زىيارەتچىلەر سەمىگە:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمىنى:

ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ PJBlog3 ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تاللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ناۋادا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر بلوگنى تۇنجى قېتىم  زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايسىز.

 

زىيارەتچىلەرگە تەۋسىيە (چۇقۇم كۈرۈڭ): ھايات چاقچىقى(يېڭى ئەسەر)!

تۈر: رومانكۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز (رومان) PDF

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(19)

ئۇ ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغان پەرۋانىدەك تەلۋىلىك بىلەن ساتراشخانىغا شۇڭغۇپ كىردى، ئىشىك تۈۋىدىكى سەتەڭ ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى كىرىشىنى بىلىدىغاندەك سوغۇققانلىق بىلەن ئورنىدىن قوپقاندا ئۇنىڭ يۈرىكى بايا سىرتتا تۇرغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك سوقۇپ كەتتى، سافادا ئولتۇرۇپ قەرت ئويناۋاتقان، تاماكا چېكىۋاتقان سەتەڭلەرگە قارىدى ۋە تەسەۋۋۇرىدا ئۇلارنى سېرىق تور بەتلىرىدىكى قىپيالىڭاچ رەسۋالارغا ئوخشاتتى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەرتۈرك، ئىلقۇت، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 1940

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(1)

كۈنلەر ئۆتۈپ، بېيجىڭدا ئولېمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا بارلىق كاۋابچىلار، ماتاڭچىلار، تېلېفونچىلار، دوللارچىلار، يانچۇقچىلار، پاھىشىلەر، تار كوچىغا كىچىككىنە ئاشخانا ئېچىۋالغان خوجايىنلار قاتتىق تەكشۈرۈلدى، كۆپ قىسمى سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان، رەسمىيتى تولۇق ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن پايتەختتىن، مەركەزدىن ھەيدەلدى. شۇ قاتاردا ياسىنمۇ كۈدە-كۆرپىسىنى يۈدۈپ، تاپقان-تەرگىنىنى بانكا كارتىغا ئۆتكۈزۈپ، خېبېينىڭ بېيجىڭغا يېقىن بىر ناھىيىسىگە كەلدى، بۇ ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئاچقان بۇرادىرى ئۇنىڭغا ئاشخانىسىنى ساتماقچى بولۇپ تېلېفون قىلغانىدى، كېلىپ كۆرۈپ باق دېگەنىدى. ياسىن كېلىپ كۆردى، ئورنى خېلى ئاۋات يەردە ئىدى، ئالدىدا قاتار كەتكەن ساتراچخانىلارنىڭ پىقىرىغۇچلىرى ئايلىنىپ تۇراتتى، ئىشىك ئالدىدا يوتىلىرى ئوچۇق تەتەي قىزلار كۆز قىسىپ قاراپ تۇراتتى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئىلقۇت، ئەرتۈرك

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 941

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(2)

__ بىز بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدۇق؟ قانداق تونۇشۇپ قالدۇق؟ قانداق بولۇپ بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق؟ ئويلىساڭ بىر تۇرۇپ ئەجەبلىنىسەن، خەق بىزنى ئەسكىلىكىدىن يۇرتىغا پاتماي چىقىپ كەتكەنلەر دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇنداق ئەمەس. بىز يۇرتقا ئەمەس، ئىچىمىزگە پاتماي چىققانلار. توغرا، بىز ئىچىمىزگە سىغمىدۇق. نى نى ئارمانلىرىمىز، پىلانلىرىمىز ئىشقا ئاشمىدى. مەن بىر دادۈيجاڭ ئىدىم، شاڭجاڭ بولغۇم بار ئىدى، بولالمىدىم، ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن دادۈيجاڭلىقتىن قالدۇرۇلدۇم. خەقلەر مېنى كۆزىگە ئىلمىدى. ئاددىي دېھقان بولۇپ ئۆتىۋېرىشكە چىدىمىدىم. كالىنى توخۇنىڭ كاتىكىگە سولاپ قويغىلى بولامدۇ دەيسەن؟ شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۇل دەپ كۇلىغا چىقتىم، سۆزلىسەم گەپ تولا، بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە نەچچە يىل ئىتنىڭ كۈنىنى كۆردۈم، ئەمما نىيىتىمدىن يانمىدىم.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئىلقۇت، ئەرتۈرك، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 463

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(3)

بىر مۇنچە سېرىق سەتەڭلەر كۈندۈزى ھاشىم دوغىلاقنىڭ كۆز ئالدىدا، كېچىسى تەسەۋۋۇرىدا ئايان بولاتتى، ئارام بەرمەيتتى. ئارقا ھويلىدىكى ئاشپەزلەر ياتىقىدا 17 سۇڭلۇق كونا تېلىۋىزوردىن بۆلەك ئۇنى جەلپ قىلغۇدەك ھېچ نېمە يوق ئىدى، ئۇ نەچچە قېتىم بۇ ياتاقنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنى، تامغا يالىڭاچ قىزلارنىڭ رەسىملىرىنى چاپلاشنى، ئۆز ئالدىغا ۋىدىيو ئاپپاراتى ئېلىپ سېرىق فىلملەرنى كۆرۈشنى ئويلىدى، ئەمما ميەنجاڭ بالىنىڭ ئۇنداق ئىشلار بىلەن خوشى بولمىغاچقا، ئويلىغىنىنى قىلالمىدى. تاماكا خۇمارى ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بولمىغاندا سېغىنىدىغان، ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىدىغان ئەڭ رەزگى خۇمار ئىدى، قازان بېشىدا ئىشلەپ چارچىغاندا ياكى خېرىدار ئۈزۈلگەندە ئۇ جوزىلارنى رەتلەپ بولۇپ، دېرىزە يېنىغا كېلىپ تاماكا چەككەچ ساتراچخانا قىزلىرىغا قارايتتى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئىلقۇت، ئەرتۈرك، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 375

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(4)

خوتۇنى ئۇنداق كۆيۈنۈپ ئىشلەۋاتقاندا ياسىن لاۋبەن بولدۇم دەپ لاغايلاپ يۈرەلمەيتتى، خوتۇنى گۆش بىلەن ماينى ئارىلاشتۇرۇپ مارجاندەك تىزىپ ئۆتكۈزگەن كاۋابنى بارلىق ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ تەملىك پىشۇرۇپ، خېرىدارنى رازى قىلمىسا ۋە ئۇلارنى ئاشخانىغا كۆپلەپ جەلپ قىلمىسا بولمايتتى. ئەمما ئۇنىڭمۇ پۇل تاپقانچە كاۋابچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چوڭ لاۋبەن بولغۇسى، غېنى شاڭجاڭدەك ئىشتاننى قىرلاپ يۈرگۈسى بار ئىدى؛ قاچانغىچە كاۋابدان ئالدىدا ئىس-تۈتەكتىن بوغۇلۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى كۈيىگە مىلەپ يۈرۈيدۇ؟ شۇنچە يىل جاپا تارتقاندىن كېيىن ئەمدى ئۇنىڭ راھىتىنى كۆرمەمدۇ؟ ھازىر مانا كىچىك بولسىمۇ نەچچە ئادەمنى باشقۇرۇپ يۈرۈيدىغان لاۋبەن. لاۋبەننىڭ قارا ئىش قىلغىنىنى كىم كۆرگەن؟ ئۇنىڭ ئىس-تۈتەك ئىچىدە چوغلارنى يەلپۈپ يۈرگىنىنى غېنى شاڭجاڭ كۆرۈپ قالىدىغان بولسا نېمە دەپ كېتەر؟!

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئىلقۇت، ئەرتۈرك، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 361

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(5)

ھاشىم تېخىمۇ چوڭ ھۇزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئورنىدىن قوپتى، سەتەڭ ئۇنى باشقا بىر سېرىق چاچ سەتەڭگە تۇتقۇزدى، ئۇ ھاشىمنى ئىچكىرىگە باشلاپ، بىر كارىۋاتلىق تار ئۆيگە ئېلىپ كىردى. كۆزى شەھۋەتتىن تورلىشىپ كەتكەن ھاشىم بۇ كارىۋاتتىكى كىرلىكلەرنىڭ مەينەتلىكىنى كۆرمىدى، ئايىغىنى سېلىپ تاشلاپ، ھاياجىنىنى بېسىپ ئوڭدا ياتتى، كۆزىنى يۇمدى، چۈش كۆرۈۋاتامدۇ ياكى چۈش سەيلىسى قىلىۋاتامدۇ، ئەيتاۋۇر نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىيال قىلىپ كەلگەن شىرىن تەسەۋۋۇرى بىلەن رىئاللىق ئارىسىدا ئۆزىنى تاپتى؛ ئويلىغىنىغا يەتكەندەك، ئەمما مۇرادىغا تېخى يېتەلمىگەندەك ھېس قىلدى. " بۇنداق چاغدا باشقا ئىشنى ئويلىماسلىق كېرەك،__ دەپ ئويلىدى ئۇ،__ بىزمۇ ئادەم، بىزمۇ ئوغۇل بالا، لاۋبەندە بار ھەۋەس بىزدىمۇ بار، لاۋبەن چىرايلىق خوتۇنىغا قانماي، يەنە مۇشۇ سەتەڭلەرنى ئوينىسا گەپ يوق، قاغجىراپ كەتكەن بىز بىچارىلەر ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قاندۇرۇپلا يۈرەمدۇق؟..."

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئىلقۇت، ئەرتۈكر، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 378

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(6)

ھاشىم سالپىيىپلا قاراپ تۇراتتى، ھەر كۈنى خەق بۇيرۇتقان سەينى قورۇپ، بۇيرۇققا بىنائەن ئىش قىلىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ كاللىسىدا نېمە پىلان بولسۇن؟ ئۇنىڭ بۇ يەردە ئىشلىگۈسىمۇ، كەتكۈسىمۇ يوق ئىدى، كەتسە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ كېسەل يۇقتۇرغان ياكى يۇقتۇرمىغانلىقى نائېنىق بولغاندەك، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى نائېنىق تۇرسا، نېمىنى ئويلاپ، نېمىنى دەيدۇ؟ شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ۋە كەلگۈسىنى ئاللىقانداق ۋەھىمە، قورقۇنچ بېسىپ كەتتى. بۇنى ياسىن لاۋبەنگە قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ " بىر بۇزۇق مېنى مۇشۇنداق تۈگەشتۈرۈۋەتتى" دەپ دەردىنى تۆكەمدۇ؟ بالاتەگكۈر ئىشنى قىلغاندا نومۇس قىلمىغان ئادەم ياسىن لاۋبەنگە بۇنى دېيىشتىن نومۇس قىلغىنى قىززىق...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەرتۈرك، ئىلقۇت، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 333

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(7)

ھاشىم دوغىلاق بۇ پاكىز، چىرايلىق قىز بىلەن "كېسەل" بولۇشتىن ئىلگىرى تونۇشقان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە! ھازىر ئۇ بۇلغانغان، روھى سۇنغان بالاڭزا، ئەتە-ئۆگۈن يۈزىگە ئۇششاق قىزىل بىر نېمىلەر چىقىپ كەتسە كۆرۈڭ، قىزغا تىكىلىپمۇ قارىيالمايدۇ. ئەمما كۈنلەر ئۆتكەنچە ئىش ياخشى تەرەپكە يۈزلەندى، گۈلشەننىڭ بۇ يەردىكى چىرايلىقلىقى ئۇنىڭغا ساتراشخانا مايماقلىرىنى سەت كۆرسىتىۋەتتى. قىزنىڭ ھاياتبەخش ھارارىتى، گۈزەللىكى، ھەرىكەتچانلىقى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تەسىر قىلدىكى، كۆڭلىدىكى ۋەھىمىلەرمۇ خېلى تۈگىدى، ئارقىدىنلا جىنسىي ئارزۇ- ئارمانى، تەشنالىقى كۈچىيىپ قالدى؛ مۇشۇنىڭغا قاراپ ھەتتا ئۆزىنى ساغلام ھېس قىلدى، كىچىك تەرەت قىلغاندا سۈيدۈكلىرىگە سىنچىلاپ قاراپ "مەن ئەيدىز ئەمەس، مانا ساپساقلا تۇرۇپتىمەن" دەپ، كۆڭلىگە تەسەللىي بەردى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەرتۈك، ئىلقۇت، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 281

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(8)

ھاشىم دوغىلاقنىڭ ئەيدىز ۋەھىمىسى پەسىيىپ قالدى، بۇنىڭغا ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى، ئەركەك قوينىڭ تاشىقىنى بۇرۇنقىدەك كۆپ يەۋالمىسىمۇ، ئاندا-ساندا يەپ قويىدىغان بولدى، قارىسا ساپمۇ ساق، تېتىك يۈرۈۋاتقان، شىرىن خىياللارنى بولدى دېگۈچە سۈرۈۋاتقان... ئۇنىڭ گۈلشەنگە غايىۋى رەھمىتى بار ئىدى، چۈنكى بۇ قىز ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ، جۇشقۇن ھەۋەس شەكىللەندۈرگەن، بۇ ھەۋەستە ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىد بار ئىدى. ئۇ گۈلشەننى ھەر كۆرگەندە بىر رەت كۆز زىناسى قىلاتتى، جىنسىي تەسەۋۋۇرلىرى قايتىلىنىپ، يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ تۇراتتى، ھېسسىياتى دېڭىز دولقۇنىدەك مەۋج ئۇراتتى، ھەۋەسكە تولغان ۋۇجۇدى شىرىن تۇيغۇلاردا ئۇيۇشۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ بۇ تەشنالىقى، سەزگۈرلۈكى، ھەتتا سەۋدالىقى ئۆزى بىلەنلا قالدى، بۇ ئازاب دېسە ئازاب ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان ئىزتىراپ ئىدى، گۈلشەن " قانداق قارىساڭ قارا، ماڭا ئېرىشەلمەيسەن" دېگەندەك پەرۋاسىز يۈرىۋېرەتتى، گەپ قىلسىمۇ ئىش ئۈستىدىكى گەپتىن باشقا ھېچنېمە دېمەيتتى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەرتۈرك، ئىلقۇت، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 372

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(9)

غېنى شاڭجاڭ ياسىننى يوقلاپ كەلدى، گۈلشەننى بۇ ئاشخانىغا يولغا سېلىۋەتكەندىن تارتىپ ئۇ ياسىندىن گۈلشەننىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرغانىدى، ياسىنمۇ ئۆزى نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ گۈلشەننى ماختاپ بەرگەچ "قاچان كېلىسەن ئاكا، سېنى ئوبدان بىر مېھمان قىلىۋالسام بولاتتى" دەپ يۈرەتتى. غېنى شاڭجاڭ تاز بېشىنى پارقىرىتىپ، سۆلىتىنى نامايىش قىلىپ بۇ كىچىك ئاشخانىغا قايتا قەدەم تەشرىپ قىلغاندا ياسىن ئۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئىززەتلەپ قىزغىن كۈتۈۋالدى، گۈلشەن تاغدەك يۆلەنچۈك ئاكىسىنى كۆرگەندەك ئېچىلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىدى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەرتۈرك، ئەلقۇت، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 348

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(10)

ياسىن كارىۋات بېشىدىكى رەسىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ ئاخشام ئۇنى تىقىۋەتكەنلىكىنى يادىغا ئالدى، بۇ رەسىم بولمىسا ئۆيدە بىر نەرسە كەمدەكلا كۆرۈنەتتى. بۇ ئۆي ئەسلىدە خوتۇنىنىڭ خۇش تەبەسسۇمى، ئوغلىنىڭ ئوماق كۈلكىسى بىلەن گۈزەل ئىدى. ھازىر بولسا بۇلۇڭ-پۇشقاقنىڭ ھەممىسىنى خۇنۇك مەنزىرە، دىمىق كەيپىيات بېسىپ كەتكەنىدى. ياسىن ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىشكە باشلىدى، ئىسنى ئاچچىق-ئاچچىق شورايتتى، ھالقىسىمان ئىسلار گۈلشەننىڭ بۇرنىدىن كىرىپ قۇلىقىدىن چىقىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئۇ ئېزىلىپ، ھېچنېمىنى تۇيماي ياتاتتى. ياسىن ئەمدى ئوتى تۈگىگەن بۇ «قىز»نىڭ ئىشقىدا داۋاملىق كۆيۈشكە مەجبۇر؛ ئشىق، شەھۋەت ئوچىقىغا داۋاملىق ئوت قالاپ، ئۆچۈپ قالاي دېسە ئۇلغايتىپ، كۆزىگە ئىس كىرىپ كەتسىمۇ چىداپ پۈۋدەپ تۇرمىسا بولمايدۇ. خوتۇنى «نېمە بولدىڭىز، كۆزىڭىز ياش يۇقىغۇ؟» دېسە، « سىزگە قىلغان ۋاپاسىزلىقىم ئۈچۈن ياش تۆكتۈم» دېيىشى مۇمكىن. ھەي خام قاپاق بەڭگى، سېنىڭ قىسمىتىڭ بۇنداق بىچارە بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەرتۈرك، ئىلقۇت، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 474

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(11)

ياسىن بىلەن گۈلشەن كۈپكۈندۈزدە كارىۋاتتا ئەيش-ئىشرەت، توقۇناق پاراڭلار بىلەن ياتقاندا ھاشىم دوغىلاق بىلەن ساۋۇت ئىشقا چىقتى. ھاشىم يەنىلا ئۇيقۇسىز، ھارغىن كۆرۈنەتتى. تۈنۈگۈن ئاخشام، يەنى ياسىن بىلەن گۈلشەن تار كوچىدا سۆيۈشۈپ، يالىشىپ تۇرغان ۋاقىتتا ئۇ كوچىغا ئىت ئىزدەپ چىققان بولسىمۇ، تاپالماي يېنىپ كىرگەنىدى، ئۇزۇن تۈكلىرىنىڭ دەستىدىن يۈز-كۆزىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇ قوتۇر پىستىنى ھاشىم تونۇسا كاشكى؟ شۇڭا ئاۋارە بولماي، بەش يۈز سومغا چىداپ، بىراقلا ئارام تاپقىنى ياخشى. لاۋبەن سەتەڭ ئازراق مۆھلەت بېرەي دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك، ئاخشام كىرمىدى، ئەمما بۈگۈن بولمىسا، ئەتە چوقۇم ھېساب ئېلىش ئۈچۈن كىرەتتى. ناشتىلىقتىن باشلاپ غەم يېگىلى تۇرغان ھاشىم تاكى زاۋال چۈشكىچە غەمدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى پەملىدى، سەتەڭ كىرسىلا ئۇنى ئايرىم يەرگە تارتىپ قولىغا پۇلنى بېرىپ يولغا سېلىشنى ئويلىدى، ئەمما ئۇ كىرمەيۋاتاتتى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەرتۈرك، ئىقۇت، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 353

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(12)

ياسىن گۈلشەننى چۈشتىمۇ، كەچتىمۇ قوينىغا سولاپ ياتقان بىلەن خوتۇنىنى بىر دەممۇ ئېسىدىن چىقىرالمايتتى، ھەتتا ئۇنىمۇ سېغىناتتى، خوتۇننىڭ مېھرى ۋە پەيزىمۇ باشقىچە دەپ ئويلايتتى، ئەمما ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلىدىغانلىقىنى ئويلىسا ئىچى سىقىلاتتى. گۈلشەن بىلەن بىللە بولۇش ئالدىدا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىنتىلىپ، ھاياجانلىنىپ قىلمىغانلىرى قالمايتتى، ئەمما ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ھېسسىياتى پەسكويغا چۈشۈپ، كاللىسى قوپقۇرۇق بولۇپ قالاتتى، خوتۇنىغا قىلىۋاتقان خىيانىتىگە ئۆكۈنۈپمۇ قالاتتى. زەھەرگە خۇمار بولغان ئادەم ئۆزىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەجەللىك خۇمارىدىن قۇتۇلالمىغاندەك، ياسىنمۇ بۇنداق كېتىۋەرسە كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇرمۇشىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، گۈلشەندىن ۋاز كېچەلمەيدىغاندەكلا قىلاتتى؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا خۇمار بولۇپ كىرىشىپ قالغانىدى، شەھۋەتلىرى بېسىققاندا بىر دەم ئىچى پۇشۇپ، مەنىسىزلىككە، پۇشايمانغا پاتقاندەك قىلغان بىلەن بىر دەمدىن كېيىن ھېسسىياتى ئۆرلىگەندە يەنە قىلىقىنى داۋاملاشتۇراتتى. گۈلشەنمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىغا سەزگۈر بولۇپ، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەملەپ تۇراتتى. ئۇ قاپىقىنى سەل-پەل تۈرۈپ، خوتۇنىنى ئويلاپ ئېغىر خىياللارغا چۆكۈپ بولغىچە ئۇنى بۇنىڭدىن تارتىپ چىقىرىپ، ناز-خۇلقى، تەننازلىقى بىلەن بىر دەمدە كۆڭلىنى ئېچىپ، ئەسەبىيلىكىنى قوزغاپ بولاتتى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەرتۈرك. ئىلقۇت. بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 287

كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى(13)

بەزى ئەرلەرنىڭ يۈزى ئېشەك تېرىسىدىنمۇ قېلىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ سەزمەستىن ئېشەككە ئايلىنىپ بولغان. ئۇ پويىز ئىستانسىسىدا خوتۇنىنى كۆرۈپ سۇس كۈلۈمسىرىگەندە يۈزىنىڭ ھەقىقەتەن تارتىشىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى، رەيھان ئۇنىڭغا بىر قاراپلا كۆڭۈلسىزلەندى. ئېرىنىڭ ھەممە يېرىنى پىششىق بىلىپ كەتكەن، ۋۇجۇدىدا نېمىنىڭ ئارتۇق، نېمىنىڭ كەم بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىپ تۇرىدىغان خوتۇن ئۇنچىلىك ئالامەتلەرنى بىلمەي قالارمىدى، ئەمما شۇ سەزگۈرلۈكى ئۇنىڭغا ئازاب ئېلىپ كېلىۋاتاتتى، ئۆزىنىڭ ھالىغا ئەمەس، ئېرىنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ ھەسرەت چېكىۋاتاتتى... مانا ھەقىقىي ئايال دېگەن، مانا ھەقىقىي مۇھەببەت دېگەن! ئەمما ياسىن بۇنى سەزمەكتە يوق، خوتۇنىدىن ۋەھىمە يەپ، ئۇنى تۈگىتىشنىڭ چارىسىنى ئويلاپ، جىددىيىلىشىپ تۇراتتى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەرتۈرك، ئىقۇت، بلوگ

تۈر:رومان | مۇقىم ئۇلانما | ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 482