زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمىنى:
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ PJBlog3 ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تاللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ناۋادا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر بلوگنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنىمۇ نورمال زىيارەت قىلالايسىز.
زىيارەتچىلەرگە تەۋسىيە (چۇقۇم كۈرۈڭ): ھايات چاقچىقى(يېڭى ئەسەر)!
زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز (رومان) PDF
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2009-04-26
ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم
ئاپتورى:admin ۋاقتى:2009-04-01
ھۆكۈمەتنىڭ كۈشەندىسى
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-09-03
ئاساسىي قاتلامدا ھۆكۈمەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلمايدىغان، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ رەزىللىك قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر ئوچۇم پارازىتلار بار، ئۇلار بەئەينى ھۆكۈمەت ئۇۋىسىغا كىرىۋالغان يىلان-چايان، ئۇلار قەدىمى يېتىدىغان، كۈچ-ھەيۋىسىنى كۆرسىتەلەيدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاچكۆزلۈك، زەھەرخەندىلىك بىلەن تىمىسقىلاپ يۈرىدۇ، قەيەردە نەپ بولسا شۇ يەرگە ئۈنىدۇ؛ قەيەردە گەپ بولسا شۇ يەرنى تىڭ-تىڭلايدۇ. ئۇلار جىق ئادەمنىڭ سايىسىنى كۆرسە يايراپ كېتىدۇ، چۈنكى سۈر-ھەيۋىسىنى شۇ يەردە بەكرەك كۆرسىتەلەيدۇ. ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرغان ئادەمدىنمۇ كۈن نۇرىنى قىزغىنىدۇ، تىنچ كۈن ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ...
ئوقۇش ھەققىدە
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-31
17. توغرا نەرسىنى ئوقۇ، خاتا نەرسىنى ئۆگىنىپ يۈرمە، تاللىشىڭ توغرا بولسۇن. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قورالى بولغان كىتاب ئېسىمىزگە كېلىدۇ. كىتابنى توغرا تاللاپ ئوقۇيالمىساڭ پۇلۇڭ ، ۋاقتىڭ ، زېھنىڭ ئىسراپ بولىدۇ، بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىتابنى بىلىپ، بايقاپ، تاللاپ ئوقۇش كېرەك. يۈز گرام شېكەر ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن يۈز كىلو شېكەر قومۇشى چايناش ھاجەتسىز.
18. شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، قۇرئاندىن باشقا بارلىق كىتابلار ”نېمە ئۈچۈن؟“ بىلەن باشلىنىپ، يەنە ”نېمە ئۈچۈن؟“ دە ئاخىرلىشىدۇ، بەلكى يەنە ”نېمە ئۈچۈن؟“ ھەققىدە يېزىلىدۇ.
ئىلىم ھەققىدە
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-30
5. بىلىمگە ئىگە بولۇش دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا، ئەڭ ياخشى ئىگىدارچىلىقتۇر، چۈنكى بىلىم بىر ئارتۇقچىلىقتۇر.
6. ئەڭ باشتا ئۆزەڭگە كېرەكلىك ئىلىمنى ئۆگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە ھەر قېتىم بىر نەرسە ئۆگىنىشنى باشلىغاندا” بۇ بىلىم ماڭا پايدىلىقمۇ؟“ دەپ سورىشىڭ كېرەك.
7. ئىلىمنى دىنىي ۋە دۇنياۋى ئىلىم دەپ ئىككىگە ئايرىش بىزنىڭچە توغرا ئەمەس. بىر مۇئمىننىڭ دۇنياسى ئۇنىڭ دىنىدىن، ئۇنىڭ دىنى بولسا دۇنياسىدىن ئايرىلمايدۇ. كەسپىي بىلىمىڭ سېنىڭ ”ئىلمى ھالىڭ“(ھاياتىڭغا تەتقبىقلانغان دىنىي بىلىملەر) بولۇپ، ئاخىرەتلىكىڭگە ئائىت بىلىملەرگە ئوخشاشلا زۆرۈر ۋە پايدىلىقتۇر.
تەپەككۇر ئىبادىتى
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-20
پەلسەپە كىتابلىرىنى ئوقۇپ كاللىنى ساراڭ قىلغىچە قۇرئان، ھەدىس ئوقۇپ كۆڭۈلنى يورۇق قىلغان ياخشى. ئەمما پەلسەپەدىن خەۋەردار بولمىسا قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ھېكمەتلەرنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى، ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەن ئۇچۇر بىلەن ئىنسانلارنىڭ مەپكۇرىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇپ بىلگىلى بولمايدۇ. دىنىي ئىلىملەرنى ئوقۇش بىلەنلا دىننىڭ ئىشى ھەل بولمايدۇ، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش كېرەك، قۇرئاندا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئايەتلەر بار. تەپەككۇر قىلىپ كۆڭۈلدە قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى بەجا كەلتۈرۈشكە قىزىقىش كېرەك، قىزىقىش بولمىسا ئىرادە نەدىن كېلىدۇ؟ ئىرادە بولغاندىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان، تەۋرىمەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك. بۇنداق ئىرادىنى قانداق تىكلىگىلى بولىدۇ؟ ئۈمىد ۋە قورقۇنچ بىلەن، جەننەتكە قىزىقىش، دوزاختىن قورقۇش بىلەن تىكلىگىلى بولىدۇ.
روزىدارلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم پەتىۋالار (2)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-17
16. تەراۋىھ نامىزىنى تېز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جىسمانىي ۋە مەنىۋى خۇشۇسى كەم ھالدا ناماز ئوقۇغان ۋە ناماز ئوقۇتقانلارغا تەۋسىيەم شۇكى، تەراۋىھ نامىزىنى خۇشۇسىز، ھۇزۇرسىز 20 رەكئەت ئوقۇغاندىن خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن 8 رەكئەت ئوقۇغان ئەۋزەل. نامازنىڭ رەكئەت سانى، ئاز-كۆپلۈكى مۇھىم ئەمەس، ئۇنىڭ قانداق ئوقۇلۇشى، كەيپىياتى، سۈپەت-ساپاسى مۇھىم. بۇ ناماز خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن ئوقۇلدىمۇ ياكى ئالۋاڭ ھېسابىغا، بالدۇرراق تۈگىتىش ئۈچۈن ئوقۇلدىمۇ؟ مەسىلە بۇ يەردە. ئاللاھ تائالا بىزنى خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن ناماز ئوقۇيدىغان تەقۋا بەندىلەردىن قىلغاي.
روزىدارلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم پەتىۋالار (1)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-15

7. رامىزان ئېيىدا بەزى كۈنلىرى روزا تۇتۇپ، بەزى كۈنلىرى قەستەن روزا تۇتمايدىغانلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇنىڭ روزا تۇتقان كۈنلىرى ئىناۋەتكە ئۆتەمدۇ؟
جاۋاب: ھەر ئىشنىڭ ھېسابى ئايرىم. بۇ يەردىكى مەسىلە روزىدارنىڭ روزا تۇتقان كۈنلىرى ھېسابقا ئېلىنامدۇ-ئېلىنمامدۇ دېگەن مەسىلە ئەمەس، روزىنى بۇزۇۋەتكەن كۈنلىرىنىڭ ئورنىنى قانداق تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭ بەدىلىنى قانداق تۆلەيدۇ دېگەن مەسىلە. رامىزاندا روزا تۇتمىغان بىر كۈننىڭ ئورنىنى پەقەت يەنە بىر رامىزاندىكى بىر كۈن بىلەن تولدۇرۇش مۇمكىن. ھەر قېتىملىق رامىزان ئېيى شەك-شۈبھىسىز روزا تۇتۇش شەرتلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەبھۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”كىمكى رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىسا رامىزاندىن باشقا كۈنلەر بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ“ (تىرمىزى).
<< كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى>> (يانفون كىتابى)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-09
تۆۋەندىكى ھۆججەتنى يانفونغا چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن- بولمىسۇن، مالال كۆرمەي پىكىر قالدۇرۇپ قويۇڭ، ئەگەر ھېچكىم چۈشۈرۈپ كۆرەلمىسە قايتا ئىشلەپ يوللايمىز.
مۇھەببەتنى ئۆگىنىش كەتمەيدۇ
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-09

ئىنسانىيەت بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق جەمئىيەتكە قەدەم قويغان نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەرلەرنىڭ ئاشنىسى يوق بولۇشى ئەسلىدە ئەڭ نورمال ئەھۋال. ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ئۆمرىدە پەقەت بىرسىنى ياخشى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىمۇ نورمال ئەھۋال. ئەمما سىز بىر ماشىنىنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز چوقۇم ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى سىلاپ، يالاپ باقامسىز؟ كۆڭلىڭىزدە زوقلىنىپ، ھەۋەسلىنىپ يۈرسىڭىزمۇ بولىۋىرىدىغۇ؟ مۇھەببەت دېگەن بۇ نەرسىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ، شۇغىنىسى ئىشەنمەيمۇ تۇرغىلى بولمايدۇ.
ئەدەبىيات ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-06
ئەدەبىيات ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن جاھانغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلارنىمۇ قەدىرلەش كېرەك. مەسىلەن، خائىن بەدبەختلەر مېنى چىشلەپ تارتىپ ھاقارەتلەيدۇ. ئۇلارنى كۆرسەم خۇددى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مايمۇنلارنى كۆرگەندەك ناھايىتى ئېچىلىپ كېتىمەن، چۈنكى ئۇلاردا ئادىمىيلىك، ئەقىل-پاراسەت يوق، پىسەنت قىلىشىمغىمۇ ئەرزىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ئەخمىقانە ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ كۈلمەي تۇرالامدىمەن؟ مەن مۇشۇنىمۇ ياخشى كۆرەلىگەن يەردە دۇنيادا يەنە نېمىلەرنى ياخشى كۆرگىلى بولمىسۇن؟
دارۋازلىق ۋە قەھرىمانلىق
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-08-03

«ئادىل ھوشۇر قىزغىنلىقى» ھەقىقەتەن ئۆتمۈش بولۇپ قالدى، بۇنى ئۇ ئۆزى ھەممىدىن بەك ھېس قىلسا كېرەك. ئۇ ماھارەتتە، چىدام-غەيرەتتە بارغانچە پىشىپ يېتىلدى، بىراق بۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ تونۇلۇش، تېخىمۇ كاتتا شەرەپ قازىنىشىغا تۈرتكە بولالمىدى. «پەلەك شاھى» دېگەن نامنى ئالغان بىلەن، جېنس دۇنيا رېكورتى دېگەنلەرگەكۆمۈلۈپ كەتكەن بىلەن داڭقى كونىراپ قالدى، تەسىرى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلىدى، خەلقئاراغا تونۇلۇشتىن يىراقلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا نېمە ئامال، مەسىلە ئۇنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، جەمئىيەتتە. ئادەملەرنى باشقا يېڭى-يېڭى ئىشلار، دۇنياۋى ماسابىقىلەر قىزىقتۇرۇپ تۇرىدۇ، تەشۋىقاتنىڭ كانىيىمۇ شۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ.
ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟ (سۆھبەت)
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-05-27
PengiYar: ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
Erturk: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
PengiYar: ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ سىز مەن قالدۇرغان ئادرېس بويىچەداڭلىق تور بېكىتى مۇنازىرىسىدىكى <ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟> دېگەن تېمىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەمدى بىر پىكىرلىشىپ باقايلىچۇ.سىز ئاۋۇ مۇنازىرىگە چۈشكەن تېمىلارغا نىسبەتەن قانداق قاراشتا؟ مېنىڭ بۇرۇندىنلا سىز بىلەن شۇنداق بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى.
Erturk: مەن ئۇ تېمىنى باشتىن ئاياغ كۆرۈۋاتىمەن، ئەمما مۇنازىرە نورمال داۋاملاشسىكەن دەپ ئوتتۇرىغا قىستۇرۇلۇپ كىرمىدىم، ئەدەبىيات ھەققىدىكى پاراڭلارنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ، كىمنىڭ پىكرىگە قايىل بولسام شۇنى قوبۇل قىلىمەن. سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىز ئادەتتىكى پىكىرلەر، مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ نەق گېپىڭىزنى دېمەيسىز، ناتونۇش بولغان بولساق راست گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقاتتى.
ئىدىيىۋى مەسىلە
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-05-25
ئۇلار 2007-يىلى 7-ئايدىن 2009-يىلى 8-ئايغىچە توردا ئالاقىلىشىپ، 35 قېتىم يىغىلىپ، «خوتۇن ئالماشتۇرۇش ئويۇنى» ئوينىغان، 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بىر مېھمانخانىدا قولغا چۈشۈپ، 2010 يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە مەخپىي سوتلانغان. سوتلاش جەريانىدا ما شاۋخەيدىن باشقا 21 ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئالغان، بىراق ما شاۋخەي گۇناھىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلماي: ” قانۇنلۇق نىكاھ قايناق سۇغا ئوخشايدۇ، ئىچمەي بولمايدۇ؛ ئەمما خوتۇن ئالماشتۇرۇش ياخشى ھاراققا ئوخشايدۇ، خالىغانلار ئىچىدۇ، خالىمىغانلار ئىچمەيدۇ“ دەپ تۇرۇۋالغان. بۇ قىلمىشقا قارىتا سوت مەھكىمىسىدىكلەرمۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ خېلى تالاش-تارتىش قىلىشقان. ئاخىرىدا ئەنئەنىۋى تەرەپدارلار غالىپ كېلىپ جىنايەتچىلەرنى قانۇنىي جازاغا تارتقان، ما شاۋخەي گۇناھىنى تونۇماي جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا باشقىلاردىن ئېغىرراق كېسىلگەن. بۇلار «توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى» ماددىسى تۈزۈلگەن 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئادەملەر ئىكەن.
دىنىمىزنى موللا-ئاخۇنغىلا ھۆددىگە بېرىۋەتتۇقمۇ؟
ئاپتورى:erturk ۋاقتى:2010-05-14
جەمئىيەتكە چىقتىم، جەمئىيەت داشقايناق، سورۇنلار قايناق، بىر چەتتە ئولتۇرىمەن، ئىچىپ-چېكىشىدۇ؛ ھاياسىز چاقچاقلارنى قىلىشىدۇ، مەنىسىز ئولتۇرۇشلار ئۇلارنىڭ ھاياتىغا مەنە بېغىشلايدۇ، كەيپ-ساپا ئۇلارنىڭ بارلىق غەم-قايغۇلىرىنى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەمما شۇنىسى قىزىقى، مەستلىكتىن كۆزلىرى غىلىيىپ، ئەقلى ھوشىنى يوقاتسىمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، تېخى دىن ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئاچچىقى كەلگەن بىرى توۋلايدۇ: بۇنداق سورۇندا دىننىڭ گېپىنى قىلىشمايلى ئاغىنىلەر... شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى جىمىپ قالىدۇ. ئەمما كىملەرنىڭدۇر دىن ھەققىدە يەنە داۋاملىق تالاش-تارتىش قىلىشقۇسى، ئەرەبلەرنى ئېشەك دەپ تىللىغۇسى، دىن بىزگە كەينىچىلەپ كىرگەن...دەپ قاقشىغۇسى بار. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئىسلام تارىخى ھەققىدە، ئەرەبلەر ھەققىدە تۈزۈك بىلىمى يوق، ھەممىسى بىر يەردىن ئاڭلىۋالغان تۈكى يوق گەپلەر.

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ



