زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمىنى:
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ PJBlog3 ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تاللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ناۋادا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر بلوگنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايسىز.
زىيارەتچىلەرگە تەۋسىيە (چۇقۇم كۈرۈڭ): ھايات چاقچىقى(يېڭى ئەسەر)!
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(1)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-04-26
كۈنلەر ئۆتۈپ، بېيجىڭدا ئولېمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا بارلىق كاۋابچىلار، ماتاڭچىلار، تېلېفونچىلار، دوللارچىلار، يانچۇقچىلار، پاھىشىلەر، تار كوچىغا كىچىككىنە ئاشخانا ئېچىۋالغان خوجايىنلار قاتتىق تەكشۈرۈلدى، كۆپ قىسمى سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان، رەسمىيتى تولۇق ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن پايتەختتىن، مەركەزدىن ھەيدەلدى. شۇ قاتاردا ياسىنمۇ كۈدە-كۆرپىسىنى يۈدۈپ، تاپقان-تەرگىنىنى بانكا كارتىغا ئۆتكۈزۈپ، خېبېينىڭ بېيجىڭغا يېقىن بىر ناھىيىسىگە كەلدى، بۇ ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئاچقان بۇرادىرى ئۇنىڭغا ئاشخانىسىنى ساتماقچى بولۇپ تېلېفون قىلغانىدى، كېلىپ كۆرۈپ باق دېگەنىدى. ياسىن كېلىپ كۆردى، ئورنى خېلى ئاۋات يەردە ئىدى، ئالدىدا قاتار كەتكەن ساتراچخانىلارنىڭ پىقىرىغۇچلىرى ئايلىنىپ تۇراتتى، ئىشىك ئالدىدا يوتىلىرى ئوچۇق تەتەي قىزلار كۆز قىسىپ قاراپ تۇراتتى.





