زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمىنى:
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ PJBlog3 ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تاللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ناۋادا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر بلوگنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايسىز.
زىيارەتچىلەرگە تەۋسىيە (چۇقۇم كۈرۈڭ): ھايات چاقچىقى(يېڭى ئەسەر)!
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(19)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-04-28
ئۇ ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغان پەرۋانىدەك تەلۋىلىك بىلەن ساتراشخانىغا شۇڭغۇپ كىردى، ئىشىك تۈۋىدىكى سەتەڭ ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى كىرىشىنى بىلىدىغاندەك سوغۇققانلىق بىلەن ئورنىدىن قوپقاندا ئۇنىڭ يۈرىكى بايا سىرتتا تۇرغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك سوقۇپ كەتتى، سافادا ئولتۇرۇپ قەرت ئويناۋاتقان، تاماكا چېكىۋاتقان سەتەڭلەرگە قارىدى ۋە تەسەۋۋۇرىدا ئۇلارنى سېرىق تور بەتلىرىدىكى قىپيالىڭاچ رەسۋالارغا ئوخشاتتى.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(2)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-04-26
__ بىز بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدۇق؟ قانداق تونۇشۇپ قالدۇق؟ قانداق بولۇپ بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق؟ ئويلىساڭ بىر تۇرۇپ ئەجەبلىنىسەن، خەق بىزنى ئەسكىلىكىدىن يۇرتىغا پاتماي چىقىپ كەتكەنلەر دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇنداق ئەمەس. بىز يۇرتقا ئەمەس، ئىچىمىزگە پاتماي چىققانلار. توغرا، بىز ئىچىمىزگە سىغمىدۇق. نى نى ئارمانلىرىمىز، پىلانلىرىمىز ئىشقا ئاشمىدى. مەن بىر دادۈيجاڭ ئىدىم، شاڭجاڭ بولغۇم بار ئىدى، بولالمىدىم، ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن دادۈيجاڭلىقتىن قالدۇرۇلدۇم. خەقلەر مېنى كۆزىگە ئىلمىدى. ئاددىي دېھقان بولۇپ ئۆتىۋېرىشكە چىدىمىدىم. كالىنى توخۇنىڭ كاتىكىگە سولاپ قويغىلى بولامدۇ دەيسەن؟ شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۇل دەپ كۇلىغا چىقتىم، سۆزلىسەم گەپ تولا، بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە نەچچە يىل ئىتنىڭ كۈنىنى كۆردۈم، ئەمما نىيىتىمدىن يانمىدىم.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(3)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-04-26
بىر مۇنچە سېرىق سەتەڭلەر كۈندۈزى ھاشىم دوغىلاقنىڭ كۆز ئالدىدا، كېچىسى تەسەۋۋۇرىدا ئايان بولاتتى، ئارام بەرمەيتتى. ئارقا ھويلىدىكى ئاشپەزلەر ياتىقىدا 17 سۇڭلۇق كونا تېلىۋىزوردىن بۆلەك ئۇنى جەلپ قىلغۇدەك ھېچ نېمە يوق ئىدى، ئۇ نەچچە قېتىم بۇ ياتاقنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنى، تامغا يالىڭاچ قىزلارنىڭ رەسىملىرىنى چاپلاشنى، ئۆز ئالدىغا ۋىدىيو ئاپپاراتى ئېلىپ سېرىق فىلملەرنى كۆرۈشنى ئويلىدى، ئەمما ميەنجاڭ بالىنىڭ ئۇنداق ئىشلار بىلەن خوشى بولمىغاچقا، ئويلىغىنىنى قىلالمىدى. تاماكا خۇمارى ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بولمىغاندا سېغىنىدىغان، ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىدىغان ئەڭ رەزگى خۇمار ئىدى، قازان بېشىدا ئىشلەپ چارچىغاندا ياكى خېرىدار ئۈزۈلگەندە ئۇ جوزىلارنى رەتلەپ بولۇپ، دېرىزە يېنىغا كېلىپ تاماكا چەككەچ ساتراچخانا قىزلىرىغا قارايتتى.





