19
ئاخشىمى سائەت ئون بولا-بولمايلا ئاشخانىغا كېلىدىغان خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلدى، ساۋۇت ياتىقىغا خۇپتەن ئوقۇغىلى كىرىپ كەتتى، ھاشىم قازىنىنى دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇپ، دېرىزگە تۈۋىگە كېلىپ تاماكا چېكىپ ئاشخانىنى ئىسلاشقا باشلىدى. ئۆمەر بەش مىنۇت ئىلگىرى تورخانىغا كىرىپ كەتكەن بولۇپ، بىر دەم ئويۇن ئويناپ بېقىپ زېرىكىپ، سېرىق تور بەتلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدى. مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ بىر سائەتتىن ئارتۇق كۆرۈۋەتتى، كۆزلىرى پارقىراپ، يۈرەكلىرى ئاغرىپ، پاچاقلىرى تىترەشكە باشلىدى، چىداپ ئولتۇرۇشقا تاقىتى يەتمىدى، پۇلنى تۆلەپ تورخانىدىن چىقىپلا ساتراشخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى؛ يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ، ھەۋىسى چىڭقىلىپ، پۇتىنى بىرسى شۇ يەرگە مىقلىۋەتكەندەك تۇرۇپ قالدى، ئەتراپىغا قارىدى، ئاشخانىدا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى، قاتار كەتكەن ساتراشخانىلارنىڭ ئىشرەت چىراغلىرى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلاتتى. ئۇ قاراڭغۇلۇق قوينىدا ئەركىنلىككە چىققاندەك يايراپ، تېز قەدەملەر بىلەن ئالدىغا ماڭغاچ ساتراشخانىلارنىڭ ئىچىگە قارىدى، يوتىسىنى ئېچىپ قويۇپ تالاغا قاراپ ئولتۇرغان سەتەڭلەرگە قاراپ تۈكۈرۈكىنى يۇتۇپ، ئەسەبىي خىياللارنى سۈرۈپ، ئۆزى باشتا مىخلىنىپ قالغان يەرگە كېلىپ توختىدى، لاۋبەن سەتەڭنىڭ دۇكىنىغا چەكچىيىپ قارىدى، دائىم ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرۇۋالىدىغان قاپىقى يامان سەتەڭ قولىدىكى تېلېفوننى ئويناپ ئولتۇراتتى. ھاشىم بۇ سەتەڭنى ئۆمەرگە نەچچە قېتىم تىللاپ بەرگەن بولۇپ، « بىر كۈنى ئەمەس، بىر كۈنى ئوينىۋېتىمەن» دەپ پو ئېتىپ يۈرەتتى. ئۆمەر كەلگەندىن بېرى قاراپ تويمىغان، شۆلگىيىنى يۇتۇپ ھالى قالمىغان دۇكان مۇشۇ ئەمەسمۇ، چوپچوڭ ئوغۇل بالا تۇرۇپ نېمىدىن قورقاتتى، ئوينايدىغان سەتەڭدىنمۇ قورققان بارمۇ، يەنە كېلىپ كۈندە ئۇدۇل قارىشىپ تۇرىدىغان قوشنىلارغۇ، پۇلدا نېرى بېرى كەتسىمۇ كارى چاغلىق، ئىچىدە نېمە بار، ھەممىنى كۆرۈپ كۆزى ئېچىلسا قايتىپ چىقىپ ھاشىمغا ماختىنىپ بېرىدۇ...
ئۇ ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغان پەرۋانىدەك تەلۋىلىك بىلەن ساتراشخانىغا شۇڭغۇپ كىردى، ئىشىك تۈۋىدىكى سەتەڭ ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى كىرىشىنى بىلىدىغاندەك سوغۇققانلىق بىلەن ئورنىدىن قوپقاندا ئۇنىڭ يۈرىكى بايا سىرتتا تۇرغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك سوقۇپ كەتتى، سافادا ئولتۇرۇپ قەرت ئويناۋاتقان، تاماكا چېكىۋاتقان سەتەڭلەرگە قارىدى ۋە تەسەۋۋۇرىدا ئۇلارنى سېرىق تور بەتلىرىدىكى قىپيالىڭاچ رەسۋالارغا ئوخشاتتى.
__ نېمە قىلاي دەيسەن؟
__ كەي فاڭجەن...__ دېدى ئۇ ھاشىمدىن ئاڭلىۋالغان بويىچە.
غور قاپاق سەتەڭ ئۇنىڭ ئۆسۈپ كىرلىشىپ كەتكەن چېچىغا قاراپ، مەنسىتمىگەندەك قاراپ قويدى:
__ ئەنمو قىلدۇرىسەن، شۇنداقمۇ؟
ئۆمەر "ئەنمو" دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئىشنىڭ بېشى مۇشۇ دەپ ئويلاپ بېشىنى لىڭشىتتى.
__ شياۋ مېي، سەن بۇنى باشلاپ كىر.
غور قاپاق سەتەڭ ئۆمەرنى كىچىك كۆردىمۇ، ئەيتاۋۇر، يېشى كىچىكرەك كۆرۈنىدىغان بىر قىزنى ئۇنىڭغا بۇيرۇپ قويدى. ئۆمەر ئۇ قىزنىڭ كەينىدىن توشقاننى قوغلاۋاتقان تايغاندەك شاشلىشىپ، قىن-قىنىغا سىغماي ماڭدى. ئايرىم ياتاقنى كۆردى، مەينەت كارىۋاتقا چىقتى، پاكىنەك قىز ئۇنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ پۇت-قوللىرىنى مۇجۇپ تۇتۇشقا باشلىدى، ئۆمەر بۇنىڭغا چىدىماي قىزغا ئېسىلىدى، قىز بەش بارمىقىنى چىقاردى. ئۆمەر بۇ چاغدا ئەسەبىيلىكتە چېكىگە يەتكەن بولۇپ، 500 كويمۇ، 50 كويمۇ، يا 5 كويمۇ چاتىقى بولمىدى، "شىڭ" دەپلا قىزنى پوكانغا باستى...
ئون مىنۇتلاردىن كېيىن ئايرىمخانىدىن پوچىلىق ۋە دەككە-دۈككىدە چىققان ئۆمەر يانچۇقىدىكى 20 كوينى چىقىرىشىغا غور قاپاق سەتەڭ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدى، شياۋ مېيغا بۇرۇلۇپ:
__ نەچچە پۇلدىن دېيىشكەن؟__ دېۋىدى، ئۆمەرنىڭ قولىدىكى پۇلغا قاراپ غەزەبلىنىپ تۇرغان قىز:
__ 500 كويغا دېيىشكەن، كىمنى ئەخمەق قىلىدۇ بۇ نېمە! ئۆزەڭ نېمە دېگەن، بولىدۇ دېگەنغۇ، قېنى پۇل، چىقارمامسەن؟__ دەپ ئۆمەرنىڭ كۆزىگە كىرىپلىۋالدى.
__ پۇلنى چىقار، بىزنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭسەن؟ __ دېدى غور قاپاق سەتەڭ ھازىرلا ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىدىغاندەك يامان ئەلپازدا،__ 20 كويۇڭغا ما قاسماق چېچىڭنى ياساتساڭ بولمامدۇ!
ئۆمەر بۇ ئىككى سەتەڭنىڭ بىر دەمدە ئالۋاستىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۆتۆتلەپ، ئىنجىقلاپ تالاغا قارىدى، ئاشخانىدا ھاشىمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، ئۇ بولغان تەقدىردىمۇ بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرالامتى؟ قۇتۇلۇشقا ھېچ چارە تاپالمىغان ئۆمەر قولىنى ئاشخانا تەرەپكە جۆنۈپ ئالاقزادىلىك بىلەن "مىڭتيەن گېي، مىڭتيەن گېي" دېدى. ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك ھودۇقۇپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقىنىنى كۆرگەن سەتەڭلەر بۇ پۇلنى ئەتە ھەرگىز ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، تېخىمۇ چىڭ تۇرۇۋېلىشتى:
__ ھازىر بېرىسەن، پۇلنى چىقار...
__ ۋو مەي چيەن..
__ پۇلۇڭ بولمىسا نېمە دەپ كىرىسەن، بىزنى شاپاقچى كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟ ___ دېدى غور قاپاق سەتەڭ لاغىلداپ تىترەۋاتقان ئۆمەرنى سىلكىشلەپ، ئاندىن شياۋمېيغا بۇرۇلۇپ قاتتىق تەگدى __ سەنمۇ نېمە دەپ ئاۋۋال پۇلنى ئېلىپ بىر ئىش قىلمايسەن؟
__ ئۆزى بېرىمەن... دېگەن...
__ نېمىسىنى بېرىدۇ، بىر نېمىسىنى ئوبدان بەرگەندۇ تازا، سېنى كىم بۇ چۈپرەندىگە يېتىپ بەر دېدى؟! ئال ئۆزەڭ ئەمدى بۇ ئوغرىدىن پۇلۇڭنى، نېمە قىلساڭ قىل، مېنىڭ كارىم يوق.
شياۋ مېي بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مەھكەم ئېسىلدى. ئۆمەر ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك پۇلاڭلاپ، تۆت تەرەپكە چارىسىز، ئۈمىدسىز قارايتتى. لاۋبەن سەتەڭ بولغان بولسا بەلكىم بۇنداق بولمايتتى، چۈنكى ئۇ ئۆمەرگە يېقىملىق، مەرت كۆرۈنىدىغان تەتەيخان ئىدى، ھاشىمغا بىكارلىق مۇلازىمەت قىلغاندىكىن ئۆمەرگىمۇ ئوڭ كۆزىدە قارىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇنىڭ يوقلۇقىدىن ئۆمەر بۇ پېشكەللىككە ئۇچرىدى... پۇلنى ئالىدىغان ئادەم شۇ لاۋبەن سەتەڭ تۇرسا بۇلار نېمە دەپ ھەددىدىن ئاشىدۇ؟ پۇلنى ئەتە بېرەي دېسىمۇ نېمىشقا ئۇنىمايدۇ؟ باياتىن يولۋاستەك كۈچلىنىپ كەتكەن ئوغۇل بالا مانا ئەمدى سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك شۈمشىيىپ بۇلارنىڭ تايىقىنى يەمدۇ؟... يۇۋاشلىق بىلەن بۇنداق تۇرىۋەرسە بۇ يەردىن ھەرگىز چىقالمايدۇ...
ئەتراپىدىكى سېرىق چاچلاردىن قورققانسېرى مۇشتۇمى تۈگۈلۈپ كەتكەن ئۆمەر پاكىنەك قىزنى بىر ئىتتىرىۋىدى، ئۇ داق يەرگە قوڭچىلاپ چۈشتى. سېرىق چاچلار چۇقىرىشىپ، ئوپۇر-توپۇر بېرىپ ئۇنى يۆلەشتى. ئۆمەرنىڭ جان-پېنى چىقىپ، تالاغا قېچىپ ماڭغاندا غور قاپاق سەتەڭ ئالدىنى توسۇۋالدى. قورقۇپ ئېلىشىپ قالغان ئۆمەر بارلىق ئاچچىقىنى ئۇ سەتەڭدىن ئالماقچى بولغاندەك غەزەپ بىلەن بېرىپ چاترىقىغا بىرنى تەپتى، ئاندىن ئىشىك تۈۋىدىكى ئورۇندۇقنى قولىغا ئېلىۋېلىپ ھەيۋە قىلدى. غور قاپاق سەتەڭ چۆچۈپ كەينىگە داجىدى، قالغانلىرىمۇ يېقىن كېلەلمىدى. ئۆمەر ئورۇندۇقنى تاشلاپ، ئىشىكنى ئېچىپ تالاغا چىقىۋالدى، ئاشخانىغا كىرىپ ئىچىدىن تاقىۋالدى، ياتىقىغا كىرىپ يېتىۋالدى، ئەمما ئىچ-ئىچىدىن لاغىلداپ تىترەيتتى...
ياسىن بۇ ئاخشىمى غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىدا ئىچىپ ئولتۇراتتى. بۇ يەردە غېنى شاڭجاڭدىن باشقا يەنە ئۇ تۇنجى قېتىم ياسىننىڭ ئاشخانىسىغا بارغاندا بىللە باشلاپ ئاپارغان ئىككى ئاۋاق بار ئىدى. بىرسى غېنى شاڭجاڭنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى پەرھات، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئاغىنىسى بولۇپ، ئارىلىقتا يوقاپ كېتىشكەنىدى، غېنى شاڭجاڭ ئۇلارنى بېيجىڭغا كەتتى دېگەن، مانا بۈگۈن ئۇلار قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى ھاراق شۇلارنىڭ شەرىپىگە ئىچىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، غېنى شاڭجاڭ دېمىگەندىكىن ياسىنمۇ كوچىلاپ سورىمىغانىدى، ئەمما ئۇلار مەيلى نېمە ئىش قىلسا قىلسۇن، ئەبگالىقى شۇ پېتى ئىدى، چېكىشنى تېخى تاشلىمىغاندەك قىلاتتى.
__ سەمرىپ قاپسەن جۇمۇ ،__ دېدى پەرھات ياسىنغا قاراپ تاماكىسىنى پۈۋلەپ، كۆزىنى قىسىپ،__ لاۋبەنلىك رەسمى يارىشىپتۇ ساڭا.
__ نەدىكى لاۋبەننى دەيسەن، لاۋبەن دېگەن مانا، ئىككى ئۈچ يەردە ئۆيى بار، تۆت-بەش قۇچاق خوتۇنى بار مۇنداق ئادەمنى لاۋبەن دەيمىز،__ دېدى ياسىن غېنى شاڭجاڭغا قاراپ كالچىيىپ.
__ سېنىڭمۇ بوپ قالىدۇ، شۇنىڭغا ئاز قالدىڭ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ،__ مەندەك لاۋبەن بولغىچە مەنچىلىك قېرىپ كەتمەيسەن.
__ ئاڭلىسام ئىككى خوتۇن ئېلىۋاپسەن،__ دېدى پەرھات ھاراق قۇيغاچ،__ تەرەققىياتلار زور ئىكەن...
__ خاتا گەپ قىلدىڭ ئۇكا، بۇرۇن بىرسى بار ئىدى،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ، __ كۆرمىگەنمۇ ھېلىقى چاغدا ئوتقاشتەك چوكاننى...
__ ھە... كۆرگەن، ئېسىمگە كەلدى.
__ ئالامەت چوكان دەيمەن، خوتۇن بولا شۇنداق بولا...
__ گېپىڭ باشقىچىلىغۇ ئاكا، خەقنىڭ خوتۇنىغا كۆز سالما جۇمۇ...
__ بىر خوتۇننىڭ چىرايىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈنمۇ ئېرىدىن رۇخسەت ئېلىش كېرەكمىكەن؟ مەن باشقا ئىش قىلىمەن دېدىممۇ؟ ئىنىمىز ياسىن مېنى ئوبدان بىلىدۇ، مەن ئەزەلدىن كىشىنىڭ خوتۇنىغا چاقچاق قىلىدىغان ئادەم ئەمەس. ئەمدى، چىراي دېگەنگە قارايسەن دېگىنە، خۇدايىم بەرگەن كۆز، خۇدايىم بەرگەن چىراي ئۇ...قانداق دېدىم ياسىن؟!
___ توغرا دەيسەن، خوتۇنغا قارىغانغا باج ئالمايمەن...
___ ئەمىسە نېمىگە باج ئالىسەن،__ دېدى پەرھاتنىڭ ئاغىنىسى تام تۈۋىدىن ھوشۇر تاز قوپقاندەك.
ياسىننىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدى، ئالدىدىكى بوتۇلكىنى ئېلىپ ئۇ ئەبگانىڭ بېشىغا ئۇرۇپ چېقىۋەتكۈسى كەلدى.
___ سەن چېكىۋالدىڭمۇ يا قانداق؟!__ دېدى ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئاچچىق بىلەن،__ خوتۇنى يوق سالتاڭلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ئارىلاشما...
__ بولدى قىل ياسىن، ئۇ چاقچاق قىلىۋاتىدۇ...__ دېدى پەرھات.
__ بۇنداق لاۋزا گەپنى چاقچاق دېمەيمىز، چاقچاق دېگەننى مەندىن ئۆگەنسۇن بۇ!
__ بولدى ئۆزەڭنى بېسىۋال،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئېغىر پۇشۇلداپ، __ چىرايلىق سورۇننى بۇزمايلى.
ياسىن جىمىقىپ قالدى، ئەمما ئالدىدا ئولتۇرغان قاپاق نوچىغا قارىسىلا زەردىسى ئۆرلەيتتى، شۇڭا كۆپ ئولتۇرمايلا ئۆزۈر سوراپ ماڭغىلى تەمشەلدى.
__ رەنجىمەي ماڭغىن، __ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئۇنى ئۇزىتىپ چىقىپ، __ ئىچىدىغان، چېكىدىغان ئادەم ئاشۇنداق ئوڭ-تەتۈر سۆزلەيدۇ، كۆڭلۈڭگە ئالما.
__ ياقەي، ئۇ ھەزلەكنىڭ گېپىگە خاپا بولۇش كەتمەيدۇ.
__ ئەجەپ ئالدىراپ ماڭدىڭ، چوڭ خوتۇنغا ئالدىراپ كىچىك خوتۇنۇڭنى تاشلاپ قويامسەن؟
__ ياقەي، ساقلاپ تۇرۇۋاتىمەنغۇ مانا...
__ شۇنى دەيمىنا، سېنىڭ خوتۇنۇڭ ئۇ، بىللە ئېلىپ كەت!
شۇ ئەسنادا گۈلشەنمۇ چىقتى، ئۇ ئەتلەس كۆينىكىنى سېلىۋېتىپ، نيۇزەي شىم بىلەن قىسقا كوپتىسىنى كىيىپ چىققانىدى.
__ ئېرىم دېسە ئۇچۇشقا تەييار تۇرىسىز-دە خان... __ دېدى غېنى شاڭجاڭ ھىجىيىپ، __ ئېرىڭىزنى خاپا قىلماڭ جۇمۇ...
__ نېمىشقا خاپا قىلغۇدەكمەن،__ دېدى گۈلشەن ياسىننىڭ يېنىغا كېلىپ.
__ ئەمىسە ئۇكا، يامانلىماي ماڭ، ۋاقتىڭ يەتسە پات-پات كەل.
ياسىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ خوشلىشىپ، گۈلشەننى ئەگەشتۈرۈپ بەش مىنۇت مېڭىپلا بىنانىڭ ئالدىغا كەلدى. گۈلشەن بۇ يەرگە كەلگىچە ئۆينىڭ توك پۇلى، سۇ پۇلى ھەققىدە بىر گەپلەرنى قىلغاندەك قىلدى، ياسىننىڭ قۇلىقىغا بۇ گەپلەر كىرمىدى، ئۆزى بىلەن ئۆزى قېرىشىپ ئاشۇ ھەزلەكنىڭ گېپىنى ئويلاپ، ئىچىنى يەنە ئاچچىق قىلدى.
__ نېمە بولدى سىزگە، جىمىپلا كەتتىڭىزغۇ؟__ دېدى گۈلشەن سەل ئالدىغا ئۆـۈپ ياسىننىڭ چىرايىغا قاراپ،__ ھاراق ئىچسىڭىز شوخلىشىپ كېتەتتىڭىز، ھازىر باشقىچىلىغۇ؟
__ نېمە بولاتتى، ھېلىقى مازپۇرۇش نېرۋامغا تەگدى.
__ قايسى مازپۇرۇش، پەرھات ئەمەستۇ؟
__ ياق، پەرھاتنىڭ ئاغىنىسى.
__ ۋاي ئۇ ئاشۇنداق دەلتە ساراڭ، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭ.
ئىككەيلەن  بىناغا كىرىپ، لىفتقا چىقىپ ئۈستىگە مېڭىۋاتقاندا ياسىننىڭ كۆڭلى سەل ئېچىلدى، كۆرەلمەس ھەزلەكلەر ياسىننىڭ سۈرۈۋاتقان لەززەتلىرىگە چىدىماي قالغان گەپ، پەرھات چاندۇرمىغاندەك قىلغان بىلەن، ئاشۇ مەسخىرىلىك قىسىلغان كۆزىدە يەنىلا كۆرەلمەسلىك بار…
گۈلشەن ئىشىكنى ئېچىپ ياسىننى ئىشرەت قوينىغا باشلىدى، ياسىن پۇشۇلداپ بارغىنىچە چاپىنىنى كارىۋاتقان تاشلاپ تاماكا ئىزدەشكە باشلىدى.
__  ئۆيگە بىر مۇنچە ھەشەم قىلسام قاراپ قويايمۇ دېمەيسىزغۇ؟__ دېدى گۈلشەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەركىلەپ،__ كارىۋاتقا بىر قاراپ بېقىڭە..
ياسىن ئىككى يېنىغا قارىدى، گۈلشەن كارىۋاتقا يېڭى يوتقان-كۆرپە، ياستۇق، كىرلىك ئالغان بولۇپ، ھۇجرىنى باشقىچە يېقىشلىق، ئارامبەخش قىلىۋەتكەنىدى.
__ ئۆزەڭنىڭ ئۆيىدەكلا قىلىۋېتىپسەنغۇ!
__ شۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆيى تۇرسا، قانداق، رازى بولدىڭىزمۇ؟
__ ماڭا سەن بولساڭلا بولدى، داق يەردىمۇ يېتىۋېرىمەن.
__ ئۇنداق قىلماڭ، بېلىڭىزگە سوغ ئۆتۈپ قالىدۇ،__ دېدى گۈلشەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۆتۈپ بېلىدىن قۇچاقلاپ، __ مۇشۇ يوتقاندا سىز بىلەن كېچىچە بىللە ياتقۇم بار.
__ ئۇ ۋاقىتلارمۇ كەپ قالا، نەچچە كۈندىن يالغۇز ياتتىڭمۇ؟
__ يالغۇز ياتتىم، بىنا ئۆي دېگەن بىخەتەركەن دەڭا، كۆردىڭىزغۇ، چوڭ ئىشىكتىن كىرسىڭىزلا قارايدىغان ئادەم بار، بىناغا كىرىۋالسىڭىز خاتىرجەم، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ ئولتۇرىمەن، بىكار تۇرماي تازىلىق قىلىمەن، قاراڭە ئۆيگە، بىر تال چاڭ-توزان تاپالمايسىز. ھەممە يەر شۇنداق پاك-پاكىز.
__ يېنىڭدا ئادەم يوق زېرىكمىدىڭمۇ؟
__ ياق، مەن ھازىر يالغۇزلۇققا ئامراق بولۇپ قالدىم، ئويلىسام پەقەت سىزنىلا ئويلايمەن شۇ، كەچتە
ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ قويۇپ، يېگەچ ئولتۇرۇپ دىيەنشى كۆرىمەن، مەن بۇنداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلغىلى ئۇزاق بولغان، شۇڭا ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئۆيگە قايتىمەن، ئوپچە ياتاققا ھازىر قەتئى بارغۇم كەلمەيدۇ.
__ بوپتۇ، قورقمىساڭ مۇشۇنداق ياشا، مەن بولمىساممۇ مەن يېنىڭدا باردەك ئۆتىۋەرسەڭ بولىدۇ.
__ سىزنى ئاخشىمى شۇنداق سېغىنىپ كېتىمەن، لېكىن چىدايمەن.
__ چىدىغىن ئەمدى، مەنمۇ چىداۋاتىمەن.
__ قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتەرمىز؟ لېكىن مەن مۇشۇنداق ئۆتۈشكە رازى، سىزگە بېسىم قىلغۇم يوق.
__ پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرىمىز ئەمەسمۇ، ئەر-خوتۇنچىلىق دېگەن كۈندە بولىۋەرسىمۇ ئادەم زېرىكىپ قالىدۇ، شۇڭا سېغىنغاندا بىر قىلىمىز،  خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن ئادەم تاماق يېگەندەك بولىدۇ، بۇنىڭ ھۇزۇرى باشقىچە…
__ سەتلىكىنى، __ دېدى رەيھان ياسىنغا ئەگىشىپ تەڭ كۈلۈپ، __ ئۇنداقتا سىز  زېرىكمەيدىكەنسىز-دە؟ بىر خوتۇن ئۇ ياقتا، بىر خوتۇن بۇ ياقتا، ھەر ياقتا تاماشا، قاچان دېسىڭىز شۇ چاغدا تەييار، پۇل تاپقان خەقنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەر كىشى  نېمانداق تويمايدىغاندۇ؟
__  بۇ نېمە دېگىنىڭ، مېنى ئىككى خوتۇن ئالغانغا تويغۇزاي دېگەنمۇ؟
__ ياق، مەن دەيمەن، ئايال كىشى بىرلا ئېرىم بولسا ئويلايدىكەن، لېكىن ئەر كىشى كۆپ خوتۇنۇم بولسا دەيدىكەن، شۇنىڭغا قاراپ دەۋاتىمەن.
__ خوتۇن خەقمۇ ئويلايدىغاندۇ، يالغاندىن نومۇسچان بولۇۋېلىپ يۈرگەن بىلەن…
__ ۋاي مېڭە، ئۇنداقتا خوتۇن خەقنىڭ بۇزۇقتىن نېمە پەرقى!
__ توغرا دەيسەن، خوتۇن خەق ئېرىگە سادىق بولۇشى كېرەك.
__ ئېرىدىن يوشۇرۇن ئاشنا ئوينىغان خوتۇنلارنى ئەپچىقىپ ئېتىۋەتسە بولىدۇ.
__ راست دەيسەن خوتۇن،__ دېدى ياسىن ئۇنى ھارام پۇراپ تۇرغان ئاغزىدا سۆيۈپ،__  گەپنى يامان جىق قىلدۇق، بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ…
__ ھاراقنى جىق ئىچمىگەندەك قىلىسىز بولمىسا، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئوڭشاپ قويىمەن.
__ چېيىڭ بارمۇ؟  ئۇسساپ تۇرىمەن…
__ توختاڭ، ھازىر دەملەپ ئاچىقاي.
گۈلشەن ئورنىدىن قوپۇپ مېڭىشىغا ياسىننىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى. ئۇ تېلېفوننى ئالماستىن،  نومۇرىغىمۇ قارىماستىن ئىچى سىقىلدى،  بۇنداق چاغدا خوتۇنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى پەقەت خالىمايتتى. ئەمما  بۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەيتتى. چۈنكى ئۇ  ئىلگىرى تېلېفوننى بىر قېتىم بېسىۋېتىپ گەپتىن قۇتۇلالماي بۇرنى قۇلىقىغىچە تويغانىدى، تېلېفوننى پەقەت ئالمىسىمۇ بېسىۋەتكەن بىلەن ئوخشاش ئىدى.  ئۇ تېلېفوننى بايا ئۆيگە كىرىپلا ئېتىۋەتمىگىنىدىن پۇشايمان قىلىپ، ۋەھىمىلىك سايراۋاتقان تېلېفونغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى، تېلېفون ھەر سايرىغاندا خوتۇنىنىڭ گۇمانى بىر قېتىم كۈچىيەتتى، ياسىن بۇنى ياخشى بىلەتتى، بۇ ۋەھىمە، بۇ قورقۇنچتىن شۇنچە بىزار بولسىمۇ  قۇتۇلالمايتتى، چۈنكى بۇ قورقۇنچنى پەيدا قىلغان خوتۇنى ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئىدى. ئۇ تېلېفون توختاپلا قالسا يۈرىكى توختاپ قالىدىغاندەك جىددىيلىشىپ تېلېفوننى دەرھال ئالدى، رەيھان  يىغا-زارە ۋە ئاچچىق بىلەن سوراۋاتاتتى:
__ ۋاي سىز نەدە؟
__ غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىدا، نېمە بولدى؟
__ ئۇ ئوغرىنىڭ يۇندىسىنى يالاپ يۈرگىچە ما ئۇكىڭىزغا قارىسىڭىز بولمامدۇ؟
__ نېمە بولدى، دېمەمسەن؟
__ ساقچىلار ھازىر كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ كەتتى.
__ نېمە؟!__ دېدى ياسىن ئورنىدىن قاڭقىپ تۇرۇپ،__ نېمە ئىش قىلغانغا تۇتىدىكەن؟
__ باسقۇنچىلىق قىلىپتۇ، ئادەم ئۇرۇپتۇ.
__ توۋا دېگىن، بۇ قانداق گەپ!  ماڭا  يالغان گەپ قىلما جۇمۇ!
__ بۇ گەپكە ئىشەنمىسىڭىز ئەمىسە شۇ يەردە قۇسۇق يالاپ يېتىڭ!!!__ دېدى رەيھان غەزەپ بىلەن ۋاقىراپ،__  ئىست، سىزنىڭمۇ بىر ئەر كىشى بولۇپ قالغىنىڭىزغا!
__ توختا، مەن ھازىر باراي…
يۈرىكى مۇجۇلۇپ، چىرايى تاتىرىپ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتكەن ياسىن چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ تالاغا ماڭدى، گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان گۈلشەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئالدىراپ چىقتى:
__ نېمە ئىش بوپتۇ، كىمنى تۇتۇپ كېتىپتۇ؟
__ ئۆمەرنى…   بولدى سەن چىقما، ئۆزەڭگە ئوبدان قارا..
__ ۋۇي نېمىشقا تۇتۇپ كېتىدۇ؟
__ بولدى سورىما، كېيىن دەپ بېرەي.
گۈلشەن قولىنى تىتماسلاپ، ئۈمىدسىز، چارىسىز ھالدا ياسىننى ئۇزىتىپ قالدى.
ياسىن ئاشخانىغا كەلگەندە رەيھان يىغلاپ ئولتۇراتتى، ساۋۇت بىلەن ھاشىم دوغىلاق رەيھاننىڭ يىغىسىنى تىڭشاپ، ئېغىر مۇسىبەتكە چۈشكەندەك قاراپ تۇراتتى.
__ نېمە ئىش بولدى، ئېنىقراق دېگىنە!
__ بالىنى ياتقۇزاي دەپ تۇراتتىم، بىر كەمدە ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، خىيالىمدا يوق ئولتۇرۇپتىمەن، بىر چاغدا  ئاشخانىغا بىر كىملەر كىرگەندەك قىلدى، قارىسام  ئۇدۇل ساتراشخانىنىڭ لاۋبەننياڭى بىلەن ئۈچ-تۆت ساقچى قاراپ تۇرىدۇ. ئاڭغىچە ھاشىم بىلەن ساۋۇتنى چاقىرىپ چىقتىم، لاۋبەننياڭ “بۇ ئىككىسى ئەمەس، يەنە بىرسى بار ” دېدى. ئۆمەرنى چاقىرىپ چىقتۇق.  ئۇ چىققان ھامان لاۋبەننىياڭ “مۇشۇ شۇ” دەپ  كېلىپلا ئىككى شاپىلاق سالدى. بىز ھېچنېمىنى ئۇقالماي قالدۇق. “نېمە قىلدىڭ” دەپ ئۆزىدىن سورىساق قورقۇپ گەپ قىلالماي قاراپ تۇرىدۇ. لاۋبەننياڭدىن سورىساق “يېڭى كەلگەن بىر قىزغا باسقۇنچىلىق  قىلىپتۇ، دۇكاننى ۋەيران قىلىپتۇ…” دەيدۇ، “بۇ كىچىك تۇرسا قانداق ئۇنداق قىلىدۇ” دېسەم،  “بۇنىڭغا ئىسپات تولۇق، گېپىڭ بولسا ساقچىغا دە” دېدى. ساقچىلار بىزنى قارىتىپ قويۇپ ئۆمەرنى ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى…
ياسىن بۇلارنى ئاڭلاپ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالدى، بىر ئوبدان ئىشلەۋاتقان بالا قانداق بولۇپ بۇ مەينەت يەرگە كىرىپ، بۇ پالاكەتكە يولۇقىدۇ؟
__ ئۆمەر قاچانراق كىرىپتۇ ئۇ يەرگە؟
__ ئىشتىن چۈشكەندە كىرگەن چېغىۋا…__دېدى ھاشىم بۇنىڭغا ئۆزىمۇ ھەيران قالغاندەك ئەلپازدا.
__ ئىككىڭلار ئۇنىڭ نەگە كەتكىنى بىلەن چاتىقىڭ يوق يۈردۈڭلارما؟
ساۋۇت بۇ ئىشىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغاندەك گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتتى.
__ ئادەتتە ئىشتىن چۈشكەندە ئۇ تورخانىغا كىرەتتى، بىز تېخى شۇ يەرگە كىرىپ كەتتى دەپ يۈرۈپتۇق، بۇ يەرگە كىرىدىغىنىنى  پەقەت ئويلىماپتىمىز…__ دېدى ھاشىم.
__ سەنمۇ ئالدىراش، بالىغا قاراپ ئۆمەرگە قاراپ بولالمىدىڭ دېگىنە،__ دېدى ياسىن خوتۇنىغا قاراپ ئاچچىق بىلەن،__ بارلىق گۇناھ مەندىكەن ئەمىسە، بىر دەم بىر يەرگە بېرىپ كەلگىچە بولۇپ كەتكەن ئىشنى كۆرمەمدىغان. باسقۇنچىلىق قىلغان بولسا  تۈرمىدە ئون يىلدىن ئوشۇق ياتىدۇ دېگەن گەپ…كېلىپ بىر ئاي بولماي ئۆزىنى تۈرمىدە كۆرىدىغان بوپتۇ-دە دۆت شۇم!
ھەممىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۈركىنىپ كەتتى، ياسىن  غەزەپ-نەپرەت، دەرت-ئەلەمدىن خۇدىنى يوقىتىپ، بىر جايىدا چۆگىلەپ ئۇ ياق-بۇياققا قارايتتى، ساتراشخانىغا ئۆچمەنلىك بىلەن نەزەر سالاتتى. ئۇ چېكىۋاتقان تاماكىسىنى پىقىرىتىىپ تاشلىۋېتىپ، ساتراشخانىغا ماڭدى. لاۋبەن سەتەڭ ئۇنىڭ كېلىشىنى بىلىدىغاندەك  تەييارلىق ھالەتتە، باتەينىڭ ئارقىسدا قاش ياساپ، كۆزىنى بوياپ ئولتۇراتتى.
__ مەن سەندىن سوراي، نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ __ دېدى ياسىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، __ مەندە قانداق ئۆچۈڭ بار.
لاۋبەن سەتەڭ ئۇنىڭ قاملاشقان تۇرقىغىلا ئەمەس، بېيجىڭ تەلەپپۇزىدا خېلى راۋان گەپ قىلالىشىغا ھەۋەسلىنەتتى. ئەمما ھازىر بۇ ھەۋەسلەرنىڭ ئورنىنى ئۆچمەنلىك ئىگىلىگەن، مۇھەببەت گويا نەپرەتكە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.
__ سەندە نېمە ئۆچۈم بولماقچىدى؟__ دېدى سەتەڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ،__ ئىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزدى، تېگىشلىك جازاسىنى تارتىشى كېرەك.
__ باسقۇنچىلىق قىلدى دەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭ بار، بۇ دېگەن بىر پاھىشىخانىغۇ؟!
__ نېمە؟ سەن بىزنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ؟! __ دېدى سەتەڭ تېرىكىپ ئورنىدىن قوپۇپ،__  كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ تامغا  قارا، كۆردۈڭمۇ بۇ  تىجارەت كېىنىشكىسىنى! بۇ دېگەن چاچ ياساش، ھۆسن تۈزەش ئورنى، پاھىشىخانا دەيدىغان ھېچقانداق ئاساسىڭ يوق.
__  بولدى قىل، سېنى كىم بىلمەيدۇ، ساقچىلارمۇ  ھەممىنى بىلىدۇ، ئۇلاردىن تونۇشۇڭ بار ، شۇڭا ئاچىۋېرىسەن دېگىنە، ئەمدى شۇ تونۇشۇڭغا دەپ ئۆمەرنى چىقىرىۋەتسەڭ، پۇل دېسەڭ پۇل بېرەي.
__ ماڭا پۇلنىڭ لازىمى يوق، ساقچىلار قانداق قىلسا ئۆزىنىڭ ئىشى.
__ ساقچىلارمۇ پۇل دەيدۇ، لېكىن مەندە ئۇنداق جىق پۇل يوق.
__ قانداق قىلساڭ قىل، خالىساڭ پۇل تۆلەپ ئېلىپ چىق، خالىساڭ سوتقا ئەرز قىل. ئەمدى مېنىڭ بۇ ئىش بىلەن چاتىقىم يوق.
لاۋبەن سەتەڭنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، جاھىللىقىدىن سەپرايى ئۆرلىگەن ياسىن ئۆزىنى تۇتالماي ۋاقىراپ كەتتى:
__ قانداق نېمە سەن، ئىشنى ئۆزەڭ تېرىپ قويۇپ ئىگە بولمامسەن؟!
__ ئىش چىقارغان كىم؟ ماڭا بوش توۋلا، ھېلى بىكار ساقچى چاقىرىمەن،__ دېدى سەتەڭ تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ.
ياسىن پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، چىرايىدىكى غەزەپ ئامالسىزلىق، بىچارىلىككە ئالماشتى.
__ سەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلدىڭ،__ دېدى ئۇ  ئەلەم بىلەن، __ مەندە زادى نېمە ئۆچۈڭ بار،  ھېچ بىلمىدىم، سەن زادى نېمە قىلماقچى، دېگىنە، مەن بىر ئاڭلاپ باقاي.
__ كىم ساڭا زىيانكەشلىك قىلىپتۇ، مەن قانۇنغا تايىنىپ ئۆزەمنى قوغدىدىم، __ دېدى سەتەڭ  مەغرۇرلۇق بلەن تاماكىسىنى پۈۋلەپ،__ ئىنىڭنى دۇكانغا مەن باشلاپ كىردىممۇ؟ شۇ  شوركا جېنىدا مېنىڭ دۇكىنىمدا زوتالىق قىلسا مەيلى دەپ قاراپ تۇرامدۇق؟ كىم بىزگە چېقىلسا ئەدىۋىنى يەيدۇ،  ئىنىڭ ساقچىغا ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى جازاسىنى تارتىدۇ.
__   مەندە چوقۇم بىر ئېلىشىڭ بار.  دېگىنە،  پۇل دەمسەن، يا باشقا بىر نېمە دەمسەن، سېنى بىر قاندۇراي.
__ سەن مېنى ئاشۇنداق پەس، ئالدامچى كۆرۈپ قالدىڭما؟ بۇ يەردىن ئاستا چىقىپ كەت، گېپىڭ بولسا ساقچىغا دە، مەن سەندەك ئادەمنى تونۇمايمەن، ماڭا ھېچنېمەڭنىڭ كېرىكى يوق.
__ سەن بۇنداق يۈزسىزلىك قىلما،__ دېدى ياسىن خورلۇقتىن تىكەنلىشىپ،__ مەن بۇ يەردە نېمە ئىش بولغانلىقىنى تېخى بىلمەيمەن،  قانداق باسقۇنچىلىق قىلىپتۇ مەسىلەن، دېگىنە؟
__ باسقۇنچىلىق دېگەن قانداق بولاتتى؟ سەنمۇ قىلىپ باققان بولغىيتىڭ؟ تۈرمىدە ياتمىغانلا يېرىڭ قالدى شۇ…
__ ئەمىسە ساقچىغا تېلېفون قىلە، مېنىمۇ ئەكەتسۇن!__ دېدى ياسىن غەزەپ بىلەن،__ بەك ئىپلاس نېمكەنسەن.
__ ئەمدى بىلگەنسەن، نوچىلىق قىلساڭ ئاشۇنداق جاجاڭنى يەيسەن.
ياسىن لاۋبەن سەتەڭگە نەپرەت بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى،  قانچە غەزەبلەنسىمۇ ئۇنى ھېچنېمە قىلالمايتتى. “خەپ توختاپتۇر” دېدى ئىچىدە، ۋە شۇ قەدەر چارىسىز، زەئىپ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىدىن ئازابلاندى.
ئۇ ئاشخانىغا قايتىپ كىرگەندە رەيھان سورىدى:
__ نېمە دەيدۇ ئۇ؟
__ گېپىڭ بولسا ساقچىغا دە دەيدۇ.
__ ئەجەپ ئەسكىلىك قىلدىيا بۇ قانجۇق، قاراپ تۇرۇپ كىچىك بالىنى تۈرمىگە سولىتىۋېتەرمۇ؟
__ باسقۇنچىلىق قىلدى دېگەن گېپىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ،__ دېدى ھاشىم ئۆمەرنى ئاقلاۋاتقان ئادۋوكاتتەك ۋەزمىنلىك بىلەن،__ بۇ بىر قىلتاق. ئۇلار  يېڭى كەلگەن بۇزۇقنى ئۆمەرنىڭ يېنىغا كىرگۈزۈپ ئۇنى ئالدىغان گەپ. بولمىسا ئۆمەر ئۇنداق قىلىدىغان بالا ئەمەس. ئاندىن ئۇ پۇل بېرىدىغان چاغدا قاراپ تۇرغان گەپ، پۇل بەر دەپ قىستىسا ئۇرۇشقان گەپ… ھەي، شۇ بالىنى دەيمەن، تورخانىغا كىرگەندىكىن قوڭىنى قىسىپ يېنىپ چىقسا بولمامدۇ دەيمەن…
__ بۇ شۇمنىڭ كاللىسى شۇ تورخانىدىلا بۇزۇلغان گەپ، ئەمدى نېمىلا دېسەك ئاقمايدۇ،__ دېدى ياسىن رەيھانغا قاراپ،__ تورخانىغا كىرىمەن دېسە پۇل بېرىۋېرىپ سەنمۇ يامان ئۆگەتتىڭ ئۇنى!
__ ئەمدى بۇنىڭغا مەن سەۋەبچى بولۇپ قالدىممۇ؟!__ دېدى رەيھان زارلىنىپ،__ ئىشلىگەندىكىن ئازراق پۇل بېرىپ تۇردۇم. چوپچوڭ بولۇپ قالغان بالا تەلمۈرۈپ تۇرسا، پۇل بەرمىسەك سەت ئەمەسمۇ! تورخانىغا كىرىڭ دەپ بەرمىدىم مەن،  پارچە-پۇرات خەجىگە ئىشلىتەر دەپ بەرگەن.
__ ئۇنداق دۆت نېمىنى جايىدىلا قويۇپ كېلىدىغان ئىش ئىدى، بېشىمىزغا بىر مۇنچە بالا تېرىدى مانا!
__ ھەممىنى ماڭا قويۇڭ، ھەممىگە مەن ئىگە بولاي!__ دېدى رەيھان يىغلاپ،__ ئەتە ساقچىنىڭ يېنىغىمۇ مەن باراي، سىز ئۆيدە پۇتىڭىزنى ئۇزۇن سۇنۇپ يېتىڭ.
يىغا-زارە بولۇۋاتسا تاماشا كۆرمەسلىك ئۈچۈن  ساۋۇت بىلەن ھاشىم ياتاقلىرىغا كىرىپ كېتىشتى.
__ سەن بېرىپ ئېلىپ چىقالامسەن؟ نېمەڭگە ئېلىپ چىقىسەن؟__ دېدى ياسىن ئاچچىق بىلەن،__ بۇ ئىشنى شۇنچە ئاسان چاغلامسەن؟
___ ھەممىنى ماڭا ئىتتىرىپ قويسىڭىز، ئەمىسە قانداق قىلىمەن!__ دېدى رەيھان ئەلەم بىلەن يېشىنى سۈرتۈپ،__ ئېرىمنىڭ ھالى مۇشۇ بولسا ماڭا نېمە چارە!
___ ماڭا تولا دوق قىلما، شۇ چاغدا مەندىن سورىماي ئۆزەڭ قارار چىقىرىپ نوچىلىق قىلغىنىڭنى بىلەمسەن؟
___ شۇ، مەن نوچىلىق قىلىپ ئەكەلگەندىكىن، پۇلنى مەن بېرىپ يامان يولغا مەن باشلىغاندىكىن، ساقچىغا ئۆزەم باراي دەۋاتىمەنغۇ!؟
___ سەن بارغانغىلا خوش خېنىم دەپ ئۆمەرنى قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويامتى؟ غىت قىسىپ ئۆيدە ئولتۇر، بىر قېتىم ئۆز بېشىمچىلىق قىلدىڭ، بولار ئەمدى!
___ ئەمىسە ئەر كىشى بولسىڭىز مەندىن قاقشىماي ئىنىڭىزنى ئېلىپ چىقىڭ، ئەمما شۇنى دەپ قوياي، ئەگەر ئېلىپ چىقالمىسىڭىز كېلىپ ماڭا تاپا قىلماڭ.
__ ئۇنى ئېلىپ چىقىش شۇنچە ئاسان بولسا ساڭا سۆزلەپ نېمە قىلىمەن؟ ئوغرىلىق قىلغان بولسا ئاسان ئىدى، پۇلىنى تۆلەپ بېرىپلا قۇتۇلغىلى بولاتتى. باسقۇنچىلىق دېگەن چوڭ جىنايەت، ئەگەر بۇ شاۋچىلار ئۆمەرگە راستىنلا شۇ جىنايەتنى ئارتىدىغان بولسا، ساقچىلار ئۇنى قولىمىزغا ئاسان تۇتقۇزۇپ بەرمەيدۇ، ئاز دېگەندە نەچچە يىل كېسىۋېتىدۇ، ئەگەر ئاچىقالماي قالسام ئاچامغا نېمە دەيمەن؟
__ ئەمىسە مېنى توختىماي تىللاۋېرىڭ، ئاچچىقىڭىزنى مەندىن چىقىرىڭ، قىلالايدىغان ئىشىڭىز پەقەت شۇ ئوخشايدۇ.
__ نېمە قىلسام قىلىمەن، ئىشنى باشتىن بۇزغان سەن! شۇ چاغدا گېپىمگە كىرگەن بولساڭ مۇشۇ ئىش چىقامتى؟
__ باشتىن بۇزغان مەن بولسام، كەينىدىن بۇزغان كىم؟! مەن كەلگەندىن بېرى كاللىڭىز ئاشخانىدا ئەمەس، ئۆمەر بىلەنمۇ ئانچە كارىڭىز بولمىدى، يوقنى تېپىپ بەردىم دېگىنىڭىز بىلەن ئاشخانىنى ماڭا تاشلاپ قويدىڭىز، بۇرۇنقىدىن ھورۇنلىشىپ كەتتىڭىز، بىر تەخسىنى قولىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ بەرمىدىڭىز، كۆزىڭىز خوتۇن-بالىدا بولغان بىلەن خىيالىڭىز بىزدە ئەمەس، بىر كۆزىڭىز ئۆيدە بولغان بىلەن بىر كۆزىڭىز تالادا، بۇرۇنقىغا قەتئىي ئوخشىمايلا كەتتىڭىز، گەپ قىلاي دېسەم، مېنى گۇمانخور دەيسىز، گەپ قىلماي دېسەم، يا ئۆزىڭىزنى بىلمەيسىز. دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ كېتىپ بارىمەن. ئۇ ئىش، بۇ ئىش دەپ توختىماي تالاغا قاترايسىز، بالىنى ئاپىرىپ ئەكەلگىچە بىر ئۇزۇن يوقاپ كېتىسىز. مەن بۇ يەردە ھەممە ئىشقا يېتىشىپ بولالماي ئاۋارە، سىز بىكارچىلىقتا ئويناپ بولالماي ئاۋارە. ئىشلەۋاتقان بالىلار بىلەنمۇ چاتىقىڭىز يوق، ئۆمەرگىمۇ "ئۇكام، ئەھۋالىڭ قانداق" دەپ بىر ئېغىز ياخشى گەپ قىلغىنىڭىزنى ئاڭلاپ باقمىدىم، ئەمدى بۇ ئىش چىققاندا توختىماي مېنىڭ پېشانەمگە تاقاپ، ئۆزىڭىزنى ئاقلاۋاتىسىز. مېنىڭ باشقا گېپىم يوق، ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ دەيدۇ، ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ، سىز دېگەن ئەر كىشى.
__ مەن نېمىشقا شۇنداق قىلىمەن، بىلەمسەن؟ كونا خاماننى سورىغۇم يوق، لېكىن گېپىمنى دەۋالاي، شۇ چاغدا مەن بىلەن بەك قېرىشىپ كەتتىڭ، مەندىن گۇمان قىلىۋەردىڭ، بىر ئوبدان ئىشلەۋاتقان قىز بالىنى ھەيدىۋەتتىڭ، ياخشى بولۇۋاتقان سودىنى ئۆلتۈردۈڭ، ئۇنى ئاز كەلدى دەپ ئۆزەڭگە جاپا سېلىۋەردىڭ، مۇشۇ دۆتلۈكىڭ ئۈچۈن سېنى جازالىدىم. ئۆمەرگە كەلسەك، مەن باشتىلا ئۇنىڭ كېلىشىنى خالىمايتتىم، ئاغزىمدا ھە دېسەممۇ، كۆڭلۈمدە رازى ئەمەستىم. چۈنكى بۇ تاز كىچىكىدىن كەپسىز ئىدى، قوڭىنى بېسىپ ئولتۇرالمايتتى. ئاخىر مەن دېگەندەك بولدى، كېلىپ تۈزۈك ئىشلىمىدى، ئۇرۇپ تىللاي دېسەم ئۆزەمنىڭ ئۇكىسى، شۇڭا كارىم بولمىدى. چوپچوڭ بولۇپ قالغان تازنى بۇ يەردە ئاتا-ئانىسىدەك باشقۇرغىلى تۇرساڭ، ئىككى كۈندە قاچىدۇ. مەيلىگە قويۇۋەتسەڭ ئوبدان ئىشلەيدۇ؛ لېكىن ئۇنى مەن يامان ئىش قىلسۇن دەپ مەيلىگە قويۇۋەتمىگەن-دە! ئەمدى ئۇنى ئىلشاتنى يېتىلگەندەك يېتىلەپ، ھەر ۋاقىت كەينىدىن يۈرسەم بولامتى؟ مۇشۇ ياشقا كەلگىچە ئەقلىنى تاپالمىغان ئۇنداق بەڭۋاش ئېشەككە تۈرمە ياخشى؛ ساقچىدىن تايىقىنى يەپ، ئېشىپ قالسا تۈرمىنىڭ موما-سەيلىرىنى يەپ يېتىپ چىقسا ئادەم بولىدۇ.
__ بۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، تۈرمە كىمگە ياخشى! ئۆزىمىزنىڭ ئۇكىسى، ئۇنداق باغرى تاشلىق قىلمايلى. بىر-برىمىزدىن قاقشاپ ئولتۇرغاننىڭ ئەمدى پايسى يوق، ھەر ئىككىلىمىزدە ئۆتۈپ كەتكەن يەرلەر بار...__ دېدى رەيھان ئېغىر ئۇھ تارتىپ، __ ھېلىمۇ ئۆزەمنىڭ شۇ ئىشىغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، مەندىن ئۆتكەن يېرى بولسا كەچۈرۈڭ، لېكىن گۇناھنى ماڭىلا ئارتىپ قويسىڭىز ئەمدى مەن زادى چىداپ تۇرالمايمەن، جېنىم ئاران قالدى، مېنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ. ھازىر بىر-بىرىمىزدىن ھېساب ئالىدىغان ۋاق ئەمەس، ھېلىمۇ بېشىمىزغا بۇ بالا كەلدى، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشنى قىلمايلى...
رەيھان يەنە يىغلاپ تاشلىدى، خوتۇنى ھەر قېتىم يىغلىغاندا كۆڭلى يېرىم بولىدىغان ياسىن بۇ قېتىم ئازراقلا ئىچ ئاغرىتتى، كۆڭلى يۇمشىدى، غۇرۇرى ئەسلىگە كەلدى، چۈنكى خوتۇنى يىغلىسا ئەركەكلىكى غالىپ ئورۇنغا چىقاتتى.
__ بولدى يىغلىما، ئەتە ئۆزەم بارىمەن، __ دېدى ئۇ،__ بولغۇلۇق بولدى، قاراپ تۇرۇپ بۇ قانجۇق بىزنى قارىغا قويدى، پۇل دەمدىكىن دېسەم غەرىزى پۇلدا ئەمەسكەن، دۇكىنى ئاقمىغانچە بىزنى كۆرەلمەي تاپقان ئىشىكەن بۇ شاۋچىنىڭ.
__ئەر كىشى دېگەن پايتىمىسى سۆرۈلۈپ قالسىمۇ ئەر كىشىكەن، باياتىن سىز بولغان بولسىڭىز ئۇ قانجۇقنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ساقچىغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلغان بولاتتىڭىز.
__ بۇ ئىشنىڭ چىقىشىنى كىم بىلدى دەيسەن، بىر بالايى ئاپەت دېگىنە بۇ بېشىمزغا كەلگەن، كۇلىغا چىققاندىن بۇيان تۈرمە دېگەنگە يېقىن يولىماي، مانا ئەمدى كۆرۈۋاتىمىز بۇ ئىشنى! ھەي... شاپاق يېگەن دۆت ئېشەك، ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ، بىزگىمۇ قىلدىڭ!
ياسىن ئىلاجىنىڭ بېرىچە دەردىنى ئاۋۇتماسلىق ئۈچۈن ئىشنى ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ، خوتۇنىنىڭ چىرايلىق ئۈمىد كۈتۈشلىرىگە ئەر كىشىدەك جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئەتىدىن باشلاپ ساقچىخانىغا قاتراش نىيىتىگە كەلدى.
ئەتىسى ئۇ ئويغىنىپلا تاغدەك غەمدىن بىئارام بولۇپ ئېزىلىپ ياتتى، رەيھان نامىزىدا دۇئا قىلىپ يىغلاپ ئولتۇراتتى.
ئۇ ئېغىر كەيپىياتتا ناشتىلىق قىلىپ، ئۆمەرنى قايسى ساقچىخانىنىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى، بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ئاشخانىغا كەلگەن ساقچىلارنى كۆرگەن بولسىمۇ، ساقچىخانا دەرۋازىسىنىڭ نەگە قارايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئەھۋالنى بايان قىلدى. غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىغان گەپتىن باشقىنى قىلمىدى، ساقچىدا تونۇشۇم بارمۇ دېمىدى، ساقچىخانىنىڭ نەدىلىكنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يەردە ھەممىنى بىلىدىغاندەك، ھەممە ئىش قولىدىن چىقىدىغاندەك چوڭ سۆزلەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ كۈتۈلمىگەندە بۇنداق پاراڭ قىلىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ياسىن غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى.
سائەت توققۇز بولغاندا ساتراشخانىنىڭ پىقىرىغۇچلىرى ئايلىنىشقا باشلىدى، ياسىن لاۋبەن سەتەڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىردى.
__ تۈنۈگۈن قوپاللىق قىلىپ قويۇپتىمەن، كەچۈرۈۋەتسەڭ،__ دېدى ئۇ چىرايىغا كۈلكە زورلاپ،__ بۇ گۇي بەك كىچىكلىك قىلىپ ساپتۇ، ئۇنى ۋاقتىدا ئەدەبلەپ تۇرمىغان گۇناھ مەندە. خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق...
__ سەن نېمە دېمەكچى؟__ دېدى سەتەڭ سوغۇق چىرايدا،__ مۇشۇنداق دەپ ئۆزەڭنى ھەم ئۇكاڭنى ئاقلىماقچىما؟ ئاقلىماقچى بولساڭ مېنىڭ ئالدىمغا كەلمەي، ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ سوتتا ئاقلا.
__ مەن دېمەكچى، بۇ گۇينى مەن يامان يولغا باشلىمىغان، مۇشۇنداق ئىش قىلمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا پۇل بەرمىگەن. لېكىن ئۇ ئۇقماي كىرىپتۇ، پۇل بەرمەي جېدەل چىقىرىپتۇ. شۇ پۇل قانچە بولسا مەن بەرسەم، ئىنىمنى ساقچىدىن ئەپچىقىشىپ بەرسەڭ.
__ ھازىر بۇ گەپ ئاقمايدۇ. ساڭا دېسەم، ئۇ ئىش بولغاندا دۇكاندا مەنمۇ يوق. قىزلار ساقچىغا تېلېفون ئۇرۇپتۇ، ئاندىن ماڭا تېلېفون قىلدى، كەلسەم بىر مۇنچە ۋەيرانچىلىق. شياۋ مېي يەردە قوپالمايلا ياتىدۇ، ئىنىڭ ئىشنى تېرىپ قويۇپ غىپپىدە قېچىپتۇ، بىرسىڭ كېلىپ بۇ زىياننى تۆلەپ ئەپۇ سورايدىغان ئىش يوق. بۇ بىزگە بەك ھار كەلدى...
__ ئۇ چاغدا مەن سىرتتا ئىدىم، ئۇ گۇيمۇ ھېچكىمگە دېمەپتۇ، ئەگەر شۇ چاغدا ئۇققان بولسام دەرھال كىرىپ ھەممە زىياننى تۆلەيتتىم...
__ ئەمدى ئاقمايدۇ، بۇ ئىش ئاللىقاچان ساقچىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋ مېي مەشەلىك قىز، ئاتا-ئانىسىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتى، ئۇلار ھەرگىز بولدى قىلمايدۇ، سوتقا ئەرز سۇنۇپ قىزىنىڭ خورلۇققا ئۇچرىغىنىغا تۆلەم تۆلىتىشى مۇمكىن. بۇ ئىش چوڭىيىپ كەتتى، ماڭىمۇ ئامال يوق. ئەمدى نېمە گېپىڭ بولسا ساقچىخانىغا بېرىپ دە، بۇ ئىشنىڭ ئەمدى مەن بىلەن ئالاقىسى يوق.
__ ئۇنداق قىلماي بىر ياردەم قىل، __ دېدى ياسىن يېلىنىپ،__ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دەپ باقساڭ، تۆلەمنى بەك جىق دەپ تۇرۇۋالمىسا، قانچە دېسە مەن بېرەي.
__ ياق، سەن سوت بۇيرۇپ بەرگەننى تۆلىشىڭ كېرەك، مەن شياۋمېينىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمىسام بولمايدۇ. ئۇ كىچىكلا بىر قىز، ئاتا-ئانىسى كەمبەغەل. ئىنىڭ ئۇنى ئالداپ، زورلاپ دېگەندەك نومۇسىغا تېگىپتۇ، بۇنى ئاز كەلدى دەپ يەرگە قاتتىق ئىتتىرىپتۇ، يانپاش سۆڭىكى سۇنغانمىكىن، ئالچاڭلاپ ماڭىدۇ، بۈگۈن دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىلى بارىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ چاتاق چىقسا، بۇنىڭ دوختۇر چىقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى سەن تۆلەيسەن...
ياسىننىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، ئۆمەر بىر توخۇ پوقى مەرەزگە چاپلاشقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يۈزىنى قارا قىلغاندىن باشقا، ياسىننىمۇ پوققا دەسسىتىپ، بۇ پالاكەتنى تېرىغانىدى.
ــ ھەممىنى ماڭا ئىتتىرىپلا قويما، ــ دېدى ياسىن بۇ لاۋبەندىن ياردەم كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەنچە سەپرايى ئۆرلەپ، ــ نەچچە ۋاقىتتىن ياخشى ئۆتۈپ كەلدۇق، مېنىڭ ئازراق يۈزۈمنى قىلمامسەن؟! ئۆزەڭ ئويلاپ باق، بۇ ئىشتا ماڭا راستىنلا ئۇۋال بولدى، ئۇ گۇي ئۇنچىلىك ئەسكى ئەمەس، باسقۇنچىلىق قىلدى دېگىنىڭ بىر  تۆھمەت، ئەگەر ئاخشىمى ئۇ يولدا ئۇ قىزغا چېقىلغان بولسا باسقۇنچىلىق قىلدى دېسەڭ بولىدۇ، لېكىن ساتراشخانىدا باسقۇنچىلىق قىلدى دېسەڭ، بۇ گەپكە كىم ئىشىنىدۇ. ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئويناپ بولۇپ پۇلنى بەرمىگەنگە ئاشۇنداق قىلساڭ، بۇ زىيانكەشلىك ئەمەسمۇ؟
ــ ساڭا يەنە دەپ قوياي، مەن ساتراشخانا ئاچتىم، پاھىشخانا ئاچمىدىم. پاكىت ئېنىق، ئىنىڭ بۇ دۇكانغا كىرىپلا ئەنمو قىلدۇرغان، ئەنمو قىلىۋاتسا شياۋ مېيغا ئېسىلىپ ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگكەن، قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ شياۋمېينى ئىتتىرىۋېتىپ قاچماقچى بولغان، قىزلار ئالدىنى توسسا بېرىپ تەپكەن. بۇ جىنايەت بولماي نېمە؟
ياسىن بۇنىڭغا يالۋۇرۇپ تېخىمۇ ئوسال بولغاندىن كۆرە، قورقماي ئولتۇرۇپ تازا زاكونلاشقۇسى كەلدى، بىر ئادەمگە ئىچىدىكىنى دېيەلمەسلىكتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولامدۇ؟
ــ شۇ ۋاقىتتا ئۆمەر ئوينىغاننىڭ پۇلىنى بەرگەن بولسا باسقۇنچىلىق قىلغان بولمايتتى، شۇنداقمۇ؟
ـ پۇلنى بەرسۇن، بەرمىسۇن، بەرىبىر باسقۇنچىلىق.
ــ ياق، ياق، سەن خاتالاشتىڭ، شۇ چاغدا ئۆمەر يۈز كوينى بېرىپ چىققان بولسا ھەممە ئىش تۈگەيتتى.
ــ نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن، شياۋ مېي خورلۇققا ئۇچرىغان تۇرسا!
ــ خورلۇق؟! بۇ قانداق گەپ، بۇ دۇكىنىڭىدىكى قايسى بىرى شۇنداق ئىش قىلمايدۇ، دەپ باقە، بۇ يەرگە كىرگەنلا ئادەم ئوينايمەن دەپ كىرىدىغۇ،  ھە…پۇل بېرىپ چىقسا بايۋەچچە، پۇل بەرمىسە باسقۇنچى… شۇنداقمۇ؟ ئادەم ئالداشقا بەك ئۇستا ئىكەنسەن، سېنىمۇ كۆرۈپ قويدۇم!
ــ مەن دېدىم، بۇ دېگەن ساتراشخانا، پاھىشخانا دەيدىغان ئىسپاتىڭ بولسا كۆرسەت. ساقچى دېگەن ئىسپاتقا قارايدۇ.
ــ ئۇنداقتا ئىنىمنى باسقۇنچى دەيدىغانغا نېمە ئىسپاتىڭ بار؟ بىر نېمىسىنى بۇزۇۋېتىپتىمۇ؟  بۇزغان بولسا ئىسپاتى قېنى؟
ــ شياۋ مېينىڭ ئۆزى ئىسپات، ئۇنىڭ كۆز يېشى ئىسپات، قىزلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئىسپات، ساڭا يەنە قانداق ئىسپات كېرەك؟
ــ كۆز يېشى؟! ــ دېدى ياسىن زاڭلىق قىلىپ سوغۇق كۈلۈپ،ــ بۇزۇلۇپ كەتكەن نېمىلەرنىڭ كۆز يېشى ئىسپات بولالامدىكەن؟ ساقچىلار كۆز يېشىغا ئىشىنەمدىكەن؟  كىم يىغلاپ بەرسە شۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ئادەم تۇتامدىكەن؟
ئاچچىق كەلگەندە تىل دېگەنمۇ سازلىشىپ كېتىدىكەن، ياسىننىڭ خەنزۇچە زۇۋانى سەتەڭنى تېرىكتۈرسە تېرىكتۈردىكى، ئۇنىڭ ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنى ئويغىتالمىدى.
ــ نېمە دېسەڭ دە، ئىسپات تولۇق، دەۋايىڭ بولسا سوتقا بېرىپ دە، كىمكى بىرسىنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىكەن، قانۇن ئۇنى جازالايدۇ، شىنجاڭلىق، خېبيىلىق دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ. ھازىر شياۋ مېي بىلەن ئاتا-ئانىسى ئۈستۈڭلاردىن سوتقا ئەرز سۇنماقچى، سوتتىن بىر تەرەپ بولغىچە ئىنىڭ قاماقتا تۇرىدۇ.
ــ سەن بىزگە ئېنىق زىيانكەشلىك قىلدىڭ؟
ــ ئۆزەڭدىن كۆرۈش! كىم جىنايەت ئۆتكۈزسە شۇ جازاسىنى تارتىدۇ، بۇ دېگەن قانۇنىيەت.
ــ بۇ ئىشتا سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ يوقما؟ مۇشۇ پاھىشخاناڭنى ئاچمىغان بولساڭ بۇ ئىش چىقامتى؟
ــ نېمە؟ كىم سېنى بۇ يەرگە كېلىپ ئاشخانا ئاچسۇن دېدى؟ نېمە بار دەپ كېلىشتىڭ بۇ يەرگە!  نەگە بارساڭ شۇ يەردە ئەسكىلىك قىلىشىسەن، ھېلىمۇ ساقچىلار بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا سەنلەرنىڭ دەستىدىن بۇ يەردە تۇرغىلى بولامتى؟
ــ شىنجاڭلىق يامان بولۇپ ئاناڭنى بىر نېمە قىلدىمۇ؟ ــ دېدى ياسىن غەزەبلىنىپ،ــ كاۋاپ پىشۇرۇپ بەرسە  بىر ئوبدان يەيسەن، نەچچە قېتىم پارچە پۇلۇم يوق دېدىڭ، بوپتۇ دېدۇق. ئىشتىن چۈشۈپ بولغاندا كەلسەڭمۇ  ئۇدۇل قوشىنىمىز دەپ كۈتۈۋالدۇق، بۆرەك دېسەڭ قورۇپ بەردۇق. ئەمدى يەپ-يەپ كۈچلىنىپ قالغاندا بىزنى يامان دەمسەن؟ سەنمۇ مەندىن بۇنداق ئاسان قۇتۇلىمەن دېمە، ساڭا قانۇن بولسا، بىزگە يوقمىكەن؟ مەنمۇ ساقچىغا بېرىپ ئەھۋالنى دەيمەن، ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىمىسىمۇ دەيمەن، بېرىپ چاۋاڭنى چىتقا يايىمەن. مەندىمۇ ئىسپات تولۇق. سوتقا ئەرز قىلسا، مەنمۇ ئەرز قىلىشنى بىلىمەن، نەچچە پۇل دېسە شۇنچە پۇل بېرىدىغان ئىش يوق، خىيالىڭدا سەن مېنى دۆت، ئىش ئۇقمايدۇ دەپ قالما، سەندەك شاۋچىغا ئەمدى يېلىنمايمەن… ــ ياسىن غەزەپ بىلەن يەرگە تۈكۈرۈپ قويۇپ تالاغا ماڭدى.
ــ  نېمە دېسەڭ دە، سەندەك نېمىنى ئىككنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن!_ دېدى سەتەڭ جايىدىن مىدىرلىماي.
ياسىن تالاغا چىقىپ بۇ سەتەڭدىن ساقچىخانىنى سورىۋالمىغىنىنى ئېسىگە ئېلىپ كەينىگە بۇرۇلدى، ئەمما بۇ دۇكانغا قايتا كىرگۈسى كەلمىدى، سورىسىمۇ  دەپ بەرمەسلىكى مۇمكن ئىدى.  ئاناڭنى، بۇ كىچىككىنە شەھەردە ساقچىخانىدىن نەچچىسى بولماقچىدى، سوراپ تاپمامدۇ!
ياسىن چېچىنى قولى بىلەن كەينىگە تاراپ، ھەممە ياققا غەمكىن نەزەر تاشلاپ ماڭدى، ئازراق ماڭغاندىن كېيىن تاكسى توسۇپ، ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ بۇ رايونغا مەسئۇل ساقچىخانىنى تاپتى. ئەمما ساقچىلار ئۇنى ئۆمەر بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى. ساقچىخانا باشلىقى بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ياسىن ساقلاپ ئولتۇردى، بىر چاغدا ئۇ باشلىقنىڭ ماشىنىسىمۇ پەيدا بولدى، ياسىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەھۋالنى ئېيتتى.
__ ھازىرچە كۆرۈشسەڭ بولمايدۇ،_ دېدى باشلىق ياسىنغا شۈبھىلىك نەزەردە قاراپ.
__ بىر كۆرۈشۈۋالغان بولسام بولاتتى سوجاڭ، سورايدىغان گەپ بار ئىدى.
__ بولمايدۇ، بۇ دېگەن تۈزۈم. نېمە گەپ بولسا سوت ئاچقاندا دە، ئاڭغىچە كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ.
__ ئىنىمغا ئۇۋال بولدى، كىچىك بالا ئۇنداق ئىشنى ئۇقمايدۇ…
__ بىز تەكشۈرۈۋاتىمىز، نەتىجە چىققاندا ئۆزەڭ كېلىپ كۆر.
__ ئىنىم ئۇ يەرگە ئۇقماي كىرىپ قاپتىكەن، ئويناپ بولۇپ پۇل بەرمەپتىكەن، شۇڭا…
__ ھەممە ئادەم جىنايەت ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئاقلايدۇ، بۇ گەپنى بۇ يەردە دېگىنىڭنىڭ پايدىسى يوق، بىز پەقەت جىنايەتچىنى تۇتۇپ تۇرۇشقا مەسئۇل. گەپ بولسا ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، ئەھۋالنى شۇنىڭغا دە، سوت گۇناھسىز دەپ چىقارسا بىز شۇ ھامان قويۇپ بېرىمىز، بولمىسا تۈرمىدە ياتىدۇ.
ياسىن چارىسىز تۇرۇپ قالدى، “ھەممىنىڭ جاجىسى پۇل، بۇلار پۇل دەيدۇ، پۇل بەرسە شىنجاڭلىقنى سوت ئاچمايمۇ قويۇۋېتىدۇ” دەپ ئويلىدى؛ بىراق نەچچە پۇل بەرسە قويۇۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ بولالمىدى، نەچچە تۈمەننىڭ گېپىنى قىلسا، ياسىندا ھازىر  ئۇنچىىلك پۇل يوق ئىدى. يېڭىدىن ماڭدۇرغان ئاشخانا گاھ توختاپ، گاھ ئاۋاتلىشىپ،  كىرىم مۇقىم بولمىدى.  تاپقىنىنى چوڭ خوتۇنى يۇرتقا بېرىپ كەلگىچە بىر سورىدى، ئاشقىنىنى “كىچىك خوتۇنى” سۈپۈرۈپ بولدى. لاۋبەن دەپ يۈرگەن بىلەن بىر دەمدە مانا  “ناسۋال قاپاققا نان بارمۇ” دەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
بۇ ئەلپازدىن قارىغاندا ئۆمەرنى پات ئارىدا ئېلىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. تېخى ئاۋۇ ئۇششۇقلار دوختۇرخانىدىن قانداق ئىسپات كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، ئۇققىلى بولمايدۇ، قىزىمىزنىڭ يانپىشى سۇنۇپتۇ دەپلا قالسا ئۇلارغىمۇ نەچچە مىڭ، ھەتتا نەچچە تۈمەن خەجلەيدىغان گەپ، زىيان ئۈستىگە زىيان!…   ياسىن بۇلارنى ئويلىغانچە ئۆمەرنى ئىچىدە مىڭنى تىللىۋەتتى، “يېغا ياندىن قوپار، بالا قېرىنداشتىن”دېگەندەك، شۇ شۇمنىڭ كاساپىتىدىن بىر ئوبدان كېتىپ بارغان ئوقەت، راھەت-پاراغەت ۋەيران بولىدىغان بولدى.  شۇنچە يىل تىرىشىپ، تىرمىشىپ تىكلىگەن ئىقتىساد، تەئەللۇقات، ئابرۇي … كۈلگە ئايلىنىدىغان بولدى…
ياسىن ھازىرنىڭ ئۆزىدە پۇلنىڭ گېپىنى چىقىرىشنىڭ ئەپسىزلىكىنى، ئۆزىدىمۇ ئۇنچىلىك ئىمكانىيەت يوقلۇقىنى ئويلاپ، بىر ياقتىن ئۆمەرنى تىللاپ، ساقچىخانىدىن ئايرىلدى. تۈنۈگۈن تېخى ئىككى خوتۇننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش توغرۇلۇق باش قاتۇرۇپ، شىرىن خىيال سۈرۈپ يۈرگەن نوچى مانا ھازىر غەم-قايغۇدىن ئېغىر-ئېغىر تىنىدىغان، ئاچچىق يۇتۇپلا يۈرىدىغان سەپراغا ئايلاندى. “ئەچىقمايمەن، شۇ يەردە پاقا تەشكەن سويمىدەك كۆزىنى پارقىرىتىپ يېتىۋەرسۇن، ئاپىسى تېلېفون قىلسا باشقا بىر نېمە دەرمەن” دەپ ئويلىدى.
ئۇ سالپىيىپ يېنىپ كەلگەندە لاۋبەن سەتەڭ ئۇنى دۇكىنىنىڭ ئالدىدا چاقىرىپ توختىتىۋالدى. ياسىن غىل-پال ئۈمىدۋارلىق ۋە ساقچىخانىغا بارغاندىن كېيىنكى نوچىلىقى بىلەن سەتەڭگە مەغرۇر تىكىلدى، ئەمما ئىچىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئۆزى بىلەتتى.
__ شياۋ مېينىڭ ئانىسىدىن بايا تېلېفون كەلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىپتۇ، يانپاش سۆڭىكىگە راستىنلا دەز كېتىپتۇ، دوختۇرخانىدا داۋالانمىسا بولمايدىكەن، ئۇنىڭ چىقىملىرىنى سەن تۆلىمىسەڭ بولمايدۇ.
__ مەن نېمىشقا تۆلەيدىكەنمەن!؟_ دېدى ياسىن غەزەپ بىلەن،_ ئۇنى بۇزۇقچىلىققا سالغان ئۆزەڭ، باشقىسى دەز كەتتۈرۈۋەتسىمۇ، بىزدىن كۆرەمسەن؟ بۇنداق ئۇششۇقلۇق ئاقمايدۇ!
__ سەن تۆلىمەي كىم تۆلەيدۇ؟ تۆلىمەي قۇتۇلالمايسەن، بولمىسا ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمىز.
__ نېمە قىلساڭ قىلىش! مېنىڭ سەندەك ئۇششۇق، ئالدامچىلارغا بېرىدىغان پۇلۇم يوق.
__ بەرمىسەڭ قانۇندىن ئارىلىشىدۇ. مەجبۇرىي بېرىسەن.
__ شۇ ۋاقىتتا كۆرىلى، سەنلەرنىڭ ئالدامچىلىقىڭ ئېنىقلا تۇرمامدۇ؟ بۇزۇلۇپ بولغان بىر نېمەڭ بىر دەمدە پاك قىزغا ئايلىنىپ قالدى، بىر ئىتتىرىپ قويغانغا قوڭى ئىككى پارچە بوپ كېتىپتۇ… دوختۇرخانىغا ئۆزى بېرىپ، يالغان ئىسپاتتىن بىرنى قىلدۇرۇپ، بىزنى ئالدايمىز دېمىسۇن. شىنجاڭلىق ئۇنداق دۆت ئەمەس. ئەگەر شۇ بىر نېمەڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا نېمىشقا پۇل بەر دەپ ئۇرۇشىدۇ. بۇ ئوچۇقلا بىر تۆھمەت. سەن قىزلىرىڭنى بۇزۇقچىلىققا سالغىنىڭدىن تېنىۋېلىش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلىۋاتىسەن. مەن سوتتا بۇنىڭ ھەممىنى دەيمەن، سېنىمۇ تارتىپ چىقىمەن. تۆلەيدىغان زىياننى تەڭ تۆلەيمىز!
لاۋبەن سەتەڭ بىرنى دېسە ئىككىنى دەپ تۇرىدىغان ياسىننىڭ زۇۋانىغا ھەيران بولۇپ قاراپ قالدى، ئەمما يەنىلا مەنسىتمەسلىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپ:
__ مەن تېخى سەندىن زىيانلىرىمنى تۆلىتىۋالمىدىم، ئۆزەڭنى بىلىۋال. تۆلەيدىغاننى  تۆلەپ بۇ ئىشنى تۈگەت. ئىنىڭ كېسىلىپ كەتمەستە ئۇنى قاماقتىن ئېلىپ چىق، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭ مەندىن يامانلىما!__ دېدى.
__ ساقچىغا بېرىدىغان بىر تىيىن يوق، مەن ئۇنداق ئاسان ئالدانمايمەن، ئادۋوكات تېپىپ ئىنىمنى ئاقلاپ چىقىمەن، سېنىڭ ئالدامچىلىقىنى ئاشكارىلىۋېتىمەن. سەن شۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ مېنى قويدۇڭ. مەنمۇ سېنى بوش قويمايمەن.
__ قولۇڭدىن كەلسە شۇنداق قىل، ئەنە سوت، ساقچىخانا، دەرۋازىسى ھەر كۈنى  ئوچۇق، بېرىپ مېنى چاق، قېنى قانداق قىلالايسەنكىن!
__ قىلالمامدىكىن دەپ قالدىڭما؟ قاراپ تۇر، سوتقا بېرىپ مۇشۇ مەينەت پاھىشخانا بىلەن مۇشۇ قاتاردىكى پاھىشخانىلارنىڭ ھەممىسىنى تۈزلىۋېتىڭلار دەيمەن. مەن بۇ يەردىن كېتىپ بولغىچە چوقۇم شۇنداق قىلىمەن…
ياسىن گەرچە شۇنداق قىلالايدىغىنىغا ئىشەنمىسىمۇ، ئەمما جان كۈچ كەلگەندە ھامان ئۇرۇنۇپ بېقىشنى ئويلىدى.
__ مايمۇننىڭ راھىب بولالىشىغا ئىشەنمەيمەن،__ دېدى سەتەڭ مەسخىرىلىك كۈلۈپ، __ ئاۋۋال ئۆزەڭنىڭ ئاشخانىسىنى ساقلاپ قالالامسەن يوق، مانى ئويلا!
ياسىن ئاشخانىغا كىرگەندە قولى تۈزۈك ئىشقا بارماي ئولتۇرغان رەيھان ئورنىدىن قوپۇپ ئۇنىڭغا سوئال نەزەرىدە تىكىلدى.
__ كۆرۈشتۈرمىدى…__ دېدى ياسىن پۇتىدا جان قالمىغاندەك بىچارە ھالدا ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، __ كېسىم كېسىپ بولغىچە كۆرۈشتۈرمەيدىكەن.
__ نېمىىشقا ئۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ پۇل دەمدىغاندۇ؟ سىز پۇل ئېلىۋالمىغانما؟
__ ئاز پۇلغا ئۇنىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېرىپلا پۇلنىڭ گېپىنى قىلساڭ قاملاشمايدۇ.  پارا بەرگەندە قاتتتىق ئېھتىيات قىلمىساڭ بولمايدۇ.
__ ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز…__ دېدى رەيھان ئىچ-ئىچىدىن ئاھ ئۇرۇپ، __ قاچانغىچە ياتار ئۇ ساقلاندى! بۇ يەرگە ئەكەلگەنگە تويغۇزۇپ بولىدىغان بولدى-دە!
__ تويغۇزۇپ بولدى ئەمەس، ھەممە نېمىمىزنى سورۇپ بولىدىغان بولدى دەيسەن!
__ ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس، خۇدايىم ساقلار!
__ سەن تېخى ئۇقمايسەن، ئۆمەر ئىتتىرىۋەتكەن بىر نېمىنىڭ داڭقان سۆڭىكى سۇنغان ئوخشايدۇ، ئاتا-ئانىسى كەمبەغەل خەقكەن، داۋالىنىش چىقىمىنى بىز كۆتۈرىدىكەنمىز. ئويلاپ باقە، بۇنىڭغا ئاز پۇل كېتەمدۇ؟
__ ۋۇي ما ئىشنى، بالا كەلسە قوش كەپتۇ دېگەن شۇ دە… كۆرىدىغان كۈنىمىز بار ئىكەن بىزنىڭ…
__ مەن شۇڭا بۇرۇنلا بىلگەن، بۇ ئىش ئۇنداق ئاسان ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس، توختىماي يول ماڭىدىغان گەپ، ئۇنىڭ-بۇنىڭغا  كۈچۈكلىنىدىغان گەپ… قانداقلا قىلىپ بولسا ئۇنى سوتتا بىر تەرەپ قىلىپ بولغىچە چىقىرىۋالساق بولاتتى. بۇنىڭغا چوقۇم بىر مۇنچە پۇل كېتىدۇ. پۇل بولغانلا ھېساب ئەمەس، يول تاپمىساق بولمايدۇ. پۇلنىمۇ جايىنى تېپىپ بەرمىسەڭ، قۇدۇققا چۈشۈپ كېىتىدۇ…
__ ئەمدى ھەل بولمايدۇ دەپ قاراپ ئولتۇرغىلى بولماس، بۇنىڭ چارىسىنى قىلايلى.
__ سەن ھەممە ئىشنى شۇنداق ئاسان چاغلايسەن-ھە، خوتۇن خەقنىڭ كاللىسى شۇنچىلىكتە، بۇندىن كېيىن بۇنداق قىلىلى، ئۇنداق قىلىلى دەپ ماڭا تولا ئەقىل ئۆگەتمە، نېمە قىلىشنى ئۆزەم بىلىمەن، قىلالمىسام ئۆزەمنى زورلىمايمەن.
__ بۇ نېمە دېگىنىڭىز، توقۇمنى يەنە ماڭا ئارتاي دەمسىز.  پەيسوغا بېرىپ چوڭ ئىش قىلىۋەتكەن ئوخشىمامسىز... ئۆزىڭىز بىر ئىشنى قاملاشتۇرۇپ كېلەلمىسىڭىزلا ماڭا تاپا قىلىدىكەنسىز!
__ ئاز گەپ قىلىپ ئىشىڭنى قىلە، ھازىر شۇ ئىشىڭنى ئويلىساملا جۇدۇنۇم ئۆرلەيدىغان بولۇپ قالدى…ئەكىلىدىغاندا “ۋاي خاتىرجەم بولسىلا ئاچا، بىز ئوبدان قارايمىز” دەپ ئەكەلگەن بولغىيدىڭ، ئەمدى تېلېفون كېلىپ قالسا ئۆزەڭ جاۋاب بەر… __ ياسىن ئورنىدىن قوپۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.
رەيھان بۇ گەپتىن  يۈرىكى  تىترەپ ئولتۇرۇپ قالدى، كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى.
چۈشۈرۈش ئادرىسى(1):
http://good.gd/301061.htm
بۇ روماننى چۈشۈرەلمىدۇق دېگۈچىلەر ئاۋۋال PDF ھۆججىتىنى ئوقۇيدىغان قورال (Adobe Reader )نى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشى كېرەك، چۈشۈرۈش ئادرىسى:
1
ئاشخانا ئېچىپ قويغان بىلەن ئۇنىڭ دەردى بەش پاتمان، يەرلىك سودا-سانائەت كادىرلىرى، باجگىرلار، ساقچىلار پات-پات كىرىدۇ، بىكارلىق تاماق يەپ، پىۋا ئىچىپ، رەسمىيەتلەرنى قائىدە بويىچە بېجىرىپ، ئالىدىغىنىنى ئېلىپ، يەيدىغىنىنى يەپ كېتىدۇ. تاماق جوزىسىدا مەينەت-قاچا-قۇچا، سەي، ھاراق، كاۋاب زىخلىرى قالىدۇ. ئۇلار ھارامنى يېسىمۇ يېسە ياسىننى مۇشۇ شەھەردىن قوغلىۋەتمىسە، بولسا قوغداپ قالسا بولاتتى.
ئىلگىرى ئۇ بېيجىڭدا كاۋابچىلىق قىلغاندا گەرچە كۆپ پۇل تاپالمىسىمۇ چوڭ شەھەردە ياشىيالىغانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى، چىرايلىق خوتۇنى بىلەن ئوغلىمۇ ئوبدان ياشايتتى، ئۇ كۆپ پۇل تېپىپ، ئوغلىنى ياخشى يەسلىگە بېرىپ، ئۆرلەپ ئوقۇتۇشنى ئۈمىد قىلاتتى؛ ئەتىگەندىن كەچكىچە كاۋابقا زىخ ئۆتكۈزۈپ، ئاخشىمى يەنە ھېرىپ قالغىنىغا قارىماي ئۆزىنى رازى قىلىدىغان خوتۇنىغا قىممەت باھالىق ئۈزۈك ئېلىپ بېرىشنى ئويلايتتى.
ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىدىغان كاۋابچىلار، بازار ئوينايدىغانلار ئىچىدە توختىماي ئىش چىقىپلار تۇراتتى، بىرلىرى ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن تېپىشاتتى؛ بىرلىرى ساقچىغا تۇتۇلۇپ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كېتەتتى. بىرلىرى ئېتىلىپ، بىرلىرى پىچاق يەپ، يەنە بىرلىرى ئۆيىدە كۆمۈرگازىدا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتەتتى. ۋاقىتلىق ئەر-خوتۇن بولۇشقاننىڭ تويىغا ياكى بالىسىنىڭ سۈننەت تويىغا بېرىپ كەلگەن ياسىن بىرەر ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، بالىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلايتتى. بۇ ئىشلار قولى چاققان يانچۇقچىنىڭ ھەرىكىتىدەك شۇنچىلىك تېز يۈز بېرەتتىكى، بىر ئىشقا ھەيران قېلىپ بولغىچە ئۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق يەنە بىر ئىش يۈز بېرەتتى.
كۇلىغا چىققاننىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆپكىسى يوق دەپ ئويلايتتى ياسىن، يۇرتىدىكى ناھەقچىلىك ۋە نامراتلىققا چىدىماي، ئالە شەرىڭنى دەپ ئىچكىرىگە ماڭىدۇ؛ بارار جايىنى تاپقاندىن كېيىن پۇل تېپىشقا ئالدىرايدۇ، ئالدىرىمىسا جان باقالمايدۇ، بۆرىدەك بۆسكەك بولمىسا ئىتتەك خارلىنىدۇ. ئەتىگەندە بىرسىمۇ تۈزۈك ناشتا قىلماي، چۈشلۈك تاماق، كەچلىك ھاراق ئۈچۈن باغرى تاش شەھەرنىڭ قوينىغا شۇڭغۇيدۇ، نېسىۋىسىنى ھالالدىنمۇ، ھارامدىنمۇ تاپىدۇ. ئازراق پۇل تاپقانلار كەيپ-ساپاغا ئالدىرايدۇ، خوتۇن تېپىشقا، بۇرۇن قاندۇرالمىغان نەپسىنى قاندۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ، پۇلنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ئۆگىنىپ قالغانچە جاپالىق ئىشلەش خوشياقمايدۇ، ھالال ئىش-ھۈنەرنى تاشلاپ ھارام سودىغا كىرىشىپ قالىدۇ. ياسىن ئويلاپ باقتى: ئاخىرىدا توزۇپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى جاپالىق ئىشلەشكە تاقىتى يوق شاتراق گۇيلار، نەپسىنى يۈگەنلەشنى بىلمەي قالغان ئېشەك گۇيلار ئىكەن! ھەممىسى ھارامغا دۈم چۈشۈپ، پالاكەت بېسىپ تۈگەشتى... ھايۋانمۇ ئۆزىگە خىل كەلمەيدىغان نەرسىنى جىق يەۋالسا قارنى كۆپۈپ ئۆلىدۇ، ئادەممۇ شۇ... ھايۋان ئۆزىنىڭ نەپسىنى مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ، ئەمما ئادەمچۇ؟...
ياسىن ئۆز تۇرمۇشىدىن رازى ئىدى، ئەمما خاتىرجەم بولالمايتتى؛ مەھەللىسدىكى دېھقانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇ ئەركىن ئىدى، پۇلىمۇ بولدى، ئەمما پەقەت خاتىرجەم ئەمەس ئىدى، خاتىرجەملىكتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئويلىسا يۈرىكى سىقىلاتتى. ئۆزىدىن كۆرە خوتۇنى ۋە بالىسىدىن بەكرەك ئەنسىرەيتتى، بىر قېتىم ئۆزى يېقىن بىلگەن بىر ئاغىنىسى خوتۇنىغا چاقچاق قىلىپ، ئىشتىن چاتاق چىقارغىلى تاس قالدى، ياسىن ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كىرىپ قالمىغان بولسا قانلىق ۋەقە چىقىشى مۇمكىن ئىدى؛ بىر قېتىم بالىسى يېرىم كۈن يوقاپ كېتىپ، قوشنا خەنزۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن تېپىۋېلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا كاۋاپچىلىقنىڭ كاشىلىسى جىق ئىدى، شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى نەچچە قېتىم كاۋابدانلىرىنى ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى؛ قانۇنلۇق كاۋاب ساتاي دېسە، رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەيتتى؛ ساقچىلارمۇ پات-پات تىمىسقىلاپ كىرىپ، نوپۇس تەكشۈرۈپ ئاۋارە قىلاتتى، ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى بېجىرمىسەڭ بولمايدۇ دەيتتى، ئەمما بارسا بېجىرىپ بەرمەي ئاۋارە قىلاتتى. ئۇ بۇ شەھەردە قانۇنلۇق ۋە خاتىرجەم ياشاشقا شۇنچىلىك ئىنتىلسىمۇ، كاشال، دوقاللارغا تولا ئۈسۈپ ئاخىرى رايى يېنىپ كەتتى، بۇ قىسمەتنىڭ ئۆز پېشانىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. دېمىسىمۇ، ئۆز يۇرتىغا سىغمىغان ئادەم خەقنىڭ شەھرىگە سىغامتى؟ ئۇنى ئاز كەلدى دەپ يۇرتۋازلىقتىن شەكىللىنىپ قالغان كىچىك-كىچىك قارا گۇرۇھلار ئۇنىڭغا تەھدىت پەيدا قىلاتتى، ئۇ ھېچقايسىسىغا قېتىلماي مۇستەقىل ياشايمەن دېيەلمەيتتى، چوقۇم ئۇلار بىلەن ئارىلىشىشى، بىرەرخوجا ئاكىسىنىڭ پېشىنى تۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ بۇنى قەتئىي خالىمىغاچقا ئۇيغۇرلار كۆپ بارمايدىغان بىر رايونغا غىپپىدە كېلىپ، كاۋابچىلىقىنى قىلىۋەردى، ئەمما كۆڭلى يەنىلا دەككە-دۈككىدە ئىدى. ئۇ بېيجىڭغا دەسسىگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى، قانداق ئادەملىكىنى، خوتۇن-بالىسى بار-يوقلۇقىنى باشقىلار بىر-بىرىگە يەتكۈزۈپ بولاتتى؛ شۇندىن تارتىپ ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، قانچىلىك بىر ئىشلارنى قىلىپ كەتكەنلىكى ۋە قانچىلىك پۇل تاپقانلىقى ھەممىگە تەخمىنەن مەلۇم بولۇپ تۇراتتى؛ ئۇ ياشىسا ئۇنى ھەممىسى بار، پالانى يەردە كۆرگەن دەيتتى؛ ئۆلسە شۇ ھامان خەۋىرى ھەممىگە يەتكۈزۈلۈپ، نامىزى چۈشۈرۈلەتتى.
ياسىن جۈمە كۈنى دەم ئالاتتى، مەسچىتكە بېرىپ يۇيۇنۇۋالسا، جۈمە نامىزى ئوقۇۋالسا جېنى يايراپ كېتەتتى. بۇ كۈندە ياسىندەك ھالال ياشايدىغانلارمۇ، ھارامنى قىلىۋېرىپ جەھەننەمگە كېتىشكە ئاز قالغانلارمۇ بارلىق جىددىي ئىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، جۈمەگە كېلەتتى، نامازدىن تارىغاندا بىر-بىرىگە دىدار غەنىمەتتەك قارايتتى، ئاي-يىللاپ بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلەر كۆرۈشۈۋالاتتى. نامازدىن چىقىپ ھەر قايسىسى ئۆز يولىغا ماڭاتتى، قىلىدىغىنى قىلىۋېرەتتى، سەل ئىمان-ئىنساپى بارلىرى قولىنى يىغىۋالسىمۇ، كۆپ قىسمى "تىرىكچىلىك"ىنى قىلىۋېرەتتى. بۇ يەردە بىر كۈن ئۆتسە شۇ ھېساب ئىدى، ھېچكىم قېرىغىچە بەختلىك ياشاشقا كېپىللىك قىلالمايتتى، ئاق چېكىپ ئۆلگەنلەر يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلگەندەكلا ئۆلەتتى، ھېچكىم ھەيران قالمايتتى. بۇزۇق قىزلار يانچۇقچى، ئاقچىلارنىڭ خوتۇنىغا ئايلىناتتى، بۇنىڭغىمۇ ھېچكىم ئەجەبلەنمەيتتى، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئايرىلىپ كەتسە جاھاندا بۇنىڭدەك تەبىئىي ئىش بولمايتتى، ئەگەر ئىناق ئۆي تۇتۇپ كەتسە بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ، بېيجىڭدا ئولېمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا بارلىق كاۋابچىلار، ماتاڭچىلار، تېلېفونچىلار، دوللارچىلار، يانچۇقچىلار، پاھىشىلەر، تار كوچىغا كىچىككىنە ئاشخانا ئېچىۋالغان خوجايىنلار قاتتىق تەكشۈرۈلدى، كۆپ قىسمى سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان، رەسمىيتى تولۇق ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن پايتەختتىن، مەركەزدىن ھەيدەلدى. شۇ قاتاردا ياسىنمۇ كۈدە-كۆرپىسىنى يۈدۈپ، تاپقان-تەرگىنىنى بانكا كارتىغا ئۆتكۈزۈپ، خېبېينىڭ بېيجىڭغا يېقىن بىر ناھىيىسىگە كەلدى، بۇ ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئاچقان بۇرادىرى ئۇنىڭغا ئاشخانىسىنى ساتماقچى بولۇپ تېلېفون قىلغانىدى، كېلىپ كۆرۈپ باق دېگەنىدى. ياسىن كېلىپ كۆردى، ئورنى خېلى ئاۋات يەردە ئىدى، ئالدىدا قاتار كەتكەن ساتراچخانىلارنىڭ پىقىرىغۇچلىرى ئايلىنىپ تۇراتتى، ئىشىك ئالدىدا يوتىلىرى ئوچۇق تەتەي قىزلار كۆز قىسىپ قاراپ تۇراتتى. ياسىن باھادا كېلىشىۋالغاندىن كېيىن ئاشخانىنى تەۋەككۇل دەپ ئالدى، ئاشپەزلەر بۇرۇنقىدەك ئىشلەۋېرىدىغان بولدى. بۇرادىرى شىنجاڭغا مېڭىپ بولغىچە ئۇ ئاشخانىنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ، ئىچىنى ئازراقلا بېزەپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئازراق نەزىر بېرىپ، ئاشخانىسىنى ئېچىۋالدى، ئەر-خوتۇن سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ ئىشلەپ، بىر ئايدىن كېيىن ئاشخانىسىنى ئوبدانلا ماڭدۇرۇۋالدى.
ياسىن ھەر كۈنى كەچتە خوتۇنى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۈندىلىك ھېساباتىنى قىلىپ، تاپقان پايدىسىدىن رازى بولۇپ خۇداغا شۈكرى قىلاتتى، ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك بولاتتى. ئۇلار ئوغلىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقاندىن كېيىن ئەتىدىكى ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ ئۇخلاپ قالاتتى. بىر كۈنلۈك جاپادىن كېيىن كېلىدىغان كېچىلىك راھەت ئۇلارنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرەتتى. ياسىن خوتۇنى ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ياشلىق باھارى جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايىغا، پەستىكى گىلەمدە ئۇخلاۋاتقان ئوماق ئوغلىغا قاراپ، " بۇ جىگەر پارىلىرىمگە كۆز تەگىمىگەي" دەپ خۇدادىن تىلەيتتى؛ ئوغلى تېپىپ ئېچىۋەتكەن يوتقاننى ئۈستىگە يېپىپ قوياتتى، خوتۇنىنىڭ يېنىغا كىرىپ ياتقاندىن كېيىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ، ھىدىنى پۇراپ ئىختىيارسىز سۆيۈپ كېتەتتى.
بىر كۈنى كەچتە ئۇلار بالىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىناق سۆھبەتلىرىنى باشلىدى.
__ بۇ گۇي ئەجەپ تېز يوغىناپ كەتتى، يەسلىگە بېرىدىغان ئىش ئىدى،_دېدى ياسىن پەستە ياتقان ئوغلىغا زوقلىنىپ قاراپ قويۇپ.
__ يەسلىگە ئالارمۇ؟ نوپۇسى يوق دەپ تۇرۇۋالامىكىن دەيمەن.
__ جاجىسى پۇل، بۇ گۇيلار پۇلنىلا تونۇيدۇ.
__ جىقراق پۇل كەتسىمۇ مەيلى ئىدى، ئوقۇۋالسا...
__ ئەسلىدە بېيجىڭدا ئوقۇتالىغان بولساق ئوبدان بولاتتى، بۇ يەردە نېمە ئوقار دەيمەن..._ دېدى ياسىن كۆڭۈلسىز ھالدا.
__ ئوخشاش ئوقۇيدىغاندۇ، خەت تونۇۋالسا بولدى.
__ خەتنىغۇ تونۇيدۇ، مەن ئۇنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئوقۇتاي دېگەن.
__ بېيجىڭدا تۇرالمىدۇق، بولمىسا...
__ بۇ يەردە بىر نەچچە يىل ئوقەت قىلىپ پۇل تېپىۋالغاندىن كېيىن بېيجىڭغا ھامان بارىمىز، بالىنى ئوقۇتىمىز.
__ بولارمۇ سىزنىڭچە، چوڭ شەھەردە ياشىساققۇ ياخشى، لېكىن ئادەم پەقەت خاتىرجەم بولالمايدىكەن.
__ بۇ يەرنى تىنچ دەمسەن، نەگىلا بارساق بىزگە خاتىرجەملىك يوق. بىرلا ئامال پۇل تېپىش، پۇللا تاپساق خاتىرجەم بولىمىز، بالىنى ئوقۇتالايمىز،__ دېدى ياسىن ئاندىن ياستۇققا يۆلىنىپ تاماكىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
__ بىرەر قېتىم بولسىمۇ چەكمەي ئۇخلىمايسىز __ دېدى خوتۇنى ئۇھ تارتىپ،__ ماڭىغۇ مەيلى، بالىغا زىيان قىلامدىكىن دەيمەن..
__ مۇشۇ بىرنىلا چېكىپ چەكمەي...
__ ئۇ شۇنچە خۇمارى كۈچلۈك نەرسىمىدۇ دەيمەن، بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مېنىمۇ شۇ تاماكىدەك دائىم سېغىنىپ تۇرسىڭىز... مېنىڭ خۇمارىم ئۇنىڭغا يەتمەمدۇ يا!
ياسىن خوتۇنىنىڭ چىرايلىق دومسىيىشلىرىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى:
__ ئىككىسى ئوخشىمايدۇ، ئاچچىقسۇ بىلەن لازا ئوخشامدۇ؟
__ مۇشۇ تاماكا ئاخىرى بېرىپ ئاق تاماكىغا ئايلىنىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن...
__ نەچچە دېدىم ساڭا، مېنى ئۇنداق نىجىسقا يېقىن كېلىدۇ دەپ ئويلىما، يېنىمدا خوتۇن-بالاملا بولسا ماڭا جاھاندا ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسە يوق.
__ ئەمدى دەيمەن، شۇ نەرسىگە ئۆگىنىپ قالغان ئادەم ھەممىدىن كېچىپ كېتىمىش، ھەتتا ئۆزىنىڭ جېنىدىن...
__ خۇدا ساقلىسۇن، مۇشۇ كەمگىچە پاكىز ياشاپ كەلدۇق. مەن ئىش كۆرمىگەن ئادەم ئەمەس، ئاشۇ گۇيلارنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى جىق كۆرۈپ كەتتىم، ئويلىسام قورقىمەن.
__ ئاشۇنداق قورقۇپ تۇرۇڭ، بولمىسا قىزىقىپ كېتىسىز...__ دېدى خوتۇنى ئۇنىڭغا چىرمىشىپ__ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقىمەن...
ياسىن خوتۇنىنى باغرىغا بېسىپ:
__ ئەنسىرىمە، جاھاندا سەندىنمۇ ئېسىل نەرسە بار دېسە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، سەندىن ئايرىلغان كۈنى مەنمۇ بۇ دۇنيادا يوق...-دېدى.
خوتۇنى كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ياسىننىڭ تۈكلۈك مەيدىسىگە بېشىنى قويدى، ئەتە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر كۈن بولسىمۇ ئېرىنىڭ قوينىدا ياتسا بەخت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ.
ياسىن بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ بالىسىنى بىر شەخسىي يەسلىگە بەردى، كۈندە سائەت 8 گە ئۈلگۈرۈپ بالىسىنى توكلۇق موتوغا مىندۈرۈپ يەسلىگە ئاپىراتتى، ئاندىن تونۇش خۇيزۇ قاسساپتىن گۆش ئېلىپ قايتاتتى، كېيىنچە تىجارەت ياخشىلانغانچە گۆشلەر يېتىشمەي قالدى؛ خۇيزۇ قاسساپمۇ بېيىغاندىن كېيىن ماشىنا ئېلىپ، بىر نەچچە قوينىڭ گۆشىنى ئۆزى ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى.
ياسىننىڭ بۇ كىچىككىنە ئاشخانىسىنىڭ سودىسى ئاساسەن كاۋاب بىلەن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ياز كىرىشى بىلەن بۇ يەردىكى خەقلەر قىززىق كاۋاب يەپ، مۇزدەك پىۋا ئىچەتتى؛ بۆرەك كاۋابنىڭ باھاسىنى ياسىن بىر نەچچە كوي ئۆستۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ھېچكىم غىڭ قىلماي تىلىنى تامشىتىپ يەۋەردى.
بۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ساتراشخانىلارنىڭ بىرىدە ئىشلەيدىغان بىر سەتەڭ كۈندە كەچتە دېگۈدەك بۆرەك كاۋاب يەپ پىۋا ئىچەتتى، يالغۇ كېلىپ يالغۇز كېتەتتى؛ ئۇ ئىچىپ تەڭشىلىپ قالغاندا بىر نەچچە قېتىم ياسىنغا سۈركىلىپ "بۆرىكىڭنى ئۆستۈرۈۋاپسەن، مېنى يېمسىۇن دەمسەن، باھاسىنى ماڭىلا چۈشۈرۈپ بەر" دەپ غىلجىڭلاپ تۇرۇۋالدى. ياسىن ئۇنى ئۇدۇل قوشنا ھېسابلاپ ماقۇل دېدى. سەتەڭ ناھايىتى خوش بولۇپ: " لاۋ داگې، نى تەي شۈەي لا" (ئاكا، سەن قالتىس جۇمۇ) دەپ ئەركىلەپ قويدى.
ياسىن پۇل تاپقانچە ئۆزىنى راستىنلا لاۋبەن بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى، ئۆيىدە خوتۇنى، ئاشخانىدا بولسا ئىشلەمچىلەر ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتتى، خوجايىنلىق ھۇزۇرىنى قايسى ئەر ياخشى كۆرمىسۇن؟! ئەمما غوجامنىڭ غوجاكىسى بار دېگەندەك، بىر كۈنى ناھايىتى بەستلىك، ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك كاستۇم بۇرۇلكا، كۆزىگە قارا جەمئىيەتنىڭ كاتىۋېىشىدەك كۆزەينەك تاقىغان بىرسى ئاق چېكىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئىككى ئەرۋاھنى باشلاپ ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ كەلدى. ياسىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشتى. "قارا كۆزەينەك" ئاشخانىنىڭ تۆت تېمىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن دېرىزە تەرەپتىكى بىر جوزىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئاندىن كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ ياسىنغا قارىدى. ياسىن ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەكمۇ قىلمايتتى. بۇ چەت يەردە بۇنداق ئۇيغۇرنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئەسلا ئويلىمىغانىدى. ئۇنىڭ نېمە غەرەزدە كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي، ئاللىقانداق خىياللارنى سۈرۈپ تۇرۇپ قالدى.
__ بۇ ئاشخانىنى ئوبدان ئېچىۋاپسەن، مۇبارەك بولسۇن...__ دېدى "قارا كۆزەينەك" غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا،__ نەزىرگە بىزنى چاقىرماپسەن، بولمىسا بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەستۇق.
__ ھە ئۇقماي قاپتۇق،__ دېدى ياسىن ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيغاچ،__ نەزىر دېگۈدەك چوڭ نەزىرمۇ قىلمىغان، ئەتراپتىكى ئۇيغۇلارلا كەلگەن... ئۇ چاغدا يېڭى كەلگەندىكىن جىق ئادەمنى بىلمەيتتۇق، ئۇققان بولساق ئەلۋەتتە چاقىراتتۇق.
__ چاقىرمىساڭمۇ ئۆزىمىز كەلدۇق، چۈپەيلىك قىلماي ياخشى كۈت، سەن بىزنى توخۇ ئۆلتۈرۈپ مېھمان قىلساڭ، بىز سېنى قوي سويۇپ مېھمان قىلىمىز.
__ ئەلۋەتتە، سىلەردەك مېھمانلارنىڭ خىزمىتىدە بولمىساق بولماس.
"قارا كۆزەينەك" يېنىدىكى ئاۋاققا بۇيرۇق قىلدى:
__ مېنى بۇ ئىنىمىزگە تونۇشتۇرۇپ قوي!
__ ھە بۇ ئاكىمىز غېنى شاڭجاڭ بولىدۇ، مۇشۇ يەرنىڭ لاۋداسى...
ياسىن "لاۋدا" دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئەرۋاھى ئۇچتى، غېنى شاڭجاڭغا قايتىدىن نەزەر سالدى، بىر قارىسا ئۇ راستىنلا شۇنداق كۆرۈنەتتى، بىر قارىسا شۇنداق بولۇۋالغان پور كۆتەكتەك قىلاتتى. ياسىن ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان بىلەن لاۋدالىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدى ھەم بۇ يەردە ئۇنداق بىر ئادەم بولىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغانىدى.
ياسىن ھەر قانچە قىلسىمۇ چىرايىغا خۇشامەت كۈلكىسى يۈگۈرتەلمەي:
__ غېنىكامنى نەچچە ۋاقىتتىن ئۇقماي يۈرۈپتۇق-دە! __ دەپ قويدى.
__ بۇ يەردە "ئەي شاڭجاڭ" دېسە بىلمەيدىغان ئادەم يوق، ساقچىلارمۇ ياخشى تونۇيدۇ...__ دېدى يەنە بىر ئاۋاق،__ سېنىڭ بىلمىگىنىڭ قىززىق!
__ ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن گەپ، توغرا چۈشىنىمىز،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ،__ ئاڭلاپ تۇردۇق، سوداڭ ياخشىكەن ، بالاڭنى يەسلىگە بېرىپسسەن، بۇ يەردە ھېچكىم تېخى ئۇنداق قىلىپ باقمىغان.
__ شۇ بالىنى بىر ئوقۇتۇپ قويىلى دەپ قالدۇق، ئۆيدە قويساق بوسۇققا چىچىپ ئولتۇرىدىكەن، بىر ئادەم مەخسۇس قارىمىسا بولمايدىكەن...
بۇ گەپلەر قۇلىقىغا كىرمىگەن ياسىن شاڭجاڭ:
__ ئاشخاناڭدا چىرايلىق تومۇچۇقلار يوقمۇ؟ مۇنەك تازلارنىڭ ھەممىسىنى ھوشۇقتەك يىغىۋالدىڭمۇ نېمە؟__ دېدى خىرىلداپ كۈلۈپ، ئىككى ئاۋاق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قەستەن كۈلۈشتى.
__ بۇ يەر پۇت يۇيىدىغان ساتراشخانا بولمىغاندىكىن ئەكىرمىدۇق.
__ بۇ گېپىڭ بولمىدى، سەن سودا قىلىشنى بىلمەيدىكەنسەن _ دېدى غېنى شاڭجاڭ قولىنى سىلكىپ،__ بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كىرگەنلەر قارنى ئاچ قېلىپلا كىرمەيدۇ، شىنجاڭلىق قىزلارنى كۆرگىلى كىرىدۇ، كۈتكۈچىلىرىڭ چىرايلىق بولسا خېرىدارىڭمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سەت تازلىرىڭنى گۇندىپايدەك قارىتىپ قويساڭ، ئەتە-ئۆگۈن ئاشخاناڭغا ھېچكىم كىرمەيدۇ، كىرگەن خەقمۇ يېگەن تامىقىنى ياندۇرۇۋېتىپ چىقىپ كېتىدۇ...
يەنە سەت كۈلۈشمەك بولدى، ياسىننىڭ ئاچچىقى كەلدى، ئەمما چاندۇرمىدى. ئالدىراپ كەتسە بولمايتتى، كۇلىغا چىققان ھولولۇپلار ئۆپكىسى يوقلۇقىدىن زىيان تارتىپلا كېلىۋاتاتتى، ھەممىگە سەۋر-تاقەت، چىدام-غەيرەت كېرەك ئىدى.
شۇ ئەسنادا ياسىننىڭ خوتۇنى ئاشخانىغا كىرىپ يېڭىدىن بىكار بولغان جوزىلاردىكى قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە ماڭدى.
كۈلكىسى بېسىقمىغان غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپ قالدى.
__ پەرىزاتتەك بىرسى بار ئىكەنغۇ ئەنە...
__ كىمنى دەيسىز ئاكا؟__ دېدى باشقا ياققا قاراپ خىيالىي ئولتۇرغان ئاۋاق.
__ بايا كىرىپ كەتكەن قىزچۇ؟ __ دېدى ياسىن شاڭجاڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، __ خوتۇنۇڭ ئەمەستۇ-ھە!
__ ئون يىللىق خوتۇنۇم،__ دېدى ياسىن قاپىقىنى تۈرۈپ.
غېنى شاڭجاڭ جىمىپ قالدى، گۆشنى كۆرگەن تەمەخور مۈشۈكتەك يالتىراپ كەتكەن كۆزلىرى خىرەلەشتى.
__ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، ئون يىللىق چوكىنىڭ 20 ياشلىق قىزدەكلا تۇرىدىغۇ؟! يەسلىدىكى بالاڭنى مۇشۇ قىز تۇغقانما؟
ياسىن ئۆزىنى تەستە تۇتۇپ ئولتۇردى، جوزىدىكى پىۋا بوتۇلكىسىغا قاراپ-قاراپ قويدى.
غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى پەملەپ بولدى، تۇخۇمنى چېكىپ باقىمەن دەپ چېقىپ قويسا بولمايتتى.
__ ئارتۇق ئويلاپ كەتمە ئۇكا،__ دېدى ئۇ ئاۋازىغا سالماق تۈس بېرىپ،__ چاقچاقمۇ قىلىشتۇق. سېنى كۆرمەستىلا خوتۇنۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغان، ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن. چىرايلىق بولۇش ئەيب ئەمەسقۇ-ھە؟ پەخىرلىنىش كېرەك. مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن ئۇكا. بىزنى دېسەڭ، خوتۇن-قىزلارغا كۆز-قارنىمىز توق، ھازىرمۇ ئۈچ خوتۇنۇم بار، بىر-بىرىدىن چىرايلىق، بىرى قانۇنلۇق، ئىككىسى مەخپىي. ئاشخانامدىمۇ چىرايلىق قىزلار ئىشلەيدۇ، ھەممىسىنى مىللىيچە ياساندۇرۇپ قويدۇق، خېرىدارلار ئارىسىدا كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ كاساپەتلەر، سوداممۇ شۇنىڭدىن بېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. ياخشى كۆڭلۈم بىلەن دەۋاتىمەن، ئەگەر سەندە قىزلار كەم بولسا، مەن بېرىپ تۇراي. مېنى ئاكا دەمسەن، لاۋدا دەمسەن، چاتىقىم يوق، ئەمما ئارىلشىپ ئۆتەيلى، قانداق دېدىم؟
ياسىن بۇ گەپلەردىن ئويلىنىپ قالدى، ئاچچىقىدىن ياندى. ئەر خەقنىڭ يات خوتۇنلارغا قىزىقىشى تەبىئىي ئىش؛ ئۇ نېمىدىن ئەنسىرەيتتى؟ پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەر تۇرۇپ خوتۇنىنى قوغدىيالمامتى؟ ئەڭ يامىنى، ئىچىدىكى دېمەيدىغان، ئىچ سىرىنى ئۇققىلى بولمايدىغان ناچار ئوغرىلار . غېنى شاڭجاڭ نەپسى يامان كۆرۈنگەن بىلەن، ئىچىدە نېمە بولسا شۇنى دەيدىكەن؛ ھەددىدىن بەك ئېشىپمۇ كەتمىدى، ئاقسالىق ياكى زوتالىق قىلمىدى. ئارىلىشىپ ئۆتىلى دېگەننىڭ يامىنى يوق. ئۆزىنى چىڭ تۇتسا ئوغرىمۇ ھېچنېمە قىلالمايدۇ، قورغاننى چىڭ ساقلىسا دۈشمەن بۆسۈپ كىرەلمەيدۇ.
__ بولىدۇ، ئارىلىشىپ ئۆتەيلى، كۇلچىلىقتا يالغۇز ئۆتكىلى بولمايدۇ __ دېدى ياسىن.
__ ما گېپىڭ جايىدا، بىزمۇ ئادەملەرنىڭ ئادىمىنى تېپىپ ئارىلىشىمىز ئۇكا، كەلسە-كەلمەس گۇيلارنى يېقىن يولاتمايمىز.
جوزىغا ئارقا-ئارقىدىن سەيلەر چىقىشقا باشلىدى، ھاراقلار قۇيۇلدى، ياسىن ئاق ھاراق ئىچمەي، ئازراق پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇشۇپ بەردى.
ئۇلار تاغدىن – باغدىن پاراڭ سېلىشىپ بىر نەچچە سائەتنى ئۆتكۈزدى، غېنى شاڭجاڭ پات-پات جىمىپ قالاتتى، ئاخىرىدا ئۇ ئۇزاق ئولتۇرۇشقا تاقەت قىلالماي گەپنى ئۈزدى:
__ گەپنى ئەمدى توختىتايلى، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ، بۇ ئىنىمىزنى ھېلىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلىپ كەتتۇق، ئەمدى ماڭايلى...
__ بىر دەم ئولتۇرۇپ ماڭساڭلارمۇ بولاتتى،__ دېدى ياسىن بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ.
__ يەنە كېلەرمىز، ئۇنداق قىلماي ئايالىڭنى ئېلىپ بىز تەرەپكىمۇ ئۆت، ئۆيدە مېھمان قىلىمەن؛ ئۇنتۇپ قالما، بىرەر ئىش بولسا تېلېفون قىل، قىزلارنىڭ ئىشىنى ئوبدان ئويلىنىپ باق. سېنىڭ ئىشىم مېنىڭ ئىشىم، ئاكاڭدەك كۆرسەڭ بولىدۇ بىزنى...
ياسىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.
2
يەپ-ئىچىش، كەيپ-ساپا، جىنسىي مۇناسىۋەت... مانا بۇلار كۇلىچىلارنىڭ غايىسى. ئۇلار ئارىسىدا يەيدىغان، ئىچىدىغان، چېكىدىغان نەرسىلەر، ئېقىپ كېلىپ قالغان قىز-چوكانلار كەم بولمايدۇ. خارلىنىپ يۈرگەن بىر تاز بىر كېچىدە قىمار ئويناپ ئۇتۇۋالسا ئەتىسى لاۋبەن بولۇپ كېرىلىپ يۈرۈيدۇ، كۆزى چۈشكەن خوتۇننى يۇلۇپ ئالالايدۇ. ئەمما بۇ كۈنلىرى ئۇزاققا بارمايدۇ. ئاسان قولغا كەلگەن نەرسە ئاسان قولدىن كېتىدۇ؛ ئۇنىڭغا جاپا چېكىپ ئېرىشمىگەندىكىن ھېچكىم ئاھ ئۇرۇپ يۈرمەيدۇ. ياسىن بۇنداقلارنى جىق كۆرگەن، چۈمۈلىدەك ياشىمايدىغانلار پارازىتتەك ياشايتتى، بىر يىل جاپا چېكىپ ياشىغاندىن، بىر كۈن ئۆلگۈدەك راھەت سۈرۈپ ئۆلۈشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان ھارامتاماقلار، جېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدىغان خىروئىنكەشلەر، توم-توم ھەميانلارنى ئوغرىلاپ بولغىچە قولىغا كويزا چۈشۈپ نەچچە يىل تۈرمىدە ياتىدىغان زىيانكەشلەر بۇ يەردىمۇ باردەك قىلاتتى.
تونۇشۇپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا تېلېفون قىلدى:
__ ئالدىراشمۇ ئۇكا، ھېچ كېلەيمۇ دېمەيسەن؟
__ ئىش تۈگىمەيدىكەن ئاكا، ئوقەت دېگەننى ئۆزىڭىز بىلىسىز.
__ گەپنى سوزماي، بۈگۈن چوڭ خوتۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنى، قاتنىشىپ بېرەلەمسەن؟ خوتۇنۇڭمۇ كەلسۇن، ئاشخانىدىن چىقارمايلا قېرىتىۋەتمە ئۇنى!
ياسىن تۇرۇپ قالدى، بىللە بارسا تېخى، خوتۇنىنى يالغۇز تاشلاپ قويسا تېخى... ئاشخانىنى ئوڭچە تاشلاپ قويۇپ كەتكىلى تېخى بولمايدۇ.
__ قانداق بولار ئاكا، خوتۇن بالىغا قارىمىسا بولمايدۇ.
__ ئۇنداقتا ئۆزەڭلا كەل، سېنى ساقلايمىز. كەچ سائەت ئالتىدە.
__ ئورنىنى تازا بىلمەيتتىم.
__ ئالدىڭغا ماشىنا ئەۋەتىمەن.
ياسىن بىر چاغدا ئۆزىنى غېنى شاڭجاڭنىڭ كاتتا رېستۇرانىدا كۆردى، بازارنىڭ نەق ئاۋات يېرىدە ئېچىلغان بۇ رېستۇران ياسىننىڭ ئاشخانىسىدەك ئون ھەسسە چىقاتتى، ئىچى كۆركەم بېزەلگەنىدى. بوي بەستى تەكشى "كېپىنەك قىزلار" ھەقىقەتەن ياسىن شاڭجاڭ ماختاپ بەرگەندەك چىرايلىق بولۇپ، رېستۇرانغا باشقىچە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.
__ سەل تۇرۇپ سودىنى توختىتىپ، ئولتۇرۇشىمىزنى باشلايمىز، ئاڭغىچە بىر دەم پارىڭىمىزنى قىلىۋالىلى... __ دېدى غېنى شاڭجاڭ ياسىننى جوزىغا باشلاپ،__ بىرەر تەخسە لەغمەن يەۋالامسەن يا باشقا بىر نېمىنى كۆڭلۈڭ تارتامدۇ؟
__ ياق، قورساق توق...
__ ئاشخانا ئاچقان ئادەم دائىم ئاچ قالىدۇ، تارتىنما...
__ چارەك لەغمەن بولسا بىرنى يەپ قوياي.
__ شۇنى دەيمەن، بىزنىڭ لەغمەننىمۇ تېتىپ باق، ئىچىشنى ھازىر باشلامدۇق يا ھېلى ...
__ ھازىرچە چاي ئىچكەچ تۇرمامدۇق.
__ بۇ گېپىڭ بولمىدى، بىر قۇتا پىۋا ئىچىپ قويىلى.
غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا ناھايىتى قىزغىن ئىدى، ئۆزىنىڭ لاۋدالىقىنى بىر دەمدە ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئىككەيلەن پىۋا ئىچىشكەچ تاماكا چېكىپ، ئەتراپنى ئىسلاشقا باشلىدى. كۈتكۈچى قىزلار ئىككى خوجايىننىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ خىزمەت قىلاتتى.
__ رېستۇرانىڭىزنى كاتتا قىلىپ ئېچىۋاپسىز، ئۇزۇن بولدىمۇ؟
__ مېنى تېخىچە يات كۆرۈۋاتامسەن؟ "سەن"لا دېگىنە بولدى، خېنىم مىجەزلىك بىلەن خوشۇم يوق.
__ لاۋدانى ھۆرمەتلىمىسەك بولماس،_ دېدى ياسىن كۈلۈپ.
__ ھۆرمەتنى ھۆرمەت جايىدا قىلىسەن، ئەمما بۇ يەردە كۆڭۈل دېگەن نەرسە بار-دە، كۆڭۈل دېگەن نەرسە ئۈستۈن-تۆۋەنلىكنى كۆتۈرمەيدۇ. سەن مېنىڭ كۆڭلۈمگە يېقىپ قالدىڭ، شۇڭا سېنى بۇنىڭدىن كېيىن ئىنىم ۋە ئاغىنەمدەك كۆرىمەن.
__ شۇ ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت ئاكا، مەنمۇ بۇ مۇساپىرچىلىقتا سېنىڭدەك ئادەم بىلەن تونۇشۇۋالغىنىمغا خوش.
__ بىز بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدۇق؟ قانداق تونۇشۇپ قالدۇق؟ قانداق بولۇپ بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق؟ ئويلىساڭ بىر تۇرۇپ ئەجەبلىنىسەن، خەق بىزنى ئەسكىلىكىدىن يۇرتىغا پاتماي چىقىپ كەتكەنلەر دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇنداق ئەمەس. بىز يۇرتقا ئەمەس، ئىچىمىزگە پاتماي چىققانلار. توغرا، بىز ئىچىمىزگە سىغمىدۇق. نى نى ئارمانلىرىمىز، پىلانلىرىمىز ئىشقا ئاشمىدى. مەن بىر دادۈيجاڭ ئىدىم، شاڭجاڭ بولغۇم بار ئىدى، بولالمىدىم، ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن دادۈيجاڭلىقتىن قالدۇرۇلدۇم. خەقلەر مېنى كۆزىگە ئىلمىدى. ئاددىي دېھقان بولۇپ ئۆتىۋېرىشكە چىدىمىدىم. كالىنى توخۇنىڭ كاتىكىگە سولاپ قويغىلى بولامدۇ دەيسەن؟ شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۇل دەپ كۇلىغا چىقتىم، سۆزلىسەم گەپ تولا، بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە نەچچە يىل ئىتنىڭ كۈنىنى كۆردۈم، ئەمما نىيىتىمدىن يانمىدىم. پۇل ئۈچۈن قىلمىغان ئىشىم قالمىدى. بېيجىڭدا بىر مەزگىل تاشچىلىق قىلدىم، تاشنىڭ سودىسى ياخشى كېتىپ باراتتى، پوققا چىۋىن ئولاشقاندەك ھەممىسى ئولاشتى، راست-يالغان ئارىلىشىپ كەتتى. ئىشتىن چاتاق چىققىلى قوپتى. كاللامنى ئىشلىتىپ، ئىسسىقىدا بۇ يەرگە كېلىۋالدىم. بۇرۇن بۇ يەرگە بىر ئىش بىلەن بىر قېتىم كەلگەن، ئۆزەمگىمۇ يېقىپ قالغانىدى، دېگەندەك، كېلىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي ئايىغىم يارىشىپ قالدى. پەملەپ باقسام، ئادەم دېگەن ئەخمەق بولىدىكەن، چوڭ شەھەرگە ئىنتىلىدىكەن، بېرىۋالسا كاداڭ خوتۇنغا چاپلاشقاندەك مەھكەم چاپلىشىپ ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي ئىشلەيدىكەن، نەدە تۇرۇپ، نەدە يېتىشى بىلەن كارى يوق، قارنى ئاچ قالمىسىلا ياشاۋېرىدىكەن، تېخى پالانى شەھەردىمەن دەپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە چوڭ شەھەردە قىلالمىغان ئىشنى مۇشۇنداق كىچىك شەھەردە مىليونېردەك قىلغىلى بولىدۇ. كىچىك شەھەرنىڭ ئادەملىرىمۇ يۇۋاش، ساددا؛ باجگىر دەمسەن، ساقچى دەمسەن، ئارتۇق گېپى يوق، ئازراقلا مېھمان قىلىپ قويساڭ رازى بولۇپ كېتىدۇ. ھەممە نېمىسى ئەرزان، ئەڭ ئاددىيسى، بېيجىڭدا بېشىڭنى يۇيۇپ گەدەن پاتىڭىڭنى تۇتۇپ قويسا 40 كوي، بۇ يەردە 40 كوي بەرسەڭ خالىغىنىڭنى قىلالايسەن. بېيجىڭغا بەك بارغىڭ كېلىپ كەتسە ناھايىتى بىر كۈنلۈك يول. بېيجىڭدا قاتناش توسۇلۇپ قالسا بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈنمۇ بىر كۈن كېتىدۇ، ئويلاپ باق، قايسىسى ياخشى... مەن شاڭجاڭ بولالمىساممۇ ھازىرقى كۈنۈم شۇ يەردىكى شاڭجاڭ، ھاكىملارنىڭكىدىن ياخشى، يەيدىغىنىم، ئىچىدىغىنىم، ئوينايدىغىنىم تۇرۇپتۇ، ھۇزۇر-ھالاۋەتنىڭ كۆپلۈكىدىن شۇنىڭغا بەزىدە يېتىشىپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ تېخى...
__ كاللاڭ راستىنلا ئىشلەيدىكەن ئاكا، شاڭجاڭ دېگەن لەقىمىڭنى شۇڭا قويۇۋاپتىكەنسەن دېگىنە...
__ ھەي... ئارقامدا يۈرۈيدىغان مۇشۇ خوشامەتچى گۇيلار بولمامدۇ. بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى دەپ بەرسەم شۇ لەقەمنى قويۇۋېلىشتى. مەنمۇ بوپتۇ دېدىم، شاڭجاڭ دېسە خەنزۇلارمۇ ئېسىدە ئاسان تۇتۇۋالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ لەقەم ئاقچى، كۆكچى، شاپاقچى دېگەن لەقەملەردىن ياخشى، ئۆزەمگىمۇ يارىشىدۇ، شاڭجاڭلارغا ئوخشىمامدىمەن يا؟
__ ئوخشايسەن ئاكا، مەنمۇ دەسلەپتە كۆرگەندە بۇ ئادەم ھەرگىز تاڭجاڭ ئەمەس، شاڭجاڭ دەپ ئويلىغان.
غېنى شاڭجاڭ قاقاخلاپ كۈلۈپ كەتتى:
__ كەلدى ما گەپ ھە...
__ ئاكا، بىر گەپنى دېسەم كۆڭلۈڭگە كېلەرمۇ؟
__ نېمە گەپ؟
__ ھېلىقى كۈنى ساڭا ئەگىشىپ كەلگەن ئاقسالار خىرئىن چېكەمدۇ؟
__ قاراپلا بىلمىدىڭمۇ؟
__ بىلدىم، شۇنداقتىمۇ سوراپ باقتىم.
__ ئەمدى سەن نېمە دېمەكچى؟ مېنى ھاكچىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭما؟
__ ياق، ئۇنداق دېگىنىم ئەمەس...
ئارىنى بىر خىل ئوڭايسىزلىق قاپلىدى.
__ ئىچىڭدىكى يوشۇرماي دەۋەر ئۇكا، ئارىمىزدا يوشۇرغىدەك ھېچ گەپ يوق.
__ شۇ بىر ئاز ئەنسىرەپ قالغانتىم.
__ شۇڭا مەندىن ئۆزەڭنى تارتىۋالغان يېرىڭمۇ ئۇ؟
__ بۇرۇن شۇنداقلار بىلەن ئارىلىشىپ جاق تويۇپ كەتكەنمەن دېگىنە ئاكا، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، سېنىڭمۇ ئۇ قاتاردىن بولۇپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن.
__ سېنىڭچە مەن شۇنچىلىك دۆتمۇ؟ شۇنچە چىرايلىق خوتۇنلىرىمنى، ئاشخانامنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزەمنى تۇتۇپ بېرەرمەنمۇ؟
ياسىن بۇنىڭغا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي خىجىل بولۇپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭ گېپنى داۋاملاشتۇردى:
__ جاھاندا ئەڭ دۆت، ياشاشنى ئۇقمايدىغان نېمىلەر شۇ ئىشنى قىلىدۇ. چەككەنگە مەن قارشى ئەمەس، مەن قارشى تۇرغانغا ئۇ تۈگەپ كەتمەيدۇ. چېكىپ ئۆلۈپ كەتسە تۈكۈرۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىمەن، نامىزىغىمۇ بارمايمەن. جاننڭ راھىتىنى كۆرەي دېسەڭ، نى پەيزى ئىشلار تۇرسا، شۇنى بىلمىگەن ئادەمدىنمۇ دۆت ئادەم بولامدۇ جاھاندا؟ ئۇلارنىڭ ئېشەكچىلىكمۇ ئەقلى يوق. ئېشەكلەر جېنىدا ئۆزىگە زىيان قىلىدىغان نەرسىنى پۇراپ بېقىپ يېمەيدۇ. ئەقلى بولسا پۇل تاپسۇن، پويىزدا ماڭماي ئايروپىلاندا ماڭسۇن، پۇلىنى تۈگۈپ قويۇپ تالادا ياتماي بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا ياتسۇن، خوتۇنىنىڭ چىرايلىقىنى ئالسۇن، تاماقنىڭ ياخشىسىنى يەپ، كىيىمنىڭ نوچىسىنى كەيسۇن...
__ راست دەيسەن ئاكا، پۇل تاپقان بىلەن خەجلەشنى بىلمىسە بىكار-دە!
بىر دەمدىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ رېستۇرانىنى دۈم تاقاپ، خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئولتۇرۇشىنى باشلىۋەتتى. ئاشپەز بالىلار ۋە "كېپىنەك قىزلار" بىر دەمدە جوزىلارنى راستلاپ، يەيدىغان، ئىچىدىغاننىڭ ھەممىنى توشۇپ "ئاغچا خېنىم"نى چۆرىدەپ قاتار ئولتۇرۇشتى، ئەمدى ئوينايدىغان ئىشلا قالغانىدى. شوخ-ناخشا مۇزىكىلار قويۇلدى، قىزلار بەس-بەستە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، خېنىم ئاچىسىنى ئوتتۇرىغا تارتىپ چۈشۈپ، بېقىشىپ ئويناشتى، ئاشپەز بالىلارمۇ ئولتۇرالماي قالدى، ھازىر ئوينىۋالمىسا قاچان ئوينىۋالىدۇ، كىم ئۇلارنى ئاشخانىدا ئىس ۋە ماي پۇراپ يۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ دەيدۇ؟! ئەمما ئۇلار قىزلار بىلەن بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينىغان بىلەن غېنى شاڭجاڭنىڭ رۇخسىتىسىز خالىغانچە تانسا-پانسا ئوينىيالمايتتى. ئۇسسۇللار پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ خوتۇنىنى تانسىغا تارتتى، ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى مۇشۇنداق باشلىناتتى. ئاندىن غېنى شاڭجاڭ خوتۇنىنى باشقا خوتۇنلار بىلەن پاراڭغا سېلىپ قويۇپ، بېلى نازۇك كۈتكۈچى قىزلارنى بىر-بىرلەپ تارتىپ ئويناشقا باشلىدى، قىزلار ئەتلەس كۆينىكىنى سېلىۋەتكەن بولۇپ، ھەر خىل مودا كىيىملەرنى ئۆزلىرىگە ياراشتۇرۇپ كىيۋالغانىدى. غېنى شاڭجاڭ ئۆزىنى قىزلاردىن يىراقراق تارتىپ ئويناۋاتقان بولسىمۇ قورسىقى قىزلارنىڭ كىندىكىگە تېگىپ تۇراتتى، ياي شەكلىدە جىپسىلىشىپ كەتكەن بۇ ھالەت بىر قارىسا كىشىگە تولىمۇ ھەجۋى تۇيۇلاتتى. ياسىن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ ئولتۇردى، غېنى شاڭجاڭ قىزلار بىلەن ئۆزى بىر قاتاردىن ئويناپ چىققاندىن كېيىن باشقا بالىلارنى ئۆز ئارا تانسا ئويناشقا رۇخسەت قىلدى.
__ قىزلىرىمىز بولامدىكەن؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ خۇش كەيىپ ھالدا كۆزلىرىنى قىسىپ،__ مەن ئاشخانامغا مودېل بولغۇدەك قىزلارنى تاللاپ ئەكەلگەن... كاساپەتلەرگە بەك ئىچىم كۆيىدۇ..
__ خام يېگۈدەك قىزلاركەن...__ دەپ قويدى ياسىنمۇ قىزىقچىلىق قىلىپ.
__ كاۋابچىدەك گەپ قىلدىڭ... ئەمەلىيەتتە ئادەم دېگەن گۆشخور ھايۋان، بەزىلەر ئاچ، بەزىلەر تويۇپ كېكىرىپ كېتىدۇ.
__ شۇڭا ئاچمۇ قالماي، كېكىرىپمۇ كەتمەي ياشىغان ياخشى.
__ بۇ ئۆزەڭنىڭ گېپى،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ قايىل بولماي،__ ھاجىتىڭدىن ئېشىپ-تېشىپ تۇرسا زىيان قىلمايدۇ، بولۇپمۇ قىز-چوكان دېگەننىڭ خۇمارى يامان، بۇ باشقا خۇمارغا ئوخشىمايدۇ. باشقا خۇمارلار سېنى ھالاك قىلىدۇ، قىمار ئوينىساڭ ھەممە نېمەڭنى ئۇتتۇرىۋېتىسەن؛ خىروئىن چەكسەڭ ئۆلىسەن يا ئېتىلىسەن. ئەمما قىز-چوكان خۇمارى سېنى ئادەم قىلىدۇ، ھەتتا ئەقىللىق قىلىدۇ، بۇ خۇمارغا قانچە قانساڭ شۇنچە ياشىرىسەن...
__ لېكىن ئاكا، بۇ گېپىڭنى پاھىشۋازلار ئاڭلاپ قالسا سېنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئاتىدۇ جۇمۇ...__ دېدى ياسىن پەسرەك ئاۋازدا.
__ ئەمەلىيەتنى سۆزلەۋاتىمىز، مېنىڭ دېگىنىم بۇزۇقچىلىق ئەمەس، پاسكىنا گۇيلار پەملەپ ئوينىماي ئۆزىگە ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالىدۇ. تاپقاندىكىن پاكىزراقىنى تېپىپ ئوينىسا شۇ ئىشمۇ چىقمايدۇ. مەن ئەزەلدىن پاھىشە مەينەتلەرگە يېقىن يولاپ باقمىدىم، ئويلاپ باق، ئاپتوبۇس ياخشىمۇ ياكى مەخسۇس ماشىناڭ ياخشىمۇ؟ پاھىشە دېگىنىڭ دەل ئاشۇ كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم چىقىدۇ، مەرەزنىڭ ھەممىسى يۇقىدۇ... بىڭسىڭ بولسا پاكىز، چىرايلىقنى تاپ، بولمىسا كۆتۈڭنى قىس دەيمەن-دە...
__ شۇ خۇمارغا يامان ئۆگىنىۋاپسەن ئاكا، پاكىز خۇمار دېگىنە، ئۆزەڭنى يامان بەلەن ئاقلايدىكەنسەن. يەڭگىمىزمۇ ساڭا يېتىپ ئاشاتتى ئەسلىدە...
__ يەڭگەم دەپ خوتۇنۇمنى قېرى كۆرسەتمە، سەندىن كىچىك ئۇ! ئۈرۈمچىدىن چېكىپ تاللاپ ئالغانمەن، تېخى داشۆسىڭ دېگىنە.
ياسىن بۇنىڭغا ئانچە ھەيران قالمىدى، ئادەم پاخاللىشىپ، پۇل ئەتىۋارلىشىپ كەتكەن بۇ زاماندا بۇرۇن چوڭ بىلىنگەن ھەممە نەرسە ئەرزانلىشىپ كەتتى. غېنى شاڭجاڭ بۇ پۇرسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىۋاتقان گەپ.
غېنى شاڭجاڭنى بىر ئاشپەز بالا چاقىرىپ قالدى.
__ تارتىنماي ئويناپ ئولتۇر ئۇكا، مەن ھازىر كېلىمەن.
غېنى شاڭجاڭ مېڭىشىغا ياسىن ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى، سېمىزلىكىدىن بولسا كېرەك، ئۇ سەل ئالچاڭلاپ ماڭاتتى، "ئىشتىنىغا پاتماي قالغان ئوغرى" دەپ ئويلىدى ياسىن، " مۇشۇ سېمىزلىكى بىلەن خۇمارىنى ھېلىمۇ قاندۇرۇپ يۈرۈيدىكەن، كىم بىلىدۇ، "يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ" دېگەندەك، شۇ ئىشنى قىلالمىغانسېرى تېخىمۇ ئويلايدىغان، ۋاز كەچمەيدىغان بولۇپ كەتتىمۇ تېخى..."
ياسىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىلىك، داشۆسىڭ خوتۇنىغا قايتىدىن نەزەر تاشلىدى. ئۇ يېشى كىچىك ھەم چىرايلىق بولغان بىلەن چوڭ چىراي كۆرۈنىدىغان چوكانقىز ئىدى، بەلكىم خوجايىنلىق سۈپىتى ئۇنى شۇنداق چوڭ كۆرسىتىۋەتكەندۇ... ئۇمۇ ياسىنغا نەچچە قېتىم قاراپ قويدى، كۈلۈمسىرىدى، ئەمما يېنىغا كېلىپ ۋاي دەپ كەتمىدى، "ئوينىغاچ ئولتۇرۇڭ" دېگەن گەپنىمۇ قىلمىدى.
بىر دەمدىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ قايتىپ كېلىپ، جايىدا مىدىرلىماي ئولتۇرغان ياسىنغا كايىپ كەتتى:
__ تېخىچە ئولتۇرغان گەپما، نېمەڭگە نېمەڭ يېتىشمەي قالدى ئەمدى؟
__ ئاۋۋال بىر ئولتۇرە ئاكا، ئۆپكەڭنى بېسىپ ما ھارىقىڭنى ئىچىۋەت...__ دېدى ياسىن شىر كەيىپ ھالدا،__ مۇشۇ تانسا دېگەن نېمە بىلەن ئېقىم كېلىشمەيدۇ. مەستلىكتە قالايمىقان دەسسەپ سالىمەن.
غېنى شاڭجاڭ قىزلاردىن بىرىنى چاقىرىپ:
__ ما ئاكىڭىز سىلەرنى تانسىغا تارتىشتىن خىجىل بولىدىكەن، ئاق تانسا ئوينايمەن دەيدۇ، ئۆگىتىپ قويۇڭ.
قىز ياسىننىڭ ئالدىغا كېلىپ، تارتىنىپ كۈلۈپ تۇرۇپ تانسىغا تارتتى.
__ قىزلىرىمدىن ئەڭ چىرايلىقى ساڭا قاراپ تۇرۇپتۇ، ئەمدىغۇ قوپارسەن...__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ھاراقنى قولىغا ئېلىپ.
ياسىن ئىلاجىسىز ئورنىدىن قوپۇپ تانسىغا چۈشتى، تانسا ئوينىمىدى، بەلكى بۇ چىرايلىق قىزغا ئېسىلىپ ئۇياق-بۇياققا ماڭدى، نەچچە قېتىم قىزنىڭ پۇتىنى دەسسىۋالدى. بەدەنلەر ئاندا-ساندا تېگىشتى، نەپەسلەر ئۆتۈشتى. كەيىپچىلىكمۇ ياكى قىزنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان ھارارەتمۇ، ئەيتاۋۇر ياسىننىڭ ئىچى قىززىپ، يوشۇرۇن ئىستەكلىرى لاۋۇلداپ يېنىشقا باشلىدى، بۇ ئوت ئۆيىدە قالغان خوتۇنىغا كېتىپ بارامدۇ ياكى ئالدىدىكى بۇ قىزغا كېتىپ بارامدۇ، ئاڭقىرالماي قالدى.
تانسا تۈگەي دېگەندە ياسىننىڭ تېلېفونى جىرىڭلاپ كەتتى.
__ تېلېفونىڭىز بەك توۋلاپ كەتتى،__ دېدى قىز.
__ ھە... ئويناپ نەگە كەلدۇق...
__ ئويناپ توختىغان يەرگە،__ دېدى قىز ياسىننىڭ كەيىپلىكتە خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ كۈلۈپ.
بۇ ئوماق كۈلكە ۋە چىرايلىق جاۋاب ياسىننىڭ ئېسىدە قالدى. ئۇ تېلېفونغا قاراپ خوتۇنىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، قايتۇرۇپ ئۇردى.
__ بىر ئىش چىقمىغاندۇ خوتۇن؟
__ ئىلشات قىززىپ قالدى، دوختۇرخانىغا ئاپارمىساق بولمىغۇدەك...
__ ھوي قاچان، بايىلا ساپ-ساق تۇراتتىغۇ؟
__ سىز كېتىپلا ئۆزگىرىپ قالدىغۇ تاڭ... ئەنسىرەپ قالدىم.
__ ماقۇل، مەن ھازىر باراي.
ياسىن غېنى شاڭجاڭغا ئەھۋالنى ئېيتتى.
__ سورۇن ئەمدى قىززىۋاتقاندا بالاڭنىڭ قىززىپ كەتكىنى چاتاق بوپتۇ...
__ مېنىڭغۇ ئولتۇرغۇم بار ئىدى، كىم ئويلىغان دەيسەن ئاكا بۇ ئىشنىڭ چىقىشىنى...
__ تۈزۈك ئوينىيالماي كېتىپ قالىدىغان بولدۇڭ-دە، بوپتۇ، كېيىن يەنە پۇرسەتلەر جىققۇ، ھە راست، مەن دېگەن ئىشنى ئويلىشىپ باققىن، ئاشخاناڭغا زادى بىر قىز لازىم.
__ ھە.. مەن ئويلىشىپ ئاندىن ساڭا تېلېفون قىلاي.
ياسىن تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ماڭدى، ئېغىرلىشىپ كەتكەن بېشىنى يۆلەنچۈككە تاشلاپ كۆزىنى يۇمدى، خوتۇن-بالىسىنى ئويلىسا كاللىسى شۇنچىلىك ئېغىر، بايىقى قىزنى ئويلىسا شۇنچىلىك يەڭگىل. ئۇ ئاشخانىسىغا بارغىچە مۈگدەپ قالغانىدى، تاكسى توختىغاندا ئىختىيارسىز چۆچۈپ ئويغانىدى. پۇلنى بېرىپ تاكسىدىن چۈشۈپ ئۆيىگە كىردى، ئوغلى بىر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى، خوتۇنى يوتقاندا ئۇنى ساقلاپ ياتقانىدى.
__ بالىنى ئاغرىپ قالدى دەۋاتاتتىڭ، كىيىمىڭنى كىيمەي يوتقانغا كىرىۋاپسەنغۇ...
__ دورا ئىچۈرۈپ قويغانىدىم، ياخشى بولۇپ قالدى...__ دېدى خوتۇنى ناز بىلەن كۈلۈپ.
__ ھەي سېنى، مەندىن ئەنسىرەپ تاپقان ئويۇنىڭمۇ بۇ؟!
__ شۇ.... سىز بولمىسىڭىز پەقەت ئۇخلىيالمايدىكەنمەن. مېنى ئۇخلىتىپ قويامدىكىن دەپ چاقىردىم، بولماپتىما؟
ياسىن گەپ قىماي يېشىنىپ كىرىپ ياتتى، ئاندىن خوتۇنىنىڭ تاقەتسىز شەھلا كۆزلىرىگە تىكىلىپ:
__ سەن تۇرساڭ ماڭا ئۇنداق يەردە نېمە بار-ھە... __ دېدى ۋە ھاياجاندا تىپىرلىدى، تانسا ئوينىغاندا ۋۇجۇدىدا پەيدا بولغان ئوت ئاستا-ئاستا ئۇلغايدى، كۆيۈپ-كۆيۈپ ئۆچتى؛ ئەمما نېمىشقىكىن بۇ قېتىمقى ھېسسىيات بۇرۇنقىغا ئانچە ئوخشىماي قالدى، ئايالىنىڭ ۋۇجۇدىغا بايىقى قىزنىڭ ۋۇجۇدى ئارىلىشىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى، بۇ نېمە ئىش؟ ئۇ خوتۇنىنىڭ چىرايىغا نەچچە قېتىم ئەندىكىپ-ئەندىكىپ قاراپ كەتتى، بىراق خوتۇنى كۆزىنى يۇمۇۋالغان بولغاچقا بۇنى بايقىيالماي قالدى.
3
ياسىن كۈنلىرى ئاشخانىسىنى ماڭدۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتەتتى، ئۇ ھەممە ئىشقا چېپىلىۋالمىغان بىلەن دائىم ھەممە ئىشنىڭ بېشىدا تۇراتتى، يوقنى تېپىپ، ماڭىدىغان يولنى مېڭىپ تۇراتتى. ئاشپەزلەرنىڭ دەردىنى تىڭشىمىسا بولمايتتى. بىر يىل ئىشلەپ بەرگەن سوگوزىچى يۇرتقا كېتىۋىدى، ئاشخانا چۆلدەرەپ قالدى. بۇ كىچىك شەھەردە دەرھال ئاشپەز تاپقىلى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون قىلدى.
ـــ كاۋابچى دېسەڭ تولا گەپ، ھەتتا خەنزۇلارمۇ قىلالايدىغان بولۇپ كەتتى ئۇ ئىشنى. ئەمما ئاشپەز تاپماق تەس.
ـــ ئەجەپ ئەتىۋار بولۇپ كەتتى بۇ گۇيلار، ــ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ،ــ ئاشپەز بولمىسا ئىش توختاپلا قالىدىكەن، يا خوتۇننى سەي قورۇڭلا دېگىلى بولمىغان.
ـــ ياق-ياق، خوتۇنۇڭنى جىم قوي، بىر چىرايلىق خوتۇنۇڭنى جاپاغا سېلىپ، قېرىتىپ قانداق قىلسەن، مەن بىر ئامالىنى قىلىپ ساڭا تېلېفون بېرەي.
ـــ ئاۋارە قىلدىم ئاكا، ئەمىسە چوقۇم تېلېفون قىل.
ياسىن غېنى شاڭجاڭغا دېمەيدىغان گەپلەرنى دەپ سالغاندەك بىئارام بولدى، ئەمما بېشىغا ئىش كەلگەندە نوچىلىق قىلىپ يۈرۈۋەرگىلى بولمايدۇ، ئاشخانىىسىنى ماڭدۇرۇشى، پۇل تېپىشى كېرەك. ئالدىغا ماڭمىسا كەينىگە چېكىنىدىغان گەپ.
ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ھايال ئۆتمەيلا دىقماق بىر بالىنى باشلاپ ياسىننىڭ ئاشخانىسىغا كەلدى. ياسىن ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، ئۇلارنى جوزىغا باشلىدى. ياسىن بىر قاراپلا ئۇ بالىنىڭ چەكمەيدىغانلىقىنى، ساغلام ھەم تېتىكلىكىنى، بويسۇندۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
ـــ نەچچە كۈندىن بېرى مەنمۇ ساڭا ئوخشاش جىددىيلىشىپ قالدىم،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ،ـــ ئاخىرى مۇشۇ بالىنى مىڭ تەستە ئۈرۈمچىدىن چاقىرىپ كەلدىم، ئۇ يەردىكى ئىش ھەققى تۆۋەن ئىكەن، سەن جىقراق بېرەرسەن...
ـــ ئۇنىڭدا چاتاق يوق، بىز ئۇنچىلىك چۈپەي ئادەم ئەمەس،ــ دېدى ياسىن ئۇ بالىغا بىر قاراپ قويۇپ،ــــ قارىسام بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
ـــ ھازىر ماختىسام بولمايدۇ، كېيىن بىلىپ قالىسەن، ئاشخاناڭنى ئەمدى ئادەم باسىدۇ.
ـــ دېگىنىڭ كەلسۇن ئاكا، بۇ بالىنى تونۇشتۇرۇپ قويمىدىڭ.
ـــ ھاشىم دوغىلاق،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ چاقچاق قىلىۋاتقاندەك،ــ شۇنداق دېسەك بولار ھاشىمجان؟
ھاشىم دوغىلاق كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.
ـــ بۇ بالا يېڭى كەلگەچكە تارتىنىپ گەپ قىلمايۋاتىدۇ.
ئەمما ياسىن ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى ياقتۇرماي قالدى، ” بۇ ئاداش مۆڭمۇ نېمە، يا گەپ قىلىشنى بىلمەمدۇ“ دەپ ئويلىدى.
ـــ بايا قارىسام خېلى ئوچۇق كۆرۈنۈۋاتاتتى، ئادەمنى تېشىدىن بىلمەك تەسكەن جۇمۇ، ـــ دېدى ئۇ ھاشىمغا قاراپ چاندۇرماي كۈلۈپ.
ـــ بەك شوخلىشىپ كەتسە باشقۇرالماي قالىسەن ئۇكا، يۇۋاشراق بولغىنى ياخشى.
ـــ باشقىسى مەيلى، ھۈنىرى جايىدا بولسىلا بولدى.
ـــ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمە، ئۆزەمگە ئېلىپ قالماي ساڭا ئەكەلدىم بۇنى...
غېنى شاڭجاڭ ئاشخانىنىڭ ئىچكىرىسىگە پات-پات قارايتتى، چىرايلىق جۇۋان ھېچ چىقاي دېمەيتتى، ياسىندىن«خوتۇنۇڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟» دەپ سورىيالماي، گەپنى باشقا ياققا يۆتكىدى:
ـــ ھە راست، پەقەت سورىماپتىمەن، ھېلىقى كۈنى بالاڭ قانداق بولدى؟
ـــ ھە، چوڭ ئىش يوقكەن، ساقىيىپ قالدى.
ـــ تۈزۈك ئولتۇرالماي كەتتىڭ، قانداقراق بولدى سېنىڭچە ئۇ ئولتۇرۇش؟
ـــ پەيزى بولدىغۇ، مۇساپىرچىلىقتا ئۆز يۇرتىمىزدا توي ئوينىغاندەك بولدۇق.
ـــ ئەمدى ئالدىمىزدا ئاشقىلار بايرىمى كېلىمىش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاياللار بايرىمى، ياشلار بايرىمى، ئانىلار بايرىمى.... مېنىڭ بۇ خوتۇنۇم قالتىس دەيمەن، ھېچقانداق بايرامنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئالاھىدە كۈنلەردە ئالاھىدە سوۋغات ئالمىساڭ كېچىپ كېتىمەنلا دەيدۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردە گۈل سوۋغا قىلىپ تۇرمىساڭ قاپىقى ئېچىلمايدۇ...
ـــ ساڭىمۇ تەسكەن دېگىنە ئاكا، مېنىڭ خوتۇنۇمنىڭ ئۇنداق بايرام بىلەن قەتئىي چاتىقى يوق.
ـــ ئوبدان خوتۇنكەن، خۇدايىم بېرىپتىكەن سەن گۇيغا، مېنىڭمۇ مۇشۇنداق خوتۇنۇم بولىدىغان بولسا، ئۈچ خوتۇن ئەمەس، بىرەر يۈز خوتۇندىن كېچىپ كېتەتتىم جۇمۇ...
غېنى شاڭجاڭ ياسىننىڭ قاپىقىنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ گېپىنى يىغىشتۇرۇۋالدى:
ـــ باشقىچە چۈشەنمەۋا گۇي، خوتۇنۇڭنى ماختاپ قويغانغا كۈنلەۋاتامسەن، كۈنلەمچىنىڭ كۆزى يامان دەپ، ئادەمگە سەت قارىما. ئەر كىشىنىڭ چىرايلىق خوتۇندىن زوقلىنىشى تەبىئىي ئىش، ھەتتا ئاپاڭ بولسىمۇ زوقلىنىسەن، قانداق دېدىم؟ چۈنكى ھەممىمىز ئايال كىشىنىڭ شۇ يېرىدىن چۈشكەن، مەمىقىنى شوراپ ئەمگەن، يالغانمۇ يا؟ ئەر كىشى دېگەن خوتۇن خەق ئالدىدا مەڭگۈ بالا، كېچىدە بېشىڭنى خوتۇنىڭنىڭ مەيدىسىگە چاپلاپ ياتمىساڭ ئۇيقۇڭ كەلمەيدىغاندۇ؟
ياسىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى، دوغىلاق ھاشىم ئاغزىنى ئېچىپلا قالغانىدى.
ـــ خوتۇنىنى كۈنلىمىگەن ئەر ئەر ئەمەس، مەنمۇ گەپنى ئوچۇق قىلاي،ــ دېدى ياسىن.
ـــ مانا ئوغۇل بالا، يىگىتتەك گەپ قىلدىڭ.
ـــ لېكىن ئاكا، سەنمۇ بەزى گەپنى بەك ئاشۇرۇۋېتىدىكەنسەن.
ـــ مېنىڭ ئېغىزىم شۇنداق، ئىچىمدە گەپ ياتمايدۇ، بەزى ئىشنى ئاشكارا دېيىش كېرەك، يوشۇرۇپ نېمە قىلاتتۇق؟
ـــ مەنمۇ مۇشۇ يېرىڭنى دەيمەن-دە، لېكىن بەزىدە ئېغىزىڭدىن كېتىپ قالىسەن.
ـــ دەيدىغاننى دەۋالمىسام قىينىلىپ كېتىدىكەنمەن،ــ دېدى غېنى شاڭجاڭ چايدىن بىر ئوتلاپ،ـــ ئەلۋەتتە گەپنى چاغلاپ قىلىش كېرەك.
ياسىن دوغىلاق ھاشىمنىڭ جىمغۇرلۇقىنى ياراتمىغاچقا، غېنى شاڭجاڭنىڭ ئوچۇقلۇقىنى كۆڭلىدە ماختىدى، دوغىلاق ھاشىم بۇ گەپلەر ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك خىيالىي ئولتۇراتتى.
ـــ بۇ بالا پەقەتلا گەپ قىلمامدۇ نېمە؟ـــ دېدى ياسىن ئۇنىڭغا قاراپ ئىچى سىقىلىپ.
ـــ چوڭلارنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماي دېگەندۇ، گەپ قىلسا ئېشىپ كەتتى دەيسەن، گەپ قىلمىسا مۆرىمىدى دەيسەن، ساڭا قانداق ئادەم بولسا بولاتتى؟
ـــ ئادەم دېگەنغۇ بىر قېلىپتىن چىقمايدۇ...__ دېدى ياسىن غودۇڭشىپ.
ـــ شۇ ئەمەسمۇ، ئارتۇق گەپنى قويۇپ بۇ بالىنى قولۇڭغا ئال، ئاشخاناڭنى ماڭدۇرۇۋال.
غېنى شاڭجاڭ ئۇزاپ ماڭدى، ياسىن ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ، بالىنىڭ كىراسىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ـــ ئا... مېنى نېمە كۆرۈۋاتىسەن ئۇكا، بەك بەرگىڭ كېلىپ كەتسە، شۇ بالىنىڭ ئىش ھەققىگە قېتىپ بەر، تونۇشۇمنىڭ ئوغلى دېگىنە، قاراپ قويارسەن.
ياسىن ئارتۇق تارتىشمىدى، خوتۇنىنى كۆرەلمەي ئارماندا كەتكەن غېنى شاڭجاڭنى ئۇزىتىپ قويۇپ، ئاشخانىغا كىردى. ھاشىم دوغىلاق ئاشخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ساتراچخانىدا يوتىلىرىنى چىقىرىپ ئولتۇرغان تەتەي قىزلارغا قاراپ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ ئولتۇراتتى.
ـــ كۆزۈڭ تېشىلىپ كەتمىسۇن ئۇكا، بوشراق قارا، كۆزىنى قىسقاننىڭ ھەممىسىگە قاراۋەرمە..
ــــ ياقەي... نېمانداق كۆپ ساتراچخانا بۇ دەپ ھەيران قېلىۋاتىمەن.
ياسىن ئۇنىڭ دەرھال زۇۋان سۈرگىنىدىن خۇرسەن بولدى، دۇتارنىڭ زىل تارىسىدەك چىقىۋاتقان ئاۋازىغا قاراپ، ناخشىچى بولسا بولىدىغان گۇيكەن بۇ دەپ ئويلىدى.
ــــ ئۈرۈمچىدە كۆرمىگەنمۇ بۇنداق يەرلەرنى؟
ــــ كۆرگەن، لېكىن بۇنداق قاتار كەتكەن ساتراچخانىلارنى كۆرمىگەن.
ــــ يەنە نېمىنى كۆرمىگەن، ئاق يوتىلىق، سېرىق چاچلىقلارنى كۆرمىگەنمۇ؟
ــــ كۆرگەن، لېكىن بۇلار بەك ئاشكارە...
ــــ توي قىلغانمۇ؟
ـــ ياق، تېخى ئەمدى 20 گە كىردىم.
ـــ ئىش كۆرۈپ باققانمۇ؟
ھاشىم دوغىلاق جاۋاب بەرمىدى.
ـــ ئۈرۈمچىلىكتەكمۇ قىلمايسەن، بىكار ئولتۇرۇپ قالساڭ چاتاقمۇ نېمە؟ كاللاڭنى يىغىپ، ما ئاشخانىنىڭ ئىشىغا كەل، ھازىرلا كىرىپ چۇفاڭنى بىر تازىلىۋەت، ئەتە سەي چىقىرىپ سودىنى باشلىمىساق بولمايدۇ.
ھاشىم دوغىلاق ئىتائەتكارلىق بىلەن ئورنىدىن قوپتى. ئۇ بىر مۇنچە سەتەڭلەر جايلاشقان، ئورنى ياخشى مۇشۇنداق بىر ئاشخانىغا كەلگىنىدىن خۇشالدەك كۆرۈنەتتى.
بىر مۇنچە سېرىق سەتەڭلەر كۈندۈزى ھاشىم دوغىلاقنىڭ كۆز ئالدىدا، كېچىسى تەسەۋۋۇرىدا ئايان بولاتتى، ئارام بەرمەيتتى. ئارقا ھويلىدىكى ئاشپەزلەر ياتىقىدا 17 سۇڭلۇق كونا تېلىۋىزوردىن بۆلەك ئۇنى جەلپ قىلغۇدەك ھېچ نېمە يوق ئىدى، ئۇ نەچچە قېتىم بۇ ياتاقنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنى، تامغا يالىڭاچ قىزلارنىڭ رەسىملىرىنى چاپلاشنى، ئۆز ئالدىغا ۋىدىيو ئاپپاراتى ئېلىپ سېرىق فىلملەرنى كۆرۈشنى ئويلىدى، ئەمما ميەنجاڭ بالىنىڭ ئۇنداق ئىشلار بىلەن خوشى بولمىغاچقا، ئويلىغىنىنى قىلالمىدى. تاماكا خۇمارى ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بولمىغاندا سېغىنىدىغان، ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىدىغان ئەڭ رەزگى خۇمار ئىدى، قازان بېشىدا ئىشلەپ چارچىغاندا ياكى خېرىدار ئۈزۈلگەندە ئۇ جوزىلارنى رەتلەپ بولۇپ، دېرىزە يېنىغا كېلىپ تاماكا چەككەچ ساتراچخانا قىزلىرىغا قارايتتى.
بىر كۈنى ئۇ شۇنداق قاراپ ئولتۇرغاندا ياسىننىڭ شۇ ساتراچخانىلاردىن بىرىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى، تاماكىسىنى يەرگە تاشلىۋەتتى؛ ئاندىن ئۇنى دەسسەپ ئېزىۋەتكەندىن كېيىن ئاشخانىنى تازىلاشقا چۈشتى. خوجائاكىسى ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنى قىلىپ چىققاندۇ؟ چېچىنى ياساتقانمىدۇ؟ بەدىنىنى تۇتقۇزغانمىدۇ؟ پۇتىنى يۇغۇزغانمىدۇ؟ ياكى باشقا ئىشلارنىمۇ قىلدىمۇ؟...
ھاشىم دوغىلاق كۆڭلىدە خۇشال بولدى، ياسىننى ئەزەلدىن ئۇ يەرگە كىرمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدى ھەم ئۇنىڭ ئۇ يەرگە كىرگەنلىكىنىمۇ كۆرمىگەنىدى. ئەر كىشى ئەمەسمۇ، خوتۇنى چىرايلىق بولغان بىلەن باشقىسىنىمۇ تېتىپ باققۇسى كېلىدىغاندۇ...
ياسىن ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇ تېخى يەرلەرنى سۈرتۈپ بولالمىغانىدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ خوجايىنىغا قارىدى، چېچىنى ياساتقاندەك قىلاتتى.
__ جاپا چېكىۋاتىسەن ئۇكا، چىداپ ئىشلەپ تۇرغىن،__ دېدى ياسىن ئىچكىرىكى ئۆيگە ماڭغاچ،__ يېقىندا ھامماچامنىڭ ئوغلى كېلىدۇ، سەن ئەمدى قازان بېشىغىلا مەسئۇل بولىسەن.
ھاشىم دوغىلاق بۇ خەۋەردىن خۇش بولمىدى، قازان بېشىدىلا يۈرسە تالانى كۆرەلمەيدۇ، ھامماچىسىنىڭ ئوغلى كەلسە ياتاقنى تېخىمۇ تارلاشتۇرىدۇ، ئىككى ئادەم ئارىسىدا ھاشىم تېخىمۇ قىسىلىدۇ، شىرىن خىيال سۈرەلمەيدۇ، مىجەزى كېلىشەلمىسە ھەتتا ئۇرۇش-جېدەل چىقىدۇ، لاۋبەن ئاكىسى ئۇنىڭغا يان باسىدۇ. بۇ چاغدا بۇ يەردىن كەتمەي ئىلاج يوق، سېرىق سەتەڭلەرنى كۆرەلمەيدۇ، خىيالىغا يېتەلمەي ئارماندا كېتىپ قالىدۇ...
ئۇ بېلىنى رۇسلاپ ئۆرە بولدى، توختاپ دېمىنى ئېلىپ تالاغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن قالغان يەرلەرنى چالا-پۇچۇق سۈرتۈپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.
كەچتە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتلاردا خېرىدار كېلەتتى، شۇنىڭغىچە ئۇ تاماكا چەككەچ كەيپ سۈرۈپ، ئىس-تۈتەكتەك يەڭگىللەپ، بىر-ئىككى سائەت ئارام ئېلىۋالالايتتى.
بۈگۈن ياسىن ئۇنى بالدۇرراق توۋلاپ قالدى، ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، خېمىردەك ئېزىلىپ ياتقان ميەنجاڭ بالىنى نوقۇشلاپ ئويغىتىپ قويۇپ، ھارغىن قەدەملىرىنى سۆرەپ ئاشخانىغا ماڭدى.
يېڭى كەلگەن خېرىدار ۋاقىت قارىشى يوق بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇق ئىدى، بىر-بىرىگە قارىشىپ يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭ سېلىپ كۈلۈشۈپلا ئولتۇراتتى. ياسىننىڭ خوتۇنى ئۇلارغا چاي قۇيۇپ تاماق تىزىملىكىنى بەردى. ئىككىسى تەڭلا بۇ چىرايلىق جۇۋانغا قاراپ گەپتىن توختاپ قېلىشتى؛ قىز بالدۇرراق ئېسىگە كېلىپ، ئوغۇل دوستىغا مەسلىھەتمۇ سالماستىن تاماق بۇيرۇتتى.
ھاشىم خان ئاچىسىنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىدى، بۇ سادا ھەر كۈنى تەكرارلىناتتى:
__ بىر داپەنجى، لازا چاۋرۇدىن بىر، گۇڭباۋ جىدىڭدىن بىر...
ھاشىم دوغىلاق خان ئاچىسىنى ھەر بىر كۆرسە خوجايىنىغا بىر قېتىم ھەۋەسلىنەتتى. بۇنداق گۈزەل ئايال بەرىبىر ئۆزىگە تەۋە بولمىغاچقا ئۇنىڭدىن تېزلا ۋاز كېچىپ، ھامان بىر كۈنى پۇل بىلەن بولسىمۇ ئېرىشىشى مۇمكىن بولغان سېرىق چاچ قىزلارنى خىيال قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى.
ئۇ بۇ كەچتە 11 گىچە ئىشلەپ قالدى؛ چارچاپ ھالىدىن كېتەي دېگەندە ياتىقىغا كىرىپ، قەدىناس كارىۋىتىغا يانپاشلاپ، مايلىشاڭغۇ كىيىملىرىنى سىلىپ تاشلاپ، شىرىن خىيال سۈرۈپ ياتتى. چۈشىدە سېرىق سەتەڭلەرنى كۆرۈپ ئەتىسى بىر ھازا چۈشىنى ئەسلىدى.
بۇ ئەتىسى ياسىن خوتۇنىنىڭ قۇچىقىدا ئويغىنىپ، ئويلىمىغان سوئال-سوراققا دۇچ كەلدى:
__ چېچىڭىزنى ياسىتىپسىزمۇ دەيمەن، نەدە ياساتتىڭىز؟
__ ساتراچخانىدا بولمامدۇ...__ دېدى ياسىن ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئاچالماي.
__ قايسى ساتراچخانىدا؟
__ ئالدىمىزدىكىسىدە بولمامدۇ... يەنە نەگە بېرىپ يۈرەتتىم.
__ ئۆيدە بىر قات كىرنى يۇيۇپ بولغىچە كۆزۈمدىن قېچىپسىز-دە!
__ ھەممە ئىشنى ساڭا دەپ قويۇپ قىلامتىم؟
__ ئەركىشىگە ياساتتىڭىزمۇ يا شۇ مايماقلارغا ياساتتىڭىزمۇ؟
__ بۇ يەردە ئەر ساتراچ نېمە ئىش قىلىدۇ دەيسەن، ھەممىسى خوتۇن خەقنىڭ پۇتىنى يۇيۇش بىلەن ئالدىراش تۇرسا...
__ شۇڭا مەن سوراۋاتىمەن، پەقەت ياسىتىپلا قويدىڭىزمۇ ياكى باشقا ئىشنىمۇ قىلغۇزدىڭىزمۇ؟
__ چاچنى يۇيدى، كەينىدىن ياساتتىم، نېمە بولدى ئەمدى سوراپ كەتكۈدەك؟
__ بېشىڭىزنى يۇغاندا ئەنمو قىلىپ قويغاندۇ تايىنلىق... دائىم بۆرەك يەيدىغان ھېلىقى بىر نېمىنىڭ ئالدىغا كىردىڭىزغۇ دەيمەن.
ياسىن خوتۇنىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان سەزگۈرلۈكى ۋە نارازىلىقنى ھېس قىلىپ بىئارام بولدى. دەرۋەقە ئۇ ئاشۇ سەتەڭنىڭ ئالدىغا كىرىپ چاچلىرىنى يۇيغۇزۇپ، بېشىنى تۇتقۇزغان ھەمدە ئاللىقانداق غىدىقلىنىش ئىچىدە غېنى شاڭجاڭنىڭ " بېيجىڭدا بېشىڭدا تۇتقۇزساڭ 40 كوي، بۇ يەردە خالىغىنىڭنى قىلالايسەن" دېگەن گەپلىرىنى ئويلاپ قالغانىدى. سەتەڭ ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، قۇلاق تۈۋىگە يېقىن كېلىپ شۇ ئىشنىڭ شەپىسىنى پۇراتقان چاغدا چۆچۈپ، تېزلا رەت قىلىۋەتكەنىدى. بۇنى خوتۇنىنى دەپ شۇنداق قىلغانىدى، بىر ھېسابتا نەپسىنى يەڭگەنىدى. بۇمۇ ياسىن ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما خوتۇنى قوپۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيۋاتقاندەك گەپ قىلىۋاتاتتى.
__ ئەتىگەندە ساڭا نېمە بولدى؟__ دېدى ياسىن ئۇۋاللىققا ئۇچرىغان ئادەمدەك زارلىنىپ، __ مېنى شۇنداق پەس چاغلاپ قالدىڭما؟
__ بېشىڭىزنى تۇتقۇزغىنىڭىز راستمۇ؟
ياسىن گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى.
__ گەپ قىلمىغىنىڭىزغا قارىغاندا تۇتقۇزۇپسىز-دە!
__ تۇتقۇزغانغا نېمە بولاتتى؟__ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ،__ ئىشلەپ چارچىغاندا چاچ ياسىتىپ، باشنى تۇتقۇزۇپ قويسا كاللا ئارام تېپىپ قالىدىكەن. بۇنىڭ نېمىسى يامان؟
__ كەچتە مەن تۇتۇپ قويسام بولمامدۇ؟ چوقۇم شۇ يەرگە بېرىش كېتەمدۇ؟
__ بۇندىن كېيىن تۇتۇپ قويارسەن، بولدىمۇ ئەمدى...
__ كۆڭلۈمنى ئەجەپ يېرىم قىلدىڭىز...__ دېدى خوتۇنى چىرايلىق كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.
__ ھوي نېمە بولدۇڭ بىر دەمدە، مانى قارا، توۋا...__ دېدى ياسىن خوتۇنىغا قاراپ ئەجەبلىنىپ،__ نېمىگە يىغلايسەن، مەن ھېچ چۈشەنمىدىمغۇ؟
__ سىز چۈشەنمەيسىز... كۆڭلۈمنى قاچان چۈشىنىپ باققان سىز...__ دېدى خوتۇنى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ،__ بېشىڭىزنى تۇتقۇزۇشىڭىز سىز ئۈچۈن چوڭ ئىش ئەمەس، ئەمما مەن ئۈچۈن چوڭ ئىش. باش دېگەن مۇھىم نەرسە، بۈگۈنىسى بېشىڭىزنى تۇتقۇزسىڭىز ئەتىسى قوپۇپ باشقا بىر نېمىڭىزنى تۇتقۇزغىڭىز كېلىدۇ. ئاخىرى كېلىپ ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ، مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن...
__ مەن سەندەك بەك ئويلاپ كەتمەپتىمەن...
__ سىز ئويلىمىغاننى مەن ئويلايمەن، خوتۇن خەق دېگەن نازۇك كېلىدۇ، بۇنى بىلمەمتىڭىز؟ ئېرىمنىڭ بېشىنى باشقا مەينەت قوللار تۇتۇپ يۈرسە كۆڭلۈم ئېلىشمامدۇ، سىز بىلەن بىر ياستۇققا قانداق باش قويىمەن؟!
__ توغرا دەيسەن، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي.
ياسىن بىر دەم خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلدى. ئەمما ئۆز خىيالىغا قايتقاندا بولسا خوتۇنىنىڭ بەك چەكلەپ قويغىنىدىن ئىچى سىقىلغاندەك بولدى. ئۇ كۈندۈزى ئاشخانىسىنى چۆرىلىپ، كېچىسى خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇپ ياشاۋاتقان بىلەن ئاشۇ كۈنى غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىدا ئوينىغان تانسىنى، قىزنىڭ نازۇك بېلىنى، ئوماق كۈلكىسىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. خوتۇنىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ساتراچخانىدىكى قىلمىشىدىن سەسكىنگەندەك قىلغان بىلەن، ئاشۇ سەتەڭنىڭ بېشىدىن قاس چىقىرىۋەتكەن راھەتلىك قوللىرىنى، قۇلاق تۈۋىگە كېلىپ شەيتاندەك شىۋىرلاشلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىۋەتكىنى يوق... خوتۇنىغا ۋاپادار، ئالىيجاناپ كۆرۈنگەن بىلەن، بۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغان گۇناھلىق ئىشلارنى سېغىنىپ يۈرگىنىدىن ئەنسىرىگىنى يوق... ئۇنچىلىك ئىشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا خوتۇنىغا خىيانەت ھېسابلانمايدۇ، ئوقەتچىلەر ئىچىدە ئۇنىڭدەك پاكىز، ياخشى ئەر نەدە؟! مەست بولغۇدەك ئىچمەيدۇ، ئۆلگۈدەك چەكمەيدۇ، قىمار ئوينىمايدۇ، پاھىشۋازلىق قىلمايدۇ، ئەخمەت شاڭجاڭنىڭ ئۈچ خوتۇنى بار، تېخى خوتۇنىنى قارىتىپ قويۇپ بارلىق كېپىنەك قىزلىرى بىلەن تانسا ئوينىيالايدۇ. خوتۇنى ئەمدى يەنە نېمىدىن رازى بولمايدۇ؟... بۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ قارنى سەل كۆپتى. ئەمما ئارزۇلاپ ئالغان خوتۇنىنىڭ گۈزەللىكى ۋە جان كۆيەرلىكى ئالدىدا ئۇنى ئەيبلەشكە ھېچ باھانە تاپالماي قالدى. پەستە ياتقان ئوغلىغا قاراپ يۈرىكى ئاغدى، بالىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پاكلىق، سەبىيىلىك ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇئان تەسىر قىلدى.
ئەتىگەندە ئۇ خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويسا بىر كۈن كەچكىچە كۆڭۈلسىز ئۆتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئېزىلىپ ئولتۇرماي خوتۇنىغا ناشتىلىق تەييارلىشىپ بەردى، چاقچاق قىلىپ كۆڭلىنى ئالدى، بىر ئوبدان ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئوغلىنى موتوغا مىندۈرۈپ، يەسلىگە ئېلىپ كەتتى.
4
ياسىننىڭ روھى دۇنياسىغا بىر نەرسىلەر قوشۇلۇپ قالدى. چىرايلىق خوتۇنىغا نېمىشقىدۇر بۇرۇنقىدەك ساپ دىللىق بىلەن بېرىلمەيدىغان، مەھلىيا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. بىراۋلار قارىسا كۆزلىرى چەكچىيىپ، شۆلگەيلىرى ئېقىپ كېتىدىغان شۇ گۈزەل رۇخسار ياسىنغا كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەللىكى بىلىنمەيدىغان ئەتىر گۈلگە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى. رەيھان بىكار بولسىلا ئۆي ئىشىنى قىلىپ، بالىغا قاراپ، زىخقا كاۋاب ئۆتكۈزۈپ، جوزا سۈرتۈپ، تاماق تىزىملاپ، چاي توشۇپ، كېچىدە يەنە ئېرىنى كۈتۈپ ھارمايتتى.
رەيھان بېيجىڭدا ياشىغاندا بىر كۆمۈرخانا، بىر ئەدىيال ئىچىدىمۇ ئېرى بىلەن بەختلىك بولالىغان؛ نامرات، ۋەھىملىك كۈنلەردە بىر-بىرىگە ئادەتتىن تاشقىرى كۆيۈنۈپ، مۇشەققەتنى بىرلىكتە يەڭگەن. جاھاندا بۇنداق ئېسىل خوتۇننىڭ يوقلۇقىنى ياسىن ياخشى بىلەتتى، رەيھاننى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايتتى، ئۇنى ئۆزىگە نېسىپ بولغان، كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان بەخت دەپ ھېسابلايتتى، كۆڭلىدە پەقەت مۇشۇ سۆيۈملۈك خوتۇنىلا بار ئىدى؛ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئوقىتى خېلى گۈللەندى، پۇل تاپتى، ئۆي سەرەمجانلىرى كۆپەيدى. ئەمما پۇل تاپقاندا ئەرلەرنىڭ ئاسان بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ئەنسرەيدىغان رەيھان نەق شۇ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، دەرۋەقە ئويلىمىغان ئىشلار چىقىشقا باشلىۋىدى، ئېرىگە ئادەتتىن تاشقىرى كۆز-قۇلاق بولۇشقا باشلىدى.
خوتۇنى ئۇنداق كۆيۈنۈپ ئىشلەۋاتقاندا ياسىن لاۋبەن بولدۇم دەپ لاغايلاپ يۈرەلمەيتتى، خوتۇنى گۆش بىلەن ماينى ئارىلاشتۇرۇپ مارجاندەك تىزىپ ئۆتكۈزگەن كاۋابنى بارلىق ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ تەملىك پىشۇرۇپ، خېرىدارنى رازى قىلمىسا ۋە ئۇلارنى ئاشخانىغا كۆپلەپ جەلپ قىلمىسا بولمايتتى. ئەمما ئۇنىڭمۇ پۇل تاپقانچە كاۋابچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چوڭ لاۋبەن بولغۇسى، غېنى شاڭجاڭدەك ئىشتاننى قىرلاپ يۈرگۈسى بار ئىدى؛ قاچانغىچە كاۋابدان ئالدىدا ئىس-تۈتەكتىن بوغۇلۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى كۈيىگە مىلەپ يۈرۈيدۇ؟ شۇنچە يىل جاپا تارتقاندىن كېيىن ئەمدى ئۇنىڭ راھىتىنى كۆرمەمدۇ؟ ھازىر مانا كىچىك بولسىمۇ نەچچە ئادەمنى باشقۇرۇپ يۈرۈيدىغان لاۋبەن. لاۋبەننىڭ قارا ئىش قىلغىنىنى كىم كۆرگەن؟ ئۇنىڭ ئىس-تۈتەك ئىچىدە چوغلارنى يەلپۈپ يۈرگىنىنى غېنى شاڭجاڭ كۆرۈپ قالىدىغان بولسا نېمە دەپ كېتەر؟!
قېرىشقاندەك، بىر كۈنى نەق شۇ پەيتتە غېنى شاڭجاڭ ئۇنى كۆرۈپ قالدى. ياسىن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان خەقلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلاۋاتقان خۇشپۇراق ئىس-تۈتەك ئارىسىدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقاچقا غېنى شاڭجاڭنى كۆرمىدى.
__ پاھ، قالتىسقۇ ئۇكا، كاۋابلىرىڭنىڭ پۇرىقىدىن ئۆزەڭ مەست بولۇپ كەتتىڭمۇ نېمە؟
ياسىن غېنى شاڭجاڭنى كۆرۈپ سەل جىددىيلىشىپ قالدىيۇ ، ئۆزىنى دەرھال ئوڭشاپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالاملىشىپ كۆرۈشتى.
__ مۇشەققەتچىلىك ئاكا، سېنى كېلىدۇ دەپ بىكار قاراپ ئولتۇرالمايمەن-دە!
__ ئالدىراش ۋاقتىڭدا كېلىپ قاپتىمەن-دە!
__ ياقەي، كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇر، قولۇمنى بىكار قىلىپ ھازىرلا كىرىمەن.
غېنى شاڭجاڭ ئالتە جوزىلىق كىچىك ئاشخانىغا كىرىپ، تامدىكى ھەرەمنىڭ رەسىملىرىگە غەلەتلىك كۆزلىرىدە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن دېرىزىنىڭ يېنىدىكى جوزىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئىچكىرىگە قارىدى، قاراپ تۇرۇشىغا ياسىننىڭ خوتۇنى چەينەك كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى ۋە گويا بۇلۇت ئارىسىنى يېرىپ چىققان ئايدەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى يورۇتىۋەتتى. غېنى شاڭجاڭنىڭ پارقىراپ كەتكەن كۆزلىرى سەكراتتا ياتقان ئادەمنىڭ ھاياتقا تويماي قاراۋاتقان كۆزلىرىگە تولىمۇ ئوخشايتتى. رەيھان بۇ ئادەمنى كۆرگەن بولسىمۇ ئۇدۇل تىكىلىپ قاراپ باقمىغانىدى، ھازىر ئۇنى تۇيۇقسىز بۇ ھالدا كۆرۈپ تەمتىرەپ كەتتى، قاراپ سالغاندىكىن قېتىپ تۇرالمىدى، سۇس كۈلۈمسىرەپ ئالدىغا كەلدى.
__ قەدەملىرى يېتىپ قاپتۇ، چاي بولسىمۇ ئىچكەچ تۇرسىلا.
__ ھە... ماقۇل .. سىڭلىم..
رەيھان چاينى قۇيۇپ بولۇپ، ئارتۇق گەپ قىلماي كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭدى. غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ غۇنچە بويىغا، يۇمىلاق ساغرىسىغا قاراپ قالدى، ئېغىزىغا يىغىلغان سېرىق سۇلارنى يۇتقاچ چاي ئىچتى. ئۇ شۇنچە چىرايلىق قىز-چوكانلارنى كۆرگەن، كوچىدىمۇ، ئۆيدىمۇ، كىيىم بىلەنمۇ، يالىڭاچمۇ.. ھەممىنى كۆرۈپ باققان. شۇنداقتىمۇ يەنە رەيھانغا كۆزى تويمىدى. نېمىشقا ئەمدى؟ ئۇنىڭ نەرى ئوخشىمايدۇ؟ "بۇ بىر سەۋدالىق، بۇ بىر خۇمار... - دەپ ئويلىدى ئۇ، - ئىككى كويلۇق تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ يۈز نەچچە كويلۇق تاماكا چەككۈسى كېلىدۇ، ئېرگوتو ئىچكەن ئادەمنىڭ ماۋتەي ئىچكۈسى كېلىدۇ. ھەممىسى ئوخشاش تاماكا، ئوخشاش ھاراق. ئەمما ئادەم دېگەن تويمايدۇ..."
بىر دەمدىن كېيىن ياسىن ميەنجاڭ بالىنى ۋاقتىنچە كاۋابدانغا قارىتىپ قويۇپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا كەلدى. ياسىن بىر نەچچە خىل سەيلەرنى ئەكەلدۈرۈپ، جوزىغا ھاراق تىكلىدى.
__كېلىپ قاپسەن ئاكا، لايىقىدا بولمىسىمۇ ئەمدى...
__ نەدىكى گەپنى قىلىدىغانسەن،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ تاماكىسىنى كۈلدانغا قېقىپ،__ كايىپ كېتىۋاتىسەن، مەن مۇنداقلا بىر كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ كەلگەن.
__ ئەمدى كەلسەڭ مۇنداقلا كەلمەي، راۋرۇس ئولتۇرغۇدەك بولۇپ كەل.
__ ھە، ئىش ئوقىتىڭ قانداقراق؟
__ يامان ئەمەس، سەندەك باي بولالمىدۇق، كوچىدىمۇ قالمىدۇق.
__ ھاشىم دوغىلاق قانداقراق ئىشلەۋاتىدۇ؟
__ ئوبدان ئىشلەيدىكەن، بىراق تەتەي قىزلارغا بەكرەك قاراپ سالىدىكەن.
__ قارىسا مەيلى، لېكىن ئۆزىگە كېسەل تېپىۋالمىسۇن.
__ خۇدايىم ساقلىسۇن دېگىنە ئاكا، مەنمۇ كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن.
ئۇلار ئىچىشىپ تۇرغاندا رەيھان ئۇلارغا پات-پات قاراپ قوياتتى، چاي تۈگەپ قالسا چاي ئەكىلىپ بەرگەچ، ياسىنغا جىددىي نەزەردە قاراپ قويۇپ، بۇ ئادەمنى پاتراق يولغا سېلىۋېتىشكە شەرەت قىلاتتى. ئەمما ياسىن "خوتۇن خەق ئەرلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك" پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ، خوتۇنىنىڭ تەلەپ-ئىلتىجالىرىنى نەزەرگە ئالمىدى.
__ ئەجەپ تىنچ يەر-ھە… بۇ __ دېدى خېلى تەڭشىلىپ قالغان غېنى شاڭجاڭ تالاغا قاراپ قويۇپ،__ بېيجىڭدەك غەلۋە-غوغا يوق. ئەمما… ئادەمنىڭ يەنە شۇ چوڭ يەردە ياشىغۇسى كېلىدىكەن.
__ بۇ يەرنى ئوبدان دەۋاتاتتىڭغۇ.
__ ئوبدانلىقى ئوبدان، لېكىن تۇرىۋەرسەڭ… ئىچىڭ پۇشۇپ قالىدىكەن. ئويلاپ باقسام، مەن يەنىلا چوڭ شەھەرگە… چەت ئەلگە ئىنتىلىدىكەنمەن ، ئوتتۇرا ئاسىياغا بولسىمۇ چىقىپ كىرگۈم بار ئىدى. پاسپورتوم يوق، ئۇنى بېجىرىش تەس بولۇپ قاپتۇ، ئىچكىرىدە ئاسانمىش، ئەمما بۇ يەردە نوپۇسىمىز يوق-تە! ھەممە ئىش مۇشۇلارغا ئاسانكەن، گاھىدا ئىسمىمنى تايىنلىق ئەي شاڭجاڭ قىلىپ… مىللىتىمنى خەنزۇغا ئۆزگەرتىپ،… جىڭ كۇلىچى بولغۇم كېلىدۇ.
__ ما گەپنى قارا،__ دېدى ياسىن تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرۇپ،__ تۈزۈك گەپ قىلاۋە ئاكا، مەسلىكتە جۆيلۈۋاتامسەن نېمە ؟
__ شۇنداق ئويلاپ قالدىم… دېمەكچىمەن، نېمىشقا دەمسەن؟ بىز ھازىر ھەممە ئىشتا مۇشۇلارغا تايىنىۋاتىمىز. بۇ يەر مۇشۇلارنىڭ، فاڭدۇڭنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇۋاتىمىز، دۇكىنىنى ئېچىپ پۇل تېپىۋاتىمىز؛ يەۋاتقىنىمىز، ئىچىۋاتقىنىمىز، كىيىۋاتقىنىمىزمۇ مۇشۇلارنىڭ... بىز مۇشۇ خەققە تايىنىپ پۇل تېپىۋاتىمىز، شۇنداققۇ؟… تىلىمىز خەنزۇچىغا كېتىپ بارىدۇ. ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەيمىز، ئەمما مۇشۇلاردەك ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىۋاتىمىز، مۇشۇلارنىڭ تاماكىسىنى چېكىۋاتىمىز. قېنى دەپ باقە، قايسى بىر نەرسەڭ بۇلارنىڭ ئەمەس؟
__ قىززىق گەپ قىلدىڭ-دە!__ دېدى ياسىن كۈلۈپ قويۇپ،__ بۇلارمۇ بىزنىڭ كاۋاب بىلەن لەغمەن-پولونى يەۋاتمامدۇ؟
__ ئۇنىمۇ مۇشۇلارنىڭ تەمىدە ئاچچىق قىلمىساڭ يېمەيدۇ. بىز شۇنداق قىلدۇق، رېستۇراندىكى ناخشا-ئۇسسۇلنىمۇ مۇشۇلارغا ياقىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتۇق.
__ يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال دېگەن شۇ...
__ ئەمما بىز شۇنداق قىلىۋېرىپ يەكچەشمىنىڭ ئۆزىگە ئايلاندۇق. بىز كىم؟ بىز نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟ بۇلاردىن پەرقىمىز نېمە؟ ھەر قانچە چوڭ لاۋبەن بولۇپ كەتسەڭمۇ سەن شىنجاڭلىق كاۋاپچى... ۋاقتى كەلسە دۇكاننى تارتىۋېلىپ كۆتۈڭگە تېپىپ قوغلايدۇ. شۇڭا نوپۇسقا ئۆتۈۋالاي دېگەن... تەتەي ئېلىپ نەچچە بالاڭزىلىق بولغانلارنى ئاڭلاۋاتىمىز، يوشۇرمايمەن، مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار.
__ سېنىڭ ئويلىمايدىغان ئىشىڭمۇ بارمۇ ئاكا؟! __ دېدى ياسىن چاقچاق يوسۇنىدا سۆزلەپ،__ كەيپىڭنى بۇزماي، ھە قېنى سۆزلەۋەر....
__ ئويلاپ باق، قايسى ئىشنى بىز مۇشۇلاردىن ئۆگەنمىدۇق، ئەمەلدارغا يېلىنمىساڭ، پارا بەرمىسەڭ ئىش ئاقمايدۇ، ھاراق ئىچمىسەڭ مۇناسىۋەت ئورنىتالمايسەن. ئاشنا تۇتمىساڭ ئەركەك بولالمايسەن، ماشىناڭ ئېسىل بولمىسا ئىشلەمچىدەك كۆرۈنىسەن. يېڭى يىل دېسە يېڭى يىل دېدۇق، چاغان دېسە چاغان ئۆتكۈزدۇق، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزسە بىزمۇ ئۆتكۈزدۇق. شۇڭا دەيمەن، ئۆزىمىزنى قىينىغىچە تايىنلىقلا مۇشۇ خەق بولۇپ كەتسەك بولمامدۇ؟...
__ نېمىشقا ئۇنداق قىلمىدىڭ؟__ دېدى ياسىن ئۇنى گەپكە سېلىپ.
__ ئاسان ئەمەس...
__ شۇ، ئاسان ئەمەس.
__ ياق، ياق، __ دېدى غېنى شاڭجاڭ قولىنى سىلكىپ،__ بىز ئۇنى قىلىمىز دېسەك بىر دەمدە قىلىۋاتىمىز، قىلمايۋاتىمىز-دە! بۇلار جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، بىز كەينىدىن ماڭىمىز، بىز دورايدىغان ئىش يەنە چىقىدۇ. تۇغۇلغان كۈنى چىقتى، ساڭا دېدىمغۇ، ئالدىمىزدا ئاشىقلار بايرىمى كېلىدۇ دەپ. بۇنىمۇ مۇشۇلاردىن ئۆگەندۇق. بۇلاردا توي قىلمىغانلار بىر ئۆيگە كىرىۋالسا بىزمۇ دوراپ كىرىۋالدۇق. ساڭا دېدىمغۇ، مېنىڭ ئۈچ خوتۇنۇم بار، ئىككىسى مەخپىي دەپ، چوڭ خوتۇنغا ئۇقتۇرماي بىللە تۇرۇۋاتىمەن، بىر ھېسابتا ئاشنا دېگەن گەپ. مېنىڭ بىر خەنزۇ تونۇشۇم بار، پۇلى جىق، كاللىسى ئوچۇق نېمە. شۇنىڭ ئاغزىدىن ھەر خىل گەپلەرنى ئاڭلايمەن. ئۇلارمۇ يېڭى ئىشلارنى چەت ئەللىكتىن ئۆگىنىدىكەن. چەت ئەلدە خوتۇن ئالماشتۇرۇش مودا بوپتىكەن، ئەمدى بۇلارمۇ ئۇنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ... قاراپ تۇر، ئەتە-ئۆگۈن بىز خەقتىمۇ بۇ ئىش پەيدا بولىدۇ...
__ بۇ رەسۋاچىلىقنى بۇ گۇيلار نەدىن ئويلاپ تاپىدىغاندۇ،__ دېدى ياسىن ھاراقتىن سەسكىنگەندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
__ شەيتان ئۆگەتمەمدۇ!__ دېدى غېنى شاڭجاڭ مەغرۇر كېرىلىپ،__ بۇرۇن يوق نەرسىلەر ئەمدى پەيدا بولدى، بىز دورىمىغان نېمە قالدى؟ بىر دەمدىلا دەۋېتىمەن، مانا قارا، تانسا-پانسا، ئۇسسۇل-دېسكو ، ھاراق-شاراپ، سېرىق دەي ، پاھىشە-بۇزۇق، كۆت-ھەزلەك...
__ بولدى ئاكا، سۆزلىمە، قىززىپ قاپسەن... __ دېدى ياسىن ئەتراپىغا قاراپ.
__ سەن ئۇقمايسەن دەيمەن... مەن گاھىدا ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى ئويلىسام ئاچچىقىم كېلىدۇ... قانداق خەق دەيمەن بىز؟ پۇل تاپتۇق دېگەن بىلەن... كېرىلىپ يۈرەلەمسەن؟ كۆڭلۈڭ ئازادە ئەمەس، نەگە بارساق پۇتلىشىمىز، ئوغرىدەك قارايدۇ ئەمەسمۇ ساڭا...
__ ئۆزەڭنى چۈشۈرمەۋا ئاكا، سەن كاتتا لاۋبەن تۇرۇپ بۇنداق دەۋاتساڭ بىز قانداق قىلىمىز؟
__ كۆتە... ئۇنداق لاۋبەنلىكىڭنى...ئىچىمدە كۈلىمەن... مەن ئەسلىدە شاڭجاڭ بولىدىغان ئادەم ئىدىم.
__ شاڭجاڭدىن ياخشى ياشاۋاتىمەن دېگەنتىڭغۇ؟
__ ياشاشتا گەپ يوق... لېكىن ئۇ بىر ئارزۇيۇم-دە!
__ شاڭجاڭ بولغان بولساڭ قانچىلىك دۆلەت كۆرۈپ كېتەتتىڭ؟
__ دۆلەت دېسەڭ ھازىرمۇ بار، مەن شاڭجاڭلىقنىڭ مائاشىنى دېمەيمەن، ماشىنا دېمەيمەن، ھاراق-شاراپ، سورۇن دېمەيمەن، مەكتەپنىڭ خانىم قىزلىرىنى دېمەيمەن. ماڭا كېرىكى ئابرۇي-ئىناۋەت... ئۇقتۇڭمۇ؟ مەجلىسلەردە بىرەر يۈز خەقنى قارىتىپ قويۇپ سۆزلىسەم... دادۈيگە چىقسام دادۈيجاڭلار چاپان كۆتۈرۈپ خىزمىتىمنى قىلسا... خەقلەر يولدا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلسا... خوتۇنلار ئەيمىنىپ قارىسا... مېنىڭ كۆزلەيدىغىنىم مۇشۇ ئىدى، مەن مۇشۇنى ئارزۇ قىلاتتىم.
__ يا ھەزرەت، ما ئادەمنى، ئەمما مەن كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم. قېنى ماۋۇ ھاراقنى كۆتۈرۈۋەت.
__ ھاراقلا ئىچىۋېرەمدۇق... قېنى چاي، خوتۇنۇڭ چاي ئەكەلمەيدىغۇ؟
__ خوتۇن بالىنى ئۇخلاتمىسا بولمايدۇ، مەن ئەكىلەي.
غېنى شاڭجاڭ گۈزەل جۇۋاننى ئەمدى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى، بۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرىشقىمۇ رايى تارتمىدى.
__ ئۆز يۇرتۇڭدا، ئۆز ئادەملىرىڭگە باشلىق بولساڭ... ئالامەت دەيمەن ئۇكا، مانا مەن دادۈيجاڭ بولۇپ باققان، تۆت شودۈينىڭ ئادەملىرىنى باشقۇرغان. لېكىن يېڭى كەلگەن شاڭجاڭغا ياقماي قالدىم، شۇنىڭ بىلەن مېنى قالدۇرۇۋەتتى... ئويلىسام ھازىر ئاشۇ ئوغرىنى كۆتلىۋەتكۈم كېلىدۇ.
__ يەنە سەت گەپكە چۈشتۈڭغۇ ئاكاۋا، قارىسام شۇ چاغدىمۇ ئېغىزىڭدىن كېتىپ قالغاندەك قىلىسەن،__ دېدى ياسىن چاي قۇيغاچ.
__ مەن ئۇ ئوغرىنى تىللىمىغان...
__ ئەمىسە خوشامەتنى تازا قاملاشتۇرالماي قاپسەن دېگىنە...
__ نەق تاپتىڭ، مەن ئەزەلدىن خەققە باش ئېگىپ باقمىغان.
__ ئەمما خەقنى باش ئەگدۈرىمەن دەيدىكەنسەن ئەمەسمۇ؟!
__ ئەر كىشى دېگەن شۇنداق بولۇشى كېرەك...
__ مۇشۇ كەمگىچە كىمنى باش ئەگدۈرۈپ باقتىڭ؟
__ ئاكاڭنى ساز قىلما ئۇكا... مەن ماڭاي.
__ بىر دەم ئولتۇرمامسەن...
__ بېرىپ خوتۇننى بولسىمۇ باش ئەگدۈرەي.
ياسىن كۈلۈۋەتتى، غېنى شاڭجاڭنى تاكسىغا سېلىپ قويۇپ ئۆيىگە كىردى. خوتۇنى تېخى ئۇخلىمىغانىدى، كۆزلىرىدىن ئۇيقۇ ئەمەس، تاڭ سەھەردىكى جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
__ ئەجەپ گېپىڭلار تۈگىمەي كەتتى...
__ ھېلىمۇ بۇرۇن ماڭدى...
__ بولمىسا كېچىچە ئولتۇرامتىڭلار؟
__ بۇ ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلىساڭ زېرىكمەيسەن، ئەمما بەزىدە ئېغىزىنى بۇزۇپ قويىدىغان ئىشى چاتاق.
__ ئادەمگە ئوغرىدەك قارايدىغان ئادەمكەن، ئۇنىڭ بىلەن ئازراق ئارىلاشسىڭىز بولاتتى، سىزدەك كۆڭۈلچەكنى تېپىۋالسا قويۇپ بەرمەيدۇ، قىلغىلى ئىشى يوق، كەچكىچە ئاشۇنداق قۇرۇق گەپ ساتىدۇ. سىز ما يەردە خوتۇن-بالا بار دېگەننىمۇ ئويلاپ قويۇڭ،
__ مېنى ئەجەپ باشقۇرىدىغان بولۇپ كەتتىڭا مۇشۇ كۈنلەردە،__ دېدى ياسىن سەل نارازى بولۇپ.
__ ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىسا بولامدۇ؟ سىزگە كۆز-قولاق بولۇپ تۇرمىسام بولمايدۇ، سىز دېگەن بۇ ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، سىز ئۆرۈلۈپ چۈشسىڭىز ھەممىمىز ۋەيران بولىمىز.
__ ئارتۇق ئويلاپ كېتىدىكەنسەن، خوتۇن خەقنىڭ كاللىسىغا كەلمەيدىغان خىيال يوق-تە...
__ مەن سىزدىن ئەنسىرەپ ئۇيقۇم كەلمەي ئولتۇرسام، سىز بولسىڭىز خاتىرجەم گەپ تىڭشاپ، شۇ ئادەم كەتمىگىچە يېنىمغا كىرمىسىڭىز... كۆڭلۈم يېرىم بولمامدۇ مېنىڭ؟!
__ مەندىن نېمانداق تولا ئەنسىرەيسەن-ھە__ دېدى ياسىن تۇرۇپلا جىلە بولۇپ،__ مەن سېنىڭ بالاڭمىدىم؟ ئەر كىشى دېگەننىڭ تونۇشلىرى، ئاغىنە-بۇرادەرلىرى كېلىدۇ. بىر دەم-يېرىم دەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانغا نېمە بولىدۇ؟ بۇ مۇساپىرچىلىقتا بىزگە بۇنىڭدىن باشقا نېمە خۇشاللىق بار؟
__ سىزگە بۇنىڭدىن باشقا خۇشاللىق يوقما؟ ئاشۇ ئۆزىڭىزدىن چوڭ قېرى ئاغىنىڭىز سىزگە شۇنچە ئەتىۋارما؟
ياسىن گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى سېزىپ بىئارام بولدى. چىن كۆڭلىدىن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس ئىدى، ئەنسىرەپ تۇرغان خوتۇنى بۇ گەپنى تۇتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىسپات كۆرسىتىۋاتاتتى. ئەمما ياسىن خوتۇنىنى بۇنچىلىك جاھىللىق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغانىدى، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى قورساق كۆپۈكى بىراقلا چىقتى:
__ نېمانچە گۇمانخور، ئەنسىز بولۇپ كەتتىڭ ھوي، بۇرۇن ئۇنچە ئەمەستىڭغۇ؟
__ سىز مۇشۇنداق قىلىۋەتتىڭىز...
__ مەن نېمە قىلدىم؟ مۇشتلاشتىممۇ؟ ئۆلگۈدەك ئىچىپ چېكىپ ساراڭ بولدۇممۇ؟ يا قېشىڭغا كىرمەي، ئۇدۇلدىكى ساتراچخانىغا كىرىپ كەتتىممۇ؟ زادى نېمە قىلدىم؟ دەپ باقە!
ياسىننىڭ بۇنداق يامان ئەلپازىنى كۆرۈپ باقمىغان رەيھان چۆچۈپ تۈگۈلۈپلا قالدى، يۈزى ئەلەمدىن چوغدەك قىززىپ، كۆزلىرىگە ياش كەلدى.
__ ماڭىمۇ بىر ئارامچىلىق بەر، ھېچنەدە خوتۇن كىشى ئېرىنى باشقۇرسۇن دېمىگەن، مەن كىچىك بالا بولمىغاندىكىن، ئېرىڭ ياسىن بىلەن ئوغلۇڭ ئىلشاتنى ئېنىق ئايرىۋال.
رەيھان ئۈنسىز ياش تۆكۈپ تەتۈر قاراپ ياتتى، نازۇك بەدىنى سۇس تىترەيتتى. ياسىننىڭ ئىچ-قارنى ھاراقتىن، ئاچچىقتىن، ئۆكۈنۈشتىن زەرداپ بولۇپ قاينىغىلى تۇردى. خوتۇنىنىڭ كەيندىن قۇچاقلاپ ئەپۇ سوراشنى ئويلىدى، ئەمما ئەرلىك نوچىلىقى يول قويمىدى، "ئەر كىشى دېگەن بويسۇندۇرۇشى كېرەك" دېگەنىدى غېنى شاڭجاڭ. خوتۇن خەق دېگەن ئاچچىقلاپمۇ، يىغلاپمۇ، كۈلۈپمۇ، سۈركىلىپمۇ ئېرىنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭغا ئالدانماسلىق كېرەك، خوتۇنىدىن ئاسان تەسىرلىنىپ كېتىدىغان ئەرنىڭ بېلى بوش، يۇمشاقباش كېلىدۇ...
ياسىن كىيىمىنى يېرىم سېلىپ يوتقانغا كىرىپ، خوتۇنىغا كەينىنى قىلىپ ياتتى. قولىنى باشقۇرمىسا خوتۇنى تەرەپكە كېتىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى قۇچاقلاپ ياتتى. توي قىلىپ بۇنداق يېتىپ باققاندەك قىلمىغان، بىر جۇپ تىرىك جان گويا ئوق تېگىپ ياتقان جەسەتلەردەك ياتاتتى، بىر-بىرىگە تارتىشىپ تۇرىدىغان بىر جۇپ يۈرەك ئەمدى بىر-بىرى بىلەن تېپىشىدىغان ماگېنت تاشلارغا ئايلىنىپ قالغانىدى... بۇ ھالەتتە يېتىش نېمىدېگەن ئازاب! ياسىن ھارغىنلىقتىن ھەم مەستلىكتىن بولسا كېرەك، بىر دەم زىددىيەتلىك خىيال سۈرۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى، خوتۇنى شۇنچە تەلپۈنگەن بولسىمۇ باغرىنى ئۇنىڭغا ئاچمىدى. رەيھان، ھېرىپ چارچاپ كەتكەن رەيھان ئۇيقۇدىن بىدار ھالدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ، ئاخىرى چىدىماي ئۇخلاپ قالغان ئېرىنىڭ كەينىدىن قۇچاقلاپ، مىڭ تەستە كۆزىنى يۇمدى.
سەھەر ئويغىنىپ كەتكەن رەيھان خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان ئېرىگە قاراپ، ئاخشامقى گەپلەرنى ئويلاپ كۆڭلى يېرىم بولدى، ئادەم ئۆتمۈشنىڭ داۋامى، ھېچكىم ئورنىدىن قوپقاندا بۈگۈن مېنىڭ يېڭى ھاياتىم دېيەلمەيدۇ. رەيھان ئېرىنىڭ ئاخشامقى قوپاللىقىنى ئويلىغانچە شۇنچە بىئارام بولدى، مەستلىكتە خۇدىنى بىلمەي شۇنداق قىلدى دەپ كۆڭلىنى ياساپ باقتى، بولمىدى. ياسىن مەيلى ساق ياكى شىرشىم بولسۇن، خوتۇنىغا ئوچۇق مۇئامىلە قىلاتتى، خۇشخۇي يۈرەتتى، چاقچاق قىلىپ تۇراتتى. "سەن مېنىڭ بارلىقىم" دەپ بىر دەم كۆكسىنى، بىر دەم ساغرىسىنى تۇتۇپ، گاھىدا كەينىدىن تۇيۇقسىز كېلىپ بوينىغا سۆيۈپ، خوتۇنىنى ئەندىكىش ئىچىدە خۇشاللىققا چۆمدۈرەتتى. تۈزۈك تەربىيە كۆرمىگەن بىر قارا كاۋاپچى، ئەخلاق ياكى مۇھەببەت ھەققىدە ھېچ قانداق كىتاب كۆرۈپ باقمىغان بىر ساياق ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىكى ئېسىللىكى بىلەن خوتۇنىنى مۇھەببەت پەيزىگە چۆمدۈرۈپ، كۆڭۈل رىشتىنى مەھكەم باغلاپ، ھاياتىنى گۈلدەك ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتاتتى. "خۇدايىم، كۆز تەگمىگەي بۇنىڭغا... دەپ ئويلىدى رەيھان،- ماڭا بېرىپ كەلگەن كۆڭلىنى ھېچكىمگە بەرمىگەي، ماڭا تەئەللۇق جىسمىنى مەندىن باشقا مەينەتلەرگە تۇتقۇزمىغاي، ماڭىلا تەئەللۇق خۇشخۇيلۇقى، ئېسىللىكى، نوچىلىقىنى باشقا نېمىلەرگە كۆرسەتمىگەي. كۆرسەتسىمۇ ھېچكىم ئۇنى مەندەك چۈشەنمەيدۇ، مەندەك قەدىرلىمەيدۇ. بۇنى بۇ دۆت بىلەمدۇ؟ يېتىشىنى سەت خورەك تارتىپ... "
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ بامدات نامىزى ئوقۇدى، ئادەتتىمۇ ياغلىق چىگىپ يۈرەتتى؛ بۇرۇن بەش ۋاق ئوقۇيتتى، ئىچكىرىگە كېلىپ تاشلىۋەتتى، كېيىن ئاران بىر ۋاق نامىزىنى تېپىۋالدى. مۇشۇ بىر ۋاق ناماز كاپىر بىلەن مۇسۇلماننىڭ پەرقى دەپ ئانىسى شۇنداق دېگەنىدى؛ كېچىسى يامان چۈش كۆرۈپ قالغاندا، ئانىسىنى ياد ئەتكەندە، كۆڭلىدىكى ئىستەكلىرىنى تىلەپ دۇئا قىلغۇسى كەلگەندە شۇ بىر ۋاق نامىزىغا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئوقۇپ بولۇپ كۆڭلى ئارامىغا چۈشەتتى، خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن بىر كۈنلۈك ھاياتى تىنچ-ئامان ئۆتىدىغاندەك، ئىشلىرى بەرىكەت تاپىدىغاندەك ھېس قىلاتتى.
رەيھان نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئېرىگە قارىدى. ئۇنىڭ ئاخشامقى مەستلىكى پەسلىك، گۇناھ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. مەست بولمىسا بىر دەمدە ئۇنداق ئەسكىلىشىپ كېتەلمەيتتى، مەست بولمىسا ئىسسقىدا كىرىپ ئۇخلاپ، ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلاتتى. ئۇ بېيجىڭدىكى ۋاقتىدا خوتۇنى بىلەن تەڭ نامازغا تۇراتتى، جۇنۇپ بولسا خوتۇنى سۇ ئىسسىتىپ بېرەتتى، جۈمە كۈنى چوڭ مەسچىتلەرگە بېرىپ مۇنچىغا چۈشۈپ، نامىزىنى ئوقۇپ يېنىپ كېلەتتى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئىمانى سۇسلىشىپ قالدى، ھەتتا رەيھانغىمۇ سەھەردە تۇرۇش ئانچە خوشياقمايدىغان بولۇپ قالدى. ياسىنغۇ بىر ۋاق ناماز تۇرسۇن، جۈمەگىمۇ بارمايدىغان بولۇپ كەتتى. ئىككىسىنىڭ نامرات ۋاقتىدىكى تەقۋالىقلىرى پەقەت خۇدادىن بەرىكەت تىلەش ئۈچۈنلا بولغىيمىدى؟ خۇدا بەرىكەت ئاتا قىلىۋىدى، شۇ رىزىقلارنى بەرگۈچىنى ئۇنتۇپ قالدى. رەيھان بىر نەچچە قېتىم ئاپئاق رومال ئارتقان ئانىسىنى چۈشەپ قالدى، ئانىسى چۈشىدە بۇ يەرگە كېلىپ، كاۋابداننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، يالىلداپ تۇرغان چوغلارغا قاراپ: مۇشۇ چوغدا كاۋاب قانچىلىك ۋاقىتتا پىشىپ بولىدۇ؟" دەپ سورىدى. رەيھان: " بەش مىنۇتتىلا پىشىپ بولىدۇ" دېدى. ئانىسى: "مۇشۇنچىلىك ئوتتا گۆش بەش مىنۇتتا پىشىپ بولسا، دوزاخ ئوتى قانچە كۈچلۈكتۇ؟" دېدى. رەيھان بۇ چۈشىنى پەقەت ئۇنتۇيالمىدى، نامىزىنى باشلىۋالدى، ئەمما ئېرى غەپلەتكە چۆككەنچە چۆكۈپ كېتىۋەردى.
رەيھان نامىزىنىڭ ئاخىرىدا ئېرى بىلەن بالىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلدى، جاينامازنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ بالىسىغا قاراپ مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈمسىرىدى، ئېرىگە قاراپ بىر مىنۇت قېتىپ ئولتۇردى. " كۈن قىزارغاندىمۇ چوشقىدەك خورەك تارتىپ يېتىۋاتىدۇ، قاچان ئادەم بولار؟" دەپ ئويلىدى؛ كۆڭلىدە پەرىشانلىق، غەم-قايغۇ، ئۈمىد-ئىستەك ئارىلىشىپ كەتتى؛ بايا قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، ئېرىنىڭ كۆڭلىگە خۇدايىم ئىنساپ بەرسە جاھاندا بۇنىڭدىن ياخشى ئىش بولمايتتى. ئەڭ مۇھىمى، خۇدانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايتتى.
ئۇ ناشتىلىق تەييارلاپ بولۇپ ئېرىنى ئويغاتتى:
__ قوپۇڭ، بالىنى يەسلىگە ئاپىرىدىغان ۋاق بولدى!
ياسىن تەستە كۆزىنى ئېچىپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن قوپتى. رەيھانغا ئۇنىڭ بۇ ھالىتىمۇ غەلىتە كۆرۈندى، ئادەتتە چەبدەس ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەم كەيىپچىلىكتىن بىر ئاخشامدىلا يېلى چىققان توپتەك سولىشىپ كەتكەنىدى.
ياسىن ناشتىلىق قىلىۋېتىپمۇ تۈزۈك گەپ قىلمىدى، ئاخشامقى ئىشىنى ئەسلەپ پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى.
__ نېمە بولدى؟ مىجەزىڭىز يوقما؟
__ كاللام قاپاقتەكلا تۇرىدىغۇ تاڭ، بولمىسا جىق ئىچمىگەن.
__ يەنە قانچىلىك ئىچسىڭىز بولاتتى؟
__ ئەتىگەندە دوق قىلما، شۇ تۈزۈك ئىچمىگەننىڭ ئىشى، ئىچمىسە ئىچمەسلىك كېرەككەن، ئىچسە چىلاشقۇدەك ئىچىش كېرەككەن. چالا مەست بولغاندىكىنلا باش ئاغرىپ قوپىدىغان گەپ...
__ ئىچمىگەندە شۇنداق ئوبدانتىڭىز، نامازغا تۇراتتىڭىز، جۈمەگە باراتتىڭىز، ئەمدى بىرسىمۇ يوق. ناماز ئوقۇمىسىڭىزمۇ، مۇشۇ ھاراق دېگەن نەرسىدىن يانسىڭىز بولاتتى.
__ ناماز ئوقۇسام بولىدۇ، تايىنلىق ئىچمىسەم بولىدۇ؛ ئوقۇمىغاندىكىن ئىچىدىغان گەپ. جۈمەگە باراي دېسەم بۇ يەردە تۈزۈك مەسچىت يوق.
__ كۇلىنىڭ ھەممە يېرىدە سىزگە ئېسىل مەسچىت سېلىپ قويمايدۇ غوجام، مۇنچىسى يوق دەپ ياراتماي بارمىدىڭىزغۇ شۇ...
__ مەسچىت بولغان بىلەن ئاخۇنلىرى ئوڭلاپ قىرائەت قىلالمايدىكەن. ئادەم ناماز ئوقۇغاندەك بولمايدىكەن. شۇڭا بارمىدىم.
__ بوپتۇ ئەمىسە، لېكىن ھاراق ئىچمەڭ.
__ سەن ماڭا بۇيرۇق قىلما، ئۇنداق دېگىچە مېنىڭ ئىنساۋىمنى تىلەپ يۈر، بىر كۈنلەردە ئىچمەيدىغان بولىمەن.
__ ھاراق ئىچسىڭىز ماڭا قارىمايدىكەنسىز، ئاخشامقىدەك قوپال تېگىدىكەنسىز، كېچىچە يىغلاپ چىقتىم، بىلەمسىز شۇنى...
__ يالغان گەپ قىلما، چىرايىڭغا قارىسام ھېچ يىغلىغاندەك ئەمەس. ئاخشام نېمە دېگەنلىكىم ئېسىمدە يوق.
ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئېسىدە بار ئىدى، ئۆزىنى يەنىلا ھەقلىق ھېسابلىغاچقا، خوتۇنىغا ئۆزۈرخاھلىق ئېيتىشقا ھارسىندى. رەيھان ئۇنىڭ يالغاندىن بولسىمۇ ئەپۇ سورىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى، ئۇمۇ يوققا چىقتى.
ياسىن ناشتىلىقنىمۇ تۈزۈك قىلماي بالىسىنى يەسلىگە ئېلىپ كەتتى، شۇ كۈنى چۈشكىچە ئۇنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن بولدى، خوتۇنىغا ئېچىلىپ گەپ قىلمىدى، ئىشلەۋاتقان بالىلارغا بۇرۇنقىدەك ئاكىلارچە ئەمەس، خوجايىنلارچە بۇيرۇق سوقتى؛ ئۆزىنىڭ ئىشىنى خوشياقماسلىق بىلەن قىلدى؛ كاۋابداندىن چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەك ئارىسىدا تۇمانلىق خىياللارغا پېتىپ، ساتراچ سەتەڭلەرگە قارىدى. رەيھان بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇردى؛ ئۇ ياخشى كۆزەتكۈچى ئىدى، ياسىن بۇنىڭدىن بىئارام بولدى، خوتۇنىنىڭ قېشىدا ئەركىنلىك بولمايدىغاندەك ھېس قىلىپ كۆڭۈلسىزلەندى. شۇنچە ئامراق خوتۇنىدىن ئەزەلدىن بۇنداق بىزار بولۇپ باقمىغانىدى، كۆڭلى غەلىتە بولۇپ قالدى.
رەيھان يەنىلا ئۈمىدلىك ئىدى، ئېرىدىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشىنى ۋاقىتلىق دەپ قارىدى، "بۇنىڭدىن كېيىن كۆزىگە بەك كىرىۋالماي، ئۆزىنى بىلەر..." دەپ ئويلىدى. ئەمما ياسىن ئەرلىك غۇرۇر بىلەن ئەركىنلىكنى قايتىدىن تېپىۋېلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلىدە دېگىنىنى قىلالايدىغان، تۇتقىنىنى يۇلۇپ ئالالايدىغان ئادەم بولۇش خىيالىنى سۈرۈۋاتاتتى.
چۈشتىن كېيىن رەيھاننىڭ قارىم ئاكىسى تېلېفون قىلىپ، ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېيتتى. "كېلەلىسەڭ كېلىپ ئانامنى بىر نەچچە كۈن بېقىۋالغىن" دېدى. رەيھان تىترەپ كەتتى، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى. ئەتىگەندە تېخى كۆڭلى بىر ئىشنى تۇيغاندەك ئۇزاق دۇئا قىلىپ كەتكەن؛ ئانىسىغا ئەمەس، ئېرىگە، بالىسىغا بەكرەك دۇئا قىلغان. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئېرىنىلا ئويلاپ، ئېرىنىڭلا غېمىنى قىلىپ كەپتۇ، ئەمما ئېرى ئۇنى بىلمەكتە يوق، نوچىلىق قىلىپ، قاپىقىنى تۈرۈپ يۈرۈۋاتىدۇ. خوتۇن كىشىنىڭ ئەقلى قىسقا دېگىنى شۇمىكىن، ئېرىنىڭ قوينىغا بىر كىرىپ كەتسە چىقالماي، بالام دەپ تەلمۈرۈپ يۈرگەن مېھرىبان ئانىسىنى ئويلىماي يۈرۈيدىكەن؛ ئېرى ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىسىمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئېرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىكەن. شۇنداق تۇرۇپ، ئېرىنى دەپ ئانىسىنى كۆرگىلى بارمىسا بولامدۇ؟ ئانىسى ئۇ ئالەمگە كېتىش ئالدىدا بىر نەچچە كۈن بېشىدا تۇرۇپ دىدارىغا قانمىسا بولامدۇ؟ چۈشىدە كۆرگەن ئانىسىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىمىسا بولامدۇ؟
رەيھان تېلېفونغا قاراپ ئېغىر خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى، ياسىن ئىس-تۈتەك ئارىسىدا تالاغا قاراپ، خوش ياقماسلىق بىلەن كاۋاب پىشۇرۇۋاتاتتى. رەيھان چۈشلۈك سودا تۈگەپ بولغىچە، ئىچىدە يىغلاپ تاماق، چاي توشىدى. ھاشىم دوغىلاق خان ئاچىسىنىڭ چىرايىدىكى قايغۇ ۋە خاپىلىقنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ قالدى.
چۈشتىن كېيىن سودا بېسىققاندا رەيھان ئۆيىگە كىرىپ يىغلىۋالدى، ھېچ ئىش قىلماي كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا ئېرىنى كۈتۈپ ئولتۇردى. ياسىن كاۋابنىڭ ئىسىدىن زېرىككەندە تاماكا ئىسى بىلەن ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىپ، ئۆيىگە كىرمەي ئاشخانىدىلا ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىۋاتاتتى. رەيھان ئولتۇرۇپ چىداپ بولالماي ئاشخانىغا چىقتى، ياسىن ئۇنىڭغا خۇشخۇيلۇق بىلەن ئەمەس، پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراپ قويدىيۇ، چىرايىدىكى ئېغىر كەيپىياتنى كۆرۈپ مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى.
__ مېنى بۈگۈن كەچتە يا ئەتىگەندە شىنجاڭغا يولغا سېلىپ قويۇڭ! يۇرتقا بېرىپ ئانامنى كۆرۈپ كېلىمەن،__ دېدى رەيھان قەتئىي تۈستە.
__ نېمە... توساتتىن بۇ گەپ چىقىپ قالدى؟
__ ئانامنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن، بېرىپ كۆرۈشۈۋالغىلىمۇ قويمامسىز؟__ دېدى رەيھان يىغلىۋەتكۈدەك ھالدا تىترەپ تۇرۇپ.
__ ئۆيدىن خەۋەر كەلدىما؟ راست گەپمۇ يا ماڭا قېيداپ ماڭاي دەۋاتامسەن؟
__ كىم سىزگە قېيداپتۇ؟__ دېدى رەيھان تاراملاپ تۆكۈلۈپ،__ ئانام ئېغىر ئەھۋالدا ياتسا بىرەر ئېغىز ياخشى گېپىڭىز يوق، مەن بىلەن قېرىشىۋاتىسىزغۇ؟ مەن ماڭاي دەيمەن، ئېشىكىم ياتاي دەيدۇ دەپ... دەۋاتقان گېپىڭىزنى قاراڭ؟ جاھاندا سىزلا مۇھىممۇ؟ مەن سىزگە سېتىلىپ كەتكەن قۇل ئەمەس، مېنىڭمۇ ئەركىنلىكىم بار، ئانامنى كۆرگىلى بارىمەن، مېنى يولغا سېلىپ قويۇڭ!
رەيھاننىڭ بۇنداق ئاچچىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ياسىن خوتۇنىنىڭ تۈنۈگۈنكى خاپىلىق بىلەن بۈگۈنكى قايغۇ-ئەلەمنى بىراقلا چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
__ بوپتۇ ماڭساڭ ماڭ، ئانا دېگەن مۇھىم، ئەتە يولغا سېلىپ قوياي...
__ پويىزدا ئەمەس، ئايروپىلاندا ماڭىمەن، بالىنىمۇ ئېلىپ كېتىمەن!
__ مەن سېنى پويىزدا ماڭ دېدىممۇ؟ بىراق بالىنى ئەكەتسەڭ يەسلىدىن قالىدۇ.
__ قالسا قالار، يەسلى-يەسلى دەپ ھېلىمۇ جىق قىينىۋەتتۇق بىچارە بالىنى، ئانام بىر كۆرۈۋالسۇن خارلىشىپ كەتكەن نەۋرىسىنى!
__ ئۇمۇ مەيلى، قاچان يېنىپ كېلىسەن؟
__ ئۇقمايمەن، بارغاندا بىر گەپ بولار.
ياسىن شۇنچە مۇلايىم خوتۇنىنىڭ بۇنچە قاتتىقلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى. ئەمما چۈشەندى، ئۆز خوتۇنىغا نوچىلىق قىلىپ كىبىر كۆرسىتىپ يۈرسە مۇشۇنداق بولىدىغان گەپ. ئېرى نېمە قىلسا لەببەي غوجام دەپ ھىجىيىپ يۈرۈيدىغان خوتۇنمۇ ئەرنىڭ كۆزىگە ساراڭقېتىش كۆرۈنىدۇ. رەيھان ئېرىنى ھەر قانچە ياخشى كۆرسىمۇ، ئەگەر ئېرىدىكى مۇھەببەت سۇسلىشىپ قالىدىكەن، ئۆزىنى مۇھەببەتكە زورلىيالمايدۇ. ئەگەر ئېرى ۋاپاسىزلىق قىلىدىكەن، مۇھەببىتى نەپرەتكە ئايلىنىپ ئېرىگە تىغدەك قادىلىدۇ.
مۇھەببەت باھاردەك تەبىئىي باشلىنىپ، زېمىستاندەك تەبىئىي ئاياغلىشىدىغان نەرسىمۇ؟ باھار پەسلىدە كېتىۋاتقان مېھىر-مۇھەببەتكە زېمىستان مۆلدۈرى ياغدۇرۇۋېتىدىغان نائەھلىدە مۇھەببەت دېگەن نەرسە بولامدۇ؟
ياسىن ھەر قانچە بولسىمۇ خوتۇنىغا نامەرتلىك قىلىشقا يۈزى چىدىمىدى، قېينانىسى ياخشى ئايال ئىدى، ئەسلىدە ھەقىقىي ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلاي دېسە ئاشخانىسىنى تاقاپ، خوتۇن-بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ بىللە بارسا بولاتتى. ئەمما ئەنسىزلىك ۋە تىرىكچىلىك غېمى تۈپەيلىدىن ئاشخانىسىنى بېقىپ يېتىشقا مەجبۇر بولدى، رەيھانمۇ بۇنى توغرا چۈشەندى.
مېڭىش ئالدىدا رەيھان ئۇنىڭغا قاراپ بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ:
__ مەن كەتكەندە ئەركىنلىككە چىقتىم دەپ قالايمىقان ئىش قىلىپ سالماسسىز-ھە! __ دېدى .
__ نېمىلەرنى دەيدىغانسەن، سەن ئاناڭنىڭ بېشىدا يىغلاپ يۈرسەڭ مەن بۇ يەردە ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ يۈرەمدىمەن؟! بەك ئەنسىرەپ كەتسەڭ كۈندە تېلېفونلىشىپ تۇرساق بولىدىغۇ؟
__ مۇشۇ يېقىندىن ئۆزگىرىپ قالدىڭىز، مەن دېمىسەممۇ بىلىسىز، ھېلىقى قېرى ئاغىنىڭىز بىلەن بوشراق باردى-كەلدى قىلىڭ، ھاراقنى ئاز ئىچىڭ. ئىچىپ مەست بولۇپ ئۇدۇلدىكى مەينەتلەرنىڭ قېشىغا كىرىپ كېتىپ قالماڭ.. مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن.
بۇ گەپلەر ياسىنغا خوشياقمىسىمۇ، لېكىن ھازىرقىدەك ئەھۋالدا زېرىكمەي، تېرىكمەي ئاڭلاشقا مەجبۇر ئىدى.
__ خاتىرجەم بولۇپ مېڭىۋەرگىن، مەندىن ئەنسىرىمەي بېرىپ ئانامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىن... بېرىپلا تېلېفون قىلىۋەت، كۈندە تېلېفون قىلىپ تۇر، مەنمۇ ئۇرۇپ تۇرىمەن.
رەيھان بالىسىنى يېتىلەپ، ئېرىگە قاراپ-قاراپ قويۇپ ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا كىرىپ كەتتى. ياسىن تالاغا چىقىپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چەكتى، ئۆزىنى خۇددى ئېغىز-بۇرنىدىن چىقىۋاتقان ئىسلاردەك يەڭگىل ھېس قىلدى.
5
ھاشىم دوغىلاق تۈكۈرۈكلىرىنى يۇتقىنىچە ساتراچخانىغا ئەيمىنىپ كىرىپ كەلدى، سوپۇن، ئەتىر، ماي پۇراقلىرى بۇرنىغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى، سەتەڭلەرنىڭ پۇرىقى مۇشۇنداق بولسا كېرەك، ئۇزۇندىن بۇيان تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان بىر نەرسىگە يېقىنلىشىۋاتقاندەك ھاياجانلاندى، مەستخۇش بولدى. ئۇنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن قىرقىم چاچ، پىستان كۆز، تەخەي پاچاقلار يەم كۆرگەن توخۇلاردەك پاتپاراق بولۇشۇپ كەتتى.
__ نېمە قىلدۇرىسەن؟ _ دېدى بىرسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ.
__ چاچ ياسىتىمەن __ دېدى ھاشىم دوغىلاق ئۆزىنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ساقلاپ.
__ ئاۋۋال چېچىڭنى يۇي.
بىر سەتەڭ ساغرىسىنى تولغاپ ئۇنى باشلاپ ماڭدى، يۇمشاق ئورۇندۇققا ئوڭدىچە ياتقۇزدى، دىقماق بوينى گىرۋەككە ئارانلا پاتقان ھاشىم بېشىنى ساڭگىلاتسىلا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ قاتىيىپ تۇرۇپ قالدى، بوينى ئاغرىشقا باشلىدى.
__ بېشىڭنى قويۇۋەت، جىددىيلەشمە،__ دېدى سەتەڭ.
ھاشىم بېشىنى سەتەڭنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، بېشىغا ئىسسىق سۇ چۈشكەن ھامان كۆزلىرىنى يۇمدى. سەتەڭنىڭ تولا چاچ يۇيۇپ كۆنۈپ كەتكەن قوللىرى گەرچە پاسكىنا بولسىمۇ، ناھايىتى چىۋەر ئىدى، ھاشىم چېچىنى يۇيدۇرغىنىدىن ئەمەس، تۇتقۇزغىنىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. گاھىدا سەتەڭنىڭ مەيدىسىگە ئوغرىلىقچە كۆز تىكەتتى.
چاچنى بىر دەمدە ياساپ بولدى، كەينىدىن ئۇ سەتەڭ ئۇنىڭ چېچىنى يەنە يۇيۇپ قويدى. ھاشىمنىڭ چاچ ياسىتىپلا چىقىپ كەتكۈسى يوق ئىدى، سەتەڭمۇ دەل ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تاپقاندەك، ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ بېشىنى تۇتۇشقا باشلىدى، گەدەن پاتاڭلىرىغا مەيدىسىنى ياققاچ، بارلىق ھۈنىرىنى چىقىرىپ ئۇنى غىدىقلاشقا باشلىدى. ئۇ بۇ كارامەتلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرغاندا سەتەڭ ئۇنىڭغا پۈتۈن بەدىنىنى تۇتقۇزسا ئەزان ئىكەنلىكىنى، ئازراقلا پۇل قوشسا چاچ ياساشنىڭ پۇلىنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
__ قانچە پۇل؟__ دېدى ھاشىم قىزىقىپ.
__ سائىتىگە 40 كوي، بەك ئەزان. ئۇنى قىلغۇزمىساڭ چاچ ياسىغان، چاچ يۇغانغىلا 25 كوي تۆلەيسەن. ئۇنىڭدىن كۆرە 15 كوي قوشساڭلا پۈتۈن بەدىنىڭنى ئەنمو قىلدۇرالايسەن ئەمەسمۇ، بۇنداق باھا ھېچنەدە يوق...
ھاشىم بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى، ئەسلىدىمۇ ئۇ مۇشۇنداق ھۇزۇرنى دەپ كىرگەن، ياسىن لاۋبەنمۇ چوقۇم مۇشۇنداق قىلغۇزغان گەپ. بىرەر قېتىم بولسىمۇ لاۋبەننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ باقسا يامىنى يوق. بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىش كېرەك...
ھاشىم تېخىمۇ چوڭ ھۇزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئورنىدىن قوپتى، سەتەڭ ئۇنى باشقا بىر سېرىق چاچ سەتەڭگە تۇتقۇزدى، ئۇ ھاشىمنى ئىچكىرىگە باشلاپ، بىر كارىۋاتلىق تار ئۆيگە ئېلىپ كىردى. كۆزى شەھۋەتتىن تورلىشىپ كەتكەن ھاشىم بۇ كارىۋاتتىكى كىرلىكلەرنىڭ مەينەتلىكىنى كۆرمىدى، ئايىغىنى سېلىپ تاشلاپ، ھاياجىنىنى بېسىپ ئوڭدا ياتتى، كۆزىنى يۇمدى، چۈش كۆرۈۋاتامدۇ ياكى چۈش سەيلىسى قىلىۋاتامدۇ، ئەيتاۋۇر نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىيال قىلىپ كەلگەن شىرىن تەسەۋۋۇرى بىلەن رىئاللىق ئارىسىدا ئۆزىنى تاپتى؛ ئويلىغىنىغا يەتكەندەك، ئەمما مۇرادىغا تېخى يېتەلمىگەندەك ھېس قىلدى. " بۇنداق چاغدا باشقا ئىشنى ئويلىماسلىق كېرەك،__ دەپ ئويلىدى ئۇ،__ بىزمۇ ئادەم، بىزمۇ ئوغۇل بالا، لاۋبەندە بار ھەۋەس بىزدىمۇ بار، لاۋبەن چىرايلىق خوتۇنىغا قانماي، يەنە مۇشۇ سەتەڭلەرنى ئوينىسا گەپ يوق، قاغجىراپ كەتكەن بىز بىچارىلەر ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قاندۇرۇپلا يۈرەمدۇق؟..."
كىندىكى ئوچۇق سېرىق چاچ بىر ياقتىن تاماكا چەككەچ ، بىر ياقتىن ھاشىمنىڭ دىقماق پۇتىنى تۇتۇشقا باشلىدى، ھاشىم ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا ھەر قانچە تىرىشسىمۇ، ئۆلگۈر ھەۋىسى تۇغانغا پاتمىغان سۇدەك تېشىپ چىقىشقا باشلىدى، قولى ئىختىيارسىز ھەرىكەتكە كېلىپ، سېرىق چاچنىڭ يوتىسىنى سىلاشقا باشلىدى.
__ بۇنىڭغىمۇ ھەق تۆلەيسەن،__ دېدى سېرىق چاچ، __ بىكارغا سىلايدىغان ئىش يوق.
ھاشىمنىڭ كەيپى ئۇچتى، مانچە پۇل خەجلەپ بۇ بۇزۇقنىڭ ئىت يېمەيدىغان يوتىسىنىمۇ سىلىيالمىسا...
سېرىق چاچ ئۇنى دۈم ياتقۇزۇپ دولىسىنى تۇتۇشقا باشلىدى، ئاندىن شاپىلاقلاپ ئۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئىش ھاشىمغا ھار كەلدى، پۇل خەجلەپ ئۆزىنى ئۇرغۇزىدىغان ساراڭمۇ بىر كىشى!
__ بۇشىڭ، بۇشىڭ... __ دېدى ئۇ ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ.
سېرىق چاچ ئۇنىڭ تېرىكىپ كەتكىنىنى چۈشەنمەي چۆچۈپ تۇرۇپ قالدى. ھاشىم ئۇنىڭ قورقۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، بىر نېمىلەرنى قىلۋەتكۈسى كەلدى. ئويمانچاقلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان كۆكسىگە تىكىلىپ، ئۆزىنى تۇتالماي قالدى-دە، بېلىدىن قاماللاپ ئاستىغا بېسىۋالدى.
__ بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ،__ دېدى سېرىق چاچ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ،__ بۇنىڭغا پۇل قوشىسەن!
__ قانچە پۇل؟
__ 300 كوي.
__ ئون كويلا قوشاي، 50 كوي.
سېرىق چاچ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، شۇ ھامان رەت قىلىۋەتتى.
__ ماڭە مەينەت، تېخى ھالىنى كۆرۈڭ،__ دېدى ھاشىم ئۆز زۇۋانىدا غۇدۇرلاپ،__ 100 كوي دېسەڭمۇ تېخى نېمە دەيمەنكىن...
ئەمما ئويلىمىغان يەردىن سېرىق چاچ يۈز كويغا چۈشۈپ بەردى. ھاشىم " 50 كوي خەجلىسەممۇ خەجلەيدىكەنمەن، تايىنلىق قىلىدىغاننى قىلىپ، مەقسىتىمگە يېتەي" دەپ ئويلىدى.
سېرىق چاچ بىر دەمدە يالىڭاچلىنىپ تەييار بولدى، ئەمما ھاشىم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
__ چاققان بول،__ دېدى سېرىق چاچ ئۇنى ئالدىرىتىپ،__ ھېلى ۋاقىت توشىدۇ.
__ سەندە كېسەل يوقتۇ؟__ دېدى ھاشىم ئۇنىڭ بەدىنىگە قاراپ تىكەنلىشىپ.
__ نېمە؟__ دەپ تېرىكىپ كەتتى سېرىق چاچ،__ مەن تېخى سەندىن ئەنسىرەۋاتىمەن. گاندون ئىشلەت بولمىسا...
ھاشىم ئۇنىڭ ئاچچىقلاپ كەتكىنىگە قاراپ، كېسەل يوق دەپ ئويلىدى ۋە گاندون ئىشلىتىشنىمۇ رەت قىلىپ، كۈن-كۈنلەپ ئارام بەرمىگەن شۇ ئۆلگۈر نەپسىنى قاندۇردى.
سېرىق چاچ ئۇنىڭدىن 100 كوينى سۇغۇرۇپ ئالدى، نەپسى قانغاندا پۇلىغا قارنى ئاغرىپ كەتكەن ھاشىم ساتراچخانىدىن چىقىپ، ئەتراپقا ئالاڭ-بۇلۇڭ قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ياسىن لاۋبەن خوتۇنىنى ئۇزاتقىلى كېتىپ تېخى كەلمىگەنىدى. ئۇ دېرىزدە يېنىدىكى جوزىغا كېلىپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چەككەچ ساتراچخانىلارغا يەنە قارىدى، ئەمدى قارىغاندا ئۇ سېرىق سەتەڭلەر بۇرۇنقىدەك سىرلىق، سېھىرلىك تۇيۇلمايتتى. ھاشىم تېخى بۇ ساتراچخانىلارنىڭ ئاران بىرسىگە كىرىپ كۆرۈپ باقتى، قالغانلىرى قانداقتۇ؟ قايسىلىرىنىڭ سەتەڭلىرى پەيزىدۇ؟ قايسىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەرزاندۇ؟ تۇنجى قېتىم بولغاچقا 100كوي قىممەت كەتتى، ئەمدى ئۇنداق قويۇلمايدۇ، 50 كويغىلا ماقۇل كەلتۈرىدۇ. بىرسىدە ئۈچتىن بەشكىچە سەتەڭ بار دېگەندىمۇ سەككىز ساتراچخانىدا قىرىق-ئەللىك سەتەڭ بار دېگەن گەپ. ھەر بىرىگە 50 كويدىن 100 كويغىچە خەجلىگىلى تۇرسا، ئىش ھەققى ھەرگىز يەتمەيدۇ...
ھاشىم بۇ خىياللىرىغا مەستانە بولۇپ، ئارقىدىن ئېسىگە كەلدى: ئۇنىڭغا نەدە ۋاقىت، نەدە پۇل؟ پاھىشۋازلىققا بىر كىرىشىپ قېلىپ چىقالمىسا، بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى كېسەل يۇقتۇرىۋېلىپ يىغلاپ يۈرۈيدىغان گەپ... بايىلا تېخى يۇقتۇرۇپ بولدىمۇ، كىم بىلىدۇ، جىمى پاھىشۋازغا يالغان سۆزلەيدىغان بىر بۇزۇقنىڭ گېپىگىمۇ شۇنداق ئاسان ئىشەنگەن بارمۇ؟... ئەيدىز دېگەن ئەجەللىك مەرەزنى يۇقتۇرۇۋالسا ئىش چاتاق!
ھاشىم تۇرۇپلا چۆچۈپ، قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى. " ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ تېرىكىپ كېتىشى بىكار ئەمەس...ئۇ ئەيدىز ئەمەس..." دەپ ئويلاپ كۆڭلىگە تەسەللىي بەردى، يەنە تۇرۇپلا " ئەمىسە نېمىشقا گاندون ئىشلەتمىسىمۇ ماقۇل دەيدۇ، نېمىشقا ئەنسىرىمەيدۇ؟ نېمىشقا نامى ئەسكى مەندەك شىنجاڭلىققا ئاشنىسىغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىپ كېتىدۇ؟ ئۇنىڭ قەستەن تېرىكىپ كېتىشلىرى چوقۇم بىر قىلتاق..." دەپ ئويلاپ، قايتا ئەنسىرەشكە باشلىدى. قورققانچە پۇت-قوللىرىدا جان قالمغىلى تۇردى. 100 كوي خەجلەپ ئەيدىز يۇقتۇرسا، جاھاندا بۇنداقمۇ دۆت ئادەم بولامدۇ؟ بۇ ئىپلاس يەرگە نېمىدەپ كەلدى؟...
ھاشىمنىڭ ئويلىمىغان خىياللىرى قالمىدى، نەچچە تال تاماكىنى ئۇلاپ-ئۇلاپ چېكىۋەتتى، بايا چىققان ساتراچخانىغا ئەلەم بىلەن قارىدى، سېرىق چاچ ئالۋاستىلار ئۇنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى، ئىچى ئاچچىققا تولدى. "ياسىن لاۋبەنمۇ پات-پات كىرىپ ئوينىغان، ئەيدىز بولسا شۇمۇ ئەيدىز بولسا بولاتتى...__ دەپ ئويلىدى ئۇ ئۆزىگە تەسەللىي، ئۈمىد ئىزدەپ، __ ئەگەر ئۇ ئەيدىز بولىدىغان بولسا چىرايلىق خوتۇنىمۇ ئەيدىز دېگەن گەپ". " لېكىن..._ دەپ ئويلايتتى ئارقىدىن __ ياسىن لاۋبەن ئۇنداق مەينەتلەرگە پەقەت چېچىنىلا ياساتقان بولسىچۇ؟ شۇنداق چىرايلىق خوتۇنى تۇرغان يەردە نەچچە يۈز ئەرنىڭ ئاستىدىن چىققان مەينەتلەرنى نېمە قىلىدۇ؟ ھاشىمدەك مۇشۇنداق مانتا كۆرمىگەن قەلەندەرلا ئاشۇنداق ئىپلاس قاسقانغا دۈم چۈشىدۇ... بارلىق پالاكەت، شور پىشانىلىك مۇشۇنداق تەلەيسىزلەرنى ماراپ تۇرىدۇ..."
مۇشۇنداق ئويلىغانچە ھاشىم ئەلەمدىن تولغىناتتى، يۈرەكلىرى ئەندىشىدىن دۈپۈلدەپ سوقاتتى، توساتتىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ، ياتىقىنىڭ يېنىدىكى خالاغا كىرىپ غاقىرىتىپ قۇستى، كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى، ئىچىدىكى بارلىق قورقۇنچ ۋە غەم-ئەندىشە مۇشۇ قۇسۇقتەكلا چىقىپ كەتكەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى...ئەمما قورقۇنچ، غەم-قايغۇ ئاشقازاندىكى نەرسە ئەمەس، يۈرەكتىكى نەرسە، يۈرەك قاچان سوقۇشتىن توختىغاندا شۇ چاغدا توختايدۇ. ئەمما ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلسە يۈرىكى يەنە شۇ گۇناھتىن تىترەيدۇ، قورقۇنچلۇق پۇلاڭلايدۇ. دېمەك، ھاشىم بۇ گۇناھىنىڭ ئازابىدىن ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا قۇتۇلالمايدۇ...
ئۇ ئاغزىنى چايقاپ، ھالسىز قەدەملىرىنى سۆرەپ، ياتىقىغا كىردى، ميەنجاڭ بالا بىخارامان ئۇيقىغا كەتكەنىدى، ھاشىم ئۇنىڭغا قاراپ ھەۋەسلەندى، نىمىدېگەن خاتىرجەم ئۇيقۇ بۇ! يامان ئىش قىلمىسا مۇشۇنداق خاتىرجەم ئۇخلىغىلى بولىدىكەن. ميەنجاڭ بالا ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى شەيتان ئاتلىغان چۈشىدىمۇ قاندۇرالايدۇ، شۇنچە بىخەتەر، شۇنچە شىرىن، تېخى ھەقسىز. ھاشىم بايان باشتىن كەچۈرگەن ئىشمۇ چۈش كۆرگەندەكلا يۈز بەردى، شىرىن دەپ سۈرگەن چۈشى ئارقىدىن قاباھەتلىك چۈشكە ئايلاندى. زىيان تارتقۇچى، ئۇنداق-مۇنداق زىيان ئەمەس، ئەجەللىك زىيان تارتقۇچى ئادەم ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى بولدى.
ھاشىم كارىۋاتقان ئۆزىنى تاشلاپ دەھشەتلىك خىياللارنى سۈرۈپ ئۆلگۈدەك بىئارام بولدى، كۆزىنى يۇمسىلا بايىقى سېرىق چاچ ئالۋاستى... چېكىت-چېكىت داغ باسقان بەدرەڭ بەدەن... ئۇ بۇلارنى ئويلىماسلىققا ھەر قانچە تىرىشسىمۇ، شۇ مەنزىرە، شۇ ھالەت كۆز ئالدىغا كېلۋالدى؛ سېرىق چاچنىڭ كارىۋىتىغا چىقىپ ياتقاندىن باشلاپ ئۇ ئۆز ئۆلۈمىنى تىلەيدىغان كېسەلگە ئايلىنىپ قالغان گەپ. ئىپلاس مۇناسىۋەت ئۇنى ئۆتمۈشىدىن كەسكىن ئايرىپ، پىچاق بىلەن كېسىپ ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن قوغۇندەك قىلىپ قويدى. ئالدىنقىسى ساپساق، كېيىنكىسى زېدە، بۇ زېدە ھامان سېسىيدۇ.
ئۇ كەلگۈسىنى يامان تەسەۋۋۇر قىلدى، ساتراچخانىغا قەدەم باسماستىكى ساغلام ھالىنى سېغىنىش بىلەن ياد ئەتتى.
ئۇ توساتتىن نېمانچە قورقۇپ كەتتى؟ خەقلەر ئەيدىز-ئەيدىز دەۋېرىپ ئۇنى شۇنداق قورقۇنچاق قىلۋەتتىمۇ يا؟
خىيالى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىۋەردى. ئۆزى پەيدا قىلغان بۇ خەۋپ ۋە غەم-ئەندىشە ئۇنى خېلى ئۇزاققىچە بوش قويمايدىغاندەك قىلاتتى.
ئۇ ئۆزىنى ئۇيقىغا زورلاپ باقتى، ئۇخلىيالمىدى، مۇشۇنداق يېتىۋەرسە ئۆزىنى ھېلىلا كېسەل كارىۋىتىدىن چۈشەلمەي ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالىدىغان بىماردەك ھېس قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. مېڭىپ يۈرۈشلا تىرىكلىك، ساغلاملىقنىڭ نىشانى ئىدى. ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ ساتراچخانىلارغا يەنە قارىدى. ئىشىك ئالدىدىكى رەڭگارەڭ پىقىرىغۇچلار ئايلىنىپ، باشنى قايدۇرۇپ تۇراتتى. كۈندۈزى خېرىدارلار (يەمچۈكلەر) ئانچە يوق ئىدى، قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا ئوغرى مۈشۈكلەر قىلتاققا چۈشەتتى. ھاشىم ھەۋەس تۇرۇپ كەتكەندە كاللىنىڭ ھەقىقەتەن ئىشلىمەي قالىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. جوزىدا ئولتۇرۇپ تاماكىنى چېكىۋېرىپ، ئاچچىق خىيالىنى سۈرىۋېرىپ، ئىستىن ياكى پۇشايماندىن زەھەرلىنىپ قالغاندەك بىئارام بولۇپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. "مەن ئۆزەمگە دۈشمەن بولدۇم، ئادەم دائىم ئۆزىنىڭ دۈشمىنى!... بۈگۈن زادى ئىچىمەن" دەپ ئويلىدى، قازان بېشىغا چىقىپ بىر تەخسە سەي قورىدى، قانداق قورىدى، بىلمەيلا قورىدى، قولىغا قىززىق ماي چاچراپ كەتسىمۇ سەزمىدى، ئۆز-ئۆزىگە كايىدى: بۇ يەردىكى گۇيلار باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ ئەركەك قوينىڭ پوردىقىنى بۇيرۇتسا قورۇپ بەردىڭ، ئۆزەڭمۇ قانداق بولىدىكىن دەپ تېتىپ باقتىڭ، ھەتتا ئاچكۆزلۈك قىلىپ يېدىڭ، ھەر قېتىمدا شۇ گۇيلارنىڭ رىسقىنى بىرەر تالدىن سوقتۇڭ. ئۆزەڭنى كۈچلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىڭ، جاھاندا شۇ ئىشتىن باشقا پەيزى ئىش يوقتەك توختىماي شۇنى ئويلىدىڭ، ئۇدۇلدىكى مەينەتلەرگە شۆلگىيىڭىنى ئېقىتتىڭ، ئارقىدىن شەھۋەت سويۇقلۇقىنى ئېقىتتىڭ، بۇلغاندىڭ، كېسەل يۇقتۇردۇڭ... ھۈنەر قىلغانغا تويە، ئاچكۆزلۈك قىلغانغا تويە..
قازان بېشىدىن باشلانغان ئاچكۆزلۈك شەھۋەت ئاچكۆزلۈكىگە، بۇ ئاچكۆزلۈك يامان ئاقىۋەتكە سەۋەب بولدىمۇ ئەمدى؟! ھاشىم ئۇنداق ئەمەس دەپ ئۆزىنى ئىشەندۈرەلمىدى، بۇ نەس باسقان جايغا كەلگىنىگە، كۆتىنى قىسىپ ئۇيقۇسىنى ئۇخلاپ، چۈشىدە ئۆزىنى قاندۇرۇپ يۈرمىگىنىگە ئۆكۈندى. يەنە تۇرۇپ: " ئوغۇل بالا دېگەن قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلماسلىقى كېرەك، مەن ئۆزۈمنى بەك قورقىتىۋېتىپ بارىمەن" دەپ ئويلىدى.
ئۇ ئوخشىمىغان سەينى ئالدىغا قويۇپ، بىر بوتۇلكا ئاق ھاراقنى تىكلەپ سالامەتلىكىنى تىلەپ ئىچىشكە باشلىدى، توختىماي ئىچىپ بىر دەمدە تەڭشىلىپ قالدى، كەيپىياتى ئۆرلەپ، يەڭگىللەپ، ئۆزىنى مۇئەللەقتە لەيلەۋاتقاندەك سەزدى. ئۇ غەرق بولۇپ كېتىشنى ئويلىغانىدى، ئەمما مۇشۇ يەردىلا ئوڭدا چۈشۈپ، ياسىن لاۋبەن ئالدىدا سەتلەشكۈسى كەلمىدى.
ئۇ ياتىقىغا مۇشۇنداقلا كىرىپ يېتىپ قېلىشنى خالىمىدى، ساتراچخانىلارغا شىرشىم، ئەلەس كۆزلىرىدە ئەلەم بىلەن قارىدى، "100 كويغا پاكىز بىر بۇزۇق يېتىپ بېرەمدۇ؟ ئەگەر مەن راستىنلا شۇنداق كېسەل چىقىدىغان بولسام، بۇ بۇزۇقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر باشتىن ئويناپ چىقىمەن، ئاۋۋال پۇل بېرىپ، كېيىن ھەقسىز، كېيىن ئۆزلىرى تەلەپ قىلىدىغان قىلىۋېتىمەن. قازان بېشىدا توپلىغان كۈچۈمنى كۆرسىتىپ، ئۆلگىچە لەززەت سۈرىمەن..." دەپ ئەسەبىيلەرچە خىيال سۈردى.
ئۇ شۇنداق ئولتۇرغاندا دائىم بۇ يەردىن بۆرەك كاۋاب يەيدىغان لاۋبەن سەتەڭ ئاشخانا ئالدىغا كېلىپ قاراپ باقتى. ھاشىم ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.
__ بۈگۈن ئاشخاناڭلارنى ئاچمىدىڭلاما؟
__ ئوچۇققۇ... __ دېدى ھاشىم ئۇنىڭغا مەستانىلەرچە تەلمۈرۈپ.
__ ئەمىسە ئادەم يوققۇ؟
__ مەن ... ئادەم ئەمەسما
__ لاۋبەن كۆرۈنمەيدىغۇ، بۈگۈن كاۋاب ساتمىدىما؟
__ خوتۇنى ماڭدى، ئۇزاتقىلى كەتتى...
__ نېمىشقا ماڭدى؟
__ ئۇقمايمەن...
لاۋبەن سەتەڭ ئادەتتە ئانچە دىققەت قىلمىغان بۇ دىقماقنىڭ كۆزلىرىدىكى ئېچىرقاشتىن ئەجەبلەندى.
__ مەن بۆرەك يەي دېگەن، بۈگۈن بولمىسا ئەتە كېلەي.
__ بۆرەك يېسەڭ... مەندىمۇ بار، _دېدى ھاشىم بېزەڭلىك بىلەن ھىجىيىپ.
__ سەن كاۋاب ساتمايسەنغۇ؟
__ مەن سوگوزىچى، كاۋاب دېسەڭ.. كاۋاب، قورۇپ بەر دېسەڭ... بۆرەك دېگەننى... بىردەمدە قورىۋېتىمەن.
سەتەڭنىڭ بۈگۈن راستىنلا بۆرەك يېگۈسى كېلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئاشخانىغا كىردى.
__ پىۋىدىن بىر قۇتا كەلتۈر!
ھاشىم دوغىلاق پۇشۇلداپ بېرىپ، توڭلاتقۇدىن بىر قۇتا پىۋىنى ئېلىپ سەتەڭنىڭ ئالدىغا قويدى.
__ ئېچىپ بەرمەمسەن؟
ھاشىم شۇ ھامان سەتەڭگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، قۇتىنىڭ ئېغىزىنى چىشلەپ ئاچتى.
ئۇ توڭلاتقۇدىن بۆرەك ئىزدەشكە چۈشتى، تەلىيىگە بىر نەچچە تال بۆرەك چىقتى. سەتەڭنى كۆرسە كۆزلىرى ئويناپ، يۈرەكلىرى يايراپ كېتىدىغان بۇ بايقۇشنى ھازىر كىممۇ مەست دەيدۇ، ئۇ شۇنچىلىك سەگەكلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، قازاندىكى ماي قىززىغان ھامان بۆرەكنى پاراسلىتىپ تاشلاپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ بىر دەمدىلا بىر تەخسە سەي قورۇپ چىقتى. سەتەڭگە بۇ بۆرەكمۇ تېتىپ كەتتى بولغاي، ئاغزىنى چاكىلدىتىپ يەپ كەتتى، پىۋىنى سۇدەك سۈمۈردى. ھاشىم بىر ياقتا ئۇنىڭ يېگەن-ئىچكەنلىرىگە قاراپ ئولتۇراتتى، كۆزلىرىنى ئۇنىڭ يوتىسى بىلەن كۆكسىدىن ئالالمايتتى، شۆلگەيلىرىنى يۇتاتتى: " ئىچە ئىچ، ئىچىپ مەست بولۇپ كەت، ئاندىن مەن ساڭا بىڭسىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن، كېسەل بولساڭ مەنمۇ كېسەل، كېسەل بولمىساڭ ئۆزەڭنىڭ شورى... ھامان ئۆلىدىغان گەپ، ئۆلگەندىكىن پۇخادىن چىققىچە ياشاپ ئۆل...".
لاۋبەن سەتەڭ بىر قۇتىنى ئۆرۈپ بولۇپ، ئورنىدىن قوپتى، بېشى سەل قايغان بولسا كېرەك، بىر دەم تۇرۇۋالدى. ھاشىم چېپىپ قوپۇپ ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتتى.
__ توختا... پۇلۇڭنى بېرىمەن...__ دېدى سەتەڭ سومكىسىنى ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئانچە قولاشمايتتى، تۇتۇپ تۇرمىسا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەكمۇ قىلاتتى.
__ پۇل بەرمە... ئويناپ قويايلى...__ دېدى ھاشىم ئۇنىڭغا ئېسىلىپ.
__ ئىشىڭنى قىل !__ دېدى لاۋبەن سەتەڭ ئۇنىڭ قولىنى سىلكىپ،__ مېنى... نېمە كۆرۈۋاتىسەن؟
__ سەن... قىلمامسەن؟
__ قىلىمەن... مىڭ كوينى ھازىر سانا... چىدامسەن؟
ھاشىم تۇرۇپلا قالدى، مىڭ كوي دېگەنگە ئونى كەلمەمدۇ؟ بۇ بۇزۇقنىڭ ھالى يامانكەن، ئۆزىنى لاۋبەن دەپ قالتىس چاغلاپ كەتكەن گەپ. بولمىسا قالغان سېرىق چاچتىن نېمە پەرقى؟ چىرايى بولغاننىڭ نېمە پايدىسى؟
__ ئەزان چۈشۈرۈپ بەرمەمسەن؟...__ دېدى ھاشىم بىر دەم بولسىمۇ ئۇنى كولدۇرلىتىش ئۈچۈن.
__ شىنجاڭلىق قوشنا دەپ ...ھېلىمۇ ئەزان قىلىپ بەردىم.
__ شىنجاڭلىق يامان... كۆرۈپ باقساڭ بىلىسەن... تېتىپ باقساڭ بىلىسەن... بۆرەك يېگۈڭ كەلگەندەك.. كۈندە كېلىۋالامسەن تېخى...__ دېدى ھاشىم پىخىلداپ كۈلۈپ. كەيىپلىكتىنمۇ، ياكى دەل مۇشۇنداق سېرىق پاراڭدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ كاللىسى ئاپتوماتتەك ئىشلەپ، ئېغىزى سازلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
__ ئۆزەڭنى داڭلاپ كەتتىڭ... كىم ئۆزىنى بەك داڭلىسا... شۇ ئەڭ يارىماس.
ھاشىم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى، شۇ ھامان كاللىسىغا ياسىن لاۋبەن كەلدى، ئەگەر بۇ سەتەڭ ياسىن لاۋبەن بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، شىنجاڭلىقنىڭ يامانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما ياسىن لاۋبەن ئۇ ئىشتا شىنجاڭلىقنىڭ ۋەكىلى بولالامتى؟ ئۇنداقتا ھاشىمچۇ؟
__ سەن شىنجاڭلىق بىلەن... قىلىپ باققانما؟
__ بۇنى سوراپ... نېمە قىلىسەن؟ _ دېدى سەتەڭ ئۇنىڭغا بىزارلىق بىلەن قاراپ قويۇپ،__ شەخسىي ئىشىمغا ئارىلاشما، ئالە ما پۇلۇڭنى.. مەن ماڭدىم.
__ پۇلنى كەم بەردىڭ...
__ پارچە پۇل مۇشۇ... قالغىنىنى لاۋبىنىڭ كەلسە ئەتە بېرىمەن... قاچان كېلىدۇ ئۇ؟
__ سوراپلا كەتتىڭ؟ بىر نېمىسىنى سېغىنىپ قالدىڭما؟
__ سېغىنسام قانداق قىلاتتىڭ؟ سەن بۇ ئىشقا تولا ئارىلاشما، لاۋبەن دېگەن لاۋبەن بىلەن ئارىلىشىدۇ.
__سەن مېنى... پۇلى يوق دەمسەن، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ماقۇل دە...
__ سەن لاۋبەنمىتىڭ؟ بۇ گەپنى لاۋبىنىڭ دېسۇن.
__ لاۋبەن بولسا ھەقسىز بېرىسەن، مەن دېسەم ئۇنىمايسەن...
__ مەن خالىمىغان ئادەم مەن دېگەن پۇلدىن تۆۋەن بەرسە ئۇنىمايمەن...
__ مېنى كۆزۈڭگە ئىلمىدىڭ-ھە... قاراپ تۇر...__دېدى ھاشىم زەردە بولۇپ.
__ بەك چىدىماي كەتكەن بولساڭ... دۇكىنىمغا كىر. باشقا قىزلاردىن خالىغىنىڭنى ئوينىساڭ بولىدۇ. لېكىن بىكارلىق ئىش يوق، تۆۋىنى يۈز كوي، قانداق بارامسەن؟
__ بارمايمەن... بىكارلىق دېسەڭمۇ بارمايمەن... ھەممىسى ئەيدىز... ھەممىسى مەينەت...
__ بارمىساڭ ئەمىسە ماڭا ئېسىلما...
لاۋبەن سەتەڭ شۇنداق دەپلا ئاشخانىدىن تايتاڭلاپ چىقىپ كەتتى، ھاشىم ئۇنىڭ ئاغزىدىن " بىزنىڭ ئويۇنچى قىزلىرىمىزدا كېسەل يوق" دېگەن گەپنى ئاڭلىيالماي، تېخىمۇ تەشۋىشكە چۈشۈپ تۇرۇپ قالدى ۋە سەتەڭنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قالدى.
6
ھاشىم دوغىلاق ئەنسىزلىك ئىچىدە ئىشنىمۇ تۈزۈك قىلالماي، خېرىدارلارنى نەچچە قېتىم قاچۇرۇپ بولدى.
__ نېمە بولدۇڭ سەن زادى؟!__ دېدى بىر كۈنى ياسىن ئۇنىڭ قاپىقىدىن، قاشاڭلىقىدىن بىزار بولۇپ،__ بىرەر دەردىڭ بارمۇ؟ ئىشلىگۈڭ كەلمەي قالدىمۇ؟ ئىشلىسەڭ تۈزۈك ئىشلە، بولمىسا گېپىڭنى ئوچۇق قىل ئاداش!
ھاشىم گەپ قىلماي، تاماكىسىنى شوراپ تۇرىۋەردى.
__ كاللاڭدا نېمە ئوي بار، بىر دېگىنە ماڭا!
ھاشىم سالپىيىپلا قاراپ تۇراتتى، ھەر كۈنى خەق بۇيرۇتقان سەينى قورۇپ، بۇيرۇققا بىنائەن ئىش قىلىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ كاللىسىدا نېمە پىلان بولسۇن؟ ئۇنىڭ بۇ يەردە ئىشلىگۈسىمۇ، كەتكۈسىمۇ يوق ئىدى، كەتسە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ كېسەل يۇقتۇرغان ياكى يۇقتۇرمىغانلىقى نائېنىق بولغاندەك، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى نائېنىق تۇرسا، نېمىنى ئويلاپ، نېمىنى دەيدۇ؟ شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ۋە كەلگۈسىنى ئاللىقانداق ۋەھىمە، قورقۇنچ بېسىپ كەتتى. بۇنى ياسىن لاۋبەنگە قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ " بىر بۇزۇق مېنى مۇشۇنداق تۈگەشتۈرۈۋەتتى" دەپ دەردىنى تۆكەمدۇ؟ بالاتەگكۈر ئىشنى قىلغاندا نومۇس قىلمىغان ئادەم ياسىن لاۋبەنگە بۇنى دېيىشتىن نومۇس قىلغىنى قىززىق...
__ مۇشۇنداق مۆرىمەس ئادەمدىن قورقسا بولىدۇ...__ دېدى ياسىن غۇدۇرلاپ،__ ئىچىدىكىنى يا دېمىگەن، ئىشنى يا تۈزۈك قىلمىغان. ئوغۇل بالا دېگەن جان چىقىپ كەتسىمۇ جاڭ-جاڭ سۆزلەپ، ئەتىسى بىر پاي ئوقتا ئۆلسىمۇ تىك تۇرمامدۇ دەيمەن! قويە سەندەك گۇينى...
__ مۇشۇ يېقىندىن تولا چارچايدىغان بولۇپ قالدىم... مىجەزىم يوق،__ دېدى ھاشىم مىڭ تەستە ئېغىز ئېچىپ.
__ كېچىسى نېمە ئىش قىلىسەن ئۇخلىماي!؟
__ شۇ كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇخلىسام تولا يامان چۈش كۆرىمەن...
__ قانداق چۈش كۆرىسەن؟
ھاشىم بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي تۇرغاندا، بىر ياندا قاراپ تۇرغان بازمەنچى بالا گەپ قىستۇردى:
__ بۇنىڭ دېگىنى راست ياسىنكا، نەچچە كۈن بولدى ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس. بەزىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ "سېرىق چاچ ئالۋاستى...!" دەپ ۋاقىراپ كېتىدۇ.
__ ماڭەۋە...__ دېدى ھاشىم ئۇنىڭغا گۈلىيىپ،__ ئۆزەڭ ۋاقىرىدىڭغۇ!
ياسىن ئۇ ئىككىسىگە قاراپ، ساۋۇتنىڭ گېپىگە ئىشەندى.
__ سېرىق چاچقا تولا قارىغاندىكىن چۈشۈڭدە كۆرسەڭمۇ كۆرگەنسەن!__ دېدى ياسىن ئۇنى نەق كەلتۈرۈپ،__ ئادەم نېمىنى تولا ئويلىسا شۇنى بەك چۈشەيدۇ.
ھاشىم ئۆزىنىڭ سىرى ئاشكارىلىنىپ قالىدىغاندەك تەمتىرەپ كەتتى، ئەمما ياسىن لاۋبەننىمۇ شۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىغاچقا ئۆزىنى دەررۇ ئوڭشىۋالدى، "سەنمۇ ئويلايسەن، سەنمۇ ئوينايسەن، ئۆزەڭمۇ قىلىپ تۇرۇپ مېنى نېمە ئەيبلەيسەن " دېدى ئىچىدە. ئاندىن بۇنى چىرايىدىكى مەغرۇرلۇق، پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىپادىلىدى.
__ سېرىق چاچلىقلار بىلەن بىرەر ئىشىڭ يوقتۇ؟__ دېدى ياسىن لاۋبەن بولدى قىلماي.
__ نېمە ئىش بولسۇن...__ دېدى ھاشىم جىلە بولۇپ ،__ قازان بېشىدىن بىردەم ئايرىلغىلى بولمىسا...
__ دېمەك، بىكار بولساڭ ئويناپ قويىدىكەنسەن-دە؟
__ ئوينىساق ئوينارمىز، خوتۇن بولمىغاندىكىن...
__ مۇنداق گەپ قىلىپ تۇرە-ھە، لېكىن ئوينايمەن دەپ ئۆزەڭگە ئىش تېپىۋالما!
ھاشىم بۇ گەپتىن ئۇجۇقۇپ، ئۆزىگە ئاللىبۇرۇن ئىش تېپىۋالغاندەك قورقۇپ تىترەپ كەتتى، گەپمۇ قىلالمىدى.
چۈشتىن كېيىنكى ئارام ئېلىشتا ھاشىمنىڭ كەيپى تېخىمۇ ئوساللاشتى، توختىماي ئۇھ تارتىپ، ئۈزمەي تاماكا چەكتى.
__ ئۆزەڭنى دەپ مېنىمۇ ئۇخلاتمايۋاتىسەن ئاداش... __ دېدى ساۋۇت بىزار بولۇپ،__ دەردىم بار دەپ چېكىۋېرىدىغان نەرسە ئەمەس تاماكا دېگەن.
__ قانداق قىلىمەن ئەمىسە... ئىچىم غەزەپ سىقىلىپ تۇرىدۇ، چەكمىسەم ئوڭشالمايمەن.
__ ياسىنكامغا دېمىگەن گېپىڭنى ماڭا دېسەڭ بولمامدۇ؟
__ نېمىنى دەيمەن، دېگۈدەك گەپ يوق.
__ سېنىڭ بۇ نەچچە كۈندىكى ھالىڭ ماڭىمۇ تەسىر قىلغان چېغى، مەنمۇ يامان چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن قارا.
__ نېمە چۈش كۆرۈپسەن؟
__ دېسەم كۆڭلۈڭگە كېلەرمۇ؟
__ ۋاي دەۋەرگىن، چۈش دېگەنگىمۇ ئىشىنىپ ئولتۇرامدىمەن؟
__ راست، بۇ دېگەن چۈشقۇ، ئەمىسە دەۋەردىم، چۈشۈمدە سېنى مۇشۇ كارىۋىتىڭدا كۆرۈپتىمەن، قارىسام ئورۇقلاپ ئىسكىلىت شاھ بولۇپ قاپسەن. بۇ ئاداشقا نېمە كېسەل تەگكەندۇ دەيمىشمەن... قېشىڭغا كەپتىمەن، كۆزلىرىڭ قارىداپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكۈدەك، ماڭا بىر قارىغانىدىڭ، قورقۇپ كەتتىم. مەندىن تاماكا سورىدىڭ، تالادىن ئېلىپ كىرەي دەپ مېڭىپتىمەن، يولغا چىقسام ساتراچخانىنىڭ مايماقلىرى تالاغا چىقىۋاپتۇ، يۈز-كۆزلىرىنى مايمۇندەك بويىۋاپتۇ، ھەممە يېرى يالىڭاچ، پەقەت شۇ يېرىگە بىر لاتىنى تارتىۋاپتۇ، مەن چىقىشىم بىلەنلا ئۇلار مېنى قوغلىدى، قېچىۋاتىمەن، قوغلاۋاتىدۇ، قېچىۋاتىمەن، كەينىمگە قارىسام يەنە قوغلاۋاتىدۇ... قانداق بولدى، بىر چاغدا قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتىم.
ھاشىم ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ قالدى، كۆيۈپ بولالمىغان تاماكىسى قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ئەيدىز كېسىلى بولغانلارنىڭ ئاخىرىدا ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى، ئىسكىلىت شاھ دېگىنى شۇ ئەمەسمۇ؟ ساۋۇت دېگەن بۇ قوڭالتاق ھېچ نېمىنى ئۇقمايدىغان تۇرسا، نېمەدەپ بۇنداق چۈشنى كۆرىدۇ؟ بۇ بىر يامان بېشارەتنىڭ ئالامىتى ئەمەسمۇ؟!
__ نېمە بولدى؟ __ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭغا قاراپ ھەيران بولۇپ،__ چۈش دېگەن يالغان نېمىغۇ ، قورققىدەك بىر ئىش بولدىما؟
__ ھېجىقىزدەك چۈش كۆرۈپسەن،__ دېدى ھاشىم توساتتىن ئاچچىقلاپ،__ مېنى ئۇنداق چۈشەپ يۈرگىچە، ئۆزەڭنى چۈشىسەڭ بولمامدۇ؟
__ كىم ھېجىقىزكەن!__ دېدى ساۋۇت تېرىكىپ،__ ئۆزى دېگەن گەپكە ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان سەندەك گۇي ھېجىقىز بولىدۇ .
سەپرايى ئۆرلەپ، بوغۇلۇپ ئاران تۇرغان ھاشىم بۇ گەپنى ئاڭلاش بىلەنلا ساۋۇتنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدى:
__ ئەجەپ نوچىغۇ سەن...
__ قولۇڭنى شىلتىمەي گەپ قىل، ھېلى بىكا
__ بولمىسا قانداق قىلاتتىڭ؟
__ رەسمى ساراڭ بوپتۇ ما گۇي...__ دېدى ساۋۇت كۆزىنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ.
__ نېمە دېدىڭ؟ يەنە بىر دېگىنە!
__ ۋاي يوقالغىنە جۇگۇ كۆزۈمدىن...
__ ئاناڭنىڭ قېشىغا يوقىلىمەنمۇ؟
__ ئاچاڭنىڭ قېشىغا يوقالساڭمۇ يوقال.
نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزىگە قوقاق سېلىپ، دەردى ئىچىگە سىغماي يۈرگەن ھاشىم غالجىر كېسىلى بولۇپ قالغان كالىدەك پۇشۇلداپ، ساۋۇتنىڭ كانىيىغا ئېسىلدى. ئىككەيلەن بىر دەمدىلا گۈلدۈر-غالاپ قىلىپ مۇشتلىشىپ كەتتى. ساۋۇت يەنىلا يامان چىقتى، بازمەن سوزۇپ كۈچلىنىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن ھاشىمنىڭ گېلىنى سىقىپ تامغا نىقتاپ قويدى. بىچارە بايقۇش ئۆزىنى سېرىق چاچنىڭ ئۈستىدە ئېيىقتەك كۈچلۈك ھېس قىلغانىدى، مانا ئەمدى ساۋۇتنىڭ قولىدا مۈشۈكتەك ئېسىلىپ قالدى.
__ سىقە، سىقىپ ئۆلتۈرۈۋەت!__ دېدى ئۇ خۇددى راست دەۋاتقاندەك چىڭقىلىپ.
__ ماڭەۋە ساراڭ گۇي،__ دېدى ساۋۇت ئۇنى قويۇۋېتىپ،__ بەك ئۆلگۈڭ كەلسە خىروئىن چەك، بولمىسا ساتراشخانىغا كىرىپ ئويناپ چىق...
ھاشىم تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئاندىن كارىۋىتىغا چىقىپ ياتتى، يەنە شۇ گەپ، يەنە شۇ قورقۇنچلۇق خىيال، قاباھەتلىك چۈش...
جېدەل تۈگىگەندە ياسىن كىرىپ كەلدى:
__ نېمە تاراق-تۇرۇق؟ سوقۇشتۇڭلارما؟
__ ياق،__ دېدى ساۋۇت ھېچ ئىش بولمىغاندەك،__ يالغاندىن ئېتىشىپ باقتۇق.
__ كۆتۈڭلارنى قىسىڭلار، جېدەلدىن ياخشىلىق چىقمايدۇ. بۈگۈن بىر-بىرىڭلارغا مۇشت كۆتۈرسەڭلار، ئەتە قولۇڭلارغا پالتا-پىچاق چىقىپ قالىدۇ.
ياسىن بېشىنى كۆتۈرمەي ياتقان ھاشىمغا قاراپ ئەنسىرىدى:
__ نېمە بولدۇڭ دۈگىلەك، بىرەر يېرىڭ ئاغرىمدۇ؟
__ ياق...__ دېدى ھاشىم ھالسىز، پەرۋاسىز.
__ دوختۇر تېپىپ بېرەمدۇق يا خوتۇن تېپىپ بېرەمدۇق ...
ياسىنغا قاراپ ساۋۇتنىڭ چىرايىغىمۇ كۈلكە ياماشتى:
__ دوختۇر خوتۇندىن بىرنى تاپسىلا ئىش پۈتىدىغۇ...
__ كۆڭلۈڭدىكىنى دەۋاتىسەن-ھە، سەن گۇيمۇ بوش ئەمەس.
ياسىن ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئاشخانىغا چىقتى، كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلاپ ئىچى پۇشتى. خوتۇنى كەتكەندىن بېرى ئاشخانىنىڭ ئىشى تازا يۈرۈشمەيۋاتاتتى؛ ھاشىمنىڭ ھۈنەردە ناچارلىشىپ كېتىشى سودىنى چېكىندۈرۈۋەتتى، جوزا-ئورۇندۇقلار كونىراپ ئاجرىغىلى تۇردى... كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان ئادەم يوق، ياسىن كۈتكۈچىلىك قىلسا كاۋابدانغا قارايدىغان ئادەم يوق.
ياسىن ئولتۇرۇپ-ئولتۇرۇپ يالغۇزلۇقتىن ئىچى سىقىلىپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون قىلدى:
__ بارمۇسەن ئاكا، بۈگۈن بىكارمۇ؟
__ بىزنىڭ نېمە ئىشىمىز بولسۇن ئۇكا، قانداق، بىرەر ئىش بارما؟
__ ئىش بولمىسا تېلېفون قىلمايدىغان گەپما؟
__ شۇ ئەمەسمۇ، ئىش بولمىسا تېلېفون قىلمايتتىڭ، ئادەمگە ئانچە يېپىشمايتتىڭ...
__ يوق گەپ قىلما ئاكاۋا، كۆرۈشمىگەن بىلەن ئويلاپ تۇرىمىز، بۇ يەردە سەندىن باشقا مەن ئارىلىشىدىغان كىم بار؟
__ بۇنى بىلىمەن، ھە يېقىننىڭياقى قانداقراق تۇرۇۋاتىسەن؟ ئاشخاناڭنىڭ ئىشلىرى قانداق كېتىۋاتىدۇ؟
__ شۇ ئاشخانىنىڭ ئىشلىرى بولمامدۇ، تۈزۈك سودا يوق دېگىنە ھازىر، خوتۇن يۇرتقا كەتكەن، ما ھاشىم دېگەن گۇيغا نېمە بولدىكىن، تۈزۈك ئىشلىمەيۋاتىدۇ...
__ ئۇنداقتا كېلە، تۈزۈك پاراڭلىشايلى.
ياسىنمۇ دەل شۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغانىدى، تاكسى توسۇپ غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا ماڭدى، كەيپى چاغ ئىدى، كېتىپ بېرىپ ئۆتكەنكى كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشنى ئەسلىدى، جانغا ئارام گۈزەللىك، شادلىق ئۇ يەردە ئىدى، ئارامبەخش رېستۇران، چىرايلىق كۈتكۈچى قىزلار ئادەمنى زوقلاندۇراتتى. ياسىن تاكسىدىن چۈشۈپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، ئىچىگە تولدۇرۇپ نەپەس ئالدى. رېستۇرانغا كىرمەي تۇرۇپ بۇ يەرنى تاماشا قىلدى؛ ھاياتلىق، گۈزەللىك، ئاۋاتلىق بۇ يەردە ئىدى، قويۇلۇۋاتقان شوخ، يېقىملىق مۇزىكىلار سىرتقا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، رېستۇراننىڭ ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن قاچانلا قارىسا ئادەم ئۈزۈلمەيتتى.
__ رېستۇرانغا كىرمەي بۇ يەردە تۇرۇپسەنغۇ؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ،__ ئالدىمغا چىقسۇن دەپسەن-دە!
__ چىقساڭ بولىۋېرىدۇ ئاكا، بىزمۇ زۇڭتوڭدىن قېلىشمايمىز،__ دېدى ياسىن كۈلۈپ.
__ جۈرە، ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرايلى.
غېنى شاڭجاڭ ياسىننى رېستۇرانغا باشلاپ كىردى، بۇ بىر ھۆرمەت ئىدى، ياسىن كۆڭلى سۆيۈنگەن ھالدا رېستۇراننىڭ ھەممە يېرىگە قاراپ ماڭدى، كېپىنەك قىزلارمۇ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ ئۇنى قارشى ئالدى.
__ بۈگۈن ئادەم جىق،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئۇنى كىچىكرەك بىر ئايرىمخانىغا باشلاپ،__ ئازادە ئولتۇرايلى.
غېنى شاڭجاڭنىڭ سەي بىلەن ھاراققا سىڭىپ كەتكەن كۆڭلى ياسىننى تەسىرلەندۈرۈشكە باشلىدى.
__ ھەر كەلسەم مېنى چاندۇرۇپلا تۇرىسەن-دە ئاكا!
__ ئۆزەڭ چانساڭمۇ ماڭا دەمسەن؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ قىزىقچىلىق قىلىپ،__ مەندىن چوڭراق لاۋبەن بولغاندا چانمايدىغان بولىسەن...
__ دېگىنىڭ كەلسۇن ئاكا، لېكىن ھازىر بۇ لاۋبەنلىكتىنمۇ چاتاق چىقىۋاتىدۇ.
__ ئۇنداق ئويلىما، ئاشخانا دېگەن ئاسانلىقچە زىيىنىغا ماڭمايدۇ.
__ لېكىن بۇنداق كېتىۋەرسەك، زىيان چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
__ خوتۇنۇڭ نېمىشقا كەتتى؟
__ ئانىسى ئېغىر يېتىپ قاپتۇ.
__ قاچان كېلىدۇ؟
__ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
__ خوتۇنۇڭنىڭ ئورنىدا كىم ئىشلەۋاتىدۇ؟
__ كىم بىكار بولسا شۇ، ھازىر خېرىدار كۆپ ئەمەس، ئىشمۇ جىق ئەمەس. تۈزۈك سودا يوق. گەپ ئاساسلىقى ھاشىمدا، سەينى تۈزۈك قورىماي خېرىدارنى قاچۇرىۋاتىدۇ.
__ نېمە بوپتۇ ئۇ گۇيغا؟
__ نېمە بولدىكىن بىلمىدىم، قاچانلا قارىسا خام ياغ ئىچىۋالغاندەك چىرايىنى قورۇپ يۈرۈيدۇ، بۇرۇنقىدەك چاققان ئەمەس، قورىغان سەيلىرىنىڭ بىرسىمۇ تەملىك ئەمەس؛ قولىغا پاقا سىيىۋەتتىمىكىن دېسە، كۇلىدا پاقا يوق.
__ ئۆزىدىن گەپ سوراپ باقمىدىڭما؟
__ گەپ قىلدىم، ئۇيقۇم ياخشى ئەمەس دەيدۇ. كېچىسى قارا بېسىپ ئۇخلىيالمايدىكەن. ساۋۇتنىڭ دېيىشىچە، چۈشىدە ساتراشخانىدىكى سېرىق چاچلارنى كۆرىدىكەن...
__ ما ئىشنى كۆرۈڭ، بۇنىڭدا بىر گەپ بار جۇمۇ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،__ سەن كۆرمەستە ئۇ يەرنى ماراپ يۈرمىگەندۇ-ھە؟
__ مەنمۇ شۇنى ئويلاپ قالدىم، لېكىن ئۇنىڭ ئۇنداق قىلغىنىنى ھېچكىم كۆرمىگەن، ئاڭلاپمۇ باقمىغان.
__ بۇنداق ئىشنى ئۇ كۆرسىتىپ قىلمايدۇ-دە، قىلاي دېسە پۇرسەت دېگەن چىقىدۇ. چۆنتىكىدە ئازراق بولسىمۇ پۇلى بار. لېكىن شۇنداق قىلدى دېگەندىمۇ، مۇشۇنىڭ بىلەنلا ئۇ ئۆزگىرىپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟
__ مەنمۇ شۇنى دەۋاتىمەن، ئۇ ئىچىدىكىنى پەقەت دېمەيۋاتىدۇ.
__ مېنىڭچە بىر بولسا، ھاشىم شۇ سېرىق چاچلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باقتى، ئاندىن ئۇنى ئۇنتۇيالمىدى، ئويناي دېسە پۇلغا چىدىمايدۇ، ئوينىماي دېسە ئەسلى چىدىمايدۇ. بىر بولسا، ھاشىم شۇ سېرىق چاچنى چۈشىدە كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ، ھوش-كاللىسىنى سەل يوقىتىپ قويدى. قاراپ باقارسەن، ئوڭشىلىپ قالار، ئوڭشالمىسا كوچىدىكى پالچىغا كۆرسىتىپ باقارسەن.
__ شۇنداق قىلسام بولغۇدەك، ئۇنىڭغا قاراپ ئەنسىرەپ قالدىم...__ دېدى ياسىن ئېغىر ئويغا چۆكۈپ،__ باياتىن ئىككىسى مەن خالادىن كىرىپ بولغىچە سوقۇشۇپتۇ. ساۋۇت ھاشىمغا باققاندا ئېغىر-بېسىق، كىشى بىلەن ئاسان ئۇرۇشمايدۇ، ئۇرۇشۇپ قالسا بوش قويمايدۇ. ھاشىمنى ئازراق تېيىلدۇرغان چېغىۋا، كىرسەم ئۇ بىچارە كېسەل تەگكەن چۆجىدەك ياتىدۇ. بىر ئىش بوپتۇ بۇنىڭغا دەپ ئويلىدىم.
__ ئۇنىڭغا بىر مەزگىل ۋاقىت بېرىپ، ئىپادىسىگە قاراپ باق. مېنىڭچە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. مېنىڭ رېستۇرانىمدا ئىشلىگەن بولسا كۈندە مۇشۇ قىزلارغا قاراپ، كۈلكە- پاراڭ قىلىشىپ تۈزىلىپ قالاتتى. ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ، ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، قىزلارنى كۆرگىسى كېلىدۇ. قىزلارنى كۆرەلمىسە ساتراچخانىنىڭ بۇزۇقلىرىغا كۆز تىكىدۇ؛ كۈنبويى ئاشخاناڭدىن چىقماي ئىشلەۋەرسە ئىتتەك زېرىكىپ، بىر-بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ ئوينايدۇ! ئۆتكەندە دېگەنىتىم، بىر قىز بېرەي، ئاپىرىپ ئىشلەت دەپ. نېمە دەپ چۈشەندىڭ، ئۇقمىدىم، ياخشى كۆڭلۈمنى رەت قىلدىڭ.
__ ئۇنداق ئەمەستى، خوتۇن بولغاندىكىن، يېتىشىپ كېتەر دېگەن.
__ خوتۇنۇڭنى ئۆيۈڭدىمۇ، ئاشخانىدىمۇ ئىشلىتىپ قېرىتىپ قانداق قىلىسەن؟ ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالىغا قارىسا بولمامدۇ؟
__ ئۇنىمايدۇ، بىر دەم بىكار ئولتۇرۇپ قالسا چىدىمايدۇ.
__ ھەي... نېمە قىلىدۇ دەيمەن ئۇنچە قىينىلىپ!__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئېچىنغاندەك،__ خوتۇن كىشى دېگەن ئۆيىدە ئېرىنى كۈتۈپ، بالىسىنى باقسىلا بولدى. ئېرى تۇر دېگەن يەردە تۇرۇشى كېرەك. گېپىڭگە ئۇنىمىسا، دېمەك ئۇنى سەن تېخى باشقۇرۇپ بولالماپسەن.
__ خوتۇننى باش ئەگدۈرىمىز دەپ بولغىچە قېرىپ كېتىمىز ئاكا، شۇڭا ئۆزەمنى زورلىمىدىم.
__ زورلىمايسەن، قايىل قىلىسەن، خوتۇنۇڭ ئەقىللىقكەن، بىر ياقتىن ئىشلىگەچ ، بىر ياقتىن سېنى كۆزىتىپ تۇرىدىكەن.
__ گەپنىڭ راستىنى دېسەم بارغۇ ئاكا، مەنمۇ مۇشۇ ئىشتىن بىزار بولۇپ كەتتىم.
__ ئەمىسە مەن دېگەندەك قىلساڭ بولمامدۇ؟ بۇنىمۇ يا خوتۇنۇڭنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشۈڭ كېرەكمۇ؟
ـــ سەنزە مېنى خوتۇنىدىن قورقىدۇ دەپ ئويلايدىكەنسەن-دە، ئۇنداق ئەمەس، مەن ئۇ خوتۇننى مىڭ تەستە كۆيۈپ پىشىپ ئالغان، مۇشۇ ۋاققىچە كۆڭلىنى رەنجىتمەي كەلدىم، كۆڭلىنى رەنجىتمەي دېسەڭ شۇ كۆزىگە قاراپ قالىدىكەنسەن. لېكىن بۇنى خوتۇندىن قورقۇش دەپ چۈشەنسەڭ بولمايدۇ.
ــــ بۇنى بىلىمەن، لېكىن خوتۇن خەقنىڭ كۆزىگە بەك قاراپ كەتسەڭ ئۆزەڭ ھېچ ئىش قىلالمايسەن. بەزى خوتۇنلارغۇ ئېرىنىڭ بوينىغا مىنىمەنلا دەپ تۇرىدۇ.
ــــ خوتۇنۇم ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭ ئاغزىمغا بەكرەك قارايدۇ، بەزىدە مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قويىمەن. بىر يېرى، كۆڭلى بەك نازۇك، مېنى ئۆزىنىڭلا قىلىۋالغۇسى بار، بۇنىمۇ مېنىڭچە يامان ئىش دېگىلى بولمايدۇ، خوتۇن كىشى ئەمەسمۇ، ئانچە-مۇنچە خۇيلىنىپ تۇرمىسا مېنىڭمۇ ئىچىم پۇشۇپ قالىدۇ.
ــــ ئۇنداقتا خوتۇنۇڭ ساڭا بەكلا ئامراقكەن، لېكىن بۇ ئامراقلىق بەك ئېشىپ كەتسە كۈنلەمچى بولۇپ قالىدۇ. خوتۇن كىشىدىن كۈنلىسىغۇ مەيلى، قارىسام مەندىنمۇ كۈنلەۋاتقاندەك قىلىدۇ... بۇنداق دېسەم كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن، ئۆتكەندە قېشىڭغا بارغاندا ماڭا باشقىچىلا قاراپ قالدى، مېنى ياقتۇرمىدى. سېنى مەندىن قىزغىنىپ قالدى بولغاي، قاپىقى زادى ئېچىلمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نەچچە قېتىم يېنىڭغا باراي دېدىم، لېكىن شۇنى ئويلاپ بارغۇم كەلمىدى...
ــــ بۇ نېمە گەپ ئەمدى، خوتۇنۇمدىن ئۆتە نازۇك بولۇپ كەتتىڭمۇ نېمە ئاكاۋا...
ــــ ساڭا دەپ قوياي دېدىم، خوتۇن كىشى دېگەن ئېرىنى ياخشى كۆرسە، ئېرىنىڭ دوستلىرىنى ئۇنداق قارشى ئالمايدۇ.
ــــ مەن پەقەت دىققەت قىلماپتىمەن، ـــ دېدى ياسىن كۆڭۈلسىزلىنىپ،ــــ بېيجىڭدىكى چاغدا كەلسە-كەلمەس ئاغىنىلەر تولا بىزار قىلىۋەتكەچكە، خوتۇنۇم شۇنىڭ كاشىلىدىن قۇتۇلالمىغان گەپ.
ــــ بىز كەلسە-كەلمەس ئاغىنىلەر ئەمەس ئۇكا، بۇ يەردە ئىككىمىزدىن باشقا ۋاي دېگۈدەك كىم بار؟
ــــ راست دەيسەن ئاكا، خوتۇن خەق بەزىدە ھەممە ئىشنى بىر قىلىپ ئويلىۋالىدۇ. ماڭا دەپ قويغىنىڭ ياخشى بولدى، كېيىن بۇ ئىشنى ئۆزەم ئوڭشىۋالىمەن.
ــــ ئوڭشىۋالىمەن دەپ بۇزۇپ قويما، مېنى دېدى دېمەي، ئۆزەڭ چىرايلىق گەپ قىلىپ تەربىيە قىل.
ــــ ئۇنچىلىك ئىشنى بىزمۇ بىلىمىز اۋاي، ئەجەپ زىغىرلاپ كەتتىڭ. خوتۇنۇمدىن مەن ئەمەس، سەن قورقۇپ كېتىپ بارامسەن نېمە؟
ــــ ياق ئەمدى دەيمىنا، خوتۇنۇڭغا ئامراق بولغاندىكىن، ھەممە گەپنى دەۋېتىپ قالىسەن.
ياسىننىڭ خوتۇنىنىڭ گېپى چىققاندىن باشلاپ غېنى شاڭجاڭنىڭ چىرايىدا جىددىيلىك، ئەستايىدىللىق پەيدا بولۇپ، بايىقى قىزغىنلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. بۇنىڭدىن ياسىننىڭ ئىچى سىقىلىپ، گەپنى بالدۇرراق يىغىشتۇرۇشقا ئالدىرىدى:
ــــ ھەممىنى دېسەممۇ سېنىڭ ئىسمىڭنى چىقارمايمەن، بۇ گەپ ئەمدى تۈگىسۇن، ھارىقىمىزنى ئىچەيلى...
ـــ ئەمدى رەسمى گەپكە كېلەيلى ،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ تاماكىدىن بىر تال سۇغۇرۇپ،ـــ مېنى ئاشخاناڭنىڭ ئىشىغا مەسلىھەت بېرەمدىكىن دەپ كەلدىڭ، شۇنداقمۇ؟
ــــ راست دەيسەن، سەن كۆپنى كۆرگەن، تەجرىبەڭ بار، ياخشى مەسلىھەتلىرىڭ بولسا بەرگىن.
ــــ مەن ساڭا مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتىمەنغۇ، دېگەنلىرىمنى خوتۇنىڭدىن قورقۇپ قىلمىساڭ، مەن قانداق قىلىمەن؟
ــــ جېدىلىڭ خوتۇنۇمدا قالدىغۇ ئاكاۋا، مېنى شۇنچە سايىماخۇن كۆرۈپ قالدىڭما؟
ــــ ئەمىسە گېپىمنى ئاڭلا، بىر قىزنى بېرەي، كۈتكۈچىلىككە سال، خوتۇنۇڭنى ئازاد قىل، ئىشلەمچى تازلارنىڭ كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈر، ئاشخاناڭ گەپ يوق مېڭىپ كېتىدۇ.
ياسىن بىر پەس ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
ــــ مەن دېمىدىممۇ، سېنىڭ زادى پىيىزىڭ گىچ-گىچ، بۇنداق ئولتۇرساڭ ئوقەتتىن زىيان تارتىسەن، ئەر كىشى دېگەن بولىدىغان-بولمايدىغان ئىشلارنى ئۆزى قارار قىلىپ، ئىشنى غاچ-غاچ قىلمامدۇ؟ مەن ساڭا يامان مەسلىھەت بەردىممۇ يا؟
ــــ ياقەي، مەنمۇ شۇنداقراق ئويلىغان.
ــــ ئەمىسە شۇنداق قىلمامسەن؟! ئوقەت دېگەن ئادەم بىلەن بولىدۇ. ئاشخاناڭغا يوغان ۋېۋىسكىنى قاتۇرۇپ ئېسىپ قويغان بىلەن ئىچىنى بېزىمىسەڭ، تاماقنى ياخشى ئەتمىسەڭ، كۈتكۈچىلىكنى ياخشى قىلمىساڭ، سوداڭ ئۆلىدۇ شۇ...
ــــ توغرا دەيسەن، ئاشخانىنىڭ ئىچىمۇ ھازىر سەتلىشىپ كەتتى، ئورۇندۇقلىرىمۇ ئاجرىغىلى تۇردى، بۇنىغۇ ئالماشتۇرارمەن، لېكىن بېزەيدىغان ئىشنى پۇل تاپقاندا قىلمىسام، ھازىرچە قىينىلىپ قالىمەن.
ـــ شۇڭا دەۋاتىمەنغۇ، ئاۋۋال قىلالايدىغىنىڭنى قىلىپ پۇل تاپ، ئاندىن قالغىنىنى ئوڭشىمامسەن؟
ــــ شۇنداق قىلمىسام بولمىغۇدەك.
ــــ ئاشخاناڭغا بىر قىزنى ئەكىرسەڭ، ئا ئىككى تازمۇ ساتراشخانىغا قارىماي، ئاشخانىغا قارايدىغان بولىدۇ؛ قىزنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى كېلىپ، بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ ئوبدان ئىشلەيدىغان بولىدۇ.
ــــ ئىشتىن چاتاق چىقىرىپ قويماس ئۇ گۇيلار...
ــــ سەن باشلاپ بەرمىسەڭ، چاتاق چىقارمايدۇ،ـــ غېنى شاڭجاڭ چاقچاق قىلىپ.
ــــ سەنمۇ ئۆزىنى چىڭراق تۇتىدىغان قىزنى تونۇشتۇرارسەن!ـــ دېدى ياسىن قىزغىنلىق بىلەن كۈلۈپ، ـــ خوتۇنۇم كەلسە ئىككى كۈندىلا ھەيدەپ چىقارمىسۇن.
ــــ شۇ خوتۇنىڭدىن ئەجەپ قورقىسەن-ھە... يولدىن چىقما، خاندىن قورقما، نېمىدىن ئەنسىرەيسەن؟ بىزنىڭ قىزلاردا چاتاق يوق ، تولىسى ئوقۇغان، تەربىيە كۆرگەن قىزلار. مەن ساڭا ئەڭ ياخشىسىنى تونۇشتۇرىمەن.
ــــ كىمنى بېرىسەن ئاكا، ماڭا نايناقلاپ يۈرىدىغان ئەمەس، تۈزۈك ئىشلەيدىغان قىز كېرەك.
ــــ دەپ قويسام ئېشىۋالدىڭغۇ ئەمدى، رېستۇرانىمنى قىز تاللايدىغان تاللا بازىرى دەپ قالدىڭمۇ؟ قارا بۇنى، خۇددى ماڭا قىز تېپىشىپ بەرگەندەك گەپ قىلىۋاتقىنىنى، مەن بۇ قىزلارنى تەستە ئەكەلگەن جۇمۇ!
ــــ بۇنى بىلىمەن، ئىش-ئوقىتىم ئېقىپ قالسا سېنى رازى قىلىمەن.
ــــ مېنى ئەمەس، شۇ قىزنى رازى قىلساڭلا بولدى، ئىش ھەققىنى ئازراق يۇقىرى بەرمىسەڭ بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاشخاناڭغا بېرىشنى كىم خالايدۇ، بۇنى تېخى بىلمەيمەن.
ــــ لاۋبەن سەن، سېنىڭ دېگىنىڭ ھېساب، بولمىسا مەن ھېچكىمنى زورلىيالمايمەن.
ــــ مەن دېسەمغۇ ھېچكىم ياق دېيەلمەيدۇ، لېكىن شۇ كۆڭلىنى ئاياپ قالىدىكەنمىز، كىچىك قىزلار ئەمەسمۇ...
ــــ ياخشىراق دېمەمسەن، بىزنىڭ ئاشخانا قورققىدەك يەرمىدى يا؟
ـــ ئۇنداق دېگىنىم ئەمەس، قىزلار يالغۇز ئىشلەشتىن قورقىدۇ.
ـــ ئىككىنى بېرەي دېمەيدىغانسەن؟ ئاشۇ بىرسىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ، خوتۇنۇم كەلسە قورقمايدىغان بولىدۇ،ـــ دېدى ياسىن بۇ گەپكە ئۆزىنىڭ ئانچە ئىشەنچى يوقتەك.
ـــ ئۇنى بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ، گاھىدا خوتۇن خەق خوتۇن خەقتىن بەك قورقىدۇ.
ـــ شۇڭا مەن باش ئاغرىقى تېپىۋالماي دېگەن، ئۇ قىز بارسا نەدە تۇرىدۇ؟ ياتىدىغان يەرنىڭمۇ تايىنى يوق دېگىنە ئاكا...
ـــ مەشەدىكى قىزلار بىلەن تۇرسا بولىۋېرىدۇ، ئاپتوبۇستا بېرىپ كەلسۇن. كەچتە بۇرۇنراق ئىشتىن چۈشسە بولىدۇ.
ـــ ئۇنىڭ پۇلىنىمۇ مەن چىقىرامدىمەن؟
ـــ مەن چىقىراي،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ تەنە قىلىۋاتقاندەك،ـــ شۇنىڭغىمۇ چۈپەيلىك قىلىپ يۈرسەڭ، ھېلىمۇ لاۋبەن بولۇپ قالغىنىڭ. قارىغاندا خوتۇنۇڭ ھېساباتنىمۇ چىڭ تۇتىدىكەن-دە!
ياسىن ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭ نەق ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋېلىپ گەپتە سوقۇۋاتاتتى.
ــــ ئاغزىڭ يەنە ئېچىلدى-دە، بوپتۇ مەن چۈپەي بولغاچ تۇراي، ئەمما خوتۇنىدىن قورقىدۇ دېگەن گەپنى ئىككىنچى قىلما ئاكا، مەنمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق ئادەم.
ــــ خاپا بولما ئۇكا، چېقىشىپ دەپ قويدۇم، مەن ساڭا ئىشىنىپ ئەركەكتەك دوست تۇتتۇم دېمىسەم، نېمە قىلىمەن بۇ يەردە سەن بىلەن ئىچىشىپ.
ياسىننىڭ كۆڭلى سەل ئېچىلىپ، ئالدىدىكى ھاراقنى گۈپپىدە ئىچىۋەتتى.
ــــ گېپىمىزنىڭ داۋامىغا كېلەيلى،ــــ دېدى غېنى شاڭجاڭ ياسىننىڭ ئەكسىگە يانغان چىرايىغا زەن سالغاچ،ـــ بىزنىڭ قىزلارنىمۇ بىرەر قۇر كۆردۈڭ، كۆڭلۈڭگە ياققىنى بارمۇ؟
كېپىنەك قىزلار شۇ ھامان ياسىننىڭ كۆز ئالدىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، خىيالىدا ھەممىسىنى بىرمۇ بىر باھالاپ چىقتى. ئېسىدە قالغىنى يەنىلا شۇ قىز، تانسا ئوينىغاندا ئۇنىڭ يۇمشاق پۇتىغا نەچچە قېتىم دەسسىۋالغانىدى.
ــــ مەن قىزلىرىڭغا كۆز سېلىپ باھالاپ يۈرمىدىم ئاكا، ئۆزەڭ بىلىپلا بىرنى تونۇشتۇرمامسەن؟
ياسىن بۇنداق دېگەن بىلەن، كۆڭلى ئاشۇ قىزغا تارتىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ قىز باشقا قىزلارغا باققاندا چىرايلىق ئىدى، بېرىشقا ئۇنامدۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى. كۈتۈلمىگەندە غېنى شاڭجاڭ نەق ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تاپتى:
ــــ ھېلىقى ئولتۇرۇشتا سەن بىلەن تانسا ئوينىغان قىز بولامدۇ؟
ياسىننىڭ ئىچى ھاراقتىنمۇ، يا بۇ گەپتىنمۇ ئەيتاۋۇر قىززىپ كەتتى.
ــــ ئاشۇ قىزنى دەمسەن ئاكا، سەن بولىدۇ دېسەڭ بولىدۇ. مەنچىمۇ بولىدىغان قىزدەك كۆرۈنگەن.
غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى سۇس ھاياجان ۋە مەستانلىقنى بايقاپ ئۈلگۈردى.
ــــ ئەمىسە، شۇ قىز بولسۇن، مەن ئەتىلا ئىشنى توغرىلاپ، ئۇنى قېشىڭغا ئېلىپ باراي.
ــــ بۇنىڭغىمۇ سېنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ ئاكا، ئاۋۋال ئۇ قىزنى قايىل قىلمىساڭ بولماس.
ــــ قايىل قىلىمەن، لاۋبەننىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئەسنەپ،ـــ كېتىمەن، ئىشلىمەيمەن دېسە چىرايلىق يولغا سېلىپ قويىمەن.
ــــ سەن دېسەڭ، ئۇ قىزنىڭ كاللىسىدىن ئۆتسە ئاندىن مەن كېلىپ ئەكەتسەم بولاتتى.
ــــ ئۇنداق قىلساقمۇ مەيلى، ئەمما بەك كېچىكىپ كەتمىسۇن. ئاشخاناڭدا بىر كۈن سودا بولسا، بىر كۈن پايدا دېگەن گەپ.
ئىككەيلەن ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ، بىردەم سوقا-سۆھبەت قىلىپلا بىر قىزنىڭ ئەتە-ئۆگۈن ماڭىدىغان يولىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. غېنى شاڭجاڭمۇ، ياسىنمۇ ئېسىل بىر ئىشنى ھەل قىلىۋەتكەندەك خۇشال ئىدى. ياسىن ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغان بولۇپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ ھەمراھلىقىدا خوشلىشىپ ماڭدى، رېستۇراندىن چىقىپ كېتىۋېتىپ بايا گېپىنى قىلىشقان قىزنى كۆرۈپ قالارمەن دەپ ئۇياق-بۇياققا قارىدى، كۆرەلمىدى.
7
ئاشخانىغا چىرايلىق، شوخ بىر قىزنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ھاشىم دوغىلاقنىڭ چۈمۈچلىرى ئويناپ، ساۋۇت بازمەننىڭ قوللىرى تېخىمۇ كۈچلىنىپ كەتتى، گۈلشەن بۇ يەرگە كەلگىنىدىن قاقشىمىدى، ئىشچانلىقى، چىۋەر-چاققانلىقى بىلەن ئىشنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈۋەتتى، بۇرۇنقىدەكلا كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىدىغان ۋە پاكىزلىقنى سۆيىدىغان ئادىتىنى تاشلىمىدى، تار نيۇزەي شىم، قىسقا كوپتا كىيىپ، نازۇك بەدىنىنى تولۇق چىقىرىپ، كۆرگەنلا ئەرنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلىدى. خېرىدارلار خېلىلا ئاۋۇپ قالدى.
گۈلشەن كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ياسىن لاۋبەن ۋەسۋەسە ئىچىدە قالدى، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا ئىدىيە تەييارلىقى بولغاچقا كۆڭلىنى توختىتىۋالدى، خوتۇنى بىلەن بۇ قىزنى سېلىشتۇرغاندا خوتۇنى يەنىلا چىرايلىق ئىدى، ئەمما پۇرىغان گۈلدىن پۇرىمىغان گۈل ئۇز كۆرۈنگەندەك، گۈلشەننىڭ ئۆزىگە خاس جىلۋىسى ئۇنى باشقىچە جەلپ قىلىپ تۇراتتى.
ھاشىم دوغىلاق بۇ پاكىز، چىرايلىق قىز بىلەن "كېسەل" بولۇشتىن ئىلگىرى تونۇشقان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە! ھازىر ئۇ بۇلغانغان، روھى سۇنغان بالاڭزا، ئەتە-ئۆگۈن يۈزىگە ئۇششاق قىزىل بىر نېمىلەر چىقىپ كەتسە كۆرۈڭ، قىزغا تىكىلىپمۇ قارىيالمايدۇ. ئەمما كۈنلەر ئۆتكەنچە ئىش ياخشى تەرەپكە يۈزلەندى، گۈلشەننىڭ بۇ يەردىكى چىرايلىقلىقى ئۇنىڭغا ساتراشخانا مايماقلىرىنى سەت كۆرسىتىۋەتتى. قىزنىڭ ھاياتبەخش ھارارىتى، گۈزەللىكى، ھەرىكەتچانلىقى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تەسىر قىلدىكى، كۆڭلىدىكى ۋەھىمىلەرمۇ خېلى تۈگىدى، ئارقىدىنلا جىنسىي ئارزۇ- ئارمانى، تەشنالىقى كۈچىيىپ قالدى؛ مۇشۇنىڭغا قاراپ ھەتتا ئۆزىنى ساغلام ھېس قىلدى، كىچىك تەرەت قىلغاندا سۈيدۈكلىرىگە سىنچىلاپ قاراپ "مەن ئەيدىز ئەمەس، مانا ساپساقلا تۇرۇپتىمەن" دەپ، كۆڭلىگە تەسەللىي بەردى.
گۈلشەن كېلىپ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئاشخانا سودىسى جانلىنىپ كەتتى، غەللىسىدىكى پۇلنىڭ كۆپىيىۋاتقىنىدىن سۆيۈنگەن ياسىن غېنى شاڭجاڭغا نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇرۇپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى. ئەمما ئايالىغا بۇ ئىشنى دېيىش-دېمەسلىك ئوتتۇرىسىدا تولا ئىككىلەندى. دېمىسە، كەلگەندە بەرىبىر بىلەتتى، بەلكى " نېمىشقا ماڭا بۇرۇنراق دېمەيسىز" دەپ ئورۇنسىزلا گۇمانلىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر دېسە، بىر ئىشلاردىن گۇمانلىنىپ، ئارتۇق خىيالنى جىق قىلىپ، تولا تېلېفون ئۇرۇپ ياسىننى تىنجىتماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئەمما نېمىلا بولسۇن، خوتۇنىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك، ئاشخانىنىڭ ئەھۋالىنى دېيىشى كېرەك، ياسىن ئۇ قىزنى باشقا مەقسەتتە ئېلىپ كىرگىنى يوق، ئىش-ئوقەتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ. خوتۇنى شۇنچە يىل كۇلىدا تۇرۇپ، شۇنچىلىك ئىشنىمۇ چۈشەنمىسە، قانداق بولىدۇ؟...
ئۇ خوتۇنىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتتى.
__بۇنىڭغا باشقا پىكرىم يوق،__ دېدى رەيھان ئېغىر تىنىپ،__ قانداقراق قىزكەن؟ ئىشقا يارامدىكەن؟
__ ئايىغى چاققان قىزكەن، ئىشنى سەندەكلا پاكىز قىلىدىكەن.
ياسىن يەنە " ئالامەت قىزكەن، ئۇ كېلىپلا سودىمىز شۇنداق ياخشى بولۇپ كەتتى" دېمەكچى بولدىيۇ، ئېغىزىنى يىغىۋالدى.
__ ئۇ قىز بۇرۇن قانداق ئىشلەپتىكەن، باشقا نېرى-بېرى ئىشلىرى يوقتۇ؟
__ نېمە ئىشى بولاتتى؟ بىر توپ قىز بىللە ئىشلىگەن تۇرسا...
__ شۇڭا دەيمەن، قىزلار بىر-بىرىنى ئاسان بۇزىۋېتىدۇ.
__ نېمە دەيدىغانسەن ئەمدى، غېنى شاڭجاڭ بىر ئوبدان باشقۇرغان قىزلار تۇرسا ئۇ؟!
__ ئاشۇ ئادەمگە ئەۋلىيادەك ئىشىنىسىز-دە ، بوپتۇ، مەندىن مەسلىھەت سورىمايلا بىر قىزنى ئەكىرىۋاپسىز، ئۆزىڭىز بەگ، ئۆزىڭىز خان بولۇپ راھەتكە چىقىپ قالغانسىز، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىۋېرىڭ.
__ مەن زادى سېنىڭ مۇشۇنداق گەپ قىلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم،__ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ،__ ئادەمدىن ئەنسىرەپلا تۇرىسەن-دە، مەن كىچىك بالا ئەمەس، سەنمۇ مېنىڭ ئانام ئەمەس، شۇڭا گەپنى چىرايلىق دېيىشسەك بولمامدۇ؟ مەن ساڭا بۇ گەپلەرنى ئىشىنىپ تۇرۇپ دەۋاتىمەن، چۈشەندۈرۈۋاتىمەن، يەنە نېمىدىن ئاغرىنىسەن؟
__ مەن سىزنى بىلمىسەمكەن كاشكى...__ دېدى رەيھان يەنە بايىقى تەلەپپۇزىدا،__ يېقىندىن بېرى تېلېفونىڭىز ئازلاپ قالدى، تېلېفون قىلسىڭىز گېپىڭىز ئازلاپ قالدى، ئەمدى تۇيۇقسىز بۇ گەپنى چىقاردىڭىز، سىز ئەزەلدىن ماڭا مەسلىھەت سالماي بىر ئىش قىلمايتتىڭىز، شۇڭا ھەيران قېلىۋاتىمەن.
__ بىر ئىشنى ئەجەپ زىغىرلاپ ئويلاپ كېتىسەن-دە! خوتۇن كىشى نازۇك بولار، لېكىن سەندەك بولماس. ماڭىمۇ ئازراق ئارامچىلىق بەر، ئىچىمنى تولا سىقما، مەنمۇ بىر ئەر كىشىغۇ، بىرەر قېتىم ئۆزەم بىلىپ بىر ئىش قىلسام بۇنىڭ نېمىسى يامان؟
__ بۇنداق قايناپ كەتمەڭ ياسىن،__ دېدى رەيھان ھازىرلا يىغلىۋېتىدىغاندەك تىترەپ،__ سىزنى جاھاندىكى خوتۇن خەقنىڭ ھەممىسىدىن كۈنلەيدىغان شۇنداق يامان مىجەزىم بار، بۇنى بىلىسىزغۇ؟ مەن بۇ يەردە ئانامنىڭ كېسىلى بىلەن ئاۋارە، ئانامنىڭ تۆت-بەش كۈنلۈكىلا قالدى، ئانامنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرساممۇ خىيالىم سىزدە، بىلەمسىز شۇنى؟!
__ ماڭا يىغلاپ بەرمە جېنىم خوتۇن، سېنىڭ شۇ يىغاڭنى ئاڭلىسام لۈكچەكلەردىن ئۆلگۈدەك تاياق يېگەندىنمۇ بەك قىينىلىپ كېتىمەن. يىغلايدىغان ئىشقا يىغلا، ماڭا ئىشەن، بۇ يەردە سەندىن يوشۇرىدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، كەلسەڭ كۆرىسەن، سىڭلىمدەك كىچىكلا قىز، جەمئىيەتتە ئىش كۆرۈپ قالغان قىزلارغا قەتئىي ئوخشىمايدۇ، قارىسام ئاشخانىنىڭ ئىشلىرىغا خېلى پىششىقكەن.
__ چىرايى قانداقكەن؟ چىرايلىقمۇ؟__ دېدى رەيھان توساتتىن.
ياسىن تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن كۆڭلىدە راست يالغان ئارىلىشىپ كەتكەن گەپتىن بىرنى قىلدى:
__ سەندەك چىرايلىق ئەمەس.
__ مىجەزى قانداق؟ شوخمۇ يا يۇۋاشمۇ؟
__ شوخراق قىزكەن، لېكىن يامان شوخلاردىن ئەمەس. يۈرۈش-تۇرۇشى جايىدا، ئەخلاقىدىمۇ مەسىلە يوق.
__ سىزگە يارىغان بولسا بوپتۇ، لېكىن بەك ياراپ كەتمىسۇن، خوتۇنۇم قېشىمدا يوق دەپ ئۇنى ئۆيگە ئەكىرىۋالماڭ.
__ توۋا دېگىن، بۇنداق دېگىنىڭ ماڭا ئىشەنمىگىنىڭ، مېنى ئېشەك، ھايۋان ئورنىدا كۆرگىنىڭ ئەمەسمۇ؟ مەن سېنىڭ كۈنلەمچىلىكىڭنى بىلگەچكە، بۇ گېپىڭگىمۇ مەيلى دەپ تۇرۇۋاتىمەن.
__ خۇدايىم كۆڭلىڭىزگە ئىنساپ بەرسۇن، مەن پەقەت شۇنىلا تىلەيمەن.
__ مەندىن ئەنسىرىمەي، ئانامغا ياخشى قارىغىن.
__ ئانام بىر خىللا ياتىدۇ، قالغان ئىشلار ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت.
گەپ شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى، ياسىن يەلكىسىدىن ئېغىر بىر يۈك غۇلاپ چۈشكەندەك يەڭگىللەپ، تېلېفونىنى ئەتتى. ئاشخانىغا قايتىپ كىرىپ، ئۇ ياقتىن بۇياققا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئىشلەۋاتقان گۈلشەنگە قاراپ مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈمسىرىدى.
چۈشتىن كېيىن ئادەم سېلىككەندە لاۋبەن سەتەڭ تاماق يېگىلى كىردى. گۈلشەننىڭ باش-ئايىغىغا ئوبدان قارىدى، ھەۋەس بىلەن ھەسەد ئارىلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىدە ئېسىلزادىلەرچە مەغرۇرلۇق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
__ نېمە يەيسەن؟__ دېدى گۈلشەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ.
__ لاۋبىنىڭ بۆرەك كاۋاپ قىلىپ بەرسۇن.
__ لاۋبەن بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن، كەچتە كېلىدۇ.
__ ئەمىسە بىر تەخسە بۆرەك قورۇپ بەرسۇن.
__ بۇنداق سەي يوق.
__ نېمىشقا يوق؟__ دېدى لاۋبەن سەتەڭ تاماق تىزىملىكىنى جوزىغا تاشلاپ،__ ئۆتكەندە ئاشپەز بالا قورۇپ بەردىغۇ؟
گۈلشەن ئۇنىڭ جېدىلىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ھاشىم دوغىلاقنى ياتىقىدىن چاقىرىپ كەلدى. لاۋبەن سەتەڭ ھاشىمنى كۆرۈپ چىرايى ئېچىلدى.
ھاشىم ئۆتكەنكىدەك قىلىپ، بىر تەخسە بۆرەك كاۋاب قورۇپ بەردى، پىۋىنى ئاغزىدا ئەمەس، چوكىدا قىسىپ ئاچتى.
__ بىرەر ئىستاكان ئىچىپ قويامسەن؟ __ دېدى سەتەڭ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق نەزەرىدە تىكىلىپ.
__ ئىچمەيمەن، ھازىر ئىچسەم بولمايدۇ.
__ ئەمىسە ماڭا پاراڭ قىلىپ بەر، ئۆتكەندە بىر ئوبدان پاراڭ قىلىۋاتاتتىڭ.
__ ئۇ چاغدا مەست بولۇپ قاپتىكەنمەن، نېمە دېگەنلىكىم ئېسىمدە يوق.
__ قۇرۇق گەپ! مەنمۇ مەستقۇ، ئەجەپ مېنىڭ ئېسىمدە قاپتىغۇ دېگەن گەپلىرىڭ.
__ راست دەيمەن، پەقەت ئېسىمدە يوق.
__ مەن بىلەن ئوينايمەن دېدىڭ، مەن مىڭ كوي بېرىسەن دېدىم، قانداق، ئەمدى ئېسىڭگە كەلدىمۇ؟
ھاشىم ئەتراپىغا بىر قارىۋەتتى، گۈلشەن تالاغا چىقىپ كېتىپ كىرمىگەنىدى.
__ ھە... ئېسىمگە كەلدى، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى..
__ 500 كويغا چۈشۈرۈپ بەرسەم ئوينامسەن؟
ھاشىم دوغىلاق شۇ ھامان قىززىپ، ئارقىدىن يەنە سوۋۇپ كەتتى.
__ جىم تۇرىسەنغۇ؟ ھالىڭ شۇنچىلىكمىدى!
__ ئۇنداق ئىشنى قىلمايتتىم، ئۇ كۈنى مەسلىكتە دەپ ساپتىمەن.
__ قويغىنا سېنى، قارىغاندا مەستلا يۈرسەڭ بولغىدەك. ئوينايمەن دېسەڭ مەن تەييار، لېكىن 500 كويدىن تۆۋەن بەرسەڭ بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا بىكارغا يېتىپ بەرگەن بولىمەن.
ھاشىمنىڭ قىزىقىشى سۇسلاپ، بۇ گەپلەرنى پەقەت ئاڭلىغۇسى كەلمىدى، گۈلشەن كىرىپ قالارمۇ دەپ ئىشىككە پات-پات قارايتتى.
__ يېڭى كەلگەن كۈتكۈچى ياسىننىڭ نېمىسى؟ ئاشنىسىما؟__ دېدى سەتەڭ بىر ئىستاكان پېۋىنى قورۇقدىۋەتكەندىن كېيىن ئاغزىنى سۈرۈپ.
ھاشىم ئورنىدىن قوپۇپ كەتتى، بۇ سەتەڭ ياسىن لاۋبەننىڭ بىر نېمىسى بولمىسا نېمىدەپ بۇ گەپنى چىقىرىدۇ؟
__ ياق، سىڭلىسى،__ دېدى ئۇ قاتتىق تەلەپپۇزدا.
__ "بياۋ مېي" دېگىن،__ دېدى سەتەڭ مەسخىرىلىك كۈلۈپ،__ ئۇنىڭ قانداقلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟
__ ئىشقىلىپ، ئۇنداق ئىش يوق!
__ بولسا نېمە بوپتۇ، مېنىڭ نېمە كارىم،__ دېدى ساتەڭ ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك غۇدۇرلاپ،__ ئەمما چىرايلىق نېمىكەن، شىنجاڭلىق دېگەنغۇ شۇنداق كېلىدۇ. بۇ ياسىن دېگەنمۇ چىرايلىققا تويمايدىغان نېمىكەن، خوتۇنى كېتىپلا بۇ قىزنى تېپىۋاپتۇ...
لاۋبەن سەتەڭ، بىر تەخسە بۆرەكنى يەپ، بىر قۇتا پىۋىنى قۇرۇقداپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن قوپتى. شۇ ئەسنادا گۈلشەن سىرتتىن كىردى. سەتەڭ دەرھال سومكىسىدىن بىر تال كارتوچكا ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى:
__ سىڭلىم، باياتىن سەل قوپاللىق قىلىپ قويۇپتىمەن، كۆڭلۈڭگە ئالما. بۇ بىزنىڭ باش شىركەتتىن تارقاتقان ئېتىۋار باھالىق كارتا، ئۇدۇلدىكى تارماق دۇكان بىزنىڭ، قارا، ۋېۋىسكىسىنى ئوبدان كۆرۈۋال. قاچان ۋاقتىڭ يەتسە كەل، ئەرزان قىلىپ بېرىمىز. ئەگەر سۈرەتلىك ئېلانغا چىقىپ بەرسەڭ تېخىمۇ ياخشى، ھەققىڭنى ئوبدان بېرىمىز.
گۈلشەن كارتىنى قولىغا ئېلىپ، "رەھمەت" دەپ قويدى. لاۋبەن سەتەڭ كۈلۈپ قويۇپ، ئاۋايلاپ دەسسەپ دۇكىنىغا ماڭدى.
ھاشىم دوغىلاق گۈلشەنگە قاراپ قويۇپ، ياتىقىغا ماڭدى، قىز بىلەن پاراڭلاشقۇسى بار ئىدى، ئەمما نېمىلەرنى دېيىشىدۇ؟ قىز ئۆزىنىڭ ئەپتىگە يارىشا سەل مەغرۇر ئىدى، ياسىن لاۋبەننى كۆرسە كۈلۈمسىرەپ، گەپ قىلىپ تۇرغان بىلەن، ھاشىم دوغىلاققا ئادەتتىكىدەك، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ناچارراق مۇئامىلە قىلاتتى. ھاشىم بۇ يەردە قولاشمىغان پاراڭ سېلىپ تۇرغاندىن كۆرە ياتىقىغا كىرىپ، بىر تال چېكىۋېلىپ، گۇلشەننىڭ بەدىنىنى خىيال قىلغاچ ئۇخلاشنى ئەۋزەل كۆردى.
گۈلشەن دېرىزە يېنىدىكى جوزىغا كېلىپ، سىرتتىكى ساتراچخانىلارغا، بايىقى لاۋبەن سەتەڭ كۆرسەتكەن دۇكانغا قارىغاچ خىيال سۈرۈپ ئولتۇردى، ئۇيقۇسى كەلدى، ئارام ئالىدىغان جايى بولمىغاچقا جوزىغىلا بېشىنى قويۇپ بىر دەم يېتىۋالدى. ئۇزاق ئۆتمەي ياسىن ئاشخانىغا كېلىپ، گۈلشەننىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالدى؛ شەپە چىقارماي بېرىپ توڭلاتقۇدىن بىر قۇتا مېنىرال سۇ ئېلىپ ئىچتى، قىززىپ كەتكەن ئىچى بىر ئاز ئارام تاپتى. گۈلشەن دەرسىخانىدا ئۇخلاۋاتقان ئوقۇغۇچى قىزدەك پاكىز، ئوماق، يېقىملىق ئىدى، ئويغاقلىقتا بىلىنمىگەن گۈزەللىك ئۇيقۇلۇقتا تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ سېھىرلىك كۆرۈنەتتى. ياسىن ئۇنىڭغا مەستانىلارچە قاراپ قالدى، قىزنىڭ نازۇك بويۇنلىرىغا يۆگىشىپ چۈشكەن چاچلىرىنى تۈزەپ قويغۇسى كەلدى. ئاندىن ئۇنىڭ قولتۇقى ئاستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان، قاچانلا قارىسا ئىشتىھا قوزغايدىغان ئالمىدەك كۆكسىگە تىكىلىپ قالدى. ئادەتتە كۆڭۈلنىڭ بىر يېرىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدىغان، پەيتى كەلگەندە تۇيۇقسىز ئاشكارىلىنىدىغان ۋەسۋەسىدىن ئېسەنكىرەپ، ئورنىدىن قوپۇپ كەتتى، ئۆيىگە كىرىپ ياتتى، قوش كىشىلىك كارىۋاتتا بىر ياستۇق بىكار تۇرۇپتۇ، بۇنى ئېلىپ چىقىپ گۈلشەننىڭ بېشىغا قويۇپ بەرسۇنمۇ؟ ياكى ئۇنى مەشەگىلا چاقىرسۇنمۇ؟ ياسىن بۇ خىيالىدىن چۆچۈپ، خوتۇنىنى ئەسلىدى. رەيھان ئۇنىڭغا جىددىي تىكىلىپ تۇراتتى: مېنىڭ ياستۇقۇمدا ئۇ پاسكىنىنىڭ نېمە ھەققى بار؟ ئەگەر ئۇنىڭ بىر تال چېچىنى كۆرۈپ قالىدىكەنمەن، شۇ چاچتا گېلىڭىزنى بوغىمەن....
ئەمما ياسىن خىيالىنى باشقۇرالمىدى، ۋەسۋەسىلىرىنى تۈگىتەلمىدى، گۈلشەننىڭ جەلپكار بەدىنىنى، بۇنىڭغا باغلىنىپ كەتكەن شىرىن ئىشلارنى ئويلاشقا باشلىدى؛ ئۇخلىيالماي، ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چەكتى. بۇ ئىچ پۇشۇغى بۈگۈنلا باشلانغان ئەمەس، ئەمما بۈگۈنكىسى يامانراق بولدى، خوتۇنىنىڭ يوقلۇقى شۇنچە بىلىنىپ كەتتى، ئەمما گۈلشەن پەيدا بولغاندىن بېرى خوتۇنىنىڭ بالدۇرراق كېلىشىگە ئانچە تەشنا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. خوتۇنى كەلسە نەپسى قانىدۇ، ئەمما باش ئاغرىقى چىقىدۇ. ياسىننى ھەر كۈنى شۇ قىزدىن كۈنلەپ ئارام بەرمەيدۇ، كۈندۈزى ئىككەيلەن بەلكىم سەتلىشىپ قالىدۇ، كېچىسى بىر-بىرىگە تەتۈر قاراپ ياتىدۇ. خوتۇنىنىڭ مۇشۇ كۈندەشلىكى، گۇمانخورلۇقى بولمىغان بولسا ئاجايىپ گۈزەل خوتۇن بولاتتى-دە، ئۇنىڭ مۇشۇ يەردە كاللىسى ئىشلىمەيدۇ، بۇنى تېخى ئېرىنى ياخشى كۆرۈش دەپ تۇرۇۋالىدۇ، ياسىننى تەسىرلەندۈرمەكچى بولىدۇ، ئەمما ياسىن بۇنىڭدىن تەسىرلىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بارغانسېرى بىزار بولۇشى مۇمكىن... شۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش، جېدەل-ماجرا چىقىشى مۇمكىن...
ياسىن بۇلارنى ئويلاپ غەمگە چۆكتى، ئىككى چىرايلىقنىڭ ئارىسىدا ھامان قىسىلىدىغانلىقىنى، كۆڭۈلسىزلىكتىن ئىچى سىقىلىدىغانلىقىنى پەملەپ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئويلىدى. بىردىنبىر ئامال، گۈلشەننى كەتكۈزۈۋېتىش ئىدى، ئەمما ياسىن نېمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ خوتۇنىدىن قورقۇپلا شۇنداق قىلامدۇ؟ ئائىلىدە راۋرۇس ئەر، ئاشخانىدا خوجايىن تۇرۇپ، خوتۇنىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان لامزەللە ئەر بولۇپ قالامدۇ؟ غېنى شاڭجاڭنىڭ، ھەتتا گۈلشەننىڭ ئالدىدىمۇ يۈزى تۆكۈلسە بولامدۇ؟
لېكىن گۈلشەن داۋاملىق ئىشلەۋەرسىچۇ؟ خوتۇنىنىڭ ئۇششاق گېپى تۈگىمەيدۇ، كەيپىيات ياخشى بولمايدۇ، ئاچچىقتىن كۈتۈلمىگەن ئىشلار، زىيان-زەخمەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئىش-ئوقەت ئىلگىرى باسمايدۇ...
ياسىن بۇ غەملەردىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى تېپىپ بولالماي، « مەيلى نېمىلا بولسا باشقا كەلگەننى كۆرەي» دەپ ئويلىدى.
ھاشىممۇ خۇددى ياسىن لاۋبەندەكلا شىرىن خىيال سۈرۈپ، ئارقىدىن كېسىلىدىن غەم قىلىپ، بىچارىلىك ۋە غېرىبلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئۇخلاپ قالغانىدى.
گۈلشەن بىر چاغدا چالا ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئەتراپقا زېرىكىشلىك نەزەردە قاراپ قويدى. ئۇنىڭ كۈنلىرى ئەمدى مۇشۇندااق ئۆتەرمۇ؟ ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا، ھېچكىم ئۇنى قەدىرلىمىسە بۇ قانداق تۇرمۇش؟ كۈندە چۈشتىن بۇرۇن كېلىۋاتقان، چۈشتىن كېيىن جوزىنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلاۋاتقان، كېچىدە ھارغىن قايتىۋاتقان، سەل كەچ قالسا قورقۇپ ياتىقىغا ئاران بېرىۋاتقان... ئۇ بۇ يەرنىڭ نېمىسىنى ئارزۇلايدۇ، ئىش ھەققىنىمۇ؟ ئىشقا ئېپى يوق، ئاغزىدا گېپى يوق گومۇش تازلارنىمۇ؟ شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ يەردە ياسىن لاۋبەندەك قاملاشقان، يۈرۈشى بار، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بىرسى بولمىغان بولسا، گۈلشەن بىر كۈنمۇ تۇرمىغان بولاتتى. ئۇ ياسىن لاۋبەن بىلەن تانسا ئوينىغاندىلا ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى. نېمىشقا ياقتۇرۇپ قالغىنىنىڭ سەۋەبىنى قاتارغا تىزىپ باقتى: بويى ئىگىز، غېنى شاڭجاڭدەك تاز ئەمەس، مەستلىكتىمۇ نۇرى ئۆچمەيدىغان بىر جۇپ قارا كۆزى بار، ئىچىدىن پاكىز كۆرۈنىدۇ، گەپلىرى تېتىملىق، قوشۇمىسى تۈرۈلسىمۇ يېقىملىق...
گۈلشەن بۇ ئەسنادىمۇ ياسىننىڭ تۇرقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، مەستانىلەرچە خىيال سۈردى. شۇنچىلىك شەخسىيەتچىلىك بىلەن خىيال سۈردىكى، ياسىن لاۋبەننىڭ خوتۇن-بالىسىنىمۇ كاللىسىدىن ھەيدەپ چىقاردى. ياخشى كۆرۈش دېگەن شۇنداق غەلىتە بولامدىكىن، گۈلشەن ياسىن لاۋبەننى ئۆزىنىڭ تاتلىق ھېسلىرىغا دائىم قېتىۋالاتتى. ياسىنغا ئالدىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۆزىنى باردەك سېزەتتى، كەينىدىن قارىغاندا ئۇنى كەينىدىن قۇچاقلاپ تۇرغاندەك ھېس قىلاتتى، ھامان بىر كۈنى شۇنداق بولىدۇ دەپ ئويلايتتى. ياسىننىڭ چىرايىغا يوشۇرۇن كۆز تىكەتتى، ھېچ ئىش يوقتەك كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بىلەن بۇنىڭ قېتىدا چوڭقۇر ھېسسىيات جۇش ئۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزلىق غۇرۇرى ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ تۇراتتى، ئۆزىنى تۇتالماي بەك ئەركىلىپ كەتسە ياسىنغىلا ئەمەس، قازان بېشىدىكى گومۇشلارغا شاللاق كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇپ، پەيتى كەلگەندە ئاشكارىلاشقا تەييار تۇراتتى.
گۈلشەن شۇنداق ئۇيقۇچان ئولتۇرغاندا، ھۇجرىسىنى ئىسلاپ بولۇپ چىققان ياسىن ئۇنىڭ ئويغانغانلىقىنى كۆرۈپ يېنىغا باردى.
__ بايا قارىسام ئۇخلاپ قاپتىكەنسىز، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى، سىزنى جاپادا قويغىنىمدىن خىجىلمەن...
__ ھېچقىسى يوق،__ دېدى گۈلشەن ياسىنغا يېقىملىق باققاچ چېچىنى تۈزەشتۈرۈپ،__ بۇنچىلىك جاپالارغا كۆنۈپ كېتىمىز.
__ سىزگە ياتاققۇ ھەل قىلىپ بېرەلمىدىم، ۋاقىتلىق ئارام ئالىدىغان بىر يەر بولسىمۇ تېپىپ بەرسەم بولاتتى...
__ شۇ تېپىپ بەرسىڭىز بولاتتى، __ دېدى گۈلشەن ئاكىسىغا غەلۋە قىلىۋاتقاندەك ئەركە سىڭىلچاقتەك.
بۇ گەپتىن ياسىننىڭ كاللىسى ئىختىيارسىز قىززىپ كەتتى:
__ يا بولمىسا بىزنىڭ دالان ئۆيدە سافا بار، دەنشى كۆرگەچ شۇ يەردە ئارام ئالسىڭىزمۇ بولاتتى...
__ مەيلى...__ دېدى گۈلشەن خۇشاللىق بىلەن،__ بىر چوڭ قىيىنچىلىقمنى ھەل قىلدىڭىز -دە.
گۈلشەننىڭ بۇنداق ئاسان قوشۇلۇشى ۋە خوش بولۇپ كېتىشىنى ياسىن ئويلاپ باقمىغانىدى، دېگەن گېپىدىن يېنىۋالالمىدى.
__ بۇنداق قىينىلىپ يۈرسىڭىز ئادەم بىر خىل بولۇپ قالىدىكەن...__ دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قارارىنى ئاقلاپ.
__ ماڭا كۆيۈنگىنىڭىزگە رەھمەت.
__ ئۇنداق دېمەڭ، سىزمۇ ياخشى ئىشلەۋاتىسىز.
__ مېنى مۇشۇنداق ياخشى ئىشلەيدۇ دەپ ئېلىپ كەلگەنسىز؟__ دېدى گۈلشەن ئۇنىڭغا مەنىلىك قاراپ،__ مېنى غېنىكام تونۇشتۇردىمۇ يا ئۆزىڭىز تەلەپ قىلدىڭىزمۇ؟
قىزنىڭ كۆزلىرى «ئوتتۇرىمىزدا بۇرۇنلا بىر ھېسسىيات پەيدا بولغانمۇ قانداق؟» دەۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ ياسىن ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى دەرھال دەۋېتىشنى خالىمىدى، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ غېنى شاڭجاڭدىن بۇنى دەسلەپتە يوشۇرغانىدى، غېنى شاڭجاڭ گۈلشەننى دېگەندە ئاندىن بۇ ھېسسىياتىنى ئېتىراپ قىلغان، خۇشال بولغانىدى.
__ غېنى شاڭجاڭ تونۇشتۇرغان،__ دېدى ئۇ قىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىككە تىرىشىپ،__ مەنمۇ دەرھال قوشۇلغان.
__ دېمەك، مېنى ئانچە يامان كۆرمەيدىكەنسىز-دە!
ياسىن كۈلۈپ تۇرغان قىزنىڭ شوخلۇقى، گەپتىكى چاققانلىقىغا مەستلىكى كەلدى.
__ سىز بىلەن تانسا ئوينىغاندا ئېسىمدە بەك قاپتىكەنسىز،__ دېدى ياسىن خوتۇنىنى بىر دەم ئۇنتۇپ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ،__ كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغانتىڭىز. شۇڭا غېنى شاڭجاڭ سىزنى دېگەندىلا مەن ماقۇل دېگەن.
گۈلشەن بۇ گەپتىن قانائەتلەندى، چىرايى شادلىقتىن تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ گۈزەل جىلۋىلەندى.
8
ھاشىم دوغىلاقنىڭ ئەيدىز ۋەھىمىسى پەسىيىپ قالدى، بۇنىڭغا ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى، ئەركەك قوينىڭ تاشىقىنى بۇرۇنقىدەك كۆپ يەۋالمىسىمۇ، ئاندا-ساندا يەپ قويىدىغان بولدى، قارىسا ساپمۇ ساق، تېتىك يۈرۈۋاتقان، شىرىن خىياللارنى بولدى دېگۈچە سۈرۈۋاتقان... ئۇنىڭ گۈلشەنگە غايىۋى رەھمىتى بار ئىدى، چۈنكى بۇ قىز ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ، جۇشقۇن ھەۋەس شەكىللەندۈرگەن، بۇ ھەۋەستە ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىد بار ئىدى. ئۇ گۈلشەننى ھەر كۆرگەندە بىر رەت كۆز زىناسى قىلاتتى، جىنسىي تەسەۋۋۇرلىرى قايتىلىنىپ، يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ تۇراتتى، ھېسسىياتى دېڭىز دولقۇنىدەك مەۋج ئۇراتتى، ھەۋەسكە تولغان ۋۇجۇدى شىرىن تۇيغۇلاردا ئۇيۇشۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ بۇ تەشنالىقى، سەزگۈرلۈكى، ھەتتا سەۋدالىقى ئۆزى بىلەنلا قالدى، بۇ ئازاب دېسە ئازاب ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان ئىزتىراپ ئىدى، گۈلشەن " قانداق قارىساڭ قارا، ماڭا ئېرىشەلمەيسەن" دېگەندەك پەرۋاسىز يۈرىۋېرەتتى، گەپ قىلسىمۇ ئىش ئۈستىدىكى گەپتىن باشقا ھېچنېمە دېمەيتتى.
__ بۇ گۈلشەن دېگەن نېمىنى سەل ھاكاۋۇر كۆردۈممەن،__ دېدى ھاشىم بىر كۈنى ياتاقتا ساۋۇتقا دەرت تۆكۈپ،__ سەنچە قانداق؟
__ چىرايلىقنىڭ ھەممىسى ھاكاۋۇر، بۇنى بىلمەمتىڭ؟
__ لېكىن بۇ يەر كۇلى تۇرسا... مۇشۇنچىلىكلا ئادەمغۇ بىز؟
__ كۇلى بولسىمۇ ئوخشاش، ئۈرۈمچى بولسىمۇ ئوخشاش، چىرايلىق قىز نەگىلا بارسا قاش-كۆزىنى بوياپ، بوينىنى تولغاپ يۈرۈيدۇ.
__ قوڭىنىمۇ تولغايدۇ دېگىنە...__ دېدى ھاشىم ھىجىيىپ،__ مەن بۇ كاساپەتكە كۆيۈپ قالدىممىكىن دەيمەن، كۆرمىسەم كۆرگۈم كېلىدۇ، كۆرسەم زۇۋانىم تۇتۇلۇپ قالىدۇ، ئاندىن ئۆزەمگە ئاچچىقىم كېلىدۇ، نېمانچىۋالا قىلىپ كېتىمەن دەيمەن...
__ شۇ ئەمەسمۇ!__ دېدى ساۋۇت ئۇنى ساز قىلىۋاتقاندەك،__ نېمانچە قىلىپ كېتىسەن ئۇنىڭغا!
__ سەنچۇ؟ سەن ئۇنى ئويلىمامسەن؟
__ مەن تېخى ئويلىمىدىم، ئويلىسام ئۇنى قىلماي قويمايمەن،__ دېدى ساۋۇت تۈرگۈن قىياپەتتە،__ سەن ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلمايۋاتىسەن، گۈلشەنگە گېپىڭ بولسا ئوچۇق دە، ئۇنىمىسا كاچاتتىن ئىككىنى قوي. بىلىپ قوي، خوتۇن خەق دېگەن تاياققا ئۆچ ئەمەس، غىلجىڭلىققا ئۆچ. سەندە ئازراق خېنىم مىجەزلىك بار، بۇنى تۈزەتمىسەڭ ئىشىڭ ئاقمايدۇ.
__ بىرسىنى بەك ئويلاپ كەتسەڭ سەنمۇ شۇنداق بولۇپ قالىسەن،__ دېدى ھاشىم سەل تېرىكىپ،__ سەندىغۇ ھېسسىيات دېگەن نەرسە يوق...
__ ھېسسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمە بالاڭزا، كىرسەڭ چىقالماي قالىسەن...
__ سەن كۆڭۈل دېگەننى چۈشىنەمسەن؟
__ سەندە كۆڭۈل دېگەن نەرسىمۇ بارمۇ؟__ دېدى ساۋۇت مەسخىرىلىك كۈلۈپ،__ ھەۋىسىڭ تۇتقاندا كۆڭۈل دەيسەن، نەپسىڭ قانغاندا ھەممىسى يوقايدۇ. بۈگۈن گۈلشەنگە كۆڭۈل بەرسەڭ، ئەتىسى ئۇدۇلدىكى مايماقلارغا كۆڭۈل بېرىدىغان نېمىسەن!
ھاشىم تۇرۇپلا قالدى، ساۋۇت ئادەتتە جىممىدە يۈرگەن بىلەن، پەيتى كەلگەندە ھەممە گەپنى ئالدىن ئويلاپ قويغاندەك سۆزلەيتتى، مانا ئۇ نەق جاۋاب بېرىپ ھاشىمنى ئوسال قىلدى.
__ راست دەيسەن،__ دېدى ھاشىم ئۆزىنى ئوڭشاپ،__ كۆڭۈل دېگەن شۇ ھەۋەس دېگەن گەپ، ھەۋىسىڭ ئۆلسە ھېسسىياتمۇ بولمايدۇ.
__ مەنمۇ شۇنى دەپ قوياي، ھەۋىسىڭنى قاندۇرۇۋالساڭلا ھېسسىياتمۇ تۈگەيدۇ، شۇڭا بۇ ھېسسىياتىڭغا ئىشەنمە. كۆڭۈل دەپ ئۆزەڭنى ئالدىماي، ئوينايمەنلا دېگىن. كۆيۈپ قاپتىمەن دېمەي، ھەۋىسىمنى باسالمايۋاتىمەنلا دېگىن.
__ سەن گۇيغا گەپ قىلمىدىم،__ دېدى ھاشىم كارىۋىتىغا يانپاشلاپ،__ مىڭ دېسىمۇ چۈشەنمەيدىكەنسەن...
__ سەن ئۇنىڭ نېمىسىگە كۆيۈپ قالدىڭ؟ قىزلىقى بارمىكەن؟__ دېدى ساۋۇت ئۇنى قەستەن جىلە قىلىۋاتقاندەك.
__ سەنچە بارمىدۇ؟
__ مەن سەندىن سوراۋاتىمەن.
__ مەن نەدىن بىلەي، سىناپ باققاندا بىلگىلى بولىدۇ.
__ ما گۇينى، سىناپ باقىدىغانغا سېنىڭ ئېلىپ قويغان خوتۇنۇڭمىدى؟
__ تېگەي دېسە ئالاتتىم.
__ قىزلىقى بولمىسىمۇ ئالامسەن؟
__ ئالىمەن،__ دېدى ھاشىم قەتئىي ھالدا،__ ماقۇل دېسىلا ئالىمەن.
__ ئۆتۈپ كەتكەن ماز نېمىكەنسەن،__ دېدى ساۋۇت كۆزىنى چەكچەيتىپ،__ سەندەك ماز نېمىلەرنىڭ دەستىدىن ساق بىلەن بۇزۇقنىڭ پەرقى قالمىدى ھازىر!
ھاشىم تۇرۇپلا قالدى، ساۋۇتتىن بىر قېتىم دەككىسىنى يېگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قۇيرۇق تۇتقۇزىدىغان بولۇپ قالغانىدى. دېمىسىمۇ، ئۇ نېمىشقا بۇنداق ماز گەپ قىلىدۇ؟ ساتراشخانىدا ئەجەللىك مەرەزنى يۇقتۇرۇپ چىقتىم دەپ ئۆزىنى پەس كۆرۈۋېرىپ، ئاشۇنداق پەسلىشىپ كەتتىمۇ يا!
بۇ چاغدا گۈلشەن ئىچى پۇشقان ھالدا ياسىننىڭ دالان ئۆيىدە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ياسىن ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ قويۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتكەنچە كىرمىدى. گۈلشەن يالغۇز ئولتۇرىۋېرىپ زېرىكتى، تېلىۋىزورنى ئۆچۈرىۋېتىپ بىر دەم ياتتى، ئەمما ئۇخلىيالمىدى، يۈرىكى رېتىمسىز سوقۇپلا تۇراتتى، بىكار ئولتۇرغىچە بۇ ئۆينى رەتلەپ، تازىلاپ قوياي دەپ ئويلىدى، شۇنداق قىلسا دىققىتىنى يىغالايتتى، ئۆزىمۇ ئارام تېپىپ قالاتتى. ئۇ ياسىننىڭ خوتۇنى كېتىپ، سەل قالايمىقانلىشىپ، ئەخلەتلىشىپ قالغان ئۆينى بىر دەمدە تازىلاپ چىرايلىق قىلىۋەتتى. ئاندىن ئىچكىرىكى ئۆيگە__ ياسىننىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ باققۇسى كەلدى، گۈلشەن بۇ ھۇجرىنىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن تازىلىۋەتسە ياسىن باشقىچە چۈشىنىپمۇ ئولتۇرمايتتى، تازىلىقچى ياللاپ ئىشلەتسىمۇ ئىشلىتىدۇ، گۈلشەن تازىلاپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ گۈلشەن بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ باقتى، تاقاق ئىدى. دېمەك، ياسىن گۈلشەنگە تېخى باغرىنى تولۇق ئاچمىغانىدى، خوتۇنىدىن قورققانىدى، يا بولمىسا ئۆيىنىڭ ئىچىدىكى مال-دۇنياسىدىن ئەنسىرىگەنىدى. گۈلشەن بۇنى توغرا چۈشەندى، ئەمما نېمىشقىدۇر بۇ ھۇجرىنى راستىنلا كۆرگۈسى كېلىپ كەتتى. ئادەتتىمۇ كۆڭۈللۈك بىر ئىشنى قىلاي دېگەندە قىلالماي قالسا ئۇنىڭ ئىچى تىتىلداپ، بىئارام بولۇپ كېتەتتى. ئۇ ئۆزىنى ئامالسىز بېسىۋېلىپ، سافاغا كېلىپ ئولتۇرغاندا ياسىن ئۆيگە كىردى.
__ دەنشى كۆرمىدىڭىزما؟
__ قىزىق ئەمەسكەن،__ دېدى گۈلشەن ياسىننى كۆرۈپلا ئىچ پۇشۇغىنى ئۇنتۇپ.
__ يا ئۇخلىماپسىز، بۇ يەردىغۇ ئانچە ياخشى ئۇخلىغىلى بولمايدۇ.
__ ئۇيقۇم كەلمىدى،__ دېدى گۈلشەن تېلىۋىزورنى قايتا ئېچىپ.
ياسىن يۈرەك سوقۇشلىرىنىڭ تېزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، گۈلشەننىڭ ئورنىدا خوتۇنى رەيھان بولغان بولسا سافادىن كۆتۈرۈپلا ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرگەن بولاتتى، شەھۋەت قانلىرى ئويناقلاپ ئاققىنىچە ھاياجاندا بىرلىشىپ، ئەسەبىي ھېسسىياتلار ئەۋجىگە چىقاتتى.
__ سىزدىن سورىمايلا ئۆيىڭىزنى تازىلاپ قويدۇم،__ دېدى گۈلشەن ياسىننىڭ قېتىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئوماققىنە كۈلۈپ قويۇپ،__ يەڭگەم بولمىغاندىكىن ئۆيىڭىزنى پاكىز تۇتۇپ بولالمايسىز، بۇنداق ئىشقا مېنى چاقىرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ياسىن ئۆينىڭ ئىچىگە دىققەت بىلەن نەزەر تاشلاپ، ئارقىدىنلا گۈلشەننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ سۆيۈنۈپ كەتتى. ئىچ-تېشىدىن پاكىزلىق، گۈزەللىك، ئىشچانلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇنداق قىز نەدە بار؟
__ ئالامەت قىلىۋېتىپسىزغۇ بۇ ئۆينى! __ دېدى ئۇ ھاياجىنىنى سەل بېسىۋېلىپ،__ ئارام ئېلىڭ دېسەم يەنە بىكار تۇرماپسىز-دە!
__ بىكار ئولتۇرغىچە بىكار ئىشلە دەپتىكەن، يۇيىدىغان كىرلىرىڭىز بارمۇ؟ يۇيۇپ بېرەي.
__ ياق، ياق، بۇ ئىشقىمۇ سىزنى ئاۋارە قىلىمەنمۇ؟__ دېدى ياسىن سەل ھودۇقۇپ، ئاندىن تۇرۇپلا " بۇ قىز خوتۇنۇمنىڭ ئورنىنى باسىمەن دەمدۇ نېمە؟" دەپ ئويلاپ قالدى.
__ باشقىچە چۈشىنىپ قالماڭ،__ دېدى گۈلشەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تۇيغاندەك، __ يەڭگەم كەلگىچە ئۆي خىزمەتچىسىنىڭ ئورنىدا ئىشلەپ تۇراي دېدىم، ئەگەر مېنى يات كۆرۈپ قالسىڭىز بۇنىڭغا ئامالىم يوق.
__ ياق، ياق، سىزنى ھەرگىز يات كۆرگىنىم ئەمەس،__ دېدى ياسىن گۈلشەننىڭ ئەستايىدىل قىياپىتىدىن خىجىل بولۇپ،__ سىزنى بۇنداق ئىشقا سالسام بولماس دەيمەن...
__ مانا مۇشۇ مېنى يات كۆرگىنىڭىز ئەمەسمۇ،__ دېدى گۈلشەن ئۇنىڭغا مۇلايىم نەزەردە تىكىلىپ،__ بىز بۇ يەردە قانچىلىك ئادەم؟ بىر-بىرىمىزنىڭ ھالىغا يەتمىسەك كىم يېتىدۇ؟ ئەگەر ياخشى كۆڭلۈمگە ئىشەنمىسىڭىز، جاھاندا بىكارلىق ئىش بولمايدۇ دەپ ئويلىسڭىز، ئىش ھەققىمگە ئازراق قېتىپ بېرىڭ، بولامدۇ؟
ياسىن گۈلشەننىڭ گېپىدىن ئويلىنىپ قالدى، دېمسىمۇ توغرا، ئىككى تۆت تال ئۇيغۇر بىر-بىرىگە كۆيۈنمىسە، كىم كۆيۈنىدۇ؟ تالاغا چىقسا خەقلەر ئوغرىدەك قارىسا، ئۆز ئىچىدە بولسا بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىپ، خۇدۇكسىرەپ يۈرسە، جاھاندا بۇنداقمۇ بىچارىلىك، ھاماقەتلىك بولامدۇ؟
__ تازا ئوبدان گەپ قىلدىڭىز،__ دېدى ياسىن بىر مۇھىم ئىشنى چۈشەنگەندەك روھلىنىپ،__ ئۆينىڭ تازىلىق ئىشلىرى ئەمىسە سىزگە قالدى، ما ئۆينىمۇ ئېچىپ بېرەي، ۋاقتىڭىز چىققاندا تازىلاپ قويۇڭ. كىرنى خوتۇن كەلگەندە ئۆزى يۇيسۇن. ئۆي تازىلىغان ئىش ھەققىڭىزنى چوقۇم بېرىمەن.
گۈلشەن رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى.
شۇنداق قىلىپ، ياسىن ئايرىم ھۇجرىسىنى ئۆزىنىڭ ئىچ-باغرىنى ئاچقاندەك ئاچىدىغان، ئۆزلىرىگىلا تەۋە دۇنيانىڭ ھاۋاسىدىن بۇ قىزنى نەپەسلەندۈرىدىغان بولدى.
ياسىننىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن گۈلشەن ئۇنىڭ باۋمۇسىدەك (ئۆي خىزمەتكارىدەك) سالاھىيەتتە ئىچكىرى-تاشقىرى ئۆيلەرگە كىرىپ-چىقىپ يۈردى، بىكار بولسا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆينى رەتلەپ، تازىلاپ، ياسىنغا پاكىزلىق، گۈزەللىك بەخش ئەتتى. ئۇ ياسىن بولمىغان چاغدا ئىچكىرىكى ھۇجرىغا كىرىپ، ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە سىنچىلاپ قارايتتى، ئەڭ ئاۋۋال قوش كىشىلىك كارىۋاتنىڭ ئورۇن-كۆرپە، پەردە ياپقۇچلىرىنى تۈزەشتۈرەتتى، ئەر-خوتۇننىڭ شىرىن كېچىلىرىگە گۇۋاھ بۇ ئىللىق يەرگە ھەر بىر قارىغىنىدا ۋۇجۇدى سەۋدالارچە تىترەپ كېتەتتى.
بىر كۈنى ئۇ كارىۋاتتا بىر دەم ئولتۇرۇپ پەر ياستۇقلارغا قارىدى، ئاندىن ئۇنىڭغا بېشىنى قويۇپ ياتتى، "توۋا، ساراڭ بولدۇممۇ نېمە" دەپ ئويلىدى، خىيالىنى يىغىشتۇرۇۋالالمىدى. ئۇنى بۇ ھالدا كۆرسە ياسىننىڭ ئۆزىگە يولۋاستەك ئېتىلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، قورقۇپ ھەم ھاياجانلىنىپ قوپۇپ كەتتى. ئاندىن ياسىننىڭ خوتۇنى بىلەن چۈشكەن، رامكىغا ئېلىپ قويۇلغان رەسىملىرىگە قايتا قارىدى، نېمانچە چىرايلىق چوكان، نېمانچە بەختىيار، ئوغلى نېمانچە ئوماق!... ئاندىن ئۇ كىيىم ئىشكاپىنى ئېچىپ رەيھاننىڭ كىيىملىرىگە قاراپ باقتى، قارىغاندا رەيھان كىيىمنىڭ غەلۋىسىنى جىق قىلمايدىغان، ياسانچۇقلۇقنى ياقتۇرمايدىغان چوكان بولسا كېرەك، كىيىملىرىمۇ ئانچە ئېسىل ئەمەس ئىدى. بۇنداق چوكان ھەر قانچە چىرايلىق بولسىمۇ خۇلقى نازى بىلەن ئېرىنى مايىل قىلالامدۇ؟ ھەر كۈنى ئۇنىڭغا يېڭى-يېڭى تۇيغۇلارنى ئاتا قىلالامدۇ؟ گۈلشەن رەيھان ھەدىسىنىڭ كىيىمى، يۈزىگە سۇۋايدىغان مايلىرىغا قاراپلا ئۇنىڭغا باھا بېرىپ بولدى، ئۇ بەك پەرداز قىلىپ كەتمىسىمۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق جۇۋان ئىدى، ئەمما يەنىلا جۇۋان-دە، گۈلشەننىڭ قىزلىق جەزبىسىگە، ئەڭ مۇھىمى يېقىملىق خۇلق-نازىغا ئۇ قانداق يېتەلىسۇن، ئىككىسى ياسىننىڭ ئالدىدا قاراپ تۇرسا، ياسىن چوقۇم گۈلشەننى تاللايدۇ...
گۈلشەن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا غىڭشىپ ناخشا توۋلىغىنىچە ھۇجرىنى بىر دەمدە تۈزەشتۈرۈپ، تازىلاپ بولدى.
ھاشىم دوغىلاق گۈلشەننىڭ ياسىن لاۋبەننىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ-چىقىپ يۈرگەنلكىنى بايقاپ، نەچچە كېچە چايان چېقىۋالغاندەك تولغىنىپ ياتتى. تەپسە تەۋرىمەس ساۋۇت ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتىۋېلىپ، يەنە چېقىشتى :
__ نېمانداق تۈگۈلۈۋالىسەن دۈگىلەك، يەنە شۇ گۈلشەننىڭ دەردىمۇ؟
__ ئويلاپ باق، خوتۇنى كېتىپ 15 كۈن بولمايلا سىڭلىسىدەك بىر قىزنى ئەكىرىۋالدى، ئۇدۇلدىكى سەتەڭمۇ ئۇنى كۈنلەپ يۈرۈيدۇ... چىرايلىقنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭ بولامدۇ دەيمەن؟ __ دېدى ھاشىم ئەلەمدىن بوغۇلۇپ.
ساۋۇت ئۇنىڭ بۇ ھالىغا كۈلدى:
__ لاۋبەن بولغاندىكىن ئوينايدۇ، ئۇنىڭ پۇلى بار، سېنىڭ نېمەڭ بار؟ ئۇ نېمەڭنى مۈشۈككە بەرسىمۇ يېمەيدۇ...
__ لاۋبەن دەپ كەتكىنىنى، قانچىلىك لاۋبەن ئۇ!!__ دېدى ھاشىم ئاچچىق بىلەن،__ ئىككى تۆت تال پۇل تاپسا ئۆزىنى بىلمەي قالىدىغان ئۇنداق نېمىنى!
__ ساڭا ئىش بەرگەندىكىن لاۋبەن دېگەن شۇ، مىڭ قاقشىساڭ، تىللىساڭ بىكار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گۈلشەن مەشەگە كەلگەندىن بېرى ياسىنكىسىغا ئۆزىنى سۇۋاپ يۈرگەن، ئۇ سېنى، مېنى دەپ ئەمەس، شۇنى دەپ تۇرۇۋاتىدۇ بۇ يەردە. چىرايلىق نېمىلەر يامان ئىش قىلسىمۇ ئۆزى خالاپ قىلىدۇ، ياخشى كۆرسە ئوغرى-قاراقچىنىڭ كەينىدىنمۇ كېتىۋېرىدۇ. پۇلى بارغا خوتۇن بولغۇسى كېلىدۇ، شۇڭا نېمە ئىش بولسا كۆرمەسكە سېلىپ، قۇلىقىڭنى يوپۇرۇپ يۈرىۋەر.
__ سەن شۇنداق قىل، ئاسمان بېسىۋالسىمۇ تېگىدە مانتا يەيدىغان ئاداش سەن!
__ گېپىڭنى جايلاپ قىل دۈگىلەك، مەن سەندەك يوقىلاڭ ئىشقا چېپىلىپ يۈرۈيدىغان ساراڭ ئەمەس،__ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ،__ ياسىن لاۋبەن گۈلشەننى ئۆيىدە بىر نېمە قىپتىمۇ؟ كۆزۈڭ كۆردىمۇ؟
__ ئويلاپ باقمامسەن، بىر قىزنى ئەكىرىۋالسا نېمە بولماقچى؟
__ نېمە بولماقچى؟ نېمىگە نېمە بوپتۇ؟
__ ياسىن لاۋبەن خوتۇنسىراپ كەتمەسما؟ ئاشۇ ئىشنى قىلماسما؟
__ قىلسا-قىلمىسا نېمە بوپتۇ؟ گۈلشەننى قىزمىدۇ، قىز ئەمەسمىدۇ دەپ يۈرەتتىڭ، بېرىپ لاۋبەندىن سورىمامسەن ئەمىسە؟!
ھاشىم يەنە ئوسال بولۇپ جىمىپ قالدى.
__ مەن دەيمەن ساڭا، كۆزۈڭ كۆرمىگەن ئىشقا خەقتىن ئالدىراپ گۇمانلانما، ئۇنى قىلسۇن يا قىلمىسۇن، سەن بىلەن بىزنىڭ نېمە ئىشىمىز دەيمەن؟ خۇدايىم ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، كىم گۇناھ قىلسا شۇنى جازالاپ تۇرىدۇ، ئەگەر ھازىر جازالىمىسا ئۆلگەندىن كېيىن جازالايدۇ،__ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭ بىچارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىپ.
__ بىر چىرايلىق خوتۇنى تۇرسا...__ دېدى ھاشىم ئىچ-ئىچىدىن ئاچچىق ئاھ ئۇرۇپ،__ يەنە نېمىگە تويمايدۇ دەيمەن...
__ قارا بۇنىڭ گېپىنى، ئەگەر سەن لاۋبەن بولۇپ قالساڭ، ياسىن لاۋبەندىن ئاشۇرۇپ قىلىسەن.
__ قۇلىقىمنى كېسىپ بېرىمەن ساۋۇت، ئەگەر مېنىڭ شۇنداق چىرايلىق خوتۇنۇم بولىدىغان بولسا، ھېچقانداق قىزغا قارىمايمەن، چىرايلىق، پاكىز ئۆي تۇتىمەن.
__ ھەي تاڭ جۇمۇ، ئولتۇرساڭ قوپساڭ شۇ ئىشنىلا ئويلايدىغان تۇرساڭ، بىر خوتۇنغا قاراپ ئولتۇرارسەنمۇ؟ بەزىدە سېنى جۇباجىغا ئوخشىتىپ قالىمەن.
__ ئوخشاتمىغان شۇ نېمەڭ قالدىمۇ؟__ دېدى ھاشىم بىردىنلا سەكرەپ،__ مەن چوشقا بولسام سەن نېمە؟ مۇشتۇمۇم يوغان دەپ ئادەمنى بوزەك قىلىمەن دېمە!
__ نېمانداق چىچاڭلايسەن؟ چاقچاق دەپ قويدۇم،__ دېدى ساۋۇت كۈلۈپ،__ جۇباجى ئەسلىدە مىراخور، قىلىقسىزلىق قىلمىغان بولسا چوشقىغا ئايلىنىپ كەتمەيتتى. مەن دېمەكچى، ئادەمدىن چوشقىغا ئايلىنىش بىر دەملىك. سەن ھازىر ئادەم، لېكىن نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتسەڭ بىر دەمدە چوشقىغا ئايلىنىپ قالىسەن، سېنى شۇنداق قىلمىسىكەن دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتىمەن...
__ بۇ گېپىڭنى ماڭا ئەمەس، ياسىنكاڭغا دەپ بەر. ئۇ ھازىر نەق شۇنىڭغا ئايلىنىپ قالدى.
__ لاۋبەننى چايناپ پۈركۈۋەتكۈڭ كەپتۇ-دە، ۋاي... ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز؟
__ رەيھان ھەدەم كەلسە ھەممىنى دەيمەن، مەن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، بۇنداق مۆرىمەس، دۆت كالىدەك ئىشلەۋەرمەيمەن...__ دېدى ھاشىم كەسكىن ھالدا.
__ جۇباجىغا ئوخشىتىپ قويسام، مېنى ئەمدى دۆت كالىغا ئوخشاتتىڭمۇ؟ مەيلى، كالا دېگەن ھېچ بولمىسا ھالال نەرسە... لېكىن ساڭا دەپ قوياي ، ئوتتۇرىدا گەپ توشۇش ئوغۇل بالىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
__ ئەھۋالنى دەپ قويۇش كېرەك، بولمىسا ياسىن لاۋبەن ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدۇ.
__ سەن دېمىسەڭمۇ، بولىدىغان ئىش ھامان بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلسۇن، بىز ئارىلىشىپ قالمايلى. ئاقىۋەت ئۆزەڭگە ياخشى ئەمەس، چوقۇم بىرسىگە يامان كۆرۈنۈپ قالىسەن، شۇنىڭ بىلەن ئىشتىن ھەيدىلىسەن.
__ ھەيدەلسەم مەيلى، تاپاي دېسەڭ ئىش دېگەن جىق.
__ كۆرەڭلىمە، ياسىن لاۋبەندەك مەرت ئادەمنى ئاسان تاپالمايسەن. سەن ئۇنى خوتۇنىغا چېقىشتۇرۇپ نېمە پايدا ئالماقچى مەسىلەن؟ رەيھان ھەدەڭ ساڭا پۇل بېرەرمۇ؟ مەندىن بەك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتەرمۇ؟ كاللاڭنى ئىشلەت، ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشما، بەك چىدىماي كەتسەڭ، ئۇدۇلدىكى سەتەڭدىن بىرەرنى تېپىپ، ئاچچىقىڭنى چىقارمامسەن؟
ھاشىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۈكلا بولۇپ كەتتى، ساۋۇت ئۇنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ قالغانمىدۇ؟ بۇ گۇي كۈندە ياتاقتىن چىقماي ياتقان بىلەن يەر ئاستىدا يىلاننىڭ كۆشىگىنىنىمۇ تۇيۇپ ياتىدىكەن-دە.
__ ماڭاۋە، ماڭا ئۇنداق ئىش ئۆگەتمە،__ دېدى ئۇ ساۋۇتتىن كۆزىنى قاچۇرۇپ،__ سەن شۇنداق قىلامتىڭ يا؟
__ مەن موللىنىڭ بالىسى، ئۇنداق ئىشنى ئويلاپ بولغىچە قورقىمەن،__ دېدى ساۋۇت تەمكىنلىك بىلەن.
__ شۇڭا ھەممە ئىشتا موللام مۈشۈك بولۇپ تۇرۇۋالىدىكەنسەن-دە!...
__ ھەر قانچە جۇباجى بولۇپ كەتسەڭمۇ، موللىنى كەمسىتمە، __ دېدى ساۋۇت ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈپ،__ باشقا گېپىڭ بولسا قىل.
__ ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تەگسە قانداق بولىدىكەن؟__ دېدى ھاشىم بوي بەرمەي،__ سەن مېنى چوشقىغا ئوخشاتتىڭغۇ؟
__ ئۇ بىر چاقچاق، سېنى شۇنداق بولۇپ قالمىسىكەن دەيمەن بالاڭزا، چۈنكى سەن ماڭا ئوخشىمايسەن، مەن سېنىڭ مىجەزىڭنى، ئىش-مەيلىڭنى ئوبدان بىلىمەن.
__ دېمىسەڭمۇ ئىككىمىز ئوخشىمايمىز. لېكىن سەن مېنى باشقۇرىمەن دېمە، كۇلى دېگەن ئەركىن دۇنيا، قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىلىدىغان يەر بۇ!
__ سېنى داداڭمۇ باشقۇرالمىغان يەردە، مەن قانداق باشقۇرىمەن؟ سەندىن ناھايىتى ئازراقلا چوڭ ئىكەنمەن، شۇڭا تەربىيە بېرىپ قويدۇم، ئاڭلىمىساڭ نېمە قىلساڭ قىل، زىيان تارتساڭ ئۆزەڭگە...
بۇ پاراڭلارمۇ بېسىقتى، ھاشىم ئۇخلىماي ئويلاندى، ئۇ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغانلاردىن ئەمەس، ئەمما بىر قېتىم شۇ چاتاق ئىشنى قىلىپ سالدى. كېسەل ئۆزىنى يوشۇرغان بىلەن ھامان بىر كۈنى ئاشكارىلىنىدۇ. گۈلشەن ئۇنىڭدىن ۋابادىن قاچقاندەك قېچىپ، ياسىن لاۋبەننىڭ قوينىغا كىرىپ كەتتى؛ پاكىزلىق پاكىزلىققا، ئېسىللىك ئېسىللىككە قوشۇلدى. بۇ روشەن سېلىشتۇرما ھاشىمنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالاي دېگەن كونا ۋەھىمىسىنى يەنە پەيدا قىلدى. ياسىن لاۋبەن ھەر كۈنى ئېسىلزادىلەرچە راھەتتە، ھۇزۇر ئىچىدە، ئىشرەت قوينىدا ؛ ھاشىم بولسا ئەبگالارچە سىقىلىش، مۇشەققەت، قورقۇنچ ۋە ئازابتا... بۇنداقمۇ دەھشەت تەڭسىزلىك بولارمۇ جاھاندا!...
ھاشىم پەقەت ئۇخلىيالماي تالاغا چىقتى، ئارقا ھويلىدىن چىقىپ، تاقاقلىق ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى. يولدا ئادەم يوق دىيەرلىك بولسىمۇ ساتراشخانىلار ئوچۇق بولۇپ، رەڭدار ۋېۋىسكىلىرىدىكى چىراغلار يالغۇز ھاشىمنىلا چاقىرىۋاتقاندەك كۆز قىسىپ چاقنايتتى.
ئۇ شۇنداق قاراپ تۇراتتى، دەرت-ئەلەم ۋە ئىچ پۇشۇقىنىڭ مەنبەسى قانمايۋاتقان جىنسىي ھەۋىسى بولغاچقا، بۇ ھەۋەسنى قانداقلا قىلىپ بولسىمۇ بېسىقتۇرسا بارچە ئازابتىن قۇتۇلىدىغاندەك ئويلايتتى، ئاچچىق، سەپرا خىلىتلىرىنى چىقىرىۋەتمىسە كېچىچە ئۇخلىيالمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئىككىلىنىپ قالدى، ساتراچخانىلارنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە يول چىڭداپ مېڭىۋەردى، چېكىپ بولغان تاماكىسىنى پىقىرىتىپ تاشلاپ، كۆڭلىگە بەكرەك ياققان دۇكانغا ئۈسۈپلا كىرىپ، سېرىق چاچتىن بىرنى ھەۋەس ئوتىغا تۇترۇق قىلىشنى ئويلىدى، بۇنداق جۈرئەتلەنگەندە"بىر قېتىم مەرەزگە يولۇقتۇڭ، ئەمدى قورقماي ئويناۋەر" دەيتتى ئۆزىگە. ئەنسىرىگەندە بولسا" ئەگەر سەن كېسەل يۇقتۇرمىغان بولساڭ بۇ قېتىم يۇقتۇرۇشۇڭ مۇمكىن، كۆتۈڭنى قىس، كىرىپ كەت، ئۇخلا، قولۇڭدا ئوينا" دەيتتى.
ئۇ مۇشۇنداق ئىككى خىيالدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ تۇرغاندا يېنىغا بىر تاكسى كېلىپ توختىدى، ئىچىدىن لاۋبەن سەتەڭ چىقىپ دۇكىنىغا ئۇدۇللا ماڭدى، سېرىق چاچلارغا بىر نېمىلەرنى دەپ قاينىغاندەك قىلدى، ئارقىدىن يەنە يېنىپ چىقىپ ئىشىك ئالدىغا قارىدى، بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى، ھاشىمنى كۆرۈپ ئۇنى چاقىردى. ھاشىم ئەمدى بىر ئېنىق نىشاننى تاپقاندەك، قىلغىلى ئىش چىققاندەك روھلىنىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئەمما سەتەڭ بىر ئىشلاردىن خاپا بولغاندەك، كۆڭلى ناھايىتى يېرىمدەك قىلاتتى، كۆزلىرىدىن ياش ئەگىيتتى. ھاشىم بۇنى كۆرۈپ "ياسىن لاۋبەننىڭ دەردىدە شۇنداق بولۇپ كەتتىمۇ نېمە؟ مەندىن نېمە گەپ سورىماقچىدۇ؟ سورىسا ھەممىنى دەيمەن" دەپ ئويلاپ قالدى.
__ مى مى يوقاپ كەتتى، سەن كۆردۈڭمۇ؟__ دېدى سەتەڭ ياش يۇقى كۆزىدە ئۇنىڭغا ئىلتىجالىق تىكىلىپ.
ھاشىم ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي دۇدۇقلاپ كەتتى:
__ نېمە ..مى مى
__ مېنىڭ ئامرىقىم مى مىچۇ؟ سەن ئۇنى كۆرمىگەنما؟
__ ياق، كۆرمىگەن...__ دېدى ھاشىم يەنىلا ھېچنېمىنى چۈشەنمەي.
__ مېنىڭ ھېلىقى ئامراق پىستەم مى مىچۇ، تۈكلىرى ئاپپاق...
ھاشىم شۇ چاغدىلا بۇ سەتەڭنىڭ ئاق پىستىسىنى ئېسىگە ئالدى، سەتەڭ ئۇنى دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئەركىلىتىپ ئوينىتاتتى، شالاپلىتىپ سۆيەتتى، بەزىدە ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ بۆرەك يېگىلى ياسىننىڭ ئالدىغا كېلەتتى.
__ ھە.. ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، ھېلىقى كىچىك ئىت...
__ شۇ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى، ئىزدەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى، بۇ ئاشخانىغا كىرىپ قالمىغاندۇ؟
__ ياق، كىرمىدى، كۆرگەن بولسام دەيتتىم.
__ سەن چۇفاڭدىن چىقمىساڭ نېمىنى كۆرىسەن؟__ دېدى سەتەڭ ئۇنىڭغا مەنسىتمىگەندەك قاراپ، __ بۇ كېچىدە چىقىۋاپسەن، ماڭا تېخى بىرەر خۇشخەۋەر يەتكۈزىدىغان ئوخشايدۇ دېسەم، تىلىڭنى چايناپ تۇرىسەن...
ئۆزىنىڭ دەردى يېتىپ ئاشقىچە تۇرغان ھاشىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ياقتىن جىلە بولسا، بىر ياقتىن "تىللىغىنى كۆيگىنى، قوپال تەگكىنى مېنى يېقىن كۆرگىنى" دەپ ئويلاپ، تاماكىسىنى چېكىپ ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ ھىجىيىپ تۇراتتى.
__ نېمىگە كالچىيىپ كەتتىڭ، سەن چوقۇم بىلىسەن، مەندىن يوشۇرۇۋاتىسەن!
__ مەن كۆرمىدىم، كۆرسەم ساڭا دەيتتىم.
__ قايسى ئوغرى ئېلىپ قاچقاندۇ دەيمەن، تېپىۋالسام ساقچىغا مەلۇم قىلىپ سولىتىۋېتىمەن.
__ ئېزىپ قېلىپ بىر ياققا كېتىپ قالغاندۇ؟
__ ئۇ ئېزىپ قالمايدۇ. ئېزىپ قالسىمۇ قايتىپ كېلەلەيتتى. ئۇنى چوقۇم بىر كىم ئوغرىلىغان گەپ! مەشەدە بىر نەچچە شىنجاڭلىق ئوغرىنى كۆرگەن مەن...
ھاشىمنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە شۇ ھامان ئۆچتى، لاۋبەن سەتەڭ قەستەن بۇ گەپنى چىقىرىپ، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتماقچىدەك قىلاتتى.
__ بۇ يەردە نەدە شىنجاڭلىق ئوغرى بار! بىزدىن باشقا كىم بار؟ سەن بۇنداق گەپ قىلما،__ دېدى ھاشىم رەسمىي خاپا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،__ شىنجاڭلىقنىڭ ھەممىسىلا ئوغرىما؟ بۇ كىچىككىنە يېرىڭدە كىم ئوغرىلىق قىلىدۇ؟ شىنجاڭلىق ئوغرىلار پۇلۇڭنى ئوغرىلىسا ئوغرىلايدىغاندۇ، لېكىن بۇنداق ئىت دېگەن نېمىگە قاراپمۇ قويمايدۇ، مەنمۇ ئۆچ ئۇنداق بىر نېمىگە!
ھاشىمنىڭ چالا-پۇچۇق گېپىدىكى ئاچچىقنى چۈشەنگەن سەتەڭ قارىسىغا سۆزلەپ قويغىنىدىن سەل خىجىل بولدى، ئەمما مۇشۇنداق دېمىسە ھاشىمدىن گەپ چىقمايتتى دەپ ئويلىدى، يەنە ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىۋەردى:
__ ئىتنى نېمە قىلىدۇ دەمسەن؟ ئەچىقىپ ساتمامدۇ؟ مېنىڭ ئۇ ئون مىڭ كويلۇق ئىتىمنى يېرىم باھادا ساتسىمۇ ساتىدۇ ئۇ ئوغرىلار!
__ ئەمىسە ساقچىغا مەلۇم قىل، ئوغرىنى تاپسۇن.
__ سەن زادى كۆرمىدىڭ، بىرەرسىنىڭ ئېلىپ قاچقىنىنىمۇ كۆرمىدىڭ، شۇنداقمۇ؟
__ كۆرمىدىم، كۆرسەم ساڭا دېمەي قانداق قىلىمەن؟!
__ بۇ كېچىدە ئەمىسە نېمىشقا چىقىۋالدىڭ؟
__ ئۇيقۇم كەلمىدى، ئىچىم پۇشۇپ چىقتىم.
__ سەتەڭلىرىمنى سېغىنغانسەن تايىنلىق! كىرسەڭ كىرىپ ئويناپ چىق، نەچچىسىنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ مۈگدەپ ئولتۇرىدۇ خېرىدار كەلمەي، سەن كىرىپ ئۇيقۇسىنى ئېچىپ قوي، لېكىن پۇلنى ساناپ قويۇپ ئوينا، بىكارلىق بېرىدۇ دەپ قالما...
__ نېمىشقا خېرىدار كەلمەيدۇ؟__ دېدى ھاشىم ئۇزاقتىن بۇيانقى دەرد-ئەلىمىنى تۆكۈۋاتقاندەك،__ كېسەل يۇقىدۇ، ئەيدىز يۇقىدۇ دەپ كەلمەيدۇ. مەنمۇ كىرمەيمەن بۇنداق يەرگە.
__ ساڭا دەپ قوياي، كىرمىسەڭمۇ كىرمە، دۇكىنىمغا ھاقارەت قىلما،__ دېدى سەتەڭ ئاچچىقلىنىپ،__ كىرىدىغانلار قورقماي كىرىۋېرىدۇ، جىڭ ئەرلەر كىرىدۇ بۇنداق يەرگە! پۇلى يوقلار، پىخسىقلار، قورقۇنچاقلارلار كىرەلمەيدۇ، سەن نەق شۇلارنىڭ بىرى!
__ ئوينىسام ئويناۋېرىمەن، لېكىن كېسەلدىن قورقىمەن،__ دېدى ھاشىم راست سۆزلەپ.
__ گاندون دېگەن تولا بىزدە.
__ مەن ئۇنداق بىر نېمىگە ئۆچ.
__ بىزنىڭ قىزلاردىن ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ.
__ ئۇلار ساقمۇ ساق ئەمەسمۇ، كىم بىلىدۇ؟ بولمىسا نېمىشقا گاندون ئىشلىتىسىلەر؟
__ ئەمىسە قانداق قىلىسەن؟ نېمانداق جېدىلىڭ تولا نېمە سەن؟ يۈز كويۇڭغا قانداق قىلىپ بەرسە بولاتتى. 500 كوينى چىقار، مانا مەن قان تەكشۈرتكەن، ساپمۇ ساق، قانداق، ئوينامسەن؟
لاۋبەن سەتەڭنىڭ بۇ گېپىدىن ھاشىم يان دۇكاندىكى يۈز سوملۇق سېرىق سەتەڭنىڭ ھەقىقەتەن كېسەل ئىكەنلىكىنى، ھاشىمنى ئالداش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئويلاپ، تېنى شۈركىنىپ كەتتى.
__ جىمىپ كەتتىڭغۇ، ھالىڭ شۇنچىلىك!__ دېدى سەتەڭ ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، __ ئىشىڭ بولمىسا كىرىپ ئۇخلا.
ھاشىم ئۆزىنى راستىنلا كېسەلدەك ھېس قىلىپ، ئۇلغىيىۋاتقان ۋەھىمىلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئاسارىتىدە قالدى. سەتەڭ ئۇنىڭ جىملا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئويلىنىۋاتىدۇ، ھامان ئوينايدۇ دەپ ئويلىدى ۋە ئاخىرىدا قوشۇپ قويدى:
__ پىستەمنى تېپىپ بەرگەن بولساڭ بەش يۈز كوينىمۇ ئالمايتتىم.
بۇ گەپتىن ھاشىم دەرھال ئېسىگە كەلدى، قىزىقتى، قىززىپ قالدى. لېكىن بۇ كېچىدە ئۇ ئىتنى نەدىن تاپىدۇ، كۈندۈزى تېپىپ بەرسىچۇ؟ كۈندۈزى قازان بېشىدا تۇرسا ئىت ئىزدەيدىغانغا نەدە ۋاقىت! تېپىپ بەرگەن بىلەنمۇ بۇ سەتەڭ گېپىدىن يېنىۋالسىچۇ؟
ئەمما ھاشىم يەنىلا ھاياجانلاندى، سەتەڭنى ئاخىر ئىندەككە كەلتۈرىدىغاندەك ھېس قىلدى، "كېسەل، كېسەل" دەپ ئۆزىنى قورقۇتۇپ يۈرگەندىن كۆرە، بىر دەم بولسىمۇ بۇ سەتەڭنى ئەخمەق قىلىپ ئويناتقۇسى كەلدى، ئەگەر ئىش ئەپلىشىپ قالسا بارلىق ئازاب، سەپرا، سەۋدالىقلىرىدىن بىر يولى قوتۇلاتتى.
__ ئەگەر تېپىپ بەرسەمچۇ؟__ دېدى ئۇ شۇنىڭغا راستىنلا ئىشەنچى باردەك.
__ دېدىمغۇ، سەندە زادى بىر گەپ بار، تېپىپ بەرسەڭ سېنى رازى قىلىمەن.
__ ئەمىسە بۈگۈن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە رازى قىلامسەن؟__ ھاشىم ئۆزىنى تۇتالماي قېلىۋاتاتتى.
__ ئاۋۋال ئىتىمنى تاپ.
__ تاپىمەن، ئاشخانىغا كىرىپ قالغان بولسا ئىزدەپ نەدىن بولسىمۇ تاپىمەن، بۇ يەردىن چىقمىسا باشقا يەردە ئىزدەيمەن. ئىشقىلىپ، تېپىپ بەرسەمغۇ بولار؟
__ تاپقاندا بىر گەپ بولسۇن.
__ مەن ئوينىۋېلىپ بىر يەرگە قېچىپ كەتمەيمەن،__ دېدى ھاشىم ئۇ سەتەڭنىڭ ھەممە يېرىگە ئاچكۆزلۈك بىلەن تىكىلىپ،__ تاپالمىسام ئاندىن نېمە دېسەڭ- دە!
__ تاپالمىساڭ بەش يۈز كوي تاپشۇرىسەن شۇ.
__ مەيلى، مەن رازى،__ دېدى ھاشىم "نېمە كۆرسەم كۆرەي" دەپ ئويلاپ.
سەتەڭ ئۇنىڭ چىرايىغا بىر قارىۋېتىپ«گېپىڭ گەپ ھە» دەپ دۇكىنىغا باشلاپ كىردى، ھاشىم كۈتۈلمىگەن ئامەتكە ئېرىشكەندەك ھاياجانلىنىپ، قىن-قىنىغا سىغماي كەتتى، دېدەكلەردەك كۆرۈنۈپ كەتكەن باشقا "ساتراچ قىزلار" ئالدىدىن گويا چوڭ خېنىم بىلەن بىللە بولىدىغان بەگدەك مەغرۇر ھالدا يەڭگىل قەدەم تاشلاپ ئۆتتى، سەتەڭنىڭ كەينىدىن كۆز ئۈزمەي قارايتتى، ساغرىسى گۈلشەننىڭكىدىنمۇ بەك چىقىپ تۇرىدىكەن كاساپەتنىڭ دەپ ئويلايتتى ھەم ياسىن لاۋبەننىڭ بىر ئولجىسىنى قولغا چۈشۈرگەندەك غالىبىيەت تۇيغۇسىدا كۆرەڭلەيتتى.
سەتەڭ ئۇنى ئايرىم، پاكىز بىر ياتاققا باشلىغاندا ھاشىم " بۇ يەرگە ياسىن لاۋبەنمۇ كىرگەن بولغىيمىدى؟ " دەپ ئويلىدى، بۇ قىزىقىشىغا بەس كېلەلمەي ئۇنى سورىدى.
__ بۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟ خەقنىڭ شەخسىي ئىشىغا ئارىلاشما!__ دېدى سەتەڭ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ.
__ ياسىن لاۋبەن ھازىر ئاشخانىدىكى قىزنى ئۆيىگە كىرىۋالدى،__ دېدى ھاشىم ئۇنىڭغا مۇھىم خەۋەر يەتكۈزۈپ.
__ بۇنى دېمىسەڭمۇ بىلىمەن، ئەر كىشى دېگەن شۇنداق بولىدۇ. بۇ گەپنى قويۇپ ئۆزەڭنىڭ ئىشىنى قىل. ئەتە پىستەمنى تاپ، تېپىپ بەرمەيدىغان بولساڭ، بەش يۈز كوينى تەييارلاپ قوي.
__ بولىدۇ..._ دېدى ھاشىم ئىشتىنىنى يېشىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىنى بۇ سەتەڭگە يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى، پىستىنىڭ بۇ سەتەڭ ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقىنى، بەش يۈز سومنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھەرگىز ئاز پۇل ئەمەسلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەنىدى.
ئۇ مەقسىتىگە يېتىپ، دۇكاندىن چىققاندا جاھاندا ئۆزىدەك لەززەت سۈرگەن ئادەم يوقتەك ھېس قىلىپ، ھۇزۇرلىنىپ كېرىلدى. ئەمما ئەتىدىن باشلاپ ئىت ئىزدەيدىغانلىقىنى، بولمىسا بەش يۈز كوي تۆلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ غەمگە چۆكتى، بۇقىدەك كۈچىنى سەرپ قىلىپ بۇ سەتەڭنىڭ يېرىم بولغان كۆڭلىنى ئالغاننىڭ ئۈستىگە ئەتىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىتىنى ئىزدەيدۇ، مۈشۈككە ئوخشايدىغان ئۇ ئۆلگۈر پىستىنى تاپالمىسا بەش يۈز كوي تۆلەيدۇ. زىياننىڭ ئۈستىگە زىيان-دە! كېسىلىنى سەتەڭگە يۇقتۇردىمۇ ياكى سەتەڭ ئۇنىڭغا يۇقتۇردىمۇ، بىلمەيدۇ. بۇ ئىش بۇنداق يوشۇرۇن قېلىۋەرمەيدۇ، كېسەللىك ھامان بىر كۈنى بىر يەردىن يالماۋۇزدەك تىشىپ چىقىدۇ...
ھاشىم ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ ياتىقىغا كىردى، ساۋۇت خاتىرجەم ھالدا ئۇيقىغا كەتكەنىدى، ھاشىم ئۇنىڭغا يا ھەۋەسلىنىشنى، يا ئىچ ئاغرىتىشنى بىلمىدى: "موللا مۈشۈك گۇي، غەزەبلەنسە يولۋاسقا ئايلىنىدۇ، يا ھۇزۇرلانمايدۇ، يا ئازابلانمايدۇ، شۇنداق بىر خىل، تىپتىنىچ ياشايدۇ..."
ھاشىم چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇخلىيالمىدى، ئەتە نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر؟ ئىتنى تاپالماسلىقى ئېنىق، ئۇنداقتا بەش يۈز كوينى__ بىر ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى غىڭ قىلماي سانايدۇ. نامەرتلىك قىلسا سەتەڭ ئۇنى ئاشخانىغا ئىزدەپ كىرىپ رەسۋا قىلىدۇ. ئۇ دەرت-ئەلەمدىن قۇتۇلىمەن دەپ تېخىمۇ چوڭ ئىشنى، زىياننى ئۆز ئۈستىگە يۈكلىۋالدى. ياسىن لاۋبەن ئېرىشكەن ھۇزۇرغا مەنمۇ ئېرىشىمەن دەپ، بۇنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلەپ كېتىدىغان بولدى... ئۇنداق ئادەم باياتىن تالاغا چىقماي، جىممىدە ئۇخلاپ قالسا بولماسمىدى؟ تالادا نېمە بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چىققاندىكىن خوپ بولدى، ئەتە ئەمدى گاراڭ ھالەتتە قوپىدۇ، سەتەڭ ئۇنىڭغا جىندەك چاپلىشىدۇ...