زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمىنى:
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ PJBlog3 ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تاللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ناۋادا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر بلوگنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايسىز.
زىيارەتچىلەرگە تەۋسىيە (چۇقۇم كۈرۈڭ): ھايات چاقچىقى(يېڭى ئەسەر)!
گۇناھ (پوۋېست)
ئاپتورى:admin ۋاقتى:2009-04-09

__ باشقىلارنى ناھەق ئۇرىدىغان ئىپلاس قولۇڭ دوزاخ ئوتىغا تۇترۇق بولار! گۇناھلىرىڭغا ئىككى مۈرەڭدىكى پەرىشتىلەرلا ئەمەس، ئەتراپىڭدىكى ئەل-جامائەتمۇ گۇۋاھ بولالايدۇ، ئۇنچىلىك ھوقۇقىڭغا ئىشىنىپ كۆرەڭلەپ كەتمە نىياز، ھۆكۈمەت ۋاقتى كەلگەندە سەندەك قوڭ سويمىنى تەرەت چالمىسىدەك تاشلىۋېتىدۇ، ئۇقتۇڭمۇ!
خەتكۈش: پوۋېست
قىيامەتلىك كېسەل (پوۋېست)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-04-08
1
غوجامنىياز ئاخۇن:
مۇشۇ كۈنلەردە ماڭا مەسچىت بىلەن مازارلىقتىن بۆلەك ھېچنەرسە قەدىناس كۆرۈنمەيدۇ، ئۆلۈمنىلا ياد ئېتىمەن. تېنىم ئاجىز، ئۇزۇن يول ماڭالمايمەن، كۆزۈم بىر نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرىدۇ. كىيىملىرىم كونا، يۇيۇقسىز. ھاشىيخان باقىغا كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەدرى يامان ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئۇنى ئاز دەپ ئوغلۇم خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ، ئوتتۇز كەپتەر ئېلىپ، شۇنى بېقىپ، ئۆگزىدە ئۇنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ يۈرۈيدۇ.
خەتكۈش: پوۋېست




