زىيارەتچىلەر سەمىگە:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمىنى:

ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ PJBlog3 ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تاللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ناۋادا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر بلوگنى تۇنجى قېتىم  زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايسىز.

ئىلقۇت بلوگى

زىيارەتچىلەرگە تەۋسىيە (چۇقۇم كۈرۈڭ): ھايات چاقچىقى(يېڭى ئەسەر)!

تۈر: ماقالەكۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم

ھۆكۈمەتنىڭ كۈشەندىسى

ئاساسىي قاتلامدا ھۆكۈمەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلمايدىغان، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ رەزىللىك قىلىدىغان مۇشۇنداق  بىر ئوچۇم پارازىتلار بار، ئۇلار بەئەينى  ھۆكۈمەت ئۇۋىسىغا  كىرىۋالغان يىلان-چايان، ئۇلار قەدىمى يېتىدىغان، كۈچ-ھەيۋىسىنى كۆرسىتەلەيدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاچكۆزلۈك، زەھەرخەندىلىك بىلەن تىمىسقىلاپ يۈرىدۇ، قەيەردە نەپ بولسا شۇ يەرگە ئۈنىدۇ؛ قەيەردە گەپ بولسا شۇ يەرنى تىڭ-تىڭلايدۇ.  ئۇلار جىق ئادەمنىڭ سايىسىنى كۆرسە  يايراپ كېتىدۇ، چۈنكى سۈر-ھەيۋىسىنى شۇ يەردە بەكرەك كۆرسىتەلەيدۇ. ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرغان ئادەمدىنمۇ كۈن نۇرىنى قىزغىنىدۇ،  تىنچ كۈن ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ...

[تەپسىلاتى]

تەپەككۇر ئىبادىتى

پەلسەپە كىتابلىرىنى ئوقۇپ كاللىنى ساراڭ قىلغىچە قۇرئان، ھەدىس ئوقۇپ كۆڭۈلنى يورۇق قىلغان ياخشى. ئەمما پەلسەپەدىن خەۋەردار بولمىسا قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ھېكمەتلەرنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى، ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەن ئۇچۇر بىلەن ئىنسانلارنىڭ مەپكۇرىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇپ بىلگىلى بولمايدۇ. دىنىي ئىلىملەرنى ئوقۇش بىلەنلا دىننىڭ ئىشى ھەل بولمايدۇ، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش كېرەك، قۇرئاندا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئايەتلەر بار. تەپەككۇر قىلىپ كۆڭۈلدە قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى بەجا كەلتۈرۈشكە قىزىقىش كېرەك، قىزىقىش بولمىسا ئىرادە نەدىن كېلىدۇ؟ ئىرادە بولغاندىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان، تەۋرىمەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك. بۇنداق ئىرادىنى قانداق تىكلىگىلى بولىدۇ؟ ئۈمىد ۋە قورقۇنچ بىلەن، جەننەتكە قىزىقىش، دوزاختىن قورقۇش بىلەن تىكلىگىلى بولىدۇ.

[تەپسىلاتى]

تۈر:ماقالە | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 110

دارۋازلىق ۋە قەھرىمانلىق

«ئادىل ھوشۇر قىزغىنلىقى» ھەقىقەتەن ئۆتمۈش بولۇپ قالدى،  بۇنى ئۇ ئۆزى ھەممىدىن بەك ھېس قىلسا كېرەك.  ئۇ ماھارەتتە، چىدام-غەيرەتتە بارغانچە پىشىپ يېتىلدى، بىراق بۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ تونۇلۇش، تېخىمۇ كاتتا شەرەپ قازىنىشىغا تۈرتكە بولالمىدى.  «پەلەك شاھى» دېگەن نامنى ئالغان بىلەن، جېنس دۇنيا رېكورتى دېگەنلەرگەكۆمۈلۈپ كەتكەن بىلەن داڭقى كونىراپ قالدى، تەسىرى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلىدى، خەلقئاراغا تونۇلۇشتىن يىراقلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا نېمە ئامال، مەسىلە ئۇنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، جەمئىيەتتە. ئادەملەرنى باشقا يېڭى-يېڭى ئىشلار، دۇنياۋى ماسابىقىلەر قىزىقتۇرۇپ تۇرىدۇ، تەشۋىقاتنىڭ كانىيىمۇ شۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ.

[تەپسىلاتى]

تۈر:ماقالە | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 219

PengiYar: ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم

Erturk: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

PengiYar: ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ سىز مەن قالدۇرغان ئادرېس بويىچەداڭلىق تور بېكىتى مۇنازىرىسىدىكى <ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟> دېگەن تېمىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەمدى بىر پىكىرلىشىپ باقايلىچۇ.سىز ئاۋۇ مۇنازىرىگە چۈشكەن تېمىلارغا نىسبەتەن قانداق قاراشتا؟ مېنىڭ بۇرۇندىنلا سىز بىلەن شۇنداق بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى.

Erturk: مەن ئۇ تېمىنى باشتىن ئاياغ كۆرۈۋاتىمەن، ئەمما مۇنازىرە نورمال داۋاملاشسىكەن دەپ ئوتتۇرىغا قىستۇرۇلۇپ كىرمىدىم، ئەدەبىيات ھەققىدىكى پاراڭلارنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ، كىمنىڭ پىكرىگە قايىل بولسام شۇنى قوبۇل قىلىمەن. سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىز ئادەتتىكى پىكىرلەر، مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ نەق گېپىڭىزنى دېمەيسىز، ناتونۇش بولغان بولساق راست گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقاتتى.

[تەپسىلاتى]

تۈر:ماقالە | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 17 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 714

ئىدىيىۋى مەسىلە

ئۇلار 2007-يىلى 7-ئايدىن  2009-يىلى 8-ئايغىچە توردا ئالاقىلىشىپ، 35 قېتىم يىغىلىپ، «خوتۇن ئالماشتۇرۇش ئويۇنى» ئوينىغان، 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بىر مېھمانخانىدا قولغا چۈشۈپ، 2010 يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە مەخپىي سوتلانغان.  سوتلاش جەريانىدا ما شاۋخەيدىن باشقا 21 ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئالغان، بىراق ما شاۋخەي گۇناھىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلماي: ” قانۇنلۇق نىكاھ قايناق سۇغا ئوخشايدۇ، ئىچمەي بولمايدۇ؛ ئەمما خوتۇن ئالماشتۇرۇش ياخشى ھاراققا ئوخشايدۇ، خالىغانلار ئىچىدۇ، خالىمىغانلار ئىچمەيدۇ“ دەپ تۇرۇۋالغان. بۇ قىلمىشقا قارىتا سوت مەھكىمىسىدىكلەرمۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ خېلى تالاش-تارتىش قىلىشقان. ئاخىرىدا ئەنئەنىۋى تەرەپدارلار غالىپ كېلىپ جىنايەتچىلەرنى قانۇنىي جازاغا تارتقان، ما شاۋخەي گۇناھىنى تونۇماي جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا باشقىلاردىن ئېغىرراق كېسىلگەن. بۇلار «توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى» ماددىسى تۈزۈلگەن 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئادەملەر ئىكەن.

[تەپسىلاتى]

تۈر:ماقالە | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 384

  جەمئىيەتكە چىقتىم، جەمئىيەت داشقايناق، سورۇنلار  قايناق، بىر چەتتە ئولتۇرىمەن، ئىچىپ-چېكىشىدۇ؛ ھاياسىز چاقچاقلارنى قىلىشىدۇ، مەنىسىز ئولتۇرۇشلار ئۇلارنىڭ ھاياتىغا مەنە بېغىشلايدۇ، كەيپ-ساپا ئۇلارنىڭ بارلىق غەم-قايغۇلىرىنى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەمما شۇنىسى قىزىقى، مەستلىكتىن كۆزلىرى غىلىيىپ، ئەقلى ھوشىنى يوقاتسىمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، تېخى دىن ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئاچچىقى كەلگەن بىرى توۋلايدۇ: بۇنداق سورۇندا دىننىڭ گېپىنى قىلىشمايلى ئاغىنىلەر...  شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى جىمىپ قالىدۇ. ئەمما كىملەرنىڭدۇر دىن ھەققىدە يەنە داۋاملىق تالاش-تارتىش قىلىشقۇسى، ئەرەبلەرنى ئېشەك دەپ تىللىغۇسى، دىن بىزگە كەينىچىلەپ كىرگەن...دەپ قاقشىغۇسى بار.  ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئىسلام تارىخى ھەققىدە، ئەرەبلەر ھەققىدە تۈزۈك بىلىمى يوق، ھەممىسى بىر يەردىن ئاڭلىۋالغان تۈكى يوق گەپلەر.  
 

[تەپسىلاتى]

تۈر:ماقالە | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 15 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 588

بىر يىللىق نادامەت

بۇ بىلوگقا بىر يىل بولدى، بىر نەرسە يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇشنى ئويلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقى ئۆزەمگىمۇ غۇۋا. بۇ خۇددى تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەننىڭ نېمە پايدىسى دېگەندەكلا گەپ. ئادەم بىر ئىشنى دوراپمۇ قىلىدۇ، قىلغىلى ئىش تاپالمايمۇ قىلىدۇ، بىرەر ئەھمىيەت، ئۈنۈم قوغلىشىپمۇ قىلىدۇ، بۈيۈك پىلان، غايە ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. مەن مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈنلا مۇھەببەتلەشكەن ئەمەس؛ ئېھتىياج، ھەۋەسنى دەپ مۇھەببەتلەشكەن؛ ئىچىمدىكى ئىزتىراپ، ھەسرەت-نادامەت، روھىي غەليانلىرىمنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن بىر نەرسە يازغان، مانا بۇلار چىنلىق، بۇ چىنلىق ئۈچۈن گاھىدا باشلىنىش، قۇرۇلما، بۆلەك، يېشىم دېگەنلەرنى ئويلاشمايلا يېزىۋېرىمەن، تاققا-تۇققا گەپلەر زەنجىردەك ئۇلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، ئادەم كۆپ ھاللاردا ئىشنى مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە قىلالمايدۇ، خىيالى بويىچە قىلىدۇ، ئەقىلنىڭ بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ھېسسىياتقا تايىنىمىز، ھېسسىياتىمىز ئازاب ۋە ئىچ پۇشۇغىنى ئېلىپ كەلگەندە يەنە ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلىمىز. بۇ تەبىئىي ئايلىنىش، تەبىئىي قانۇنىيەتتەك تۇيۇلىدۇ كىشىگە.

[تەپسىلاتى]

تۈر:ماقالە | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 12 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 370

قاغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ ھەققىدە

ئەگەر جامائەتنىڭ پىكرى ھەقىقەت بولسا ۋە شۇ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرالىغان بولسا بىر مەھەللىنى خاندەك سوراپ يۈرگەن مۇتتەھەم ئەمەلدارنىڭ قىلمىشىغا چەك قويالىغان بولاتتى؛ ئەگەر جامائەتنىڭ پىكرى مۇتلەق ئىجابىي رول ئوينىغان بولسا جەمئىيەتتىكى ناتوغرا ئىللەتلەر، تويدىكى ھەشەمەتچىلىك، نەزىر-چىراغدىكى سەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق، داغۋازلىق، دورامچىلىق، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىشلار ئازايغان بولاتتى. دېمەك، بىزدە جامائەت پىكرى ھازىر كۆپ ھاللاردا ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىش، ئۆزىنى ئۆزىنى خارلاش ۋە قىسماققا ئېلىپ جازالاش بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتىدۇ. «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا كۆپچىلىك ياخشىلىقتا ئەمەس، يامانلىقتا بىرلىشىدۇ؟

[تەپسىلاتى]

تۈر:ماقالە | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 9 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 320

ئەدەبىياتىمىز ۋە ياشلار

    ئەخمەتجان ئوسمان بىلىملىك، ناتىق شائىر ئىدى. مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا لېكسىيە سۆزلىگەندە: مەن ئويلانمايمەن، ئويلىنىلىمەن. مەن شېئىرنى ئەمەس، شېئىر مېنى يازىدۇ... دېگەندەك ئاجايىپ گەپلەرنى قىلغانىدى. بۇ گەپ كېيىن ئاللىكىملەر تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلدى، ھەتتا بۇغدا ئابدۇللامۇ بەزى ماقالىلىرىدا شۇنداق گەپلەرنى قىلدى. بەلكىم بۇ ئىككى شائىرنىڭ ياش-قېرىلىق پەرقىگە قارىماستىن، روھىدىكى بەزىبىر ئوخشاشلىقنىڭ نامايەندىسى بولسا كېرەك.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ماقالە

تۈر:ماقالە | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 167
بەدئىيلىك بىلەن سىياسىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟  جاۋاب شۇكى، بەدئىي دىت بىلەن سىياسىي سەزگۈرلۈك ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۇ دەۋردە  ياشاۋاتقان يازغۇچىلار  كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەزىيەتنى قانداق بايقاش ۋە قانداق ئەكس ئەتتۈرۈش دېگەن مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ماقالە

"ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯬﺳﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ... ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﻻﯞﺭﯦﻨﺲ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﯰ ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ..
(2005-يىلى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە سالام ھايات، سالام دۇنيا، ئۆزھال قاتارلىق تورداشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئەڭ قىززىغان، ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە ئىلمىي پاراڭ ئەڭ كۆپ بولغان تېما)

[تەپسىلاتى]

بىزدىكى ئەدەبىيات قاراشلىرىنىڭ كونىلىقىغا، تەپەككۇرىمىزنىڭ قاتماللىقىغا، پىكرىمىزنىڭ تېيىزلىقىغا ھەسرەتلەندىم، دەبدەبىلىك ۋەقەلىك، يۈزەكى پىكىر، سۇۋارى تەسۋىرلەرگە ئۆگىنىپ قالغان ئوقۇرمەنلىرىمىزگە چوڭقۇر مەنىلەرگە تويۇنغان، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بۇ روماننى تونۇشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ماقالە

مېنىڭ ئەدەبىيات قارىشىم

مەيلى ئەدىب ياكى ئوبزۇرچى بولسۇن بۇلاردىن بىر ئاز مەسئۇلىيەتچانلىرىمۇ، شۆھرەتكە تاماسىدىن قۇتۇلالماي ئىشلىرى ئاقماي يۈرگەن قىتىغۇرلارمۇ بار ...  

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ماقالە

جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ؟

مەغلۇب بولغان تۇنجى مۇھەببەتتىن كېيىن جىنسىيەت ماڭا ھەقىقىي بىر تۇيغۇ، ۋاز كېچىلمەس بىر ئىستەك بولۇپ تۇيۇلۇشقا باشلىدى، 10 نەچچە يىللار ئۆتتى، مەۋھۇم قىزلار ئۈچۈن ئىلھام-تەپەككۇرۇمنى، ئىجادىيەت تەلقىنلىرىنى سۈرۈپ كەلدىم، جىمى ھاياجان ۋە ئويناق پىكىر ياشلىقنىڭ ھاسىلاتى بولۇپ ھاياتىمغا ئىز سالدى. خەلق ئۈچۈن، شۆھرەت ئۈچۈن ئەسەر يېزىش يوقلا گەپ، دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ماقالە

تۈر:ماقالە | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 159