كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (25)
ئاپتور:erturk ۋاقتى:2009-06-29
ئۆمەر قاماقتىن چىقتى، غېنى شاڭجاڭ نوچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى، ئۇنىڭدىن كەتكىنى ئۈچ تۈمەنمۇ ئەمەس، نەچچە ۋاقىتتىن مۇۋاپىق باھادا ساتالماي يۈرگەن بىر قاشتېشى بولدى، مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە يېدۈردى، ئىچۈردى، لاۋبەن سەتەڭنىمۇ ئۆز لايىقىدا رازى قىلدى. شاڭجاڭنىڭ كوچىدا ماڭسا خەقلەر كەينىدىن قاراپ قالغۇدەك بوي-بەستى، سالاپىتى، باشلىق چىراي تەلئەتى، پارقىراپ تۇرغان بېشى، قارا كۆزەينىكى… خەنزۇچىدىمۇ خېلى ۋايىغا يەتكەن زۇۋانى، رېستۇرانى، ماۋتەيدىن قېلىشمايدىغان ئىلى ئالاھىدە ھارىقى، خوتەننىڭ ئۈزۈم ھارىقى، تونۇ كاۋىپى، قولىغا سېلىۋالغان قىممەت باھالىق قارا ياقۇت ئۈزۈكى… ئىشقىلىپ ھەممە نېمىسى ئىشنىڭ ئالدى-كەينىدە مۇھىم رول ئوينىدى. تەسىر كۈچ دېگەن ئەنە شۇ! ئىقتىدارىڭ، جاسارىتىڭ، پۇلۇڭ، كۈچۈڭ بولسا ھېچكىم سېنى ئالدىراپ كەمسىتەلمەيدۇ، دۇنيادا ئاجىز مىللەت يوق، ئاجىز ئىنسان بار. مانا بۇ شاڭجاڭ دائىم تەكىتلەيدىغان ياشاش مىزانى.
رەيھان ئۆمەرنى كۆرۈپ ھاياجاندىن تىترەپ كەتتى، كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى، بېشىنى سىلاپ پىشانىسىگە سۆيدى. غېنى شاڭجاڭغا ئالەمچە مىننەتدارلىق، سۆيۈنۈش بىلەن قاراپ قويدى. قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئەركەك گەرچە تاز بولسىمۇ پېشانىسى ئوڭ، نۇرانە كۆرۈنەتتى. ئۆمەر ئورۇقلاپ كىچىككىنە قالغان بولۇپ، ئويناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن چارىسىزلىك، دېلىغۇللۇق بالقىيتتى، تېخىچە گۇناھ تۇيغۇسىدىن قۇتۇلالمىغاندەك سالپىيىپ تۇراتتى، ئەركىنلىككە چىققىنىغا تېخىچە ئىشەنمىگەندەك قاماقخانا دەرۋازىسىغا ئەنسىز قاراپ قوياتتى. ئازاب ۋە قورقۇنچتىن زادى ئېچىلىپ باقمىغان چىرايى رەيھاننى كۆرگەندە ئېچىلدى، ئانىسى بولغان بولسا قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ تازا يىغلىۋالغان بولاتتى، شۇنداقتىمۇ رەيھاننىڭ مېھرىبانلىقى ئالدىدا ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتۇپ تۇردى، كۆزىگە ياش ئالدى، يەرگە قاراپ ئۈمچەيدى.
غېنى شاڭجاڭ ئىككەيلەننى تاكسىغا سېلىپ، رېستۇرانغا ماڭدى. ئۆمەر يولدا بارغىچە تارتقان كۈلپەتلىرى ھەققىدە جىق گەپ قىلمىدى، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئويغا چۆمۈپ تۇراتتى.
__ شۇنداق قىلىپ بۇ يەرنىمۇ كۆرۈپ باقتىڭ-دە يىگىت، __ دېدى ئالدىدىكى ئورۇنغا ئاران پېتىپ ئولتۇرغان غېنى شاڭجاڭ كەينىگە قاراپ قويۇپ،__ ھېلىمۇ ۋاقتىدا چىقىۋالدىڭ، بولمىسا ساقىلىڭ سۆرۈلۈپ قالغاندا ئەچىقاتتۇق سېنى!
__ بەك ئاتىدارچىلىق قىلدىڭىز، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز،__ دېدى رەيھان چىن كۆڭلىدىن تەسىرلىنىپ.
__ بۇنچىلىك دېيىش كەتمەيدۇ، ياخشىلىق قىلساڭ ياخشىلىق يانىدۇ دېگەن گەپ بار، بۇ بالا بىزنىڭ ياخشىلىقىمىزنى بىلسە، كېيىنچە خەققە ياخشىلىق قىلىشنى بىلىدىغان بولىدۇ.
ئۆمەر گەپ قىلماي ئولتۇراتتى، رەيھان ئۇنىڭغا كۆز ئۈزمەي قارايتتى، پات-پات بېشىنى سىلايتتى، گەپ سورايتتى. ئۇ بىر ئېغىز گەپكە بىر ئېغىز جاۋاب بېرىپ يەنە شۈك تۇرۇۋالاتتى. ياسىن ئاكىسىنىڭ ئورنىغا غېنى شاڭجاڭنىڭ ئالمىشىپ قالغىنىدىن ئەجبلىنىۋاتقان بولسا كېرەك، ئالدىغا قاراپ ئولتۇرغان شاڭجاڭغا ھەيرەت كۆزىدە قارايتتى. رەيھان بۇنى سەزدى، ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى ئۇقالمىدى. ئۆمەرمۇ ئۇنى سورىمىدى، ئاكىسى ئەزەلدىن ئۇنىڭغا رەيھان ئاچىسىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغانىدى.
غېنى شاڭجاڭ ئىككەيلەننى ئۆيىگە كىرگۈزۈپ قويۇپ كەينىگە ياندى، رەيھان ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىق، شادلىق ئىلكىدە باقتى، بىر نەرسە دەي دەپ دېيەلمىدى، ئەمما ئۇنى ھېچ ۋاقىتتا كۆرۈلمىگەن خىجىللىق، ئەدەپ-ھايا بىلەن ئۇزاتتى.
“نېمىدېگەن چىرايلىق ئايال!… __ دەپ ئويلىغاچ كەينىگە ئۆرۈلدى غېنى شاڭجاڭ،__ مۇشۇنداق ئايالنىڭ گۈزەل بېقىشلىرىغا ئېرىشىشمۇ بەخت… ئېسىت، شۇ گۇيغا، مۇشۇنداق خوتۇنىغىمۇ خىيانەت قىلامدۇ؟ ئاز دېسە شۇنداقمۇ ئازامدۇ؟ شۇنىڭغا قارىغاندا، ئېشەك خۇيلۇق ئادەملەرنىڭ خۇمارى چاتاقكەن، گۈل پۇرىماي تېزەك پۇرايدىكەن…
شاڭجاڭ ياسىننى ئەيبلەۋاتقاندا ئۆزىنىڭمۇ ئەيبلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، گۈلشەننى ئەۋەتىشتىن باشلاپ ئۇنى خوتۇن قىلىپ بېرىشقىچە قايسى بىر ئىشتا ئۇنىڭغا يانتاياق بولمىدى؟ نېمە مەقسەتتە شۇنداق قىلدى؟ رەيھاننى ئۇنىڭدىن ئايرىپ ئۆزى ئېلىۋېلىش ئۈچۈنمۇ؟ قىلغىلى ئىش تاپالماي ياسىننى ساز قىلىپ تاماشىنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ؟ ئىلگىرى دادۈيجاڭلىقتىن قالغان خۇمارى بويىچە ھەر ئىشنى بىر قوللۇق پىلانلاپ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ؟… ھەممىسى بار، شاڭجاڭ ئەزەلدىن شۇنداق كاللا ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ئىشنى تەۋرىتىپ يۈرمىسە ياشىغاندەك بولمايدۇ، باشقىلارنى ئۆز دېپىغا ئانچە-مۇنچە ئۇسسۇل ئوينىتىپ تۇرمىسا، رەھبەرلىك خۇمارى قانمايدۇ. مانا، بىر ھېسابتا ئۇ غەلىبە قىلدى، ياسىننى ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەتتى، رەيھاننىمۇ ئۇنىڭغا قارشى ئۇسسۇلغا سالدى. بىر يوتقاندىن چىقمايدىغان ئامراق ئەر-خوتۇن ئاۋۋال مۇزدەك قاتتى، ئاندىن چاك-چاك يېرىلدى… مانا بۇ كارامەتلەر غېنى شاڭجاڭنىڭ قولىدىن چىقتى، راست شۇنداق بولدىمۇ؟ شۇنچە ئەقىللىق ئەر-خوتۇن بىلىپ تۇرۇپ قاپقانغا چۈشتىمۇ؟ شاڭجاڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتەلەيدىغان جىنكەش داخانمىدى؟ ئۇلارنىڭ روھى نېمىشقا ئۆز ئىلكىدە تۇرمايدۇ، بۇنىڭ ھەممىسىگە شاڭجاڭ سەۋەبچىمۇ؟…
غېنى شاڭجاڭ ئۆيىگە كىرىپ سافاغا ئۆزىنى تاشلىدى، تېلۋىزورىنى ئېچىپ بېقىپ يەنە ئۆچۈرۈۋەتتى، بايا ئويلىغانلىرىغا قايىل بولمىدى، ئۇ ئۆزىنى ھەرگىز ئەۋلىيا چاغلىمايتتى، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان رەزىللەرگە ئوخشاپ قېلىشنى خالىمايتتى. ئۇ ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش، رىقابەت، مەنپەئەت ئىچىدە تۇرۇشىنى قوغلىشاتتى، ھەر كۈنى يېڭى-يېڭى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، كۈندىلىك خەۋەرلەرنى قالدۇرماي كۆرەتتى. جەمئىيەتتىكى يېڭىلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قىزىقاتتى.
دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئويۇن-تاماشىنىڭ ئۆزىلا ئىدى، شاڭجاڭ گويا بۇ يەردىكى ئالاھىدە تۇرمۇش سەھنىسىدە بىر جۇپ ئەر-خوتۇننىڭ رولىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان رىژىسورغا ئوخشايتتى، بۇ ئەر-خوتۇنلار يالغاننىمۇ راست، راستنىمۇراست قىلپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ، ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى، نەچچە ۋاقىتتىن بېسىلىپ قالغان بالىق ھېسسىياتى، كەيپىياتى،تۇرمۇش قارىشى، تاللىشى… ھەممە نېمىسىنى ئاشكارىلىدى، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ھېسسىياتىغا شۇنچىلىك كىرىشىپ كەتتىكى، بىر چەتتە ھەيرەتتە قاراپ ئولتۇرغان “رېژىسور”نىمۇ پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىۋېتىشتى…
ئويۇن ئەمدى چىڭىغا چىققاندا شاڭجاڭ ئەنسىرەپ قالدى، ئۇنىڭ بۇ ئەر-خوتۇننى ئوينىتىپ، رەسۋا قىلىپ، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكۈسى يوق ئىدى. ئويۇننى ئىككىسى ئوينىغان بىلەن، بالىسى تالادا قالاتتى. شاڭجاڭ ھەر قېتىم شۇ بالىنى ئويلىغاندا ئۆزىنى ئەيبكار سانايتتى، ئەمما كىم ئۇلارنى شۇنچىلىك سەتلىشىپ يامانلىشىپ كەتسۇن دەپتۇ؟ ياسىن بۇزۇلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدە غېنى شاڭجاڭ قاراپ تۇردىمۇ؟ ئۇنىڭ پاك ياشاشنى تاللاش ئەركىنلىكى بار ئىدىغۇ؟ نەپسىنى يىغىپ ياشىسىمۇ ياشىيالايتتىغۇ؟ چىرايلىق خوتۇنىدىن زوقلىنىپ ھەم ھۇزۇرلىنىپ يۈرسە يۈرەلەيتتىغۇ؟ رەيھان ئېرىدىن بىسوراق قاچتى، ئەمما ئۇنىڭمۇ كەلمەسلىك تاللىشى بار ئىدىغۇ؟… دېمەك، ئۇلار بەرىبىر سەھنىدىكى ئارتىس ئەمەس، كونۇپكا بىلەن باشقۇرىدىغان ئويۇنچۇق ياكى قونچاق ئەمەس. شۇڭا ئۇلارمۇ غېنى شاڭجاڭنىڭ سەنىمىگە دەسسىگىنىنى كۆڭلىدە تۇيسىمۇ، غۇرۇرى يول قويمايدۇ، ئوينىتىلغانلىقىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ، “ئۆزىمىز قىلغان ئىشقا ئۆزىمىز ئىگە” دەپ مەغرۇر يۈرىۋېرىدۇ، ئادەم دېگەن شۇ…
شاڭجاڭ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئاقلاپ، ئېغىر خىياللىرىنىڭ قۇيرۇقىنى لەگلەكتەك ئۇچۇرتۇپ خاتىرجەم يېتىپ قالدى. چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇنىڭ خان ئۇيقۇسى ئىدى، بۇنداق چاغدا ھېچكىم ئۇنىڭغا دەخلى قىلالمايتتى.
كەچقۇرۇن سودا باشلانغاندا غېنى شاڭجاڭ ئىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان رەيھاننىڭ چىرايىدىكى جىددىيلىكنى سېزىپ قالدى، ئۇ يەنە ئاشۇ ۋاپاسىز ئېرىنى كۈتۈۋاتاتتى، ئەمدى بۇ يەردىن كېتىشنى ئويلاۋاتاتتى. ئۇچىمەن دېگەن كەپتەنى قەپەزگە سولاپ قويۇشتىن ھۇزۇرلانغىلى بولامدۇ؟ شاڭجاڭ بۈگۈنلا ئۇنى يولغا سېلىۋېتىشنى ئويلىسىمۇ، يۈرىكى تارتىشىپ قالدى، ئۇ “چىن يۈرەكتىن سۆيگەن ياردىن ئايرىلىشقا قانداق چىدىغىلى بولار؟ كۆيۈك ئوتى تېخى ئۆچمىدىمۇ؟! ئۆچمىسە قاچانغىچە يانار؟” دەپ يۈرۈيدىغان مەجنۇنلاردىن بولمىسىمۇ، بۇ “مەشۇق” بەخش ئەتكەن غۇرۇر، خۇرسەنلىكتىن ئايرىلىپ قېلىشنى پەقەت خالىمايتتى… ئۇ ئۇشتۇمتۇت ھەسرەتلەندى؛ رەيھان كەتسە مۇھەببەت يوقايدۇ، كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان گۈزەللىك غايب بولىدۇ، بۇ يەرنى خۇنۇكلۇق، پەرىشانلىق بېسىپ كېتىدۇ…
ئۇ رەيھانغا يىراقتىن يوشۇرۇن كۆز تاشلاپ قاراپ قوياتتى، ئويلىناتتى، ئىچى پۇشۇپ تولغىناتتى؛ ئۇ تالاغا چىقىپ بىر تال تاماكا چېكىۋەتكەندىن كېيىن روھلىنىپ، رەيھاننىڭ ئالدىغا كەلدى:
__ ئۆمەر ئۆيدە قالدىما؟
__ ھەئە، تېخى ئۇيقۇدىن ئويغانمىدى، پەقەت ئۇخلاپ باقمىغاندەكلا قىلىدۇ بۇ بالا…
__ تۈرمىدە بىر كۈن يېتىشتىنمۇ خۇدايىم ساقلىسۇن، بۇ بالا مۇشتۇمدەك جېنىدا ھېلىمۇ چىداپتۇ.
__ ھە نېمە بولسا ياردەم قىلدىڭىز، قانچە رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ سىزگە.
__ ئەمدى بۇ گەپنى قىلماڭ، ئۆمەر چىقتى، ياسىنغا خەۋەر قىلامسىز؟
__ قانداق قىلسام بولىدىكىن…__ دېدى رەيھان بۇنى تېخى ئويلاپ باقمىغاندەك.
__ خەۋەر قىلسىڭىز، كېلىپ ئەكەتسىمۇ مەيلى، مەشەدە تۇرۇپ قالسۇن دېسىڭىزمۇ مەيلى؛ ياكى ئۆزىڭىز… بىللە ئېلىپ كەتسىڭىزمۇ مەيلى…
رەيھان غېنى شاڭجاڭنىڭ ئاخىرقى گەپنى ناھايىتى تەستە ئېيتقانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئۇنىڭغا ھەيرانلىق، خۇشاللىق بىلەن لەپپىدە قاراپ قويۇپ، گەپ قىلماي تۇرۇۋالدى.
__ ياسىن كېلىپ سىزنى ئېلىپ كەتسۇن، قايسى كۈنى ئۆمەر چىققاندىلا كۆرۈشىسىلەر دەپ ئۆزىگىمۇ دېگەن…
__ ئايالىڭىز كەلگىچە ئىشلىمەمدىم؟
__ ياق، بولدى… ئۇنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بوپ قالدى.
__ ئۇنداقتا مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزنى قانداق قايتۇرىمەن؟
__ بۇ گەپنى ياسىن دېسۇن، سىز ھېلىمۇ جىق كۈچەپ كەتتىڭىز، خوتۇن كىشى مۇشۇنچىلىك قىلسا بولار.
غېنى شاڭجاڭ بۇنداق دەپ تۇرغان بىلەن چىرايىدىن غەمكىنلىكى، ئامالسىزلىقىنى ھە دېگەندىلا چاندۇرۇپ تۇرۇۋاتاتتى. رەيھان تەڭقىسلىقتا قالدى، دەرھال كېتىپ قېلىشنى ئېغىر كۆردى:
__ بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى ياسىن بىلەن تېخى كۆرۈشۈپ باقمىدىم، مېنى ھازىرلا بۇنداق ئەكەتكەن بىلەن ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇقمايمەن. شۇڭا بىر-ئىككى كۈن قاراپ باقسام بولامدىكىن…
__ ئۇنىڭغا نېمىشقا ئىشەنمەيسىز؟
__ ئىشەنمەيمەن ئەمەس، ئەندىشەم بار، ئۇنىڭ ساراڭلىقى نەدىن چىقىدۇ ئۇقمايمەن، ئايال كىشى دېگەن شۇ سەل قورقۇنچاق بولىدىكەن.
__ قورقماڭ، نېمىشقا قورقىسىز؟ ئۇنىڭ ئالدىدا قورققىدەك بىر ئىش قىلغانمىدىڭىز؟ بىلىمەن، مەشەگە كەلگەندىن بېرى قورقۇپلا كەلدىڭىز، سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس، بالىغا تېخىمۇ تەس… بۇ يەردە قانچە ئۇزاق تۇرسىڭىز شۇنچە قورقىسىز، ئۇنىمۇ ساراڭ قىلىسىز. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ۋاقتىدا بىر-بىرىڭلارنى تېپىۋېلىڭلار.
رەيھان ئۈندىمەي تۇرۇپ قالدى، غېنى شاڭجاڭ يەنىلا خاپا چىراي ئىدى، رەيھاننى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلىپ قوشۇمىسىنى تۈرۈۋالغاندەكمۇ قىلاتتى. رەيھان شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
غېنى شاڭجاڭ تالاغا چىقىپ ياسىنغا دەرھال تېلېفون قىلدى:
__ كېلىپ رەيھان بىلەن ئۆمەرنى ئېلىپ كەت، گۈلشەننى بۇرۇنقى جايىڭغا كەتكۈزۈۋەت!
__ قالتىس ئىش قىلدىڭ-دە، خۇدايىم بۇيرۇسا ئايرىم كۆڭلۈم بار ساڭا…
__ رەيھاننى يېنىڭغا بېرىشقا تەستە كۆندۈردۈم، ما گېپىمنى ئاڭلا، ئەگەر ئۇنى بۇرۇنقىدەك خارلايدىغان بولساڭ جېدىلىم سەن بىلەن…__ رەيھانغا ئىچ كۆيەرلىك قىلىپ كېلىۋاتقان شاڭجاڭ سەل قوپال گەپ قىلىۋەتتى؛ ياسىننىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، ئەمما چاندۇرمىدى:
__ سەن تۇرساڭ، ئۇنى قانداق بوزەك قىلغىلى بولسۇن، خاتىرجەم بول…
__ ئىشقىىپ، ئۇنىڭغا ياخشى قارا، ھەرگىز بوزەك قىلىش خىيالىدا بولما؛ خوتۇن خەقنىڭ كۆڭلى بىر قېتىم ئازار يېدىمۇ، بولدى، ئېرىگە باشقىچە قارايدىغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىنى بەك ئاۋايلا.
__ خوتۇنۇمنى قانداق قىلىشنى ئۆزەم بىلىمەن، … ئۇنى چوقۇم ئوبدان خوتۇن قىلىمەن.
كەچتە ياسىن رەيھان بىلەن ئۆمەرنى ئەكەتكىلى كەلدى. غېنى شاڭجاڭغا قۇرۇق رەھمەتتىن يەنە بىرنى ئېيتتى، ئۇنىڭ بىلەن بىر رۇمكا ھەم ئىچىشمىدى، شادلىقنى بىللە تەبرىكلەپ كۈلۈشمىدى…رەيھان چامادىنىنى ئېلىپ، بالىسىنى يېتىلەپ گەپ قىلماي ماڭدى. ياسىن تاكسى توسۇپ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇردى، ئەينەكتىن غېنى شاڭجاڭنىڭ رەيھاننى قىيالماسلىق بىلەن ئۇزاتقانلىقىنى، رەيھاننىڭمۇ كەينىگە قاراپ-قاراپ قويغانلىقىنى كۆردى. يولدا بارغىچە ئەر-خوتۇن تۈزۈك گەپلەشمىدى، ئۆمەرمۇ ياسىنغا تۈزۈك گەپ قىلىپ بەرمىدى.
ئۇلار ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە گۈلشەن ئاللىبۇرۇن كەتكەن، ھاشىم بىلەن ساۋۇت ئىشىنى تاشلاپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانىدى. ياسىن ماشىنىدىن چۈشۈپ، رەيھانغا ئىشىك ئېچىپ بەردى، ساۋۇت چاماداننى ئالدى، ئۆمەر ماشىنىدىن چۈشۈپلا بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ھاشىمنى پالاق-پۇلۇق يىقىتىپ، ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە تەپكىلى تۇرىۋىدى، ھەممىسى ھەيران قالدى… ئۆمەر ئۇنى ۋاقىلدىتىپ تېپەتتى، تۈكۈرەتتى. ياسىن كېلىپ ئاجرىتىۋالدى، ئۆمەر بوي بەرمەي تېپىچەكلەيتتى.
__ ھەي… ھەي.. بولدى قىل، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ نېمىگە ئۇرىسەن ئۇنى؟!
ئۆمەر گەپ قىلمايتتى، ئىنجىقلايتتى، ھاشىمغا نەپرەت بىلەن قارايتتى.
__ ماڭە گۇي ئاشخانىغا، تۈرمىنىڭ تاياقلىرى تېتىمىدىمۇ ساڭا؟!
__ قويۇۋەت مېنى… قويۇۋەت
__ ھېلى قۇلاق تۈۋىڭگە يەيسەن گۇي، ھەددىڭدىن ئاشما!
__ قويۇۋەت… دەيمەن، سەن مېنىڭ ئاكام ئەمەس!
__ ھېلى ما شۇمنى، بىكار تۈرمىگە ئاپىرىپ بېرىمەن سېنى!
__ بولسا شۇنداق قىلىڭ! __ دېدى رەيھان ئۆزىنى باسالماي،__ بولسا مېنىمۇ ئاپىرىۋېتىڭ!
__ سەن ئاز گەپ قىل، دەيدىغان گەپنى ھېلى دېگۈزىمەن.
__ گېپىڭ بولسا مەشەدە –دە، مېنىڭ ئۇنداق ئۆيگە كىرگۈم يوق.
__ ۋاھ، نوچىغۇ سەن، غېنى تازدىنمۇ چوڭ گەپ قىلىدىغان بولۇپ كېتىپسەنغۇ ئەمدى، گەپنى ئاز قىلىپ كىرە ما ئۆيگە، قالغان گەپنى شۇ يەردە دېيىىشىمىز.
ئىككەيلەن ئاشخانىغا كىردى، ئۆمەر ئۇكىسىنى يېتىلەپ دالان ئۆيگە كىرىپ تېلىۋىزورنى ئاچتى، ساۋۇت چاماداننى ئەكىرىپ قويۇپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى، ھاشىم يىقىلغان يېرىدىن تەستە قوپۇپ، خورلۇق ۋە ئىزا-ئاھانەتتىن تىترەپ كەتتى، ئۇ شۇمنى تازا قويۇپ ئاندىن بۇ يەرنى تاشلاپ كېتىش قارارىغا كەلدى.
ياسىن بىر ئورۇندۇقنى سۈرۈپ، پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ تاماكا تۇتاشتۇردى، بۇنداق مەغرۇرلۇق ۋە سەپرالىقتا ياخشىلىق يوق ئىدى.
__ گەپنى ئاشخانىدىلا تۈگەت، مەن سېنىڭ مۇئامىلەڭگە قارايمەن، ياخشى بولساڭ مەنمۇ ياخشى، ئەسكىلىك قىلساڭ مەنمۇ بارار جايىمغا بارىمەن،__ دېدى رەيھان گەپ قىلىشقا مەجبۇر قالغىنى ئۈچۈنلا گەپ قىلىۋاتقاندەك ھالسىز، پەرىشان ھالدا.
__ نەگە بارىسەن؟ يەنە شۇ تازنىڭ يېنىغا بارىدىغانسەن تايىنلىق؟!
__ سەن شۇنداق ئويلامسەن؟ ئەگەر مېنى بۇنداق قىيناۋەرسەڭ شۇ يەردە ئىشلەپ جېنىمنى باقىمەن.
__ شاڭجاڭنىڭ ئۆي ئەجەپ يېقىپ قاپتۇغۇ ساڭا، بۇرۇن ئەجەپ تىللايتتىڭ ئۇ ئوغرىنى، تىللاپ تۇرۇپ بېرىۋاپسەن، بۇرۇندىن مۇناسىۋىتىڭ بولمىسا نېمەدەپ ئۇ يەرگە بېرىۋالىسەن؟ ئۆمەرنى چىقىرىپ بەرگەنگە نېمە بەردىڭ؟
__ ئەگەر ماڭا ئىشەنمىسەڭ، بۇنداق ئۆي تۇتقاننىڭ پايدىسى يوق.
__ ساڭا نېمە دەپ ئىشەنگۈدەكمەن؟
__ دېدىمغۇ، ئىشەنمىسەڭ خوتۇن قىلما.
ياسىن رەيھاننىڭ چىرايىدىن قەتئىي ئىشەنچ ۋە بىزارلىقنى كۆرۈپ توختاپ قالدى، ئەمما پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشنى زادى خالىمايتتى. خوتۇنىغا ئىشىنىپ تۇرۇپ گۇمانلاندى، ئەمدى بولدى قىلاي دەپ تۇرۇپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى:
__ دەپ باقە، ئون كون خەقنىڭ يېنىدا يۈرگەن خوتۇنغا مەن قانداق ئىشىنىمەن؟ مەن سېنى ئۇرۇپ تىللاپ ھەيدەپ چىقىرىۋەتتىمۇ؟! تالاق قىلىپ باشقا ئەر تاپ دېدىممۇ؟ ياكى كوچىغا چىقىپ نومۇسۇڭنى سات دېدىممۇ؟ غېنى تازنىڭ ئۆيىدە سوۋۇتۇپ قويۇپتىكەنمۇ؟ قاچىدىغان ئادەم ئۇ يەرگە بارماي ئۇدۇل ئاتاڭنىڭ قېشىغا كەتسەڭ بولمامدۇ؟
__ ماڭا ناھەق گەپ قىلما، پېشانەڭنى سىلاپ بېقىپ گەپ قىل، سەن ماڭا بىر سىنت پۇل بەرمىسەڭ، كېتەي دېسەم كەتكىلى قويمىساڭ، مەن قانداق قىلىمەن؟ كوچىغا چىقامدىمەن؟ مېنى شۇنداق قىلىشقا قىستىغان سەنغۇ؟ شۇنداق كېتىۋەرگەن بولسام، سېنىڭ ئالدىڭدا خوتۇن دېسە خوتۇن ئەمەس، سېسىق گۆش تاغىرىنىڭ ئۆزىلا بولاتتىم، بۇنداق ياشىسام يا ساراڭ بولاتتىم، يا ئۆلۈپلا تۈگىشەتتىم. ھېلىمۇ ئون كۈندە ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىپ كەلدىم، ئەمدى يەنە مېنى ساراڭ قىلىدىغان بولساڭ، بۇ ئۆينى ئۆزەڭ تۇت، مەن ئۆمەرنى ئېلىپ يۇرتقا كېتىمەن!
__ قارا، قارا، تېخى ما گەپلىرىنىڭ نوچىلىقىنى! قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ تېخى مەندىن چوڭ تېگىۋاتىسەنغۇ؟! مۇشۇ ھاكاۋۇرلۇقۇڭغا بىر كۈنى تويغۇزىمەنغۇ سېنى، ئاناڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن بېرى مەن بىلەن ئېتىشىپلا كېلىۋاتىسەن، قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا چوڭ گەپ قىلىسەن؟ مەن تېخى بىر نېمە دېمەي تۇرۇپ، نېمىگە غەلۋە قىلىسەن؟
رەيھان ياسىننىڭ غەزەبلىك چىرايىغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ گەپ قىلمىدى، ناھەقچىلىكتىن ۋۇجۇدى تىترەپ كەتتى، بۇنداق ئېشەك قۇلاققا گەپ قىلغاندىن تامغا گەپ قىلغان ياخشى دەپ ئويلىدى. ئۇ شۇنچە ئەسكىلىكلەرنى قىلسا ئۆزىنى ھەقلىق دەپ ئويلايتتى، خوتۇنى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا ھەرگىز كەچۈرمەيتتى. رەيھان بۇنى بىلەتتى، بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلدى، بۇ ئەردىن ئاجرىشىشنىمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ قويۇپ شۇنداق قىلدى. ئەمما ياسىن قويۇۋەتمەيمەن دېسە ئۇنىڭ ئەسكىلىكلىرىگە داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ ياشاش كېرەكمۇ؟ نەچچە يىلدىن تۈزۈك ئەر بولۇپ كەلگەن بۇ ئىنسان نېمىشقا ئەمدى غەيرى مەخلۇق، غۇرۇرى يوق رودىپايغا ئايلىنىپ قالدى؟!… رەيھاننىڭ بۇنىڭغا كاللىسى يەتمەيتتى، ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت زېدىلەنگەن قەلبىنى تېخىمۇ زېدە قىلماسلىق، بۇ ئەر ئۆزىنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ بەدبەشىرە، رەزىل كۆرۈنۈپ كەتمەستە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىش… ئىدى. بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىش، ھەممىنى يېڭىدىن باشلاشنى شۇنچىلىك ئويلاپ باقسىمۇ بۇنىڭغا ھېچ كۆزى يەتمەيتتى.
__ ئون كۈندىن بېرى زادى نېمە ئىش قىلدىڭ، دېگىنە! مېنى ئويلىمىساڭمۇ، مۇشۇ بالىنى بولسىمۇ ئويلىساڭ بولمامدۇ؟ غېنى تازنىڭ ئالدىدا مېنى شۇنچە شەرمەندە قىلامسەن؟ ئۇ ئوغرىنىڭ ئالدىدا مېنى شوۋىچى قىلدىڭ، ئۆزەڭنىمۇ رەسۋا قىلدىڭ، مۇشۇنداق قىلىپ ئۆچۈڭنى ئالدىڭ، پاقاڭ قاندىمۇ؟
__ توۋا! توۋا! __ دەۋەتتى رەيھان چىداپ تۇرالماي،__ بۇنداق ماز گەپ قىلغىچە تايىنلىق مېنى ئۇرۇپ قوغلاپ چىقار، يا بولمىسا ئاغزىڭنى يۇم، ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى!
__ يىغلاپ ۋاقىراپ قورقۇتىمەن دېمە، مەسىلەڭنى ئېنىق تاپشۇرغاندىن كېيىن قالغان ئىشنى ئويلىشىمىز،__ ياسىن ئورنىدىن تۇرۇپ تاماكىسىنى دەسسەپ مىجىۋەتتى.
__ مېنىڭ كاللام زادى ئىشلىمەيدىكەن، سەندەك ئەرنىمۇ ئېرىم دەپ يۈرگەندىكىن ئۆزەمگىمۇ ئاز. ئۆتكەندە غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا بارغاندا غىڭ قىلالماي كېتىپ قاپسەنغۇ؟! شۇمۇ سېنىڭ ئەركەكلىكىڭ؟! ئالدىمغا كەلدى دەپ كۆرەڭلەپ كەتكىنىڭمۇ بۇ؟!
__ گەپنى ئاز قىلىپ مەسىلەڭنى تاپشۇر!
__ ئاۋۋال سەن تاپشۇر، ئاندىن تۈزۈك دېيىشىمىز،__ دېدى رەيھان يېشىنى سۈرتۈۋېتىپ،__ خۇدايىم ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، سەن خۇدادىن قورقماي رەسۋالىق قىلغان بىلەن، مەن قىلالمايمەن. نەچچە يىل خوتۇن قىلىپ مېنى شۇنچىلىك بىلمىگەن بولساڭ، ئەقلىڭگە ئېشەك تېپىۋەتكەن ئوخشايدۇ.
ياسىننىڭ زەردىسى ئۆرلىدى، قوللىرى قىززىپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن ئۆز-ئۆزىدىن تېرىكىپ بوغۇلۇپ كەتتى:
__ زۇۋانىڭغا ھېلى، مەن خوتۇن خەقنى ئوبدان بىلىمەن، سەن ئاشۇ ساراڭلىقىڭدا ھەممە ئىشنى قىلىسەن، ماڭا دېمەي قاچالىغان ئادەم باشقا ئىشنىمۇ قىلىسەن، يالغانچىلىق قىلىپ قۇتۇلالمايسەن، بۇ ئىش ھامان ئاشكارىلىنىدۇ…
__ مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئەمەس، خۇدايىمنىڭ ئالدىدا پاك ياشىسام بولدى. خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلساممۇ ئىشەنمەيسەن، ئىمانسىز ئادەم ھېچنېمىگە ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا ساڭا ئارتۇق گېپىم يوق، پاك خوتۇنغا تۆھمەت چاپلىساڭ گۇناھى ئۆزەڭگە!
__ يالغانچى قەسەمخور كېلىدۇ دېگەن مانا شۇ…
__ بۇ گەپنى ئۆزەڭگە دە
__ شۇنداق قىلىپ، سەن ئاپئاق خوتۇن بولۇپ ئالدىمغا كەلدىڭ، شۇنداقما؟
__ خۇدانىڭ ئالدىغا پاك بارسام بولدى، سەن نېمىتىڭ؟!
بۇ گەپ ياسىننىڭ غۇژژىدە نېرۋىىسىغا تەگدىيۇ، رەيھاننىڭ شۇ تاپتىكى ئىشەنچى، غۇرۇرى ۋە قورقۇمسىزلىقىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى. دېمىسىمۇ دەيدىغان گەپنى غېنى تازغا دېيەلمىگەن، خوتۇنىنى ئۇنىڭ يېنىدىن ھەيدەپ كېلەلمىگەن، مانا ئەمدى خوتۇنى ئۆزى كەلسە بېشەم خوتۇندەك ۋاتىلدىغان ئەر قانچىلىك نېمىتى؟! رەيھاننىڭ “نوچىلىقنى ماڭىلا قىلامسەن؟” دەپ باياتىن دەۋاتقانلىرىمۇ شۇ، ئەمدى رەيھانغا ھەيۋە قىلىۋەرسە راستىنلا مازلىشىدۇ، ئۇرۇپ سالسا ئىش چاتاق، رەيھان يەنە قاچىدۇ، قاچما دەپ پۇتىنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكىلى بولمايدۇ، غېنى تاز بۇنى بىلسە ياسىنغا “خوتۇنۇڭنى بۇنداق خارلىغىچە قويۇۋەت” دەپ قىستايدۇ، رەيھاننى تۆتىنچى خوتۇن ياكى ئونىنچى ئاشنىسى قىلىپ يېنىغا ئەكىرىۋالىدۇ، تېخى، بالىچۇ بالا؟!…
ياسىن پەيلىدىن ياندى، ئۆتكەندە غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ تامغا نىقتاپ “خوتۇنۇمنى تاپ ئوغرى” دېگەن بولسا، ئاندىن رەيھاننىڭ كاچىتىغا ئىككىنى سېلىپ ئۆيىگە ياندۇرۇپ كېلەلىگەن بولسا، بۇ ئەركەكلىك بولاتتى… خوتۇنىنى خوتۇن قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن نېمە دېسە ئاقىدۇ؛ بولمىسا ئۆزى ئوسال بولىدىغان گەپ… رەيھاندەك خوتۇنلارغا ساختا نوچىلىق ئەمەس، ھەقىقىي ئەركەكلىك كېرەك…
“بىراق بۇ خوتۇن شۇ ئەركەكلىكنى تۈگەشتۈرۈۋەتتى… دەپ ئويلىدى ياسىن ، بۇ خوتۇن “كاجلىق” قىلمىغان بولسا ئىشلار جايىدا كېتىۋېرەتتى، ھەر ئىككىسى بۇرۇنقىدەك ئىناق ياشاۋېرەتتى؛ چىدىماس خوتۇن ئېرىگىمۇ قىلدى، ئۆزىگىمۇ قىلدى، ئېرىنى ئەسلىدىنلا كۆزىگە ئىلمىغاچقا ئۇنىڭ شىرىن چۈشىنى بەربات قىلىۋەتتى؛ ئېرىگە بولغان ئۆچمەنلىكى بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى، ئېرىگە ئالايدى، قاپاق تۈردى، ئاغزىنى بۇزۇپمۇ سالدى، ئاندىن قاچتى، ئېرىنى تېخىمۇ ئوسال قىلدى، ئۇنىڭدا يۈز دېگەن نەرسىنى قويمىدى…مانا ئەمدى“سەن نېمىتىڭ، سەن قانچىلىك ئادەمتىڭ؟” دەۋاتىدۇ… بۇ خوتۇننىڭ بۇنچە ئاينىپ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئۇنىڭ ئەسلىدىلا خوتۇن بولۇشقا يارىمايدىغانلىقى، ئۆز چىرايىغا ئىشىنىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىغانلىقى، كۆڭلىنىڭ باشقا ئەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەسمۇ؟! غېنى تازنىڭ شاپائىتىنى كۆرۈپ قالغان بۇ خوتۇن ياسىندەكلەرنى ئەمدى كۆزىگە ئىلامدۇ؟
__ سېنىڭ ئالدىڭدا مەن ھېچنېمە ئەمەس، شۇنداقمۇ؟! شۇنچە سەتچىلىكنى قىلىپمۇ تېخى خىجىل بولۇشنى بىلمەيسىنا؟!
__ سەن بىلەمسەن خىجىل بولۇشنى؟! خوتۇن دېگەن ئېرىگە بېقىپ خوتۇن بولىدۇ.
__ مېنى يامانغا چىقىرىپ ئۆزەڭ يامان بولماقچىما؟ كاللاڭنىڭ زادى بىر چاتىقى بار سېنىڭ!
__ كاللام ساق بولغاچقا ساق ياشاۋاتىمەن، ھېلىمۇ سېنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىڭگە چىداپ كېلىۋاتىمەن. ئوڭشىلىپ قالار دەۋاتىمەن، ئەمدى ئا پاسكىنىنى كۆزۈمگە كۆرسەتمە، ئەگەر يەنە ئۇنىڭ يېنىغا سوكۇلدايدىغان بولساڭ مېنى ئىككىنچى خوتۇن قىلىمەن دېمە، ما گەپ ئوچۇق بولسۇن!
__ ما گەپنىڭ چوڭلۇقىنى! ئىككىنىڭ بىرىگە تۇر دېمەكچىمۇسەن؟ قاچانغىچە تۈگىمەيدۇ بۇ جاھىللىقىڭ؟! مەن سېنىڭ ئىشلىرىڭنى بولدى قىلاي دەۋاتسام، سەن تېخى ماڭا شەرت قويۇۋاتامسەن؟!
__ ئەقلىڭ بولسا، مېنى، بالاڭنى باشتا ئويلا! بىرگە بىر بولدۇق دەپ خام خىيال ئەيلىمە، ماڭا تۆھمەت قىلىپ تۇرۇپ ئەيىۋىمنى ياپىمەن دېمە، سېنىڭ قېشىڭدا يا مەن تۇرىمەن، يا ئاشۇ پاسكىنا تۇرىدۇ.
__ بولدى قىل، ئۆزەڭگە قاراپ بېقىپ گەپ قىل، __ دېدى ياسىن ئىچىگە پاتمايۋاتقان ئاچچىق ۋە ئامالسىزلىققا بەس كېلەلمەي،__ ئۆزەڭنى نېمە چاغلايسەن سەن؟ گۈلشەننى پاسكىنا دېيىشتىن ئاۋۋال ئۆزەم قانچىلىك دەپ ئويلاپ باقتىڭما؟ شۇنچە ئىشنى قىلىپمۇ پېتىڭدىن چۈشمەيسىنا؟!
__ ئۇ پاسكىنا بولماي نېمىكەن؟ يولدىن تېرىۋالغان ئاشناڭنى مەندىن چوڭ كۆرەمسەن؟ سەن مېنى ناھەق قارىلاپ، ھەممىنى پېشانەمگە تاقاپ ئاندىن خوتۇن قىلماقچىما، ئۇخلاپ چۈشۈڭ! سەن ئەردەك ئەر كىشى بولساڭ مەن ساڭا خوتۇن، ۋىجدانىڭ بولسا مېنى خوتۇن قىل، بولمىسا ئىشىڭنى قىل!
__ ئەجەپ چوڭ سۆزلەيدىغان بوپ كېتىپسىنا، ئارقا تېرىكىڭ كۈچلۈك ئوخشىمامدۇ؟ بارىدىغان جايىڭنى تەييارلاپ قويۇپ ئاندىن ئالدىمغا كەلدىڭ دېگىنە، يوتقان-كۆرپەڭنىمۇ يىغماي كەلگەنسەن تايىنلىق!
__ بولدى قىل، ئەمدى سەن بىلەن سوقۇشۇپ سەتلىشىپ يۈرگۈم يوق، مەن سېنى ئوبدان بىلىمەن، گەپكە چىدىمىغاندا مۇشت كۆتۈرۈپ قوپىسەن، ئىككىلىمىزگە پايدىسى يوق، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئەر كىشىدەك راۋرۇس گەپ قىلىپ، ئىپادەڭنى بىلدۈر. مېنى خوتۇن قىلىمەن دېسەڭ، مانا مەن ئالدىڭدا، خىزمىتىڭنى قىلىمەن. ئەگەر گۈلشەنمۇ مېنىڭ خوتۇنۇم دەپ بۇزۇقچىلىق قىلىۋېرىدىغان بولساڭ، سۆزۈمنى بېرىپ يولغا سال.
ياسىن رەيھاننىڭ بۇ قەتئىيلىكىنى كۆرۈپ بوشىشىپ كەتتى، بۇ خوتۇن بۇرۇنقى رەيھان ئەمەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ ياسىن ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ قالار دەپ كۆڭلىنى ئالدىرىماي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
__ گۈلشەن سېنىڭ نەرىڭگە تاقىشىدۇ دەيمەن، مەن ئىككىڭنى خوتۇن قىلىشقا لايىق ئەمەسما؟ مەن سېنىڭ نەزەرىڭدە شۇنچىلىك چۈپرەندىما؟ غېنى شاڭجاڭ مەندىن نوچىما؟ مېنى بۇزۇقچىلىق قىلدى دەيسەن، سېنىڭ ئون كۈن يوقاپ كېتىشىڭ نېمىگە ھېساب؟ سەنمۇ مەن بىلەن غېنى شاڭجاڭنىڭ ئارىسىدا قاتراپ ئاران-ئاران قېلىۋاتىسەنغۇ؟ ئادەمنىڭ كۆڭلى دېگەن شۇ، بىرىدىن زېرىكسە بىرىگە قىزىقىدۇ. مەن تېخى سەندىن زېرىكىپ گۈلشەننى تاپقىنىم يوق، ھەر ئىككىڭلارغا كۆڭلۈم بار، ھەر ئىككىڭلار مېنىڭ ئامراق خوتۇنۇم، لېكىن سەن مېنى يېقىن كەلتۈرمىگەچكە نەچچە كۈن تاشلاپ قويدۇم، لېكىن كۈندە سېنى ئويلىدىم، سېنى سېغىندىم. ئەمما كۆڭلۈمنى قەتئى چۈشەنمىدىڭ، ساراڭلىق قىلىپ قاچتىڭ. ئەمدى “بوپتۇ، ئازمايدىغان ئىنسان يوق، ئەمدى ياخشى ئۆتۈپ كېتەرمىز” دەۋاتسام، سەن يەنە مەن بىلەن قېرىشىۋاتىسەنغۇ؟! غېنى تازغا كۆڭلۈڭ چۈشۈپ قالدىمۇ نېمە؟ مەندىن ئاجرىشىپ ئۇنىڭغا تەگمەكچىما؟ ئۇنىڭ نەچچە خوتۇنى بار، بىلەمسەن؟ ئۆزەڭ نەچچىنچىسى بىلەمسەن؟! جاھاندا سېنىڭدەك دۆت خوتۇن بولماس!
__ شۇ، دۆتلۈكىمدىن ساڭا تېگىپتىكەنمەنمۇ دەيمەن، مېنى ئەمدى بىلگەن بولساڭ سەنمۇ تايىنلىقكەنسەن، كاللاڭ ئىشلىسە ما ئۆينى چىرايلىق تۇتالايسەن، بولمىسا ۋەيران قىلىسەن. مەن شۇنچە سەۋر قىلدىم، تۈزۈلۈپ قالار دېدىم، يىغلىدىم، قاقشىدىم، ئەمدى بولدى قىلمايمەن. مېنى خارلايمەن دەيدىكەنسەن، ئۆلسەممۇ ساڭا خوتۇن بولمايمەن!
__ ۋاھ، گەپ قىلمىسام يەنە چوڭ سۆزلەيسىنا! مەشەگە كەلمەستىلا خوتۇن بولماسلىقنىڭ قازىنىنى ئېسىپ بولغان دېگىنە، غېنى تاز “سىزنى ئالاي” دېگەن بولسا، ئۆزەڭنى بىلەلمەي قېلىۋاتامسەن نېمە؟
__ سەن تولا چىدىماسلىق قىلما، غېنى شاڭجاڭ تېخى سېنىڭ يۈزۈڭنى قىلىپ مەرتلىك قىلدى، بولمىسا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ يەنە ساغىرىپ، ھارىقىنى ئىچىپ يۈرەتتىڭ! مەن ئالدىڭغا چىرايلىق كەلدىم، دەيدىغاننى دېدىم، قالغىنىنى ئۆزەڭ بىل!
__ غېنى شاڭجاڭنىڭ ھەممە نېمىسى ساڭا ياراپ كېتىپتۇ-دە، مانا قارا، گېپىڭدىنلا چاندۇرۇپ تۇرىسەن ئەمەسمۇ! خوتۇن خەق دېگەن… زادى نومۇسسىز!
__ نومۇسسىز دېگەن ئۆزەڭ! __ رەيھان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى،__ غېنى شاڭجاڭنى مەرت دەپ قويسام ئىچىڭگە ئوت كەتتىمۇ؟! ئۇ سەندەك نامەرت، پىخسىق ئەمەسكەن، ئۇقتۇڭمۇ؟
__ ما گۇينىڭ خوتۇنى، نېمە دەپ پوق چاينايدۇ…__ ياسىن دەرغەزەپ بولۇپ رەيھاننىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كېلىپ تەستەكتىن ئىككىنى سېلىۋەتتى، ئاندىن بۇقىدەك ھۆكىرىدى:
__ ئەتىدىن يول قويسام ئەجەپ ھەددىڭدىن ئاشىسىنا رەسۋا؟! ماڭا قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلە، مەن كىم؟ ئېرىڭمۇ ئەمەسمۇ؟ __ ياسىن رەيھاننىڭ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قاراتماقچى بولۇۋىدى، رەيھان سىلكىۋەتتى، ياسىن يەنە ئۇنىڭ ئېڭىكىنى كۆتۈردى، رەيھان يەنە سىلكىپ چۈشۈرۈۋەتتى، ياسىن ئۇنىڭ يۈزىگە يەنە بىر شاپىلاق سالدى.
__ مەن ئېرىڭمۇ نېمەڭ؟
رەيھان ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن تىغدەك قادالدى:
__ سەن بىر ھايۋان…
__ مەن نېمەڭ؟
__ ئەقلى يوق ئېشەك…
رەيھان سۆزىنى تۆگىتىپ بولغىچە يۈزىگە يەنە بىر تەستەك تەگدى، ئاڭغىچە ئۆمەر ئۇلارنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ قالدى، ساۋۇتمۇ ياتىقىدىن چىقىپ ئاجرىتىپ قويۇشقا كەلدى.
ياسىن ئۇلارنى كۆرۈپ قولىنى يىغىۋالدى، رەيھانغا ئۆچمەنلىك، ئۈمىدسىزلىك بىلەن تىكىلىپ:
__ سەن ئەسلى مەن بىلەن سوقۇشۇپ ئاجراشقىلى كەلدىڭ، شۇنداقمۇ؟ بوپتۇ، مۇرادىڭغا يەتكۈزەي، ھازىردىن باشلاپ سەن تالاق، نەگە يوقالساڭ يوقال! __ دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ رەيھاننىڭ يۈرىكى مۇجۇلغاندەك بولدى، ۋۇجۇدى سوغۇق شامالدا قالغاندەك تىترەپ مۇزلاپ كەتتى. چىرايلىق خوتۇنىنىڭ ھاڭۋېقىپ قالغىنىنى، شەھلا كۆزلىرىنىڭ كۆز ياشتىن تىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ياسىنمۇ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بىر ئاغرىقتىن ئىنجىقلاپ تۇرۇپ قالدى، بارلىق ئاچچىقى، ساراڭلىقىنىڭ “تالاق” دېگەن گەپتە توختاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇجۇقۇپ كەتتى. “تالاق” دېگەن سۆزدىكى “ق”تاۋۇشى گويا قىلىچ بولۇپ ئۇنىڭ يۈرەك بېغىشىنى ئۈزۈۋەتكەنىدى… رەيھاننىڭ ھاڭۋېقىشلىرى، ياسىننىڭ ھالسىز چەكچىيىشلىرى ئەمدى بۇ تۇرمۇشنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. ساۋۇت ئەمدى بۇ جېدەلنىڭ ئۆزلۈكىدىن بېسىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئېچىنىش ئىلكىدە ئارقىسىغا بۇرۇلدى. ئۆمەر تېخىچە ئاكىسىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ تۇراتتى، “ئاچامنى ئەمدى ئۇرىدىغان بولسا قاراپ تۇرمايمەن” دەپ ئويلايتتى، لېكىن بارلىق جېدەلنىڭ بىرلا سۆز بىلەن ئاياغلاشقانلىقىنى بىلمەيتتى.
رەيھان بايا ئولتۇرغان جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى،ئەجىبا ئۇ راستىنلا ئېرى بىلەن سوقۇشۇپ ئاجرىشىشقا كەلگەن بولغىيمىدى؟! ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇش ئىشەنچى ئاللىبۇرۇن يوقالغان بولغىيمىدى؟! نېمىشقا ياسىن بىلەن سوقۇشۇپ توختىمايدۇ؟ يول قويغان بولسا نېمە بولار ئىدى؟! بىرەر ئېغىز گەپتىن قالغان بولسا نېمە بولار ئىدى؟ “ھايۋان، ئېشەك” دېگەن گەپ قانداق چىقتى؟!… ئەزەلدىن بۇنداق ھاقارەتنى ئاڭلاپ باقمىغان ياسىنغا بۇ سۆزلەر يۈرىكىگە پىچاق سانچىلغاندەك تۇيۇلماسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئېغىزىدىن “تالاق” دېگەن گەپ چىقماي قالامدۇ؟
رەيھان تاياق يېگەن ئاچچىقىدا ئېغىزىنى بۇزۇپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلدى، شۇ ئاچچىققا، شۇ ھاقارەتكە بۇ نومۇسسىزنىڭ ئۆزى سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ پۇشايمان قىلدى، ئازابلاندى… ناھەقچىلىككە پايلىمايدىغان مىجەزى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زىبالىقى، مۇلايىملىقى، شىرىن سۇخەنلىكىنى يوقىتىۋەتكەنلىكى راست، ياسىن بۇزۇلغاندىن بېرى شۇ مىجەزنىڭ “كاجلىق، جاھىللىق” دەپ ئاتىلىپ، ئۆزىنى سەت كۆرسىتىۋەتكەنلىكىمۇ راست… ئەمىسە قانداق قىلسا بولاتتى؟ ياسىن نېمە ئىش قىلسا ساراڭدەك ھىجىيىپ، نېمە دېسە بويسۇنۇپ ياشاۋەرسە بولامتى؟ ئاللىقاچان بۇلغىنىپ بولغان كارىۋاتتا بۇلغىنىپ كەتكەن ئېرى بىلەن يېتىۋەرسە بولامتى؟ پاك، سەبىي بالىسىنى بۇزۇقلارنىڭ يېنىدا بىچارىلەرچە بېقىپ چوڭ قىلسا بولامتى؟ بۇنداق ياشاش نەقەدەر ئازاب، ئۇنىڭدىن كۆرە تالاق قىلىنغىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟!
ئەمما رەيھان يەنىلا ئازابلاندى، چۈنكى ئۇ ياسىنغا ئىشىنەتتى “ يا مېنى خوتۇن قىل، يا گۈلشەننى، ئىككىنىڭ بىرىگە تۇر” دېگەن چېغىدىمۇ ياسىنغا بولغان ئۈمىدىنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتمىغانىدى. ئەمدى نېمە بولدى؟! ئېرىنىڭ كۆڭلىدە ئاشۇ پاسكىنا قانجۇقچىلىك بولالمىدى. ئېرىگە ئەقىدە قىلغان پاك ئايالغا بۇنىڭدىن ئارتۇق ھاقارەت، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاب بولماس، ئۇ “ئېشەك” ھېچ بولمىسا “بالامنىڭ ئانىسى مۇھىم” دەپ ئويلىيالمىدى… رەيھان كۆڭلىدە يەنە ياسىننى شۇنداق ھاقارەتلەشكە باشلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىق سۈپەتنى ئويلاپ تاپالمىدى.
رەيھان قانچە ئازابلانغانچە ياسىندىن ئەسلىدە شۇنچە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. “مېنى بۇنداق خارلىغىچە قويۇۋەتسەڭ بولمامدۇ؟” دېگەن بىلەن، ئۇنىڭ چوقۇم شۇنداق قىلىشىنى ھەرگىز ئۈمىد قىلمايتتى، ئۆزگىرىپ قالار، ئادەم بولۇپ قالار، قەدىر-قىممىتىمنى بىلىپ قالار دەپ ئويلايتتى. ئەمما ئاقىۋەتتە بۇ قۇرۇق ئارزۇلا بولۇپ قالدى، ياسىن پەقەت “ماڭا بويسۇنساڭ خوتۇنۇمسەن، بولمىسا دۈشمىنىمسەن” دەپ تۇرىۋېلىپ، بىر ئوبدان خوتۇنىنىڭ مىجەزىنى بۇزۇپ ئاخىر ئۇنى سەپرا، ئېغىزى يامان خوتۇنغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. گۈزەل خوتۇنىنى سەتلەشتۈرۈۋېتىپ مانا ئەمدى ئۇنى تالاق قىلدى… بۇنىڭ ئۇۋالى كىمگە!
__ ئېغىزىڭدىن چىققان گەپ راستمۇ؟!__ دېدى رەيھان ياسىننى پۇشايمان قىلدۇرماقچى بولۇۋاتقاندەك ھەسرەت بىلەن، ئەمدى بولغۇلۇق بولغاندا ياش تۆكۈپ زارلىنىشنى خالىمىدى؛ چۈنكى گۇناھنىڭ چوڭى كۆز ئالدىدا چەكچىيىپ تۇرغان بۇ قارا گەدەندە ئىدى.
__ سەن شۇنداق بولۇشىنى تىلەيتتىڭغۇ؟ مۇرادىڭغا يەتكەنسەن ئەمدى؟! بېرىپ غېنى تازغا خۇشخەۋەر يەتكۈز، سۆيۈنچە بېرىپ قولۇڭغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقاپ قويار…
رەيھان ئاچچىق كۈلدى، ئىچ-ئىچىدىن قاپساپ كېلىۋاتقان دەرت-ئەلىمىنى باسالمىدى:
__ ئىست، مەن تېخى سېنى مۇشۇ ۋاققىچە ئېرىم دەپ يۈرۈپتىمەن.
__ مەن سېنى يېنىمدىن قاچقان چاغدىلا خوتۇنۇم ئەمەس دەپ بولغان.
__ ئەمىسە بوپتۇ، شۇ پاسكىنىنى خوتۇن قىلىپ ئۆتۈۋەرگىن، مەنمۇ سەندىن قۇتۇلغىنىمغا خوش… __ رەيھان پەسكە قارىۋالدى، يىغلىماي دېسىمۇ كۆز ياشلىرى ئىختىيارىغا بويسۇنمىدى.
رەيھان ھۇجرىغا كىرىپمۇ قويمىدى، ئۆمەرگە چاماداننى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى، ئۆمەر كىرىپ كېتىپ چاماداننى ۋە بالىنى ئېلىپ چىقتى. ئۇۋىسىغا بۆرە تەگكەن قويلاردەك پېتىراپ كېتىۋاتقان بۇ بىچارىلەرگە قاراپ ياسىن نېمە قىلارىنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالدى، بايىقى ئىشلارنى بىر يامان چۈشتەك ئەسلىدى، ئىشەنمەي دېسە ئامالى يوق، ھەممىنى كەينىگە قايتۇرالايدىغان كۈچ نەدە؟ بۇ خوتۇنمۇ ئاران تۇرغاندەك كەتكىلى قوپتى، دېمەك، ئەسلىدىنلا ئاجرىشىش نىيىتى بار، “ئىككى خوتۇنلۇق” ئېرىنى ۋەيران قىلىۋەتكۈسى بار…
شۇ تاپتا ئۇ ھالسىز، پەرۋاسىز ئولتۇرغان بىلەن ئىچى غەزەپ تىتىلدايتتى، ھەممىنى ئۇرۇپ كۈكۈم-تالقان قىلىۋەتكۈسى كېلەتتى. بىراق، ئەركەكلەرگە ئۇششۇقلۇق يارىشامدۇ؟! سۆز دېگەن ئاتقان ئوق، ئېغىزدىن چىققان گەپنى قايتۇرۇۋالغىلى بولامدۇ؟! خوتۇن تالاق گۇيلار “تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ” دېيىشىدۇ، ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن شۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىلكىدىن چىقىپ كەتكەن خوتۇنىنى نېمە قىلالايتتى؟ غېنى تازنى نېمە قىلالايتتى؟
رەيھان ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا ئۇ زادىلا چىداپ تۇرالمىدى:
__ بالىنى سۆرەپ يەنە نەگە ماڭىسەن؟!
__ بارىدىغان يېرىمگە بارىمەن.
__ غېنى تازنى بەك سېغىنىپ كەتكەن ئوخشىمامسەن؟!
__ ئۆزەڭ تالاق قىلىۋېتىپ ئەمدى چىدىماسلىق قىلىۋاتامسەن؟
__ چىدىمىغۇدەك سەن قانچىلىك نېمىتىڭ؟ مەن ماۋۇ بالامنى نەگە ئاپىرىسەن دەۋاتىمەن ساڭا!
__ ئانىسى نەدە بولسا بالىسى شۇ يەردە بولىدۇ، بۇ بالىنى سېنىڭ قانجۇقۇڭ بېقىپ بولالمايدۇ…__ رەيھان ئېغىزىنى بۇزماي دېسىمۇ ئاچچىقىدا سېسىق گەپلەر چىقىپ كېتىۋاتاتتى.
__ زۇۋانىڭنى ئەمدى باس، مەنمۇ بالامنى غېنىدەك شوۋا گەدەن تازغا تاشلاپ بەرمەيمەن!
__ بالىنى قويۇۋەت.
__ نېمە دەيسەن، بالا مېنىڭكى،__ ياسىن ئوغلىنى قۇچىقىغا ئېلىۋالدى، بالىسى تېپىچەكلەپ ئانىسىغا تارتىشىپ يىغلاشقا باشلىدى.
رەيھان بالىسىغا قاراپ چارىسىز تۇرۇپ قالدى، ئېرى بىلەن بالا تالىشىپ ئۇرۇشۇش نېمىدېگەن نومۇس! بالا بىر ياقتا، ئانا بىر ياقتا يىغلايتتى، ئۆمەر ئاكىسىنىڭ نومۇسسىز چىرايىغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى. ياسىن ئۆزىنى يەنىلا مازلىق قىلىۋاتقاندەك، خوتۇن-بالىسىنى خارلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ پەيلىدىن ياندى:
__ سەن مۇشۇ بالىنى سۆرەپ يەنە غېنى تازنىڭ قېشىغا بارماقچىما؟
__ ئەمىسە سەن بىزنى مەشەگە ئىتتەك باغلاپ قويۇپ خارلىماقچىما؟ ئۇخلاپ چۈشۈڭ! مەن ئەشەدە ئىشلەپ پۇل تېپىپ، يۇرتقا كېتىمەن!
__ شۇ تازغا تېگىمەن دېگىنە تايىنلىق، كۆڭلۈڭنىڭ پەسلىكىنى كىم بىلمەيدۇ…
__ مېنى ئۆزەڭدەك چاغلاۋاتامسەن؟ تولا گەپ قىلماي بالىنى بەر.
__ غېنى تازنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قوي، ئەتە مەن ئۆمەر ئىككىڭنى ئۆزەم يولغا سېلىۋېتىمەن!
رەيھان ياسىننىڭ ئالا-تاغىل بولۇپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ئەجەبلەندى:
__ گېپىڭ راستمۇ؟
__ راست.
رەيھان يەڭگىللەپ قالدى، ئەمما پەقەت خوش بولالمىدى. ياسىن بالدۇرراق مۇشۇنداق ئەقلىگە كەلگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى؟ “تالاق” دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چىقارمىغان بولسا، بەلكى ئۇنى گۈلشەن دېگەن ھارام خوتۇنىغا دېگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى؟…
بىراق بۇ خىياللار رەيھاننىڭ كۆڭلىدە ئاپتاپتەك يورۇپلا ئۆتۈپ كەتتى. ياسىن ئۇنى غېنى شاڭجاڭغا تارتقۇزۇپ قويماسلىق، ئۆزىنىڭ بۇزۇقچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلماقچى ئىدى…مەيلى، نېمىلا قىلسا شۇنچىلىك قىلالىدى، رەيھاننى بۇرۇنقىدەك يا قويۇپ بەرمەي، يا تۈزۈك خوتۇن قىلماي ئېسىپ قويۇپ توخۇ پوقىلىق قىلمىدى، ئۆمەر قاماقتىن چىققاندىن كېيىن رەيھاننىڭمۇ تارتىشقۇدەك ئىشى قالمىدى، قالدى دېسە، پەقەت غېنى شاڭجاڭغا ئادىمىگەرچىلىك قەرزى قالدى… رەيھان ئەمدى بۇ ئازاب، سىقىلىشلاردىن پاتراق قۇتۇلسا بولاتتى، كۆڭلى شۇنى ئىستەپ قالدى.
رەيھان ئاشخانىغا قايتىپ كىردى، ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ كەتتى، ئۆزى تۇتقان چىرايلىق ئۆي ئىدى، نەدە قالدى پاكىزلىق؟ ئەمدى بۇ ئۆينى يەنە مەينەتچىلىك بېسىپ كېتىدۇ. ئىست شۇ يوتقان-كۆرپىلەر، گىلەملەر، دېرىزە پەردىلىرى…
ياسىن ئاشخانىدا ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ، ئاشخانىنى تېشىدىن قۇلۇپلاپ گۈلشەننىڭ يېنىغا كەتتى، “تالاق” دېگەن سۆزىنى ھەر بىر ئويلىسا بىئارام بولاتتى، “ تۈگۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ”دېگەن گەپ كاللىسىغا كېلىۋالاتتى، يەنە كېلىپ گۈلشەن بىلەن بىللە رەيھاننى خوتۇن قىلىشقا زادى كۆزى يەتمەيتتى، گۈلشەندىن ئەسلا كېچەلمەيتتى.
ياسىن گۈلشەن تۇرغان بىناغا ئاز قالغاندا غېنى شاڭجاڭدىن تېلېفون كەلدى:
__ قانداقراق، ئەپلىشىپ قالدىڭلارمۇ؟
__ ئەپلىشىپ قالدۇق، ھازىر خېلى تۈزۈلۈپ قاپتۇ.
__ ئىشقىلىپ خوتۇنۇڭنى رەنجىتمە، خوتۇن كىشى ئاجىز…
__ بۇنى بىلىمەن، خاتىرجەم بول.
__ ئۇكاڭنى ئەچىقىپ بەرسەم بىرئېغىز رەھمىتىڭمۇ يوققا؟
__ رەھمەتنى ئايرىم قىلىۋالىمەن، كۆڭلۈمدە بار، ئۇنتۇپ قالمايمەن.
__ ئەمىسە كەپ تۇر، يوقاپ كەتمە…
__ ماقۇل، بېرىپ تۇرىمەن.
ياسىن تېلېفوننى ئېتىپ غېنى شاڭجاڭنى تىللاپ غۇدۇرلاپ تۇرۇشىغا يېنىدىن بىر ماشىنا ئۆتۈپ كەتتى، ياسىن بۇ ماشىنىنىڭ نوچىلىقىغا قاراپ شوپۇرىغا ئىختىيارسىز دىققەت قىلدى، بۇ ھېلىقى چاغدا گۈلشەن تۇرۇۋاتقان ئۆينى ئىجارىگە بەرگەن ياش خەنزۇ ئىدى. بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسى توشۇپ قېلىۋاتاتتى، ياسىن ئەتە خوتۇن-بالىسىنى يولغا سېلىۋېتىپ، گۈلشەننى يېنىغا ئەكىلىۋېلىشنى، بۇ ئۆينى قايتۇرۇۋېتىشنى ئويلىدى.
گۈلشەن ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى، ياسىن لەيلەپ بارغىنىچە كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.
__ دۈم يېتىڭە، دۈمبىڭىزنى تۇتۇپ قوياي.
__ كىيىمىڭنى سېلىپ يوتقانغا كىر، بۇ كېچە قانغۇدەك ياشايمىز…
__ نېمە بولدى، يەنە ئىچىپسىزغۇ، خوتۇنىڭىز بىلەن بىر نېمە دېيىشىپ قالمىغانسىز؟
__ ئۇ خوتۇننىڭ گېپىنى قوي، تالاق قىلىپ خېتىنى بېرىۋەتتىم، ئەتە يولغا سالىمەن.
__ ۋۇي، ئەجەپ چاققانغۇ؟!
__ ھەممىسى سەن ئۈچۈن، خوش بولغانسەن…
__ ماڭا بەرىبىر، بۇنىمۇ مەندىن كۆرۈپ ماڭا دوق قىلمىسىڭىزلا بولدى…
__ ئۆزەم قىلغان ئىشقا ئۆزەم ئىگە… بولە چاققان، كىيىمىڭنى سال.
__ ما گېپىڭىز جايىدا، ئەر كىشى دېگەن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك!
بۇ كېچە رەيھان ئىزتىراپ ئىچىدە ياتتى، بەش يىلدىن ئارتۇق بىللە ياشىغان ئەردىن ئەتە ئايرىلىدۇ، خۇشاللىق ئۇنتۇلۇپ، ئازاب، ھەسرەت ئۇنتۇلمايدىغان بولدى. ئېرىگە باش ئەگكەن بولسا تالاق قىلىنماسمىدى؟! خۇدانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلىمايدىغان بۇ ھاراقكەشنىڭ تالاق قىلىشى ئىناۋەتكە ئۆتەمدۇ؟ ئۇ بۇنى مەست ئەمەس، ساق چېغىدا دېدى، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلسە ئېغىزىدىن چىققان گەپ ھېساب. دەپ بولۇپ ئۆزىمۇ چۆچۈپ كەتتى، بىر قارىسا چىرايىدا پۇشايمان قىلغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمما رەيھان كەتكەندىن كېيىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدۇ. بىر قېتىم تالاق قىلغاندىكىن ئىككىنچى يالۋۇرۇپ كەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاجراشقان بولىدۇ، بالا يېتىم بولىدۇ…
رەيھان بالىسىغا قاراپ ئىچى ئاغرىپ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى، گاھىدا كۆزىگە ياش ئالدى، گاھىدا خەپ دەپ لېۋىنى چىشلىدى. ئەمما خەپ دەپ تاپتىن چىققىلى، كۆڭۈل تارتمىغان ئىشنى قىلىشقا بولمايتتى.
غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا تېلېفون قىلغاندا ماشىنا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالغاچقا، ئۇنى سىرتتا دەپ ئويلاپ رەيھانغا تېلېفون قىلىۋەردى.
__ ھازىرچە ياخشى، ئۆمەرمۇ ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، __ دېدى رەيھان قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن،__ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم…
__ ئۇنداق دېمەڭ، ھەر قانداق ئىشىڭىز بولسا ماڭا دەڭ.
__ بولىدۇ، ئىش بولسا سىزنى ئىزدەيمەن.
رەيھان تېلېفوننى ئېتىۋېتىپ ئويغا چۆمدى، شاڭجاڭغا بولغان ئەھۋالنى ئېيتمىدى، ئەتە خوشمۇ دېمەي كېتىدۇ. ياسىن ھەر قانچە ئەسكىلىك قىلسىمۇ بەش يىللىق ئېرى، “غېنى تازنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قوي…” دەپ يېلىنىپ كەتتى، ئەر كىشىگە يۈز-ئابرۇي خوتۇندىن مۇھىم، مۇشۇ ۋاققىچە ئۇنىڭ ئەركەكلىكىنى ۋەيران قىلىپ، يۈزىنى تامامەن تۆكىدىغان ئىشنى قىلمىدى، ئېرى خىيانەت قىلسىمۇ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمىدى، شۇنداق قىلىشنى ئويلاشتىنمۇ قورقتى. خوتۇن كىشىنىڭ ئەر خەققە ئوخشىمايدىغان ئېسىللىكى مانا مەشەدە، خۇداغا شۈكرى، ھېلىھەم بولسىمۇ ئېرىنىڭ يۈزىنى ئاياپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ياسىن ئەقلى بولسا بىلەر، بىلمىسە ھوشىنى تاپقاندا بىلەر…
ئەتىسى ياسىن ئەتىگەندە ئاشخانىغا كېلىپ، ھەممە نەرسىسىنى تەقلەپ تەييار بولغان رەيھاننى ئۆمەر ۋە ئوغلى بىلەن بىللە ماشىنىغا سېلىپ، پويىز ئىستانسىسى تەرەپكە قاراپ كەتتى. رەيھان ھەممە ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ سەپەرگە ئاتلىنىۋاتقاندەك خاتىرجەم كۆرۈنەتتى، ياسىن ئۇنىڭغا ئوغرىلىقچە پات-پات قاراپ قوياتتى، غېنى شاڭجاڭ كەينىدىن كېلىپ قالىدىغاندەك، ياكى رەيھان ئۈرۈمچىگە چۈشۈپلا غېنى تازنىڭ گېپى بىلەن كەينىگە يېنىپ كېلىدىغاندەك ئەنسىز خىياللاردا بولۇپ قالاتتى. ئۇ پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ ھايانكەشلەرنىڭ قولىدىن شۇ كۈنلۈك بېلەتنى يۇقىرىراق باھادا سېتىۋالدى، ئۆمەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە بالىنىڭ بېقىلىش ھەققى ھېسابىدا رەيھانغا ئىككى مىڭ يۈەننى تۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق ئۈزلىشىپ كەتكەن بولدى. رەيھان ئىككى بالىنى ئېلىپ پويىزغا چىقىپ بولغاندا تاكى پويىز مېڭىپ كەتكىچە قاراپ تۇردى، رەيھان ئۆيگە قايتىش خۇشاللىقىدا تۇرغان ئۆمەرگە ۋە دادىسىغا قاراپمۇ قويماي ئۆمەر بىلەن ئويناۋاتقان بالىسىغا قارايتتى، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ياسىننىڭ كۆلەڭگىسى ئەلەڭگىيتتى، پويىز ماڭغاندا ئاندىن ياسىنغا لەپپىدە قاراپ قويدى، كۆزىگە غىللىدە ياش كەلدى.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
قايتۇرما
]
ئادەمنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى ئىپادىلەشكە بەك ماھىركەنسىز . ئۇلۇغ اللا قولىڭىزغا دەت بەرمىگەي .

ئەنىۋەر ئەپەندىم قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،سزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.رەھمەت!

ماۋۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ماۋۇ ياسىن ھايۋان ئەلەم تارتمايدىغان بولسا، سىزنى ئىزدەپ بارىمەن جۇمۇ!
كەچۈرۈڭ، سىزدىن سورىمايلا، بۇ ئەسەرنى كومپييوتىرىمغا كۆچىرۋالدىم، چۈنكى كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلماي قالسىڭىز، ساقلاپ قويماقچى، ئېرىمنىڭ ئوقۇپ بېقىشى ئۈچۈن ساقلىۋالدىم، چۈنكى ئېرىمنىڭ تورغا چىقىش پۈرسىتى يوق!
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ماۋۇ مەتبۇئاتلاردا قاملاشىمىغان ھىكايىلارنى ئىلان قىلىپ ، ئۆزلىرىنى يازغۇچى ئاتىۋالغان بىرقىسىملارغا سىلىشتۇرغاندا، سىزدەك نامى چىقمىغان بىر تور يازغۇچىسىنى ھەققى يازغۇچى دىسەك بولىدىكەن.
تور دۇنياسى سىزدەك كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇنلارنى قىزىپ چىقىۋىتىپتۇ مانا، سىزنىڭ قەلىمىڭزنىڭ ھارماسلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدىبياتىمىزدىكى داڭلىق يازغۇچىلاردىن بولۇپ قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن!
رەھمەت!

ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما
