زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمىنى:
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ PJBlog3 ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تاللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ناۋادا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر بلوگنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايسىز.
زىيارەتچىلەرگە تەۋسىيە (چۇقۇم كۈرۈڭ): ھايات چاقچىقى(يېڭى ئەسەر)!
<< كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى>> (يانفون كىتابى)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-09
تۆۋەندىكى ھۆججەتنى يانفونغا چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن- بولمىسۇن، مالال كۆرمەي پىكىر قالدۇرۇپ قويۇڭ، ئەگەر ھېچكىم چۈشۈرۈپ كۆرەلمىسە قايتا ئىشلەپ يوللايمىز.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (30)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-10-22
__ ئۆمرۈم شۇنچىلىككەن، جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ شۇنچىلىككەن، بايا بىر دەم ئولتۇرۇپ ھەممىنى چۈشەندىم. ئادەمنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە قىلمىغان خىياللىرى قالمايدىكەن. ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ باقىدىكەن، قىلغان ئىشلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىدىكەن. ئويلاپ باقسام تېخى تۈزۈك ياشىماپتىمەن. نۇرغۇن پىلانلىرىم سۇغا چىلىشىپ قاپتۇ. مەن كىچىكىمدىن شۇنداق پىلان بويىچە ئىش قىلىشقا ئامراق، كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ئىشلارنى تەۋرىتىشكە ئۇرۇنۇپ باقىمەن. قۇرۇپ باقىمەن، چۇۋۇپ باقىمەن. ئادەم دېگەن شۇنداق نەرسىكەن، بىر قولىدا ياسىغاننى بىر قولىدا بۇزۇشقا تەييار تۇرىدىكەن؛ بىر دۆلەتمۇ بىر ياقتىن قۇرۇپ بىر ياقتىن بۇزۇپ ئىسلاھ قىلىپ تۇرىدىغۇ! لېكىن بىر ئادەمنىڭ كۈچى يەنىلا ئاجىز بولىدىكەن، پۈتۈن ئۆمرىنى قۇرۇش ھەم بۇزۇش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتسە ئاقىۋەتتە ھېچ ئىش قىلمىغاندەكلا بولىدىكەن، بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە پايدىسى! مانا مەن تولا خوتۇن ئالدىم، ھەممىنى قويۇپ بەردىم. نەچچە بالىلىق بولدۇم، ھەممىسى خەقنىڭ بولدى.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (29)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-10-22
ئەمما پەرھاتنىڭ بۇ پىلانى غېنى شاڭجاڭنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار بىلەن توختاپ قالدى. شاڭجاڭنىڭ ئۈرۈمچىلىك خوتۇنى رېستۇراندىكى قىزلاردىن ئېرىنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاچقا تېخى كۆرۈپ باقمىغان رەيھاننى كۈنلەپ تېلېفوندىلا شاڭجاڭ بىلەن غىژىلدىشىپ يۈرۈۋاتاتتى. ئەسلىدىنلا كەيپى ئۇچۇپ يۈرگەن غېنى شاڭجاڭ ئۇ خوتۇنىنى تېلېفوندىلا تىللاپ،خېتىڭنى ئال دەپ تەھدىت سالدى. خوتۇنى كېلىپ ئالىدىغان ھەققىنى ئېلىپ كەتتى. غېنى شاڭجاڭ شۇندىن كېيىن كۈن-كۈنلەپ تۈزۈك گەپ قىلمايدىغان، جاھاندارچىلىق ئىشلىرىغا ئانچە ئالدىرىمايدىغان، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى، كۆپ ھاللاردا غەمكىن، خاپا يۈرەتتى. ئەمدىلىكتە توساتتىن بېيجىڭغا كېسەل داۋالاتقىلى بارىدىغان بولۇپ قالغانىدى.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (28)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-10-22
ـــ رەسۋالىقىڭنى بىلسە غېنىكاڭمۇ ئەدىۋىڭنى بېرىدۇ.
ـــ مەن رەسۋا بولىدىغان بولسام ئاللىبۇرۇن كوچىغا چىقاتتىم، سەندەك قەلەندەرگە خوتۇن بولمايتتىم، ئۇقتۇڭمۇ!؟
بۇ گەپ ياسىننىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، بىر چاغلاردىكى ئەقىللىق، چىرايلىق، مۇلايىم قىز مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ ياسىننى ئۆزىگە خۇمار قىلىۋەتكەن مەپتۇنكار ”خوتۇن“ مۇشۇ ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭ ئەقلى ھىيلىگەرلىك بىلەن، چىرايلىقلىقى ئاچكۆزلۈك بىلەن، مۇلايىملىقلىقى ياسالمىلىق بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەچكە، ياسىناخۇن ئۇنىڭ ئىچ مىجەزىنى بىلەلمىگەن گەپ؛ كونىسىدىن بىزار بولغانچە يېڭىياچە خوتۇنىنىڭ ھەممە يېرى گۈزەل تۇيۇلۇپ كەتكەن گەپ. رەيھان دېگەندەك، ”كۆزىگە ئىشتان كىيىۋالغان“ گەپ!
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (27)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-10-22
غېنى شاڭجاڭ بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، پەرھات بىلەن ياقۇپ يىلان دېرىزە يېنىدىكى جوزىدا خېرىدارلاردەك پاراڭ سوقۇپ، يەپ-ئىچىپ ئولتۇراتتى. پەرھات ئۇنى كۆرۈپلا يېنىغا چاقىردى، ھاشىم روھى چىقىپ كەتكەندەك ھالسىز، پەرۋاسىز ھالدا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، دەرۋەقە بايىقى ئىش ئۇنىڭ دۇنياسىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن، كەلگۈسى ئوي-پىلانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولۇپ، بارلىق غەم-قايغۇسى قاچان، قانداق ئۆلۈشتە قالغانىدى، خالىي يەرنى تېپىپ ھۆكىرەپ قانغۇدەك يىغلىۋالسا يەڭگىللەپ قالاتتى، شۇنچىلىك پۇرسەتمۇ بولمىدى، شۇ تاپتا ئۇ كەلگۈسى پاجىئەلىرىنى ھەر ۋاقىت، ھەر مىنۇت كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئىچ-ئىچىدىن زارلانماقتا، تەقدىرىگە ئاھ ئۇرۇپ نالە قىلماقتا ئىدى.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (26)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-09-16
«كۆپۈك» ناملىق رومان نەشردىن چىقتى
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-06-30
«كۆپۈك» ناملىق تۇنجى رومانىم بۇ يىل 6-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. روماندا 90-يىللاردىن كېيىن شەھەرلىشىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ مەيدانغا چىققان زىددىيەت، ئۆزىمىزگە خاس بىمەنە، ئېچىنىشلىق ئىشلار قارا
يۇمۇر شەكلىدە جانلىق بايان قىلنغان. ئەسەر ۋەقەلىكى راست ئىشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا توقۇلما قىلىنغان بولۇپ، تەنقىدىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا يەنە ناتونۇشلاشتۇرۇش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە قىسمەن بىمەنىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى كىرىشتۈرۈلدى. ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ «جاھاندا مۇشۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ؟» دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما رېئاللىقتا نېمە ئىشلار بولمايدۇ؟ بۇنداق غەيرى ئىشلارنى يوق دېيەلمەيسىز، يالغان دېيەلمەيسىز، غەيرى ئىشلارنى ئومۇملۇققا كۆتۈرۈش ئارقىلىق مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئاساستا مەركىزىي نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇئەللىپنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سىناقلىرى. روماننىڭ فوكۇس نۇقتىسى: زەئىپلەشكەن ئەركەكلىك ۋە كۈچىيىپ كەتكەن نەپسانىيەتچىلىك؛ ماددىي مەنپەئەت بىلەن روھىيەت ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە شۇ ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان تۇرمۇش.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (25)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-06-29
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (24)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-06-21
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (23)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-06-16
ئەمما ئۇ كىچىك خوتۇنىنىڭ قوينىغا شۇنچىلىك كۆنۈپ قالدىكى، ھەر كۈنى ئىشنىڭ ئوڭىيىغا قېچىپ شۇ ياققا كېتىۋالدى. رەيھاننىڭ يوشۇرۇن جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن تۈزۈۋاتقان پىلانلىرىدىن خەۋەرسىز قالدى، ياكى بۇ قەلئەدەك مۇستەھكەم خوتۇنىنىڭ قوينىغا كىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىدى، بىرەر ئېغىز قاتتىق ياكى تاتلىق گەپ بىلەن بۇ خوتۇنىنىڭ پىلانىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلالمىدى. خوتۇنىنى تاشلاپ قويۇۋەرسە ئىش ھەل بولىدىغاندەك خاتا ئويلىدى، باشقا ھەل قىلىش چارىسىنى ھەم تاپالمىدى؛ شەھۋەتپەرەسلىك، مەيلىخۇشلۇققا كۆنۈپ قالغانچە تۇرمۇشتىكى جىددىي مەسىلىلەرنى قايرىپ قويۇپ، ئۆز نەپسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى. رەيھانغا گەپ قىلسا، رەيھانغا باش ئەگسە خۇددى شەھۋەت ئۈچۈنلا باش ئېگىدىغاندەك، بۇنى رەيھان ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغاندەك ئويلاپ، بۇ نىيەتلىرىدىنمۇ ۋاز كەچتى.
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (22)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-06-10
ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك خىيالى نەسلىك، ئۆچمەنلىك، ئەيدىزدىن يىراق كەتمەيتتى، ساقىلىنى ئالغاندا يۈزىگە سىنچىلاپ قارايتتى، دانىخورەككە ئوخشاش بىر نەرسىلەر چىقىپ قالسىمۇ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ، ئەينەككە چەكچىيىپ قاراپ قالاتتى، يۈرەكلىرى ئەنسىز سوقاتتى. بۇنداق چاغدا ئۇ ھەر كۈنى نامىزىنى قازا قىلماي ئوقۇپ پاكىز يۈرۈيدىغان ساۋۇتقا زوقلىنىپ قالاتتى،ھەسەتمۇ قىلاتتى، ھەسرەتلىنەتتى، يامان ئىش قىلماي ئۆتىدىغان ئادەمنىڭ نەقەدەر خاتىرجەم ياشايدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولاتتى، ئارقىدىن ئادەم ئۆزىنى ئاۋايلاپ يۈز يىل ياشامتى، ياشىغاندىكىن پەيزى ياشاش كېرەك، پۇشايمان قىلماسلىق كېرەك، خۇمارىغا قېنىپ قېنىۋېلىپ ئۆلگەنلەرمۇ ئادەم، شۇلارمۇ ھېچنېمىدىن قورقماي ئۆلىدۇ، خۇدا جاننى ئالسا ھەر كىم ئەيدىز بولمايمۇ ئۆلىدۇ دەپ نوچىلىق بىلەن خىيال سۈرەتتى، تاماكىسىنى قېنىپ-قېنىپ شورايتتى، خېلىدىن بېرى جىمىپ قالغان ھەۋەسلىرىنىڭ ھاراق ياكى تاماكا خۇمارىدەك بەك قوزغاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا خوتۇنسىراپ تۇرغان نۇرغۇن ئەركەكنىڭ باشقا خۇمار ئارقىلىق بۇ ھەۋەسلىرىنى تىزگىنلەپ كېتىدىغانلقىنى بايقىغاندەك بولاتتى.
خەتكۈش: رومان
كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (21)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-05-27
كاۋابچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (20)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-05-03
بلوگ ئىشقى
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-04-17
خەتكۈش: ماقالە
توردىكى مارافونچە يېزىقچىلىق
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-04-13
نۇرغۇن تورداشلار «ئاخىرى پۈتمەس ئۇنداق ئەسەرنى يېزىپ، خەقنى ساقلىتىپ يۈرگىچە ھەممىنى يېزىپ بولۇپ بىراقلا ئېلان قىلسا بولمامدۇ؟» دېيىشىدۇ. توغرا، يازغۇچى ئەسەرنى ئالدىرىماي يېزىپ بىراقلا ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئۆزىمۇ ئالدىراپ قالمايدۇ، ئوقۇرمەنلەرنىمۇ ساقلىتىپ يۈرمەيدۇ. ئەمما بۇنداق قىلغاندا تور ئەدەبىياتىنىڭ قىززىقى قالمايدۇ، تور بىلەن مەتبۇئاتنىڭ ئانچە پەرقى بولماي قالىدۇ. خەلقئارا ۋە ئېلىمىزدىكى تور ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشىدىن قارىغاندىمۇ ئۇلاپ يېزىش ۋە ئۇلاپ كۆرۈش تور ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى.
خەتكۈش: ماقالىلەر

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ



