زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمىنى:
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ PJBlog3 ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تاللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ناۋادا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر بلوگنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايسىز.
زىيارەتچىلەرگە تەۋسىيە (چۇقۇم كۈرۈڭ): ھايات چاقچىقى(يېڭى ئەسەر)!
«كۆپۈك» ناملىق رومان نەشردىن چىقتى
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-06-30
«كۆپۈك» ناملىق تۇنجى رومانىم بۇ يىل 6-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. روماندا 90-يىللاردىن كېيىن شەھەرلىشىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ مەيدانغا چىققان زىددىيەت، ئۆزىمىزگە خاس بىمەنە، ئېچىنىشلىق ئىشلار قارا
يۇمۇر شەكلىدە جانلىق بايان قىلنغان. ئەسەر ۋەقەلىكى راست ئىشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا توقۇلما قىلىنغان بولۇپ، تەنقىدىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا يەنە ناتونۇشلاشتۇرۇش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە قىسمەن بىمەنىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى كىرىشتۈرۈلدى. ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ «جاھاندا مۇشۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ؟» دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما رېئاللىقتا نېمە ئىشلار بولمايدۇ؟ بۇنداق غەيرى ئىشلارنى يوق دېيەلمەيسىز، يالغان دېيەلمەيسىز، غەيرى ئىشلارنى ئومۇملۇققا كۆتۈرۈش ئارقىلىق مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئاساستا مەركىزىي نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇئەللىپنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سىناقلىرى. روماننىڭ فوكۇس نۇقتىسى: زەئىپلەشكەن ئەركەكلىك ۋە كۈچىيىپ كەتكەن نەپسانىيەتچىلىك؛ ماددىي مەنپەئەت بىلەن روھىيەت ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە شۇ ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان تۇرمۇش.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (22)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-06-10
ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك خىيالى نەسلىك، ئۆچمەنلىك، ئەيدىزدىن يىراق كەتمەيتتى، ساقىلىنى ئالغاندا يۈزىگە سىنچىلاپ قارايتتى، دانىخورەككە ئوخشاش بىر نەرسىلەر چىقىپ قالسىمۇ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ، ئەينەككە چەكچىيىپ قاراپ قالاتتى، يۈرەكلىرى ئەنسىز سوقاتتى. بۇنداق چاغدا ئۇ ھەر كۈنى نامىزىنى قازا قىلماي ئوقۇپ پاكىز يۈرۈيدىغان ساۋۇتقا زوقلىنىپ قالاتتى،ھەسەتمۇ قىلاتتى، ھەسرەتلىنەتتى، يامان ئىش قىلماي ئۆتىدىغان ئادەمنىڭ نەقەدەر خاتىرجەم ياشايدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولاتتى، ئارقىدىن ئادەم ئۆزىنى ئاۋايلاپ يۈز يىل ياشامتى، ياشىغاندىكىن پەيزى ياشاش كېرەك، پۇشايمان قىلماسلىق كېرەك، خۇمارىغا قېنىپ قېنىۋېلىپ ئۆلگەنلەرمۇ ئادەم، شۇلارمۇ ھېچنېمىدىن قورقماي ئۆلىدۇ، خۇدا جاننى ئالسا ھەر كىم ئەيدىز بولمايمۇ ئۆلىدۇ دەپ نوچىلىق بىلەن خىيال سۈرەتتى، تاماكىسىنى قېنىپ-قېنىپ شورايتتى، خېلىدىن بېرى جىمىپ قالغان ھەۋەسلىرىنىڭ ھاراق ياكى تاماكا خۇمارىدەك بەك قوزغاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا خوتۇنسىراپ تۇرغان نۇرغۇن ئەركەكنىڭ باشقا خۇمار ئارقىلىق بۇ ھەۋەسلىرىنى تىزگىنلەپ كېتىدىغانلقىنى بايقىغاندەك بولاتتى.
خەتكۈش: رومان





