەن كېيىنكىسى تاللىغان، رەببىمدىن تەۋپىق تىلىدىم. ئەگەر مۇشۇنداق چىداپ ئولتۇرۇپ بىرەرسىگە بولسىمۇ ياخشى تەسىرات بېرىپ،  ئۇنى توغرا يولغا باشلىسامچۇ؟  بۇ گەپ نېرى تۇرسۇن، ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان ئادەمگە دىننىڭ گېپىنى قىلسا خوشياقامدۇ؟ ئىمان ئىسلام ھەققىدە گەپ قىلساڭ شۇ ھامان "سەن نېمىتىڭ... ئۆزەڭچە موللا بولۇپ كەتتىڭمۇ؟...موللا بولساڭ ئۆيۈڭدە ئولتۇرماي بۇ يەرگە كېلەمتىڭ" دېگەن گەپ چىقىدۇ. دېمەك، ئۇلارغا ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن چوقۇم دىندا ئوقۇغان موللا بولۇش، ئۆيىدىن چىقماي ناماز ئوقۇيدىغان بولۇش كېرەك.  موللا بولۇشقا سالاھىيىتىم توشمىغاچقا ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ جىممىدە ئولتۇردۇم، ھېس قىلدىمكى،  ئۇلارنىڭ ئىچىنى بىر نەرسە تاتىلايتتى، كەيپتىنمۇ ھېچ مەنە چىقمىغاندا مۇشۇ ئىشلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلكىنى، خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ بىئارام بولاتتى (ئەلۋەتتە بۇنداق بىئارام بولمايدىغانلار كۈرمىڭ)،  ياخشى يېرى، ئۇلار ئويلىناتتى، ئويلانمىسا دىنغا ئائىت چوڭقۇر مەسىلىلەرنى قانداق ئاڭقىرىدۇ؟ ئۇنىڭ جاۋابىنى نەدىن ئىزدەپ تاپىدۇ، ئويلىنىدىغانلاردىن تەسەللىي تاپقىلى بولىدۇ، بىراق ئويلانمايدىغان ئىنساندىن ئۈمىد كۈتۈش تەس.
دېمەك، بۇ ھاراق سورۇنىدا پەقەت موللا يوق ئىدى، ئارىمىزدا پەقەت موللا قالمىغانىدى، ئۈستىمىزدە ئالا يېشىل چىراغلار يورۇپ تۇرسىمۇ كاللىمىز قۇرۇق، قەلبىمىز قاراڭغۇ ئىدى. جاھاندىكى گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى گويا قىزلارغىلا، قىزلارنى چۆرىدىكەن ئىستېمال بۇيۇملىرىغا مەركەزلىشىپ قالغانىدى. شەھۋەت...  شۇنداق، شەھۋەت، شەيتاننى چۈشىنىش بەك مۇھىم.
ئۇلارغا دىن ھەققىدە گەپ قىلىشقا سالاھىيىتىم توشمايدۇ، چۈنكى مەن موللا ياكى تالىپ ئەمەس، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ھەم شۇنداق. چۈنكى موللا دېگەن بۇنداق سورۇنغا كەلمەيدۇ.   بىز دەۋاتقان ئىسلام دىنى، بىزنىڭ جېنىمىزغا ئارا تۇرىدىغان، بىزگە ھاۋادەك، سۇدەك زۆرۈر بولغان بۇ دىنىمىز ئۇلارنىڭ نەزەرىدە (بەلكىم كۆپ سانلىق ھەقەمسايىلىرىمىزنىڭ نەزەرىدە) پەقەت موللا ئاخۇنغىلا ھاۋالە قىلىنغان ئىش ، شۇنداق ئەمەسمۇ يا؟ جەمئىيەت دېگەن كەسىپ، سالاھىيەت بىلەن جەمئىيەت. ئادەم دېگەن ئۆزى ئوقۇغان كەسىپنىڭ نېنىنى يەپ، باشقا ئىشلارغا ئارىلاشمايدىغان ئىجتىمائىي مەخلۇق. ئادەم دېمەك سالاھىيەت، ئىمتىياز دېمەكتۇر. موللىلىقمۇ بىر ئىمتىياز، دىننىمۇ ئۇلار ئۆگەنسۇن، نامازنىمۇ شۇلار ئوقسۇن، پەتىۋانىمۇ شۇلار بەرسۇن، ئۇستىرىنىمۇ شۇلار تۇتسۇن، كېسىدىغان، سۈفلەيدىغان، ھۈرۈيدىغان، سۈرۈيدىغان، پىچىرلايدىغان، بەرىكەتلىك دۇئا قىلىدىغان ياكى بەددۇئا قىلىپ خەقنى قارغايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى شۇلار قىلسۇن. بۇ دىننىڭ بىزگە، بىزدەك زىيالىيلارغا، پەندە ئوقۇغانلار بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق. كىمكى دىندا ئۆزىنى ئالىم چاغلايدىغان زىيالىي بولسا سورۇنغا بارغاندا دىققەت قىلسۇن، بولۇپمۇ موللا ئاخۇن بار يەردە ساقال تاراپ ئېغىز غېرىچلىمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلسا كۆپ سانلىقلارنىڭ  مەسخىرىسىگە قالىدۇ.
پېقىر ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىيالىغۇدەك ئالىم ئۇلىما بولمىساممۇ بىلگىنىمنى بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇشنى خالايدىغان ئادەتتىكى مۇسۇلمان ئىدىم، جەمئىيەتتە سالاھىيەت، ئىمتىيازىم بولمىسا گېپىم ئۆتمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىمگە ۋەز-نەسىھەت خوش ياقمايدىكەن، ھەقىقەتنى ئاللىبۇرۇن تېپىپ بولغاندەك ياكى ھامان تاپىدىغاندەك، تاپمىسىمۇ بولىدىغاندەك ياكى مۇشۇنداق ياشاۋەرسىلا مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزى ھەقىقەت بولىدىغاندەك بىخارامان يۈرىۋېرىدىكەن. ئۆلۈم ھەقىقىتى كېلىش ئالدىدا ئىمان ھەقىقىتىنى تېپىۋېلىش ھەممىدىن مۇھىم، ئەمما ھازىر دىننى ھۆددىگە ئېلىۋالغانلار غەپلەتتە، دىننى ئۇلارغا يۈكلەپ قويغانلار غەپلەتتە... ئى ئاللاھ، بىزنى غەپلەتتىن قۇتقۇزغىن، ھەممە ئادەم غەپلەتتە قالسىمۇ بىزنى سەگەك قىلغىن، ئىنساننى پەقەت سەنلا توغرا يولغا باشلىيالايسەن.
بۇ بىلوگقا بىر يىل بولدى، بىر نەرسە يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇشنى ئويلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقى ئۆزەمگىمۇ غۇۋا. بۇ خۇددى تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەننىڭ نېمە پايدىسى دېگەندەكلا گەپ. ئادەم بىر ئىشنى دوراپمۇ قىلىدۇ، قىلغىلى ئىش تاپالمايمۇ قىلىدۇ، بىرەر ئەھمىيەت، ئۈنۈم قوغلىشىپمۇ قىلىدۇ، بۈيۈك پىلان، غايە ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. مەن مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈنلا مۇھەببەتلەشكەن ئەمەس؛ ئېھتىياج، ھەۋەسنى دەپ مۇھەببەتلەشكەن؛ ئىچىمدىكى ئىزتىراپ، ھەسرەت-نادامەت، روھىي غەليانلىرىمنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن بىر نەرسە يازغان، مانا بۇلار چىنلىق، بۇ چىنلىق ئۈچۈن گاھىدا باشلىنىش، قۇرۇلما، بۆلەك، يېشىم دېگەنلەرنى ئويلاشمايلا يېزىۋېرىمەن، تاققا-تۇققا گەپلەر زەنجىردەك ئۇلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، ئادەم كۆپ ھاللاردا ئىشنى مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە قىلالمايدۇ، خىيالى بويىچە قىلىدۇ، ئەقىلنىڭ بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ھېسسىياتقا تايىنىمىز، ھېسسىياتىمىز ئازاب ۋە ئىچ پۇشۇغىنى ئېلىپ كەلگەندە يەنە ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلىمىز. بۇ تەبىئىي ئايلىنىش، تەبىئىي قانۇنىيەتتەك تۇيۇلىدۇ كىشىگە.
ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدە ئەسلىمە، يادنامە يېزىش قىلغان ئىشلارنى خۇلاسىلەش بولۇپلا قالسا ئۇ خۇددى يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىدەكلا قۇرۇق، ئەھمىيىتى يوق بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ،  ئۆمۈرنىڭ مەنىلىك ياكى مەنىسىز ئۆتكەنلىكىنى باھالاش بولۇپ قالسا ئۇمۇ ئاقمايدۇ، چۈنكى مەنە ۋە ئەھمىيەت ھەر كىمنىڭ قارىشىغا بېقىپ ھەر خىل بولىدۇ. بەزىلەر يەۋالغان، ئىچىۋالغان، ئويناپ-كۈلۈۋالغاننى مەنىلىك ھايات ھېسابلايدۇ، بەزىلەر جاپاغا چۇشلۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمىسىمۇ مۇشەققەت تارتقاننىڭ ئۆزىنى راۋرۇس ياشىغانلىق دەپ قارايدۇ. لېكىن ھازىر جاپا تارتىش ۋە مۇشەققەتتە ياشاش شەرەپ ھېسابلانمايدۇ. ئادەم راھەتكە ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەقىل ۋە ئىرادىگە ئىگە تۇرسا، نېمە دەپ ئۆزىنى قەستەن قىينىغۇدەك؟
ئەمىسە نېمىنى ئەسلەيمىز، نېمىنى خاتىرىلەيمىز؟ ھاياتىمىزنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟ ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام، يىلدا بىرەر ياخشى رومان يازالىسام، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشەلىسەم بىكار ياشىمىدىم دەپ خۇرسەن بولىمەن؛ ئەمەلىيەتتە ھەر يىلى بىر رومان يازالىشىم ناتايىن، بۇنىڭلىق بىلەن ئەسەر يازمىغان يىللارنى بىھۇدەك ئۆتتى دېيىشىم كېرەكمۇ؟ ئەمەلىيەتتە رومان يېزىشىمدىنمۇ بەك زۆرۈر ئىشلار تولا، ئائىلە ۋە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىم كېرەك. ۋاقىت چىقىرىپ داڭلىق ئەسەرلەرنى، كىتابلارنى ئوقۇشۇم كېرەك، چالا تاشلاپ قويغان ئىنگىلىزچە، ئەرەبچەمنى داۋاملىق ئۆگىنىشىم كېرەك. مەن  ئۆزەمگە توختىماي ئارزۇ-ئارمان قەسىرلىرى قۇرىمەن، خىيالىمدا لايھىسىنى سىزىپ چىقىمەن، ئۇنىڭغا ئۆرلەيدىغان قەدەم باسقۇچ، پەلەمپەيلەرنى تىكلەپ بارىمەن، بىراق ھەمىشە بۇلار ئۈچۈن جىددىيلىشىشنى خالىماي  ئۇنى ئۆرۈپ تاشلايمەن. شۇنىڭ بىلەن ئىرادەم، قىزغىنلىقىم،ئىزچىللىقىم كەم بولۇپ قېلىپ، بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايمەن ياكى بەك تەستە تاماملايمەن. تازا تەرلەپ پىشىپ چېنىقىۋاتقاندا سوغۇق سۇ ئىچكۈم كېلىدۇ، بۇ چاغدا سۇنىڭ بەدەنگە زىيان قىلىدىغانلىقىنى، ئوخچۇپ سۇقۇۋاتقان يۈرىكىمنى سوۋۇتۇپ ئاجىزلىتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ”مەيلىلا، يۈز يىل ياشامدىم“ دەپ ئىچىۋېتىمەن. ئەمما بىرئىشتىن قاتتىق غەزەبلىنىپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالغاندا ”مەيلىلا، بۇمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ“ دېيەلمەيمەن، كەڭ قورساق بولالمايمەن، ئۆزەمنى ئۆز زىندانىمدا ئازابلايمەن، سوغۇق سۇدا تاھارەت ئېلىپ شەيتاندىن پاناھ تىلىيەلمەيمەن، يامانلىقنىڭ كېلىشى تېز، قايتىشى ئاستا. ياشىماق تەس، ياخشى ياشىماق تېخىمۇ تەس. ئەسلەشكە توغرا كەلسە، ئەڭ چوڭقۇر تۇيغۇلارنى، ئەڭ ئېغىر ئازابلارنى، ئەڭ ئەھمىيەتلىك مىنۇتلارنى، ئەڭ نۇرلۇق پىكىرلەرنى ئەسلەش كېرەك.
ئۆتكەن يىلى نورۇز بايرىمى قىزغىن بولدى، ئۇسسۇلچى قىزلار چوكانتالدەك ئېگىلدى، بالا چولپانلار سەنئىتىمىزنى ئۆز ۋۇجۇدى، ھۈجەيرىسىدە جانلاندۇردى، قېنىمىزنى قىززىتتى.  شۇ كۈنى ئىلقۇت تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىنىم ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ بلوگ قۇرۇش ئارزۇيۇمنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن  بلوگىممۇ مەيدانغا كەلدى. نۇرغۇن ئىشلار، چىرايلار، پاراڭلار ئۇنتۇلۇپ كەتتى، ئىشتىياق ئۇنتۇلمىدى. بلوگ گۇلزارىم يېڭى-يېڭى  غۇنچىلىرىم بىلەن رەڭدارلاشتى. كۆرىدىغانلار ۋە تىزىملىتىدىغانلار كۆپەيدى، بلوگنى ھەر كۈنى ناشتىلىق ئورنىدا يوقلاپ قويىدىغان بولدۇم، بەتلەرنىڭ رەڭدارلىقى، ئەسەرلەرنىڭ جەزبىدارلىقى ئۈستىدە ئويلاندىم، ھەرىكەتلەندىم، ئاز-تولا يېڭىلىق بولدى، يېڭىلىق بولمىسا بۇ بلوگ سەپتىن چۈشۈپ قالاتتى، بلوگلار ئارا رىقابەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمىسىمۇ ھەر كىم ئۆز خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ بلوگىمغا كونا-يېڭى ئەسەرلىرىمنى يىغدىم، قان-تەرىمنى، خاسلىقىمنى، سۈرەتلىرىمنى، ئاۋازىمنى، ئومۇمەن جىمى مەۋجۇتلۇقۇمنى، قىممىتىمنى بۇ بىلوگقا مۇجەسسەملەشكە تىرىشتىم. «دىيارىم» تورىدا ئېلان قىلىۋاتقان «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دېگەن رومانىمنى بلوگقا كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئاۋۋال بلوگدا، ئاندىن دىيارىمدا ئېلان قىلدىم. دىيارىمدا ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغانلارغا بىلوگ ئادرىسىنى تەمىنلەپ بەردىم، شۇنىڭ بىلەن بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى، ھازىرغىچە شۇلارنىڭ ئىزى بىلەن يوللىرىم كېڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تور تاقالدى، «دىيارىم» دا ئېلان قىلىۋاتقان رومانىممۇ ئۈزۈلۈپ قالدى، روماننىڭ ئاخىرىنى ھېچكىم كۆرەلمىگەچكە، ھېچكىم مېنى «كاۋاپچىنىڭ خوتۇنى ئاخىر قانداق بولدى، ياسىنچۇ؟» دەپ سورىمىغاچقا قىزغىنلىقىم ئۆلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا ئوقيانىڭ كىرىچىدەك تارتىلىپ چىڭقىلىپ كەتكەن مېڭەمدە ئاغرىق، ئازاب، تەشۋىشتىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى، ھەر كۈنى خەۋەر كۆرەتتىم،  ئەدەبىيات ئويۇن-تاماشىدەك تۇيۇلدى،  ئەسەر ئۈچۈن ئويلانغۇدەك ماجال، ئىجادىيەت بوشلۇقى قالمىدى،  ئەسەر ئۈچۈن يەڭگىل ئولتۇرۇپ خىيال سۈرگۈدەك ئىمكان، كەيپىيات، ھېسسىيات نەدە؟ ئاندىن  ھورۇنلۇقۇم تۇتتى، چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم، ھەتتا بۇرۇن يازغانلىرىممۇ ئۆزەمگە كۈلكىلىك، بىمەنە تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما بۇ تۇيغۇلىرىمنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئەسەرلىرىم شۇ ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتىم ۋە تەپەككۇرۇمنىڭ مەھسۇلى ئىدى.  ئۆتمۈشتە قىلغان ئەخمىقانە ئىشلارغا پۇشايمان قىلىۋېرىش يەنىلا ئەخمىقانىلىق. ھالبۇكى تولا ئىنسان ئۆز ئۆتمۈشىدىن رازى ئەمەس، ”ئەگەر ئۇنداق بولغان بولسا بۇنداق بولاتتى“ دەيدىغان زارلىنىش ئېغىر. ”ئەگەر، ناۋادا“ دەيدىغان پۇشايمانلىق خىياللار كىشىنى بىر ئۆمۈر قىينايدۇ. ”شۇنداق بولۇش پېشانىمىزگە پۈتۈلۈپ كەتكەن دەيمىزۇ، ئۇنى ئەينى چاغدا ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىيىتىمىز باردەك ئاھ ئۇرۇپ كېتىمىز. بۇنى ئىنسان تەبىئىتىدىكى يوقالماس ئىزتىراپ، ئاجىزلىق دەپ ئېيتىش كېرەك. ”ئەگەر، ناۋادا“ ۋەسۋەسىلىرى شەيتاننى چىللاپ كېلىدۇ. ئۆتمۈش ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش، خاتالىقلارنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، زىياننى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، قانائەتلىنىش ھەممىدىن مۇھىم. ياخشى ياشىغان ھايات ياخشى ھاياتتۇر.
ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتتى، كەيپىياتنى باشقا نەرسىلەر ئىگىلەپ كەتتى. باشقا يەردە تۇرۇپ تورنى ئاچالايدىغانلار بلوگىمغا كىرىپ روماننىڭ ئاخىرىنى سۈيلەشكە باشلىدى. 22-ئۆكتەبىر ھەرەمگە خىزمەتكە بېرىش ئالدىدا قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن روماننى تاماملاش قارارىغا كەلدىم، بۇرۇنقى ئىرادە، قىزغىنلىق ۋە كەيپىياتىمغا قايتىپ كېلىشكە تىرىشتىم. ئۈچ-تۆت كۈن ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرۇپ بۇرۇن ئويلىۋالغانلىرىم بويىچە روماننى تاماملاپ، ئاساسىي جەھەتتىن قانائەتلەندىم؛ بايان، تەسۋىرلەر گاھىدا سوزۇلۇپ كەتتى، گاھىدا قىسقىراپ كەتتى، تەبىئىي بولمىدى، يازالىغىنىمچە يازدىم، نېمىلا بولسۇن يازىدىغانلىرىمنى تولۇق يېزىپ، تاپشۇرىدىغانلىرىمنى تولۇق تاپشۇرۇپ  بلوگىمغا يوللىۋېتىپ ئاندىن ھەممىدىن ئادا تاپتىم.
ئاخىرىدا  ھەرەمدە يازغان «قارغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ ھەققىدە» دېگەن يازمامدىن باشقا ھېچنېمە يوللىمىدىم، تور ئېچىلمىسا، يازغانلىرىمنى كەڭ دائىرىلىك كۆرىدىغانلار، باھالايدىغانلار، تىللايدىغانلار، ماختايدىغانلار بولمىسا ھېچنېمە يازالماي ئولتۇرۇپ قالىدىكەنمەن. تورنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى شۇنچىلىك ھېس قىلدىمكى، بۇرۇن توردا تىللىشىپ سەسكىنىپ كەتكەن بولسام ھازىر شۇنىمۇ سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم. تور بىر ئېچىلسا سۇغا چۈشكەن بېلىقتەك يايراپ كېتەر ئىدىم، بىر نەرسە يازمىساممۇ باشقىلارنىڭ يازمىلىرى ۋە ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ كاللام يېڭىلىنىپ تۇرار ئىدى.
خەيرىيەت، بلوگىمنى يوقلايدىغانلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ھەتتا بۇرۇنقىدىن كۆپەيدى، ئەمما ھېچنېمە يوللىمىدىم، يوللىغۇدەك دەسمايە يوق، ئەگەر بلوگىمغا كىرىپ ئۈمىدسىزلىنىپ چىقىپ كېتىدىغانلار كىرىپ ئىلىنىپ قالىدىغانلاردىن كۆپ بولسا  بلوگىم خاراپلاشقان بولىدۇ.  ئەگەر بلوگىمغا كىرگەنلەر ئۆزىگە چۇشلۇق نېسىۋە ئالالىسا، قايتا كىرىپ قاراپ باقسا، «يېڭىلىق بارمۇ يوق» دەپ يوقلاپ باقسا بلوگىم ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان بولىدۇ.
بۇ  بىر يىل  مۇسىبەتلىك يىل بولدى،  تورغا زىيادە تايىنىپ قالغان قەلەمكەشلىكىم چاندى، يېڭى ئەسەرلەر ھەققىدىكى پىلانلىرىم ئاقمىدى،  ۋاقىت توپا-چاڭ چىقىرىپ  كەلگەن قۇيۇندەك تېز ئۆتۈپ كەتتى، ئىرادەمنى بىر قەۋەت  قېلىن، ئاچچىق توپا باستى، ھورۇنلۇق توپىسى… ئۆلۈك توپا. لاۋزى شۇنداق دەپتىكەن: ”ئادەم ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك دەپ ئويلىغان، ئەمما بولمايدىغان ئىشلار، ئارزۇلار ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ؛ شۇنداقلا ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يامان ئارزۇ، خۇيلار دەستىدىن ئازابلىنىدۇ“.  ئازابلىق  ئارزۇلار بىخ سۈرمەكتە، ئەمما چۈشكۈنلۈك ئۇنىڭ يىلتىىزنى قىرقىماقتا. بۇنىڭدىن قۇتۇلىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىپ ھەقىقەتەن زوقلاندىم. سازچى سازەندىنىڭ ماھارىتىدىن زوقلانغاندەك، ھەۋەسكارمۇ قەلىمى پىشقان يازغۇچىلارنىڭ تىلى ۋە ۋەقەلىك بايان قىلىش ماھارىتى، ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىدىن باشقىچە زوقلىنىدۇ. دېھقان دېھقاننىڭ دەردىنى، شائىر شائىرنىڭ ئىچ سىرىنى، مۇڭلىرىنى بەكرەك چۈشىنىدۇ؛ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەمەس دىدارىغا قاراپلا بىر-بىرىنىڭ ھالىغا ۋاقىپ بولالايدىغان دىلكەشلەر ئارىمىزدا كۆپ، ھەتتا بىر مىللەت يات شەھەردە بىر-بىرىنى تونۇۋالالايدۇ، بولۇپمۇ بىز بۇ جەھەتتە تىپىك خەلق.
ھېكايىنىڭ ماۋزۇسىدىنلا شېئىر گۈزەللىكى بالقىپ تۇرىدۇ، شائىر روزى سايىت بىلەن بولغان دىلكەشلىكىنى بۈگۈنگىچە سۈرۈپ كەلگەن يازغۇچىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يازغان ئەسەرلىرىدە نەسرىي شەكىل بىلەن شېئىرىي رېتىم، ئورتاق ئەدەبىي تىل بىلەن خوتەنچە زاغرا تىل ناھايىتى ئەپچىل بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇرمەننى باشقىچە جەلپ قىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ «پەرھات-شىرىن» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ تولىمۇ زوقلانغانىدىم، بۇ ھېكايىسىنى ئوقۇپ يەنە باشقىچە ھۇزۇرلاندىم. تىلىدىنلا ئەمەس، كۆتۈرۈپ چىققان مەسىلە ۋە ئۇنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى بەدئىي ماھارىتىدىنمۇ زوقلاندىم. ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ، كاۋىنىڭ پىلىكىدەك چىرايلىق ئۆسكەن”سېرىق“ھۆرنىسانىڭ سىماسى، تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىپ كەتتىم؛ يېزا دېگەندە چىرايلىق قىز ئاز ئەمەس، چىرايلىق قىز دائىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىززىق نۇقتىسى، ئەخلاقنىڭ چىگىش نۇقتىسى. تىلىغا ھېسسىياتتىن رەڭ بېرىشكە ئۇستا يازغۇچىنىڭ قايسى بىرى ئۆز قەۋمىدىكى چىرايلىق قىز، ئاياللار ھەققىدە قەلەم تەۋرەتمىگەن؟ مۇھەببەت، گۈزەللىك، رەزىللىك، تراگېدىيە ھەققىدە ھاياجانلىنىپ ياكى ئېچىنىپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يازمىغان؟ دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەر شۇنىڭ ئۈچۈن جۇلالىنىپ تۇرىدۇكى، ئۇنىڭدا گۈزەللىك بار، بۇ گۈزەللىك قېتىدا ئايال بار. توم-توم كىتابلاردا ساقلىنىپ ياتقان تالاي سىمالار، خاراكتېرلار تىرىك روللار ئارقىلىق بىر-بىرلەپ كىنو ئېكرانلارغا چىقتى، كۆردۈق، كۆرۈۋاتىمىز؛ بىزدىمۇ ياخشى ئەسەرلەر بارلىققا كەلسە «كىنو قىلىپ ئىشلىگەن بولسا-ھە!» دەۋاتىمىز. ئەمما بەزى ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلىگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئوقۇپ ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە چەكلىنىپ قالىدىغان يېرى بار. بۇ ھېكايىدە ئۆزگىچە بىر مۇھىت تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، خىلۋەت يېزا مەنزىرىسىنى، غۇرۇرى كۈچلۈك ئەرلەرنى، مەزلۇم ئاياللارنى يېنىمىزدا باردىكىدەك كۆرەلەيمىز، ئاۋازىنى ئاڭلىيالايمىز، دەرتلىرىگە مۇڭداش بولالايمىز، ئېچىنىمىز، ئاخىرىدا ھەسرەتلىنىپ شۈكلەپ قالىمىز.
ھېكايىدە يېزىلغان ئىچكىرىگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش مەسىلىسى ھازىر ھەممىگە ئايدىڭ مەسىلە. چوڭ جەھەتتىن بۇ بىر سىياسەت، بۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسى، ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ بۇ رىئاللىقنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئىچكىرىگە ھۆرنىسادەك قىزلارنىڭ يۆتكەلگىنى راست، ناتونۇش مۇھىتتا ئۇلارنىڭ خىلمۇ خىل ئىشلارغا يولۇققىنى راست، ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنى راست. ئەدەبىي ئەسەر رىئاللىقنىڭ ئىنكاسى بولغانىكەن، بۇلارنىمۇ يېزىش كېرەك. قانداق يېزىش كېرەك؟ نېمىنى يېزىش كېرەك؟ يازغۇچى بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلانغان، كاللىسىنى چىرمىۋالغان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرالمىغان ھالدا ئويلانغان، ئاخىرىدا بىز كۆرگەندەك بىر ۋەقەلىكنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىپپەت، غۇرۇر مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
كۆكقۇم مەھەللىسى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى كۈجۈم مەھەللىلەردىن بىرى، بەلكى يېزىلاردىكى نۇرغۇن مەھەللىلەرنىڭ بىرى، ياسىن دېھقاننىڭ ئائىلىسىمۇ شۇ خىلدىكى دېھقان ئائىلىلەرنىڭ بىرى؛ بۇنداق مەھەللە ۋە ئادەملەرنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن تاپقىلى بولىدۇ، «تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئارقىلىق تىپىك ۋەقەلىك ۋە تىپىك مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىش» دېگەن كونا قائىدە بۇ ھېكايىدە شۇنچىلىك ئەسقاتقان ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغانكى، يازغۇچى ئۆزىنىڭ پىشقان ماھارىتى ئارقىلىق كونا ئەدەبىيات قاراشلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلارغا دەرس بەرگەن. دېمەك، ئەدەبىياتتا مەڭگۈلۈك قائىدە يوق، ھەم ھېچقانداق قائىدە كونىراپ قالمايدۇ؛ يېڭى قائىدىنىڭمۇ دائىم ئەڭگۈشتەر بولۇشى ناتايىن. قائىدە، ژانىر، شەكىل، قۇرۇلما دېگەنلەر پەقەت كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغا ئوخشاش بىر ۋاسىتە، ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يازغۇچىنىڭ روھى، تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقى، تىل خاسلىقى، بايان ئۇسلۇبى، ھېسسىياتى، ھەسرىتى... ۋاھاكازالار. مانا مۇشۇلارلا دائىم يېڭلىنىپ تۇرىدىغان يۇمشاق دېتالدەك دائىم كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ.
ھېكايە يومۇرلۇق، يەڭگىل كەيپىياتتا داۋاملىشىدۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا گەپ تىڭشاۋاتقاندەك ئاڭلايمىز پىرسۇناژلار ئاۋازىنى، قاتمۇ قات قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ياسىن دېھقان قىزىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىدۇ، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكنى يەڭگىللىتىشنىلا ئويلايدىغان ھۆرنىسا بىر كەتكەنچە 5 يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ. گەپكە قېلىش خەۋپىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا بىر يىلدىن كېيىن قايتىپ كەلمىدى؟ ئائىلىسىگە پۇل تېپىپ بېرىش، قەرزدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنلا قايتىپ كەلمىدى. بىر قارىسا دۆت، ئەخمەق قىز؛ بىر قارىسا ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار ئاقكۆڭۈل قىز. ئۇنىڭ ئىچكىرىدىكى زاۋۇتتا بىر يىل ئىشلەپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كاتتا مېھمانسارايدا كۈتكۈچى بولغانلىقى ۋە نەچچە يىل ئىپپىتىنى ساقلاپ يۈرۈشى ئادەتتە ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، بۇنداق نادىر ۋەقەلىك كىشىگە ئانچە چىن تۇيۇلمىسىمۇ ئەمما، بۇنداق ئەھۋالنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دېيەلمەيمىز. ھېكايە دېگەندە مۇمكىن بولىدىغان ئىشلار راست بولغان ئىشلاردەك يېزىلىدۇ، بىمەنە ئىشلار مۇئەييەن مەقسەت ئۈچۈن توقۇپ يېزىلىدۇ. ھۆرنىسانى دۆت دەيلى، ۋاپادار دەيلى، ساق دەيلى ياكى بۇزۇق دەيلى، ھېكايىدە كىشىنىڭ نېرۋىسىنى قوداڭشىتىدىغان بىر پىرسۇناژ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان باھاسى، ھېسداشلىقىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەنمۇ پەقەت بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز قارىشىمنى سۆزلەيمەن.
ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئىچكىرىگە بېرىشى بىلەن ھۆرنىسانىڭ ئېڭىدا ياتلىشىش ۋە يېڭىلىق باشلىنىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ئامالسىز كۆز ياشلىرى بەختسىزلىكتىن بېشارەت بېرىۋاتقاندەك بولىدۇ. نەتىجىدە كۈتۈلمىگەندە شۇنداق بولىدۇ، ھۆرنىسا قايتىپ كەلمەيدۇ، ياسىن دېھقاننىڭ ئائىلىسى مەھەللىدىكىلەرنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالىدۇ. قىزنىڭ ساددىلىقى، ئاقكۆڭۈللىكى، ۋاپادارلىقى ئۆز يوسۇنىدا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلىرىدىن ھالقىغان شەكىلدە ئىپادىلەنگەچكە ئاتا-ئانىسى ۋە مەھەللىدىكىلىرى ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى يەكلىنىش ۋە ھاقارەت ئىدى. ئۇ بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ كېلىدۇ ۋە ئويلىغىنىدىنمۇ ئېغىر ھالدا زەربىگە ئۇچرايدۇ.
ھېكايىدە ياسىن دېھقان قىزى ھۆرنىسادىنمۇ ئۆتە كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. ئۇ ئەركەكلىك غۇرۇرىنى ۋە باشقىلارنىڭ پىتنە-پاساتلىرىنى دەپ قىزىدىن كېچىدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ قىزىنى كەچۈرۈشى كېرەك ئىدى. جامائەت پىكرى ۋە جامائەت بېسىمى ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشىنى قوغداشتا زور رول ئوينىسىمۇ لېكىن بەزىدە پىتنە-پاسات پەيدا قىلىش ۋە شەخسكە زىيان يەتكۈزۈش رولىنى ئويناپ قالىدۇ. بۇ ھېكايىدە دەل شۇنداق بولغان. ئەگەر جامائەتنىڭ پىكرى ھەقىقەت بولسا ۋە شۇ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرالىغان بولسا بىر مەھەللىنى خاندەك سوراپ يۈرگەن مۇتتەھەم ئەمەلدارنىڭ قىلمىشىغا چەك قويالىغان بولاتتى؛ ئەگەر جامائەتنىڭ پىكرى مۇتلەق ئىجابىي رول ئوينىغان بولسا جەمئىيەتتىكى ناتوغرا ئىللەتلەر، تويدىكى ھەشەمەتچىلىك، نەزىر-چىراغدىكى سەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق، داغۋازلىق، دورامچىلىق، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىشلار ئازايغان بولاتتى. دېمەك، بىزدە جامائەت پىكرى ھازىر كۆپ ھاللاردا ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىش، ئۆزىنى ئۆزىنى خارلاش ۋە قىسماققا ئېلىپ جازالاش بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتىدۇ. «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا كۆپچىلىك ياخشىلىقتا ئەمەس، يامانلىقتا بىرلىشىدۇ؟
شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنى بەش يىل گۆھەردەك پاك ساقلاپ كەلگەن، چامادانلىرىغا لىق پۇل قاچىلاپ كەلگەن ۋاپادار قىز ھۆرنىسا ئاتا-ئانىسى، قەۋم-قېرىنداشلىرى، ئەھلى جامائەت تەرىپىدىن ئۇر-ئۇرغا قالغان چاشقاندەك خارلىنىدۇ. ئۇنى ھەتتا يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ، ئاياللار خىزمىتى كادىرلىرىمۇ قۇتقۇزالمايدۇ. ئىپپەت-نومۇسنى، يۈز-ئابرۇيىنى يوقىتىشنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ھۆرنىسا يۇرتىنى تەرك ئېتىپ، بەختىنى ئىزدەپ باشقا ياققا كېتىدۇ. ئۆزىنى ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئىشەندۈرەلمىگەن قىز شۇ ئاچچىقىدا بۇزۇلۇپ كېتىشى، ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ۋابالى كىمگە؟ بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى كىمدە؟!
ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئالغاندا ياسىن دېھقاننىڭ ئېتىقادىدا مەسىلە بار. ئۇ ئاللاھتىن ئەمەس، خەقتىن قورقىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغان بولسا ئىشنى باشتىلا خاتا قىلمىغان، خاتا قىلغان بولسا تۆۋە قىلىپ، سەۋەنلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولاتتى. ھۆرنىسانىڭ «بۇزۇلۇپ» كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئار-نومۇسقا چىدىماي (ئەمەلىيەتتە خەقنىڭ گېپىدىن قورقۇپ) ئۆلىۋېلىشقا ئۇرۇنمىغان بولاتتى. چىن ئېتىقادلىق مۇسۇلمان ھەر قانداق ئېغىر ئازابقا قالغاندىمۇ سەۋر قىلىدۇكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق ھەممىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنمايدۇ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ نىيىتىدىن يانىدۇ. جامائەتنىڭ گەپ-سۆزىدىن ئەمەس، ئاللاھتىن قورقىدۇ. خەقلەر ئائىلىسىگە بەختسىزلىك كەلتۈرىدىغان پىتنە-پاسات ياغدۇرغاندا، ئۇ گەپلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ باقىدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، بالىلىرىغا تەربىيە قىلىدۇكى، ئۇنى ھاڭغا ئىتتىرىۋەتمەيدۇ.
ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان ھەر بىر ئادەم ئاللاھنىڭ ئەپۇ-مەرھەمىتىنىڭ چەكسىزلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە « گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزىگە قاتمۇ قات زۇلۇم سېلىۋاتقان ئەي بەندىلىرىم، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ» دەيدۇ. ئىسلام دىنىدا ھەر كىمگە چىقىش يولى بار، تەۋبىنىڭ ئىشىكى ھەر دائىم ئوچۇق. ياسىن دېھقان غەزەپ-نەپرىتىنى قىزىغا ئەمەس، ئارىنى بۇزىدىغان پىتنە-پاساتلارغا بەكرەك قاراتقان بولسا ئەقلىنى تاپقان بولاتتى؛ ئائىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە زۇلۇم سېلىۋاتقان جامائەت بېسىمىغا تاقابىل تۇرغان بولسا ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلغان بولاتتى. ئاچچىقى زەھەرگە، ئۆزى يىلانغا ئايلىنىپ قالغان ئادەم ھەرگىز كۆكسى قارنى كەڭ ئەركەك، شەپقەتلىك ئاتا بولالمايدۇ. ھۆرنىسانىڭ ئۇنىڭدىن شەپقەت كۈتۈشى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ.
دېمەك، شەيتىنى ئىمانىنى بېسىپ چۈشكەن، ئابرۇي-ئىناۋەتنى ئاللاھتىن ئەمەس، خەقتىن تەمە قىلىدىغان، ئۆزىنى مۇسۇلمان تۇرۇپ مۇسۇلماننىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ياسىن دېھقان ئەمەلىيەتتە بەختسىزلىك ئۈستىگە بەختسىزلىك كەلتۈرگەن، ئۆز قىزىنى «قاغا» قىلىپ كۆزدىن يوقاتقان تراگېدىيىلىك شەخس.
ئاپتور بەلكىم ھۆرنىسا ئارقىلىق، قىزلارنىڭ مەيلى نەدىلا بولسۇن ئۆز ئىپپەت-نومۇسىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئىپپەت-نومۇسنىڭ ئۆزى بىلەنلا قالماي ئائىلىسىنىڭ ھۆرمەت-ئىناۋىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچى بولغاندۇ؛ دەرۋەقە، ئىپپەت-نومۇس، غۇرۇر مەسىلىسى قىزلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنى، ھاياتى، قەدىر-قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر بىر ئاتا-ئانا بىلمەي قالمايدۇ ھەم قىزىغا بىلدۈرىدۇ؛ ئەمما بىلدۈرۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ؛ ئېتىقادى چىڭ ئائىلىلەر بىلەن ئېتىقادى سۇس ئائىلىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە پەرزەنتلىرىنى چىڭ تۇتۇش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. ئېتىقاد، ئەخلاق ئارقىلىق قىزلارنىڭ ئىپپەت-غۇرۇر ئېڭىنى شەكىللەندۈرمىگەندە، ئادەتتىكى تەربىيە ياكى سۆزلەپ قويۇش بىلەن ئۇلارنىڭ دىلىغا چوڭقۇر تەسىر قىلغىلى بولمايدۇ. ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ، قالغاچلارمۇ بىر كۈنلەردە زاماننىڭ پىتنە-پاساتلىرىغا كۆمۈلۈپ، ئۆز جۇلاسىنى، قىممىتىنى يوقىتىدۇ، شۇم قاغىغا ئايلىنىدۇ.
ھالبۇكى، بۇ ھېكايىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ھەر بىر ئەركەك، ئاتا ياكى ئاكا بولغۇچى ئۆز ئائىلىسىدىكى ئاياللارغا كۆيۈنۈشى كېرەك. ئانا ھەققىدە جىق گەپ ساتتۇق، ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلار جاپاكەش. بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. ئەمدى شۇ پاك ئانىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغۇچى ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى قوغداشقىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. قىزلار ئاجىز، قىزلار شەيتانغا يېقىن... دەيمىز، ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارغا شەيتان ۋەسۋەسە قىلالمىغۇدەك پاكلىق ئېڭى، قوغدىنىش ئېڭى ئاتا قىلىش كېرەك، ئۇلار ھەر ۋاقىت چىرايلىق سۆز ۋە تەربىيىگە، ھۆرمەتلىنىشكە، غەمخورلۇققا مۇھتاج. ئۇلارنىڭ گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرۇشى ، پاك ھالدا جۇلالاپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى پەرۋىش قىلماي بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلاردا ئازغۇنلۇق ئالامىتى كۆرۈلسە ۋاقتىدا بايقاش، كۆڭلىدىكى چىگىش مەسىلە ۋە دەرتلىرىنى ئاڭلاش كېرەك؛ ئۇلار ھەققىدە سىرتتىن گەپ-سۆز ئاڭلىغاندا ئاق-قارىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، راست-يالغاننى ئېنىق ئايرىش كېرەك؛ ئەگەر كىمكى بوھتانغا ئىشىنىپ ئۆز قېرىندىشنىڭ پاكلىقىغا ئىشەنمىسە، ئۇ ھالدا ئۇنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابقا، ئۆمۈرلۈك دەرتكە سالىدۇ. خەقلەر ئۇنىڭ ھەققىدە غەيۋەت قىلىشتىن، بوھتان چاپلاشتىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان چاغدا بىر ئائىلە كىشىلىرى تېخىمۇ ئىناق، ئىتتىپاق بولۇپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىگە ئاللاھتىن ئىنساپ، تەۋپىق تىلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەككى، تۆھمەت قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھۆرنىسا يولۇققان پاجىئە ھەر بىر ئائىلىدىكى ئەركەكنى ئاگاھلاندۇرۇشقا يېتەرلىك.
كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان پېشقەدەم ئەدىبلەر ئۈمىدنى ياشلارغا باغلىغانىدى. زوردۇن سابىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدىكى بىر قېتىملىق لېكسىيسىدە ئۇسلۇب ھەققىدە گەپ بولغاندا: ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇسلۇبى بار، دەپ كېلىپ، مېنىڭ ئۇسلۇبۇم تېخى شەكىللىنىپ بولالمىدى دېگەنىدى. بىز ھەيران قالغانىدۇق، بۇ كىشى ساختا كەمتەرلىك قىلىۋاتامدۇ قانداق دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالغانىدۇق. كېيىن ئويلساق، بۇ ئەدىپنىڭ ياشلارغا ئىشەنگىنى ئىكەن. «تارىم»جۇرنىلىدىكى پېشقەدەملەر ئەختەم ئۆمەرنى بەك يۆلەپتكەن. بۇ ھەقىقەتەن قەدىرلىنىشكە لايىق روھ.
مۇھەممەد باغراش 80-يىللارنى ئاخىرى 90-يىللارنىڭ بېشىدا ئىپادىزىم ئۇسلۇبىدا ھېكايە-پوۋېستلارنى يېزىپ، شوپۇر، بوۋاي، قۇملۇق..ئەپسانە...ھەققىدە بىر تالاي توقۇلما ۋە سېھرىي ۋەقەلەرنى توقۇپ، ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرىنى خەلققە تەقدىم ئەتتى، ئۇنىڭ "كەلكۈن"دېگەن پوۋېستى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانىدى. بۇنى "شىنجاڭ ياشلىرى،جۇرنىلى باسقان، كېيىن قۇربان مامۇت ئەپەندى ئۆزىنىڭ جۇرنىلىدا پوۋېست دېگەن نەرسىنى زادىلا بەرمەيدىغان بولۇۋالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ھەجمى كۆپ، بىر تالاي نەرسىلەرنى بېسىپ ژۇرنال بەتلىرىنى ئىسراپ قىلغۇچە، بىر-ئىككى ئېغىز ئەقلىيە سۆزلەرنى بەرسە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە چوڭ بولغىدەك، ھەتتا مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ ئەۋلاد قەلبىدە ساقلىنىپ قالغىدەك. ھازىر قارىسىڭىز، "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى مۇتەپپەككۇرلار سەھنىسى بولۇپ قالدى، راست ئىشلار، راست گەپلەر تاغاردىن تېشىپ چىققان بىگىزدەك بىر كۆرۈنۈپ، بىر يوقاپ تۇرىدۇ، ئەقلىيە سۆزلەر مارجاندەك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئەمما ئېسىڭىزدە تۇرغۇدەك بىرسى يوق، پىكىرلەر تولىمۇ كونا، تېيىز. قۇربان مامۇت ئەدىب ئەمەس، ئەدەبىياتنى پەقەت مىللەتكە باغلاپ چۈشىنىدىغان ئىنسان، ئۇ ھەقىقەتەن ئىسلاھاتچى جۇرنالىست، ئۆز خەلقىنىڭ قانداق مەنىۋى ئوزۇققا ئەڭ تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئەختەم ئۆمەرنىڭ "قۇرتلاپ كەتكەن كۆل" دېگەن پوۋېستىنى قورسىقىم ئاچ ئولتۇرۇپ ئوقۇغانىدىم. تەكلىماكان، سېسىق كۆل، ھايۋاندەك ياشاۋاتقان دېھقان، ئېشەكتەك ياۋايى جىنسىيەت، قورساق بالاسى،ساراڭلىق، پاجىئە... مانا بۇ بىر پۈتۈن كارتىنا خېلىلا مۇكەممەل بىر سەنەت بويۇمى ئىدى، ئەدەبىياتىمىز تارىخى موزېيى قۇرۇلسا ئۇنى شۇ يەرگە ئېلىپ قويساق ئەرزىيىتتى. كېيىن بۇ ئەسەر تېلىۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلىنىپ پۈتۈنلەي بۇزىۋېتىلدى. ئەدەبىياتىمىز خېلى گۈللىنىپ، نادىر ئەسەرلەر چىقىشقا باشلىغاندا بىزدىكى كىنوچىلىق ئاللىقاچان زاۋاللىققا يۈزلەندى.
خالىدە ئىسرائىل كېيىن ئۈنگەن بىر تۈپ قىزىل گۈل. "قۇملۇقنىڭ چۈشى" نى ئوقۇپ، ھەۋزىخاننىڭ پاجىئەسىگە تولىمۇ ئېچىنغانىدىم. لېكىن پاجىئە ئىچىدىمۇ پاجىئە بار. بۈگۈنكى پاجىئەلەرنى كىم تېگىدىن قېزىپ يازالايدۇ؟ ئابدۇرەئوپ ئەپەندى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ساۋاقدىشى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خالىدە يالغۇزلۇقنى خالايدىكەنمىش، خەنزۇچە رومانلارنى، تەيۋەننىڭ رومانلىرىنى ئوقۇيدىكەنمىش.ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇنىڭ ئىچىدە تۆرەلمە بولۇپ، پىشىپ ۋايىغا يېتىپ، ئاندىن بىراقلا چىققان گەپ.
پەرھات تۇرسۇن مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنى خېلى سىستېمىلىق ئۆگەنگەنلەرنىڭ بىرسى، ئىنجىلنى تولۇق ئوقۇپ چىققان. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا، ياۋروپا ئەدەبىياتىلا ھەقىقىي ئەدەبىيات. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەقىقىي مەنىدىكى ئەدەبىيات ئەمەس. ئۇنىڭ "ھالاكەت"دېگەن ھېكايىسى مۇۋاپپقىيەتلىك چىققان، بېشىدىلا : مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم... دەپ باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىمۇ ئۆزگىچە: يالىڭاچ، يالىڭاچ، يالىڭاچ... دېگەندەك بىر شېئىرلىرى بولىدىغان، ئوغۇزخان ئاسماندىن كۆك نۇر بولۇپ چۈشكەندە يالڭاچ ئىدى... دېگەندەك گەپلەر بار. ئۇ تالانت ئىگىسى ئىدى، لېكىن ئىستىقبالى ياخشى بولمىدى، ئۆزىنى ئۆزى تۈگەشتۈرۈۋەتتىمۇ ياكى بىر كىملەر پۇتلىۋەتتىمۇ... ئۇققىلى بولمىدى، لەنەت-نەپرەتكە قالدى. ئۇنىڭ پەقەت تالانتىغا قايىل بولغۇچىلار بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانماي قالمايدۇ.
ئەخمەتجان ئوسمان بىلىملىك، ناتىق شائىر ئىدى. مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا لېكسىيە سۆزلىگەندە: مەن ئويلانمايمەن، ئويلىنىلىمەن. مەن شېئىرنى ئەمەس، شېئىر مېنى يازىدۇ... دېگەندەك ئاجايىپ گەپلەرنى قىلغانىدى. بۇ گەپ كېيىن ئاللىكىملەر تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلدى، ھەتتا بۇغدا ئابدۇللامۇ بەزى ماقالىلىرىدا شۇنداق گەپلەرنى قىلدى. بەلكىم بۇ ئىككى شائىرنىڭ ياش-قېرىلىق پەرقىگە قارىماستىن، روھىدىكى بەزىبىر ئوخشاشلىقنىڭ نامايەندىسى بولسا كېرەك. بېيجىڭدا بەزىلەر ماڭا: سىلەر چوڭ بىلىدىغان ھېلىقى شائىر ئەخمەتجان ئوسمان رابىيە قادىرنىڭ قولىدا ئىشلەپ، ئۇنى بىرمۇنچە قويۇۋېتىپ سۈرىيىگە قېچىپ كېتىپتىغۇ؟! دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى، ئىشەنمىدىم، ئۆزەم قايىل شائىرنىڭ ئۇنداق ناچار ئىنسان ئىكەنلىكىگە قانداقمۇ ئىشىنەي! ئۇ دېگەن گۇڭگا شېئىرچىلىق ئېقىمىنىڭ پېشىۋاسى تۇرسا! ئۇنىڭ "قېنى ...مېنىڭ... ئەكىس ..سادايىم"دېگەن پارچە-پارچە مىسرالىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدە "خائىن تاغ"ئىكەنلىكىگە كىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلسۇن!
ئارقىدىنلا ئابدۇقادىر جالالىدىن قەشقەردىن تەرەققىي قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى،ئۈرۈمچىدە "ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ"، شېئىرلارنى يۇمىلاق شېئىر، ياپىلاق شېئىر دەپ ئىككىگە بۆلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، گۇڭگا شېئىرلار يۈزى يېپىلغان كېلىنچەكتەك مەۋھۇم، سېھىرلىك، سىرلىق بولۇپ، ئۇنى قايتا-قايتا ئوقۇسا ئاندىن ئىستېتىك زوق ئالغىلى بولىدۇ، بۇنداق شېئىرلار يۇمىلاق شېئىر بولىدۇ، يەنى قانچە دومىلاتسا دومىلاتقىلى بولىدۇ، سترولۇق دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ھازىر ئەڭ ئاددىي چۈشەنچە بولۇپ قالدى، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇنداق يۇمىلاق شېئىرلارنى خالىغانچە دومىلاتسا بولىدۇ دەپ ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن سانسىز ياش شائىرلار ئەدەبىيات كوچىسىغا قىستىلىپ كىرىپ، مەتبۇئاتنى بۇلغاپ، شال پاخىلى سېلىنغان كالىنىڭ ئېغىلىدەك قىلىۋەتتى. بۇ ئەھۋال 90-يىلدىن 2000-يىلغىچە ساق 10 يىل داۋاملاشتى. بۇ يېڭى ئېقىم ھەققىدىكى تالاش-تارتىش كونىراپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلەردىن تارتىپ، مۇھەررىرلەرگىچە بۇنىڭدىن زېرىكتى، لېكىن 10 يىل مابەينىدە دان بىلەن ساماننى پەرق ئېتەلەيدىغان، نەزىرىيۋى ئاساسى پۇختا شائىر تەنقىدچىلەر مەيدانغا كەلمىدى. ئوسمانجان ساۋۇتتەك شائىرلار تەنقىدچى بولۇشتىن قېچىپ، تەنقىد دېگەن مانا دەپ شېئىرلىرىنى يازىۋەردى. ئادىل تۇنىياز گەرچە"شېئىر كۈلۈمسىرىمەكتە" دېگەن بەزى ماقالىلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىدىنلا چىقىپ، باشقىلارنىڭ شېئىرلىرىغا تەنقىدىي پىكىر بەرمىدى، پىكىر بەرسىمۇ گۇڭگا، يۇمشاق تىلدا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتى. تالانتلىق شائىرلىرىمىزدا "خەقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنمەسلىك" ،" جېدەلگە ئارىلىشىپ قالماسلىق" ئېڭى كۈچلۈك بولغاچقا، تەبىئىتىدىن گۈزەللىكنى ئەلا بىلگەچكە، يەنە كېلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تا ھازىرغىچە تېخى ساغلام بىر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مۇھىتى ھازىرلانمىغاچقا شېئىرىي تەنقىدچىلىك راۋاج تاپالمىدى، شۇنداق قىلىپ، قەستەن گۇڭگا بولۇۋالغان پۇرسەتپەرەس يالغان شائىرلار ۋە گۇڭگا شېئىر دېگەننىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى بىلمەيدىغان ساپاسىز مۇھەررىرلەر مەتبۇئاتنى ئاشۇنداق سۈپەتسىز شېئىرلار بىلەن توشقۇزۇۋەتتى.ھازىرمۇ بۇنىڭ ساقىندىلىرى بار. ئاشۇنداق يالغان يۇمىلاق شېئىرلارنى مازاق قىلىدىغان مۇنداق بىر شېئىرمۇ (گېزىتنىڭ ئىسمىنى ئاتىمايمەن) چىققانىدى:
چېتىپ قويدۇم بوينۇمنى،
دوپپىسىغا كەشىمنىڭ.
چانالدىم،
بوردا-بوردا بولۇپ چانالدىم!
خەيرىيەت، شائىرنى يەنىلا شائىرلار تاللاپ چىقتى. ئوسمانجان ساۋۇت، بۇغدا ئابدۇللا، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئادىل تۇنىياز، ئۆمەر مۇھەممەتىمىن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، قەيسەر تۇرسۇن. .نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى، غوجىمۇھەممەد ...دېگەن ئىنسانلار تاش ئارىسىدىكى مەرۋايىتتەك سۈزۈلۈپ چىقتى، ئەمما يەنە لاي ئېقىندىكى شېئىرلارنىڭ ئاپتورلىرى شۇنچە كۆپ، قارىسا پىكىرلىرى ئاساسەن ئوخشاش، شېئىردا قوللانغان ئىماگ ئاساسەن چۈش، ۋىسال، ئايرىلىش، تاماكا، تۈتۈن، گۈگۈم، شەبنەم، گۈل... ۋاھاكازا... بىرەرسى قوپۇپ ئىشەكنىڭ كۈلرەڭ كۆزى، تامنىڭ ئۇلىدىن چۈشكەن ئۆلۈك توپا... دېگەندەك غەلىتە، يېڭى ئىماگلارغا ئەقىل يۈگۈرتمەيدۇ. تەسەۋۋۇرلىرى بۇرۇنقى شائىرلارنىڭكىدىن پەرقسىز، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن. ئۆتكەندە مەن مەيىن شامال مۇنازىرىسىگە "رەزىللىك گۈلى" (ئەمەلىيەتتە بۇ ماۋزۇنى سمۋولىزىم ئېقىمىنىڭ پېشىۋاسى بودلېر 140يىل ئاۋۋال قوللىنىپ بولغان) دەپ بىر شېئىر يېزىپ قويسام، بەزى قىزلار ئەجەپلىنىپ ئىنكاس يېزىشىپتۇ، قىزلارنى ياخشى تەرەپتىنمۇ يازسىڭىز دەپتۇ. قىزلارنى گۈل دەپ تالاي-تالاي شېئىرلار يېزىلىپ كەتكەن تۇرسا، مەن نېمىشقا كونا سەنەمگە دەسسەيدىكەنمەن؟
ئادىل تۇنىياز ئىمان-ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق شائىر، ھاراق ئىچمەيدىغان، ئەمما پىكىر مەستخۇشلۇقىدا مەستتەك يۈرۈيدىغان شائىر، ئۇنىڭ پىكىر كەڭلىكىگە، تىل ئىشلىتىشتىكى كەسكىن ۋە ئەپچىللىكىگە ساپ شېئىرىيەتتىن ساۋادى بارلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسى قايىل. "قەشقەردىكى يەر شارى"! قاراڭ، بۇ تەپەككۇرنىڭ غەلىتىلىكىگە، لېكىن قايىل بولماي تۇرالمايسىز. "سۈزۈك سەپەر" داستانىنى ئوقۇسىڭىز ھەر خىل تۇيغۇرلارنىڭ گىرەلەشمە ھاسىلاتىدا ئېرىپ كېتىسىز، ئاڭ ئېقىنى سىزنى بىللە سۆرەپ ئېلىپ كېتىدۇ، كىچىك ۋاقىتلىرىڭىزدا سۇغا چۆمۈلگەن ۋاقىتتا ئۆستەڭنىڭ بۇ بېشىدىن شۇڭغۇپ ئۇ ئايىغىدىن چۆمۈلۈپ چىققاندەك بىر تەسىراتقا كېلىسىز. "ئەركەكلەر، نەدە سىلەر؟" دەپ نىدا قىلىدۇ شائىر، بىر يەرگە كېلىپ سېمىز ئات، قاينىغان جەڭ، چاچرىغان قانلارنى ئىپپەت، جىنسىيەت بىلەن باغلايدۇ، ئانانىزىمنى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تەققاسلايدۇ. پىكىر قىلالايدىغان، تەسەۋۋۇرى مول ئادەملەر بۇ داستاننى ئوقۇسا كاللىسىدىكى يېشىلمىگەن تۈگۈچلىرى يېشىلىپ كېتىدۇ، راھەتلىنىپ قالىدۇ، مانا بۇ شېئىرىي ھوزۇر، شېئىردىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە بەلگىلىك ساپا، دىلكەشلىك كېرەك.
ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى چاقماقتەك شىددەتلىك، ئۆتكۈر قەلەم تەۋرىتىپ، بىر مۇنچە شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، ماقالىلەرنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تالانتى، ئىزدىنىشلىرىنى نامايەن قىلدى. ئۇنىڭ پىكىرى كەڭ دائىرىلىك، ماقالىلىرىدىمۇ ئۇلانما مۇلاھىزە، تەپەككۇر جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ھېچكىم تېگەلمىگەن نەرسىلەرگە تېگىشكە جۈرئەت قىلىدىغان نەزەر ۋە پىكىر ئۆتكۈرلۈكى بىلەن نۇرغۇن ئادەملەرنى قايىل قىلدى. ئۇ ئەسلىدە ئامېرىكىدا ماقالە يازسا بولىدىغان شائىر.
ئۆمەر مۇھەممەتىمىن پىكىرلەرنى سەي توغرىغاندەك قوپال، قىيپاش كېسىپ-كېسىپ شېئىر يازىدىغان شائىر. قەبرىدىكى پالۋان ئۇنىڭغا كونا بولۇپ قالدى. شېئىر بىلەن تەڭ يەنە پوبلىستىك ماقالىلەرنىمۇ يېزىپ قويىدىكەن، بەزى پىكىرلىرى پايپاققا ناھال قاققاندەك غەلىتە، ئەپەندىم، ئەڭ ياخشىسى سىز شېئىر يازسىڭىز بولغىدەك دېگۈزىۋېتىدۇ كىشىنى. ئۇ يېقىندا يەنە شېئىرىنى تېپىۋالغاندەك قىلىدۇ ؛ سۈتتەك قىزلار، قېتىقتەك چوكانلار، كۆنەلگىدەك مومايلار... قاراڭ، بۇ تەققاسلاشنىڭ ئۇستىلىقىغا. دۇنيا سمۋولنىڭ ئورمىنى دەيدۇ فرانسىيە شائىر بودلېر. شائىر بۇ ئورماندا كېزىدۇ، كاللىدىكى ئوي پىكىر، ھېسسىياتنىڭ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدە بىر ، بىر نەچچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ سمۋۇلى تېپىلىدۇ. شائىرنىڭ زېرەكلىكى ئەنە شۇ سمۋۇللارنى ئۆز پىكىر-ھېسسىياتىغا ماسلاشتۇرالىشىدا، باغلاشتۇرالىشىدا كۆرۈلىدۇ. " قۇياش ئۇپۇقتىن تېپىپ چىقىلغان پۇتبول" دەيدۇ بىر شائىر ھاياجىنىنى باسالماي، ئېيىنىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىمۇ ئەسلىدە باغلانما تەسەۋۋۇرغا ماھىر بىر روسىيىلىك شائىر خېلى بۇرۇنلا بىر شېئىرىدا ئىپادىلەپ بوپتىكەن، شۇڭا شائىرنىڭ ئۇلانما تەسەۋۋۇر ۋە ھېسسىياتىنى بوش چاغلىماسلىق كېرەك. كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسى تەسەۋۋۇردىن كېلىدۇ، ۋاھالەنكى، شېئىرمۇ تەسەۋۋۇردىن ئايرىلالمايدۇ. گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، بىزنىڭ شائىرلىرىمىزدا ئالاھىدە تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى بارلار، ئۆزىنىڭ ئابىستىراكىت پىكىر-ھېسسىياتىنى كونكرېت شەيى، ھادىسە (سمۋۇل) ئارقىلىق كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز.
ئوسمانجان ساۋۇت بىلەن ئادىل تۇنىياز بۇنىڭ ئارزۇ-غېمىدە پۇچۇلانماقتا. چىمەنگۈل ئاۋۇت ئۆزىنىڭ قىزلىق نازاكىتى، ئاياللىق لاتاپىتىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان قاراڭغۇ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئايانماي ئىپادىلەشتە ھەممە ئايال شائىرىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئامېرىكىدا 80-يىللاردا "ئۆزىنى ئاشكارىلىغۇچىلار" دېگەن شۇنداق بىر شېئىرىي ئېقىم بارلىققا كەلگەن، بۇنداق شېئىرلار شائىرنىڭ ئەڭ مەخپىي، رەزىل تۇيغۇلىرىنىمۇ يوشۇرماي ئىپادىلەيدىغان ھېسسىيات بىلەن تۇيۇنۇپ تاشقان، بۇ بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن، بۇ شائىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال بولۇپ، ئۇلارنىڭ غايىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، بۇنى ئۇلار سەنەتنىڭ يۈكسەك پەللىسى دەپ تونۇغان (كېيىن بىر نەچچىسى ھەقىقەتەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان)، پەرھات تۇرسۇن مانا مۇشۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، "ئۆلىۋېلىش سەنىتى"ناملىق روماننى يازغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى پەرھات "تارىم" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر سۆھبەتتە ئاشۇ ئايال شائىرلارنىڭ :" ئۆلىۋېلىش ھەقىقىي سەنئەت" دېگەن گېپىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇيغۇردا مەۋجۇت (لېكىن ئومۇميۈزلۈك ئەمەس) جىنسىيەت پىسخىكىسىنى ياۋروپا ياكى ئامېرىكىچە قېزىپ چىققان بۇ رومان بىر مەھەل مەشھۇر بولۇپ، بىر مۇنچە جەڭگى-جېدەللەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى، ھېچكىم ھېچكىمنى قايىل قىلالمىدى. ئاخىر بۇمۇ بىرئۆتكۈنچى نەرسە بولۇپ قالدى.
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بەزى چىرايلىق خېنىم قىز ئاپتورلار ئۆزىنىڭ مەخپىي جىنسىي ھېسسىياتى ۋە ئىشلىرىنى پىرسۇناجلار ۋاسىتىسى بىلەن ئاشكارە ئىپادىلەپ رومان يېزىپ داڭ قازاندى، كۆپ پۇللۇق بولدى. بالىلىرىنى ئوقۇتتى. ئۇ پىرسۇناژ مەن ئەمەس دەپ چەتكە چىقىۋالغان بولسىمۇ، ئۇنى خۇددى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەندەك يېزىۋەتكەچكە، كۇڭزىچىلىق ئەخلاقىدىكى (ئەمەلىيەتتە بۇ ئەخلاققا رىئايە قىلىپ كېتىشلىرىمۇ چاغلىق) قاتمال خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرى يەنىلا ئۇلارغا "ئەخلاقسىز ئايال يازغۇچى"دېگەن قالپاقنى ئارتىشتى. مەن "شاڭخەي ئەركىسى" دېگەن بىر روماننى ئوقۇغانىدىم، بۇنىڭدا قىز ( ئاپتورنىڭ رولىدىكى باش پىرسۇناژ ) يارىماس خەنزۇ مۇھەببىتىدىن يوشۇرۇنچە، گېرمانىيىلىك بىرسى بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىدۇ، ئاخىرىدا خەنزۇ مۇھەببىتى ئۇنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ قېلىپ ئازابلىنىپ ئۆلۈپ قالىدۇ. گېرمانىيلىك ئاشنىسى ئۇنى گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىدۇ.. .
چىمەنگۈل ئاۋۇت ئامېرىكىلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچى ئەسەبىي ئايال شائىرلارغا، ئۆزىنىڭ رەسۋالىقىنى تەپسىلىي يېزىپ نام ۋە پۇل قازانغان خەنزۇ ئايال يازغۇچىلارغا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئەقىدىلىك، ئەخلاقلىق ئۇيغۇر قىزى، شېئىرنى مۇرەككەپ مۇھەببەت، چىن ھېسسىياتتا يازىدىغان، ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدىغان شائىرە.
ياشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىجادىيەتلىرىنى ئاساسەن ئاۋۋال شېئىردىن باشلىغان، كېيىن ئۆز ئەھۋالىغا، ئىشەنچ- ئۇرۇنۇشلىرىغا بېقىپ ئاندىن باشقا ژانىرلاغا كۆچكەن. ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ،ئۆمرىنى چاغ ئۆتكۈزۈۋاتقان ياشلارنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت باسقۇچلىرى ئاساسەن ئوخشايدۇ، پەقەت تەرەققىياتىلا پەرقلىق. ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك بىر-بىرىنى بىلىشىدۇ، ئۆزىنى كۆرمىسىمۇ ئەسەرلىرىدىن: ماۋۇ مانداقراق يازىدىكەن دەپ باھا بېرىدۇ. نۇرغۇن پېشقەدەملەر بار، يازمىلىرى ماڭا بارغانچە ياش، شوخ تۇيۇلىدۇ، مەسىلەن، مەمتىمىن ھوشۇر، نۇرمەھەممەت توختى، توختى سابىر، ۋە يەنە توختى باقى (مەن بۇ كىشىنى داڭلىق تەرجىمان ئەدىب دەپ تونۇيمەن) ھازىر ئاجايىپ جۇشقۇن بىر دەۋرگە كىردى، ئۇلار بەزى يازغۇچىنىڭ قېرىغانچە شاشلىشىپ، جەسۇرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، بۇ ئالقىشلاشقا تېگىشلىك روھ. قايسىبىر مۇتەپەككۇر ئېيتقاندەك:ياش ۋاقتىمىزدا قېرىلاردەك سالماق، سالاپەتلىك بولايلى، قېرىغاندا ياشلاردەك شوخ، جەسۇر بولايلى.
ياشىسۇن ياشلىق!
2004-يىل
بەدئىيلىك ئەدەبىياتنىڭ، جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ سەنئەت قانۇنىيىتىدۇر. سىياسىيلىق دېگىنىمىز ھاكىمىيەت ئىشىدۇر، مۇنداقچە ئېيتقاندا”سىياسەت كۆپچىلىكنىڭ ئىشىدۇر“(دېڭ شياۋپىڭ). دۆلەت سىياسىتى كۆپچىلىكنىڭ ئىشى، ھەم كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولغانىكەن، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى يازىدىغان ۋە شۇ تۇرمۇشنى ھەر خىل ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلىمۇ سىياسىيلىقتىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئاپتور مەيلى مودېرنىزىملىق ياكى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئەسەر يازسۇن، ياكى ھەر قانداق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە ئۇ ئېقىم، بۇ ئېقىم بىلەن ھېسابلاشماي ئەسەر يازسۇن، ئۇنىڭ يازغانلىرى ئۇنىڭغا تونۇشلۇق تۇرمۇشقا، شۇ تۇرمۇشنىڭ تەپسىلاتىغا (شۇ ھاياتنىڭ مەنزىرىسىگە)، شۇ تۇرمۇشنىڭ نېگىزلىك تەرەپلىرىگە ئازدۇر-كۆپتۈر باغلانغان بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ دەۋردىكى تۇرمۇشىمىزنى گويا بىر ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن ئۇستىخىنى دېسەك، سىياسىيلىقنى شۇ ئۇستىخاننىڭ تەركىۋىدىكى كالتىسىي ماددىسى دېيىشكە بولىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتنى سىياسىيلىقدىن چەتلەشتۈرۈش ياكى ئايرىۋېتىش خاھىشى تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەردە بولغان، مودېرنىزىمچىلاردىن بەزىلەر ئۇ خاھىشنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ”سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت“ دەپ جار سالغان. غەرب ئەللىرىدە ھازىرمۇ شۇ خاھىشنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم، ئەمما ئومۇميۈزلۈك دەۋر سۈرەلمەيۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەدەبىياتنى سىياسىيلىقتىن ئايرىۋېتىمەن دېيىش لۈشۈننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا،”ئاسمانغا چىقىمەن دەپ ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى تارتقانغا ئوخشاش “تۇر. ئەمما بىز بۇ يەردە دەۋاتقان سىياسىيلىق ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى تۇرمۇشنى نوقۇل سىياسەت، يەنى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە سىياسىي تۇرمۇش دەپ يۈزەكى چۈشىنىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. سىياسىيلىق بىر ئىدىئولوگىيە ۋە بىر ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، ئۇقۇم دائىرىسى كەڭ، ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاڭ، ھېسسىيات پائالىيىتى بولغان ئەدەبىي ئىجادىيەتكىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمدى سىياسەت دېگىنىمىز دۆلەتنىڭ ۋە شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت، سىياسەت بەلگىلىمىلەر، قانۇن-تۈزۈملەر بولۇپ، يەرلىك خاراكتېرى كۈچلۈك، كۆپ خىل بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەدەبىياتنى(ئەدەبىيات-سەنئەتنى) جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنى كونكرېت سىياسەت تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇش خاراكتېرى ۋە ۋەزىپىسى كۈچلۈكرەك، ئەمما ھەقىقىي بەدئىيلىك ۋە سەنئەت چىنلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بىۋاسىتە سىڭىپ كىرىش خاراكتېرى ئاجىزراق ياكى ئاساسەن يوق بولىدۇ. سىياسىي تۇرمۇش دېگەندە سىياسىئونلارنىڭ سىياسىي پائالىيىتى بەكرەك كۆزدە تۇتۇلىدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بولسا سىياسىيلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، مەسىلەن، دىن، ئەخلاق، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت...قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتنى بۇ  دەۋرىمىزدە سىياسىيلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش خاھىشى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكىكدەك زىيادە كۈچلۈك بولمىسىمۇ ھېلىھەم مەۋجۇت،”ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش“ سىياسىتى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە زور ئەركىنلىك ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى يەنىلا شۇ يىللاردىكى سولچىل سىياسەتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرالمايۋاتقان بەزى قەلەمكەشلىرىمىز تېخىچە ئىدىيىسىنى ئازاد قىلالماي، يېزىقچىلىق ساپاسىنى ئۆستۈرمەي، بەدئىيلىكى تۆۋەن، تەشۋىقاتى كۈچلۈك ئەسەرلەرنى يېزىپ يۈرمەكتە. بۇنداق ئەسەرلەردىن  كۆرە تىلى جانلىق، قىزىقارلىق سىياسىي ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق. ئەدەبىي ئىجادىيەتنى سىياسىيلىقدىن چەتلەشتۈرۈش ياكى سىياسەتكە زىيادە بېقىندۇرۇشنىڭ ھەر ئىككىسى بىر تەرەپلىمىلىك.
ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سىياسىيلىق بىلەن سىياسەت بىر بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئەمما پەرقى بولغان ئۇقۇم، ھەر قانداق تىلدا ئۇلار پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن خەنزۇ تىلىدا سىياسىيلىق 政治، سىياسەت بولسا 政策 دېيىلىدۇ؛ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە باشقا بارلىق ئەدەبىيات سەنئەت پائالىيىتىگىمۇ ئۇلار پەرقلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى سىياسىيلىق بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتسە، سىياسەت كۆپ ھاللاردا ۋاسىتىلىق، ئاجىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىنسان روھىغا سەنئەت چىنلىقى بىلەن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئەسەرلەردە بولسا ئۇنىڭ تەسىرىنى ئاساسەن كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا بەدئىيلىكنى مۇرەككەپ ئىنسان تەبىئىتىدىن ئىزدەش كېرەككى، بەلگىلەنگەن سىياسەت، قانۇن، پرىنسىپ بويىچە ئىزدەپ خالتا كوچىغا كىرىپ قالماسلىق كېرەك. ھەر ئىشنىڭ بىر قانۇنىيىتى ۋە ئىگىسى بار؛ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە سەنئەت قانۇنىيىتىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىش كېرەك. سىياسىۋىلىكى كۈچلۈك، ئەمما بەدئىيلىك تۆۋەن ئەسەر سىياسەتكە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ئوقۇرمەننىڭ دىلىغىمۇ تەسىر قىلالمايدۇ ياكى ئىستېتىك زوقىغا ماس كەلمەيدۇ.
تارىخىي مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدىن شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئۆزگىچە ھالىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇ ئەسەرلەردە سىياسىيلىق بىر تارىخىي ھادىسە سۈپىتىدە شۇ دەۋردىكى مۇھىت، كەيىپيات ۋە ئادەملەرگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇ  ئەسەرلەردە سىياسىي پۇراق بىلەن بەدئىي خۇشپۇراقلار شۇنداق گۈزەل مۇجەسسەم بولغاچقا، كىشىلەرنى جەلپ قىلالىغان. بۇنداق ئەسەرلەر يەنە شۇ دەۋرنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە.
دېمەك سىياسىيلىق، ئەدەبىيات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىيلىكنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار. ئەدەبىي ئىجادىيەت شەخسنىڭ ئىشى، بىراق شەخس كوللېكتىپتىن ئايرىلالمايدۇ. يازغۇچى ئۆز ئىشىغا شاھىد ئىنسان بولغانىكەن، ئىنسان تەبىئىتىنى يازسا بولىدۇ.  ئەمما ئىنسان مەلۇم كوللېكتېپ ئىچىدە بولغاچقا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا  ئىنسان تەبىئىتىنى يېزىش ئەركىنلىكىمۇ ئىجتىمائىي ھادىسە بولغان سىياسىيلىقتىن، جۈملىدىن دىن، ئەخلاق، جامائەت پىكرى، مىللىي خاسلىق، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلانىڭ تەسىرىدىن ھالقىيالمايدۇ.
شۇنى تەكتلەش كېرەككى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بەدئىيلىكنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئىنسان روھىنى قېزىش، ئىنسان روھىغا ئۆچمەس ئىز سالغان، سېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى سەنئەت چىنلىقىغا ئۇيغۇن ھالدا ماھارەتلىك  يېزىش كېرەك. يازغاندا كۆپچىلىكنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىگە، ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسەت، قانۇن، تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا يازغۇچىلار ئۆز مەنپەئەتىنىمۇ قوغدىيالايدۇ.
بەدئىيلىك بىلەن سىياسىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟  جاۋاب شۇكى، بەدئىي دىت بىلەن سىياسىي سەزگۈرلۈك ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۇ دەۋردە  ياشاۋاتقان يازغۇچىلار  كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەزىيەتنى قانداق بايقاش ۋە قانداق ئەكس ئەتتۈرۈش دېگەن مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ.  ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مەنبەسى تۇرمۇش، ھالبۇكى تۇرمۇش سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى ئىچىدىكى ئادەم سىياسىيلىقتىن مۇستەسنا بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تەبىئىتى، تۇرمۇشى ۋە تەقدىرى جەزمەن سىياسىي مۇھىتقا زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەنە شۇ مۇھىتتىكى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى قېزىش ئۈچۈن سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە بەدئىي دىت كەم بولسا بولمايدۇ.
«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 1998-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان«گۇناھ»ناملىق پوۋېستىمدا مەن مىللىتىمىز كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سىياسىي مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ باققانىدىم، يەنى يېزىلاردا يەرلىك خاقان بولۇۋالغان بەزى ساپاسىز ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز دىنىنىمۇ، پارتىيىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنىمۇ چۈشەنمەي، بۇرمىلاپ، كىچىك ئىشنى يوغانتىپ، ئاۋام خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئايرىم مەسىلىلەرگە قارىتىلغان سىياسەتنى ھەممىگە قارا-قۇيۇق تېڭىۋاتقانلىقىنى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا بەزى ھوقۇق-ئەركىنلىكىمۇ چۈشەپ قويۇلغان  دېھقانلىرىمىزنىڭ نامراتلىق، چىرىكلىك ۋە بارغانچە چىڭىپ كېتىۋاتقان جاھان ئالدىدا تېڭىرقاپ، بۇ روھىي ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىدىكى ئىزگۈ ئېتىقادنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئۆزىگە چوڭ تەسەللىي ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئەمەلدارلار بىلەن ئاۋام خەلقنىڭ ئۆزئارا زىددىيىتى ۋە ئۇ زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى تىپىك مۇھىت ۋە تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرگەنىدىم. بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە باشقا جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە غولغۇلا قوزغالدى؛ بولۇپمۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يازغۇچى-قەلەمكەشلەر ئارىسىدا بۇ پوۋېست پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ، كېيىن مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئېچىلدى. يىغىندا مەن يوق، يىغىن ئەھلىنىڭ كۆپى ئەسەرنىڭ مۇۋاپپەقىيىتىنى، ئۇنىڭ يېڭىلىقى، چىنلىقى ۋە ئاپتورنىڭ دادىللىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپتۇ. ئاز ساندىكىلەر ئەسەرنىڭ يېتەرسىزلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بۇ ئەسەردە سىياسىي مەسىلە بار، مۇھەررىر ئويلاشمايلا ئېلان قىلىۋېتىپتۇ، بۇ بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك دېگۈچىلەرمۇ بوپتۇ (تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان مۇشۇنداق پىتنىخورلار دېموكراتىك قانۇن-تۈزۈم مۇكەمملىشىۋاتقان جەمئىيىتىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئەدەبىياتىمىزنىڭ باكتېرىيىلىرى). ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تېمام بىلەن ساپاسى يۇقىرى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىىتىنى ھەم ئاۋامنىڭ ئارزۇسىنى ياخشى چۈشىنىدىغان باشلىقلارنىڭ يىغىنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرى ئارىسىدا  ھېچ پەرق يوق. مەيلى ئەدەبىي ئەسەر، ماقالە ياكى يىغىن نۇتقى بولسۇن، ئاشۇنداق تىپىك، توغرا، دادىل پىكىرلەر  سوتسىيالىستىك جەمئىيىتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، ئۆزى پارتىيىلىك تۇرۇپ پارتىيىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان ھېلىقىدەك ساپاسىز، بېيرۇكرات، سىياسىي نەيرەڭۋازلارغا  ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ.
يازغۇچىدا بەدئىي دىت بولمىسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىدىكى سىياسىي پىكىر، سىياسىي مەسىلىلەرنى، جۈملىدىن سىياسىيغا چېتىلىدىغان تۇرمۇش ھادىسلىرىنى بايقىيالىشى ۋە بەدئىيلىك قانۇنىيىتى بويىچە ماھارەتلىك ئىپادىلىيەلىشى تەسكە توختايدۇ. بەدئىي دىتنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش يالغۇز جەمئىيەتتە قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالغان سالماقلىق سىياسىي مەسىلىلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاشنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ مەسىلىنى بەدئىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈش، سەنئەت قانۇنىيىتىگە جەزمەن ئەمەل قىلىش دېگەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نوقۇل سىياسىي قىزغىنلىقنى ھەم كىشىلەرنىڭ دىققىنى قوزغاشنى كۆزلەپ ئەسەرگە ھەددىدىن ئارتۇق سىياسىي مەزمۇن بېرىۋەتكەندە ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى بەدئىي ئەسەرلىك خۇسۇسىيىتى ئۆزگىرىپ، ئىستېتىك زوق بېرىش ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىلىدۇ. بۇنداق ئەدەبىي ئەسەرلەردىن كۆرە بەدئىي تىل بويىچە ئۆتكۈر، جانلىق يېزىلغان سىياسىي ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈمى بىۋاسىتە ھەم كۈچلۈك بولىدۇ.
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاساسىي مەيدانى توغرا، بەدئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن مەتبۇئات مەسئۇللىرى، جۈملىدىن مۇھەررىرلەردىمۇ بەلگىلىك سىياسىي ساپا، ئەدەبىيات ساپاسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى بولۇشى كېرەك؛ شۇنداق بولغاندىلا ئۇلاردا ياخشى ئەسەرلەرنى بايقاش ئىقتىدارى، ئۇنى دادىل ئېلان قىلىش شىجائىتى بولىدۇ.