كاۋابچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى (20)

 ــ مېنى قاتتىق دومىلە باستى غېنىكا… سەن ئۇقمايسەن دەيمەن، مەن شۇ گۇينىڭ كاساپىتىگە كېتىدىغان بولدۇم..

ــ ئوغۇل بالىنىڭ بېشىغا كەلمەيدىغان كۈن يوق، ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھە ئىچىۋىتە ئا ھاراقنى. ھاراق دېگەن ئاچچىقنى باسىدۇ.

ــ ھاراقنى ئىچىمەن، لېكىن بۇنى ئىچكەنگە بىر ئىش ھەل بولمايدۇ غېنىكا، ھازىر كاللامدا ئاشۇ ئۆمەردىن باشقا ھېچنېمە يوق…

ــ بۇنى بىلىمەن، لېكىن ئويلاۋەرگەننىڭ پايدىسى يوق.

ــ بىر  ياردەم قىلساڭ بولاتتى.

ــ دېدىمغۇ، ياردەم قىلالىغان بولسام بۇ چاغقا قاراپ ئولتۇرامدىمەن، سەن تۇرغان رايوندىكى ساقچىخانىدىن بىرمۇ ئادەمنى تونۇمىسام قانداق ھەل قىلىمەن! نەچچە پۇل دەيدىكەن، سوراپ باقمىدىڭما؟

ــ پۇلنىڭ گېپىنى چىقارمىدىم،  ئۇنداق دېسەم ئۆمەرنىڭ خۇددى راست جىنايىتى باردەك بولۇپ قالىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ باسقۇنچىلىق قىلىمىغان-دە! نېمىگە ئاساسەن ئۇنداق جىنايەت ئارتىدۇ دەيمەن!

ــ ساقچىلار بەزىدە ئاۋۋال تۇتۇپ ئاندىن جىنايىتىنى بېكىتىدۇ. بۇ جەرياندا ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ، كىچىك ئىش چوڭىيىپ كېتىدۇ. ساقچىلارمۇ كىم زىيانغا ئۇچرىسا شۇنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايدۇ. شۇڭا بەك قاقشاپ كەتمە.

ــ  زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىم دېسە، تەكشۈرۈپ باقمايلا ئادەم تۇتسا  بولامدۇ دەيمەن، قاراپ تۇرۇپ تۆھمەتكە قالدى ئا شۇم! بېرىپ يا كۆرۈشەلمەيمەن، يا ساقچىلارغا ئەھۋالنى دېيەلمەيمەن، دېسىمۇ قەتئىي ئاڭلىمايدىكەن، سوتقا بار دەيدىكەن… نېمە قىلىشنى بىلمىدىم.

ــ سوتقا بارغىنىڭ بىلەن بىكار، سوت ئاچمىغىچە گېپىڭنى تىڭشىمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ئادۋوكات تەكلىپ قىلساڭ بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭغىمۇ بىر مۇنچە پۇل كېتىدۇ.

ــ ئاساسلىقى شۇ پۇلنىڭ ئىشى دېگىنە، ئا ئۇششۇقلار ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، ئاران دېگەندە ئىككى مىڭ سوم بېرىپ قۇتۇلدۇم، دوختۇرخانىدىن چىققاندا تۆلەيدىغىنىم بار تېخى، زىيان دېگەن بولۇۋاتىدۇ… ئاران كېتىۋاتىمەن. ئەگەر ساقچىلار پۇل دېسە سەندىن سورىماي ئىلاجىم يوق ئاكا، بۇنىڭغا ياق دېمەيدىغانسەن؟!

ــ نەچچە مىڭ كوي دېسەڭ بېرەلەيمەن، لېكىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق سورىساڭ بېرەلمەيمەن. يېنىمدا بار پۇلغا تاش ئېلىپ قويغانىدىم، دېگەن باھاغا ساتالمايۋاتىمەن…

ــ تاش سودىسى ھازىر ياخشى ئەمەس دەۋاتسا يەنە تاش ئالدىڭما؟ غېمىڭ يوق بايۋەچچە-دە سەن!

ــ تاش سودىسى دېگەن بىر ئۆرلەپ، بىر چۈشۈپ تۇرىدۇ. سودا ياخشى ئەمەس چاغدا ئېلىپ قويىسەن، ئۆرلىگەندە بىراقلا سېتىپ پايدىنى ئالىسەن.

ــ ھەي… سەنلا قىلىپ ئارىلىشىپ كەتكىنە شۇ سودىنى، بىزدەك ئەبگالار بۈگۈن تاپقىنىنى ئەتىسى ئوغرىغا بېرىپ، قاقشاپ ئولتۇرىدىكەنمىز.

ــ بۇنداق سولۇشۇپ كەتمە، قارىغاندا بېيجىڭدا بېشىڭدىن جىق ئىش ئۆتمەپتىكەن-دە! بۇنچىلىك ئىشقا ئۆزەڭنى يوقىتىپ قويساڭ، كېيىن قانداق ياشايسەن!؟

ــ سېنىڭچە مۇشۇ كىچىك ئىشما! سېنىڭ بېشىڭغا مۇشۇنداق ئىش كەلسە قانداق قىلاتتىڭ!ـ دېدى ياسىن ئىلاجىنىڭ بېرىچە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ،ــ ئەگەر ئۇنى ۋاقتىدا ئەچىقىۋالمىسام، نەچچە يىل كېسىلىپ كېتىدۇ دەيمەن ئا گۇي… شۇڭا مەن ئالدىراۋاتىمەن.

ــ ئالدىرىغانغا ئىش پۈتمەيدۇ-دە!

ــ قانداق قىلسام ئىش پۈتىدۇ ئەمىسە دېگىنە، مەن سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلاي دەپ كەلدىم قېشىڭغا.

ــ ساقچى زادى نەچچە پۇل ئالىدۇ، سورايسەن. مانچە پۇل دېسە شۇ پۇلنى ئاپىرىپ بېرىسەن، باھا تالاشمايسەن، بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق.

ــ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، ھازىر گەپ شۇ پۇل يوقنىڭ ئىشى.

ــ بۇنىڭغا مېنىڭ ئامالىم يوق، پۇلنىڭ جايىنى ئۆزەڭ قىل.

ياسىننىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، نەچچە ۋاقىتتىن مەرت، مەردانە كۆرۈنگەن بۇ لاۋدانىڭ نوچىلىقى قېنى، « پۇلنى ئۆزەڭ تاپ» دېيىشى ئۇنىڭ مەردانىلىقىمىدى!؟

ــ بولاپتۇ، پۇل بولمىغانغا دىۋانە بولۇپ كەتمەسمەن…ــ دېدى ياسىن ھاراقنى گۈپپىدە ئىچىپ ئاچچىق قورۇلۇپ،ــ ئەچىقالمىسام شۇ يەردە پىتلىنىپ ياتار. مەن ماڭاي…

ــ نەگە ماڭىسەن،  بىر دەم ئولتۇرۇپ مانى ئىچىۋېتىپ ماڭ.

ــ ساقلاپ قوي، كېلەر قېتىمقى ھارىقىڭغا زىيان بولمىسۇن…

ــ مەندىن يامانلاپ ماڭدىڭ-دە…

ــ يوق گەپنى قىلما ئاكا، مېنىڭ سەندە ئېلىشىم بارمىدى! يامانلىسام ئۆزەمدىن يامانلايمەن.

ــ ئەمدى نەگە باراي دەيسەن! يالغۇز كېتەلەمسەن! بولمىسا گۈلشەن بىلەن بىللە كەت…

ــ ياق، ئاشخانىغا كېتىمەن.

ــ خوتۇنۇڭدىن قورقىسەن دېگىنە، ئۇنداق قىلما، بىرەر ئاخشام كىچىك خوتۇنۇڭنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ قوي.

ــ ماڭا ئىش ئۆگەتمە غېنىكا، نېمە قىلىشنى ئۆزەم بىلىمەن.

ــ ئەمىسە ئىختىيارىڭ، يولدا قاراپ ماڭارسەن.

غېنى شاڭجاڭ خوشلىشىپ كىرىپ كەتكەندىن  كېيىن ياسىن ئۇنى ئىچىدە تىللىدى، پۇل تاپقانلار ھەر قانچە كەمتەر بولۇۋالسىمۇ ۋاقتى كەلگەندە چانىدىكەن؛ ئەل-ئاغىنەم، ئىنىم دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغان ناكەسلەر ئاغىنىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە كىرپىدەك تۈگۈلىۋېلىپ، تىكەن سانچىيدىكەن… دېمەك،  ئەر كىشىنىڭ ھەقىقىي ئاغىنىسى پۇل، يۈزسىز مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسى پۇلنى ئۆلچەم قىلىدۇ، پەقەت پۇلنىلا تونۇيدۇ. ..

ئىچى قايناپ تۇرۇۋاتقان ياسىن گۈلشەنگە تېلېفون ئۇرماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ئۇنى ساقلاپ  تۇرغان گۈلشەن بىر دەمدىلا پايدا  بولۇپ، ئۇنى قولتۇقلاپ، بەدىنى، چاچ ۋە بويۇنلىرىدىكى خۇشپۇراقلار بىلەن ئۇنى مەست قىلدى.

ــ  ئاران پايلاپسەندە… 

ــ سىزگە قاراپ تۇرغان شۇ، مېنى تاشلاپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ كەينىڭىزدىن چىقتىم.

ــ سېنى تاشلاپ قانداق كەتكىلى بولىدۇ.

ــ ئۆتكەندە ئالدىراپلا كېتىپ قالدىڭىز،  ئۆمەر قانداق بولدى ئاخىرى؟

ــ قانداق بولاتتى، قاماقتتىن چىقالماي تۇرىدۇ شۇ.

ــ نېمىشقا ئەمدى، نېمە قىلغانغا تۇتۇپ كېتىدۇ؟

ــ ساتراشخانىغا كىرىپ پاشۋازلىق قىلىپتۇ، ئويناپ بولۇپ پۇلنى بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن باسقۇنچى دەپ ساقچىغا تۇتۇپ بېرىپتۇ…

ــ ۋاي خۇدايىم، بۇ قانداق گەپ، شوخ بولغان بىلەن يۈزى تۆۋەن بالىتىغۇ ئۇ!

ــ قويغىنە ئۇ دۆت ئىشەكنىڭ گېپىنى، باشقا گەپ قىلە، ھە… يېقىننىياقى نېمە ئىش قىلدىڭ؟

ــ شۇ كۈندۈزى ئىشلەپ… ئاخشىمى ئۆيدە دىيەنشى كۆرۈپ… ھازىر كۈندە قىززىق بىر كىنو بېرىۋاتىدۇ.

ياسىن غېنى شاڭجاڭنىڭ ھۇزۇرىدا تارتقان خورلۇقىنى گۈلشەندىن چىقارماقچى بولغاندەك يولدا كەلگىچە ئۇنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىنى قوپال مۇجۇپ، سەت چاقچاقلارنى قىلىپ كەلدى. ئۆيگە كىرىپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ ئەسەبىيلەشتى…

ئۇنىڭ ھېچنېمىنى ئويلىغۇسى يوق ئىدى، خوتۇن-بالىسى، ئىنىسى… ئاشخانىسى تامامەن ئۇنى ئازابقا چىللايتتى. ۋىجدان دېگەن نەرسە يۈرىكىنى پىچاقتەك تىلغايتتى. بۇ پىچاقنى تارتىپ ئېلىۋەتكەندىلا، يۈرىكىنى خالىغانچە ئوينىتىپ، يايرىتىپ، جان ھۇزۇرىغا مەست بولۇپ ئەركىن ياشىيالايتتى. ئەقىل ۋە ۋىجدانىدىن مەستلىك ئارقىلىق ئايرىلغاندىلا ھايۋانغا خاس بۇنداق ئەركىنلىككە يېتەلەيتتى… ئۇ نەپسىنى قاندۇرۇپ بولغاندا يەنە ئېغىر تىنىپ ياتتى، ئۇيقۇسى قاچتى، ئىچى ئوت-ئاتەش بولۇپ ياندى… خىيال-ئەسلىمىلىرى، غەم-قايغۇلىرى بىرلىشىپ، قارا بۇلۇتتەك قۇيۇقلىشىپ كەتتى. كىم ئۇ يامغۇردەك ياش تۆكۈپ يىغلاۋاتقان!  قاماقتىكى ئۆمەرمۇ؟ ! پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈۋاتقان رەيھانمۇ!   ھەممىگە ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان،  كۆزلىرى شوخلۇقتىن بىر دەم جىم تۇرمايدىغان  ئۆمەر قاماقنىڭ تۆت تېمىدىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرەلمەي، تامغا ئۈسۈپ يىغلىماقتا…بالىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئېرىنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ  ياتقان رەيھاننىڭ كۆز ياشلىرى ياستۇقنى ھۆل قىلماقتا. 

ياسىن قايتماقچى بولدى، ئەمما كاللىسى تاشتەك  ئېغىر ئىدىكى، ئورنىدىن قوپۇپ بىر قەدەم مېڭىش ئەمەس، ياتقان يېرىدە ئۆرۈلۈپ يېتىشمۇ ئېغىر كېلىۋاتاتتى. ئۇ  گۈلشەننىڭ شوخ، كۈلۈپ تۇرغان چىرايىغا مەپتۇن بولغانچە رەيھاننىڭ قايغۇلۇق، ئازابلىق چىرايىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، قاچانغىچە شۇ خوتۇنىدىن قورقۇپلا ياشايدۇ، شۇ چاغدا ئەر كىشىدەك ئىش قىلىپ «ئۆمەرنى قەتئىي ئەكەلمە، گېپىمگە كىرمەيدىغان بولساڭ بۇ يەرگە ئىككىنچى دەسسىمە» دېگەن بولسا، بۇ ئىش چىقامتى؟ گەپكە ئۇنىمىغان خوتۇننىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇ، چاتاق چىققاندا يىغلاپ-قاقشاپ، ياسىننىڭ ئىچىنى تېخىمۇ ئاچچىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا كېتىپ بىئارام بولۇپ ياتقاندىن، كىچىك خوتۇنىنىڭ قوينىدا ياتسا راھەت ئەمەسمۇ…بۇمۇ ئۆزىنىڭ خوتۇنى، نېمىدىن قورقىدۇ، كۈندە كەچتە ئۆيىگە قايتىش شەرتمىدى! غىدىڭ-پىدىڭ قىلسا دەيدىغان گەپ بار… ياسىن شۇنداق ئويلىسىمۇ، رەيھاننىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويۇشنى خالىمايتتى؛ ئەمما بۇ كەچ ئۇنىڭ زادىلا قايتقۇسى كەلمىدى،  قايتماسلىقتىن ئەنسىرىگەنچە ئۆزىگە ئۆزى تېرىكىپ، “مۇشۇنداق قورقۇپ يۈرگەنلىكىمدىن ئەر كىشىدەك بولالمىدىم، خوتۇننى بويسۇندۇرالمىدىم” دەپ ئويلاپ، بۈگۈن زادى گۈلشەننىڭ ئالدىدا ئەردەك ياشاپ،  خوتۇنىدىن قورقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغۇسى كەلدى. ياسىننىڭ قايتمايدىغانلىقىنى بىلگەنچە گۈلشەن ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇپ، ھاياجىنىنى باسالماي، بارلىق ناز-خۇلقىنى چىقىرىپ، ئۇنى ئۆزىگە يىلىمدەك يەملىۋەتتى… ياسىن زىددىيەتلىك خىيال، مەست خىيال، ھاياجان، بىغەملىك ئىچىدە ھالسىراپ ئاخىر گۈلشەنگە تۈكلۈك پۇتىنى ئارتىپ خورەك تارتىپ ئۇخلاپ كەتتى.

رەيھان سائەت 12دىن ئاشقاندىمۇ ئۇخلىماي، ئۇيقۇسىز ھالدا ئېرىنى ساقلاپ ياتتى، نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇردى، “گۇەنجى” دېگەن گەپتىن باشقىنى ئاڭلىمىدى. ھەر قېتىم بۇ  گەپنى ئاڭلىغاندا جۇدۇنى ئۆرلەيتتى، كۆڭلىگە كەلمىگەن خىياللار كېلەتتى. ئۇ ئىزتىراپ ئىچىدە بالىسىغا قاراپ ياش تۆكۈپ ياتتى، ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنى، يېتىم ۋە يۆلەنچۈكسىز قالغىنىنى ئويلاپ كۆڭلى تېخىم بۇزۇلدى. يىغلاپ-يىغلاپ ئۇخلاپ قالدى، چېھرىدە دەرت-ئەلەم قېتىپ قالدى.

سەھەردە ئۇ بىر يامان چۈشتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ يېنىغا قارىدى، پەسكە قارىدى، ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە قارىدى، يۈرىكى بىر ئىشنى تۇيغاندەك ئاغدى، بەدىنىگە زەھەرلىك ئۇكۇل مېڭىۋاتقاندەك ھالسىزلاندى، چىرايى تاتىرىپ كەتتى.  ياسىن پەقەت ئۆلۈپ كەتمىگەنلا بولسا بۇ ئۆيدە كېچىسى بولۇشى كېرەك ئىدى، چۈنكى توي قىلىپ، بىر يەردە ياشىغاندىن بېرى ئۇ  ھەرگىز باشقا يەردە قونۇپ باقمىغانىدى. رەيھان ئەنسىزلىك ئىچىدە ئورنىدىن قوپۇپ، ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا دالان ئۆيگە چىقتى، سافاغا قارىدى، بۇ يەردىمۇ يوق…  رەيھان قانداق تاھارەت ئېلىپ، نامىزىنى قانداق ئوقۇدى، بىلمەيلا ئوقۇدى، پەقەت ئاخىرىدا دۇئا قىلغاندا  ئېرىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى تىلەپ يىغلاپ دۇئا قىلدى. نامازدىن قوپۇپ قولى ھېچ ئىشقا بارماي گاڭگىراپ تۇرۇپ كەتتى. بۇ كېچە  غېنى تاز ئۇنى مەست قىلىپ قاتتىق يەردە ياتقۇزۇپ قويغانمىدۇ ياكى ئورۇندۇقنى جۈپلەپ بەرگەنمىدۇ؟ ياكى گۈلشەن دېگەن رەسۋا بىلەن ئايرىم ياتاق ئېچىپ شۇ يەردە قوندىمۇ؟…  ھەر قانچە بولسىمۇ  ئۇ يولدا مەست بولۇپ يېتىپ قالمايدۇ… رەيھان ئۇنىڭغا يەنە تېلېفون قىلدى، يەنە ئېتىك چىقتى. بۇ بىر شۇملۇقتىن بېشارەت ئىدى، ھاراق ئىچكەندىكىن كۆپ ھاللاردا مۇنداق ئۈچ خىل نەتىجە چىقاتتى: جېدەل-ماجرا، رەسۋالىق ياكى ئۆلۈم. بېيجىڭدا كاۋابچىلىق قىلغاندا ئۆپچۆرىسىدە نېمە ئىشلار بولمىغان؟ ئەتىگىنى گۈس-گۈس دەسسەپ يۈرگەن كۇلىچىلار  ئىككىنچى كۈنى تاڭنى ئاتقۇزمايلا جەسەتلىرىنى تاشلاپ بېرىپ ئۇ دۇنياغا كەتمىگەنمىدى؟!… رەيھان ئولتۇرالماي قالدى، ئاشخانىغا چىقىپ تالاغا قارىدى،  ئۇدۇلدىكى دۇكانغا نەپرەت بىلەن تىكىلدى. بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ ئېلىپ، دېرىزىنىڭ يېنىدا ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇردى، كاللىسىغا ھەرىدەك ئولىشىۋالغان ئەنسىز خىياللارغا چىداپ تۇرالماي، ھاشىمنىڭ ياتىقى ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى چەكتى.  ساۋۇت نامىىزنى ئوقۇپ بولۇپ تۇرغانىدى، قاق سەھەردە رەيھاننىڭ ياتاق ئالدىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.

__ ياسىن ئاخشام بۇ يەرگە كىرمىگەندۇ؟

__ ياق… كىرمىدى.

__ كېچىدىن ئۇ كەلمىدى. سىلەرگە بىر نەرسە دەپ خەۋەر قىلمىغانما؟

__ ياق… بىزگە تېلېفون كەلمىدى.

__ غېنى شاڭجاڭنىڭ نومۇرىنى بىلەمسىز؟

__ ھاشىم بىلەمدىكىن، مەن ئۇقمايدىكەنمەن.

__ ئويغىتىڭە ھاشىمنى، نومۇرىنى دەپ بەرسۇن.

ساۋۇت كەينىگە بۇرۇلۇپ، يوتقاننى چاترىسىغا قىستۇرۇۋېلىپ ياتقان ھاشىمنى نوقۇپ ئويغاتتى. ھاشىم تەستە ئويغىنىپ، كۆزىنىڭ چاپىقىنى ئادالاپ ساۋۇتقا قارىدى.

__ غېنىكاڭنىڭ نومۇرىنى بىلىسەنغۇ، دەپ بېرە

__ نېمە قىلسەن؟

__ بولە سورىماي، لازىم بوپ قالدى.

ھاشىم قاچانلاردىدۇر پەيدا قىلىۋالغان ئەرزان تېلېفونىنى ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ئېلىپ، غېنى شاڭجاڭنىڭ نومۇرىنى تېپىپ بەردى، ساۋۇت ئۇنىڭ قولىدىكى تېلېفوننى يۇلۇپ ئېلىپلا، تالاغا چىقىپ رەيھانغا نومۇرنى دەپ بەردى.

رەيھان كىرگۈزۈۋالغان نومۇرغا قاراپ باسايمۇ، باسمايمۇ دەپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭ بۇ چاغدا چوقۇم ئۇخلاۋاتقان بولاتتى. بۇ “ئوغرى”غا تېلېفون ئۇرغاندىن گۈلشەنگە تېلېفون ئۇرۇش ئوڭايراق ئىدى، رەيھان بىر چاغدا ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراپ كىرگۈزۈۋالغان تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ تېلېفون قىلىۋىدى، بۇ نومۇر قۇرۇق چىقتى. “كۆرمەمدىغان  بۇ  تۈلكە جىننىڭ يامانلىقىنى، كىشىگە ھەرگىز قۇيرۇق تۇتقۇزمايدۇ-دە!” دەپ ئويلىدى ئۇ  ئاچچىق كۈلۈپ. يەنىلا غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون ئۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، تىترەپ تۇرغان نازۇك قوللىرىدا نومۇرلارنى بېسىپ، قۇلىقىغا يېقىن ئاپاردى، تېلېفون ئۇلانغان ھامان  غېنى شاڭجاڭ خۇددى يېنىدىلا باردەك تەمتىرەپ، يۈرەكلىرى سوقۇپ كەتتى. 

__ ۋەي…

__ ھە… __ دېدى غېنى شاڭجاڭ ئۇيقۇلۇق ئاۋازدا.

__ غېنى شاڭجاڭما؟

__ ھە مەن، ئۆزىڭىز كىم؟

__ مەن… رەيھان.

غېنى شاڭجاڭ چۈشىدىكى غايىۋى جاناننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك ئۇشتۇمتۇت سەگەكلىشىپ، ئورنىدىن قوپۇپ كەتتى:

__ ھە  ھە، رەيھانمۇ سىز، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟

__ ياخشى ئەمەس… كېچىدىن ياسىن كەلمىدى. شۇڭا سىزدىن سوراي دەپ تېلېفون قىلغان.

__ ھە… مۇنداق دەڭ، ياسىن ئاخشام بۇرۇنلا كەتكەنغۇ؟

__ كەلمىدى، نەگە كەتكىنىنى دەپ بەرسىڭىز.

__ مەن ئۇقمايمەن… ئۆيگە كېتىمەن دەپ ماڭغان بولمىسا… راست بارمىدىما؟

__ كەلمىدى، ئاخشام قاچانغىچە ئىچىشكەن؟ ئۇ قانچىلىك ئىچكەن؟

__ جىق ئىچمىگەن، بۇرۇن ماڭغان… قىززىقكىنا بۇ ياسىن، ئۆيگە بارىمەن دەپ بارمىغىنىنى…

__ سىز بىلىسىز، ماڭا دېمەيۋاتىسىز،__ دېدى رەيھان ئاچچىق بىلەن،__ ئەگەر ئۇنىڭغا بىر ئىش بولسا سىزدىن كۆرىمەن.

__ بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ __ دېدى غېنى شاڭجاڭ مۇلايىملىق بىلەن،__ مەن راستىنلا ئۇقمايمەن. ئۇقسام يوشۇرۇپ نېمە قىلىمەن. مەن ئەزەلدىن كىشىگە يالغان سۆزلەپ باققان بەندە ئەمەس.

__ ئەمىسە ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ماڭا دەپ بېرىڭ.

__ ئۇنى دېگىلى بولمايدۇ.

__ نېمىشقا؟

__ ھازىر دېگىلى بولمايدۇ، كېيىن دەپ بېرەي.

__ نېمىشقا دېگىلى بولمايدۇ، مەندىن يوشۇرۇپ قانداق قىلماقچى؟

__ تېلېفوندا بۇ گەپلەرنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ، ۋاقتىڭىز يەتسە رېستۇرانغا كېلىڭ، شۇ چاغدا دەپ بېرەي.

__ مەن ئۇقمايدىغان خېلى ئىشلار بار ئوخشىمامدۇ؟

__ شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ، كۆرۈشكەندە دەپ بېرەي.

غېنى شاڭجاڭ گەپنى دەپ بولۇپلا تېلېفوننى بېسىۋەتتى. رەيھان ئويلىنىپ، جىددىيلىشىپ تۇرۇپ قالدى. تۈنۈگۈن ياسىننىڭ غېنى شاڭجاڭدىن ياردەم سورىغىلى بارغانلىقى ئېنىق، غېنى شاڭجاڭنىڭ قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئېھتىمال، ياردەم بېرىشنى رەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئاچچىققا چىدىمىغان ياسىن ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ شۇ يەردە قۇسۇپ يېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ياسىننى مۇھتاج كۆرۈپ، گاداي كۆرۈپ، پەس كۆرۈپ شۇ يەردە تاشلاپ قويغان غېنى تاز رەيھاننى شۇ يەرگە چاقىرىپ، “كۆرە، ما بولۇمسىز ئېرىڭنىڭ ھالىنى” ، “بىزدەك ئەرگە تەگكەن بولساڭ بۇنداق جاپا تارتمايتتىڭ” دېمەكچى.

رەيھان بىچارە ئېرىنى ئەكىلىۋېلىش ئۈچۈن ئاشخانىدىن چىقىپ تاكسى توستى، قانداق مېڭىشنى بىلەلمەي يەنە غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون ئۇرۇپ ئورنىنى سورىدى، كەيپىياتىدىن تارتىپ زۇۋانىغىچە سازلىشىپ كەتكەن غېنى شاڭجاڭ “تېلېفوننى شوپۇرغا بېرىڭ، ئۆزەم دەي” دەپ، ئورنىنى شوپۇرغا تەپسىلىي دەپ بەردى. رەيھان رېستۇران ئالدىغا كەلگەندە غېنى شاڭجاڭ لاۋبەنلىك سۆلىتى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالدى. رەيھان ئۇنىڭغا  چىرايىنىمۇ ئاچمىدى. بۇ چىرايدىكى كۈلكە، گۈزەللىك ئۇنىڭغا ئەمەس، ئېرىگە بەخشەندە ئىدى. ئۇ شۇ تاپتا ياسىننى كۆرۈشكە ئالدىرايتتى. غېنى شاڭجاڭ ئۇنى ئەڭ چىرايلىق زىننەتلەنگەن بىر ئايرىمخانىغا باشلىدى، رەيھان كىرىپلا سورىدى:

__ قېنى ياسىن…

__ ئاۋۋال ئولتۇرغاچ تۇرۇڭ، ياسىننى مەشەدە ياتقۇزۇپ قويىدۇ دەپ قالدىڭىزما…كىچىك بالا ئەمەستە ئۇ… __ دېدى غېنى شاڭجاڭ خۇشخۇيلۇق بىلەن. ئۇ ئەتىگەندىلا چاقىرىپ كەلگەن بىر قىزنى پايپېتەك قىلىپ، ناشتىلىق  ئەكەلدى. رەيھان بىر يۇتۇم چايمۇ ئىچمەي، بىر بوردا نانغىمۇ قول ئۇزاتماي غېنى شاڭجاڭغا تاقەتسىزلىك بىلەن قارايتتى.

__ مېنى بۇ يەرگە چاقىرتىشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟

__ سىز بىلەن ياسىن توغرۇلۇق پاراڭلىشاي دەيمەن،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ رەيھاننىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ،__ بىلىمەن، سىز ياسىننى چوڭ بىلىسىز.

__ گېپىڭىز بولسا چاققان دەڭ، بالام ئويغىنىپ كەتكىچە كەتمىسەم بولمايدۇ.

__ ماقۇل، ئەمىسە دەيدىغاننى ئالدىڭىزدا دەۋېرەي، جاھاندا سىزدەك ئايال كەم تېپىلىدۇ. لېكىن ياسىن سىزنىڭ قەدرىڭىزنى بىلمىدى.

__ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ مەن سىزدىن ياسىن نەدە دەپ سوراۋاتىمەن!

__ ياسىننىڭ بار يېرىنى مەن ھېلى سىزگە دەپ بېرىمەن، ئاۋۋال گېپىمنى ئاڭلاڭ. سىز “ئېرىم، ئېرىم” دېگەنچە، مېنىڭ سىزگە ئىچىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ. سىز بۇنچە كۆيۈنۈپ كەتكەن ئېرىڭىز ئەمەلىيەتتە ۋاپاسىز بىر گۇي. سىز يۇرتقا كەتكەندە ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

__ بىلىمەن، ھەممىنى قىلغان سىز. سىز شۇ گۈلشەن دېگەن پاسكىنىنى ئىشلەت دەپ بەرمىسىڭىز، ئۇ شۇنداق قىلامتى؟

__ پاھ، ما گەپنى، ياسىن سىزنى گۇمانخور دەۋاتاتتى، راستكەن جۇمۇ، مەن بۇ رېستۇراندا بىر ئوبدان ئىشلەۋاتقان قىزنى نېمە دەپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ بېرىدىكەنمەن، ئۆزى تەلەپ قىلدى، نېمىشقا دەڭ، ھېلىقى چاغدا بىزنىڭ خوتۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا ئىككىسى تانسا ئويناپ تونۇشۇپ قاپتىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ياسىن ئۇ قىزنىڭ كەينىگە كىرىپلىۋالدى، توختىماي تېلېفون قىلىپ تۇرغۇزمىدى. ئالدىمغا كېلىپ يالۋۇردى، شۇنىڭ بىلەن بوپتۇ دېدىم. مەن ئۇنىڭغا گۈلشەننى باشقا ئىشىڭغا ئىشلەت دەپ بېرىپتىمەنمۇ؟! خوتۇنۇڭ يوق چاغدا ئوينا دەپ بېرىپتىمەنمۇ؟  ئۇنداقتا مەن شوۋىچى، سولامچى بولمايمەنمۇ!… ماڭا بۇنداق ھاقارەت قىلماڭ، سىز بوپ قاپسىز، ئەگەر باشقا ئايال ماڭا بۇنداق دېگەن بولسا ھەرگىز  يۈز-خاتىرە قىلمايتتىم!…__ غېنى شاڭجاڭ ئۆپكىسىنى دەرھال بېسىۋالدى، ئاچچىقلانسىمۇ  سالاپىتىنى يوقاتمىدى. 

__ گېپىم خاتا كەتكەن بولسا، خاپا بولماڭ…__ دېدى رەيھان باشقا ياققا قاراپ، __ ئەر خەق دېگەن خوتۇنى يوق چاغدا ئېزىپمۇ قالىدىكەن، شۇڭا مەن بوپتۇ دەۋەتكەن.

__ لېكىن سىز بوپتۇ دەۋەتكەن بىلەن، ئۇ يەنە قىلىدىغىنىنى قىلىۋەردى.

__ نېمە قىلدى، مەن بىلمەيدىغان يەنە نېمە ئىشلىرى بار؟

__  بۇنى ئۆزى كېيىنچە سىزگە دەپ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ئىشلار ئۇنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس.

__ نېمە ئىشلارنى دەيسىز؟

__ سىز ئەقىللىق چوكان بولغاچقا گۈلشەننى جايىغا قايتۇرۇۋېتىپ ئوبدان قىلدىڭىز، لېكىن ياسىن يەنە بولدى قىلماي كېلىۋالدى، مەن ئۇنىڭ سىز يوق چاغدىكى ئىشلىرىنى بىلىپ قالدىم، ئۆزى گەپ ئارىلىقىدا ئاشكارىلاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تىللىدىم، “شۇنچە چىرايلىق خوتۇنىڭ تۇرسا نەپسىڭ تويمايدىغان قانداق نېمە سەن” دېسەم، “قانداق قىلىمەن، بۇ خوتۇن بەك كونىراپ كەتتى، قويۇۋېتەي دېسەم بالامنىڭ ئانىسى” دەيدۇ. “ كۆتۈڭنى قىسىپ ئۆيۈڭنى تۇت” دېسەم، “گۈلشەندىن ھەرگىز ئايرىلالمايمەن، خوتۇن-بالامدىن كەچسەم كېچىمەنكى بۇنىڭدىن كېچەلمەيمەن” دەيدۇ. “خوتۇنۇڭ قايتىپ كەلدى، ئەمدى بۇزۇقچىلىق قىلما” دېسەم، “نىكاھ ئوقۇتۇپ خوتۇن قىلىمەن” دەيدۇ، “ساراڭلىق قىلما، بىر خوتۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقساڭ چوڭ ئىش” دېسەم، “پۇل تاپقان لاۋبەنلەر ئىككى-ئۈچ خوتۇن ئالىدىكەن، مەنمۇ ئالىمەن، ئالغاندا بىر گەپ بولار” دەيدۇ، ھەيران قالدىم. قارىسام راستىنلا شۇنداق قىلىش نىيىتى باردەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا دېدىم، “مەن گۈلشەننىڭ دادىسى ئەمەس، نېمە قىلساڭ قىل، لېكىن خوتۇنۇڭنى ئالدايدىغان ئىشنى قىلما” دېسەم، “ئاكا، سەن ئارىلاشما، ھازىر ئۇ خوتۇن بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا بولۇپ قالدى” دەپ يەنە ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلدى…  ئۇ گەپلىرىنى مەن تېخى كەيپچىلىكتە دېگەن بولسا دەپ يۈرۈپتىمەن، كېيىن راستىنلا نىكاھ ئوقۇتۇۋاپتۇ.. ئاڭلىسام، تېخى گۈلشەنگە ئايرىم بىر ئۆي كىرالاپ بېرىپتىمىش. بۇنىمۇ ئىشلەۋاتقان قىزلاردىن ئاڭلىدىم…

رەيھان قورقۇنچلۇق بىر ھېكايە ئاڭلاۋاتقاندەك چەكچىيىپ، تىترەپ ئولتۇرۇپ قالدى، ھالبۇكى بۇ ھېكايە جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئەمەس، ئېرىنىڭ ھېكايىسى، يېنىدا بولۇۋاتقان ھېكايە ئىدى…

غېنى شاڭجاڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

__ ئاخشام ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇپ كىرىپ كەتكەنىدىم. ماڭا دېگەندە ئۆيگە قايتىمەن دەپ ماڭغان، مەن تېخى ئاشخانىغا، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، يەنە بىر ئۆيى بارلىقى پەقەت ئېسىمدە يوق. كېچىدىن قايتمىدى دېگەن گېپىڭىزنى ئاڭلاپ دۈككىدە ئېسىمگە كەچتى. ئۇ ھەقىچان شۇ ئۆيىدە…

__ ماڭا دەپ بېرەمسىز شۇ ئۆيىنى!__ دېدى رەيھان قاباھەتلىك چۈشتىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك سىلكىنىپ، ئورنىدىن قوپۇپ__ مەن بىر كۆرۈپ باقاي شۇ ئىتنىڭ ئۇۋىسىنى!

__ ھازىرچە ئاچچىقنى يامان قىلماڭ، ھازىر بارسىڭىز، ياسىنغۇ يۈزىنى داپتەك قىلىپ تۇرار. لېكىن گۈلشەن قورقۇپ كېتىپ دېرىزىدىن سەكرىۋېلىشى مۇمكىن.

__ ئۇنداق قېلىن پاسكىنا ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدا نومۇس دېگەن نېمە يوق!

__ شۇنداقتىمۇ ھازىر بارماڭ، بولمىسا مېنى ئوسال قىلىسىز. ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئازراق ئابرۇيۇم قالسۇن...

رەيھان بۇ گەپنى ئاڭلاپ جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى. 

__ كېچىدىن ئۇ يەردە سىزدىن قورقماي ياتقىنىغا قارىغاندا بۇ ئىشنى سىزگە ئاشكارىلىغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ. مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم. قايسى كۈنى بىللە ئولتۇرغاندا گەپ تىڭشاپ باقسام، ئۇ  سىزنى “چوڭ خوتۇن”، گۈلشەننى “كىچىك خوتۇن” دەيدىكەن. قارىسام بەك خاتىرجەم، سىزگە بۇ ئىشنى ھامان بىر  بىلدۈرگۈسى بار، لېكىن ئەنسىرەيدۇ. ئوغرىلىقچە خوتۇن ئېلىۋالسا ئەنسىرەيدۇ-دە! لېكىن كېچىدىن يېنىڭىزغا قايتمىغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سىزگە بۇ ئىشلارنى دەيمەن دېگىنى…

 

__ مۇنداق دەڭ،  قارىغاندا ياسىننى مەندىنمۇ بەك ئوبدان بىلىدىكەنسىز __ دېدى رەيھان غېنى شاڭجاڭغا شۈبھىلىك تىكىلىپ.

__ نەچچە ۋاقىتتىن ئەل-ئاغىنىدەك ئۆتكەندىكىن ئەمدى ئانچە-مۇنچە بىلىشىمىز-دە!

__ كېچىدىن ئۇنىڭغا ئاچچىق ھاراقنى ئىچۈرۈپ، گۈلشەننى ئۆزىڭىز ھەمراھ قىلىپ يولغا سېلىپ قويمىغانسىز؟!

__ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟

__ ئۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى بەك ئاڭلايدۇ، شۇڭا دەيمەن.

__ ئۇنداقتا ھەممە ئىشنى مەن ئۆگىتىپتىمەن-دە!  قارىغاندا سىز ياسىننى كىچىك بالىدەك كۆرىدىكەنسىز،  مۇشۇ يېرىڭىز بولمايدىكەن، شۇڭا ئۇ سىزدىن چانغان گەپ!__ دېدى غېنى شاڭجاڭ سىلىق-سىپايىلىك بىلەن،__ ياسىن ئەركەكتەك بالاڭزا، ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلمىسا ئۇنىمايدۇ، مەن ئۇنىڭغا ياخشى گەپلەرنى قىلدىم، ئاڭلىمىدى. گېپىمنى ئاڭلىمىغاچقا بولۇۋاتقان ئىش ماۋۇ…

__ گۈلشەن دېگەن پاسكىنىنى قانداق نىكاھ ئوقۇتۇۋاپتۇ؟

__ تاڭ، مەن بۇ قىزلاردىن شۇنداقراق ئاڭلىدىم، راست ئوقۇتتىمۇ، يالغاندىن ئوقۇتتىمۇ، كىم بىلىدۇ؟

__ ئۆزىنىڭ رەسۋالىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق دەۋالغاندۇ تايىنلىق!  كۆرمەمدىغان ئا  چىرايلىق گېپىنى، “كىچىك خوتۇنى”مىش تېخى! سىزنىڭمۇ باردۇ شۇنداق كىچىك خوتۇنلىرىڭىز!

غېنى شاڭجاڭ ئەندىكىپ كەتتى، رەيھان نەدىن ئاڭلايدۇ بۇ گەپلەرنى! خوتۇن خەقنىڭ سەزگۈسى شۇنداق يامانمىدۇ؟

__ ياق، ياق، نەدىن تاپتىڭىز بۇ گەپنى،__ دېدى ئۇ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ئوڭايسىز كۈلۈپ،__ ئادەتتە پو ئېتىپ دەپ قويىمىز، لېكىن ئۇنداق ئىش يوق. مېنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئالغان بىرلا خوتۇنۇم بار، مۇشۇ بىر خوتۇنمۇ باشنى ئاغرىتىپ يۈرسە، يەنە بىرنى ئالسام ساراڭ بولمايمەنمۇ! بۇ خوتۇننىڭ ھالىنى دېمەڭ، ئۈچ ئايدا بىر ئۈرۈمچىگە قاتراپ ئانىسىنى كۆرۈپ، ئاداشلىرى بىلەن ئوينىۋالمىسا ئۇنىمايدۇ. تېخى ئۈلۈشكۈن يولغا سالدىم، مۇشۇنداق خوتۇننىمۇ خوتۇن دەپ ئاپتىمەن دەڭ، بېشىمغا بىر بالا بولدى، قويۇۋېتەي دېسەم ئۇرۇشىدۇ، يا بىرنى تۇغمىدى…

رەيھانغا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاش خوش ياقمىدى، ئىختىيارسىز ھالدا چايغا قول ئۇزىتىپ،سوۋۇپ قالاي دېگەن چايدىن بىر يۇتۇم ئىچتى.

__ خوتۇن دېگەن مانا سىزدەك بولسا بولمامدۇ دەيمەن، چىرايلىق ھەم ئەقىللىق. توختىماي ئىشلەپ ئاشخانىنى ماڭدۇرۇپ تۇرىدىكەنسىز، ئېرىڭىزنى ياخشى كۈتۈپ، بالىڭىزنى ياخشى باقىدىكەنسىز، بىزنىڭ خوتۇندەك بەتخەجلىك قىلمايسىز، قاراڭە بوينىڭىزدىكى زەنجىرگە، ئۇچىڭىزدىكى كىيىملەرگە، شۇنچىلىك ئاددى بولسىمۇ، لېكىن سىزگە شۇنچىلىك ياراشقان. بىزنىڭ خوتۇنغا قارايدىغان بولسىڭىز ئۈستى-باشلىرى پال-پۇل، جالدۇر-جۇلدۇر… ئۇ ئەسلى ماڭا تەگمەي، ئالتۇنغا تېگىپتىكەن…

__ بولدى، خوتۇنىڭىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋەرمەڭ، بۇنداق ئەر كىشى بىلەن خوشۇم يوق. ياسىنمۇ سىزگە مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىپ بېرىدىغاندۇ ھەقىچان؟!

__ ھە… بۇنى دېسەم كۆڭلىڭىزگە كېلىدۇ، شۇڭا دەيمەن سىزگە، بايىقى گېپىمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاڭ، سىز شۇنداق ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئېسىل چوكان تۇرسىڭىز، بۇ ياسىن دېگەن گۇينىڭ سىزنى تاشلاپ، گۈلشەنگە كىرىشىۋالغىنى نېمىسى! شۇڭا ئاچچىقىم كېلىدۇ  ئۇ گۇيغا! ئەسلىدە ئاكا ئاغىنىسى بولغاندىكىن، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى سىزگە دېمىسەم ياخشىدى، ئاچچىقىمغا پايلىماي دەپ سالدىم.

__ دېگىنىڭىز ياخشى بولدى، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە رەھمەت، لېكىن شۇنى دېسەم خاپا بولماڭ، مەن يەنىلا ئىككىڭلارنىڭ تىلى بىرمىكىن دەپ ئويلايمەن…

__ ماڭا قاراڭ چىرايلىق سىڭلىم، سىز يەنە مەندىن گۇمان قىلىۋاتىسىز، ياسىن گۈلشەننى ئۆزى ياخشى كۆرۈپ ئۆزى خوتۇن قىلىۋالسا ئۇنىمۇ مەندىن كۆرەمسىز؟ يەنە مېنى گەپ ئۆگەتتى دەمسىز، مەن گۈلشەننىڭ دادىسى يا ئاكىسى ئەمەس، پەقەت لاۋبىنى، ماڭا ئىشلەپ بەرسە پۇلىنى بېرىمەن، باشقا ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمەن. شۇڭا سىز بۇ ئىشتا “غېنى لاۋبەننىڭ قولى بار” دەپ ئويلاپ قالماڭ. مەن ئەزەلدىن بىر كىمنىڭ شەخسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمەن،  ئۆزىڭىزمۇ ئايال كىشى، بۇنى ئوبدان بىلىسىز، مۇشۇ كۆڭۈل، پۆڭۈل دېگەن ئىشلارغا پەقەت ئارىلاشقىلى بولمايدۇ.

__ بېيجىڭدا بەك ياخشى ئىدى بۇ ياسىن،__ دېدى رەيھان “كۆڭۈل” ھەققىدىكى گەپنى ئاڭلاپ، ھەسرىتى ئىچىگە سىغماي،__  مەشەگە كېلىپ بۇزۇلدى، ئۆيگە بېرىپ ئانامنىڭ نەزىرىسىنى بېرىپ كېلىپ بولغىچە ئېشەككە ئايلىنىپ بوپتۇ، بوپتۇ، ئۆزىنى تۈزىتىۋالار، ئوڭشىلىپ قالار دېسەم، يەنە شۇ ھايۋانلىقىنى قىلىپتۇ، ئەر كىشىنىڭ كۆڭلى نېمانچە پەستۇ! مېنىڭ زادى نەرىم ئۇنىڭغا يارىماي قالغاندۇ؟

__ شۇ ئەمەسمۇ! سىزدەك بۇنچە گۈزەل خوتۇنى تۇرۇپ، شۇ سېرىق تۈك گۈلشەنگە ئېسىلىپ يۈرگىنىگە مەنمۇ ھەيران، ئەر كىشى ياخشى كۆردۈم، زادى شۇنىڭغا ئېرشىمەن دەپلا ئىت- ئېشەككە ئايلىنىپ كەتسە بولمايدۇ-دە! ياسىننىڭ بۇ قىلىقى بەكلا ئېشىپ كەتتى…

__ سىز ئەگەر ياسىننىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز، سىزمۇ شۇنداق قىلىسىزغۇ دەيمەن، ئەر كىشىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش.

__ ئۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر ياسىننىڭ ئورنىدا مەن بولسام سىزدەك خوتۇننىڭ ئايىقىدا ئۆمىلەپ بولسىمۇ خىزمىتىڭىزنى قىلاتتىم، بۇ جىڭ گەپ! لېكىن خۇدايىم ماڭا سىزدەك گۈزەل، ئەقىللىق خوتۇننى نېسىپ قىلماپتىكەن، ئۆمرۈم ھەسرەتتە ئۆتىدىغان بولدى…

غېنى شاڭجاڭ بۇنداق لاۋزىلاشقانچە، رەيھان دېمەيدىغان گەپنى دەپ سالغىنىغا ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى، ئەمما غېنى شاڭجاڭ ھەقىقىي ھاياجان بىلەن كۆڭلىنى ئىپادىلەۋاتاتتىكى، بۇنداق سەمىمىي ھالەتتىن ھەر قانداق ئايالنىڭ يۈرىكى تىترەيتتى،  رەيھان باشقا بىر ئادەمنى كۆرۈۋاتقاندەك ئەجەبلەندى.

__ سىزنى ئاشخانىڭىزدا تۇنجى قېتىم كۆرگەندىلا يۈرىكىمگە بىر ئوت چۈشكەن، بۇنداق دېسەم ھازىرلا مېنى سەتلىۋەتمەڭ، گېپىمنى ئاڭلاڭ، مەن جىق ئىشلارنى كۆرگەن، جىق شەھەرلەرنى ئايلانغان، جىق قىز-چوكانلارنى كۆرگەن، لېكىن سىزدەك چىرايلىق چوكاننى كۆرۈپ باقمىغان. ئىشقىلىپ، ئاجايىپ بوپ كەتتىم،  ئون سەككىز ياش ۋاقىتلىرىمدا نېمىشقا  بۇنداق گۈزەل قىز ئۇچرىمايدۇ دەپ ئويلىدىم، ھاراق ئىچمەي تۇرۇپلا  ئىىچمگە ئوت كەتتى، ئەمما چاندۇرمىدىم، ياسىن دېگەن گۇيغا شۇنچىلىك ھەۋەسلەندىم، ئەمما ھەسەت قىلمىدىم، جاھاندا ئەڭ دۆت، ئىچى تار ئادەملا خۇدايىم باشقىلارغا بەرگەن ئامەتكە ھەسەت قىلىدۇ.  مېنىڭ بىر ياخشى يېرىم، كىشىنىڭ ھەققىگە كۆز قىزارتمايمەن؛ خۇدايىم بەرسە بەردى، بەرمىسە تاما قىلمايمەن…

رەيھان ياسىننىڭ قىلمىشلىرىدىن ئېغىر جاراھەتلەنگەن كۆڭلىگە بۇ گەپلەردىن تەسەللىي ئىزدەۋاتقاندەك جىممىدە ئولتۇرۇپ گەپ تىڭشاۋاتاتتى، بۇنىڭدىن سۆيۈنگەن غېىنى شاڭجاڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

  سىزمۇ كۇلىدا نەچچە يىل ياشاپ باقتىڭىز، پۇل تالىشىپ، خىروئىن تالىشىپ ئۇرۇشىدىغان، پىچاق سېلىشىدىغانلار كۆپ؛  لېكىن خوتۇن تالىشىپ ئۇرۇشىدىغان ئىشلار ئاز، نېمىشقا دېسىڭىز، خەقلەردە كۆڭۈل دېگەن نەرسە قالمىدى، خوتۇن دېگەننى قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مالدەك كۆرىدۇ، ھەتتا بىر چىرايلىق ئايالنى بىر بولاق ئاققا تەڭ قىلمايدۇ. ئەر خەق بەك نومۇسسىزلىشىپ كەتتى. ئەمما مەن ئوخشىمايدىكەنمەن، مەن  يەنىلا كۆڭۈل دەيدىكەنمەن، كۆڭۈلنى، ۋىجداننى چوڭ بىلگەچكە مانا مۇشۇ كەمگىچە بىر چېكىم خىروئىن ئۈچۈن، ياكى بىر تۇتام پۇل ئۈچۈن خوتۇننى ساتمىدۇق، يامان ئىشلارغا يېقىن يولىمىدۇق.  ئانام رەھمەتلىك دائىم “خوتۇن خەق دېگەن ئاجىز” دەيدىغان، ماڭا شۇ گەپ بەك تەسىر قىلىپتىكەن،  چوڭ بولۇپ ھازىرغا كەلگىچە بىرەر خوتۇنغا يامانلىق قىلىپ باقمىدىم…

رەيھان بۇ گەپلەرگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، ياسىننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى ئۆز كۆڭلىدە دەڭسەپ بېقىشقا ئۇرۇندى. نېمىلا دېگەن بىلەن، غېنى شاڭجاڭنىڭ گەپلىرى جايىدا ئىدى.  رەيھاننىڭ تەسىراتلىرى ئالمىشىپ، قاراشلىرى يېڭىلىنىپ كەتتى،  نەتىجىدە غېنى شاڭجاڭ رەيھاننىڭ نەزەرىدە “ئەسكى تاز ”ئەمەس، “سەمىمىي تاز” بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ياسىن بولسا ئەكسىچە  خوتۇنىغا خىيانەت قىلىۋاتقان بۇزۇق، ناچار ئەر بولۇپ كۆرۈنگىلى تۇردى.

__ ئەر كىشى دېگەندە كۆڭۈل بولمىسىمۇ بولمايدۇ، لېكىن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئېزىپ كەتسىمۇ بولمايدۇ،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ گېپىنى تۈگىتىشكە ئالدىراپ؛ ئۇ تاماكا تۇتاشتۇرماقچى بولۇپ، يەنە رەيھاننىڭ ئالدىدا ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن دەپ قولىدىكى تاماكىنى جوزىغا تاشلاپ قويدى،__ بۇ گەپلىرىمنى باشقىچە چۈشىنىپ قالماڭ،  ئالدىڭىزدا  سەت بولسىمۇ دەۋالدىم، كۆڭلۈم ئارام تېپىپ قالدى.  قېرىغاندا بۇ ئوغرى نېمە دەپ يۈرىدىغاندۇ دەپ قالماڭ، ئەر كىشى دېگەنگە خۇدايىم كۆڭۈل دېگەن شۇنداق بىر نېمىنى بېرىپتىكەن، لېكىن بۇ كۆڭۈلنى يامان يەرگە ئىشلىتىڭ دەپ بەرمىگەن-دە! تولا ئەر خەق كۆڭۈل دېگەننى پەقەت ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرۇش دەپلا چۈشىنىدۇ. ياسىنمۇ شۇنداقمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئۇ ھازىر گۈلشەننى دەپ سىزنى تاشلاپ قويدى، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە بەك كىرىپ كەتتى، بۇ بەك خەتەرلىك.  كۆڭلۈم بار دەپلا ھەممىنى قىلىۋېرىشكە مەن قارشى، ئادەم دېگەن ئۆز نەپسىنى بېسىۋېلىشى كېرەك، بولمىسا ھايۋانغا ئوخشاپ قالىدىغان گەپ…

رەيھان كۆڭلىدە “ياسىن نەق شۇ ھايۋانغا ئوخشاپ قالدى، نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق! ئۇنىڭ يۈزىگە قاراشتىنمۇ نومۇس قىلىمەن ئەمدى…” دەپ ئويلاپ شۈركىنىپ تىترەپ كەتتى.

رەيھان ئالدىرىغانچە، غېنى شاڭجاڭنىڭ گەپلىرى تۈگىمەي كېتىۋاتاتتى: 

  __ مەسىلەن، مەن سىزنى ھەر قانچە ئويلىساممۇ پەقەت كۆڭلۈمدىلا ساقلايمەن، مۇشۇ ۋاققىچە ئىچىمدە ساقلاپلا كەلدىم، مۇشۇنداق ئۆتۈشكە مەن رازى، بۇنى پەقەت بىلىپ قالسىڭىزلا بولدى، ھەرگىز مېنى باشقىچە غەرىزى بار دەپ ئويلاپ قالماڭ. سىز يەنىلا مېنىڭ ئىنى ئاغىنەم ياسىننىڭ خوتۇنى. سىزگە ھەر قانچە ئىچىم كۆيسىمۇ، ئىچىمدە قالىدۇ، باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ؛ ياسىنغا بەك غەزىۋىم بار، لېكىن ئۇنى ھازىر  ھېچنېمە قىلغىلى بولمايدۇ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن ئادەم ئاق چېكىدىغان بەڭگىگە ئوخشايدۇ، خۇمار بولۇپ قالسا تاشلاتقۇزۇش بەك تەس. ئاق چېكىدىغاننىغۇ  زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىپ قۇتۇلغىلى بولىدۇ، لېكىن كۆڭۈل خۇمارىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن ئادەمنى نېمە قىلغىلى بولىدۇ دەيسىز…

رەيھان ياسىننىڭ گۈلشەننى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالغىنىدىن ئەنسىرىدى، ياخشى كۆرمىسە ئۇ رەسۋاغا ئۇنچىلىك بېرىلمىگەن، ئاشنىدارچىلىقنى“نىكاھلىق، قانۇنلۇق” قىلىپ، كېچىلىرى تېخى ئۆيىگە قايتماي، بۇنچىلىك نومۇسسىزلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى. پەقەت جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا قىلغان بولسا، ئۇنى پەيلىدىن ياندۇرغىلى بولىدۇ؛ ئەمما غېنى شاڭجاڭ دېگەندەك، “كۆڭۈل خۇمارى”غا بېرىلىپ كەتكەن بولسا، ئۇنى ئەۋرەز كۆلچىكىدىن تارتىپ چىقىش تەس…

رەيھان بۇ ئايرىمخانىنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنەلمەي قېلىۋاتقاندەك ئېغىر-ئېغىر تىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى، بالىسى ئېسىدىن چىقتى، كۆزلىرى ياشقا تولدى، لېكىن غېنى شاڭجاڭ ئالدىدا مىشىلداپ يىغلاپ بېرىشنى خالىمىدى، يېشىنى ئېرتىپ، ئۇھ تارتىپ، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك دەرت تۆكتى:

__ مەن ھەيران، ئادەم دېگەن بۇنداقمۇ پەسلىشىپ كەتكەن بارمۇ… خوتۇن-بالىسى نەدە، ئۆزى نەدە، مەن كېلىپلا ھەممىنى بىلگەن، كۆڭلۈم يېرىم بولغان. لېكىن ئوڭشىلىپ قالار دەپتىكەنمەن. خاتا ئويلاپتىمەن. بىلىمەن، ھەممىنى گۈلشەن دېگەن پاسكىنىدىن كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ، چاتاقنىڭ ھەممىسى شۇنىڭدا، ئەقلى بولسا ئۇ قانجۇقنىڭ كەينىگە كىرىۋالمايتتى. كاللىسى شۇنىڭدا بولغاندىكىن ھەممىنى ماڭا ئىتتىرىپ قويدى، ئاشخانىنىڭ ئىشى بىلەن قەتئىي چاتىقى بولمىدى. ئىنىسى شاپاققا تېيىلىپ تۇرمىغا كىرسىمۇ مەندىن كۆردى، ماڭا شۇنچىلىك ئەلەم سالدى، نەچچە كۈن زار يىغلاپ يۈرسەم قاراپمۇ قويمىدى…

رەيھان ئۆزىنى تۇتالماي يەنە يىغلاپ سالدى، غېنى شاڭجاڭ تەسەللىي ئېيتتى.  رەيھان ئۇزۇندىن بۇيان دەردىنى تۆكەلمەيۋاتقان ئادەمنى ئەمدى تاپقاندەك، ئىچ-قارنىنى بوشىتىشقا باشلىدى:

__  ئەمدى بىلسەم، ئۇنىڭ كۆڭلى مەندە ئەمەسكەن، ئۇنىڭغا شۇ پاسكىنا بولسىلا بولىدىكەن. نېمە كۈن بۇ ماڭا! مەن نېمىگە شۇنچە جاپا تارتىمەن؟  نېمىشقا قايتا-قايتا ئالدىنىمەن؟!  ئۇنى دېمىسەم بۇ يەردە ماڭا نېمە بار؟ بالامنى ئەكىتىپ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمنىڭ يېنىدا ياشىسام بولمامدۇ مەن؟!  مۇشۇ بىر نېمىنى دەپ رەھمەتلىك ئانامنىمۇ ياخشى ئۇزىتالمىدىم. مەن مۇسىبەتتە تۇرغاندا ئۇ ئۆيدە بۇزۇقچىلىق قىلىپتۇ، يىغلىدىم، قاقشىدىم، ئەمدى بۇ ئىشقا يىغلاپ ئاۋارە بولمايمەن. ئەر دېگەننىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ قويدۇم…

__ سىز قارىلىق تۇتقاندا ئۇ گۇي غېمىدە يوق ئويناپتۇ دەڭا، ما نومۇسسىزلىقنى كۆرۈڭ!

__ شۇ تاپتا ئىنىسى تۈرمىدە، ھەممىنى ماڭا ئىتتىرىپ قويۇپ ئەسكىلىك قىلىۋاتىدۇ.  ئۇ شۇنداق بۇزۇقچىلىق قىلغاندىن بېرى بىزنى پالاكەت بېسىۋاتىدۇ…

__ تۈنۈگۈن ئۇ ماڭا ئىنىسىنىڭ ئىشىنى دېگەن. قاراپ باقسام شۇ پۇلنىڭ ئىشىكەن، ئازراق تۆلەم بېرىپلا ئۆمەرنى ئەچىقىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ باسقۇنچىلىق جىنايىتى تېخى ئېنىق ئەمەس، يېشىمۇ كىچىك،  سوتتتىنمۇ ئالدىراپ كەسمەيدۇ.  دۇكاننىڭ ئىگىسى بىلەن ساقچىلارغا خىزمەت ئىشلەپ، زىياننى ئازراق تۆلەپلا  قۇتۇلدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداق دېسەم، بۇ ياسىن دولىسىنى چىقىرىپ “پۇل يوق” دەپ قاراپ تۇرىدۇ. “قېنى پۇل، ھەممىنى كىچىك خوتۇنىڭغا خەجلەپ تۈگەتتىڭمۇ” دېسەم، جىم تۇرىدۇ. شۇ ئاچچىقىمدا “ ساڭا بېرىدىغان پۇل يوق، نەدىن تاپساڭ تاپ” دەپ قاتتىق تەگدىم. بۇ گېپىم ھار كەلدى بولغاي، ھارىقىنى ئىچىپلا ئاچچىقلاپ ماڭدى، ئۇزاتمىدىم. قارىغاندا، ئۆيىگە قايتقۇسى كەلمەي، گۈلشەننى چاقىرىپ چىقىپ، ئۆيلىرىگە بېرىپ كۆڭلىنى ئاچقان گەپ. ھەممىنى سىزگە دۆڭگەپ، ئاچچىقىنى گۈلشەندىن چىقارغان گەپ، بۇ گۇينىڭ ئىشى مۇشۇنداق خەتەرلىك تۇرىدۇ…

__ ئۆمەرنى ئەچىقىۋېلىشقا  ياردەم قىلالارسىزمۇ؟ مەن ھازىر ياسىن دېگەن بۇ نېمىنىمۇ جىق ئويلىمايمەن، ئەس يادىم شۇ ئۆمەردە قالدى. بىچارە،  تۈرمىدە نېمە كۈن كۆرۈۋاتقاندۇ دەيمەن…

__ سىز دەپ قالدىڭىز، بولىدۇ،  قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاي.

رەيھاننىڭ چېھرى ئاپتاپتەك ۋىللىدە ئېچىلدى، كۆكسىگە تولدۇرۇپ نەپەس ئالدى:

__ رەھمەت سىزگە، ئىلگىرى سىزگە پەقەت ياخشى قارىماپتىكەنمەن، ئادەم دېگەنگە قاراپلا باھا بەرگىلى بولمىغۇدەك…

__ شۇنچىلىك دېگىنىڭىزگە رەھمەت، __ دېدى غېنى شاڭجاڭمۇ تەمكىن كۈلۈمسىرەپ،__ ئارىمىزدا بولغان پاراڭ مەشەدىلا قالسۇن، ئۇ ئىشلارنى ھەرگىز مېنى دېدى دەپ سالماڭ،  سىزگە بەك ئىچىم ئاغرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنى دەپ سالدىم، ئۆزىڭىزلا بىلىپ قېلىڭ، ياسىن بىلەنمۇ سوقۇشۇپ يۈرمەڭ، بولمىسا ئوتتۇراڭلارغا زىددىيەت سالغان بولۇپ قالىمەن.

__ ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ، قانداق قىلىشنى ئۆزەم بىلىمەن.

__ سىزمۇ بىلىسىز، ئەر كىشى دېگەن يۈز-ئابرۇينى دەپ ياشايدىغان خەق،  بۇ ئىشنى دەپ ياسىن بىلەن ئاغىنىدارچىلىقتىن كېچىپ كەتسەممۇ بولمايدۇ. ئۇ كېچىدىن قايتمىغاندىكىن، ئۆزىنى ئەمدى ئاقلاپ بولالمايدۇ،  بەلكىم ئاچچىقىدا ھەممىنى دەۋېتىشىمۇ مۇمكىن؛ ئەقلى بولسا، مۇئامىلىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن بىر ئاز چۆچۈپ، ئوڭشىلىپ قالار. سىزمۇ ئەقىللىىق چوكان، ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇشنى بىلىسىز؛  ئىشقىلىپ، ياخشى ئۆتۈپ كېتىڭلار.

__  ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، ئەمىسە ئۆمەرنىڭ ئىشىدا سىزگە ئۈمىد باغلاپ تۇردۇم.

__ مەن سىزگە ۋەدە قىلدىم، ئەنسىرەپ كەتمەڭ.

غېنى شاڭجاڭ  تالاغا چىقىپ، رەيھاننى تاكسىغا سېلىپ چىرايلىق ئۇزىتىپ قويدى؛  رەيھان بىر ياقتىن ياسىننىڭ نومۇسسىزلىقىدىن كۆڭلى بۇزۇلسا، بىر ياقتىن غېنى شاڭجاڭنىڭ ياخشىلىقىدىن كۆڭلى سۆيۈنۈپ، ئاشخانىغا قايتىپ ماڭدى.         




[erturk بۇنى 2009-05-03 02:43 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.