«كۆپۈك» ناملىق رومان نەشردىن چىقتى

 
«كۆپۈك» ناملىق تۇنجى رومانىم بۇ يىل 6-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. 
روماندا 90-يىللاردىن كېيىن شەھەرلىشىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ مەيدانغا چىققان زىددىيەت، ئۆزىمىزگە خاس بىمەنە، ئېچىنىشلىق ئىشلار قارا يۇمۇر شەكلىدە جانلىق بايان قىلنغان. ئەسەر ۋەقەلىكى راست ئىشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا توقۇلما قىلىنغان بولۇپ، تەنقىدىي رېئالىزملىق بايان ئۇسۇلىغا يەنە ناتونۇشلاشتۇرۇش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە قىسمەن بىمەنىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى كىرىشتۈرۈلدى. ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ «جاھاندا مۇشۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ؟» دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما رېئاللىقتا نېمە ئىشلار بولمايدۇ؟ بۇنداق غەيرى ئىشلارنى يوق دېيەلمەيسىز، يالغان دېيەلمەيسىز، غەيرى ئىشلارنى ئومۇملۇققا كۆتۈرۈش ئارقىلىق مۇبالىغىلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئاساستا مەركىزىي نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش مۇئەللىپنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سىناقلىرى. روماننىڭ فوكۇس نۇقتىسى: زەئىپلەشكەن ئەركەكلىك ۋە كۈچىيىپ كەتكەن نەپسانىيەتچىلىك؛ ماددىي مەنپەئەت بىلەن روھىيەت ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە شۇ ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان تۇرمۇش.
كىتاب 296 بەت، باھاسى: 16 يۈەن




[erturk بۇنى 2009-07-04 00:59 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۆپۈك ناملىق رومان
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 12 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماتەجەللى[2010-08-24 12:05 AM | del]
بۇ ئەسرىڭىزنى مەن چۇقۇم كۈرىمەن سىزگە  رەھمەت.
回复قايتۇرماestami[2010-05-16 10:59 PM | del]
مۇبارەك بولسۇن ئەرتۈرۈك ئەپەندىم. ئەتىلام كىتابخانلاردىن ئىزدەپ سېتۋالاي. ئادەتتە رومان ئوقۇمايىتتىم،سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز بۆلەكچە.
قولۇڭىزىغا دەرىت بەرمىسۇن.
回复قايتۇرماsiqilish[2010-05-16 09:33 PM | del]
مەن تېخى يېقىنقى بىر-ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە يازدى، دەپ ئويلاپتىمەن، ئۆتكەن يىل يازدىكى زېركىشلىك، ئىچ پۇشۇقتا تۆت كۈندىلا ئوقۇپ چىققانتىم، ئالدىنقى يېرىمىنى ياقتۇردۇم، كېيىنكى يېرىمى تازا يېقىپ كەتمىدى.
回复قايتۇرماkankum[2009-10-04 07:42 PM | del]
رەھمەت  سىزگە  ئەنۋەركا !
回复قايتۇرماkankum[2009-09-23 04:51 PM | del]
ئەنۋەركا ، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز ؟  سىز ئەۋەتكەن  ئىلخەت ئادىرىسىغا قارىتىپ خەت ئەۋەتكەن ئىدىم،خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغان -ئالمىغانلىقىڭىزنى مۇقۇملاشتۇرالمىدىم،خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالالىغانسىزمۇ ؟
erturk نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش erturk نىڭ 2009-09-24 09:42 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
خېتىڭىزنى بۈگۈن كۆردۈم، ھازىر نەشرىياتلار ”شېئىر توپلاملىرىنىڭ بازىرى يوق’دەپ نەشر قىلمايۋاتىدۇ، كۆپىنچە شائىرلار ئۆزلىرى پۇل چىقىرىپ كىتاب چىقىرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوقتەك. سىز ھازىر ئوقۇغۇچى ئىكەنسىز، ئىقتىسادتا چوقۇم قىينىلىسىز، نەشرىياتلارمۇ نامى چىقمىغان ھەۋەسكارلارنىڭ ئەسىرىنى ئالدىراپ نەشر قىلمايدۇ، مەن نەشرىياتتا ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىمەن. شۇڭا مېنىڭچە سىز ھازىر كىتاب چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمەي داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ.  ياخشى، ئىجادىي ئەسەرلەرنى يېزىشقا تىرىشىڭ. ياخشى ئەسەر ھامان يەردە قالمايدۇ. كېيىن ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز يار بەرگەندە ئاندىن كىتاب چىقرىىشنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەپ: ھۆرمەت بىلەن ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
回复قايتۇرماkankum[2009-09-11 11:28 AM | del]
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، ئەنۋەركا ،مەن بېيجىڭدا  ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى ،ئەگەر  بىئەپ كۆرمىسىڭىز  ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ، سىزگە  مەسلىھەت سالىدىغان  ئازراق ئىش بار ئىدى... رەھمەت !
erturk نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش erturk نىڭ 2009-09-13 01:52 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
anwaraksu@yahoo.com.cn
回复قايتۇرماسەپرا[2009-08-31 01:56 PM | del]
كىتاپنى ئوقۇپ چىقتىم، ۋەقەلىگى قىزىقارلىقكەن. ئەمما ماڭا رومان دىسەك كىچىك كېلىپ قالغاندەك، ۋەقەلىگى تېخى ئاخىرلاشمىغاندەك تۇيغۇ بەردى. 90-يىللار دەپسىز ، ئەمەلىيەتتە كىتاپتىكى ئاساسلىق ۋەقەلىك بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەندەك قىلامدۇ نىمە ؟
  
回复قايتۇرماhey[2009-07-04 04:00 AM | del]
yahximusiz Enwerjan, men qet elde turimen eger men pulini ewetip bersem bu kitapni ewetip berix momkinqilik barmu. rehmet
erturk نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش erturk نىڭ 2009-07-04 10:10 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
مەن بېيجىڭدا تۇرىمەن، كىتابنى شىنجاڭدىكى كىتابخانىلار ساتىدۇ، مۇمكىن بولسا باشقىلارغا ھاۋالە قىلسىڭىز قولايلىقمىكىن...
回复قايتۇرماbirzat[2009-07-03 09:31 PM | del]
قاچانلاردا يېزىپ بولغانلا ھاجىم، كىتابخانىلارغا سىلىنىپ بولغان بولسا ئۇنىمۇ ئوقۇۋەتكۇدەكمىز
erturk نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش erturk نىڭ 2009-07-03 11:43 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
توي قىلماستا يېزىپ توي قىلغاندىن كېيىن تاماملىغان ئەسەر ئىدى،يەتتە-سەككىز يىلچە بولۇپ قالغان، نەچچە نەشرىياتتا قېىقىلىپ سوقۇلۇپ ئاخىر مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى. يېقىندا كىتابخانىلارغا سېلىنىشى مۇمكىن.
回复قايتۇرماGvl[2009-07-01 07:53 PM | del]
چوقۇم سىتىۋالىمەن، كىتاپ چىقىرىشنى توختاتماڭ
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.