كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (21)
ئاپتور:erturk ۋاقتى:2009-05-27
ياسىن كۈن چىقماستا ئويغىنىپ، رەيھاننى ئويلاپ غەم-ئەندىشە ئىچىدە ياتتى، بىر كېچە تالادا ياتقىنىنى خوتۇنىغا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشىنى بىلەلمىگەنچە بىئارام بولۇپ، كارىۋاتقا يۆلىنىپ تاماكا چەكتى، تۇنجى قېتىم پۈتۈن بىر كېچە قوينىدا ياتقان گۈلشەنگە مەغرۇرلۇق بىلەن قارىدى. ئەمما رەيھاننى ئويلىسا بەدىنىگە تىترەك ئولىشاتتى. “كىچىك خوتۇن”نىڭ ئالدىدا يولۋاس، چوڭ خوتۇننىڭ ئالدىدا مۈشۈك… بۇ ھالدا ئۇ قانداقمۇ ئارامخۇدا تاماكا چېكەلەيدۇ، ھەتتا پۈۋلەپ چىقارغان ئىسلىرىدىمۇ ئېغىر ھەسرەت بار… ئۇ تاماكىسىنى چېكىپ بولۇپ خالاغا كىرىپ ئولتۇرۇپمۇ رەيھانغا دەيدىغان گەپلىرى ئۈستىدە ئويلاندى، ھەر قانچە ئويلىسىمۇ ئۇنى قايىل قىلغۇدەك بىر باھانە تاپالمىدى. رەيھان ئەگەر تەنە قىلماي، سەمىمىيلىك بىلەن “بوپتۇ، كىچىك خوتۇن ئېلىپ ياخشى قىلىپسىز، مېنىڭ يۈكۈمنى يەڭگىللىتىپسىز، بولسا پات-پات شۇ يەردە قونۇپ كېلىڭ” دېگەن بولسا، ياسىن “ پەقەت سەنلا مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىسەن جېنىم خوتۇن” دەپ قوللىرىنى سۆيۈپ، ئۇنى تېخىمۇ مۇھەببەت بىلەن قۇچاقلىغان بولار ئىدى… ئەمما بۇ پەقەت بەڭگىنىڭ خىيالى.
ياسىن خالادىن چىقىپ، كىيىملىرىنى كىيىپ توختاپ قالدى، شۇ ئۆيگە پەقەت قايتقۇسى، شۇ خوتۇنىنى پەقەت كۆرگۈسى يوق ئىدى؛ ئىشتاننى سېلىۋېتىپ، كارىۋاتقا چىقىپ، ئۇيقۇلۇق ياتقان گۈلشەننى پوكىنىغا باستى. بىر دەم بولسىمۇ خالىغىنىنى قىلىپ، نەپسىنى قاندۇرۇپ، كۆڭۈلسىز خىيالدىن قۇتۇلدى. ئەمما ئىش تۈگىگەندە يەنە دەككە-دۈككىگە چۈشتى. خوتۇندىن قورقۇش ئۇنداق-مۇنداق قورقۇشقا ئوخشىمايدىغان قورقۇش ئىدى، يەنى ئۇ يۇۋاشنىڭ ياماندىن قورقۇشىغىمۇ، بالىنىڭ ئانىسىدىن قورقۇشىغىمۇ ئوخشىمايتتى. بۇ قورقۇشتا خىيانەت، ئوغرىلىق تەشۋىشى، يۈز كېلەلمەسلىك ئەندىشىسى بار ئىدى. خوتۇنىنى قانچە چوڭ بىلسە قورقۇشمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولاتتى…
ياسىن مىڭ جاپادا كىيىمىنى كىيىپ ئىشىك تۈۋىگە باردى، گۈلشەن ئۇخلاش كىيىمى بىلەن كەينىدىن شىپىرلاپ كەلدى:
__ ناشتا قىلمايلا ماڭىدىغان بولدىڭىز…
__ يۈزۈڭنىمۇ يۇمىدىڭ تېخى مۈشۈكۈم، نېنىڭنى ئۆزەڭ يەۋال.
__ ئەتىگەندە ئادەمنى سەت نېمىگە ئوخشاتماڭە، ھېلى بىكار چىشلىۋالىمەن،__ دېدى گۈلشەن ئۇنىڭغا ئېسىلىپ.
__ كېچىدىن قېشىڭدا ياتقىنىمغا خوش بولدۇڭمۇ؟
__ ئۇنى بىر دېمەڭ، مېنى بەك خوش قىلدىڭىز.
__ ئەمدى مۇشۇ كېچىنى دائىم ئەسلەپ يات.
__ ياق، مەن دائىم بولسىكەن دەيمەن، قاچانغىچە مېنى يات كۆرىسىز، مەنمۇ سىزنىڭ خوتۇنىڭىزغۇ…
__ لېكىن سەن دېگەن ھازىرچە مەخپىي خوتۇن، ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، ئاشكارىلىنىپ كەتسەڭ مەززىسى قالمايدۇ…
__ دائىم شۇنداق دەيسىزكەن، بوپتۇ، مۇشۇنداق مەخپىي ياشايلى.
__ ئاشكارىلاپ نېمە قىلىمىز، ئىككىمىز ياخشى ئۆتسەكلا بولدى.
__ توغرا دەيسىز، خەق بىلەن نېمە چاتىقىمىز.
__ ئەگەر بىرەرسى ئۇقۇپ قالسا شۇ چاغدا ئاشكارىلىساقمۇ بولىدۇ.
__ بۇ يەردە ھەممىسى بىلىپ بولدى، بولمىسا مەن ھېچكىمگە دېمىگەن. ئەمدى گەپ سىزدە قالدى.
__ مەن تەرەپتىن رەيھان ئۇقۇپ قالمىسىلا بولدى…
__ لېكىن ئاخشام قايتمىغىنىڭىزدىن گۇمانلىنىپ سوراپ قالسا نېمە دەيسىز؟
__ ئادەم بولغاندىكىن بىر نەرسە دەرمەن.
__ سىزنى گەپتە قويماي دەيمەن، ئاخشام كېتىڭ دەي دېسەم سىزگە چىدىمىدىم.
__ كەتسەم كېتىۋېرەتتىم، كەتمىدىم. سەن خوتۇننىمۇ ئويلىمىسام بولماس، رەيھان بۇنى چۈشەنسە بولاتتى، چۈشەنمەيدۇ، سەن بولساڭمۇ چۈشەنمەيتتىڭ، خوتۇن خەقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچى تار، قىزغانچۇق.
__ مەن ئۇنداق ئەمەس.
__ سەنمۇ شۇ، بولدى ئەمدى مېنى ماڭغىلى قوي.
__ خوش ئەمىسە، پات-پات كېلىپ تۇرۇڭ. چوڭ ئايىمغا سالام دەڭ!
ياسىن كەينىگىمۇ قارىماي ئاچچىق كۈلۈپ قويدى، خوتۇن بولسا مۇشۇنداق شوخ، چىچەن، گەپدان، قۇلىقى يۇمشاق بولسا… رەيھانمۇ ئەينى چاغدا مۇشۇنداق كىچىك، ئەقىللىق، سۆيۈملۈك قىز ئىدى، يېشى 30 غا بارغاندا سەپرا، گۇمانخو، يىغلاڭغۇ خوتۇنغا ئايلىنىپ قالدى، مانا ئەمدى شۇ خوتۇنىنىڭ گۇمان ۋە غەزەپ يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىگە تىكىلىپ، بىرمۇ بىر ھېساب بەرمىسە بولمايدۇ.
ئۇ ئاشخانا ئالدىغا كېلىپ تاكسىدىن چۈشۈپ تۇرۇشىغا، غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىدىن قايتىپ كەلگەن رەيھانمۇ تاكسىدىن چۈشۈپ ياسىنغا قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئاجايىپ بىر ھال يۈز بەردىكى، ئەر-خوتۇن گويا ئۇزۇن يىل كۆرۈشمەي ئەمدى كۆرۈشۈۋاتقاندەك بىر-بىرىگە زەن سېلىپ تۇرۇپ كېتىشتى. ئەزەلدىن ياسىندىن بىسوراق تالاغا چىقمايدىغان، تاكسىغا چۈشمەيدىغان رەيھان ئۆزىچە قورۇنۇپ، ئۇنىڭدىن گەپ سوراشقا چۈشۈپ كەتتى:
__ كېچىدىن نەدە قوندىڭىز؟
__ كېچىدىن بەك مەست بولۇپ كېتىپتىكەنمەن، غېنى شاڭجاڭ مېنى ئىشلەمچى بالىلارنىڭ ياتىقىغا ئەكىرىپ قويۇپتۇ… ئۆزەڭچۇ، ئەتىگەندە نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟
يالغان گەپ قىلىشنى قاملاشتۇرالمايدىغان رەيھان سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ راستىنى دەۋەتتى:
__ مەن ھازىر تېخى سىزنى ئىزدەپ غېنى شاڭجاڭنىڭ قېشىغا بېرىپ كەلدىم، ماڭا بىر راست گەپ قىلىڭە، زادى نەگە باردىڭىز؟
ياسىن ھاڭ-تاڭ قالدى، رەيھاننىڭ چىرايىدىكى ئازابنى كۆرۈپ، ئەمدى ھېچنېمىنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، لېكىن رەيھاننىڭ ئۇ مەخپىيەتلىكىنى بۇنچە تېز بىلىپ قېلىشىغا ئىشەنمەيتتى. بۇ خوتۇننىڭ ئەتىگەندىلا چۈش سەيلىسى قىلغاندەك، غېنى شاڭجاڭنى ئىزدەپ بېرىشى قىپقىزىل ساراڭلىققۇ! زادى نېمە دەپ بارىدۇ؟ ئۇنى كىم چاقىردى، نېمە دەپ چاقىردى؟
__ ئەتىگەندە بالىنى تاشلاپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا باردىڭما؟ قايسى يۈزۈڭ بىلەن باردىڭ؟ __ دېدى ئۇ رەيھاننى گۇمان، سۈر-ھەيۋە بىلەن قىستاپ،__ زادى نېمە دەپ باردىڭ ئۇ يەرگە! كىم سېنى چىللاپ ئاپاردى؟!
__ ۋۇي تېخى، مەندىن چوڭ تېگىسىزغۇ؟ كېچىدىن كەلمىگەندىكىن ئەتىگەندە ئەنسىرەپ باردىم؛ سىزنىڭ خوتۇن-بالا بىلەن كارىڭىز بولمىغان بىلەن، بىز سىزدىن ئەنسىرەيدىكەنمىز.
__ مەندىن ئەنسىرەپ مەن كىچىك بالىمىكەنمەن، راستىڭنى دېگىنە، ئۇ يەرگە زادى نېمە دەپ باردىڭ؟!
رەيھان بۇ تەتۈرلۈككە چىداپ تۇرالماي ئاچچىق نالە قىلدى:
__ توۋا قىلدىم، خۇدايىم توۋا، مەن تېخى بىر ئېغىز گەپ قىلماي تۇرۇپ ئەدەپ كەتتىڭىزغۇ؟ مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك دەپ، ئەمدى ماڭا كېلىۋاتامدۇ بۇ گەپ!
__ ما گېپىمگە جاۋاب بەر، غېنى شاڭجاڭ چاقىردىمۇ ياكى ئۆزەڭ باردىڭمۇ؟ نېمىشقا يالغۇز بارىسەن؟
__ ئۆزەم باردىم، سىزنى ئورۇندۇققا ياتقۇزۇپ قويغان بولسا بېرىپ ئەكىلىۋالاي دەپ باردىم، قانداق بولماپتۇما؟
__ ئورۇندۇقتا بارمىكەنمەن؟ مېنى تاپالىدىڭمۇ؟ غېنى شاڭجاڭ مېنى تېپىپ بەردىمۇ؟
__ سىز باشقا يەردە يۈرسىڭىز، ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز؟! ئىشلەمچىلەرنىڭ ياتىقىدىمىش تېخى، نەدە ياتقانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز ئوبدان بىلىدىغانسىز؟
__ غېنى شاڭجاڭ مېنىڭ نەدىلىكىمنى دەپ بەردىمۇ؟
__ دەپ بەردى.
__ نېمىشقا دەپ بېرىدۇ، سەن نېمە قىلغانغا دەپ بېرىدۇ؟
__ مەن سورىغاندىكىن دەپ بەردى.
__ سورىساڭلا دەپ بەردىما؟ ماڭا راست گەپ قىل، سەندەك دۆت خوتۇننى بىر دەمدە بابلايدىغان شاڭجاڭ ئۇ…
__ ئۆزىڭىزنىڭ رەسۋا ئىشىدىن تېنىۋالغىلى دەۋاتىسىزغۇ بۇ گەپنى، غېنى شاڭجاڭ دېمىسىمۇ، مەن ئاللىبۇرۇن پەرەز قىلىپ بولغان.
__ يوق گەپنى قىلما، غېنى شاڭجاڭ بىلەن زادى نېمە دېيىشتىڭ، نېمىلەرنى قىلىشتىڭ؟!
__ توۋا، توۋا، ما نومۇسسىزلىقنى كۆرۈڭ! __ دېدى رەيھان تاراملاپ تۆكۈلۈپ،__ قىلغان رەسۋا ئىشلىرىڭىزنى دېيىش ئېغىر كەلسە، بولدى دېمەيلا قويۇڭ، مېنى بۇنداق ناھەق قارىلىماڭ، خۇدا ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ كېتىسىز!
__ ماڭا ئەمدى يېشىڭنى ئېقىتىپ بەرمە، ئەتىگەندە ساڭا جىن چاپلىشىپتۇ، ئىت پوق يېمەستە غېنى شاڭجاڭنىڭ ئۆيىدە پوق بارمۇ! ماڭا زادى راستىنى دە، دېمەيدىغان بولساڭ، مەندىن ياخشىلىق كۈتمە!
رەيھان بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ قالغىلى تاس قالدى، ئاغزىغا نۇرغۇن گەپلەر كەلدى، ئەمما ئېغىزىدىن چىقىرالمىدى، غەزەپتىن لاغىلداپ تىترەپ كەتتى.
__ ئەگەر ئۇ ئوغرى سېنى بىر نېمە قىلغان بولسا مەن بېرىپ بوغۇزلىۋېتىمەن.
رەيھان ياسىنغا نەپرەت بىلەن بىر قاراپ قويۇپ ئاشخانىغا ماڭدى.
__ زادى نېمە ئىش بولدى، دېمەمسەن؟
__ نېمىنى دەيمەن، خۇدايىم ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
__ مۇشۇنداق دەپ مەندىن قۇتۇلىمەن دېمە.
رەيھان ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى، ياسىن ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالدى.
__ نېمىشقا توساتتىن غېنى شاڭجاڭنى ئەسلەپ قالدىڭ، ئۇنىڭ بىلەن زادى نېمە چاتىقىڭ بار، دېمەمسەن؟
__ ئەمدى بولدى قىلىڭ، ئەتىگەندە سەتلەشمەيلى، مەن ھېلىمۇ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا چىداۋاتىمەن.
__ نېمە ئىشىمنى دەيسەن؟ نېمىنى ئاڭلىدىڭ؟ دېمەمسەن؟
__ بولدى، ئۇ گەپلەرنى دېگۈم يوق، ئۆزىنى بىلمىگەن ئادەمگە ئۇنى دېگەننىڭ پايدىسى يوق.
__ مەندىن ھېساب ئېلىشتىن ئاۋۋال، ئۆزەڭنىڭ ئىشىدىن بىر ھېساب بېرىۋەت.
__ ھېسابنى ئۆزىڭىزدىن ئېلىڭ.
__ مەندىن ئۆزەڭنى قاچۇرما، راستىڭنى دە، زادى نېمىشقا باردىڭ؟
ـــ كۆزۈمگە بۇنداق كىرىۋالماڭ، مەن تېخى سىزدىن سورىماي تۇرۇپ، ماڭا بۇنداق تۆھمەت قىلماڭ.
ـــ غېنى تاز مەن توغرۇلۇق نېمە دېدى؟
ـــ ھەممىنى دېدى، ئا پاسكىنىنى كىچىك خوتۇن قىلىۋاپسىز، كېچىدىن شۇ يەردە قونۇپسىز، بۇ رەسۋالىقىڭىزغا مەن تېخى ھېچنېمە دېمىسەم، مەندىن يوغان تېگىۋاتىسىز… بولدى، ئۇ پاسكىنىنى نېمە قىلسىڭىز قىلىڭ، چاتىقىم يوق، لېكىن ماڭا بۇنداق ھاقارەت قىلغۇچى بولماڭ!
ـــ ئۇ تاز توغرا دەپتۇ، گۈلشەننى كىچىك خوتۇن قىلدىم، مەسچىتكە ئاپىرىپ نىكاھ ئوقۇتۇپ خوتۇن قىلدىم، بىر ئەر تۆت خوتۇن ئالسا بولىدۇ دەپ ئاڭلىغانمەن، ئىشەنمىسەڭ قارىم ئاكاڭدىن سوراپ باق.
ـــ ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئاقلىماڭ، مەندىن يوشۇرۇن ئاشنا ئويناپ تۇرۇپ، توغرا ئىش قىلدىم دەۋاتامسىز؟
ـــ نىكاھ ئوقۇتسىمۇ ئاشنا ئوينىغان بولامدۇ؟ سېنىڭ كاللاڭ جايىدىمۇ يا؟!
ـــ يوغان ئىش قىلىپسىز، ئەمىسە كۈندە شۇ خوتۇنىڭىزنىڭ قوينىدىن چىقماي يېتىڭ.
ـــ مېنى بۇزۇقچىلىق قىلدى دىيەلمەيسەن، بۇ ئىشنى پەقەت ساڭا دېمىگەنلا يېرىم بار، دېسىمۇ سەن چاتاق چىقىرىسەن، ئىچىڭ بەك تار، مەندىن توختىماي گۇمانلىنىپ، بېشىمنى ئاغرىتىپلا كەلدىڭ، گۈلشەننى ئەمدى كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ خوتۇن قىلىمەن، ئەمدى كوتۇلداپ باقە قېنى، قاچانغىچە سەن نېمىنىڭ دەستىدىن تۈزۈك ياشىغاندەك بولمايمەن مەن!
ـــ كىم سىزنى ياشىغىلى قويماپتۇ، ياشاۋاتىسىزغۇ شۇ پاسكىنا بىلەن، كۆڭلىڭىز شۇنى كۆتۈرگەندىكىن شۇنداق ياشاۋېرىڭ، لېكىن مېنى خوتۇن قىلىمەن دېمەڭ.
ـــ ۋوي، نوچىغۇ سەن، ماڭا خوتۇن بولماي كىمگە خوتۇن بولماقچىدىڭ؟
ـــ ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرىسىز، يا مېنى خوتۇن قىلىسىز، يا ئاۋۇ پاسكىنىنى! ئالدىڭىزدا بۇنداق خارلىشىپ ياشىغۇم يوق! مېنى دېمىسىڭىزمۇ، ماۋۇ بالىنىڭ يۈزىنى قىلىڭ!
ـــ بالا ھېچنېمىگە پۇتلاشمايدۇ. دېگىنە، ساڭا بۇ نوچىلىقنى كىم بەردى؟ غېنى تاز ساڭا زادى نېمە دېدى؟
ـــ نېمە دەيتتى، ياسىنغا دەپ قويۇڭ، سىزنى بۇنداق خارلىمىسۇن دەيدۇ.
ـــ ۋوي ما تازنىڭ گېپىنى تېخى! ساڭا ئەجەپ كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىپتىغۇ؟ دېگىنە، يەنە نېمە دېدى؟
ـــ پۇل تېپىپ ئا ئىنىسىنى ئەچىقسۇن دەيدۇ.
ـــ ئانىسىنىڭ قېشىدىن ئېلىپ چىقامدىكەنمەن مەن ئۇنى، پۇل بولسا بولىدۇ، پۇل!!
ـــ پۇل قېنى؟ پۇلنى نەگە خەجلەپ تۈگەتتىڭىز؟ پۇلنى ئاشنىڭىزغا خەجلەپ بەرگىچە، ئۆمەرنى تۈرمىدىن ئەچىقسىڭىز بولمامدۇ؟
ـــ بۇ گەپنىمۇ ساڭا غېنى ئۆگەتتى، شۇنداقمۇ؟ ئەجەپ سەن شۇ تازنىڭ خوتۇنىدەكلا گەپ قىلىسىنا!
ـــ توۋا، مۇشۇ گەپنى دېگىلى نومۇس قىلمامسىز، سىزدىغۇ نومۇس دېگەن نەرسە قالماپتۇ، باياتىنمۇ يۈرىكىمگە مىخ سانچىدىڭىز، ئادەمگە بۇنداق ئازار بەرمەڭ!
ـــ سەن مېنى نومۇسسىز دەۋاتامسەن تېخى، قاراپ باقە ئەپتىڭگە، ئەتىگەندە چېچىڭنى تارىمايلا غېنى تازنىڭ يېنىغا بېرىپ كەلسەڭ، مۇشۇمۇ سېنىڭ ھالىڭ! ماڭا ئەمدى ئۇنى بۇنى دەيدىغان ھەددىڭ ئەمەس!
ـــ ھەممىنى قىلغان ئۆزىڭىز! ئاخشام ساق يېنىپ كەلگەن بولسىڭىز، مەنمۇ جىم ئولتۇراتتىم؛ بىر تېلېفونىڭىزمۇ يوق؛ ئۆلدىمۇ، ساقمۇ، ئۇقمىغاندىكىن ئىزدەپ بارىدىغان گەپ. مەن زادى دۆت، خوتۇن-بالىسى بىلەن كارى يوق بۇنداق ئەردىن ئىزدەپ نېمە قىلاتتىم؟!
ـــ مەن ئۇ يەردە بولمىغاندىكىن ئولتۇرمايلا يېنىپ كەلسەڭ بولمامدۇ؟ قارىغاندا غېنى تاز بىلەن خېلى ئۇزۇن مۇڭدىشىپسەن دېگىنە! سەن شۇنچە ئۆچ غېنى تاز ئەمەسمىدى ئۇ، نېمىشقا بىر دەمدە ئاپاق-چاپاق بولۇپ كەتتىڭ!
ـــ مەن ئەمدى كۆزىڭىزگە شۇنداق يامان خوتۇن كۆرۈنۈپ قالدىمما؟ ھەممە ئادەمنى ئۆزىڭىزدەك كۆرۈۋالماڭ، كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىپ تۈزۈك گەپ قىلىڭ!
ـــ ئۇ خوتۇنپۇرۇشنىڭ ھىيلىسى تولا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىدا خوتۇنى يوق، ساڭا چاي ئىچۈرۈپ قويۇپ نېمە قىلسا قىلىدۇ، ماڭا راستىڭنى ئېيت!
__ ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭدەك ئېشەك، ھايۋان كۆرۈۋاتامسەن؟ __ دېدى غەزىۋى قايناپ تاشقان رەيھان پارتلاپ، __ ماڭا بۇنداق تۆھمەت قىلغىچە گېپىڭنى ئوچوقلا قىلساڭ بولمامدۇ!
خوتۇنىنىڭ تۇيۇقسىز سەنلەپ چۈشكىنىدىن ۋە ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئۇ گەپلەردىن مېڭىسى قايناپ، ئەقلىنى يوقاتقان ياسىن بېرىپلا ئۇنىڭغا تەستەكتىن ئىككىنى سالدى. رەيھاننىڭ كۆز ئالدىدا چاقماق چېقىپ، ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ كەتكەندەك بولدى:
__ ئىست، سەندەك ھايۋان بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنۈم!
__ ئاغزىڭنى يىغىۋال، ھېلى سەت ئۇرىۋېتىمەن!
ـــ ئۇرساڭ ئۇر، لېكىن پاك ئايالغا تۆھمەت قىلما! ۋۇي يۈزسىز مەخلۇق!
ياسىن بۇ گەپتىن چىداپ تۇرالماي يەنە بىر شاپىلاق سالدى. ھەر بىر قول سالغاندا يۈرىكى تىترىدى، ئەمما ئاچچىقتا كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمىدى.
ـــ جاھاندا خوتۇن خەق دېگەنگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، يالغانچىلىق قىلىپ قۇتۇلىمەن دېمە!
ـــ خۇداغا قەسەم قىلساممۇ ئىشەنمەمسەن ھەي ئىمانسىز!ــ دېدى رەيھان بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ.
ـــ يالغانچى قەسەمخور كېلىدۇ، يامان ئىش قىلغان بولساڭ قىلدىم دە…
ـــ مەن سەندەك نومۇسسىز ئەمەس!
ـــ نەچچە ۋاقىتتىن كۆزۈڭگە قاراپ بەرسەم ھەددىڭدىن بەك ئېشىپ كەتتىڭ، سېنىڭ كاساپىتىڭدىن بولۇۋاتقان ئىش بۇ ھەممىسى، ئۆمەرنى ئۆزەڭ ئەكەلگەندىكىن ئۆزەڭ ئەچىقىسەن. گۈلشەن بىلەن بولغان ئىشىمغا ئارىلاشمايسەن، قورسىقىڭنى كەڭ تۇتساڭ، مەنمۇ سېنىڭ غېنى شاڭجاڭ بىلەن بولغان ئىشىڭنى بولدى قىلىمەن.
__ مەن ھېلىمۇ سېنىڭ قىلىقلىرىڭىغا چىداپ كەلدىم، لېكىن بۇنچە نومۇسسىز دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، مېنى بۇنداق تەتۈر قىينايدىغان بولساڭ، ئۆيۈڭنى تاشلاپ بېرىپ كېتىمەن.
__ نەگە كېتىسەن؟! ئۇخلاپ چۈشۈڭ، ھېچكىم سېنى بۇ يەردىن قوغلىمىدى.
__ سەن مېنى نېمە قىلماقچى؟ __ دېدى رەيھان كۆز يېشىنى ئېرتىپ،__ ئاشۇ پاسكىنا بىلەن بىللە مېنى يەنە خوتۇن قىلماقچىما؟ سېنىڭمۇ ئۇخلاپ چۈشۈڭ!
__ پاسكىنا، پاسكىنا دەۋەرمە، ئۆزەڭگە قاراپ بېقىڭپ گەپ قىل.
__ مەن نېمە بوپتىمەن، شۇنچە يىل ئۆي تۇتۇپ مېنى بىلمىگەن بولساڭ كۆزۈڭ راستىنلا كور ئىكەن، ساڭا دەپ قوياي، مەن ئۇنداق پاسكىنىنى ئېلىۋەتكەن تىرمىقىمغىمۇ تەڭ قىلمايمەن!
__ ئاغزىڭغا بېقىپ گەپ قىل، ھېلى زۇۋانىڭغا!…
__ ئۇرە، ئۇرۇپ كوچىغا ئەچىقىپ تاشلىۋەت!
ياسىن دىۋەيلەپ كېلىپ، رەيھاننىڭ ياشقا تولغان كۆزلىرىدىن نەشتەردەك سانچىلىۋاتقان نەپرەت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى :
__ ئايىغاننى بىل جۇمۇ، ئەر كىشى بىلەن تەڭ بولغانغا تويغۇزىمەن ھېلى!
__ سەنمۇ ئەر كىشى بولساڭ نامەرتلىك قىلما!
ياسىن “نامەرت” دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز بوشىشىپ كەتتى، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ غۇدۇڭشىدى:
__ مەن بىلەن قېرىشساڭ ياخشى كۈن يوق ساڭا!
__ ھېلىمۇ مۇشۇ كەمگىچە خوش غوجام دەپ كەلدىم، ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى…__ رەيھان يىغلىماي دېسىمۇ كۆز ياشلىرى توختىمايتتى.
__ چىدىمىساڭمۇ چىدايسەن، چىدىغانغا چىقارغان جاھان بۇ…
__ مېنى قىيناپ ساراڭ قىلاي دەمسەن؟! بۇنداق ياشىغاندىن كېتىپلا قۇتۇلغان ياخشى.
__ بىر مۇنچە پوقنى تېرىپ قويدۇڭ، ھەممىنى ماڭا ئارتىپلا يوقالماقچىمۇ؟ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، جاپانى ئۆزەڭ تاپتىڭ، دەردنىمۇ ئۆزەڭ تارتىسەن.
__ ماڭا مۇشۇنداق زۇلۇم سالماقچىمۇ سەن؟! مېنىڭ ئەمدى بۇ دەردلەرنى تارتقۇچىلىكىم يوق؛ جاپانى مەن تارتسام، سەن ئاشناڭ بىلەن ئوينىساڭ، بۇ قانداق تۇرمۇش!
__ نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنمۇ ئاشنا بولامدىكەن؟ ھازىر قايسى لاۋبەننىڭ كىچىك خوتۇنى يوق، كاللاڭ تېخى ئېچىلمىغان-دە سېنىڭ، ئىچىڭ ئاندىن تار ؛ بىلسەڭ، ئىككىنچى خوتۇننىڭ بولىدىغان يېرى تولا، مېنى كۈتىمەن دەپ پالاقلاپ ھېرىپ قالمايسەن، باشتا كۆزۈڭگە سىغمايدۇ، كېيىن ئاستا-ئاستا بۇنى بولىدىغان ئىشكەن دەيسەن…
رەيھان بۇ گەپكە كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.
ياسىن تاماكا چېكىپ ئاچچىقىدىن ياندى، روھلاندى بولغاي، خۇش كەيىپلىك بىلەن سۆزىنى داۋام ئەتتى :
__ سەن مېنى شەخسىيەتچى، ۋاپاسىز دەپ ئويلاپ قالما؛ مېنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەن. ئەر كىشى دېگەن مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن خوتۇنىدىن زېرىكىپ قالىدۇ، لېكىن چاندۇرمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئاشنا ئوينىغۇسى كېلىدۇ، بۇنداق يامان ئىش قىلغاندىن تايىنلىق ئىككىنچى خوتۇن ئالغان ياخشى. كونا زاماندا ئەر خەقنىڭ ئىككى-ئۈچتىن خوتۇنى بولىدىكەنتۇق، ھازىر ھۆكۈمەتتىن يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن بىر خوتۇنلۇققا چۈشۈپ قالدۇق. لېكىن بۇ ۋەزىيەت ھازىر ئۆزگىرىپ كەتتى، كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ… دەيدىغان ۋاقىت كەلدى. دېسەم ئىشەنمەيسەن، گۈلشەننى ئالغاندىن بېرى سېنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم، پەيزىڭ باشقىچە بولۇپ كەتتى…
بۇ گەپلەردىن بەدىنى تىكەنلىشىپ كەتكەن رەيھان ئورنىدىن قوپۇپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئوغلى يوتقاندىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، كۆرپىگە سىيىپ تاشلىغانىدى. قارىغاندا بىر ئۇخلاپ، يەنە ياتقان بولسا كېرەك، كۆزلىرىنى چاپاق بېسىپ كەتكەنىدى. رەيھان بالىسىغا ئىچى ئاغرىپ، ئۈن چىقارماي يىغلىدى.
ياسىن ھۇجرىغا كىرىپ، ئانا-بالىغا قاراپ كۆڭلى يېرىم بولدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ رەيھانغا قارا چاپلاپ، ناھەق قول تەگكۈزگىنىنى بىلەتتى، خوتۇنىنىڭ غېنى شاڭجاڭ بىلەن ئالدىراپ ئۇنداق ئىش قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئەمما ئۇنىڭ قاق سەھەردە غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا بېرىپ گەپ تىڭشاپ كەلگىنىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ كۆڭلىگە سىغدۇرالمىدى، بۇنداق غەيرى ئىشنى قىلغان خوتۇن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاپتىن چىقىپ كەتسە، ئۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟… شۇڭا ھازىردىن باشلاپ قاتتىق قول بولۇپ، چۆچۈتۈپ قويغىنى ياخشى. ئەپۇ سورىسا، ئۇنىڭ خورىكى ئېشىۋالىدۇ…
ــ مەن ساڭا ياخشى گەپ قىلسام قوڭاڭنى چۆرۈپ كېتىۋاتىسەنغۇ، ئېرىڭنىڭ گەپلرىنى بىر ئاڭلاپ قويساڭ نېمە بولىدۇ؟ نەچچە ۋاقىتتىن قاپىقىڭنى تۈرۈپ، جاھىللىق قىلىپ يۈرمىگەن بولساڭ بۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەيتتىم، مۇشۇ سوغۇق چىرايىڭدىن ئالامەت بىزار بولۇپ كەتتىم، ئۆزەمنىڭ راست دەپ يۈرىۋەرسەڭ مۇشۇنداق دەككەڭنى يەپ قالىسەن، پېتىڭدىن چۈشۈپ يۇۋاشراق بولساڭ بىر يېرىڭ كەم بولۇپ قالامتى؟! قورسىقىڭنى كەڭ تۇتساڭ ئۆلۈپ قالامتىڭ؟! گۈلشەننى ماقۇل كۆرسەڭ ئۆزەڭگىمۇ ياخشى، ئارام تېپىپ قالىسەن، ئىشنىڭ ھەممىسىنى شۇ قىلىدۇ، سەن بالىغا قاراپلا بەرسەڭلا بولىدۇ، بۇ كۇلىچىلىقتا ھەممە ئىشنى يۇرتنىڭ پەدىسىگە قىلىمىز دېگىلى بولمايدۇ، بەزى ئىشلارنى توغرا چۈشىنىشىڭ كېرەك، راھەت كۆرۈش ئۈچۈن باشقىلارنى ئىشقا سېلىشنى بىلىش، كاللا ئىشلىتىش كېرەك، مەسىلەن، مەن گۈلشەننى خىزمىتىمگە سالسام بۇنىڭ نەرى يامان، سېنىڭ نەرىڭگە تاقىشىدۇ؟!
ــ مەن ئاشۇنداق ئىچى تار، كاللام ئىشلىمەيدۇ. كاللىسى ئىشلەيدىغاننى خوتۇن قىلىپ ئۆتۈۋەر، ماڭا تاقاشمايدۇ. بولسا مەشەگە ئەكىلىپ خوتۇن قىل، پەرۋايىم پەلەك!ــ دېدى رەيھان ئوغلىنى قۇچىقىغا ئېلىپ.
ــ مانا مۇشۇنداق ئەسكىلىك قىلىسەن ئەمەسمۇ! كۆڭلۈمدىكىنى دېگىلى قويمىساڭ، دېسەم تەتۈرگە تولغىساڭ، دەككەڭنى يەپ تۇرۇپمۇ ئادەم بولمىساڭ، مەن قانداق قىلىمەن دېگىنە!
ــ نېمە قىلساڭ قىل، ئىچەمسەن، چېكەمسەن، ئاشنا ئوينامسەن، كۆڭۈل نېمىنى تارتسا شۇنى قىل، شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىسەنغۇ؟ مەن ئۇنىڭغا بىر نېمە دېدىممۇ؟!
ــ ھەي، ما بالا بار يەردە تۈزۈك گەپ قىل، سەن بىلەن زادى چىرايلىق دېيىشكىلى بولمامدۇ؟
ــ چىرايلىق دېيىشىدىغان زامان ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى ھېچنېمەڭدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل، لېكىن ئوغلۇم ئىككىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىمەن دېمە!
ــ تاياقنى تېپىپ يەيدىغان خوتۇنكەنسەن، بۇنچىلىك تەتۈر، ساراڭ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن سېنى!
ــ كۆزۈڭگە ئاشناڭنىڭ كۇسىرىنى كىيىۋالساڭ مۇشۇنداق سەت كۆرۈنىمەن!
ياسىن بۇ گەپتىن تېرىكىپ تولغىنىپ كەتتى، بېرىپلا رەيھاننىڭ چېچىدىن تولاپ ئۇرۇۋەتكۈسى كەلدى، ئەمما ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا قورقۇمسىراپ تۇرغان بالىسىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى. باياتىنمۇ ئۇنىڭغا تۆھمەت بىلەن قول تەگكۈزگىنىنى بىلەتتى؛ قىلغان ئىشلىرىدىن قانچە قورققانچە خوتۇنىنىڭ ئالدىدا شۇنچە سەكرەپ، ئۇنىڭ زۇۋانىنى ئاچۇرماي، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالدى؛ بىراق سېسىق گەپ ئەمدى چىقىۋاتاتتى، رەيھاننىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن بۇ خورلۇق تاياقتىنمۇ ئۆتە، بەلكى ئاشۇ خىيانەت، رەسۋالىق، نومۇسسىزلىق ئىدى.
ــ بالىنى دېمەيدىغان بولسام ئىگەكىم زۇۋانىڭغا دەسسەيتتىم، ئۆزەڭنى بىلىۋال!
ــ ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان كىم؟! قىلغان ئىشلىرىڭنى ئاز دەپ بىگۇناھ خوتۇنۇڭغا قارا چاپلىدىڭ، ئاتامدىن يېمىگەن تاياقنى سەندىن يېدىم، مەن بۇ خورلۇقنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن. مېنىڭمۇ سەن بىلەن بالىنىڭ ئالدىدا سەتلىشىپ يۈرگۈم يوق، ساڭا ئەمدى گەپ قىلغۇممۇ يوق، خۇدايىم قاچان ئاسانلىق بەرگىچە چىداپ ياشايمەن…
ــ ئېرىڭدىن سورىماي پاشۋاز ئەرنىڭ قېشىغا بارغاندىكىن جاجاڭنى يەيسەن شۇنداق، بۇندىن كېيىن يەنە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان بولساڭ، يېيىشىڭ تاياق!
ــ ۋاي، بەك نوچىكەنسەن، خوتۇنىنى ئۇرالىغان ئەرنى نوچى دېمەيمىز، خوتۇنىنى قوغدىيالىغان ئەرنى نوچى دەيمىز. ماڭا نوچىلىق قىلغىچە بېرىپ غېنى شاڭجاڭغا نوچىلىق قىل، نېمە ئىش بولدى، ھەممىنى ساڭا دەپ بېرىدۇ. بار دېسەم پىچاق كۆتۈرۈپ بارما، ئەر كىشىدەك راۋرۇس ئولتۇرۇپ دېيىشىپ كەل…
ياسىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇجۇقتى، خوتۇنىنىڭ دېگىنىنى قىلمىسا ھەقىقەتەن مازلىشاتتى، «نامەرت»لىكى چاناتتى. ئەمما تايىنى يوق گۇمان ئۈچۈن لاۋدا بىلەن سوقۇشۇپ پايدا ئالالامدۇ؟ غېنى شاڭجاڭ بوش ئوغرى ئەمەس، ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلاپ قىلىدۇ، بولغۇسى ئىشلارغا ئالدىن تەييارلىق قىلىدۇ، بۇ چاغقا بەلكىم ياسىننىڭ كېلىدىغىنىنىمۇ مۆلچەرلەپ بولدى، يېنىدىكى ئىشلەمچى تازلىرىغا پىچاق، چەيدولىرىنى تەقلىتىپ، ھە ۋاقىت ھازىر تۇرۇشقا بۇيرۇپ بولدى.
ــ تۇرۇپ قالدىڭغۇ، ماڭا قىلغان تۆھمەتلىرىڭىدىن قورقۇۋاتامسەن؟…
ــ تولا زەردەمنى ئۆرلەتمە، سەن دېمىسەڭمۇ ئۆزەم بېرىپ ئۇ ئوغرى بىلەن ھېسابلىشىمەن!
ــ بولدى، بارمايلا قوي، پۇت-قوللىرىڭ تىتىرەپ كېتىۋاتىدۇ، ئەسلىدە ماڭا ھۆكىرىگەن چاغدىلا شۇنداق بولسا بولاتتى. ئەمدى پايدىسى يوق!
ــ تولا كاپشىما، ئۇ ئوغرىغا دەيدىغىنىم بار مېنىڭ!
ــ بارساڭ بېرىپ چىرايلىق يېنىپ كەل، بولسا ھاراق قۇيۇپ بەرسە ئىچىپ ئاشناڭنىڭ يېنىغا كېتىپ قالساڭمۇ مەيلى…
ياسىن بۇ گەپلەردىن تېرىكىپ تۇرسىمۇ، كاللىسىغا غېنى شاڭجاڭ كېلىۋالغاچقا، رەيھانغا ئارتۇق تېگەلمىدى، ۋە شۇ ئاچچىقىدا پىقىراپ چىقىپ كەتتى. رەيھان بۇ گەپلەرنى دەپ ئۇنى جېدەلگە كۈشكۈرتۈپ قويغىنىنى ئويلاپ، ئاغزى ئىتتىكلىك قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى. ئويلىغانچە ياسىندىن ئەنسىرەشكە باشلىدى، بالىنى قويۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقماقچى بولدى، ئەمما بۇنداق قىلسا ئۆزىنىڭ خۇدۇكى بارلىقىنى چاندۇرۇپ قويغان بولاتتى. ئۇ بىر دەم تىتىلداپ ئولتۇرۇپ بېقىپ چىدىماي ئاشخانىغا چىقتى، يولغا قاراپ باقتى، ياسىن ئاللىقاچان كېتىپ قالغانىدى. رەيھان تەشۋىشكە چۈشۈپ، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن ئاھ ئۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. بىر ئوبدان ئەر قانداق بولۇپ بۇنداق بۇزۇلۇپ كەتتى، تۇرمۇش گويا ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان نانغا ئوخشامدۇ؟ كۆكىرىپ بۇزۇلغانچە بۇزۇلۇپ كېتىۋېرەمدۇ؟! ئىككەيلەن توي قىلىپ، قاتتىق يىرىك دېيىشىپ، قىزىرىشىپ، توۋلىشىپ قالسىمۇ، ياسىن ئەزەلدىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزۈپ باقمىغان، رەيھاننى رەنجىتىپ قويسىمۇ شۇ كۈنى كارىۋاتقا چىقىشتىن ئاۋۋال زىددىيەتنى تۈگىتىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالاتتى، ئىككەيلەن تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى مانا مۇشۇنداق سۈرۈپ كەلگەن. ئەمدى نېمە بولدى؟ بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن باقىىدىغان كۆزلەردىن يىلاننىڭ كۆزىدىكى سوغۇق نۇردەك زەھەرلىك نۇرلار چاقنايدىغان، بىر-بىرىدىن قاچىدىغان، قورقىدىغان بولۇپ قالدى. ئوتتۇرىدا قالغان بىچارە بالا بىر دەم دادىسىغا، بىر دەم ئانىسىغا قاراپ، ھەر ئىككىسىنى تونۇيالماي، سەبىي قەلبىدە ئىزتىراپ چەكمەكتە، بارغانچە قورقۇنچاق، ئەنسىز بولۇپ كەتمەكتە… رەيھان ئوغلىغا قارىغانچە پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن بۇ تۇرمۇشتا ئەر-ئايال، بالىنىڭمۇ ئۆز ئورنىنى تاپالمايدىغانلىقىنى، بىر ئۆيدە ياشىغان ئادەمدىن تارتىپ، يوتقان-كۆرپە، ھەتتا بىر تال يىڭنىگىچە بىچارىلىشىپ، خۇنۇكلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
رەيھان ئۈمىدسىز، چارىسىز قالدى، ياسىندىن بىر تۇرۇپ غەزەبلەنسە، بىر تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىيتتى. ئاندىن « بۇنداق ئەرگە ئىچ ئاغرىتىش ئەمدى ساراڭلىق» دەپ ئويلايتتى.
ياسىن غېنى شاڭجاڭ بىلەن قانداق كۆرۈشۈشنى، كۆرۈشكەندە نېمىلەرنى دېيىشنى، چىرايىنى قانداق قىلىشنى، تاماكىنى قانداق چېكىشنى… ئويلاپ ماڭدى. بۇ قاقۋاش ئوغرىنىڭ ئىشلىرىدا زادى قانداق شۇملۇق بار؟ نېمىشقا بىر كۆرۈشۈپلا رەيھانغا ھەممىنى دەيدۇ، خوتۇن كىشىدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن بۇ چېقىمچىلىق ئۇنىڭ دائىم تەكىتلەيدىغان ئەرلىك مىزانىغا قانداق ئۇيغۇن كەلسۇن؟!.
ياسىن كۆرۈشمەيلا قويۇشنىمۇ ئويلىدى، غېنى شاڭجاڭنىڭ ئالدىراپ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ھەم قىلالمايدىغانلىقىغا توقسان پىرسەنت ئىشىنەتتى، ئون پىرسەنت گۇمان بار ئىدى، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ رەيھاننى باش ئەگدۈردى-دە، ئۆزى قورققاندەك پاسسىپ، بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالمىدى. ئەمما بۇ ئون پىرسەنت گۇمان ئۈچۈن غېنى شاڭجاڭ بىلەن قان بولۇشۇپ كېتەمدۇ؟
ئۇ خام ياغ ئىچىۋالغاندەك خامۇش، كۆڭۈلسىز ئولتۇرۇپ، تاكسى شوپۇرى بىلەن بەسلەشكەندەك تاماكا چېكەتتى، توۋا دەيتتى، بىر كۈنى سەھەردىلا رەيھان رەيھانغا، غېنى شاڭجاڭ غېنى شاڭجاڭغا ئوخشىماي قالدى، چاتاق نەدىن چىقتى؟ ئىككىسى يا بۇرۇن بىرەر قېتىم تېلېفونلاشقان بولغىيمىدى؟ ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىدا ئىچىپ ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا رەيھاننىڭ گۇمانخورلۇق كېسىلى تۇتۇپ، غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون قىلىپ “ئەمدى ئېرىمنى ھاراققا زورلاۋەرمەي بالدۇرراق يولغا سېلىۋېتىڭ…، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ!…” دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان بولغىيمىدى؟ غېنى شاڭجاڭ كاززابلىق بىلەن گەپ ياساپ، رەيھانغا بىر نېمىلەرنى دېگەن بولسا، گەپ بىلەن كۆڭلى خوش بولىدىغان بۇ خوتۇن خەق ئېرىمەي قالارمىدى؟ ئەمما ئۇ غېنى شاڭجاڭنىڭ تېلېفون نومۇرىنى نەدىن تاپتى؟… ئەلۋەتتە ياسىننىڭ تېلېفونىدىن كۆرۈۋالغان ياكى يېزىۋالغان بولىدۇ-دە، ئەمما رەيھان ئەزەلدىن ئېرىدىن يوشۇرۇن ئىش قىلمايتتى، پۈتۈن جىسمى، قەلبى، بارلىقى، مۇھەببىتى، ھاياتىنى ئېرىگە كەڭ ئېچىۋەتكەن، ئاپتاپتەك يېقىشلىق خوتۇن ئىدى، ئەمما مۇشۇنداق بىر خوتۇن نېمىشقا ئۇشتۇمتۇت بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ، خالىغان يېرىگە يۆتكىلىپ، ئېرىدىن مەخپىي ئىش قىلىدۇ؟ نېمىشقا بۇنچە تېز دۆتلىشىپ، ئاينىپ كېتىدۇ؟ … تەستەك يېدى، يۈزلىرىدىن ئوت چاقنىدى، يۈرىكى زەرداپ بولدى، كۆزىدىن ئاققىنى ياش ئەمەس، شۇ يۈرەكتىن ساقىغان قان!… ئەمدى بۇ يۈرەك ئىككى تەستەكتىن قېتىپ كەتتى، “سىز” دېگەن ھۆرمەت سۆزى “سەن”گە ئالماشتى. سەت گەپ چىقمايدىغان ئويماق ئېغىزىدىن ھاقارەت ياغىدىغان بولدى؛ ئۆزگەردى، بىر كۈن ئەمەس، بىر سائەتتىلا جىمى نەرسە ئۆزگىرىپ كەتتى. شۇنچە يىللىق شىرىن-شېكەر سۆزلەر بىر دەملىك دىل ئازارى بىلەن نۆلگە تەڭ بولدى، بىر تامچە زەھەر بىر ئىستاكان سۇنى بۇلغىدى…
ياسىننىڭ ئىچى ئاچچىق بولدى، ئۆزىنى ئەيبلىدى، ئەمما دەردىنى ئاۋۇتماسلىق، بەرىبىر دەرت تارتىپ ياشىغاندىكىن تايىنلىق راھەت كۆرۈپ، لەززەت سۈرۈپ ياشاش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئاقلىدى. مۇشۇنداق قىلمىسا دەرت-ئەلەمدىن دەرمانى قۇرۇپ، تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتمەمدۇ؟! قىرىق ياشتىن ئاشقان ناكەسلەرمۇ قىلمىشلىرىدىن ساۋاق ئالمىسا “ ئوغۇل بالا قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدۇ” دەپ ئۆز روھىنى كۆتۈرىدىغۇ، ياسىن تېخى ئۇ ياشقا بارمىدى! كۆرىدىغاننى كۆرۈپ، ئوينايدىغاننى ئويناپ ياشايدىغان زامان بۇ، كۇلىغا چىقىشتىكى مەقسەتمۇ شۇ! بىر قولدا كاۋاب يەپ، بىر قولدا سەتەڭنىڭ كۆكسىنى تۇتىدىغان گەپ. مۇشۇنداق قىزىقچىىق، ھاياجان ئىچىدە ياشىمىسا بۇ ھاياتنىڭ نېمە لەززىتى!…
گۈزەل خوتۇن، ئوماق بالا…ھەقىقەتەن ئۆينىڭ گۈلى، ياسىن بۇنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق؛ رەيھاننى ئۇنداق ئاسانمۇ ئېلىۋالمىغان، بالىنىمۇ ئۇنداق ئاسان بېقىپ چوڭ قىلمىغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ بىلىپ تۇرۇقلۇق، لېكىن يۈرىكى يەنىلا باشقا تەرەپكە سوقۇپ تۇرۇقلۇق؛ نېمىشقا؟ باشقىچە ياشاپ بېقىش، ئوغرىلىقچە پەيزى سۈرۈش ئۈچۈن… شۇنداق! خوتۇننىڭ پەيزى، ھاراقنىڭ پەيزى، ئاشنىنىڭ پەيزى، تاماكىنىڭ پەيزى… ھەر كۈنى ئالمىشىپ تۇرسا، ياسىننىڭ ئۆپكىسىگە يېڭى ھاۋا كىرگەندەك، يۈرىكى ياشىرىپ قالغاندەك بولىدۇ.
غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىغا يېقىنلاشقانچە ياسىننىڭ “پەيزى سۈرۈش” ئىستىكى جۇش ئۇرۇپ كەتتى، ئاۋۋال چىرايلىق ئولتۇرۇپ ئىچىشىدۇ، ئىچىشكەندە ھەر گەپنى دەۋالغىلى بولىدۇ، سوقاشمايدۇ، ئارقىدىن گۈلشەننى چاقىرىپ مەيدىگە ياقىدۇ…
غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى پەملىگەندەك، رېستۇراندىن ئايرىلماي تۇرغانىدى؛ ياسىننى كۆرۈپ قىلچە خۇدۇك بولماي، ئاۋۋالقىدەك قىزغىنلىق بىلەن ئۇنى ئايرىمخانىغا باشلىدى. ھورى چىقىپ تۇرغان سەيلەر كەلتۈرۈلدى، ھاراقنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى.
__ ھەر كەلسەم مۇشۇنداق ئاۋارە قىلىمەن، قېنى قۇيە ھارىقىڭنى، بۈگۈن تازا بىر ئىچەيلى!
__ بۈگۈن پەيزىڭ باشقىچىغۇ؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ،__ قانداق، بىرەر خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلمىگەنسەن! كىچىك خوتۇنۇڭ بويىدا قالمىغاندۇ؟
__ نەدىكى گەپنى قىلىسەناۋا ئاكا، “بالا تۇغسام ئۆلۈپ قالىمەن” دەپ يۈرىدىغان نېمە ئۇ!
__ ھە بوپتۇ، ھازىرچە تۇغماي تۇرسۇن.
__ تۇغمايدۇ، ماڭا ئۇنىڭ بالىسى كېرەك ئەمەس.
__ نېمىشقا؟ باشقا نېمە تۇغۇپ قويامدىكىن دەپ ئەنسىرەمسەن يا؟
__ نېمە تۇغار سېنىڭچە؟ ...__ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ.
غېنى شاڭجاڭ ياسىننىڭ چىرايىنى كۆزەتتى، بۇ چىراينىڭ بىر يېرىدە ئامالسىزلىق ھۆكۈم سۈرەتتى.
__ نېمىگە تېرىكىسەن؟ گېپىڭ بولسا ئوچۇق دەۋەر، بايا سېنى كۆرۈپلا مەندە بىر ئىشىڭ بارلىقىنى ئۇقۇپ قالدىم، ئەمدى دېسەڭ بولىدۇ.
غېنى شاڭجاڭ رەيھاننىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېگەن-دېمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمەي، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى.
ياسىن ئالدىكى ھاراقنى گۈپپىدە ئىچىۋېتىپ، چايدىن ئوتلاپ، ئاغزىنى سۈرۈپ، ئىككى يانغا قارىۋەتكەندىن كېيىن غېىنى شاڭجاغا ئۇدۇل تىكىلدى:
__ مەن سېنى پەقەت ئۇقالماي قالدىم، رەيھانغا نېمىشقا ئۇ ئىشنى دەيسەن؟
__ مەن دېمىسەم ئۆزەڭ ھامان دەيتتىڭ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ تەلەتىنى ئۆزگەرتمەي.
__ دېسەم ئۆزەم دېسەم بولامتى؟ سەن نېمىشقا دەيسەن؟
__ سەن دەيمەن دېگەن بىلەن دېيەلمەيسەن، رەيھاندىن ئەنسىرەيدىغان مىجەزىڭ بار، ئۇنى مەن ئوبدان بىلىمەن، ئۇنداق قورقۇپ ئۆتۈۋەرسەڭ ئىككى خوتۇن ئالغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە راھىتى ؟ خوتۇن دېگەننى قورساقنى توقلاپ، كۆڭۈلنى توقلاپ ئاندىن خوتۇن قىلمامسەن؟ ئەسلىدە ئۇ نىكاھنى خوتۇنۇڭنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئاندىن قىلساڭ ياخشى بولاتتى، ھېلىھەم بولسىمۇ ۋاقتىدا دېمىسەڭ بولمايدۇ، ۋاقىتنى كەينىگە سوزغانچە ئىش يامانلىشىدۇ، خوتۇنۇڭ بۇ ئىشتىن قانچە بالدۇر خەۋەر تاپسا شۇنچە ياخشى.
__ نېمىلا دېسەم ئۆزەڭنىڭكىنى راست دەيدىكەنسەن ئاكاۋا، سېنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ھەرگىز ئويلىماپتىكەنمەن.
__ قارا، قارا رەنجىپ كەتكىنىڭنى، خوتۇنۇڭدىن قاچانغىچە قورقۇپ، تىترەپ يۈرۈيسەن، ئۇنىڭدىن كۆرە دەپلا قۇتۇلمامسەن؟ سەن يا يامان ئىش قىلدىڭمۇ؟ خوتۇنۇڭ بۇنى چۈشىنىشى كېرەك-تە!
__ قىززىقكەنسەن، ئۇ چۈشىنىدىغان ئىش بولسا مەن بۇنچە ساراڭ بوپ كەتمەيتتىم، ئۇمۇ تاياق يېمەيتتى، ئويلاپ باقە، مۇشۇ سېنىڭ تاپقان ئىشىڭ ئەمەسمۇ!
__ خوتۇنىڭنى ئۇردۇڭما؟ يا ھەزرەت، مۇشۇمۇ سېنىڭ ئەركەكلىكىڭ! خوتۇنۇڭنى گەپ بىلەن قايىل قىلساڭ بولمامدۇ؟
__ خوتۇن خەق بىلەن گەپ تالىشىپ ۋاتىلداپ يۈرىمەنمۇ، ئۇنىڭ جاجىسى تاياق!
__ بوپتۇ، يامان چوڭ ئىش قىلىۋېتىپسەن، خوتۇنۇڭنى ئۇرۇپ بولۇپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدىڭ دېگىنە، ھەممە چاتاقنى تېرىغان مەن بولدۇم، شۇنداقمۇ؟
غېنى شاڭجاڭ كۈلۈپ تۇرغان بىلەن نوچىلىقىنى، يامانلىقىنى ھېلى كۆرسىتىدىغاندەك قىلاتتى، ياسىن پەيلىدىن سەل ياندى:
__ بۇ يەرگە سەندىن ھېساب ئالاي دەپ كەلمىدىم، لېكىن بۇ ئىشىڭ كاللامدىن ئۆتمىدى…
__ بايا دېدىمغۇ، مەن بىر ئىشنى ئويلىماي قىلمايمەن، خوتۇنۇڭنى ئالداپ، ئۆزەڭنىمۇ ئالداپ يۈرىۋەرگىچە قىلغاننى قىلدىم دېمەمسەن؟ قاچانغىچە خوتۇنىڭدىن مۈشۈكتىن قورققان چاشقاندەك قېچىپ مۈكۈپ ياشايسەن؟ ئەر كىشى بولغاندىكىن مەيدەڭنى كېرىپ ياشىمامسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىدىن قايتماپسەن، بۇمۇ ئۆزەڭنى مەلۇم قىلغىنىڭ ئەمەسمۇ ! دېمەك، مەن دېيىشتىن ئاۋۋال ئۆزەڭنى ئاشكارىلاپ بولدۇڭ، مەن پەقەت خوتۇنۇڭغا ئۇ ئىشلىرىڭنى چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. سەن دېگەندىن مەن دېگەن ياخشىراق ئەمەسمۇ، سەن دېسەڭ چىرايلىرىڭ تاتىرىپ گاچىلىشىپ كېتەر بولغىيدىڭ، مەن تېخى سېنى ئاقلاپ، خوتۇنۇڭنى قايىل قىلىشقا كۈچەپ كېتىپتىمەن. ئەمدى خوتۇنۇڭنىڭ قايىل بولماسلىقى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، خوتۇن خەق بۇنداق ئىشقا ئالدىراپ ماقۇل دېمەيدۇ، خوتۇنۇڭدەك چىرايلىق خوتۇنلار بۇنداق چاغدا تېخىمۇ ئەسكىلىشۋالىدۇ. يۇۋاشراق، سەتراق خوتۇن ئالغان بولساڭ، نېمە ئىش قىلساڭ غىڭ قىلمايتتى. لېكىن بىڭسىڭ بولسا چىرايلىق خوتۇننىمۇ خوتۇن قىلىپ، ئۆزەڭگە بويسۇندۇرالايسەن.
__ بۇ گەپنى جىق قىلدىڭ، بىڭسىڭ بولسا، بىڭسىڭ بولسىلا دەيدىكەنسەن، گەپنى قىلماق ئاسان، ئەمما خوتۇننى باشقۇرماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس، بوش تۇرساڭ گەدەنگە مىنىمەن دەيدۇ، چىڭ تۇتساڭ پايلىمايدۇ، گەپ تالاشساڭ گەپ بەرمەيدۇ، ئۇرساڭ يىغلايدۇ، ئاندىن ياندۇرۇپ سېنى تىللايدۇ، بالاڭ بىر چەتتە ساڭا دۈشمەندەك قارايدۇ.
__ خوتۇننى باشقۇرىمەن دەپ ئۇرۇپ-تىللاپ قورقۇتۇپ يۈرسەڭ قاملاشمايدۇ، ھەر باپ بىلەن ئۇنى قايىل قىلىسەن-دە، ئۇنداق قىلالمىساڭ مۇشت كۆتۈرۈپ قوپما، ئېغىرلىق قىلساڭمۇ ئەر كىشىدەك ئىش قىلغان بولىسەن.
__ مېنى خوتۇنىغا مۇشت ئاتىدۇ دەمسەن؟ ئۇنداق مازلىقنى بىز قىلمايمىز.
__ شاپىلاق بىلەن سالساڭمۇ ئوخشاش، بۇنى نوچىلىق دېمەيمىز.
__ خوتۇنۇڭ سېنى تىللىسا سەنمۇ تەڭ تىللىشىپ يۈرسەڭ بۇمۇ مازلىق، شۇڭا شاپىلاق بىلەنلا گەپنى تۈگىتىش كېرەك.
__ تاياق قېپى خوتۇنلارغا شۇنداق قىلىسەن، لېكىن خوتۇنۇڭ ئۇنداق بېشەم، ھازازۇل خوتۇن ئەمەس-تە!
__ خوتۇن خەقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش،__ دېدى ياسىن ئۈمىدسىزلىك بىلەن، __ ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدۇ، گەپ قىلسا ئاڭلىمايدۇ، چالۋاقايدۇ، يىغلايدۇ، ئاخىر ئۆزىنىڭ گېپىگە كىرگۈزمىگىچە بولدى قىلمايدۇ…
__ شۇنداق چاغدا ھە دەپ گېپىنى ئاڭلاپ بېرىپ كۆڭلىنى ئالساڭ بولىدىغۇ، كېيىن ئۇنداق قىلمىساڭمۇ خوتۇنۇڭ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيدۇ، خوتۇن خەقنىڭ داۋخورلۇقىنى بىلىشىڭ كېرەك.
__ خوتۇن خەقنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىمەن دەپ ئۆزەڭچە خوتۇنۇمنى كولدۇرلىتىپ بېقىپسەن دېگىنە! ئۇنى سەن كەل دېگەنمۇ ياكى ئۆزى ئىزەپ كەپتىمۇ؟
__ كۈنچىلىكىڭ تۇتتىمۇ ئەمدى، مانا ئەركەك دېگەن…__ دېدى غېنى شاڭجاڭ تەمكىنلىك بىلەن تاماكا چەككەچ،__ ئۆزى تېلېفون ئۇرۇپتىكەن سەندىن ئەنسىرەپ، ياسىننى ئاخشام يولغا سېلىپ قويغان دېدىم، ئىشەنمىدى، قارىسام گەپلىرى سەل قوپال. بىلىسەن، خوتۇنۇڭ ماڭا ئانچە ياخشى قارىمايدۇ، نېمە دەيمەن، ئەمىسە ئۆزىڭىز كېلىپ قاراپ بېقىڭ دېدىم. خوتۇنۇڭنى خېلى يۈزى تۆۋەن دەپ ئويلايتتىم، كەلمەس دېگەنىدىم، كەپتۇ، قارىسام ئەلپازى يامان، خۇددى ھەممىنى مەندىن كۆرگەندەك گەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا راست گەپ قىلدىم، سەنمۇ يالغان سۆزلەپ، مەنمۇ يالغان سۆزلەپ قاچانغىچە خوتۇنۇڭنى ئالداپ يۈرۈيمىز، خوتۇن خەقتىن قاچانغىچە قورقۇپ يۈرۈيمىز؟ ئەمدى قوپۇپ خوتۇنۇڭ سەندىن يامانلىسا، سەن كېلىپ مەندىن يامانلىساڭ قاملىشامدۇ؟ ئەركەكتەك تىك تۇرۇپ، قىلغاننى قىلدىم دەپ يۈرىۋەرمەمسەن دەيمەن!
ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ ئالدىدا يەنە بىئەپ ھالغا چۈشۈپ قالدى، ئەسلىدىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ “ئاكا ئاغىنىسى”بىلەن ئۆچمەنلىشىش، ئۇرۇش-جېدەل قىلىش ئويى يوق ئىدى، شۇڭا بىردەمدە پەسكويغا چۈشۈپ قالدى.
__ ساڭا دېسەم، خوتۇنۇڭ دائىم ئۆزىنىڭ گۇمانى بىلەنلا ئىش قىلدىكەن، ئۆزىنىڭكىنى راست دەپلا تۇرۇۋالىدىكەن. بۇنداق خوتۇنغا گەپ ئۇقتۇرماق تەس، شۇڭا سېنىڭ خوتۇنۇڭغا شاپىلاق سالغىنىڭنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم. بىراق، بۇنداق خوتۇنغا قول تەگكۈزسەڭ تېزەكتەك قاتىدۇ، ھەرگىز ئېرىمەيدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، بىر مەزگىل تاشلىۋەتسەڭ ئۆزى يالۋۇرۇپ ئالدىڭغا كېلىدۇ…
ياسىنغا بۇ گەپ ئازراق يېقىپ قالدى، ھارىقىنى “ئەركەكتەك” ئىچتى، تاماكىسىنى نوچىلىق بىلەن چەكتى، بىر خوتۇننى دەپ ئەركەكلەرچە مەردلىك، بۇرادەرلىك ۋە دوستلۇقنى بۇزۇشنى خالىمىدى. غېنى شاڭجاڭ يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ روھىنى كۆتۈردى، ياسىن ئارتۇق گەپ قىلمىدى، بۇ يەرگە غۇرۇرى ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ھەزىلەكلەرچە كۈلۈپ سۈپىتىنى بۇزمىدى، خوتۇنىنىڭ يامان گېپىنى تەڭ قىلىشىپ بېرىپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ يوشۇرۇن مەسخىرىسىگىمۇ قالمىدى، خۇددى سودىدا پۈتۈشۈپ ھەر ھالدا رازى بولغان شېرىكتەك مەمنۇنلۇق بىلەن رېستۇراندىن ئايرىلدى.
رەيھان ياسىننىڭ ئاغزى-بۇرنى قانىماي ساق يېنىپ كەلگىنىدىن خۇرسەن بولۇپ يېنىك ئۇھ تارتتى، كۆكرىكىنى تۇتۇپ ئېرىگە بىر لەھزە مۇھەببەت بىلەن باقتى، ئەمما ياسىن بۇنى كۆرمىدى، قاپىقىنىمۇ ئاچمىدى. رەيھان ئۇ ئىككىسىنىڭ نېمىلەرنى دېيىشكىنىنى بىلگۈسى بار ئىدى، ئەمما سوراشنى ئەپسىز كۆردى، ياسىننىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ زادى گەپ قىلىدىغان تەزى يوق ئىدى. ئەمما رەيھان شۇنى چۈشەندىكى، ئېرىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى غېنى شاڭجاڭنىڭ ئېيتقانلىرىدەكلا ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ خوتۇنى ئالدىدىلا ئەمەس، غېنى شاڭجاڭ ئالدىدىمۇ تىل تۇتۇقى بار ئىدى، بۇ خىيانەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ئېغىر كېلىپ، جىمىپ تۇرۇۋالغانىدى. رەيھان بۇنىڭدىن ئازابلاندى، ئەر كىشى بولغاندىكىن قىلغىنىنى قىلدىم دېسە، گۇناھىنى ئېتىراپ قىلسا، “ئەمدى بولدى قىلاي، ئۇنداق نېمىدىن كەچسەممۇ كېچەي، بالا ئۈچۈن بولسىمۇ چىرايلىق ئۆي تۇتۇپ قالايلى” دېسە، رەيھان ئۇنى كەچۈرۈۋەتمەسمىدى! ئەمما ئۇنىڭ ئەلپازىدىن بۇ ئاشخانا ۋە بۇ ئۆيدە، خوتۇن-بالىسىنىڭ يېنىدا بىر دەممۇ تۇرغۇسى يوقلۇقى بىلىنىپ تۇراتتى، كۆزلىرىدىن ئاشۇ جىننىڭ سەۋدالىقى، شەھۋەت ئىزتىراپلىرى خيالىي، گىرىمسەن بىر ھالەتتە نامايەن بولۇپ تۇراتتى. ئەگەر رەيھان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: “ قانداق، غېنى شاڭجاڭنىڭ يېنىغا بېرىپ پالتا-كەكىڭىزنى قاقتۇرۇپ كەلدىڭىزمۇ…” دەپلا قالسا، ھەممىنى ئۇرۇپ-چېقىپ، ئاشنىسىنىڭ يېنىغا كېتىپ قالىدىغاندەكلا قىلاتتى…
چۈشتە ئاشخانىغا خېرىدار كېلىشكە باشلىدى، رەيھان پايپېتەك بولۇپ ئالدىراش ئىشلەيتتى، ياسىن كاۋاپچىلىقنى قولىغا ئالدى، كاۋاپ پىشۇرىۋېتىپ، لاۋبەنلىكتىن بىر دەمدە ئىشلەمچىگە ئايلىنىپ قالغىنىدىن ئىچى پۇشتى، ئەمما پۇل تاپمىسا بولمايتتى، بىراق نەچچە يىل ئىشلىسىمۇ ئۆمەرنى ئېلىپ چىققۇدەك پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلىسا ئاچچىقى كېلەتتى، ئىشتىن قولى بوشىسا دالان ئۆيدىكى سافادا ئوڭدا يېتىپ خىيال سۈرەتتى، بۈگۈن مۇشۇنداق ياتار، ئەتە ياتار، ھەر كۈنى نەشخوردەك پاڭ بولۇپ، بەڭگىنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ ياتالمايدۇ، خوتۇنىنىڭ يۈرىكى مۇزلاپ كەتتى، بالىسىنىڭ يۇمران قەلبى يارىلاندى، بۇنى ساقايتىش كېرەك، ئەمما ياسىننىڭ بۇنىڭغا رىغبىتى يوق، خوتۇنى جاپادىن باشقىنى بىلمەيدىغان چىرايلىق دۆتكە، بالىسى جاپا سېلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، مۇشتۇمدەك تۇرۇپ دادىسىغا ئۆچ بولۇپ كەتكەن يۈزسىز ساقلاندىغا ئايلىنىپ قالدى. چىرايلىق خوتۇن، ئوماق بالىسىنىڭ دىدارى خۇنۇكلىشىپ كەتكەنچە، بۇ تۇرمۇش مەنىسىز، زېرىكىشلىك بىر جەريانغا ئايلىنىپ قالدى، ھەر كۈنى بۇ جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش كېرەك، بالىسىنى يەسلىگە ئاپارمىسا بولمايدۇ، خوتۇنىغا ئوچۇق چىراي ئېچىپ گەپ قىلمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب بەرمىسە بولمايدۇ، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز بېسىمغا ئايلاندى، كېچىسى خوتۇنى بىلەن بىللە يېتىشمۇ ھازىر ئەڭ كۆڭۈلسىز، بۇرۇقتۇرمىلىققا تولغان، چىدىغۇسىز بىر ئىشقا ئايلاندى، رەيھاننىڭ كۆڭلى ئەمدى زادى كۆتۈرمەيدۇ، ياسىننىڭمۇ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئويى يوق، باراي دېسە بارىدىغان يېرى، قوناي دېسە قونىدىغان ئۆيى، كارىۋىتى، قۇچاق ئېچىپ كۈتۈپ تۇرغان تەنناز “خوتۇنى” بار.
ياسىن ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشنىڭ بۇنداق پەيزى بارلىقىنى ھېس قىلىپ كۆڭلىگە تەسەللىي بەردى، قىلمىشلىرىدىن قىلچە پۇشايمان قىلمىدى. خوتۇن-بالىسىدىن زېرىكىپ قالغاندا، چوڭ خوتۇنى بىلەن كۆڭۈلسىز كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا “كىچىك خوتۇنى”دىن كۆڭلىنى ئاچسا، غەم-قايغۇلىرىنى يوقىتىپ شادلىققا ئېرىشسە، تۇرمۇشتىن “لەززەت” ئالالايدۇ. بۇ “لەززەت”نى كۈندىلا سۈرىۋەرسىمۇ زېرىكىپ قالىدۇ، يەنە بۇرۇنقى خوتۇنى، بالىسىنى كۆرگىسى كېلىدۇ، رەيھان بۇنى چۈشەنسە بولاتتى، چۈشەنمەيدۇ، كاجلىق، تەرسالىق قىلىدۇ، ئىككىنىڭ بىرىگە تۇر دەپ قىستايدۇ، بۇ خۇددى بىر قاراقچى يولدا كېتىۋاتقان سودىگەرنىڭ گېلىغا پىچاق تەڭلەپ، “جېنىڭغا تۇرامسەن، مېلىڭغىمۇ” دېگەندەك بىر ئىش. ياسىن ھەر ئىككىسىدىن كېچەلمەيدۇ، ئەمما جېنى خەۋپكە ئۇچرىغاندا ھەر قانداق سودىگەر مېلىنى تاشلاپ بېرىپ، جېنىنى ئېلىپ قاچىدۇ. ياسىن “جېنىم” دېيەلەيدىغان خوتۇنى رەيھانمۇ، گۈلشەنمۇ؟ ھالقىلىق پەيتتە قايسىسىنى تاللاپ، قايسىسىسىنى تاشلىيالايدۇ؟… ياسىن بۇلارنى چوڭقۇرلاپ ئويلاشنى خالىمىدى، جان بىلەن مالنى تاللاش مەسىلىسى ئارقىلىق قايسى خوتۇنغا بەك ئامراقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. بەلكىم ھەر ئىككىلىسى ئۇنىڭ جېنىدەك مۇھىمدۇ، بىرسى يەنە بىرسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغاندۇ…
ئۇ بۈگۈن كەچتىلا بۇ كونا ھۇجرىدا سىقىلىپ ياتماي، ئازادە ئۆيىدىكى كەڭ كارىۋاتتا “كىچىك خوتۇنى”نىڭ قوينىدا يېتىشنى ئويلىدى، بولغۇلۇق بولدى، ئىش بەرىبىر ئاشكارىلاندى، رەيھان ئەمدى بۇ ئىشنى قوبۇل قىلسىمۇ قىلىدۇ، قوبۇل قىلمىسىمۇ قىلىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنچە بۇنىڭغا بويسۇنماي ئىلاجى يوق. يۇرتقا كېتىمەن دېسە ئۇنىڭغا بېرىدىغان بىر تىيىن يوق. ئېرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمىگەن، گەپ قىلسا ئاڭلىمىغان، ئېرى بىلەن ھەمىشە قارشىلىشىپ، كۆڭۈل خوشلۇقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان ئۇنداق خوتۇنغا ئۆزىنىڭ زادى كىملىكىنى تونۇتۇپ قويمىسا بولمايدۇ. ئاخىر كۆنىدۇ، كۆنمەيدىغان نېمە بار، كۆنۈپ كەتسە ھەممە ئىش ئوڭشىلىدۇ. پەقەت بولمىسا قارىم ئاكىسىغا تېلېفون ئېلىپ، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ ۋاجىپلىقى ھەققىدە سىڭلىسىغا تەربىيە بەرگۈزۈش كېرەك…
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما
