زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمىنى:
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ PJBlog3 ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تاللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ناۋادا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر بلوگنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايسىز.
زىيارەتچىلەرگە تەۋسىيە (چۇقۇم كۈرۈڭ): ھايات چاقچىقى(يېڭى ئەسەر)!
ئوقۇش ھەققىدە
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-31
17. توغرا نەرسىنى ئوقۇ، خاتا نەرسىنى ئۆگىنىپ يۈرمە، تاللىشىڭ توغرا بولسۇن. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قورالى بولغان كىتاب ئېسىمىزگە كېلىدۇ. كىتابنى توغرا تاللاپ ئوقۇيالمىساڭ پۇلۇڭ ، ۋاقتىڭ ، زېھنىڭ ئىسراپ بولىدۇ، بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىتابنى بىلىپ، بايقاپ، تاللاپ ئوقۇش كېرەك. يۈز گرام شېكەر ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن يۈز كىلو شېكەر قومۇشى چايناش ھاجەتسىز.
18. شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، قۇرئاندىن باشقا بارلىق كىتابلار ”نېمە ئۈچۈن؟“ بىلەن باشلىنىپ، يەنە ”نېمە ئۈچۈن؟“ دە ئاخىرلىشىدۇ، بەلكى يەنە ”نېمە ئۈچۈن؟“ ھەققىدە يېزىلىدۇ.
ئىلىم ھەققىدە
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-30
8. بىلىم ئىسراپچىلىقىدىن جاھىلىيەتتىن قاچقاندەك قاچ. شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا سىغىنىپ پايدىسىز ئىلىمدىن ساقلىنىشنى تىلىگەن. پايدىسىز ئىلىم زېھنىيەتكە يۈك، ئۇنى تاشلىۋېتىش كېرەك. زېھنىيەتكە چۈشكەن تاش ئۆتكە چۈشكەن تاشتىنمۇ خەتەرلىك . ئۆتكە چۈشكەن تاشنى لازىر نۇرى ئارقىلىق پارچىلىغىلى بولىدۇ، ئەمما زېھنىيەتكە چۈشكەن تاشنى پارچىلاش تەس. ئىلىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئالىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار بىلەرمەنلەر بىلەن ھەقىقىي ئالىمنى، مەمەدانلار بىلەن ئىلىم تەلەپكارىنى ئايرىيالمايدۇ. ھەقىقىي ئىلىم ۋە ئالىمنىڭ سۈپىتىنى ” ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە پەقەت ئالىملارلا ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىدۇ“ دېگەن ئايەت بويىچە ئىزدىسەڭ تاپالايسەن.
روزىدارلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم پەتىۋالار (2)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-17
16. تەراۋىھ نامىزىنى تېز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جىسمانىي ۋە مەنىۋى خۇشۇسى كەم ھالدا ناماز ئوقۇغان ۋە ناماز ئوقۇتقانلارغا تەۋسىيەم شۇكى، تەراۋىھ نامىزىنى خۇشۇسىز، ھۇزۇرسىز 20 رەكئەت ئوقۇغاندىن خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن 8 رەكئەت ئوقۇغان ئەۋزەل. نامازنىڭ رەكئەت سانى، ئاز-كۆپلۈكى مۇھىم ئەمەس، ئۇنىڭ قانداق ئوقۇلۇشى، كەيپىياتى، سۈپەت-ساپاسى مۇھىم. بۇ ناماز خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن ئوقۇلدىمۇ ياكى ئالۋاڭ ھېسابىغا، بالدۇرراق تۈگىتىش ئۈچۈن ئوقۇلدىمۇ؟ مەسىلە بۇ يەردە. ئاللاھ تائالا بىزنى خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن ناماز ئوقۇيدىغان تەقۋا بەندىلەردىن قىلغاي.
روزىدارلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم پەتىۋالار (1)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-15

7. رامىزان ئېيىدا بەزى كۈنلىرى روزا تۇتۇپ، بەزى كۈنلىرى قەستەن روزا تۇتمايدىغانلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇنىڭ روزا تۇتقان كۈنلىرى ئىناۋەتكە ئۆتەمدۇ؟
جاۋاب: ھەر ئىشنىڭ ھېسابى ئايرىم. بۇ يەردىكى مەسىلە روزىدارنىڭ روزا تۇتقان كۈنلىرى ھېسابقا ئېلىنامدۇ-ئېلىنمامدۇ دېگەن مەسىلە ئەمەس، روزىنى بۇزۇۋەتكەن كۈنلىرىنىڭ ئورنىنى قانداق تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭ بەدىلىنى قانداق تۆلەيدۇ دېگەن مەسىلە. رامىزاندا روزا تۇتمىغان بىر كۈننىڭ ئورنىنى پەقەت يەنە بىر رامىزاندىكى بىر كۈن بىلەن تولدۇرۇش مۇمكىن. ھەر قېتىملىق رامىزان ئېيى شەك-شۈبھىسىز روزا تۇتۇش شەرتلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەبھۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”كىمكى رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىسا رامىزاندىن باشقا كۈنلەر بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ“ (تىرمىزى).
مۇھەببەتنى ئۆگىنىش كەتمەيدۇ
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-09

1. ھازىر ئېقىپ يۈرگەن ”ئاياللار ئەرلەرنى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانى بويسۇندۇرىدۇ، ئەرلەر دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئاياللارنى بويسۇندۇرىدۇ“دېگەن قاراش سىزنىڭچە توغرىمۇ؟ بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: بۇ قاراش ھازىرقى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەمما بۇ ئەھۋالنى ئەقىلگە ئۇيغۇن، توغرا دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالنى دەل ئەر-ئايالنىڭ باراۋەر بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، نوچى ئاياللار ئەرلەرگە تايانماي تۇرۇپمۇ ”دۇنيانى بويسۇندۇرالايدۇ“، يارىماس ئەر ھېچنېمىنى بويسۇندۇرالمايدۇ. يەنە كېلىپ، ”بويسۇندۇرۇش“ دېگەن بۇ گەپمۇ تازا ياخشى گەپ ئەمەس، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەت، مۇھەببەت، رەھىمدىللىك، ھەمكارلىق بولۇشى كېرەككى، بىر-بىرىنى بويسۇندۇرۇپ ئۆز مەنپەئەتىگە قۇل قىلماسلىقى كېرەك.
ئەدەبىيات ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-06
ئەدەبىيات ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن جاھانغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلارنىمۇ قەدىرلەش كېرەك. مەسىلەن، خائىن بەدبەختلەر مېنى چىشلەپ تارتىپ ھاقارەتلەيدۇ. ئۇلارنى كۆرسەم خۇددى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مايمۇنلارنى كۆرگەندەك ناھايىتى ئېچىلىپ كېتىمەن، چۈنكى ئۇلاردا ئادىمىيلىك، ئەقىل-پاراسەت يوق، پىسەنت قىلىشىمغىمۇ ئەرزىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ئەخمىقانە ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ كۈلمەي تۇرالامدىمەن؟ مەن مۇشۇنىمۇ ياخشى كۆرەلىگەن يەردە دۇنيادا يەنە نېمىلەرنى ياخشى كۆرگىلى بولمىسۇن؟
جالالىدىن رۇمى مەسنىۋى ھېكايىلىرى
ئاپتورى:admin ۋاقتى:2009-03-28
دىنىي ئىلىملەرنى بەرپا قىلىش (2)
ئاپتورى:admin ۋاقتى:2009-03-28
دىنىي ئىلىملەرنى بەرپا قىلىش (1)
ئاپتورى:admin ۋاقتى:2009-03-28
دىن ۋە ئەدەبىيات
ئاپتورى:admin ۋاقتى:2009-03-27
تەۋرات ۋە ئىنجىللارنىڭ بايانلىرى خرىستىئان دۇنياسىدا ئەسىرلەر بويى پەقەت ئېتىقادنىڭلا ئەمەس، تارىخنىڭمۇ ھەقىقىي مەنبەسى بولۇپ كەلدى. خرىستىئان دۇنياسىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ باش (ماتېرىيال) مەنبەسى مۇقەددەس كىتاب ئىدى. كېيىن ئىلىم-پەننىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ مۇقەددەس كىتابنىڭ بىلىم جەھەتتىن مەنبەلىك قىممىتى قالمىغان بولسىمۇ، غەرب دۇنياسى ئىنسانپەرۋەرلىك چۈشەنچىسىدىن تارتىپ دېموكراتىك ئىدىيىلەرگىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىدە خرىستىئانلارچە پىكىر قىلىشنى داۋام ئەتتى. .





